bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:08:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 03:30

Typography يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 11:01 static/image/common/back.gif
مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا...

ئۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتمىساڭلا... مەن ئۆزەمنىڭكىنى راست قىلدىممۇ، ياكى راستنى راست دېدىممۇ؟ مانا جاۋابىم، ئۆزەڭلا قاراپ بېقىڭلار، كىم يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ بۇ يەردە.

مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا قارشى زىت پىكىر كەلسىلا سەل قايناپ قالدىكەن. ھەم خەقنىڭكىنى يوقلا قىلىپ تور بەتتىن نەقىل ئېلىپ كېلدىكەن.
===============================

ئەگەر مەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كەسپىمگە ئائىت بىلىدىغان مەزمۇنلارنى يەتكۈزسەم خالىغانچە ئاساسسىز رەددىيە بەرسە مەن نېمە ئۈچۈن دېگەنلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن. بۇنى زىت پىكىر بولسىلا دەۋالمىسمۇ بولىدۇ. مەن نەدىكى بىر تور بەتلەردىن نەقىل ئالمىدىم بەلكى دۇنياۋى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ توردىكى ئۇلىنىشىنى قوشتۇم. ما مۇنبەردە مۇنداقراق سەۋىيدە ماقالە يازىدىغانلار ئاز بولغاچقا مېنىڭ بىر گەپنى دېيىشىم ئۈچۈن قانچىلىك ئىزدىنىپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىمنى چۈشىنەلمىسەڭلار كېرەك. ئەگەر زىت پىكىر ھەقىقەتەن توغرا بولسا ئۇنى قوبۇل قىلىمەن. مەن خاتالىققا ئالدىراپ يول قويمايدىغان بولغاچقا مەن يازغان ماقالىلەردىن خاتالىق تېپىش ئاسان ئەمەس، بولمىسا ھەر كىم سىناپ باقسۇن.

باشقىلار نەقىل ئەكىلىپ تور بىكەتنى ئەكەلسە ۋاقتى ئازراق ئۆتكەن بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە دەيدىكەن. بىلگەجان بۇنىڭدا يوللاپ قويغان ماقالىنىڭ ۋاقتىمۇ 2009-يىلنىڭ ئىكەندۇق بولمىسا.
ئارلىقتا 6يىل ئۆتۈپتۇ يېڭى قاراشلارمۇ بارلىققا كەلگەندۇ بەلكىم.
======================

يېزىپ بەرگەن ماقالىنى تېخى چۈشىنىپ ئوقۇماڭ، ئاندىن تەييار تەمىنلىگەن ئۇلىنىشنى تېخى چېكىپ باقماڭ... :Lبۇ يەردە مەن 2009-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىنى ئاساس قىلدىم ۋە 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان يەنە 2 پارچە ماقالە ئارقىلىق بۇ نۇقتىنەزەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم قوللىدىم. پايدىلىنغان ماتىرىياللار دېگەن يەرنى چەكسەك داڭلىق ئىلمىي ژورنال بولغان ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى ۋە پىلوس بىر دە ئۆتكەن يىل ئېلان قىلىنغان ماۋۇ ئىككى ماقالىنىمۇ كۆرگەن بولاتتىڭىز.



http://archpsyc.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1833092
http://www.plosone.org/article/metrics/info:doi/10.1371/journal.pone.0090097#citedHeader


ئالدىنقى قېتىملىق تېمىدىمۇ 2009-يىلنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ قويغانغا بۇ دىگەن كونا نەزەرىيە بىر يىلنىڭ يەنە بىر يىلىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
===========================

مەن شۇنداق دېگەن تېمىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، ئۇلىنىشىنى قالدۇرسىڭىز. ئەگەر يېڭى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل تەتقىقات نەتىجىسى چىقسا مەن شۇنداق دەيمەن. ئەمما بۇ تېمىدىكىدەك كونىلىرىنى يېڭىلىرى تېخىمۇ كۈچەيتۋاتسا نېمە دېسەم بولاتتى ئەمىسە.


مەنچە بىلگەجان مۇنبەردىكى ئىنكاسقا سەل سوغۇققان جاۋاب قايتۇرسىڭز بۇلاتتى. سىزنىڭكىگە قارشى چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئىلمىيلىكى يوق يەنە مەن دىگەن مەنبەدە مۇنداق دىگەن سىزنىڭ زادى خاتا دىۋالسىڭز باشقىلارنى قايىل قىلىش كۈچىڭىز ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن.
========================
سىز ئىلمىيلىكى بار دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىسىز؟ قايسىڭلار ماۋۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۇنداق دېيىلمەپتۇ، مۇنداق دېيىلىپتۇ دەپ ئىلمىي بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار؟ ئەگەر مەن يازغان بۇ ماقالىدە ئىلمىي پاكىتقا زىت مەزمۇن بولسا ھازىر كۆرسىتىڭ ھەم شۇ مەزمۇننىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي دەلىللنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. بولمىسا ماڭا باشقىلارنىڭكىنى ئىلمىي دېمىدى دەپ دەرت ئېيتماڭ.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 01:00:25

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 09:10 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن ھەي ...

قەشقەرئىسلامئۈنۋىرسىتىدائوقۇۋاتقانچىغىمدامۇنداقبىرئىشبولغان،
مەكتىۋىمىزنىڭشۇ چاغدىكىتامىقىكۈندىن كۈنگە ناچارلاپ كىتىپبىرىۋاتاتتى،بىر كۈنىبىزنىڭسىنىپتىكىبىر نەچچەبالابىلەنئاشپەزلەرتاماقتوغۇرلۇقگەپتالىشىپقالدى ۋەبىربالا‹سىنىڭتامىقىڭنىئىشەكمۇيىمەيدۇ...›دەپ سالدى،بۇگەپمەكتەپتىكىلەرنىڭقۇلىقىغايىتىپتۇ    ، مۇئەللىمىمزسىنىپقاكىرىپ سىنىپباشلىقىمىزنىئورنۇدىنتۇرغۇزۇپ    ‹بايايۈسۈپقارىمنىڭدىگەنگىپى توغرىمۇخاتا؟ ›دەپسورىدى   ،سىنىپباشلىقىمىزبىردەمتۇرىۋىتىپ‹يۈسۈپقارىمنىڭدىگەن گىپىنىڭلەبزى(بىۋاستەئىيتىلىش، ياكىئوقۇلىشى)خاتا ، ئەمماشەرھىسى(مەناسى)توغرا،ھازىرمەكتەپنىڭتامىقىبەكلاناچارلىشىپكەتتى...›دەپجاۋاپبەرگەنئىدى .

سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنىكۆرۈپبۇئىشلاريادىمغاكىلىپقالدى.   

بىر ئادەم   بىرەرنەرسىنىڭخاتالىقىنىتاپىمەنلادەيدىكەنئۇنىڭ شەرھىسىدىنبولسۇنياكىلەبزىدىنبولسۇن خاتالىقنىتىپىچىقالايدۇ .   

دىمەكچىبولغۇنۇم،سىزنىڭپىكرىڭىزناھايىتىئورۇنلۇقبولۇپتۇ .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 06:59:13

بىر ئوبدان ئىلمىي پاراڭلارنى پىتىغدىماڭلا باللا، بىلگىجانغا خۇسۇمىتىڭلا بولسا ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ دىيىشىۋىلىڭلا يا بولمىسا ئايرىم تەنقىد تىمىسى يوللاڭلا،ئەلى قۇرباننىڭ پايتىسىمىنى ھەممە يەردە سۆرەپ يۈرمەي.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 07:18:50

Typography يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 11:01 static/image/common/back.gif
مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا...

كەسپى مۇنازىرە قىلغاندا شۇ كەسىپتىكىلەر قاتناشسا ياخشى بۇلاتتى،كەسپى مۇنازىرىنى كەسىپ ئۇقمايدىغالار بىلەن قىلىش بەك تەس. قارىسىغا بىر ساھەنىڭ بۇسۇغىسىغا يىقىنلاشقانلارمۇ ئۆزىنى بىلىملىك ھىسابلايدىغانلارمۇ كۆپ...

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:05:15

مىنڭچە   بىلگەجاننىڭگەپلىرى   توغرا،
ئەلىمۇئەللىمئىيتقان   ‹كونىلا رنىڭگىپى›مۇ توغرا .   

بىلگەجان ئىسپاتلاپچىققىنى‹يىشىچوڭبولغانداتاپقان   بالىنىڭئەقىللىقبولۇپتۇغۇلىشىخاتا › دىگەننەزىرىيەئىكەن .

كونىلارنىڭدىگىنىبولسا‹چوڭبولغانداتاپقانبالائەقىللىقچڭ بولۇدۇ› دىگەنگەپ.

‹تۇغۇلۇدۇ›دىگەنگەپبىلەن‹چوڭبولۇدۇ›   دىگەنگەپنىڭپەرقىنى   ئايرىيالماستىن ئىختىلاپبولۇپقالمىسۇن .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:52:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 11:34

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 21:08 static/image/common/back.gif
ئۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتمىساڭلا... مەن ئۆزەمن ...
رەھمەت ئىچ ئاغرىتقىنىڭزغا مەندەك بىچارىگە.
سىز بىلەن سۆزمۇ سۆز نەقىل كەلتۈرۈپ دېيىشىپ ۋاقتىڭزنى يوق . ئۇ تېمىنى باشقۇرغۇچىلار رەھمەتلىك قىلۋەتتى. بولمىسا ئىسىڭزدىن چىكەتكەن ئوخشايدۇ. مەن شۇنىڭغا يازغان ئىنكاسمۇ يوق . پەقەت سىزنىڭ تېمىڭزلا قالغان ئۇ تېمىدا. بولمىسا شۇ يەردە ئىسپات بار ئىدى. تامام. سىزدەك ئالىمغا تەڭ كىلىپ بۇلالمايمەن. ھەم ئىنگلىز تىلى سەۋىيەممۇ يوق يەنە ئىزچىلار دىگەندەك ماقالە ئوقۇيدىغان يەرگەكىرىپمۇ باقمىغان كەچۈرۈڭلار ئارتۇق سۆزلەپ قاپتىمەن. ئۇيغۇرچە ۋە ساناقتىن باشقىنى بىلمىگەچ ئىنگلىز تىلى ماقالىنى ئوقۇيالماپتىمەن. كەچۈرۈم سورايمەن. ۋاقتىڭزنى ئېلىپ قويدۇم. كەمتەرلىك ۋە ئەستايىدىللىقنى ئۆگىنىۋالدىم سىزدىن. رەھمەت

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:05:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 12:16

Typography يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 09:52 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئىچ ئاغرىتقىنىڭزغا مەندەك بىچارىگە.
سىز بىلەن...

بۇرادەر، كۆڭۈل ئاغرىقى بولمىسۇن، بەك رەنجىپ كەتكۈدەكمۇ ئىش ئەمەس ئىدى.:handshake
مەن ئۇ مەقسەتتە ئىيىتمىغان.ئىلمىي مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلغاندە بەزىدە سەل كەسكىنلىشىپ كىتىپ قالدىكەن. سىلە ياپۇنىيەدىغۇ دەيمەن. بۇنداق تەنە گەپ قىلساڭلا سىلىدەك بالىلارغاياراشمايدۇ.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:19:01

izchilar يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 12:05 static/image/common/back.gif
بۇرادەر، كۆڭۈل ئاغرىقى بولمىسۇن، بەك رەنجىپ كەتكۈدەك ...

بۇرادەر، بىر تەرەپكە يان باسمىغان بولسىڭىز. رەنجىگۈدەك ئىش بولغاندۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:29:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 12:40

facebook يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 12:19 static/image/common/back.gif
بۇرادەر، بىر تەرەپكە يان باسمىغان بولسىڭىز. رەنجىگۈد ...

بۇرادەر، بىز ھەر دائىم تەرەپ ئالىمىز. ئەمما بىلگەجاننى ئەمەس،توغرا دەپ قارىغىنىمىزنى ئالىمىز. قوشالمىغان پەرقلەر بولسا ئورتىغا قويۇلسا ھەممە نەپ ئالىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق تەبىي پەن بىلىملىرى توغرىىسىدىكىمۇنازىرىدىمۇ ،...دەپ چۈشەندىم، ...مىكى دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا ، باشقابىر رىلىسقا باشقا بىر پويىزنى سۆرەپ كىرسە توغرا بولماس؟
بۇنداق نازۇكلىشىپ كەتمەيلى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:45:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 12:47

izchilar يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 12:29 static/image/common/back.gif
بۇرادەر، بىز ھەر دائىم تەرەپ ئالىمىز. ئەمما توغرا دەپ...

