umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:14:31

مەھەللەمدە بىر ياشانغان كىشى 80نەچچە يېشىدا 3-پەرزەنتىنى كۆردى، ھازىر ئۇ بالا 9ياشلار ئەتىراپىدا بار. رەھمەتلىك ئۆتكەن يىلى كۆز يۇمدى(ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!)، ئايالى 40نەچچە ياشلاردا بارغۇ دەيمەن. 3-بالىسى تۇغۇلىشى بىلەن مەھەللىدە ئۆسەك سۆزلەر. :funk:

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:54:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mrdon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 23:56  

بىر دوستىمىز شۇنداق دېگەنىدى،
قېرى كالىنىڭ مۇزىيى ھۇرۇن بولىدۇ دەپ
شۇ دوستىمىزنى بوۋىسى شۇنداق دەيدىكەنىدۇق:lol

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 00:00:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mewdudi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 00:03  

Qumaltag يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 22:50 static/image/common/back.gif
‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ، تىببى ساھەدە ئىسپىرما ئۇرۇقدا ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام
مېنىڭ بۇ ساھەدە تۇلۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە ئۆگەنگەنلىرىمدىن باشقا ھېچقانداق بىلىمىم يوق.شۇڭا بۇ ساھادە ھېچنېمىنى بىلمەيمەن دېسەممۇ بولىدۇ.  بايام YAHOO دىكى قىسقىغىنە مۇنازىرىنى كۆردۈم. ئىككى ئىسلام ئۆلىماسى بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ بېقىپتۇ. ئەگەر ئېنگىلىزچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى جاۋابنى ئوقۇپ بېقىڭ.
²§trÖñg° answered 4 years ago
"Now let man but think from what he is created! He is created from a drop emitted-Proceeding from between the backbone and the ribs," (Qur'an 86:5-7).


1. As Dr. Zakir Naik writes:
In embryonic stages, the reproductive organs of the male and female, ie. the testicles and the ovaries, begin their development near the kidney exactly between the spinal column and the eleventh and twelfth ribs. Later they descend; the female gonads (ovaries) stop in the pelvis while the male gonads continue their decent before birth to reach the scrotum outside the body through the inguinal canal. Even after the embryonic stage after the decent of the reproductive organ, these organs receive their nerve supply and blood supply (from the Aorta) and lymphatic drainage which is in the area between the backbone (spinal column) and the ribs

2. As Moiz Amjad writes:
although the male sperm is formed in the testes, yet the blood supply which, obviously, is integral to the making of the sperm comes from between the ribs and the back...the cells that form the sperm originate from between the ribs and the back. If this is true, then the words of the Qur'an are not scientifically incorrect, as the words "emanating from a place between the (lower) back and the (lower) ribs", do not necessarily imply "emanating in its final shape" only, but can also cover "initial emanation".
https://uk.answers.yahoo.com/question/index?qid=20110111094920AAcFk3k
تەرجىمە قىلىپ قوياي دېسەم، مېنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەم تۆۋەن. شۇڭا كەسپى ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرەلمەيدىكەنمەن.

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 02:06:02

رەھمەت مەۋدۇدى قېرىندىشىم ،مەنمۇ تېخى ئنگىلىزتىلىنى ئۆگىنش باسقۇچىدا بولغاچقا ئايەتلەرنى ۋە كەسپى بىلىمگە ئائىت مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمەيدىكەنمەن .شۇڭا ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسى يۇقىرى قېرىنداشلار چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسا ئىنتايىن مىننەتتار بولغان بولاتتىم .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 09:10:40

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 22:39 static/image/common/back.gif
بەك كۈچەپ كەتمەڭ، چارچاپ قالىسىز. ئەلى قۇربان بىلىم ئ ...

