salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 09:48:05

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-11-08 00:58:22 static/image/common/back.gif
ساياھەتكە ماڭدىم
نەگە؟ قار لەيلىسى كولىغىلىما:lol

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:49:04

ئادەم ساياھەت قىلسا باشقىچە ئازادە بۇلۇپ قالىدۇ . ئۆيۇم
تەكلىماكان قۇملىقىغا يېقىن بولغاچقا بۇرۇن ھەر ئايدا10-20باللا بۇرمۇنچە نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ چىقاتتۇق ،ھازىر ئالدىراشچىلىقتانەدىكى چول .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:04:01

salambay يوللىغان ۋاقتى2014-11-8 09:48 static/image/common/back.gif
نەگە؟ قار لەيلىسى كولىغىلىما

بۇخاراغا ماڭغانتىم

mystics يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 20:48:35

ئەلۋەتتە باشلىنىش نۇقتىسى خوتەن كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى `
دەريا بويى يېزىسىدا توك يوق ! ئاساسلىقى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ !
10 كىلومىتىردا بىرەر ئۆي بار ، نوپۇسى بەكلا ئاز ` ئادەم ئايىغى باسمىغان يەرلەر كۆپ `
ماشىنىلىق چىقىمىز ئاندىن 4-5 كۈنلۈك يولنى تۆگىدە ماڭىمىز ،داۋان كۆپ قۇملۇق بار `
بۇنىڭغا جاپاغا چىدايدىغان ئەكەكلەر بولسا بولىدۇ `
ئوينايدىغان يەر ئەمەس بۇ ، ياۋا توشقان زەدىكى كۆپرەك چىقىدۇ ` يەرلىكلەر كۆپەرەك مۇشۇنى يېغقىلى چىقارمىش `
...........خوتەندە قاشتېشى بازىرى سۇس بولۇپ كەتتى ` قايسىڭلار مىتروئىت تاش توغرۇلۇق كۆپرەك نەرسە بىلىسىلەر `

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 20:56:57

يۇمۇلاققۇمغا كىرمەكچىمۇ؟
قاشتېشى بىلەن مېتىئورېت تاشنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
تەتىلدە كىرسەڭلار مەن بىللە كىرىمەن،ھازىر ۋاقتىم چىقمايدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 20:58:47

تادۇ بەگ بۇ قىشتا نىمىگە،نەگە ساياھەتكە ماڭغاندۇ؟
بۇخاراغا دىگىنى ئىسسىق يوتقاننىڭ ئىچىگە دىگىنى ئەمەستۇ ھە

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:35:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ساياھەت خاتىرىسى تولىمۇ ئەتىراپلىقيېزىلىپتۇ ،ھارمىغايسىز ،بەك مەنىلىك سەپەردە بولۇپسىز .رەھمەت سىزگە .مەنمۇ 9-ئاينىڭ ئاخىرى تاشقورغان ۋە قونجىراپ ئېغىزلىرىغا بارغان ،مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن .

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 10:12:28


قايتىش يولىدا

    40مېنۇتچە مېڭىپ دەرياغا يېتىپ كەلدۇق،ئايىقىمىزنى سېلىپ،شىمنى تۈرۈپ دەريادىن ئۆتتۇق،دەريا سۈيىبەكلا سوغۇق ئىكەن.ماڭ ماڭا تاغ بوينىقىنىڭ يېنىغا كەلدۇق.ئەگرى بۈگرى يوللار بىلەن مېڭىشقا باشلىدۇق،مەن سۈرەت تارتقاچ ماڭاي دەپ گورۇپپىدىن ئايرىلىپ تاغ يولىدا 20 مېنۇتلارچە ئېزىپ قاپتىمەن. ۋە ئەتراپتىكى پۇت ئىزلىرىغا قاراپ ئاران تەسلىكتە يولنى تېپىۋالدىم ۋە ئىزچىل ئېگىز يولدا ماڭدىم.بىر چاغدا پەس تەرەپتە ئابدۇشكۇركام ئارام ئالغاچ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ۋە پەستىكى يول بىلەن مېڭىشىمنى ئېىيتتى.پەس تەرەپكە چۈشتۈم، يىراققا قارىساق ئىككى ياۋا ئىشەك ئوتلاپ يۈرۈپتۇ.سۈرەتكە تارتاي دېدىميۇ ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا بولدى قىلدىم ۋە يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇدۇق. ياخشى بولسىمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ مېڭىپتىمەن، ئۈستى تەرەپ بىلەن داۋاملىق ماڭغان بولسام يەنە ئىزىپ قالاركەنمەن.
   