قېرىندىشىم ،ئەسلى ھېچنىمە يازماي دېگەن ،ئەمما ئىنكاسلىرىڭىزدا مېنىڭ ئىنكاسلىرىم ھەققىدە روشەن نەقىل باردەك.
مەن بىلگەجاننى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇنىڭ كەسپىدە ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن سۆيۈنىمەن ،پەخىرلىنىمەن. بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ تۇرىمەن. يۇقارقى دېگەنلىرىمگە بۇرۇنقى ئۇنىڭغا يازغان ئىنكاسلىرىم ۋە ئۇچۇرلىرىم گۇۋاھ.
ئەمما سىزنىڭ يۇقارقى بىر قاتار ئىنكاسلىرىڭىزدا ئېغىر خاتالىق بار.
1. بەك گۇمانخورلۇق قىلدىڭىز، بىلگەجان بىلەن نېمە خۇسۇمىتىمىز بولسۇن؟ خۇسۇمەت قىلىپ نېمە پايدا بولسۇن ؟ خۇسۇمەت قىلىدىغان زامان بولىۋاتامدۇ يا سىزنىڭچە؟
2. ئەگەر بىلگەجان ئىنكاسىدا ئاۋال ئەلى قۇربان ھەققىدە(تولۇق ئاڭقىرىماي) بىرنېمە دېمىگەن بولسا ، ھەرگىزمۇ ساراڭ ئەمەسمەنكى ،مەن بۇ مۇنازىرە ھەققىدە ئاۋۇ ئىنكاسنى يازمىغان بولاتتىم.سىز «چوڭ بولغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ...»دېگەن شۇ فىلىمنى تولۇق كۆردىڭىزمۇ؟ مېنىڭچە كۆرمىگەندەك قىلىسىز ،بىلگەجانمۇ تولۇق كۆرمەيلا ،ئىنكاس يازغاندەك ...شۇڭا ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ يازدىم.چۈنكى ئەلى قۇربانمۇ خۇددى بىلگەجانغا ئوخشاش مېنىڭ قېرىندىشىم ،سىزمۇ شۇ.
بۇ ئوچۇق مۇنازىرىخانا ، ئىزدىنىش قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىز مۇشۇ يەردە بىللە ، ئىنكاس يازغانىكەن ،خاتالىقى بار دەپ قارىساق ،دەپ قويىمىز ،ئەمدى بۇنىمۇ چەكلىسەڭلار ، بىچارە ئۇيغۇرغا بەك ئۇۋال بولۇپ كېتەرمىكىن؟
3. نېمىشقا بىلگەجانغا بولغان قوللاش ئېڭىمىزنى ئۆزىڭىزنىڭكىگەقارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىپ باقمايسىز؟ ئىلمى مۇنازىرىگە ئەلى قۇرباننى ھىچكىم سۆرەپ كىرمىدى، بەلكى بىلگەجان ئاۋال ئۆزى تىلغا ئالدى ،شۇنىڭغا ماس رەددىيە بېرىلدى. باشقا گەپ يوق ،ۋايىم يەپ كەتكۈدەكمۇ ئىش بولمىدى. بىلگەجان ئاچچىقلاپ قالدى، گەپ نەشتەردەك تەككەن بولسىمۇ ،مەن كەچۈرىۋەتتىم. شۇنچىلىكلا ئىش بولدى. مانا بۇ مۇشۇنچىلىكلا ئىش.
4. ئەسلى ئەلى قۇرباننىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئالدى كەينى بىلەن ئىزدەپ يېزىپ قوياي دەپ ئىزدىسەم ، ئىشىم چىقىپ يەنە ۋاقتىم يەتمىدى.باشتىن ئاڭلاپ چىقىشنى تېخى ياقتۇرمىدىم ھەم زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىمىدىم. بولمىسا بەلكىم ھەممە ئىش ئاسانلا ھەل بولىشى مۈمكىنتى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 13:31:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 13:34

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 12:45 static/image/common/back.gif
قېرىندىشىم ،ئەسلى ھېچنىمە يازماي دېگەن ،ئەمما ئىنكاس ...

قىرىندىشىم، سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئەلى قۇربان ئىجارىسىنى تۆلىمەي ياشاۋىتىپتۇ. بولدى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋىتىڭ. بۇ تىمىدا بىلگەجان ئەلى قۇربان مانداق دىگەن دەپ باشلىماپتۇ،ئىنكاسلاردا ئۈمىدۋار دىگەن توردىشىمىز دەپتىكەن، شۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ. ئاندىن سىز تىلغا ئاپسىز. گەپلىرىڭىزنى يەنە بىر ئوقۇپ بىقىڭ.كاللىڭىز ئەلى قۇرباننىڭ ھەممە گەپلىرىنى توغرا ‹تەرجىمە› قىلالىغان بىلەن سەل كەسپىي بىلىم ئۈگەنگەنلەرنىڭ كاللىسى ئۇنداق ‹توغرا› تەرجىمە قىلالمايدۇ. سىز ئاۋال مىنىڭچە...دەپ چۈشەندىم دەپ خۇلاسىلاشقا ئالدىرىماي پاكىت بىلەن سۆزلسىڭىز تىخىمۇ خەيىرلىك بولاتتى.
بىلگەجان ياكى باشقىلارنىڭ كەسپىي خاراكتىرىنى ئالغان يازمىلىرى ئەلى قۇرباننىڭ گەپلىرى بىلەن زىت يەرلەر چىقىپ قالسا ،ئەلىنىڭكىنى قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈمىدىدە بولماي ، باشقىچە ئويلاڭ، ئۆزىڭىز دىدىڭىزغۇ يامان گۇمان كىشىنىڭ قەلبىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ دەپ.
بۇدا ھەربىر ئىنكاسنى نەقىل ئالسام بولىدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا ھەممە گەپنى ئۆزىڭىزگە ئىلىۋالىدىكەنسىز. تايپاگىرىفىي دىگەن قىرىندىشىمىزنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنى ئوقۇپ بىقىڭ. قايسى تىمىدا پىكىرىمىز بولساشۇ چاغدا دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلىۋىلىش كىيىنگە قويۇپ باشقا يازمىلاردا شۇ ئۇقۇشماسلىقنى سۆرەپ كىرگەندىن ياخشى، بولمىسا غۇم ساقلىنىپ قالىدۇ.


