kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 20:47:04

چوگىر چوققىسى بەھەيۋەت، مەنزىرىلىك، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان ئېسىل چوققا بولغىيدى...
بىر يىلى قاغىلىقتىن تىبەتكە مېڭىپ قاپتىمەن. يولدا ماي ئىسكىلاتى يوق دېگەن يالغان خەۋەرگە ئىشىنىپ سۇلىياۋ باكقا بېنزىن قاچىلاپ مېڭىپتۇق. 3-داۋانغا كەلگەندە(ئالىيغا بارغىچە ئۆتىدىغان داۋاننىڭ ئەڭ ئىگىزى) ماي چايقىلىپ ئاققىلى تۇردى، ماشىنىغا قۇيىۋېتىپ ماڭىلى دەپ ماشىنىنى توختىتىپ پەسكە چۈشكەن بار، ئالىيغا بېرىپ بىر ھەپتىگىچە ئېسىمگە كېلەلمىگەن.
ئۇ چاغلار ئايدا پەقەت ئۈچ كۈن ماشىنا ماڭاتتى. ھاۋا شالاڭ تۈپەيلى تاغلار قاپقارا ھېچنېمە ئۇنمەيدىكەن. ئەمدى يەنە ئۆتۈش پۇرسىتى كەپ قالسا چوقۇم خاتىرە يازىمەن.
سىزگە ئاللاھ دىن ئامانلىق تىلەش بىلەن ئۇتۇق تىلەيمەن...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 22:24:04

sarwan يوللىغان ۋاقتى2014-11-2 18:14 static/image/common/back.gif
رەسىمدا ھېچقاندان مېتاداتا يوق. قانداق كامىرا ئىشلەتت ...

بەلكىم رامكىغا ئېلىش جەريانىدا يوقاپ كەتكەندۇ، مەسىلەن، رەسىمنى فوتوشوپتا يېڭى قۇرغان قەغەزگە چاپلاپ ساقلىسا، ئاپپارات ماركىسى، فوكۇس ئارىلىقى... ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 23:10:11

مۇشۇ يەرگىلا يازاي،كۆپچىلىككە لازىم بوپ قالسا پايدىلىنار

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 23:14:05

ئىچىم ئەجەپ قاينىدى....ئادەم ھاياتىدا مۇشۇنداق بىر كاتتا دالا ساياھىتىنى باشتىن ئۆتكۈزسە،نىمىدىگەن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە ھە ! چەتئەللىكلەر نەچچە مىڭ چاقىرىم يەرلەردىن كىلىپ ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىۋاتقان...
‹‹بەزەن بىزلەر›› 6-قەۋەتتىكى ئۆيگە چىقىشقىمۇ ئۇف،پۇف...دەپ ھالىمىز قالمايۋاتقان .
ئاللاھ خالىسا مۇشۇنداق بىر سەپەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققىم بار .
يارايسىز نىجات ! داۋامىغا تەشنابىز.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 23:34:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-5 23:44


ئالدىمىزدا كەلگەن گورۇپپا بۈگۈن قايتتى

ئاساسىي قارارگاھنىڭ تاغ باغرىدىن كۆرۈنۈشى


چوگىرغا يېقىنلىشىش

    9-ئاينىڭ29-كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق،تۆنۈگۈنكى ھارغىىنلىق سەۋەبىدىن بۈگۈن سائەت 7:00 لەردە ئورۇنىمىزدىن تۇرۇپتۇق. كېچىچە خىلى يامان ئەمەس ئۇخلاپتىمەن.ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتىن كېيىن زۇكام دورامنى ئىچىۋالدىم. بۈگۈنكى پىلانىمىز چىدىردا بىر كۈن ئارام ئېلىپ ئەتىكى يولنىڭ قىيىن بۆلىكىگە ماغدۇر توپلاش ئىدى. بىزدىن بۇرۇن كەلگەن گورۇپپا بۈگۈن قايتماقچى ئىكەن، ياندىكى ئېگىزلىككە چىقىپ ئۇلارنىڭ تۆگە ئەترىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. كېيىن چىدرغا قايتىپ 1~2 سائەت ئەتراپىدا يېنىمغا ئېلىۋالغان كامېرا قوللانمىسىنى كۆرۈپ چىقىتىم.ھەش پەش دېگۈچە چۈش بولدى، ئابدۇشكۇركامغا ئازراق بولسىمۇ تاماققا ياردەملەشتىم.چۈشلۈك تامانى يەپ بولۇپ ئازراق ئارام ئالدۇق.
    بۈگۈن ھاۋانىڭ سۈزۈكلىدىن قوللىرىم قىچىشىپ ،ئارقامغا يېنىپ تاغ باغرىغا چىقىپ چوگىرنىڭ كۈن پاتقان چاغدىكى گۈزەل ھالىتىنى بىر سۈرەت تارتىپ بېقىش ئويىغا كەلدىم.بىر نەچچە يىللىق تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا ،تاغدىكى ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى بەك تىز بولۇپ ئوپ ئوچۇق تاغ ھاۋاسى 5 مېنۇت ئىچىدىمۇ بولۇتلۇق بوپ قالىدىغان ئىش، شۇڭا تاغ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتقاندا پەيتنى كەتكۈزۈپ قويسا،ھەر قانچە ساقلىسىمۇ پۇرسەت كەلمىكى تەس. ئەتە ھاۋانىڭ قانداق بولىدىغىنى ماڭا نامەلۇم، شۇڭا پۇرسەتىنى تۇتۇپچۈشتىن كېيىن 4:30 لەردەسۈرەت تارتىش ئۈچۈن يالغۇز يولغا چىقتىم. ھېسابىم بويىچە 6:30 دىن بۇرۇن سۈرەت تارتىش نوقتىسىغا چىقىپ بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۈگۈن زۇكامدىن تولۇق ساقىيىپ بولالمىغان بولساممۇ يەن غەيرەت قىلدىم، بىر سائەت يول يۈرۈپ تۆنۈگۈن ئىشەكتە ئۆتكەن دەرياغا كەلدىم. ئايىغىمنى سېلىپ ، شىمنى تۈرۈپ دەريادىن بىمالاللا ئۆتىۋالدىم. دەريا سۈيى بەك سوغۇق ئىكەن.تاغ باغرىدىكى يولنىمۇ ئاسانلا تېپىۋالدىم.كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغان ئىدى. مەن يەنە غەيرەت قىلمىسام بولمايتتى. چوگىرنىڭ گىرۋەكلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۆزۈميالغۇز بولغاچقاتاغ يولىدا ئىزىپ قالماسلىق ئۈچۈنئايىغمنى يەرگە سۈرۈپ ئىز چىقىرىپ ماڭدىم. مانا ئاخىرى ئۆزەم بارماقچى بولغان نوقتىغا باردىم. ھاۋا شۇنداق سۈزۈك ، ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق بولۇپ ، چوگىر چوققىسى كۈن نۇرىدا ئالتۇندەك ساغىرىپ تۇرۇپتۇ. شۇ ھاياجاندا چوگىرنى كۈننىڭ قىزىللىقى يوقىغىچە تارتىپتىمەن.


