nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:41:22

Nijat:چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە (سۈرەتلىك)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   murad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 08:27  

چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە
نىجات مۇھەممەد ئىمىن
2014-يىلى9-ئاينىڭ22-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە

چوگىر چوققىسى ئىتالىيە قارارگاھىغا مېڭىش يولىدا . 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

  
     چوگىر چوققىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئاساسلىق چوقىلىرىدىن بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر،  ئېگىزلىكى چومۇلاڭما چوققىسىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان چوققا ھېسابلىنىدۇ."چوگىر" دېگەن سۆز تاجىك تىلىدا "ھەيۋەتلىك چوققا" دېگەن مەنىدە بولۇپ ،چوگىر چوققىسى جۇغراپىيلىك جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيسى چىگراسى ئىچىدە بولۇپ ،چوققىنىڭ جەنۇب تەرىپى پاكىستانغا جايلاشقان .چەتئەللىكلەر بۇ چوققىنى "K2" دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى "K" ھەرپى قاراقۇرام نىڭ ئىنگىلزچە يېزىلىشغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. "2" بولسا قارا قۇرام تېغىدىكى ئىككىنجى قېتىم تەكشۈرۈلگەن چوققىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چوگىر چوققىسىنىڭ  ئاساسىي قارارگاھ بىلەن بولغان ئېگىزلىك پەرقى 4500 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ ، ئوتتۇرىچە يانتۇلۇقى بولسا 45 گىرادۇستىن يۇقىرى،دۇنيادىكى چوققىلار ئىچىدە يامىشىش ئەڭ قېيىن چوققا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ تەلپۈنىدىغان جايلىرىدىن بىرىسى.
    چوگىر چوققىسى ئەتراپىنىڭ كىلىماتى، يەر شەكلى ناچار بولۇپ، قاغىلىق ناھىيسىنىڭ رېسكام كەنتىدىن تۆگە ،ئىشەك قاتارلىق تىرانسپورت ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە، پىيادە 7 كۈن يول ماڭغاندا تاغقا يامىشىش قارارگاھىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.كىرىپ چىقىشقا ئاز دېگەندىمۇ 20 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. تاغقا يامىشىدىغانلار بولسا ئىككى ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.1954-يىلى 7-ئايدا ئىتالىيەلىك ئىككى ئىكىپدىتسىيچى تۇنجى قېتىم چوگىر چوققىسغا ئوڭۇشلۇق ياماشقاندىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە 200 نەپەر ئەتراپىدىكى كىشى ئوڭۇشلۇق يامىشىپ چىقالىغان، 50 نەچچە كىشى بەخىتكە قارشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
نۆۋەتتە يىلىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن تەخمىنەن 40~50 نەپەر ساياھەتچى (ئاساسلىقى يەنىلا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر) چوگىر چوققىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ،دۆلىتىمىز ئارقىلىق چوگىر چوققىسىنىڭ شىمالى يېقىغا ساياھەتكە بارىدۇ.بۇ يىل پىقىرمۇ مۇشۇ 40~50 تەلەيلىك ساياھەتچىنىڭ بىرسى بولدۇم.تۆۋەندە مۇشۇ سەپەر جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى تورداشلارغا سۇنماقچىمەن:

سەپەر تەييارلىقى
    چوگىر چوققىسى توغرىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا جۇغراپىيە دەرسىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدۇق. 10 نەچچە يىل بۇرۇن ئاكا ئاغىنەم-قەشقەر ئاقيول خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇقېيۇمكام بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،چوگىر چوققىسغا بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى.ئابدۇقېيۇمكام شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تاغ ساياھىتىدىكى نوپوزلۇق باشقۇرغۇچى بولۇپ 20 نەچچە يىللىق تاغ ساياھىتى تەجرىبىسگە ئىگە، بۇ يىل بېشىدا ماڭا چوگىر چوققىسغا بېرىپ ئۆزەمنى بىر سىناپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى،مەنمۇ بەكلا قىزىقىپ قالدىم،بۇرۇن تاغ ساياھىتى قىپ باققان بولساممۇ ئۇزۇنلىرى 2~3 كۈنلۈك، ھەمدە ھەممسىسى دېگۈدەك ماشىنا بارالايدىغان جايلار بولۇپ ئوڭايلا تاماملىغان، بۇ قېتىم ئۆزەمنى بىر سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، ھەمدە كۈزلۈك تاغ ساياھىتى ئۆمىكى بىلەن بىللە چىقىشقا پۈتۈشتۇق.8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدا ئابدۇقېيۇمكامدىن تېلېفۇن كەلدى، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10 -ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئۆمەكنىڭ بارلىقىنى ، بارالايدىغان، ياكى بارالمايدىغانلىقىمى سورىدى.ھېسابلاپ كۆرسەم قۇربان ھېيت دەل مۇشۇ سەپەر ئۈستىدە ئۆتۈپ كەتكۈدەك،باشتا سەل ئىككىلەنگەندەك بولدۇم،يۇ يەنىلە قەتئىي قارارغا كەلدىم ھەمدە قانداق قىينچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم بارىدىغانلقىمنى دېدىم.
    ئابدۇقېيۇمكام رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشكە باشلىدى، چوگىر چوققىسى جۇغراپىيلىك جەھەتتە  چىگرا رايۇنغا ئورۇنلاشقانلىقتىن،ئۇ جايغا بېرىش ئۈچۈن ھەربىي تەرەپ، چىگرا باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن يول خېتى، ئىجازەتنامە قاتارلىقلارنى بىجىرىشكە توغرا كېلەتتى، ئالدىنئالا بىجىرمىگەندە ساياھەت كۈن تەرتىپىگە تەسىر يېتەتتى.رەسمىيەتلەر 9-ئاينىڭ باشلىرىدا چىقىپ بولدى.ئابدۇقېيۇمكام بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ كۈن تەرتىپ جەدۋىلىدىن بىر نۇسخا بەردى.كۆرۈپ چىقتىم، سەپىرىمىز 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىكەن. گورۇپپىدا مەندىن باشقا يەنە 6 ئەزا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئابدۇقېيۇمكامنىڭ شىركىتىدىكى بالىلار بولۇپ، تونۇيدىكەنمەن.قالغان 4 نەپىرى ئاۋىسترالىيەلىك ساياھەتچىلەر ئىكەن.شۇنداق قىلىپ سەپەر تەييارلىقىنى باشلىۋەتتىم،ئادەتتە بەدەن چىنىقتۇرۇشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرەلمىگەنلكىمدىن، تاغ سەپىرىگە كۆنۈش ئۈچۈن كۈنىگە 10~15 كىلومېتىرغىچە پىيادە مېڭىپ 10 نەچچە كۈن داۋاملاشتۇردۇم،  تاغ سەپىرىگە كېتىدىغان كەم كىيىملەرنى ئۇششاق چۈشەك يىمەكلىك، دورا دېگەندەكلەرنى تەييارلىۋالدىم.توردىن سېتىۋالغان يېڭى كامىرامۇ دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ قولۇمغا تەگدى."گۇگىل" خەرىتىسىدىن بارماقچى بولغان جاينىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىنى تازا ياخشى كۆرۈۋالدىم ، ھەمدە سۈرەتكە تارتىش نوقتىلىرىنى تەخمىنىي بەلگىلىۋالدىم.