3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 13:33:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   3140 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 13:44

قايسى گەپنى كىم دىدى دەپ ئادەمگە قارىماي پاكىتقا ، ئىشلەنگەن تەجىبلەرگە قارايلى قېرىنداشلار ، كۆڭۈل ئاغرىقى بولمىسۇن.
ئەلى قۇرباننىڭ «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» «ياشانغاندا كۆرگەن پەرزەنت ئەقىللىق بولىدۇ» دېگەنلىرى ئىلمىي ئىسپاتلاردىن ئۆتمىگەن گەپ ئىكەنلىكىنى بۇ ئىلمىي پاكىتلاردىن چىقىپ تۇرۇپتۇ .
دىمىسىمۇ باشقىلارنى دىققىتىنى جەلىپ قىلىپتۇرۇپ ، قىزىقارلىق ئۇسلۇپتا باشقىلارغا ئاكتىپ پىكىر قىلىشنى ، پىسخىكىلىق توسالغۇللىرى بولسا يېڭىشكە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە لىكسىيە سۆزلىدىم دەپ تەچچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇغان ، ئاڭلىۋالغان ياكى پاكىتىنى بىلمەي ھەزىم قىلىۋالغان بىلىم جۇغلانمىسى بىلەن ھەرخىل ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەندە ھەممىسى ئىشەنچىلىك بولىشى مۇمكىنمۇ؟ پىسخولوگىيەدەك ھەر ساھەدىكى بىلىملەردىن يۈزەكىلا بولسىمۇ ئۇقۇم بولىشىنى تەلەپ قىلىدىغان پەندە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىرىۋاتقان ئۇقۇم ، يەكۈلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاڭلقغۇچىلار ئالدىدا شۇنچىلىك ، شۇنچىلىك مۇتلەق رەۋىشتە تىغا ئېلىپ ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلىتىشىبەلكىم ئۆز ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ئادەمگە قاراپلا بىر مەزگىللىك ئۆزىگە بۇ ھەقتكى بىلىمىنىڭ يېڭى مۇمكىنچىلىكىگە يەڭگىل قارىغانلىقىدىن . بۇ كەسىپ ئەھلىللىرى ئالدىدا چانىدۇ . بەلكىم ئۇ بۇلارنى ئوقۇسا بىلگەندۇ ، ھەم بۇنى بىلەلىگۈدەك كاللا بار. لىكسىيەدە كاللسىدا ئوچۇق ئەمەس بىرنىمىنى بىلىمەن دەپ قالغان مەسئۇليەتسىزلىكى بار .
راست ، ئەلى قۇربان دىگەندەك بىز پەقەت بىلىۋاتقان بولىمىز ، بىلگەن بولمايمىز .كىشى بىز بىلمىگەن بىر نەرسىنى بىلسە ئۇنى ئۇستاز دىسەك بولىدۇ ...... لىكىن ئۇ بۇ گەپنى ھەرۋاقىت ئەستە تۇتالمىغاندەك تۇرىدۇ . بىز ئۇنىڭ ئۆزى تىلغا ئالغان ئالمىغان شەخسىي دۇنيا قارىشى ، ئادىمىيلىكىگە سوغۇققان مۇئامىلىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەمەس ئۇ دىگەن گەپلەر ئۈستىدە پىكىر قىلساق دىل ئاغرىقى ئاز بولىدۇ.
مەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى بىلگەجان ئاكىمىز ماقالىسىدە دىگەن بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىلمىي پاكىتلاردىن خەۋىرىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ، يات بىر ساھەدىن پاكىتلارنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش ياكى ئىلمىي ، سوغۇققان مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىكى پىكىرلىنىڭ رىئاللقىتكى تەجىربىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
كىتاپ ئوقۇش يىلىمىزدا نىمىشقا كىتاپ ئوقۇيىغانلىقىمىزغا بۇندىن ئوشۇق سەۋەب بولماس .   

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:50:41

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئۇيغۇر قېرندىشىم.مەن بۇرۇندىن سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ كېلۋاتىمەن .بۇ قېتملىق ئىنكاسىڭىزدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ «بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ »دېگەن گېپىنى ،ئالدى -كەينىنى ماسلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ دەپسىز ،ئەمما قانداق چۈشەنگەنلىكىڭزنى تۇلۇق چۈشەندۈرمەپسىز ،ئۇقۇشماسلىق مۇشۇ يەردىن كىلپ چىققان بۇلۇشى مۇمكىن .
‏ئەلى مۇئەللىممۇ لېكسىيەسىدە «بىلم ئىرسىيەت قالىدۇ »دېگەن گەپنى پەن -تېخنىكىدا ئىسپاتلانغان دەپ كىلىپ ،شۇ ئسپاتتىن بىر-ئككىنى مىسال قىلىۋەتمەي ،بىر ماقال -تەمسىل بىلەن ئاقلاپ ئۆتۈپ كەتتى ،بۇمۇ ئانچە ئىلمىلىك ئەمەس .
‏ئىزچىلار قېرېندىشىم ،سىزنىڭمۇ ئىنكاسلىرىڭىز شۇندا ياخشىتى ،مۇشۇ ئەلى مۇئەللىم توغىرلىق تېما يوللانغاندىن بۇيان سىز ھەممە ئىنكاسىڭزدا ئەلى مۇئەللىمنى قارا-قۇيۇق قارىلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويدى ماڭا . ئىزدىنىشتىكىلەرنى ئىنكاس يازغاندا ھېسياتقا ئەمەس ،خېلى توختىلىپ ،ئەقىلگە تايىنىپ ئىنكاس يازىدۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە .

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:51:56

بەزى نەرسىلەرنى بەك مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىشمۇ،ئىنكار قىلىشمۇ توغرا بولمىسا كىرەك،ئەگەر ئۇ ئىلاھىي ھۈكۈم بوپلا قالمىسا.ئىبراھىم ۋە زەكەرىيا ئەلەيھىسالاملار پەرزەنتلىك بولامماي ناھايىتىمۇبياشانغان بوۋاي بوپ كەتكەنلىرىدە مەچچە ياش بولغىيدى؟ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ۋە زەكەرىيا ئەلەيھىسالاملار پەرزەنتلىك بولالماي تاكى بوۋاي،ئاياللىرى موماي بوپ كەتكەنىدى.ئۇلارغا ھەزرىتى ئىبراھىم،ئىسھاق،يەھيالار ھەققىدە خۇشخەۋەر بېرىلگىنىدە ئۇلار پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولغىنىغا قارىماستىن چۈچۈش،ھەيرانلىق،ئەجەپلىنىشئىچىدە قىقاس-سۈرەن سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ قېرىپ كەتكەن بوۋاي،تۇغۇتتىن قالغان مومايلار ئىكەنلىكىنى ئەلچى پەرىشتىلارگە دەپ قانداقمۇ بالىمىز بولسۇن دەپ كەتكەنىدى.ھالبۇكى تەقدىر قىلىنغان ئىشلار قۇدرات كامالى بىلەن پۈتۈلسە ھامانبيۈز بېرىدۇ.پەزىلەت-خىسلەت،ئەقىل-پاراسەت،دىيانەتتە تەڭداشلىرى يوق ئىسمائىل،يەھيا،ئىسھاقلار ئاشۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلاردىن تۇغۇلغانلىقى بۇ تىمىنى كۆرىۋېتىپ يادىمغا يىتىپ قالدى.بىرەر پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكچىەمەسمەن،ئارتۇقچە مۇنازىرىگە كىرىشكۈدەك ھېچقانداق بىلىم يا سالاھقيىتىم يوق.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:16:26