ئالتۇن رەڭ چوگىر

ئالتۇن رەڭ چوگىر

كۈن پېتىشتىن ئاۋالقى چوگىر

كۈن پېتىش ئالدى كەينىدىكى چوگىر

    سۈرەتنى تارتىپ بولۇپ، دەرھال تاغدىن چۈشۈشنى باشلىدىم. چۈنكى سەل كەچ قالسام يولنى پەرق قىلماق تەسكە توختايتتى، ھەم بۇ تاغ بۆلىكىدە بۆرە بار دەپ ئاڭلىغان.تاغدىن چاقماق تىزلىكىدە چۈشۈشكە باشلىدىم، يېرىم سائەتلەردە تاغدىن چۈشۈپ دەريا بويىغا يېتىپ كەلدىم.دەريادىن ئۆتۈپ داۋاملىق چىدىر تەرەپكە يول ئالدىم. چىدىرغا ئاز قالغاندا يىراق ئالدى تەرەپتىن قولچىراق نۇرى كۆرۈندى، يېقىن بېرىپ قارىسام ئابدۇشكۇركام ۋە ئابدۇغاپپارلار مەندىن ئەنسىرەپ ئالدىمغا چىقىپتۇ، ئۇلاردىن مەمنۇنبولدۇم. قايتىپ كېلىپ تاتقان سۈرەتلەرنىباشقا ئەزالارغا كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۆزۈممۇ بىر باشتىن كۆرۈپ چىقتىم.ئۈچ پارچىغا يېقىن سۈرەت كۆڭۈلدىكىدەك چىقىپتۇ. بۈگۈن تاغ باغرىغا بارغىنىمغا ئىنتايىن رازى بولدۇم. سەپەر ھاردۇقى چىقىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم.


تاغ باغرىنى بويلاپ ئىلگىرلىدۇق

تاغ باغرىدىكى ئېگىز نوقتىدا ئارام ئالدۇق

    9-ئاينىڭ 30-كۈنى ھاۋائىنتاتىن ئوچۇق،سەھەر تۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ، گورۇپپىدىكى ئەزالار بىرلىكتە بۈگۈنكىنىشانىمىزنى بىكىتىۋالدۇق،پاۋۇل بىلەن ئىككىمىز 16 كېلومېتر يىراقلىقتىكى ئىتالىيە قاراگاھىغابېرىشنى ، قالغانلار بولسا 9 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى پاكىستان قارارگاھىغا بېرىشنى پۈتۈشتۇق،ھەمدە ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق تۆلۈك،چىدىر ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ سائەت 10لاردا يولغا ئاتلاندۇق.
    ئاساسىي قارارگاھنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3900 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىتالىيە قارارگاھىغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى يول بار ئىكەن. بىرى ئارقىغا يېىنىپ دەريادىن ئۆتۈش نوقتىسغا بېرىپ دەريا بويلاپ يۇقىرى ئىقىنغا ئىلگىرلەپماڭىدىغان يول، بۇ يول سەل ئاۋارىچىلىق ھەم ئۇزۇن ئىكەن.يەنە بىر يول بولسا ئاساسىي قاراگاھتىن تاغ باغرىنى بويلاپ جەنۇب تەرەپكە يامىشىپ يەنە تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا سىيرىلىپ چۈشىدىغان يول ، بۇ يول سەل قىسقا ئىكەن.