    ماڭا ماڭا ئاخىرى بويناقتىن چۈشۈپ بولدۇم.،قارىسام باشقا ئەزالار ھەممىسى چۈشلۈك تاماق يېگەچ ، ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.،مەنمۇ بىللە چۈشلۈك تاماقنى يەۋالغاچ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.مانائالدىنقى قېتىم قونالغۇ قىلغان قىزىل يۇلغۇندىنمۇ ئۆتۈپ بولدۇق.بۈگۈنكى يول خېلى ئاۋۇدى.بۈگۈنكى نىشان قارا يۇلغۇنغا ئاز قالغاندا يەنە دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.دەريا سۈيى خېلى كۆپ ئىدى. ئەكبەرجان ،ئابدۇشكۇركاملار بالدۇرلا ئۆتۈپ بوپتۇ. جىم بىلەن مككىي قول تۇتۇشۇپ بىللە ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئايغىمنى سېلىپ ، شىمنى تۈرگىچە مارىيا ئۆتمەي مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشتىن قورقۇپ،مەن بىلەن بىللە ئۆتمەكچى بوپتۇ. سۇدىن ئۆتكەندە ئاستاراق ئۆتۈشۈمنى ئېيتتى، مەنمۇ ماقۇل بولدۇم ۋە قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈشكە باشلىدۇق، دەريا سۈيى ناھايىتى تىز ئېقىۋاتاتتى. دەريا سۈيى يوتىمىزدىن ئاشقىلى تۇردى. دەريا ئوتتۇرىغا كەلگەندە قورقۇپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى، بۇۋاقىتتا ئىككىلىمىز سۇدا ئېقىپ كەتكىلى تاس قالدۇق. ئاڭغۇچە ئەكبەرجان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سۇغا كىردى، ھەمدە ئۈچمىز قولىمىزنى تۇتۇشۇپ قىرغاققا ئاران چىقىۋالدۇق. قارىسام پۇتۇمنىڭ تېرىسىنى تاش سۈرىۋېتىپ ئازراق قان چىقتى. پۈتۈن كېيىملىرىمھۆل بوپ كەتتى.قارارگاھقا ئەڭ ئاخىرىدا يېتىپ بېرىپتىمەن.كەلسەم چىدىرنى باشقا ئەزالار تىكىپ بوپتۇ.

    چىدىر ئىچىدە ھۆل كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرىۋالدىم دە،يۇلغۇن ئوتىنىدا ئوت قالاپ ئىسسىنغاچھۆل كىيملەرنى قۇرۇتىۋالدىم.بۈگۈن جەمئىي 22 كېلومېتىرچە يول يۈرۈپتۇق،بەدەن نەچچە كۈندىن بېرى ئېگىزلىك مۇھىتىغا ئازراق كۆندى بولغاي ، ئانچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم. شۇنداقتىمۇ تامقنى يەپ بالدۇلار ئارام ئالدۇق.

    10-ئاينىڭ 4-كۈنى،ھاۋا ئوچۇق،بالدۇر ئورنىمىزدىن تۇردۇق، ناشتىلىقنى يەپ بولۇپ، يۈك تاقىلارنى يىغىشتۇرۇپ، قايتىش يولىدىكى ئىككىنچى قارارگاھقا ماڭماقچى بولدۇق.قارىساق تۆگىلەر كۆرۈنمەيدۇ.تۆگىچى بالىلار تۆگىلەرنىڭ قىرچىن دەريا قارارگاھى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى پەمىلەپ، تۆگىلەرنى تېپىپ ئەكىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. بۇ جانىۋار خېلى ئەقىللىق بولۇپ، ئۆيگە بىزدىنمۇ بەكرەك بالدۇر قايتىشنى ئويلىغان ئوخشايدۇ.