سىزنىڭ مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم.
ئۆزىڭىز بىلگەنلىرىڭىزنى لايىق رەۋىشتە بىلدۈرىۋاتقىنىڭىزدىن سۆيۈنۈمىز. ئەمما بىراۋنىڭ باشقا تەرزدە ئېيتقان گېپىنى شۇ جۈملىنىڭ باش ئاخىرىدىن ئايرىۋىلىپ ،«ئۇنىڭ مۇنداق دېگىنى خاتا...»دېگىنىڭىزنىڭ ئۆزىدىن خاتالىق پۇراپ تۇرىدۇ.
ياكى ئۇنىڭ مۇنداق دېگىنى ماۋۇ نۇقتىدىن خاتا ئېرسىيەت نۇقتىدىن خاتا دېسىڭىز بۇنىڭدا بىرئاز سەمىمىيەت پۇراپ تۇراتتى.
قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دېگەن گەپ - سىزنىڭ ئېرسىيەت نۇقتىسىدىن قارىغىنىڭىز خاتا ئەمەس. سىز شۇنىڭغا ھەقلىق ۋە شۇنىڭ ئەھلى. ئەمما بۇنىڭ باشقا مەنىللىرى بارلىقىغا ۋە باشقىلارنىڭ قايسى مەنىدە دېگەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك .شۇ چاغدا باشقىلارغا ئۇۋاللىق بولمايدۇ. خەلقىمىز سىمۋول ،ئوخشىتىش دېگەنلەرنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلگەن خەلق ،خەلق ماقال تەمسىللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىز ئارقىلىق خالىغان سۆزنىڭ ئالدى كەينىڭ بىلەن ھېسابلاشماي ،كېسىپ ئېلىپ رەت قىلغىلى تۇرساق ،ئۇيغۇردا گەپ چۈشەنگىلى ،گەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن:
ئابدال سەمىرمەس، ئوغرى بېيىماس.
ئاچ بولساڭ، نان چۈشەيسەن.
ئاچكۆزنىڭ ئەقلى كەم، كۆزى تويماس.
...قاتارلىقلارنى كەسپىڭىز بويىچە تىپىك ئابدالدىن بىرقانچىنى تېپىپ ،ئابدالمۇ سەمرىيدۇ ....دەپ قاقشاپ يۈرسىڭىز ،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلەرمۇ؟
سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتلىرىڭىزنى سەرپ قىلىپ ،كىشىلەر ئۇخلىغاندىمۇ ئۇخلىماي ، ئۆز كەسىپىڭىزدىن بىزگە مەلۇمات ۋە بىلىم بېرىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا خۇرسەنمەن ۋە ھۆرمەتتىمەن. ئەمما ئۆزۈم چۈشەنگەن ،دۇرۇس دەپ قارىغان ئىشلارنى نەزىرىمدە باشقىلار خاتا چۈشۈنىۋالغان بولسا، تۈزۈتۈش بېرىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا دەسلەپكى ئىنكاس قايتا يېزىلدى.
ئېيتقانلىرىمنى چۈشەنگەن بولسىڭىز ، قۇبۇل قىلارسىز ،چۈشۈنەلمىگەن خاتا چۈشەنگەن بولسىڭىز ،يەنە نېمىلەرنى يېزىش ،ئاچچىقلاش  ھوقۇقىڭىز بار. ئەمما مېنىڭ يەنە بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە بىر نېمە دېيىش ۋاقتىم يوق. چۈنكى مەجبۇرىيىتىم تامام بولدى، قالدىسى كىملەرنىڭ قانداق چۈشىنىشىگە قالدى.

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:33:15

Qumaltag يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 02:06 static/image/common/back.gif
رەھمەت مەۋدۇدى قېرىندىشىم ،مەنمۇ تېخى ئنگىلىزتىلىنى  ...

