function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 00:00:04

يۇرتىمىزدىكى تاغلارنىڭ ئىچىكىرى جايلىرىدكى ئۆتەڭ ئىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشى نۇرغۇن تارىخنى چۈشەندۈرىدۇ.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 01:12:00

چوگىردىكى ياۋا چىپار ئېشەكنى كۆردىڭىزمۇ ؟ يەنە ھېلىقى يول بويى ئۇچىراپ قالىدىغان جەرەنلەرنىچۇ ؟ مەنمۇ نەچچە رەت كىرىپ چىققان ئېدىم،سىزنىڭ بۇ ساياھىتىڭىز بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلىتىپ قويدى. يازمىڭىز ياخشى كېتىۋاتىدۇ ،داۋامىغا قاراپ قالدۇق ئەمسە .

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:21:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-3 09:26

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ساياھەت بوپتۇ:)
ئەمما مىنىڭ قىزىقىنىم سامانيولىنى سۈرىتى بولدى. سىلشتۇرۇپلا كۆرۋىلىشقا بولدۇ ھەرئىككلى سۇرەتتە ئوخشاش بىر نوقتىنى تارتىپىز
سامانيولىنى تارتقان 1- سۈرەتتەئىككى دانە ئاقار يۇلتۇز پارالىل ھاللەتتە ئىقىپتۇ ھەم يۆنلىشىمۇ ئوخشاشكەن2-قىتىمدىكى سامانيولى سۈرتىدىمۇ ئوخشاش يۆنلىشتە بىر ئاقار يۇلتۇز ئىقىپتۇئىلگىرى كۆزۈتىشىمچە ئاقار يۇلتۇزلار كۆپىنچە بىر خىل يۆنلىشتە ئاقىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.   سىز كۆزىتىش جەريانىدا قانداق ھىس قىلدىڭزكى مىۇمكىن بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:27:11

sarwan يوللىغان ۋاقتى2014-11-2 18:14 static/image/common/back.gif
رەسىمدا ھېچقاندان مېتاداتا يوق. قانداق كامىرا ئىشلەتت ...

ئىشلەتكەن كامىرا: Canon EOS 5D MarkIII
لېنزىلار:Canon EF 24-70 f/2.8 II ,Canon EF 70-200 f/2.8
سۈرەت يوللاشتىن بۇرۇن EXIFئۇچۇرلىرىنىبىر تەرەپ قىلىپ يوللىغان. شۇڭا كۆرگىلى بولمايدۇ.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:31:53

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-11-2 21:17 static/image/common/back.gif
سىزنى ئۇنداق ئېگىز چوققىدا ئىس تۇتۇۋالمىدىمۇ ؟ مەن بەش ...

بىزنىڭ بارغان ئەڭ ئىگىز جايمۇ شۇ 5000 مېتىر ئەتراپىدا،بىزنىڭ ساياھەت چوققىغا يامىشىش( Climbing ) ئەمەس، پىيادە تاغ يولى (Trekking) ، شۇڭا ئوكسىگىن تۇڭى دېگندەكلەرنى ئىشلەتمىگەن.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:38:07

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-11-2 21:20 static/image/common/back.gif
قانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭدىڭلار،تەپسىلى دەپ بېرىڭە ...

يىمەك -ئىچمەك، ئاشخانا ،چىدىر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەشكىللىگەن شىركەت تەييارلىغان. مەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق چۈشەك يىمەكلىك، پۇختا ئاياق، بىر نەچچە قۇر ئىچ كىيىم.قۇياش نۇرىدىن ساقلاش مەلھىمى ، دېگەندەكلەرنى تەييارلىۋالغان. شۇ ئادەتتىكى سەرەڭگە بىلەن ، چاقماق ئىشلەتتۇق.،
سۈنئىي ھەمرا تېلېفونى ئېلىۋالمىغان، بۇنىڭ رەسىمىيەتلىرىنى بىجىرسەك ئىشلەتكىلى قويدىكەن، لېكىن شۇ سەل قىممەت ئوخشايدۇ ، GPS ، بارومېتىر دېگندەكلەرنى پاۋۇل ئېلىۋاپتىكەن، لازىم بولغاندا بىللە ئىشلەتتۇق.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:42:03

mihin يوللىغان ۋاقتى2014-11-3 09:21 static/image/common/back.gif
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ساياھەت بوپتۇ   
ئەمما مىنىڭ قى ...

دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەخمەت، ئۇ ئىككى ئىز بولسا ئاقار يۇلتۇز ئەمەس، سۈنئىي ھەمرالارنىڭ تىرايكتورىيسى، سۈرەت تارتقاندا سەل ئۇزاق نۇرلارندۇرغاچقا ئۇ «جانۋارلارنىڭ» مۇ ئىزى چۈشۈپ قاپتۇ.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:01:19

nijat يوللىغان ۋاقتى2014-11-3 09:27 static/image/common/back.gif
ئىشلەتكەن كامىرا: Canon EOS 5D MarkIII
لېنزىلار:Canon EF 24-70 f/2.8 II ,Ca ...

ئىشلەتكەن كامىرا: Canon EOS 5D MarkIII
لېنزىلار:Canon EF 24-70 f/2.8 II ,Canon EF 70-200 f/2.8
سۈرەت يوللاشتىن بۇرۇن EXIFئۇچۇرلىرىنىبىر تەرەپ قىلىپ يوللىغان. شۇڭا كۆرگىلى بولمايدۇ.

ۋاھ، ساياھەتكە ماڭغىچە ئالغان بولسىڭىز. ئاپراتنىڭ ئۆزىدىلا 30-40 مىڭ كويلۇق بوپ مېڭىپسىز.
بۇرۇن بىر قېتىم يوللىغان سۈرەتلىرىڭىزنىڭ ئاستىغا لىنزا ئۇچۇرى ۋە تارتقان چاغدىكى پارامېتىرلارنى چىقىرىپ قويۇپتىكەنسىز. بىزدەك ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ھەۋەسكارلار پايدىلىناتتۇق. سامان يولىنى تارتقاندا ISO بىلەن aperture قانداق تەڭشىگەنسىز.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:07:38

nijat يوللىغان ۋاقتى2014-11-3 09:42 static/image/common/back.gif
دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەخمەت، ئۇ ئىككى ئىز بولسا ئاقار...

دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەخمەت، ئۇ ئىككى ئىز بولسا ئاقار يۇلتۇز ئەمەس، سۈنئىي ھەمرالارنىڭ تىرايكتورىيسى، سۈرەت تارتقاندا سەل ئۇزاق نۇرلارندۇرغاچقا ئۇ «جانۋارلارنىڭ» مۇ ئىزى چۈشۈپ قاپتۇ.
نۇرلاندۇرۇش تىگىنىڭىز شۇ shooter speed ما؟

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:15:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-3 10:16

راستىنلا ئەھمىيەتلىك سەپەركەن. گەرچە چوگىرغا ئۆز ئايىغىم بىلەن چىقىپ باقمىغان بولساممۇ ئىلگىرى ياپونىيە كانساي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىملەردىن كۆرۈپ، بۇنداق سەپەرنىڭ ھاياجىنىنى ھەم خەتىرىنى ھېس قىلالىغان ئىدىم.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:25:21

رىسكامغىچە بىرىپ بىقىپتىكەنمە ئىككى يىىل بۇرۇن
بىز ئادەتتە سەپەرگە چىقساق گىلىكوزا ئىلۋالاتتۇق ،چىققان ئىگىزىلىكمۇ 4800 ئەتراپىدا،تۇنجى قىتىم چىققاندا باش قىيىش،كۆڭلى ئىلىشىش ئالامەتلىرى كۆرلىدىكەن،كىيىن بارا بارا كۆنۈپ كەتتۇق يەرلىكتەك،
ئەممە تاغقا ياماشماق بىر جاپا چۈشمەك ئۇنىڭدىن ئۆتە جاپا ئۆزنى ئىتىپلا چۈشەي دىسە تېخى جان تاتلىق
@alipسۈنئى ھەمرا تېلېفۇنلىرنى شەخسىلەر ئىشلىتەلەيدۇ

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:28:11

*تىگىنىڭىز - دېگىنىڭىز.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:41:40

گوگۇل خەرىتىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ، شۇ باھانىدا سورىۋالاي . مەن Google 地球 نى ئىشلىتىشكە بەك ئامراق ئىدىم . ھازىر كومپىيۇتېرىم ۋە تېلفونۇمدىكى Google 地球 نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى پەقەت ئىشلىمەيۋاتىدۇ . بۇ گوگىلنىڭ جوڭگودىكى خەرىتە مۇلازىمىتىنى توختاتقانىق سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 13:27:10

nijat يوللىغان ۋاقتى2014-11-3 09:27 static/image/common/back.gif
ئىشلەتكەن كامىرا: Canon EOS 5D MarkIII
لېنزىلار:Canon EF 24-70 f/2.8 II ,Ca ...