گۇگىل خەرىتىسىدە تەقلىدى سىزىۋالغان سەپەر لىنىيسى . سېرىق لىنىيە ماشىنىلق،قىزىل لىنىيە پىيادە

رېسكام يولىدا



قاغىلىققا يېتىپ كەلدۇق


    9-ئاينىڭ22-كۈنى قەشقەردە ھاۋا چاڭ توزان، ئەسلى پىلان بويىچە يۈك تاقىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ تەييارلىق قىلدىم،توردىن ئەكەلدۈرگەن كامىرانىڭ تەڭشەكلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ بولالماي يېرىم كۈن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتتى، تەڭشەكلەرمۇ پۈتۈپ قالدى. شوپۇر قادىرجان 4 چەتئەللىكىنى ئېلىپ باشتا ماڭغاچ تۇردى ،شوپۇر ئابدۇراخمان، ساياھەت يېتەكچىسى ئەكبەرجان ۋە مەن ئۈچىمىز چۈشلۈك تاماقنى قەشقەردە بىللە يەپ سائەت 12 لەردە قاغىلىق ناھىيسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.ئابدۇشكۇركام كام قالغان ئىشلىرىنى بىجىرىۋېلىپ چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىدىغان بولدى. بىز ئولتۇرغان ماشىنا كىچىك پىكا ماشىنا بولۇپ تاغدا ئىشلىتىدىغان لازىمەتلىكلىرىمىزنى مۇشۇ ماشىنغا بېسىۋالدۇق،ئۈچىمىز يول بويى قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق.قاغىلىققا كەلگۈچە ھاۋا چاڭ توزانلىق بولۇپ ئاۋايلاپ ماڭدۇق،چۈشتىن كېيىن تەخمىنەت سائەت 4 لەردە قاغىلىق ناھىيسىگە يېتىپ كەلدۇق.ئەكبەرجان ناھىيگە چۈشۈپلا  چىگرا باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ 4 نەپەر چەتئەللىكنىڭ چىگرا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ چىقتى ۋە تىزلا  ناھىيە ئىچىدىكى "قارلىق شەھەر مىھمانخانىسى" غا ئورۇنلىشىۋالدۇق،ئەتە  بالدۇر يولغا چىقىدىغان بولغاچقا مىھمانخانا ئەتراپىدىكى ئاشپۇزۇلدىن ئاددىيلا تاماق يەپ ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدۇق. ئۆزەم يالغۇز ياتاققا ئورۇنلاشتىم، ئورۇن يەڭگىش سەۋەبىي بولسا كېرەك كېچىچە تازا ياخشى ئۇخلىيالمىدىم.