توردا ئۇدۇل خەنچىگە ئۆرىسەك مۇشۇنداق تەرجىمە چىقىدىكەن

1. As Dr. Zakir Naik writes:
In embryonic stages, the reproductive organs of the male and female, ie. the testicles and the ovaries, begin their development near the kidney
exactly between the spinal column and the eleventh and twelfth ribs. Later they descend; the female gonads (ovaries) stop in the pelvis while the male gonads continue their decent before birth to reach the scrotum outside the body through the inguinal canal. Even after the embryonic stage after the decent of the reproductive organ, these organs receive their nerve supply and blood supply (from the Aorta) and lymphatic drainage which is in the area between the backbone (spinal column) and the ribs
在胚胎阶段,男性和女性的生殖器官,如睾丸、卵巢,开始他们的发展肾附近的正中间的脊柱和肋骨第十一和第十二。后来他们下降;女性的性腺(卵巢)停止在骨盆而男性性腺继续体面的出生前到阴囊外体通过腹股沟管。即使在后的生殖器官体面的萌芽阶段,这些器官接受神经供应和血液供应(从主动脉)和淋巴引流是在与骨干区域(脊柱和肋骨)

2. As Moiz Amjad writes:
although the male sperm is formed in the testes, yet the blood supply which, obviously, is integral to the making of the sperm comes from between the ribs and the back...the cells that form the sperm originate from between the ribs and the back. If this is true, then the words of the Qur'an are not scientifically incorrect, as the words "emanating from a place between the (lower) back and the (lower) ribs", do not necessarily imply "emanating in its final shape" only, but can also cover "initial emanation".

虽然男性精子在睾丸形成,尚未的血液供应,很明显,是不可或缺的精子使谈从肋骨和背部...细胞精子产生从肋骨和背部之间的这种形式。如果这是真的,那么古兰经 》的词不是科学是不正确的"来自一个地方 (背部) 和 (较低) 的肋骨之间",并不一定意味着"在其最后的形状产生"的词,但也可以涵盖"首次发射"。

Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 11:01:58

مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا قارشى زىت پىكىر كەلسىلا سەل قايناپ قالدىكەن. ھەم خەقنىڭكىنى يوقلا قىلىپ تور بەتتىن نەقىل ئېلىپ كېلدىكەن. باشقىلار نەقىل ئەكىلىپ تور بىكەتنى ئەكەلسە ۋاقتى ئازراق ئۆتكەن بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە دەيدىكەن. بىلگەجان بۇنىڭدا يوللاپ قويغان ماقالىنىڭ ۋاقتىمۇ 2009-يىلنىڭ ئىكەندۇق بولمىسا. Published: March 10, 2009DOI: 10.1371/journal.pmed.1000040
ئارلىقتا 6يىل ئۆتۈپتۇ يېڭى قاراشلارمۇ بارلىققا كەلگەندۇ بەلكىم.

ئالدىنقى قېتىملىق تېمىدىمۇ 2009-يىلنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ قويغانغا بۇ دىگەن كونا نەزەرىيە بىر يىلنىڭ يەنە بىر يىلىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
مەنچە بىلگەجان مۇنبەردىكى ئىنكاسقا سەل سوغۇققان جاۋاب قايتۇرسىڭز بۇلاتتى. سىزنىڭكىگە قارشى چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئىلمىيلىكى يوق يەنە مەن دىگەن مەنبەدە مۇنداق دىگەن سىزنىڭ زادى خاتا دىۋالسىڭز باشقىلارنى قايىل قىلىش كۈچىڭىز ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن.
ئىشقىلىپ مۇنداق مۇنازىرىگە چۈشكەن ئىنكاسلار ئادەمنى بىئارام قىلىپ قويدىكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 12:25:16