قىرچىن دەرياسىدىكى يالىقتىن ئۈستىگە ياماشتۇق

    سائەت 9:00 ئەتراپىدا 4 چەتئەللىك سەپەرداش ئاۋۋال يولغا چىققاچ تۇردى. تۆگىچى بالىلار سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا تۆگىلەرنى تېپىپ كەلدى. يۈكلەرنى دەرھال تۆگىگە باستۇق ۋە10:30 لاردا يولغا چىقتۇق.مەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئىشەك مىنىۋالدىم. يەنە ئازراق قاملىشىپ بولالماي ئىشەكنى تۆگىچى بالىلارغا قېتىپ قويۇپ، پىيادە ماڭدىم. بۈگۈن سۇدىن ئۆتىدىغان جاي راستىنلا كۆپ ئىدى، ئاز دېگەندىمۇ 7~8 قېتىم سۇدىن ئۆتتۇق.خۇداغا شۈكىرى بۈگۈن دەريا سۈيى تۆنۈگۈنكىدەك غول ئەمەس ئىكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 لەر ئەتراپىدا سۇدىن ئۆتۈپ بولدۇق. ۋە ئالدىنقى قېتىم قونغان قىزىل يۇلغۇن دىن ئۆتتۇق. ئەتە ماڭىدىغان يول بۆلىكى ھەم تىك ھەم ئۇزاق بولغاچقا بۈگۈن يولنى كۆپرەك مېڭىۋېتىشنى ئويلاشتۇق.داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدۇق.قىرچىن دەرياسى بويىدىكى ياردىن ئۈستىگە قاراپ ياماشتۇق. يارنىڭ ئېگىزلىكى ئاز دېگەندىمۇ 30~40 مېتىرچە كېلەتتى. ئۈستىگە چىقىپ بولۇپ، "توشقان بۇلاق" دېگەن جايدىن چوڭ تۇڭغا سۇ قاچىلىۋالدۇق.چۈنكى بۈگۈن بىز قارارگاھ قىلماقچى بولغان جايدا سۇ مەنبەسى بار يوقلىقىنى بىلمەيتتۇق.


ئېغىل داۋانغا يامىشىش يولىدىكى قارارگاھ

قارارگاھتا ھاۋا جۇدۇنلۇق بوپ كەتتى

    ماڭا ماڭا ئاخىرى ئېگىزلىكى 4250 مېتىر كېلىدىغان داۋان ئوتتۇرىسىدا چىدىر تىكىشنى قارار قىلدۇق. بۇ جايدا بۇران ،شامال بەك چىقىدىكەن.ئىككى چىدىرنى بەك تەستە تىكىۋالدۇق.ئابدۇشكۇركام كەچلىك تاماق قىلدى.ھەمدە بۇ ئەتراپتا سۇ مەنبەسىنىڭ ئەڭ يېقىن بولغاندىمۇ 3~4 سائەتلىك يولدائىكەنلىكىنى ، شۇڭا سۇنى ئاياپ ئىشلتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئەكبەرجان يېقىن ئەتراپتا سۇ مەنبەسى بار يوقلىقىنى تەكشۈرگىلى چىقىپ كەتتى.ھەمدە ھايال ئۆتمەيقايتىپ كېلىپ تاپالمىغانلىقىنى ئىيتتى.بۈگۈنمۇ كەچلىك تاماقنىيەپ بولۇپلا بالدۇرلا ئارام ئالدۇق.   