لىنزا دېگىنى 镜头دېگەن شۇما ؟

نىجات تىن ياردەم:
دەنفەن ئاپارات ئالسا ئۇنىڭغا لېنزا ئېلىش دېگەندەك ئىشلار كۆپكەن. شۇڭا ئۇزۇن فوكىسلىق ئاپاراتتىن بىرنى كۆرگەن ئىدىم.
Sony/索尼 DSC-H400 长焦数码相机/63倍光学变焦/2010万有效像素 قانداقراقتۇ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار

http://s.taobao.com/search?q=Sony%2F%CB%F7%C4%E1+DSC-H400+%B3%A4%BD%B9%CA%FD%C2%EB%CF%E0%BB%FA%2F63%B1%B6%B9%E2%D1%A7%B1%E4%BD%B9%2F2010%CD%F2%D3%D0%D0%A7%CF%F1%CB%D8&app=detailproduct

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:00:14

paltahun يوللىغان ۋاقتى2014-11-3 10:41 static/image/common/back.gif
گوگۇل خەرىتىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ، شۇ باھانىدا سورىۋ ...

جۇڭگودا گوگلىنىڭ بىر قىسىم مۇلازىمەتلىرى نورمال ئىشلەشتىن توختىتىلدى

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:50:03

تىچلىقمۇ . ئىۋېتكەن دالا پائالىيەت خاتىرەڭلارنى كۆرۈپ ،ھوزۇرلاندىم.مەنمۇ بىر دالا پائالىيىتىگە ئامراق، ئازتولا قاتنىشىپمۇ قۇيىمەن،پەقەت ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تاغلاردا ئىلىپ نىرىلىدىغان ياكى قۇملۇقتا تۇرپان پىچان توخسۇنلاردىكى پىيادە مىڭىشلارغا قاتنىشىپ كىلىۋاتقىلى ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى. لىكىن سىلەردەك بۇنداق قىيىنلىق دەرجىسى يۇقۇرى تاغلارغا ۋە يىراق يەرلەرگە بىرىپ باقمىدىم.
      بىزنىڭ كۇلۇپتىكىلەر بوغدا تىغىغا چىقتى لىكىن مەن ئۆزەمدىن ئەنسىرەپ چىقالمىدىم.سىلەرگە ئاپىرىن.دالا پائالىيەت خاتىرسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بەك ياخشى يىزىپ ھەم تارتىپ بىزنىڭ ھوزۇرلىنىشىمىزغا سۇنۇپسىز.
سىلەر بىر ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ بارغانمۇ ياكى بىرەر دالا كۇلۇپلىرى بىلەن بارغانمۇ؟

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 16:29:29

:funk::funk::funk::funk::funk::funk::funk:

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 17:11:11

مىنىڭ يازمامنى تەستىقلىمىدى نىمە ئۈچۈنلىگىنى كىم ئىيتىپ بىرىدۇ.مەنغۇ ئارتۇق گەپ قىلمىغان.شۇ بىر قىزىققۇچى ھەم دالا پائالىيىتىگە قاتناشقۇچى ئىدىم

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:34:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-3 22:45

سالام نىجات! بۇ يازمىڭىز ماڭا دۇنياغا داڭلىق ئىنسانپەرۋەر ساخاۋەتچى، يازغۇچى گرەگ مورتېنسون (Greg Mortenson) ۋە ئۇنىڭ «ئۈچ پىيالە چاي» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئەسلەتتى. «ئۈچ پىيالە چاي» ئامېرىكدىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ چىقىپتۇ، ھازىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىدىغانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. مەن بۇ كىتابنىڭ ئېنگىلىزچىدىكى ئەسلى نۇسخىسىنى 2010-يىلى ئوقۇغان ۋە 2011-يىلى ئاپتور بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ بىزگە سىز بارغان K2 توغرۇلۇق پاراڭ قىلىپ بەرگەن ئىدى ۋە شۇ چوققىغا يامىشىش يولىدا تونۇشقان كىشىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن پاكىستاندا قىزلا مەكتىپى قۇرۇپ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇشتىن قالغان قىزلارنى ئوقۇتۇپ، بېقىپ ئۇلارنى تەربىيلىگەنلىكىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن (شۇ سەۋەب ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن ۋە ئوبامانىڭ نوبېل مۇكاپاتى پۇلىدىن 100 مىڭ دوللار ئىئانىگە ئېرىشكەن). شۇ ۋاقىتتىلا كۆڭلۈمدە K2گە بولغان قىزىقىش شەكىللەنگەن ئىدى.K2 گە يامىشىش مېنىڭمۇ چوقۇم قىلىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى، ۋاقتى كەلگەندە سىزدىن مەسلىھەت سورارمەن. يازمىڭىز ئېسىل چىقىپتۇ، ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 22:41:36

داۋامى غا تەشنامەن
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: Nijat:چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە (سۈرەتلىك)