بۇ تىمىدا بىلگەجاننىڭ ‹قايناپ› قالغانلىقىنى ھىس قىلمىدىم،  سەزگۈرلۈكىڭلار ئىىشپ كەتكەن ئوخشايدۇ.  ئىلىم-پەندە قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايدىغان مائارىپتا تەربىيلەنگەن بىلگەجاننىڭ ھىسىىي بايانلارغا كەسكىنلا ئىيتىلغان گىپىنى قوبۇل قىلالمىساڭلا ، دىسسىرتاسسىيەياقىلىغاندا باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلچى يۈز-ئايىماي ئوقۇغۇچىلارنى يىغلىتىۋەتكەن مەنزىرىسىنى كۆرگەن بولساڭلا ئىش بار ئىكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 12:27:45

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 22:41 static/image/common/back.gif
تاپقاندىن كىيىن باقا

:shutup:

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 12:36:26

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:33 static/image/common/back.gif
توردا ئۇدۇل خەنچىگە ئۆرىسەك مۇشۇنداق تەرجىمە چىقىدىك ...

‏رەھمەت سىزگە .يەنىلا بەزى يەرلىرىدە مۇجىمەللىك باردەك ،يا مەن تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىممۇ .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:03:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 13:05  

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:33 static/image/common/back.gif
توردا ئۇدۇل خەنچىگە ئۆرىسەك مۇشۇنداق تەرجىمە چىقىدىك ...

گوگۇل تەرجىمانىدا ئۆزبەكچە قوشۇلغاچ شۇنىڭغا تەرجىمە قىلساق قولايلار چۈشىنىش ھاسىل بولامدىكى. Doktor Zokir Nayk 1. yozadi:
Embrional rivojlanish bosqichlarida, ya'ni erkak va ayol, jinsiy organlari. moyak hamda tuxumdonning aniq umurtqa va o'n birinchi va o'n ikkinchi qovurg'alar orasidagi rivojlanish jarayoni buyrak yonida boshlaydi. Keyinchalik ular; erkak jinsiy organlari inguinal kanali orqali tanadan tashqari moyak uchun tug'ilishidan oldin ularning to'g'ri davom ayollar (tuxumdon) tos suyagiga kelib to'xtasa. Hatto reproduktiv organi to'g'ri so'ng embrion bosqichi so'ng, ushbu organlar nerv hamda (aortadan) qon ta'minotini va limfa drenajlash asos (umurtqa) o'rtasida sohada va qovurg'a olish

2. Moiz Amjad yozadi:
erkak sperma urug'don shakllangan, hali, aniq, spermatozoidning qilishda muhim tashkil etuvchilaridan biri qon ta'minlash qovurg'a va orqa ... spermatozoid qovurg'alar orasidagi kelib hosil hujayralar o'rtasida kelib chiqqan bo'lsa-da, orqa. Agar bu to'g'ri bo'lsa, keyin Qur'on so'zlari "orqa (pastki) o'rtasida joydan chiqqan va (quyi) qovurg'alar» so'zlari kabi, albatta, uning yakuniy shaklga chiquvchi "degani emas, ilmiy xato emas dastlabki natijasini "" faqat, balki qamrab mumkin ".

ئاندىن ئۇيغۇرسوفىتنىڭ ئۇيغۇرچە-ئۆزبەكچە ئۆرۈيدىغان دىتالىدا تەرجىمە قىلسا تېخىمۇ قولاي بولىدۇ بەلكىم.
ياكى بۇ ئۇلانما.http://lab.uyghurdev.net/Uzbek2Uyghur/Default.aspx

Alisher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:08:22

مەن بۇرۇن بىر يازما ئۇقۇغان،ئىسىمىدە قېلىشچە بالىلىق بۇلالمىغان ئاتا-ئانلار مەلۇم ئىسپىرما ئىسكىلاتى (精子库)بېرىپ ئىسپىرما ئالىدىكەنتۇق.ئىسكىلاتىكى ئىسپىرما ئىگىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار  مائارىپ سەۋيىسى يۇقۇرى ھەرقايسى ساھەدىكى  كۆزگە كۈرۈنگەنلەرنىڭ باھاسىنىڭ ۋە ئىھتىياجنىڭ يۇقۇرى بۇلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.
بۇنىڭ   ئىرسىيەت قالىدۇ دىگەندەك گەپ لەر بىلەن  مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 14:09:19

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 23:14 static/image/common/back.gif
مەھەللەمدە بىر ياشانغان كىشى 80نەچچە يېشىدا 3-پەرزەنتىن ...