   10-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەھەرگە يېقىن پاۋۇل توۋلىدى "سىرتتا قار يېغىۋاتىدۇ..." سرتقا قارىسام راست قار يېغىۋېتىپتۇ. - "ھە بىلدۇق ، رەخمەت" دېدىم. سائەتكە قارىسام 5:00 بوپتىكەن. بىر سائەتچە ئارام ئېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.بۇ ۋاقىتتا سىرتقا قارىسام قار بىر ئاز ئۇچقۇنداۋېتىپتىكەن، بىر ھازادىن كېيىن قارمۇ توختاپ قالدى.لېكىن ھاۋا يەنىلا جۇدۇنلۇق ئىدى.


داۋانغا قاراپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق

ئېغىل داۋان ئۈستىدىكى كۆل

چۇڭقۇر ئۆتەڭدىكى مال بېقىۋاتقان چارۋىچىلار


    ئەتىگەندە بىر بىرىمىزنىڭ ھېيتىمىزنى مۇبارەكلەشتۇق.بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنى ئىككى كۈن بۇرۇن تاماملايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەكبەرجان قەشقەرگە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن تېلېفون سىگنالىئىشلەيدىغان جايغا ئالدىنئالا يۈرۈپ كەتتى.قالغانلىرىمىز ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن يۈك تاقىمىزنى يىغۇشتۇردۇق. بۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئېىچلىشقا باشلىدى. سائەت 9:30 لاردا يولغا چىقتۇق.ھېلىمۇ ياخشى تۆنۈگۈن داۋان يولىنىڭ خىلى بىر قىسمىنى تۈگىتىۋاپتىكەنمىز، بۈگۈن بالدۇرلار سائەت 12:30 لاردا داۋان ئۈستىگە چىقىپ بولدۇق. داۋاندىن چىققۇچە يوللار خىلى قۇرغاق بولۇپ، داۋاندىن ئۆتۈپلا يەنە قارلىق يولدا مېڭىشقا باشلىدۇق.بۇ تەرەپ ھەم ئىگىز ھەم تەسكەي بولغاچقا ئۆتكەندە كېلەشىدە ياغقان قار تېخىچە ئىرىمەپتۇ.داۋاندىن خىلى ئوڭايلا چۈشىۋالدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 لار ئەتراپىدا ئۆتكەندە قونغان جاي چۇڭقۇر ئۆتەڭگە يېتىپ كەلدۇق. قارىساق بۇ يەردە ئىككى ئايال چارۋىچى ماللىرىنى بېقىۋېتىپتۇ. يەنە داۋاملىق ئىلگىرلەپ بىر سائەتچە يول يۈرۈپ "سېرىق تاش ئېغىل" غا كېلىپ چىدىر تىكتۇق. ئابدۇشكۇركام تازا ئوخشىتىپ پولو قىلدى، ھەممىمىز موشۇ پولو بىلەن ھېيتىمىزنى تەبرىكلەشتۇق.تاماقنى يەپ بولۇپ كەچ سائەت 9:00 لاردا ئارام ئېلىشقا باشلىدۇق.


سېرىق تاش ئېغىلدىكى جۇدۇنلۇق ھاۋا

   10-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا قارىسام قار يېغىپتۇ.ئەتىگەنلىك ناشىتىنى يەپبولۇپ، يۈك تاقىنى يىغىشتۇرۇپ، يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدۇق. چىدىرنى يىغىشتۇرغاندا ، دىققەت قىلماي چىدىرنى تەتۈر يىغىپ قويۇپتۇق. قار سەۋەبىدىن چىدىرلارمۇ بەك ئېغىلىشىپ كېتىپتۇ.ئۆزىنىڭ قېپىغا پاتماي قالدى.

    سائەت 9:30 لاردا چەتئەللىك سەپەرداشلار ئالدىدا ماڭغاچ تۇردى. قالغانلىرىمىز يۈكلەرنى تۆگىگە باستۇق.ئىككى تۆگىچى بالا ئامال بار ئۆزلىرىنىڭ تۆگىسىگە يۈكنى ئاز بېسىشنىڭ كويىدا، نەچچە كۈندىن بېرى تولۇق بېسىلىۋاتقان يۈكتىن بۈگۈن ئىككى گاز تۇڭى ئېشىپ قالدى. ئابدۇشكۇركام ئىككى تۆگىچىنى كېلىشتۈرۈپ بۇ ئىككى تۇڭنىمۇ تۆگىگە بېسىۋەتتۇق.