Z شەكىللىك تاغ باغرى يولىدىن چۈشىۋاتىمىز

Z شەكىللىك تاغ باغرى يولىدىن چۈشىۋاتىمىز

    بىز ئىككىنجى يولنى تاللىدۇق .بۈگۈنكى يول بۆلىكى ئاساسەت ئېگىزگە ئۆرلەيدىغان بۆلەك بولۇپ، قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى ئىكەن. بۇ يول بۆلىكىدە ماڭغاندا ھەربىر ئەزا يېنىدا ئېلىۋالىدىغان يۈك ئەڭ ياخشىسى 5 كېلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا ياخشى بولىدىكەن.مەنمۇ تەخمىنەن شۇ 5~6 كېلوگىرام كېلىدىغان كامىرا ئۈسكىنىلىرىمنى يېنىمغا ئېلىپ ئاتلاندىم.


چوگىرنىڭ تاغ باغرىدىن كۆرۈنىشى

    ئادەتتە ئىتالىيە قاراگاھىغا بېرىشتىن ئاۋۋال پاكىستان قارارگاھىدا بىر كۈن قونىدىغان ئىش باركەن. بىز ئەھۋالغا قاراپ بىر نىمە دەيلى دەپ ئالغا ئىلگىرلىدۇق.پاكىستان قارارگاھىغا بارىدىغان يول سەل غەلىتە بولۇپ ، تاغ باغرى سەل تىك بولغاچقا ئاۋۋال "Z" شەكىللىك تاغ باغرى يولى بىلەن ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول يۈرۈپ تاغ ئۈستىگە چقىتۇق، ھەمدە ئەزالار سەل چارچاپ قالدىمۇ قانداق، بۇ يەردە ئارامئالدى. مەن نىشانغا بالدۇرراق باراي دېگەن مەقسەتتە ئالدىدا ماڭغاچ تۇردۇم. ماڭا ماڭا تاغدىن چۈشىدىغان جايغا كەلدىم، بۇ جايدىمۇ يەنە شۇ "Z" تاغ باغرى يولىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىدىم، بۇ يول ھەم تار، ھەم تىك بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا تۆۋەندىكى جىلغىغا دومىلاپ كېتىدىغان خەتىرى باركەن. شۇڭا ناھايىتى ئاۋايلاپ چۈشتۈم.تەخمىنەت چۈشتىن كېيىن 1:30 لاردا مەن ، پاۋۇل، ئەكبەرجان ، ئىككى تۆگىچى يىگىت ئېگىزلىكى 4100 مېتىر بولغان پاكىستان قاراگاھىغا يېتىپ كەلدۇق.


پاكىستان قارارگاھىدا ئارام

پاكىستان قارارگاھىدىكى مۇز ئېغىزى

    چوگىرنى بويلاپ ساڭگىلىغان نەچچە ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇزلۇقنىڭ ئۇچى تەرىپى دەل مۇشۇ يەردە كۆز ئالدىمىزغا نامايان بولدى. بۇ مۇزلۇق شۇنداق ھەيۋەت بولۇپ،ئېگىزلىكى 10 نەچچە قەۋەتلىك بىنادىنمۇ ئېگىز ، كەڭلىكى 300 مېتىرلارچە دەپ پەرەز قىلدىم.بۇ نوقتىدا بۇ مۇزلۇق چوگىرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى توسىۋالىدىغان بولۇپ،چوگىر ئانچە گەۋدىلىك كۆرۈنمەيدىكەن.مۇزلۇقنىڭ غەرب تەرىپىدىكى تاغ ئازراق گۆمۈرلۈپ چۈشۈپ، ئىتالىيە چىدىرىغا بارىدىغان يولنى توسۇپ قويۇپتۇ،چوگىرنى كۆرگىلى كەلگەنلەر كۆپىنچە مۇشۇ جايدىن قايتىدىكەن.
    بۇ جايدا ئارام ئالغاچ، قالغان ئەزالارنى ساقلىدۇق،مىككىي ئابدۇشكۇركامنىڭ ياردىمىدە "Z" شەكىللىك تاغ باغرىدىن چۈشۈپ چوگىرنى كۆرۈپلا ئارقىغا يېنىپتۇ. جىم بىلەن مارىيا سەل ئەنسىرەپ قالدىمۇ قانداق ،تاغدىن چۈشمەي تۇرۇپلا ۋاز كېچىپتۇ. يېرىم سائەتتەك ئارام ئېلىپ يولنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدۇق. تۆگىچى بالىلار چىدىر ۋە باشقا لازىمەتلىكەرنى ئىشەككە بېسىپ ماڭدۇرۇپ ئەكەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپگە ئىشەك تۆگە دېگەندەكلەر چىقالمايدىغان بولۇپ، يۈكلەرنى بۇ ئىككىيلەن يۈدۈپ ماڭىدىغان بولدى.   شۇنداق قىلىپ بەشىمىز سائەت 2 لەردە ئىتالىيە قارارگاھىغا قاراپ يول ئالدۇق.