راستىنلا ئۆسەك سۆزگە لايىق گەپكەن ماۋۇ ، كەسىپ ئەھلىللىرى دەپ باقسا بوپتىكەن مۇمكىنمىدۇ 80 ياشتا بالا تېپىش ، مىليوننىڭ ئارسىدىن بىرى چىقارمۇ يا ؟

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 14:11:22

Typography يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 13:03 static/image/common/back.gif
گوگۇل تەرجىمانىدا ئۆزبەكچە قوشۇلغاچ شۇنىڭغا تەرجىمە  ...

. گۇگۇل ئېچىلمىغاندىن كىيىن باشقا لۇغەتكە سالغان. كاتتا لۇغەت ئىكەن، رەھمەت

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:33:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 21:52  

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 14:09 static/image/common/back.gif
راستىنلا ئۆسەك سۆزگە لايىق گەپكەن ماۋۇ ، كەسىپ ئەھلىل ...

بۇ تامامەن مۇمكىن. ئەرلەر ساغلام بولسىلا ئۆلگۈچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئەمما ئاياللار كىلىماتىرىيە دەۋرى(كۆپىنچە 45-52 ياشلاردا كۆرۈلىدىغان ھەيىزنىڭ كېسىلىشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدىغان ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ) دىن باشلاپ كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭا بۇ گەپنى قاراپلا ئۆسەك سۆز دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:08:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 03:30  

Typography يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 11:01 static/image/common/back.gif
مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا  ...

ئۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتمىساڭلا... مەن ئۆزەمنىڭكىنى راست قىلدىممۇ، ياكى راستنى راست دېدىممۇ؟ مانا جاۋابىم، ئۆزەڭلا قاراپ بېقىڭلار، كىم يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ بۇ يەردە.

مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا قارشى زىت پىكىر كەلسىلا سەل قايناپ قالدىكەن. ھەم خەقنىڭكىنى يوقلا قىلىپ تور بەتتىن نەقىل ئېلىپ كېلدىكەن.
===============================

ئەگەر مەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كەسپىمگە ئائىت بىلىدىغان مەزمۇنلارنى يەتكۈزسەم خالىغانچە ئاساسسىز رەددىيە بەرسە مەن نېمە ئۈچۈن دېگەنلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن. بۇنى زىت پىكىر بولسىلا دەۋالمىسمۇ بولىدۇ. مەن نەدىكى بىر تور بەتلەردىن نەقىل ئالمىدىم بەلكى دۇنياۋى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ توردىكى ئۇلىنىشىنى قوشتۇم. ما مۇنبەردە مۇنداقراق سەۋىيدە ماقالە يازىدىغانلار ئاز بولغاچقا مېنىڭ بىر گەپنى دېيىشىم ئۈچۈن قانچىلىك ئىزدىنىپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىمنى چۈشىنەلمىسەڭلار كېرەك. ئەگەر زىت پىكىر ھەقىقەتەن توغرا بولسا ئۇنى قوبۇل قىلىمەن. مەن خاتالىققا ئالدىراپ يول قويمايدىغان بولغاچقا مەن يازغان ماقالىلەردىن خاتالىق تېپىش ئاسان ئەمەس، بولمىسا ھەر كىم سىناپ باقسۇن.