رېسكام يولىدا

سارداۋاندا دەم ئېلىش

رېسكام كەنتىگە يېتىپ كەلدۇق

رېسكام كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى

    9-ئاينىڭ23-كۈنى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ ،سائەت 7:30 دە قاغىلىقتىن رېسكامغا قاراپ يولغا چىقتۇق،قاغىلىقتا بۈگۈنمۇ چاڭ توزانلىق كۈن بولدى.ماشىنىدا بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن كۆكيار يىزىسىغا كەلدۇق.كۆكيار يېىزىسىدىن كەم قالغان لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېىلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. سائەت 12 لەردىن ئاشقاندا "كۈدە چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى" غا يېتىپ كەلدۇق،ھەمدە رەسمىيەتلەرنى كۆرسىتىپ  بىر سائەت ئىچىدە  بۇ پونكىتتىن ئۆتىۋالدۇق.داۋاملىق ئىلگىرلەپ سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ ئىگىز نوقتا "سارداۋان" غا كەلدۇق، بۇ يەردە بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار ئىكەن. ھەممىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىن ھوزۇرلانغاچ ئازراق ئارام ئېلىۋالدۇق.سارداۋاننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4980 مېتىر بولۇپ،ئەتراپتىكى تاغ  جىلغىلىرى بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن، ئېگىزلىك سەۋەبى بولسا كېرەك بېشىم "چىم " قىلىپ كىچىككىنە ئاغرىغاندەك بولدى.ماشىنىغا چىقىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن مازار داۋاندىكى بىرئاچالغا كەلدۇق، شەرق تەرىپى تىبەتكە ماڭىدىغان يولكەن، غەرب تەرىپى بولسا رېسكامغا ماڭىدىغان چىغىر يولكەن ،ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ مېڭىپ، ھايال ئۆتمەي يىلىكتىكى ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدۇق، بو تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كەتتۇق. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا بىر نەچچە سائەت تەكشۈرەتتىكەنتۇق.شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېىيىن سائەت 4 ئەتراپىدا رېسكام كەنتىگە يېتىپ كەلدۇق.
    رېسكام كەنتى قاغىلىق ناھىيسىدىن 300 كېلومېتېر يىراقلىقتا بولۇپ، سەپىرىمىزدىكى ماشىنا بارالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى نوقتا ھەمدە پيادىلىك سەپىرىمىزنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ھېسابلىنىدۇ.نوپۇسى 200 نەچچە بولۇپ. ئاساسەن قىرغىز چارۋىچىلاردىن تەركىپ تاپقان.رېسكامنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3500 مېتىر بولۇپ. ھاۋاسى قەشقەردىن خېلىلا سوغۇق ئىكەن.
    رېسكامغا يېتىپ كەلگندىن كېيىن ئۇدۇللا دانىيار قارىمنىڭ ئۆيگە چۈشتۇق.دانىيار قارىم بولسا ئۇزۇن يىل تۆگە تىرانسىپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇرۇن چوگىرغا تۆگىلەرنى ئۆزى يېتىلەپ كىرىپ چىقاتتىكەنتۇق.ھازىر قانداق ساياھەت ئۆمىكى كەلسە تۆگىلەرنى مۇشۇ كىشى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.ئۆزى بارمايدىكەن.ماشىنىدىن يۈك تاقىلارنى چۈشۈرۈپ ئاۋۋال ئاشخانا لازىمەتلىكلىرىنى قوراشتۇرىۋالدۇق، ئابدۇشكۇركام  تاماققا تۇتۇش قىپ كەتتى. تاماقمۇ بىردەمدە پىشىپ بولدى، كەچلىك تاماقنى يەپ، دانىياركامنىڭ ئۆيىدە ئارام ئالدۇق.

ئاساسىي قارارگاھقا  يۈرۈش قىلىش



تۆگىچى يىگىتلەر تۆگىگە يۈك ئارتماقتا

چوگىر پىيادە سەپىرىمىز مۇشۇ يەردە باشلاندى

    9-ئاينىڭ 24-كۈنى،ھاۋا ئوچۇق.سەھەر ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ، يۈك تاقىلارنى رەتلەپ چىقتۇق،شوپۇر قادىرجان بىلەن ئابدۇراخمان 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بىز سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا بىزنى ئالغىلى قايتا كېلىدىغان بولۇپ  قەشقەرگە يۈرۈپ كەتتى .دانىيار قارىم قىرغىز چارۋىچى ئابدۇغاپپار ۋە سالا ئىككەيلەننى 6 تۆگە بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئابدۇشكۇركام تۆگىچى بالىلار بىلەن يۈكلەرنى ئورۇنلاشۇتۇپ ئارقىمىزدىن يولغا چىقىدىغان بولدى، سائەت 9:30لاردا ئەكبەرجان ، مەن ۋە 4 نەپەر چەتئەللىك  ئاۋال يولغا چىقتۇق.ئىككى كۈنلۈك سەپەرنى ماشىندا ئولتۇرۇپ چارچاپ قالدىممۇ بۈگۈن پىيادە مېڭىشقا سەل كۆنەلمەي چارچىغاندەك ھېس قىلپ،2~3 كېلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن بىردەمدىلا كۆنۈپ كەتتىم.يولدا ئاندا مۇندا رودا توشۇيدىغان ماشىنىلارنى ئۇچقىتىپ قالدۇق، رېسكام كەنتىگە ئانچە يېراق بولمىغان يەردە كان بار ئوخشايدۇ،رودا توشۇيدىغان ماشىنىلار يولدىن چاڭ توزان چىقىرىپ ماڭغاچقا ، ماشىنىغا يول بېرىپ بىر چەتتە ماڭدۇق، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بۇ يولمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى، ماشىنىلار تاغنىڭ ئىچى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، بىزمۇ يالىقتىن دەريا قېىنىغا چۈشۈپ، دەريا بويلاپ يولنى داۋاملاشتۇردۇق، ئالامەت كۆرۈنۈشلەر، دەريانىڭ  ئىككى يېنىدىكى يالىق ئۈستىدىكى  دەريا سۈيى ئېقىتىپ شەكىللەنگەن شەكىللەر خۇددى ، مىسسىردىكى فىرئەۋىن ھەيكەللىرىدەك كۆرۈنەتتى، يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر يۇلغۇنلۇققا كەلدۇق، يۇلغۇنلۇقنىڭ ئۈستى تەرىپىدە چارۋىچىلار تاشتىن سالغان قوتان بار ئىكەن، ئەكبەرجان بىلەن ئىككىمىز بۇ يەردە بىر دەم ئارام ئالدۇق، 4 چەتئەللىك ئالدىمىزدا مېڭىۋەردى، ھايال ئۆتمەي تۆگە گورۇپپىمىزمۇ يېتىپ كەلدى،يەنە يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق، 16.8 كېلومېتېر يول يۈرۈش ئارقىلىق بۈگۈنكى قارارگاھىمىز "سۇ قېتىلىش" قا سائەت 6 لەردە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدۇق.بۇ جاي ئىككى دەريا سۈينىڭ قېتىلىدىغان يېرى بولغاچقا "سۇ قېتىلىش "  دەپ ئاتىلىدىكەن، ئەتراپىدا يۇلغۇنلۇق بولۇپ تۆگىلەرنىڭ دەم ئېلىپ ئوتلىشىغا ماس كېلىدىكەن، دەريانىڭ سۈيىمۇ ئىنتايىن سۈزۈك ئىكەن. ئۈچمىز ھە ھۇ دېيشىپ ئاشخانا ۋە مىھمانخانا چدىرىمىزنى تىكىۋالدۇق.ئابدۇشكۇركام تاماققا تۇتۇش قىپ كەتتى. لەغمەن قىپتىكەن، ئىككى تەخسە يەۋەتتىم.بۇ جايدا تېلېفون سىگنالى باركەن، ئەتىدىن تارتىپ سىگنال يوق رايۇنغا كىرىپ كېتىدىغنىمىز ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئامان ئېسەنلىك سورىشۋالدۇق .بۈگۈن يولدا سەل چارچاپ قالدۇقمۇ قانداق سائەت 9 بولمايلا ھەممىز ئارام ئېلىشقا باشلىدۇق.