ئىتالىيە قارارگاھىغا ئىلگىرلىدۇق

چوگىر چوققىسى توسالغۇسىز كۆرۈنۈشكە باشلىدى

داۋاملىق ئىلگىرلىدۇق


    مۇزلۇقنىڭ غەرب تەرىپىنى بويلاپ ئىلگىرلىدۇق.ھىلىمۇ ياخشى ئەتراپتا بۇرۇنقىلار قالدۇرۇپ قويغان تاشتىن تىزغان يول بەلگىلىرى باركەن.ماڭغانسىرى ئورنمىز ئىگىزلەپ چوگىرنىڭ يۈزىنى توسىۋالغان ئوڭ تەرەپتىكى تاغ ئاستا ئاستا تۆۋەنلەپ چوگىر چوققىسى ناھايىتى ياخشى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.تەخمىنەن 4~5 كېلومىتېر ماڭغاندىن كېيىن يول بۆلىكى ئۈزۈلۈپ قالدى.تاغ باغرىدىن تۆۋەندىكى مۇزلۇققا چۈشۈكە مەجبۇر بولدۇق.بۇ ۋاقىتتا كۈن پېتىشقا ئاز قالغان ئىدى.سۈرەت تارتىشنىڭ پەيتى راسا كەلدى.بۇ تاغ باغىرى بەك تىك بولۇپ ئاۋايلاپ سىيرىلىپ تۆۋەنگە چۈشتۈم. باشقىلار مۇزلۇق گىرۋىكىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭدى. مەن كامىرانى تەييار قىىپ چوگىرنىڭ كۈن نۇرىدا قىزارغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بۈگۈنكى نوقتا تۆنۈگۈنكىدىكىنمۇ ئېسىل بولۇپ ئاساسەن توسالغۇ يوق دېسەكمۇ بولاتتى.20~30 پارچىغە يېقىن سۈرەتكە تارتىۋالدىم.ھىس قىلىشمىچە بۈگۈنكى سۈرەتلەر تۆنۈگۈنكىدىن خېلىلا ياخشى چىقتى. سۈرەت تارتىمەن دەپ گورۇپپىدىكى ئەزالاردىن ئايرىلىپ قالغىلىمۇ يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بوپتۇ.ئۇلارنى تاپالماي ئىزىپ قالسام ئىش چاتاق ئىدى.چۈنكى ئوزۇق تۆلۈك چىدىر قاتارلىقلار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى.20 مېنوتلارچە ماڭغاندىمەن ، بىر چاغدا ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.كەچ بوپ قالغاچقا ئۇلارمۇ داۋاملىق ماڭماي مەندىن ئەنسىرەپ ئىتالىيە چىدىرىغا 1~2 كېلومېتىر كېلىدىغان جىلغىدا چىدىر تىكىشنى ئويلىشىپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا ئازراق سۇ مەنبەسى باركەن. بەشەيلەن ئىككى چىدىر تىكتوق.مەن پاۋۇل بىلەن بىر چىدىردا ئارام ئالىدىغان بولدۇق.


ئالتۇن رەڭ چوگىر

چوگىر چوققىسىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى

    بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك سوغۇق بولۇپ،ھېرىپ كەتكەچكە ئازراق قايناقسۇ قاينىتىپ، چاي ئىچىپ ئارام ئالماقچى بولدۇق.بۈگۈنكېچە ئازراق ئايدىڭ بولدى، پىلانىم بويىچە چاي ئىچىپ بولۇپ، بۇ يەردە چوگىرنى ئالدى كۆرۈنۈش قىلىپ سامانيولىنى تارتماقچى بولدۇم.بىر ئاز ساقلىسام ئايمۇ غەرب تەرەپتىكى تاغ ئارقىسغا كىرگىلى تۇردى، كەچ بولسىمۇ لېكىن چوگىر چوققىسى ئاي يورىقىدا خىلى ئوچۇق پەرق ئەتكىلى بولاتتى.پاۋۇل بولسا چىدىر ئىچىدە باشچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرگىلى تۇرۇپتۇ، بۇ ماشرەڭ چىدىرىمىز ئىچىدىكى باشچىراقنىڭ نۇرى بىلەن سىرتتىن قىزغۇچ سېرىق بولۇپ كۆرۈندى. سامانيولىنىڭ ئورنى ئالدىن ھېسابلىۋالغان ئورۇندىن سەل پەرقلىق چىقىپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ چىدىر، چوگىر ، سامانيولى قاتارلىقلارنى بىر پارچە سۈرەتكە پاتقۇزۇپ تارتىۋالدىم.سۈرەت تارتىپ بولۇپلا ، چىدىرغا كىرىپ ئارام ئالدىم.
    سىرت شۇنداق سوغۇق بولسىمۇ چىدىرنىڭ ئىچى خىلىلا ئىسسىق ئىدى.سىرتتا بوران توختىماي چىقىۋاتاتتى،بورن چىدىرنى توختىماي يەلپۈپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىپ،خۇددى ياۋايى ھايۋانلار كېلىپ بىزنىڭ چىدىرىمىز بىلەن ھەپىلىشۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى.كېچىچە بۇرۇن بوشلۇقىم، كاناي تەرىپىم ماڭا ئارام بەرمەي، ئاساسەن دېگۈدەك ئۇخلىمايلا چىقتىم.
   