بىلگىجاننىڭ سورىغان سۇئاللارغا كەمتەرلىك بىلەن چۇشۇنۇشلۇك ، دوستانە جاۋاپ بىرىشى مىنى بەك سويۇندۇردۇ ، ئەسلى ئەلى قۇربانمۇ مۇشۇ خىل پىكىرلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا مۇنبەرلەردە كوپ تالاش -تارتىش بولۇپ كەتمەيتى .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 17:24:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 17:29

« قىرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ » ، « بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ »
بۇ تىما ئەگەر مۇشۇ سۆز ئۇستىدە ئىلىپ بىرىلغان مۇنازىرە بولسا بۇ ئىككى كەسىپ ئەھلىنىڭ كىسىشىش نوختىسى چىقمايدۇ .
بىئولوگىيە بىلەن پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىق قىلدىغىنى تامامەن ئوخشىمايدۇ، بىئولوگىيە تەننى تەتقىق قىلسا ، پىسخولوگىيە روھنى تەتقىق قىلىدۇ.
مۇنداقچە ئىيتقاندا «مىڭە » دىسەك بىلگىجاننىڭ كۆز ئالدىغا مۇرەككەپ مىڭە تۇزۇلۇشلىرى جەريانىدىكى ھوجەيرە گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق مەسلىلەر كەلسە، ئەكسىچە ئەلى قۇرباننىڭ كۆز ئالدىغا يوشۇرۇن ئاڭ، خىيالى تەسەۋۋىر، تەشۋىش، ئەندىشە خۇشاللىق ھاياجانلىنىش قاتارلىق روھى ئۆزگۇرۇشلەرنىڭ شەكىللىنىش مەسلىسى كىلىدۇ .
بىلگىجان بۇ تىما ئارقىلىق بىزگە ياخشى ئۇچۇردىن بىرنى بىلدۇرۇپتۇ دەپ بىلدىم ،ھەرگىزمۇ يۇقاردىكى سۆزلەرنى ئىنكار قىلىش ئۇچۇن ئەمەس . چۇنكى ئىككىسى ئىككى پەن ئىكەنلىگىنى تىما ئىگىسى بىزدىنمۇ ئوبدان بىلىدۇ .
قىرىغاندا تۇغۇلغان بالىنىڭ ، تىمىسىدىن بىلىۋالدۇقكى ،بالا تەن جەھەتتىن بەزى بىر كىسەللەردىن خالى بولمايدىكەن ،ئەمما ئەقلى جەھەتتىن تورداشلار ئىيتقاندەك ئەقىللق بولىشىمۇ مومكىن .
مەنبىلىمنىڭ ئىرسىيەت قالىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن . ئەلۋەتتە بىلىم دىسە سىللەر ئىگەللىگەن ، مۇرەككەپ كەسپى بىلىملەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئۇنداق بىلىملەرننى تىرىشىپ ئۇگەنمىسە ئىگەللىيەلمەيدۇ، ئەمما بىزنىڭ كاللىمىزغا تەبئى شەكىللەنگەن بىلىملەرچۇ ؟
مەسلەن يىلان ،ئۆمۇچۇك قۇرۇت قوڭغۇزلاردىن قورقۇش دىگەندەك .
بۇ توغرىسىدا بىلگىجاننىڭ يەنە بىر تىمىسىدا بىر قىزقارلىق سۇئال جاۋاپلار بولغان. مەن شۇنىلا ئاستىغا چاپلاپ قوياي. بۇ «ئۇر ياكى قاچ ئىنكاسى توغرىسىدا » دىگەن تىما.
http://bbs.izdinix.com/thread-58435-1-1.html
سۇئال سورغۇچى86
ئۇر ئىنكاستا بولۇش ياكى قاچ ئىنكاستا بولىشى بەزىدە شۇ كىشىنىڭ ئىـختيارلىقىغا باقمامدۇ قانداق؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆزىگە خەۋىپ يەتمەسلىكىگە ئىشەنچ بولسا، يەنى خەۋىپ ئەپكېلىشى مۇمكىنچىلىكى بولغان نەرسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشى ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولسا (شۇ ئىشەنچنىڭ بولۇش-بولماسلىقىنى ھورمۇن بەلگىلەمدۇ؟)ئانچە قورقۇپ ھودۇقۇپمۇ كەتمەيدۇ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا قارشى تەرەپنىڭ خەۋىپ كەلتۈرىشىدىن غالىپ كېلىشكە ئىشەنچىسى يوق بولسا، قورقۇنچ پەيدا بولۇپ قاچ ئىنكاستا بولىدۇ. ئەمما ،
تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز. بەزىلەر چاشقان، قۇڭۇز دىگەندەك شۇ كىشىگە ھېچ بىر خەۋىپ كەلتۈرمەيدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن قاچ ئىنكاستا بولىدۇ.شۇ نەرسىنىڭ ھېچ بىر خەۋىپ كەلتۈرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرگەندە يۈرىگى سوقۇپ ئۇنىڭدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ قاچىدۇ.لېكىن ئۇ كىشى باشقا خېلى چوڭ يىرتقۇچلاردىنمۇ قورقۇپ كەتمەيدۇ. قارىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن دەيدىغان نەرسە ئەشۇ ئالاھىدە ئەھۋالدا بۇ كىشىنى خاتا كونترول قىلىپ قۇيامدۇ قانداق؟

جاۋاپ بەرگۇچى بىلگىجان
ئۇي ياكى قاچ ئىنكاسى بارلىق قورقۇنچلارنى كونتىرول قىلىدىغان بىردىنبىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئەمەس، سىز دېگەن ئەھۋالنى بۇ ئىنكاس كونتىرول قىلماسلىقى مۇمكىن، بۇ تېماپ پەقەت ھورمونلارنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن يېزىلغان. قورقۇنچ تۇيغۇسى، كىشىلەرنىڭ مەلۇم كىچىك، تەھدىتسىز ياكى زىيانسىز نەرسىلەردىن قورقۇشى ئۇلارنىڭ تەجىرىبىلىرىگە باغلىق بولۇشى، پىسخىكىلىق ئامىللار ۋە ئاساسلىقى ھىپوسالامۇسنىڭ ئەمەس، بەلكى چوڭ مېڭىنىڭ كونتىروللۇقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇر ياكى قاچ ئىنكاسى بىر قەدەر ئاددىي ھەم ناھايىتى جىددىي بولۇپ، كۆپىنچە ھەقىقىي تەھدىت بولغان ئەھۋاللارغا قارىتىلىدۇ. بۇ ئىنكاس جانلىقلارنىڭ ھايات قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن بەكمۇ سىستىمىلىق تەرەققىي قىلغان دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، سىز دېگەندەك ھورمونلار خاتالىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. قىزىقارلىق سوئال سوراپسىز. رەھمەت!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 18:34:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-15 18:35