يولغا چىقىپ ھاۋا ئېچىلىشقا باشلىدى

تۆگە كارۋىنى تاغ باغرىدىن ياماشماقتا

    سائەت 10:00 لاردا يولغا چىقتۇق.ھاۋامۇ ئېچىلىپ قالدى.بۈگۈنكى يول ئاساسەن تۆۋەنگە قاراپ ئىلگىرلىگەچكە، يول خېلى ئاۋۇدى. قارا كېچىكتىن ئۆتۈپ يۇقرىغا ئۆرلەيدىغان جايغا كەلگەندە تېلېفوندا سېگىنال پەيدا بولۇشقا باشلىدى.ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئامان ئېسەنلىك سوراشقاچ، ھېيتلىق سالام يوللىدىم.داۋاملىق ئىلگىرلەپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 لەردە ئۆتكەنكى قارارگاھ "سۇ قېتىلىش" قا يېتىپ كەلدۇق.


ئەرگۇل قارارگاھى

    يولدا پاۋۇل بىلەن بىللە پاراڭلاشقاچ ماڭدىم.ھەش پەش دېگۈچە بۈگۈنكى قونالغۇمىز "ئەرگۇل" (نۇرئىلى قورۇقى)غا يېتىپ كەلدۇق. يۈك تاقىلارنى چۈشۈرۇپ چىدىرلارنى تىكتۇق. سائەت 5:30 لاردا ئەكبەرجان رېسكامدىكى ئايۇپجان بىلەن قايتىپ كەلدى. بىزگە ھېيتلىق گۆش، كەمپۈتلەرنى ئەكەپتۇ، خۇش بولدۇق.تۆگىچى بالىلار تۆگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئەتە سەھەر كېلىدىغان بولۇپ ئۆيىگە قايتىشتى.ئابدۇشكۇركام كەچتە قورۇمالەغمەن ئەتتى. باياتىنقى گۆش بىلەن قورۇمالەغمەننى يەپ ئارام ئالدۇق.


رېسكامغا قاراپ يولغا چىقتۇق

    10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، بۈگۈن پىيادە سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.ناشتىلىقتىن كېيىن يۈك تاقىلىرىمىزنى يىغۇشتۇردۇق، تۆگىچى بالىلارمۇ يېتىپ كەلدى.يۈكلەرنى بېسىپ سائەت 9:30 لاردا يولغا چىقتۇق.ھەممىز ناھايىتى خوشال، روھلۇق ھالدا ئالغا ئىلگىرلىدۇق،تەخمىنەن بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن يالىقتىن يامىشىپ چىقىپ بولدۇق، قارىساق دانىيار قارىم، ئابدۇراخمانجان ، قادىرجانلار ماشىنىلىق ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرۇپتۇ، ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ھېيتىلق سالاملاشتۇق.ھەمدە مۇش جايداسەپەرداشلارنى ئوپچە سۈرەتكە تارتىپ قويدۇم.(ئەسلى چوگىرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىپ تارتقۇم بار ئىدى. پۇرسەت بولمىدى)ھەمدە تۆگىلەرنى بوشاندۇرۇپ،يۈكلەرنى ماشىنىغا باستۇق.