دەريادىكى يالىق

تۆگە كارۋىنى

«سۇ قېتىلىش» قارارگاھىغا يېتىپ كەلدۇق

سۇ قېتىلىش


چۇڭقۇر ئۆتەڭ يولىدىكى كىچىك كۆۋرۈك

يولدا قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى

چۇڭقۇر ئۆتەڭ يولىدىكى جىلغا

سەپەردىكى پاۋۇل ۋە ئەكبەر

چۇڭقۇر ئۆتەڭ يولىدا

    9-ئاينىڭ 25-كۈنى ھاۋا تۇتۇق،سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ، چىدىرلارنى يىغىشتۇرۇپ، يۈك تاقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى قارارگاھقا قاراپ يولغا چىقتۇق.دەريا بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىدۇق، بەزى جايلاردا سۇدىن كەچتۇق،بەزى جايلاردا چارۋىچىلار سەپ قويغان كۆۋرۈكتىن ئۆتتۇق.تاغ باغرىدا بولسا قارىقاتلار ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، مىۋىسىمۇ پىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. تېتىپ كۆرۈپ باقسام ،سەل قاڭسۇق تېىتىدى. پىشىشقا سەل ۋاقىت بار ئوخشايدۇ.5~6 كېلومېتىېر يول يۈرگەندىن كېيىن قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى،ھاۋامۇ بىردىنلا سوۋۇشقا باشلىدى، قار توختايدىغاندەك ئەمەس، بارغانسىرى لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى، ئەتراپتىكى تاغلارنىڭ شەكلىنى تەستە پەرق ئەتكۈدەك  بوپ كەتتى.بۈگۈنكى يول يۇقرىغا قاراپ ئىلگىرلەيدىغان بولغاچقا تۆنۈگۈنكىدىن قىيىن تۇيۇلدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قارنىڭ سوغۇقىمۇ يولنى تەسلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى.ئارىلىقتا يولدا بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ سوغۇق سەۋەبىدىن داۋاملىق مېڭىۋەردۇق.قارىسام پاۋۇلنىڭ پوسما ،سومكىلىرىغا مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ.بۈگۈن 5 سائەتتە 12 كېلومېتىر يول يۈرۈش ئارقىلىق بۈگۈنكى قارارگاھ "چۇڭقۇر ئۆتەڭ" گە يېتىپ كەلدۇق.