سەھەردىكى چوگىر

    10-ئاينىڭ1-كۈنى ھاۋا ئوچۇق،كېچىدىن بېرى ياخشى ئارام ئالالمىغاچقا ئورنۇمدىن سەھەر تۇرىۋالدىم.ۋە كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم،كۈنمۇ چىقتى،چوگىرنىڭ شەرقىي گىرۋەكلىرى ساغىرىشقا باشلىدى، بۇ ھالىتىنى بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم،ئەتىگەندىكى ھالىتى كەچكى شەپەقتىدەك ياخشى چىقمايدىكەن.مۇشۇ ھالىتىنى ئەگەردە ياز كۈنلىرىدە تارتالىغان بولساق بۇ نوقتىدىمۇ بەك ياخشى چىقاتتىكەن.
    چايقاينىتاي دەپ تۆنۈگۈن كورىغا ئەپ قويغان سۇغا قارىسام مۇزلاپ كېتىپتۇ.مۇزنى چوقۇپ چەينەككە سالدىم،ئاڭغۇچە تاراڭ تۇرۇڭدا قالغانلارمۇ ئويغاندى.گاز ئوچاققا ئوت يېقىپ يېرىم سائەتلەر بولغاندا چايمۇ قاينىدى.ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى قىپ بولۇپ، چىدىرنى يىغۇشتۇردۇق،تۆگىچى باللار يۈك تاقىلارنى ئېلىپ قايتىپ كېتىدىغان، قالغان ئۈچەيللەن داۋاملىق ئىلگىرلەيدىغا پۈتۈشتۇق ھەم سائەت 10 لاردا يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق...
داۋامى بار......

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 00:06:58

داۋامىنى ساقلاي

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 00:34:52

مەن تاغقا چىقىش ۋە قۇملۇققا كىرىش ئېكىسپېدىتسىيەسىگە كېتەرلىك نەرسىلەرنى ئەتە كومپىيۇتېردا ئايرىم تېما قىلىپ يوللاي،باشقىلار ئاسانراق تاپار…

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:57:12

داۋامىنى يىزىپ بولغاندا ئوقويلى.

mystics يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:11:01

بولسا يوللاپ بېرىڭە `
مەن كىچىك بولسىمۇ ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللەپ تەكلىماكانغا كىرىپ چىقايمىكى دىگەن `
تەۋەككۈل قىلىشنى خالايدىغانلار چ چ رىمنى قوشىۋېلىڭلار````347341542

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:12:28

ekram8100 يوللىغان ۋاقتى2014-11-4 19:23 static/image/common/back.gif
بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىڭلا بىللە چىقىپ كىرىمىز،مەنمۇ ك ...

شىخشىۇغا چىقىپ خاتىرە يازساق ما نىجاتكامنىڭ يازمىسى ئالدىدا نان تىلەپ يىگۈدەك .....

مەن ئۇنۋىرسىتتىكى ۋاقتىمدابىر دوستۇم بىلەن تاغقا چىقىپ قۇياشنىڭ چىققان پاتقىنىنى سۆرەتكە تارتىمىز دەپ تاغ چوقىسىدا تۈنەپ ..تاس قالغان مۇزلاپ ئۆلۈپ قالغىلى ..... ... 7 -ئايدا چىقىپ تاققا ..تاغ چوقىسىدىكى قارئۈستىدە ئۇخلىسا نىمە بولماقچى ئادەم .... نامرات ۋاقىتلار ... بىر ئاپارات ، بىر ئەدىيال ، نەچچە تال نان ، ۋە ئىچىملىك سۇ ، بىر نەچچە قۇر قىلىن كىيىممۇ ئىلىۋالغان ..، ئوت قالاپ ئىسنىيدىغانغا كۆيىدىغان نەرسە تاپالماي ... ئىچىملىك سۇنىڭ پوتۇلكىنىسى كۆيدۈرۈپ ، بىر تەرەپتىن بۆرە ھوۋلاۋاتقان .... ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرگەن ئىشقىلىپ بىر كىچە ... لىكىن ھازىر ئويلىسام ئىسىل ساياھەت بوپتىكەن ... يەنە پۇرسەت بولسا يەنە بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇم بار ... لىكىن چوگىرغا يامىشىدىغانغا كەم دىگەندىمۇ 20 كۈن كىتىدىكەن ...

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:13:46

mystics يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 21:11 static/image/common/back.gif
بولسا يوللاپ بېرىڭە `
مەن كىچىك بولسىمۇ ئىكىسپىدىتسىيە ...

قانداق كىرىمىز ؟ ماشىنىلىق كىرەمدۇق ياكى پىيادىمۇ ؟

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 16:27:15


ئىتالىيە قارارگاھى ئەتراپى

    جىلغىدىكى يانتۇلۇقتىن ئۈستىەگە قاراپ ياماشتۇق، ئاندىن يولىمىزنى چوگىر تەرەپكە دامۋالاشتۇرۇدۇق،سائەت 11 لاردا ئتالىيە چىدىرىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ جايغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تاش تەرىپىدىن يانچىۋېتىلگەن بىر چىدىر ، ئەتراپىدا بولسا تاشتىن قوپورۇلغان مۇداپىئە تېمى چۆرۈكلۈك تۇراتتى، كېيىن ئۇقسام بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئابدۇشكۇركاملار مۇشۇ جايدا چىدىر قۇرۇپ، سىرتقا ماڭغاندا تاغ ئۈستىدىن قورام تاشلار يانچىۋېتىپتىكەن.