باشقىلار نەقىل ئەكىلىپ تور بىكەتنى ئەكەلسە ۋاقتى ئازراق ئۆتكەن بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە دەيدىكەن. بىلگەجان بۇنىڭدا يوللاپ قويغان ماقالىنىڭ ۋاقتىمۇ 2009-يىلنىڭ ئىكەندۇق بولمىسا.
ئارلىقتا 6يىل ئۆتۈپتۇ يېڭى قاراشلارمۇ بارلىققا كەلگەندۇ بەلكىم.
======================

يېزىپ بەرگەن ماقالىنى تېخى چۈشىنىپ ئوقۇماڭ، ئاندىن تەييار تەمىنلىگەن ئۇلىنىشنى تېخى چېكىپ باقماڭ... :L  بۇ يەردە مەن 2009-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىنى ئاساس قىلدىم ۋە 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان يەنە 2 پارچە ماقالە ئارقىلىق بۇ نۇقتىنەزەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم قوللىدىم. پايدىلىنغان ماتىرىياللار دېگەن يەرنى چەكسەك داڭلىق ئىلمىي ژورنال بولغان ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى ۋە پىلوس بىر دە ئۆتكەن يىل ئېلان قىلىنغان ماۋۇ ئىككى ماقالىنىمۇ كۆرگەن بولاتتىڭىز.



http://archpsyc.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1833092
http://www.plosone.org/article/metrics/info:doi/10.1371/journal.pone.0090097#citedHeader


ئالدىنقى قېتىملىق تېمىدىمۇ 2009-يىلنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ قويغانغا بۇ دىگەن كونا نەزەرىيە بىر يىلنىڭ يەنە بىر يىلىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
===========================

مەن شۇنداق دېگەن تېمىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ، ئۇلىنىشىنى قالدۇرسىڭىز. ئەگەر يېڭى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل تەتقىقات نەتىجىسى چىقسا مەن شۇنداق دەيمەن. ئەمما بۇ تېمىدىكىدەك كونىلىرىنى يېڭىلىرى تېخىمۇ كۈچەيتۋاتسا نېمە دېسەم بولاتتى ئەمىسە.


مەنچە بىلگەجان مۇنبەردىكى ئىنكاسقا سەل سوغۇققان جاۋاب قايتۇرسىڭز بۇلاتتى. سىزنىڭكىگە قارشى چىققاننىڭ ھەممىسىنى ئىلمىيلىكى يوق يەنە مەن دىگەن مەنبەدە مۇنداق دىگەن سىزنىڭ زادى خاتا دىۋالسىڭز باشقىلارنى قايىل قىلىش كۈچىڭىز ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن.
========================
سىز ئىلمىيلىكى بار دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىسىز؟ قايسىڭلار ماۋۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۇنداق دېيىلمەپتۇ، مۇنداق دېيىلىپتۇ دەپ ئىلمىي بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار؟ ئەگەر مەن يازغان بۇ ماقالىدە ئىلمىي پاكىتقا زىت مەزمۇن بولسا ھازىر كۆرسىتىڭ ھەم شۇ مەزمۇننىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي دەلىللنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. بولمىسا ماڭا باشقىلارنىڭكىنى ئىلمىي دېمىدى دەپ دەرت ئېيتماڭ.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 01:00:25

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 09:10 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن ھەي ...