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم...
بۇ ھەقتە ئەتراپلىق بىر چۈشەنچە يازسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەسلى چوڭمۇ ئىش يوق.
مەن ئەلى قۇرباننىڭ «300ياش چوڭ»دېگەن «ئەپسانىسى»چىققاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنى بولۇپمۇ مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدىكى 6 قىسىم لېكسىيە ۋە كېيىنكى مېنى سەل بىئارام قىلغان 3 قىسىم ئىنكاس فىلىمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم.
ئەنە شۇنىڭدا ئەلى قۇربان ئارىدا«قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ...دەپ چوڭلارنىڭ گېپى بارغۇ.....»دەپ كېلىپ ، قېرىغان ئاتا ئانىدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ ياخشى يېتەكلىنىشكە،ياخشى تەجىربىۋى تەربىيىلىنىشكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدەك بىر ئىشنى ئىشارە قىلغاندەك قىلغان .ئەمما كېسىپ ئېيتىمەنكى : ئۇ بۇنى بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ياكى نېرۋا ئىلىملىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقان ئەمەس.ئۇ نەقىل قىلغان خەلقىمىزنىڭ بۇ گېپىنى مېنىڭچە نورمال ئەھۋالدا ھەممەچۈشۈنەلەيدۇ.
ئەمما بىلگەجاننىڭ بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن بۇنى يېشىپ ، مەخسۇس بىر ئىلمىي ماقالە شەكلىدە يوللىغىنى ھېچبىر خاتا ئەمەس.(بۇنى مەن دەسلەپكى ئىنكاسىمدىمۇ دېدىم). ئەمما بىراۋنىڭ گېپىنى تەتقىق قىلىش ۋە توغرا خاتاسىنى ئايرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىغا قاراش كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىنسان چوقۇم مەلۇم بىر ئوي پىكرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ جۈملە تۈزۈش ئۈچۈنلا سۆزلىمەيدۇ.
ئۇ ھالدا ،باشقىلارنىڭ گېپىگە باھا بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى : ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرىش ، ئۆزى ئۇنىڭ گەپلىىرنى ئاڭلاپ بېقىش ،چۈشۈنۈپ بېقىش...ئاندىن لوگىكىلىق ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش.
مەن بۇ يەردە بىلگەجاننى ئەلى قۇربانغا رەددىيە بەردى دەپ ئويلىمىدىم. ئەمما ھېسسىياتچان ،ھاياجان تىپىدىكى نۇرغۇن كىشىللىرىمىزنىڭ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئايرىپ كېسىپ ئېلىپ ،ئۇنىڭغا بىرتالاي تاپا تەنە قىلىشىنى ياقتۇرمىدىم. چۈنكى بىراۋ «ئا»ھەرىپىنىڭ«ئ»قىسمىنى يېزىشقا تەمشىلىشى بىلەن ، بىر تالايلار ھەي بۇ «ئا»ئەمەس «ئ» دەپ قورشىۋالسا ،ۋارقىرىسا ،ھۇجۇم قىلسا ، بەك ئۇۋال بولىدۇ.
غۇۋا ئېسىمدە قېلىشىچە ،مەن بۇنداق ئۇۋالچىلىقنى خېلى تارتىپ باققان. نېمە ھاجىتى ؟
يەنە بىر جەھەتتىن ئېتراپ قىلىمەنكى : مەن «300ياش ئەپسانىسى»دا ئەلى قۇرباننى بىر تالاي تەنقىتلىگەن بىلەن ،ئۇنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدىكى لېكسىيىسىدىن يېتەرلىك ئوزۇق ئالدىم ،شاتلاندىم ،رىغبەتلەندىم . ھالبۇكى ،ھېلىغىچە ھېچبىر لېكسىيە بۇ قەدەر مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان ئەمەس.
ئېھتىمال ئەلى قۇرباننى تىللىغان بەزىلەردەك مەن بەك ئەقىللىق ،بىلىملىك ، كۆپنى كۆرگەن بولمىسام كېرەك.
ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلىشىم كېرەك ،مەن راستىنلا ئۇنىڭ لېكسىيىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى كېسەللىكىنىڭ نەق يىرىدىن چۈشكەن دەپ ئېيتالايمەن.
مېنىڭ بىر قىسىم دىننى چۈشەنچەم ،بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئاڭلىغان ئىلىملەر - ئۇنىڭ يەتكۈزگەن لېكسىيسىدىكى بەزى ئېلمىنتلار بىلەن شاخلىدى. مەن ئۆزۈمدە كۆپ قىرلىق بىلىم بولۇشنىڭ نەقەدەر بەخت ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ لېكسىيىسىدىن راست ھېس قىلدىم.
ئۇ جانلىق ئېيتقان بىر قىسىم پىسخىكىلىق بىلدۈرگىلەر - مەن بىلگەن بەزى ھەدىسلەرنى ماڭا ھاياجانلىق چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئەسلىدە ئۇنىڭ سىنئالغۇ فىلىمىنى كۆرۈپلا بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئويلىغانلىرىمنى يازاي دېۋىدىم ،زېھنىمنى يىغىپ يازغۇدەك ھاياجان ،ۋاقت تاپالمىدىم.(ۋە ياكى بەلكىم خېلى ھورۇن بولسام كېرەك.)
ئەمدى بۇ گەپلەر بۇ جايدا تۇرۇپ تۇرسۇن .نەق گەپكە كېلەي:
1. بىلگەجان قېرىندىشىمنى ئاچچىقلىتىپ قويغان ئىش ،بەلكىم دەسلىۋىدە بۇ تېمىدىكى تۈنجى ئىنكاسىمنى نەقىل قىلماي يازغىنىمدا بىلگەجان «تېمىغا مۇناسىۋەتسىز...»دەپ ئۆچۈرىۋىتىۋىدى ،مەن بىلگەجان ئەلى قۇرباننىڭ گېپىنى تىلغا ئالغان ئىنكاسىنى نەقىل قىلىپ ،بۇ ئىنكاسنى قايتا يوللىدىم.
بەلكىم بۇنى بىلگەجان خاتا چۈشۈنىۋالغان بولسا كېرەك ياكى مەن ئىپادىلەشتە خاتا چۈشەنچە بەرسەم كېرەك .بۇ يەردە نېمىشقا« ئەلى قۇرباننىڭ ئۇ گېپى ئىلمىي تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن...»دېگەن گەپكە ئالاھىدە ئىنكاس يېزىشقا توغرا كەلدى دېگەندە ، مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ بېشىدا ئېيتقان «ئۇۋاللىق» ھەققىدىكى گەپلەردىن باشقا يەنە بىلگەجاننىڭ ئادەتتىكى بىر تورداش بولماي ،بەلكى بىر ئالىم ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ ئازغىنا سۆزلىرىنىمۇ بەزىلەر «مانا مانداق دېدى پالانچى ئالىم....»دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ،بۇ ئاقمىغان ،ئىنتايىن ناچار پايتىمىدەك مۇنازىرىنى تېخىمۇ قىزىتىپ يۈرمىگىيىتى دېگەن ئەندىشە سىياقتا يېزىلدى.
مەن بىزگە بىلگەجان زۆرۈر بولغاندەك ،ئەلى قۇربانمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. بۇ مېنىڭ ھاياجان ئىلكىدە يازغىنىم ئەمەس ،بەلكى ئەلىنىڭ گەپلىىرنى خېلى تەستىقدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزۈمنىڭ مىللىتىم ھەققىدىكى چۈشەنچىللىىرم بىلەن يۇغۇرۇپ چىقارغان يەكۈنۈم.
قالغىنىڭلارنىڭ قانداق چۈشەنچىسى بولسا ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمما نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن !...دېسەڭلار زوراۋانلىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن .
ئەگەر باشتىكى ئىككى ئىنكاسىم بىلگەجانغا باشقىچە تەسىر قىلىپ ،بىسەرەمجان قىپ قويغان بولسا ،مەندىن ئۆزرە بولسۇن.