چۇڭقۇر ئۆتەڭدىكى تاش ئۆيدە ئوت سۇندۇق

چۇڭقۇر ئۆتەڭدە چىدىر تىكىۋاتىمىز

    چۇڭقۇر ئۆتەڭ دېڭىز يۈزىدىن 4300 مېتىر ئېگىز بولۇپ،ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان،ئازراق كۆلەمدە يايلاق جايلاشقان جاي بولۇپ، رېسكامدىكى بەزى چارۋىچىلار چارۋا ئۇلاقلىرىنى ياز كۈنلىرى مۇشۇ يەردە باقىدىكەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇلار تاشتىن سەپ قويغان بىر نەچچە قوتان ۋە ئىككى ئىغىز تاش ئۆي بار ئىكەن، بۇ يەر ئىنتايىن سوغۇق بولىدىغان جاي بولۇپ، بۈگۈنكى قار ھاۋاسى بۇ يەرنىڭ سوغۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.
    چۇڭقۇر ئۆتەڭگە كېلىپ چارۋىچىلارنىڭ تاش ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالدۇق، تەلىيمىزگە ئىككى قىرغىز چارۋىچى تۆنۈگۈن مال بېقىش ئۈچۈن رېسكامدىن بۇ يەرگە كەپ ئوچاققا ئوت قالاپ ئىسسىنىپ تۇرۇپتىكەن. كىرىشىمىزگە ئۆي ئىچى شۇنداق ئىللىق تۇيۇلۇپ كەتتى.بىر سائەتچە ئىسسىنىۋالدۇق،باياتىن يول يۈرۈپ بەدىنىمىز خىلى ئىسسىق تۇرۇپتىكەن، ئەمدى ئوت قالاپمۇ توڭۇپ كەتتىم.
قار توختاپ ھاۋا سۈزۈلۈشكە باشلىدى.ئاڭغۇچە تۆگە ئەترىتىمىزمۇ يېتىپ كەلدى،يۈك تاقىلارنى چۈشۈرۈپ چىدىر تىكىشكە باشلىدۇق،ھاۋامۇ خىلى بەك ئېچىلىپ قالدى.كامىرانى قولۇمغا ئېلىپ ئەتراپنى  سۈرەتكە تارتىۋالدىم،ھاۋامۇ بارغانسىرى سوۋۇپ كەتتى.كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئاسمانغا قارىسام سامانيولى شۇنداق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، ئۈچپۇتنى  قوراشتۇرۇپ كامىرانى تىكلىدىم ۋە بىر قانچە پارچە سامانيولى سۈرىتى تارتىۋالدىم، خىلىلا ئوچۇق چىقىتى.كامىرانى يىغىشتۇرۇپ ، چىدىرغا كىرىپ ياتىدىغان جاينى راسلاپ ئارام ئېىلىشقا باشلىدۇق، ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ ئۇخلاش خالتىسى ياخشى بولغاچقا بۇ كېچىسى تۆنۈگۈنكىدىن ياخشى ئۇخلاپتىمەن.


ئېغىل داۋان يولىدا ئارام

ئېغىل داۋان ئۈستىدە

    9-ئاينىڭ26-كۈنى،ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا غەرب تەرەپتىكى تاغ چوققىلىرى شۇنداق چىرايلىق تۈسكە كىرىپ كەتتى. چىدىر يېنىدىكى ئىگىزلىككە چىقىپ بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم.يېنىپ چۈشۈپ ناشتىلىقنى يەپ، يۈك تاقىلارنى يىغۇشتۇرۇپ سائەت 9:30 ئەتراپىدا يولغا چىقتۇق. گۇگىل خەرىتىسىدىن بۈگۈنكى يولنىڭ ئىنتايىن قىينلىقىنى كۆرگەن ئىدىم،چۈنكى ئالدىمىزدا ئىگىزلىكى 4800  مېتىردىن ئاشىدىغان بىر داۋان بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆنۈگۈن ياغقان قار يولنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى. داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدۇق، نەچچە قېتىم تىزىمىزغا كەلگۈچە قارغا پېتىپ قالدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر ئەتراپىدا "ئېغىل داۋان" غا يېتىپ كەلدۇق ،داۋاننىڭ  شىمال تەرىپىدە بولسا ھەيۋەتلىك "گاشبرۇم چوققىسى ،جەنۇب تەرىپى بولسا چۇڭقۇر ئۆتەڭ جىلغىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا كىچىك بىر كۆل بولۇپ سۇلىرى مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ،سەپ سېىلىپ قارىسام كۆل بويلاپ بىر مۈشۈكسىمان ھايۋاننىڭ پۇت ئىزلىرى تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارشىسىغا قارسام تاغ باغرى يۆلىنىشىگە قاراپمۇ ئوخشاش بىر ئىز تۇرىدۇ. كۆل بويغا ئۇسسۇزلۇق ئىزدەپ چۈشكەن قار يىلپىزىنىڭ ئىزىمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم . ھەم ئىزىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم .سەل ئەنسىرىگەن بۇ يول بۆلىكىمۇ ئانچە قىينالمايلا تۈگەپ قالدى. ئارىلىقتا ئىككى نەپەر ئايال چەتئەللىك سەل قىينىلىپ قالدى بولغاي، داۋان بېشىدا ئۇلارنى سەل ساقلاپ قالدۇق،  ئاڭغۇچە چوگىر سەپىرىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر گورۇپپىدىكى  ساياھەتچىلەر داۋاننىڭ جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ كەلدى، قىزغىن كۆرۈشتۇق، بىزنىڭ قالغان ئىككى نەپەر ئەزام يېتىپ كەلدى. يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.


چوگىر سەپىرىدىن يېنىۋاتقان ساياھەتچى

    داۋاندىن چۈشۈشمۇ ئانچە ئوڭايغا توختىمىدى.داۋاندىن چۈشۈش يولى خىلى تىك بولغاچقا پۇت بارماقلىرىم سەل ئاغرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئايال چەتئەللىك سەپەردە سەل قىينىلىپ قالغاچقا ، بىرسىنىڭ يۈك تاقىسىنى مەن كۆتۈرىۋالغان ئىدىم.داۋاملىق داۋاندىن چۈشۈپ 8 سائەت يول مېڭىش ئارقىلق دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىز بولغان  قىرچىن دەريا بويىغا يېتىپ كەلدۇق.بىز كەلگەن يول بىلەن دەريا قىنى خىلى پەرقىلق بولۇپ ئالدىمىزدا 30~40 ئىگىزلىكتىكى ياردىن چۈشۈشكە توغرا كېلىدىكەن ، شۇڭا تەتۈر يۆلىنىشتە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن دەريا قېىنىغا چۈشىدىغان بىر تۆشۈك ئارقىلىق دەريا قېنىغا چۈشىۋالدۇق، ھەمدە غەرب تەرەپكە دەريا بويلاپ 2 كېلومېترچە ماڭغاندىن كېيىن بۈگۈنكى قونالغۇمىز "قىرچىن دەريا" قارارگاھىغا يېتىپ كەلدۇق.