    ئىتالىيلكلەر بۇ جاينى تاللاپ قارارگاھ قۇرغان بولغىيتى؟ سۇ مەنبەسىمۇ بۇ جايدىن سەل يىراقتا ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغ گۆمۈرۈلۈپ تۇرىدىغان جايكەن.سول تەرەپتىكى تاغ باغىرى توسۇۋالغاچقا چوگىرنىڭمۇ كۆرۈنۈش بۇلۇڭى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن يول باشلىغۇچى ئەكبەرجانمۇ مۇشۇ جايغىچىلا كەپ بېقىپتىكەن.بىز ئەسلىدە مۇشۇ جايدىن قايتىشنى پىلانلىغان، لېكىن ۋاقىت تېخى بالدۇر بولغاچقا، پاۋۇل ئىككىمىز يەنە ئىلگىرلەپ چوگىر ئالدىدىكى مۇزلۇقلارنىمۇ كۆرۈۋەتمەكچى بولدۇق، شۇنداق قىلىپ، ئەكبەرجان ئىتاليە قارارگاھى ئەتراپىدا كىتاب كۆرۈپ قالدى، پاۋۇل ئىككىمىز يولىمىزنى داۋام قىلدۇق.


ئىتالىيە قاراگاھى ئەتراپىدىكى مۇزلۇقلار

داۋاملىق ئىلگىرلەپ چوڭ بىر مۇزلۇققا دۇچ كەلدۇق

چوگىر چوققىسى ۋە مۇزلۇق

    تەخمىنەن بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن ناھايىتى چوڭ بىر مۇزلۇق رايۇنىغا كەپ قالدۇق.مۇزلۇق ھەم ئېگىز ھەم كەڭ كەتكەن بولۇپ، بۇ جايدا چوگىرنىڭ گەۋدىسى توسۇلۇپ قالدى.ئالدىمىزدا قار بىلەن قاپلانغان بىر تۆپىلىك باركەن ، بۇ تۆپىلىككە يامىشىپ چىقتۇق،پاھ، پاھ! نېمە دېگەن ھەيۋەت ھە! چوگىرنىڭ گەۋدىسى پۈتۈنلەي توسالغۇسىز كۆرۈندى، ئالدىدا بولسا كەڭ كەتكەن قار بىلەن قاپلانغان مۇزلۇق،خۇددى قاردا ياساپ تىكىپ قويغان قارىغايدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم.


ھەيۋەتلىك مۇزلۇق

    بۇ جايدا بىر نەچچە سائەت تۇرغۇم بار ئىدى. لېكىن چوقۇم ئاساسىي قارارگاھقا قايتىپ كېتىشىمز كېرەك ئىدى.چۈنكى ئوزۇق تۆلۈك ، چىدىرلىمىز ئاللىبۇرۇن قايتىپ كەتكەن ئىدى.بۇ جايدىن 12 دىن ئاشقاندا قايتىشقا باشلىدۇق،چۈشتىن كېيىن 1:30 ئەتراپىدا ئىتالىيە قارارگاھىغاقايتىپ كەلدۇق. بۇ جايدىن ئەكبەرجاننى ئېلىپ بىللە قايتتۇق،تەخمىنەن 2 كېلومېتېرچە ماڭغاندۇق، يول تاپالماي قالدۇق ،ھىچقانداق يول بەلگىسىمۇ ئۇچراتمىدۇق، بىز مېڭىۋاتقان يارلىقمۇ بەك تىك بولۇپ ئازراقلا بىخەستىلىك قىلساق پەستىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتەتتۇق،ساق قالغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەر بۇ يېرىمىز يارلىنىشى ئېنىق.تاغ باغرىنى تېرەپ تۇرۇپ،ئايىقىمىز بىلەن تاغنى تېپىپ،سۈكەپ پۇتىمىزنى مۇقىملاشتۇردىغان ئورۇن ياساپ يۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلىدۇق، پاۋۇل ئالدىمدا ماڭغان قارىسام ئۇنىڭ كەيگىلىگە 14 يىل بولغان كەسپىي تاغ ئايىقى ئاجراپ كېتىپتۇ.مەن قارىسام مېنىڭمۇ ئاجرىغىلى تۇرۇپتىكەن، پاۋۇل ياساپ قويغان ئورۇندا ئىز بېسىپ ماڭدىم.مۇشۇ 100~200 مېتىر جايدىن ئۆتۈشكىلا يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كەتتى.