2. ئىزچىلار توردىشىمىزغىمۇ ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.
ئىزچىلار قېرىندىشىم مېنىڭچە ئاۋۇ قېرىغاندىكى بالا ھەققىدىكى لېكسىيەنى تولۇق ئاڭلىماپتۇ. بولمىسا بۇنچە كۆپ گەپمۇ بولمايتتى. ھېلىمۇ ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىزچىلار قېرىندىشىم سەل يۇمۇرۇستىك ئوخشايدۇ.
ئەسلىسىزگە:
-كاللامدا ئەلى قۇربان ئىجارە تۆلىمەي ياشاۋاتقان بولسا ،مەن ئۇنىڭدىن ئىجارىنى سۈرۈشتۈرەي ،يەنە تۆلىمىسە چىقىرىپلا قۇتۇلاي ....
دەپ ئىنكاس يازماقچى ئىدىم .ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئەسلى گېپىمنى ئىپادە قىلغىلى بولمىدى.
شۇڭا سىزگە دېمەكچى بولغىنىم :
بىر ئەلى قۇربان كاللامغا كىرىۋالسا ، مەن تۈگەشمەمدىمەن؟
ئۆز قارىشىمغا ئېگە بولۇپ چىقمىسام تېخى تۈگەشمەمدىمەن؟
شۇڭا خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۇنداق ئىش يوق . بۇ كاللىغا ئەگەر دائىم خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى «پەيغەمبەر بولمىغان»بىرىلا كىرىپ ، ھوقۇقنى قولىغا ئالسا ،ئۇ چاغدا ئۇ ئاللاھقا ئەمەس ،شۇنىڭغا قۇل بولغان بولىدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇن.
ئەمدى سىزنىڭ مەن زۆرۈر دەپ قارىغان بىر جۈملە سۆزىڭىزگە نەقىل بىلەن جاۋاپ قىلاي:
سىزنىڭ سۆزىڭىز:
...بۇدا ھەربىر ئىنكاسنى نەقىل ئالسام بولىدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا ھەممە گەپنى ئۆزىڭىزگە ئىلىۋالىدىكەنسىز....
-
مېنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئەسلى ئىنكاسىڭىز:
...ئەمما مۇشۇنداق تەبىي پەن بىلىملىرى توغرىىسىدىكىمۇنازىرىدىمۇ ،...دەپ چۈشەندىم، ...مىكى دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا ، باشقابىر رىلىسقا باشقا بىر پويىزنى سۆرەپ كىرسە توغرا بولماس؟
بۇنداق نازۇكلىشىپ كەتمەيلى.

مېنىڭ بۇ ئىنكاسنى ئۆزۈمگە ئېلىۋىلىشمنىڭ سەۋەبى : مەن بىلگەجانغا .....ئەلىنىڭ گېپىنى مۇنداق چۈشەندىم دەپ ئىنكاس يازغان. شۇڭا ئۆزۈمگە ئېلىۋالدىم.

3.مۇزتاغ قېرىندىشىمىز ئوبدان ئىنكاس يېزىپتۇ. بارىكاللا دېدىم.
---
ئىش بولدى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىسۇن ، بولمىسا ئىلمىي ماقالىنى پۈچەكلەشتۈرشكە سەۋەبكار بولۇپ قالغان بولۇپ قالمايلى . مەندىن كەتكەن يەر بولسا ئۆزرە...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:56:32

ماۋۇ ئىنكاسلاردىن ئۆرگىلەي،‹ يېرىم چېلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ› دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە
بىلگەجاننىڭماقالىسىدا ئوتتۇرا قويۇلغان قاراش خاتا بولسائىلمىي پاكىت كۆرسىتىپ رەددىيە بېرىڭلار، بېرەلمىسەڭلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭلار،بورىنىڭ گېپى بولۇۋاتسا ھالۋىنىڭ گېپىنى قىلىپئىلمىي ماقالىنى بىھۇدەئىنكاس بىلەن توشقۇزۇۋەتمەڭلار

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 00:12:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-16 08:24