داۋاندىن چۈشۈپ قىرچىن دەرياسىغا چۈشىدىغان يولدا

    قىرچىن دەرياسى ، يەكەن دەرياسىنىڭ غول ئېقىنلىرىدىن بىرى بولۇپ ، قاراقۇرام تاغلىرىدىكى قار مۇزلارنىڭ ئىرىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. سۇ مىقدارىمۇ كۆپ بولۇپ،دەريا نىڭ  كەڭ جايلىرى ھەتتە بىر نەچچە كېلومېتېر كېلىدۇ، 7-8- ئايلاردا سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ يەردىن ئادەملەر پىيادە ئۆتۈش تۈگۈل ، تۆگىنىڭ ياردىمىدە ئۆتۈشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ، شۇڭا  چوگىرغا كېلىدىغانلار، ئاساسەن دەريانىڭ سۇ مىقدارى ئاز بولغان 4-5-ئاي  ياكى 9-10-ئاي مەزگىللىرىنى تاللايدۇ.


قىرچىن دەريا بويىدا تارتىلغان سامانيولى

    بۈگۈن بۇ قارارگاھقا سەل كەچرەك يېتىپ كەلگەن بولساقمۇ ناھايتى تىزلا چىدىرلارنى تىكىپ ئورۇنلاشتۇردۇق،ئابدۇشكۇركاممۇ چاقماق تىزلىكىدە تاماقلارنى تەييار قىلدى. ھەممىمىز تازا ھىرىپ كەتتۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆنۈگۈن كېچە بولغان سوغۇقتا ئازراق زۇكام بوپ قاپتىمەن، شۇڭا تاماقنى يەپ بولۇپ، زۇكام دورامنى ئىچىپ سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئۇخلاشقا جابدۇدۇم.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:56:32

داۋامى بار.....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:14:50

پەچەت ساياھەت بوپتۇ. خاتىرىمۇ ئېسىل يېزىلىۋاتىدۇ. سۈرەتلەر ئۇندىن چىرايلىق تارتىلىپتۇ. :lol داۋامىغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:23:20

يۇرتىمىزنىڭ تاغ-سايلېرىمۇ ئادەمگە گۈزەل كۆرىنىدىكەن.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:32:29

بىر ئوت چۈشۈرۈپ قويدۇڭلىغۇ ژۈرەككە

ھورونلىقىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا مۇشۇنداق سەپەرگە بۆلەكچە ئىشقىم با

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:34:10

گۈزەل بىر خاتىرە بوپتۇ نىجادكا {:112:}

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:14:02

رەسىمدا ھېچقاندان مېتاداتا يوق. قانداق كامىرا ئىشلەتتىڭىز، aperture, ISO, shooter speed لارنى قانداق تەڭشىدىڭىز، قانداق لىنزا ئىشلەتتىڭىز بىلەلمىدىم.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:56:57

سامانيولى پەچەت چىقىپتۇ. بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئەمما

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:23:57


ئېسل ساياھەت خاتىرسى، ئۆتكەن يېلى بۇغدا چوققىسغا بارغان ئىدىم . چوگىر چوققسىنڭ قېينچىلىقى ئالدىدا بۇغدا چوققسى ھېچىنمە ئەمەسكەن . داۋامغا تەشىنامەن .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:36:12

ناھايىتى ياخشى  ساپەر بوپتۇ.  بىزلەرگە قاچانمۇ نىسىپ بولۇر دەيمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:36:39

ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىز ئوقوساق .

musapir123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:49:05

تازا قىززىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم،  ئاخىرى قاچان يوللىنار؟

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:55:41

كىشى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس ساياھەت بوپتۇ.داۋامىغا تەشنامىز.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 21:17:56

سىزنى ئۇنداق ئېگىز چوققىدا ئىس تۇتۇۋالمىدىمۇ ؟ مەن بەشمىڭ مېتىرلىق چوققىدا تاس قالغان ئوكسىگېن يېتىشمەي رەھمەتلىك بوپ كەتكىلى…ياكى ئوكسىگېن باكى  ئېلىۋالدىڭلارمۇ ؟
GPS ھەم سۈنئى ھەمراھ تېلېفونى باردۇ يېنىڭلاردا؟

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 21:19:50

ئكسپىددتسيە ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇشكۇل ئەمما كۆڭۇللۇك بىر تەۋەككۇلچىلك . مەن مۇشۇنداق تەۋەككۇلچىلكنى تەلەپ قىلىدىغان پائالىيەتنى ياخشى كۆرىمەن.
         ئەپسۇس مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇپتىمەن ، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئكسپىددتسيە جەريانىنى سىنغا ئېلىۋىلىپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئشلەيتتىم ئەمەسمۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 21:20:20

قانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭدىڭلار،تەپسىلى دەپ بېرىڭە،مەسىلەن ماگنىيلىق سەرەڭگىگە ئوخشاش ئۇششاق چۈششەكلەردىن باشلاپ