ھەيۋەتلىك مۇزلۇق

چوگىر چوققىسى ئالدىدىكى ھەيۋەتلىك مۇزلۇق

ئىتالىيە قارارگاھىدىن قايتىش يولىدا

تاغ باغرى يولىنى بويلاپ ئاساسىي قارارگاھقا قايتتۇق

      ھەممە جاي دېگۈدەك تاشلىق بولۇپ، ئالدىنقىلار تاشتا تىزىپ ياساپ قويغان يول بەلگىلرىگە تاينىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن ئاشقاندا پاكىستان قارارگاغىغا يېتىپ كەلدۇق ، ۋە بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىپ يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. يەن شۇ "" شەكىللىك تاغ باغرى يولىنى بويلاپ تاغ ئۈستىگە ياماشتۇق، يېرىم سائەت ئىچىدە تاغ ئۈستىگە چىقىپ بوپتۇق.ماڭا ماڭاكەچ سائەت 7:30 لاردا ئاساسىي قارارگاھقا قايتىپ چۈشتۇق.

    ئابدۇشكۇركام پولو، سۇيۇقئاش ئېتىپ ، تەييارلىق قىپ تۇرۇپتۇ. تاماق يەپ تۇرۇشىمىزغا بۈگۈن قارارگاھقا يېڭىدىن يېتىپ كەلگەن گورۇپپىدىكى گو فامىلىلىك بىرەيلەن كىرىپ كەلدى. ئابدۇشكۇركام بۇ يولداش بىلەن خىلى يېقىن ئۆتىدىكەن. بۈگۈن كەلگەن گورۇپپا بىر نەچچە ياپۇنىيەلىكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر گورۇپپا ئەزاسىنىڭ تۆگە تەرىپىدىن يارلانغانلىقى، شۇڭا دەرھال تىكئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىپ قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ داۋالانمىسا بولمايدىغانلىقى، شۇڭا قەشقەرگە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىزدىنسۈنئىي ھەمرا تېلېفونى سورپ كىرىپتۇ.بىزدىمۇ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئەتىسىئۇ گورۇپپىدىكى ئىككەيلەن دەرھال يولغا چىقىپ تېلېفون سىگىنالى بار جايغا قايتىپ خەۋەر يەتكۈزىدىغانلىقى پۈتۈش چىقىپ كەتتى.
باياتىنقى گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدى. مىڭ تەسلىكتە نەچچە مىڭ كېلومېتر مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ ئازراقلا قالغاندا مۇنداق ئىشقا ئۇچقىسا، ھەي....

    بۈگۈن سەپىرىمدىكى پىيادىلىك ئەڭ يىراق مۇساپىنى بېسىپتىمەن،توققۇز يېرىم سائەتتە 25~26 كېلومېتردەك يول يۈرۈپتۇق.بۈگۈن ئازراق چارچاپ كەتكەن بولساممۇ سەپىرىمدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق كۈن بولدى دەپ ئويلايمەن.تارتىۋالغان سۈرەتلەردىن ئىنتايىن رازى بولدۇم.


ئاساسىي قارارگاھنىڭ مەنزىرىسى

    10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق، تۆنۈگۈنكى ھارغۇنچىلىقتا سەل ۋاقچى ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن.ئاڭغۇچە ھېلىقى يارىدار ياپۇنىيەلىك ئايال، تەرجىمانى بىزنىڭ چىدىر ئالدىغا كەلدى.بىز بىلەن بىللە كەلگەن ئەزالار ئىچىدە تېڭىق تاڭالايدىغان لار باركەن شۇلار تېڭىپ قويىدىغان بولدى.پاراڭلىىشىش جەريانىدا ئۇ ئايالنىڭ كانون شىركىتىن كەلگنلىكىنى تۆنۈگۈن تۆگە بەك ئوماق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق تۆگىنى ئەركىلەتكەن چىغىۋا، تۆگە بۇ موماينىڭ يوتىسىدىنلا چىشلەپ گۆشىنى قايرىپ قويغانلىقىنى ئۇقتۇم.ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى.


ئاساسىي قارارگاھ ئەتراپىدىكى ياۋا ئىشەك

    بۈگۈن ئارام ئېلىشنى پىلانلىغاچقا ، ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى يەپ بولۇپ، بىر ئاز ئارام ئالدىم. ئەتراپتىكى مەنزىلەر بەك گۈزەل بولۇپ، قولۇم يەنە قىچىشىپ كامىرانى قولۇمغا ئېلىپ ئەتراپنى سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدىم.ئاڭغۇچە تۆگىچى بالىلار ئەتراپتا ياۋا ئىشەكنىڭ بارلىقىنى ، قىزىقسام سۈرەتكە تارتىۋېلشىمنى ئېيتتى. راست دېگەندەكيىراققا قارىسام ئىككى ياۋا ئىشەك يىراقتا ئوتلاۋېتىپتۇ.ئۇزۇن لېنزىنى ئالماشتۇرۇپ بىر ئىككى پارچە تارتىپ باقتىم ، ئارىلىق يىراق بولغاچقا تازا ياخشى چىقمىدى.،ئاستا ئاستا ئۇلار تەرەپكە يېقىنلاشتىم، 200~300 مېتىرچە يېىقنلاپ باردىم، ئۇلار مېنى كۆرۈپلا قىچىپ كەتتى.يۇلغۇنلۇق كەينىگە يوشۇرنۇپ بىر ئاز ساقلاپ تۇرسام ئۇلار يەنە يېنىپ كەلدى.تۇيدۇرماي 100 مېتىرلارچە يېقىنلاىشىپ بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم.ئىككى ئىشەكنىڭ ھەركىتى ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، خۇددى رەسىمخانىدا رەسمگە چۈشكەندەكلا چىقىپتۇ.بۇ قېتىم ياۋا ئىشەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈم بولۇپ ، بەك چىرايلىقكەن.