قەشقەر  ئىسلام  ئۈنۋىرسىتىدا  ئوقۇۋاتقان  چىغىمدا  مۇنداق  بىر  ئىش  بولغان  ،  
مەكتىۋىمىزنىڭ  شۇ چاغدىكى  تامىقى  كۈندىن كۈنگە ناچارلاپ كىتىپ  بىرىۋاتاتتى  ،بىر كۈنى  بىزنىڭ  سىنىپتىكى  بىر نەچچە  بالا  بىلەن  ئاشپەزلەر  تاماق  توغۇرلۇق  گەپ  تالىشىپ  قالدى ۋە  بىر  بالا  ‹سىنىڭ  تامىقىڭنى  ئىشەكمۇ  يىمەيدۇ...›  دەپ سالدى  ،بۇ  گەپ  مەكتەپتىكىلەرنىڭ  قۇلىقىغا  يىتىپتۇ    ، مۇئەللىمىمز  سىنىپقا  كىرىپ سىنىپ  باشلىقىمىزنى  ئورنۇدىن  تۇرغۇزۇپ    ‹  بايا  يۈسۈپ  قارىمنىڭ  دىگەن  گىپى توغرىمۇ  خاتا؟ ›  دەپ  سورىدى   ،سىنىپ  باشلىقىمىز  بىردەم  تۇرىۋىتىپ  ‹يۈسۈپ  قارىمنىڭ  دىگەن گىپىنىڭ  لەبزى(بىۋاستە  ئىيتىلىش  ، ياكى  ئوقۇلىشى)  خاتا ، ئەمما  شەرھىسى  (مەناسى  )  توغرا  ،  ھازىر  مەكتەپنىڭ  تامىقى  بەكلا  ناچارلىشىپ  كەتتى...›  دەپ  جاۋاپ  بەرگەن  ئىدى .  

سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنى  كۆرۈپ  بۇ  ئىشلار  يادىمغا  كىلىپ  قالدى  .   

بىر ئادەم   بىرەر  نەرسىنىڭ  خاتالىقىنى  تاپىمەنلا  دەيدىكەن  ئۇنىڭ شەرھىسىدىن  بولسۇن  ياكى  لەبزىدىن  بولسۇن خاتالىقنى  تىپى  چىقالايدۇ .   

دىمەكچى  بولغۇنۇم  ،  سىزنىڭ  پىكرىڭىز  ناھايىتى  ئورۇنلۇق  بولۇپتۇ .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 06:59:13

بىر ئوبدان ئىلمىي پاراڭلارنى پىتىغدىماڭلا باللا، بىلگىجانغا خۇسۇمىتىڭلا بولسا ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ دىيىشىۋىلىڭلا يا بولمىسا ئايرىم تەنقىد تىمىسى يوللاڭلا،  ئەلى قۇرباننىڭ پايتىسىمىنى ھەممە يەردە سۆرەپ يۈرمەي.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 07:18:50

Typography يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 11:01 static/image/common/back.gif
مەن مۇنبەردە شۇنى سەزدىمكى بىلگەجان ئۆزىنىڭ تېمىسىغا  ...

  كەسپى مۇنازىرە قىلغاندا شۇ كەسىپتىكىلەر قاتناشسا ياخشى بۇلاتتى،  كەسپى مۇنازىرىنى كەسىپ ئۇقمايدىغالار بىلەن قىلىش بەك تەس. قارىسىغا بىر ساھەنىڭ بۇسۇغىسىغا يىقىنلاشقانلارمۇ ئۆزىنى بىلىملىك ھىسابلايدىغانلارمۇ كۆپ...

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:05:15

مىنڭچە   بىلگەجاننىڭ  گەپلىرى   توغرا  ،
ئەلى  مۇئەللىم  ئىيتقان   ‹كونىلا رنىڭ  گىپى›مۇ توغرا .     

بىلگەجان ئىسپاتلاپ  چىققىنى  ‹يىشى  چوڭ  بولغاندا  تاپقان   بالىنىڭ  ئەقىللىق  بولۇپ  تۇغۇلىشى  خاتا › دىگەن  نەزىرىيە  ئىكەن .

كونىلارنىڭ  دىگىنى  بولسا  ‹چوڭ  بولغاندا  تاپقان  بالا  ئەقىللىق  چڭ بولۇدۇ› دىگەن  گەپ  .

‹تۇغۇلۇدۇ›  دىگەن  گەپ  بىلەن  ‹چوڭ  بولۇدۇ›   دىگەن  گەپنىڭ  پەرقىنى   ئايرىيالماستىن ئىختىلاپ  بولۇپ  قالمىسۇن .
بەت: 1 2 [3] 4 5
: (bilgejan) يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