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 21:33:53

بۇنداق ساياھەت جاپالىق بولسىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى باشقىچە بوشاپ قالىدۇ-دە.
سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى قىممەت بولسىمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا بەك ئەسقاتىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ تېلفونى توردىغۇ باركەن، جۇڭگودا شەخسلەرگە ئىشلەتكىلى قويامدىغاندۇ؟
تېمىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 22:59:51


قىرچىن دەريا قارارگاھىدا يۈك تاقا يىغىشتۇردۇق

تۆگە كارۋىنى قىرچىن دەرياسىدىن ئۆتمەكتە

    9-ئاينىڭ27-كۈنى ھاۋا ئوچۇق،بۈگۈن ئادەتتىكىدىن سەل ۋاقچىراق ئورنىمىزدىن تۇردۇق،كېچىچە ئالدىنقى كۈنلەردىكىدەك ئانچە كۆپ ئويغىنىپ كەتمىگەن بولساممۇ زۇكام سەۋەپلىك تازا ياخشى ئۇخلىيالمىدىم.ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ، دورامنى ئىچىۋالدىم، يۈك تاقىلارنى جابدۇپ،سائەت 10:30 لاردا كېيىنكى قارارگاھقا قاراپ يولغا چىقتۇق،زۇكام سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىمدە ماغدۇر يوق، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئابدۇشكۇركام ئىشەك مىنىۋىلشىمنى تەۋسىيە قىلدى.ئىشەككە مىندىم ۋە داۋاملىق دەريا بويلاپ ئىلگىرلىدۇق، ياخشى بولسىمۇ ئىشەككە مىنىۋاپتىمەن،باياتىندىن بېرى ئاز دېگەندىمۇ 7~8 قېتىم دەريادىن ئۆتتۇق،ئىشەك ئۈستىدە تۇرۇپمۇپۇتلىرىم نەچچە قېتىم سۇغا چىلىنىپ كەتتى. يول بويى كامىرادىن ئەنسىرىدىم ،ئەگەردە كامىرادىن مەسىلە چىقسا بۇ قېتىمقى پىلانىم ئورۇندالماي قالاتتى، شۇڭا ئىشەك ئۈستىدە  كامىرانى سۇلىياۋ خالتىغا ئوراپ سومكىسغا سېلىۋالدىم.


تۆگە كارۋىنى قىرچىن دەرياسىدىن ئۆتمەكتە

دەريا كەچمەسلىك ئۈچۈن تاغ باغرىنى بويلاپ ماڭدۇق

دەريا كەچمەسلىك ئۈچۈن تاغ باغرىنى بويلاپ ماڭدۇق

    قارا يۇلغۇنغا كەلگەندە ئىشەكنى تۆگىچى بالىلارغا قوشۇپ قويۇپ پىيادە مېڭىشقا باشلىدىم.ئامال بار سۇنى ئاز كېچىدىغان يوللار بىلەن ماڭدۇق، تۆگىچى بالىلار سۇ كېچىپ ماڭدى.يولنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئىشەك راستىنلا ماڭالمىغۇدەك ئىكەن.داۋاملىق ئىلگىرلەپ چۈشتىن كېيىن 5:40 ئەتراپىدا بۈگۈنكى نىشانىمىز- "قىزىل يۇلغۇن" قارارگاھىغا يېتىپ كەلدۇق.مانا ئاساسىي قارارگاھقا يەنە بىر كۈنلۈك يول قالدى. ۋاقىت ھېسابلىشىم بويىچە كەچقۇرۇن 6:40 دىن بۇرۇن چوگىر چوققىسىنىڭ كەچكى شەپەقتە تازا قىزىرىدىغان پەيتى ئىدى.يەنە 3~4 كېلومېتىر يول يۈرسەم بۇ مەنزىرىنى تارتىيالايتىم.لېكىن ۋاقىت قىستاپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن بېرىشتىن ۋاز كەچتىم ۋە ئەتە ئۆزەم يالغۇز بالدۇر بېرىشنى پىلانلاپ يول كۆرگىلى داۋاملىق ئىلگىرلىدىم. قالغان ئەزالار چىدىر قۇراشتۇرۇپ قالدى. يولنى كۆرۈپ بولۇپ تەخمىنەت 40~50 مېنۇتلاردىن كېيىن يېنىپ كەلدىم.ئابدۇشكۇركام پولو ئېتىپ قويۇپتۇ، بىر چىنە يېۋەتتىم.كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئابدۇشكۇركام مېنىڭ زۇكام ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس رېتسىپى بويىچە  دورا قاينىتىپ ئەكىرىپ بەردى.دورىنى ئىچىپ ئۇخلاش خالتىسغا كىرىپ دۈملىنىپ ئارام ئەپ كەتتىم.