    قايتىپ كېلىپ يىغىلىپ قالغان ئۇششاق چۈشەك كىرلەرنى يۇيىۋالدىم.چۈشتىن كېيىن ئابدۇشكۇركامغا تاماققا ياردەم قىلىپ، تاماقنى يەپ بولۇپ ياخشى ئارام ئېلىپ ئەتىكى قايتىش سەپەر تەييارلىقى ئۈچۈن بالدۇر ئارام ئالدۇق.

قايتىش يولىدا


قايتىشتىن بۇرۇن ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق

قايتىش سەپىرىنى باشلىۋەتتۇق.

10-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاۋا ئوچۇق، بۈگۈن قايتىش سەپىرىنى باشلايدىغانلىقىز ئۈچۈن بالدۇر ئورنىمىزدىن تۇردۇق.ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ، شەخسى يۈك تاقا ۋە چىدىرلارنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق.7:30لار ئەتراپىدا ھەممىمىز يۈك تاقىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ بولدۇق.ئابدۇشكۇركام ئىككىمىز ئەتراپتىكى ئەخلەتلەرنى يىغىپ كۆيدۈرىۋەتتۇق.ئاڭغۇچە باشقىلار يۈك تاقىلارنى تۆگىگە ئارتىشقا باشلىدى. تۆگىلەرمۇ تەييار بوپ قالدى. ئالدىنقى كۈنى كەلگەن ئۆمەكتىكىلەر بىزنى ئۇزاتقىلى كەپتۇ. قىزغىن خوشلاشتۇق، شۇنداق قىلىپسائەت9:10 لاردا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندۇق.

داۋامى بار ... ...

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:05:33

مېنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتكە چىقسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:07:21

ئاپلا... قايتىپ كەتتىڭلارما؟ پىلانلىغان مەنزىلگە يەتتىڭلارمۇ؟ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىلگىرلەش ئىمكانىيىتى بارمىدى؟... داۋامىغا تەشنامىز...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:09:20

پاۋىلنىڭ ئايىغىنىڭ 14يىل چىدىغانلىقىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم جۇڭگۇچىلىقتا...:o

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 19:25:27

mystics يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 21:11 static/image/common/back.gif
بولسا يوللاپ بېرىڭە `
مەن كىچىك بولسىمۇ ئىكىسپىدىتسىيە ...

   
               ئۇنداقتا سەپەرىنڭ باشلىنىش نوختىسى قەيەر؟

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 00:14:17

ھەقىقەتەن ياخشى بىر ساياھەت بوپتۇ.... {:112:}

كىلەر يىلى مۇشۇنداق ساياھەت بولسا مەنمۇ چىقىمەن ...

مۇشۇنداق بىر ساياھەتكە چىقىش ئويام بار ئىدى {:92:}{:92:}{:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 00:58:22

ساياھەتكە ماڭدىم

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 02:05:03

salambay يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 19:09 static/image/common/back.gif
پاۋىلنىڭ ئايىغىنىڭ 14يىل چىدىغانلىقىنى ئەقلىمگە سىغدۇ ...

مەنمۇ دەسلەپتە ساھەتكە چىققاندا شېۋىتسارىيەلىك بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ باشلىغى بىر توپ ئاياغ ئەكەپتىكەن ،ھەممىسى دىگۈدەك كورىيەنىڭ ئايىغىكەن،«شۇلانىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋېلىپ قالغىنىنى خەنزۇ ئاشپەز ۋە ياردەمچىلىرىڭگە تارقىتىپ بەر » دىدى .شۇنىڭ ئىچىدىن تەتۈر خۇرۇم تاشلىق دالىدا كېيىشكە بولىدىغان بىر ئاياغنى تاللىدىم ،باشقا ئاياغلار مېنىڭ تاللىغىنىمدىن چىرايلىقراق ئېدى. شۇنداقتىمۇ مەن تاللىغان ئاياغ مانا ھازىرغىچە بار 14 يىلدەك بولۇپ قالدى بىراق مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋاقتىدا تازلىتىپ تۇرمىغاچقا ،ئۈستى تەرەپ سەل يېرتىلىپ كېتىپتىكەن ،موزدۇزغا ياماتسام پەچەت بولدى.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ ئاياقنى ئاياپ ،قەشقەردىكى ھەربىيلەرنىڭ كېيىم -كېچىكىنى ساتىدىغان بىر دۇككاندىن قونچى ئېگىزرەك ھەربىيچە خۇرۇم ئاياغدىن بىرنى 250 كويغا ئالدىم بىراق بۇ ئاياغ مەن بارغان تاغنىڭ بىر كۈنلۈك پىيادە سەپىرىگە چېدىمىدى،پۇتۇمنى قاپارتىۋەتتى .

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 02:12:29

نەگە ماڭدىلا ؟
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: Nijat:چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە (سۈرەتلىك)