Typography يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 09:52 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئىچ ئاغرىتقىنىڭزغا مەندەك بىچارىگە.
سىز بىلەن...
سىزگىمۇ رەھمەت. ئۇ تېما ئېسىمگە كەلدى. ئەمما ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئېيىتقىنىمدەك، ئەگەر يېڭى ۋە تېخىمۇ نوپۇزلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋۇجۇدقا كەلسە ئالىملار يېڭىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ تېمىدا قارشى تۇرغان ئەسلىدىكى كونا قاراشلارمۇ خۇددى قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ھېچقانداق تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئىسپات بولمىغاندەك ئېنىق بىر دەلىل يوق قاراش ئىدى. شۇ تېمىدا گەپ قالماي myth دېگەن سۆزنىڭ مەنسىنى بۇراپلا نەچچە ئون ئىنكاسلار يېزىلغان ئىدى. مەن مېڭە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا قايسى قاراشنىڭ مېڭە ئالىملىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنۋاتقانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان بولغاچ شۇنداق دېگەن ئىدىم. پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنۋاتقانلارنىڭ شۇ كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن قارشى ئىلمىي پاكىتلارنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ پەقەت نوپۇزىنى كۆرسىتىپ تالىشىشى تازا ئەقلىمگە سېغمايدۇ. تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى، توردىكىلەرنىڭ ئۆزىچە ئىككى قاش بولۇپ كىچىك مەسلىنىمۇ ئورۇنسىز ھالدا ھەر خىل يامان گۇمانلار بىلەن چۈشىنىپ چوڭايتىۋىتىشى. قارىسام، كىشىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىر كىشى نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسۇن كارى بولماي شۇ كىشىنىڭ كەسىپ سىرتىدىكى ئىلمىي دەلىللەردىن ئۆتمىگەن قاراشلىرىنىمۇ توغرا دەپ چىڭ تۇرۋالىدىكەن. بۇ تېمىدىمۇ شۇنداقراق ئەھۋال كۆرۈلۋاتىدۇ...
نېمىلال بولمىسۇن، سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىز مېنىمۇ سۆيۈندۈردى. ھەر ئىشقا سىزمۇ، مەنمۇ ئادىل باھا بەرسەك ياخشى. ئەڭ مۇھىمى، ھەر قانداق بىر ئىلمىي تېمىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بىز ئىمكانقەدەر سۆزلىگۈچىگە ئەمەس، سۆزگە؛ كىمنىڭ دەۋاتقانلىقىغا ئەمەس، نېمىنىڭ ديىلىۋاتقانلىقىغا؛ ھېسسىياتقا ۋە ئۆز لوگىكىمىزغا ئەمەس، ئەمەلىي پاكىت ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قاراپ شۇ مەسلە ئۈستىدە ھاياجاندىن خالىي مۇنازىرە قىلساق مۇنازىمىزنىڭ سۈپىتى ھازىرقىدىن نەچچە بالداق يۇقىرى ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 01:40:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-16 06:56

بۇ مېنىڭ بۇ تېمىغا يازغان ئاخىرقى ئىنكاسىم بولۇپ قالسۇن. مەن دۇنيا ئالىملىرى ئېتىراپ قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق بىلىملەرنى يەتكۈزگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەكشۈرشۈم كېرەك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ئەگەر 21-ئەسىردە ياشاۋىتىپ شۇنداق كۈن كەلسە، بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىش بولۇپ قالغۇسى. بىر قىسىم تورداشلار بىر تەرەپلىمە، پاكىتسىز قاراشلىرى بىلەن ماڭا رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتىدۇ. تەبئىي پەنگە ئائىت مەسلىلەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئويلاپ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان دەۋىردىن ئۆتۈپ كەتكىلى نەچچە ئەسىرلەر بولدى. مەن ئۆز كەسپىمدە يازغان ماقالىلەرنىڭ نوپۇزلۇق قاراشلار ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك خەلقىمىز بىلىدىغان بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە توردىكى بىر قانچەيلەننىڭ قانداق ئويلىشى ۋە ياكى ماقالىلىرىمگە بەرگەن پاكىتسىز رەددىيەلىرىنىڭ كارايىتى چاغلىق.

ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئەدەبىياتقا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇپ، ئوخشىتىش، سىمىۋول، ئۇنى دېمەكچىدى، بۇنى دېمەكچىتى ياكى مەن مۇنداق چۈشەندىم-يەي دەيدىغان، ئىلمىي دېگەن سۆزگە ناھايىتى يېراق بولغان گەپلەر بىلەن مەن يازغان تېما ۋە مېنىڭ ئىنكاسلىرىمغا قارشى تۇرماقچى بولۇش ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدۇ...

مەزكۇر تېمىى ئالساق، مەن بىر مۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ ماقالىنى يازدىم، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بىر مۇنچە ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ خېلى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپمۇ قويدۇم. ئەسلى مېنىڭ ئەلى قۇرباننى تىلغا ئېلىش نىيىتىممۇ يوق چۈنكى ئۇ ئىلمىي لىكسىيە سۆزلىمىگەندىكىن بۇنداق ئەھۋاللار بولىدۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئىلمىي دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىپمۇ بولالمىغان ھاياجان تورداشلار ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن ئېىيتقان بەزى سۆزلىرىنى ئىلمىي پاكىت قاتارىدا چۈشىنىۋاپتۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوخشىتىش، سىمىۋول ۋە ياكى قانداقتۇر يوشۇرۇن مەنالار بىلەن تولغان ھاياجانلىق سۆزلىرىدىن ئىلمىيلىكنى تېپىش قېيىن.
ئىرسىيەت دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى قانداق ئويلىسىڭىزمۇ گېن دېگەن سۆزدىن يىراقلاشتۇرالمايسىز. ئەگەر باشقا مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولسا شۇنداق ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس. شۇڭا، بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ دېگەن سۆزنىڭ خاتالىقىدا ھېچ گۇمان يوق چۈنكى ئۇنداق گېنلار مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، بىلىمنىڭ ئىرسىيەت قالمايدىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا ساماندەك ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ تېمىدىكى سوئالنى ئەمەلىيەتتە تورداشلار مەندىن ئۇچۇر يېزىپ سورىغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي قاراشلار ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغاچقا، بۇ خۇددى مەن ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان بىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت شۇكى، مەن بىر تەتقىقاتچى، ئۆزۈم قىزىققان ۋە بىلىدىغان مەزمۇنلارنى يېزىشىمدا كىشىلەرنى توغرىسىنى بىلىۋالسۇن دېگەندىن باشقا ھېچقانداق مەقسەت يوق. بىراۋ خاتا گەپ قىلسا، كۆڭلىگە كەلمىسۇن دېمەي دەيدىغان ئىددىيەمۇ مەندە يوق چۈنكى ئىلمىيلىكنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى سەمىمىي ۋە لىللا بولۇشتۇر.

بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: (bilgejan) يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