«قىزىل يۇلغۇن» قارارگاھىغا يېىپ كەلدۇق
   


كىندىك تاشقا ئاز قالدى

چوگىر چوققىسى تۇنجى كۆرۈنىدىغان جاي

    9-ئاينىڭ 28-كۈنى ھاۋا ئوچۇق،جەنۇب تەرەپ ئاسماندا بولسا ھاۋا ئازراق بۇلۇتلق.تۆنۈگۈنكى پىلانىم بويىچە سەھەر تۇرۇپ ،ئازراق ناشتا قىلدىم ۋە زۇكام دورامنى ئىچىپ ،سائەت 7:30 ئەتراپىدا ئىشەكنى يېتىلەپ "كىندىك تاش" تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم،تەخمىنەن بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن تاغ جەينىكگە كەلدىم،گۇگىل خەرىتىسىدىن كۆرۈۋالغان يول بويىچە مۇشۇ جەينەكتىن ئازراق ئۆتسەكلا چوگىرنى تۇنجى قېتىم كۆرگىلى بولاتتى. تاغ جەينىكىنىڭ يېىندا بىر ئىقىن بولۇپ ، بۇ ئىقىندىن ئىشەكنى مىنىپ ئۆتۈپ ئىقىننىڭ قارشىسىغا 300~400 مېتىر ئالدىغا ماڭدىم ، پاھ ! مانا چوگىر چوققىسى كۆز ئالدىمغا نامايەن بولدى،لېكىن سول تەرەپتىكى تاغ چوگىرنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك قىسمىنى توسۇۋېلىپ سۈرەتكە ياخشى تارتالمىدىم، گۇگىل خەرتىسىدىن پىلانلاپ قويغان نوقتىغا باراي دېسەم ئالدىدىكى ئىككى دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن، ئىشەكنى يېتىلەپ نەچچە قېتىم سىناپ باقساممۇ ئىشەك قورقتى بولغاي، ئۆتكىلى ئۇنىمىدى، بۇ پىلانىمدىن ۋاز كېچىپ ئارقىغا قاراپ ماڭدىم.دەل تاغ بوينىقىغا كەلگەندە گورۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ دەل مۇشۇ جايغا كەپ تۇرۇپتىكەن ، بويناق ئارقىلىق ئاساسىي  قارارگاھقا يۈرۈپ كەتتۇق.


ئارقىمغا قايتىپ باشقا ئەزالار بىلەن بىللە بويناق ئارقىلىق ماڭدۇق

بويناقتىن تارتىلغان چوگىر چوققسى

بويناقتىن تارتىلغان تۆگە كارۋىنى

بويناقتىن چۈشتۇق

    بويناق ئارقىلىق ماڭىدىغان يول تاغ باغرىدا بولۇپ، بۇ يول بويچە ماڭساق ،ئاساسەن سۇ كەچمەي ماڭىدىكەنمىز،بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن چوگىر كۆرۈنۈشكە باشلىدى.كۆرۈنۈش بۇلۇڭى ئەتىگەن كۆرگىنىمدىنمۇ ياخشى كۆرۈندى،بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم، لېكىن چوققىنىڭ ئەتراپىدا بۇلۇت كۆپ بولغاچقا تازا ياخشى چىقمىدى.بويناقتىكى يولنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىدۇق،  بويناقتىن چۈشسەك بۇ يەردىمۇ يۇلغۇنلۇق باركەن، بۇ يەردە 20 مېنۇتچە ئارام ئېلىپ ، يولنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق. تۆگىچى بالىلار ئىشەكنى ماڭا بېرىپ ،ئالدىمىزدا ماڭدى. مەن ئىشەكنى يىتىلىۋالدىم، بۇ جانىۋارنىڭ بۈگۈن قوسىقى ئاچ قالدى بولغاي، نەدە ئوت چۆپ كۆرسە شۇ  يەردە ئوتلاپ تۇرىۋىلىپ ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىۋەتتى. ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭغانسىرى چوگىر چوققىسىمۇ ئالدىدىكى تاغ ئارقىلىق توسۇلۇپ ئاستا ئاستا كۆرگىلى بولمىدى.ئالدىمىزدا چوققا تەرەپتىن كەلگەن بىر ئىقىن پەيدا بولدى. ئىشەككە مىنىپ ئاسانلا ئۆتىۋالدىم.ئېقىندىن ئۆتۈپ تەخمىنەت 2~3 كېلومېتىر مېڭىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 لەردە ئاساسىي قارارگاھقا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىق بولۇپ، بۇ جايدا كەڭ كەتكەن سۆگەت ۋە يۇلغۇنلۇق باركەن، ئۆستەڭدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار بەك سۈزۈككەن.ئارىلىقتىكى كەڭرى چىملىقنى تاللاپ چىدىر تىكىۋالدۇق.


ئاساسىي قارارگاھقا مېڭىش يولىدا

يېڭى سۆگەت ئاساسىي قارارگاھى

ئاساسىي قارارگاھتا تارتىلغان سامانيولى

    بۈگۈن كەچتە چىرايلىق ئايدىڭ بولدى. سائەت 9:00 لاردا ئايمۇ پېتىپ ، جەنۇبىي ئاسماندا سامانيولىنىڭ سىماسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى، چىدىرنى ئالدى كۆرۈنۈش قىپ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:01:30

داۋامى بار....

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:33:09

ئىچىمگە ئوت سالدىڭىز!

مۇشۇنداق ساياھەتكە ھېرىسمەن. خىزمەت، ئۆي ئارىلىقىدا قېرىيدىكەنمىز. ياش-ياش چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۆرسەم ئويغا پاتىمەن. بىز قانداق ئىنسان، ئۇلار قانداق؟

قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقماي قېرىغان خىزمەتداشلىرىم بار. 30 كىلومېتىرلىق يېزىدىن بىر ئۆمۈر قەشقەر شەھەرنى كۆرمىگەن ئاپئاق ساقاللىقلار ھەم بار.

بۇ نىمە ئۈچۈن؟

سىزگە ھەۋىسىم كەلدى!
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: Nijat:چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە (سۈرەتلىك)