ماشىنا ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرۇپتۇ

سەپەرداشلارنى ئوپچە سۈرەتكە تارتىپ قويدۇم

    بۈگۈن رېسكامغا بالدۇرلا كېلىۋالغاچقا،رېسكامدا ئۇزۇن تۇرمايلاقارغىلىققا قايتىشنى پۈتۈشتۇق،ۋە يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق،تۆت چەتئەللىك سەپەرداش قادىرجاننىڭ ماشىنىسغا ئولتۇردى، مەن ئابدۇشكۇركام،ئەكبەرجانلار ئابدۇراخمانجاننىڭ ماشىنىسغا ئولتۇردۇق.ھايال بولمايلا يلىكىتىكى ھەربىيلەرنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدۇق، ئۆتكەندە بۇ نوقتىدىن كىرگەن چاغدا ئوڭايلا كىرگەن بىلەن چىققان چاغدايېرىم سائەتچە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزدى. دەريا بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرلىدۇق، يولنىڭ يېىندىكى دەريا سۈيى شۇنداق سۈزۈك بولۇپ، سۈزۈكلىدىن ئادەم ئۆزىنى ئېتىۋالغۇدەكلا ئىكەن. تاغ باغرىدا ئوتلاپ يۈرگەن جەرەن توپلىرى ئاندى مۇندا ئۇچقاپ تۇراتتى. ئۆتكەندە توختاپ ئۆتكەن سارداۋاندىمۇ چۈشمەيلا ئۆتۈپ كەتتۇق.

    ئەتىگەن ناشتىلىقنى چالا پۇلا قىپ چۈشلۈك يەيدىغانغا بىرەر نەرسىمۇ ئېلىۋالماپتىمەن، قوسىقىم ئازراق ئاچتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاندىن چۈشىدىغان يولدا ماشىنا سۈرئىتى بىر ئاستا ، بىر دەم تىز بولۇپ، كۆڭلۈم بىر ئاز ئېلىشىپ كەتتى، كۆڭۈل ئېلىشىقىمنى ئازراق بولسىمۇ باساي دەپ، سەپەرداشلاردىن كەمپىت سورسىام، ئابدۇشكۇركامدا باركەن، بىر ئىككىنى ئېىلىپ شۈمىۋالدىم، ئازراق پايدىسى بولدى، بىر ئازدىن كېيىن يەنە كۆڭلۈم ئېلىششقا باشلىدى. كۆزۈمنى يۇمۇپ بىر ئاز ئۇخلىۋالسام ئارام بولۇمدىكى دەپ، ئۇخلىۋالدىم،كۆزۈمنى ئاچسام كۈدە چىگرا تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەپتۇق،بۇ پونكىتتىنمۇ بىر سائەتلەردە ئۆتۈپ بولدۇق.
ئەسلى كۈدە پونكىتىدىن ئۆتۈپلا تاماق يېيشنى پىلانلىغان ئىدۇق، ھېيت سەۋەبىدىن بۇ جايدىكى ئىككى ئاشخانىنى ئاچماپتۇ.شۇڭا ئامالسىز ھەممىمىز ئاچ قوساقيولنى داۋامالشتۇرۇدۇق. سائەت 3~4 لەردە كۆكيارغا يېتىپ كەلدۇق، قارىساق بازاردا لەڭپۇ تۇخۇم تاپقىلى بولىدىكەن، مۇشۇ جايدا بىر چىنىدىن لەڭپۇ، تۇخۇم دېگەندەكلەرنى يېۋىلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇدۇق.سائەت 6 دىن ئاشقاندا قارغىلققا يېتىپ كەلدۇق، ھەمدە ئۆتكەن چۈشكەن "قارلىق شەھەر مىھمانخانىسى" غا ئورۇنلاشتۇق.ھەممىمىز يۇيۇنۇپ بولۇپ كەچلىك تاماقنى سىرتتا يېمەكچى بولدۇق. قارىساق ئەتراپتىكى ئاشخانىلار ئېچىلماپتۇ،شۇنداق قىلىپ پاساژىرلار بېكىتى تەرەپكە باردۇق، ئىككى ئۈچ ئاشخانا ئوچۇقكەن، خۇداغا شۈكىرى دەپ كىرىپ،كەچلىك تاماق يېۋالدۇق.


پاۋۇل چوگىر مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانماقتا

    10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، پاۋۇلنىڭ بېيجىڭدا ئازراق ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن سەھەر قايتىدىكەن، شۇڭا پاۋۇل مەن ۋەئابدۇشكۇركام ئۈچىمىز ئابدۇراخمانجاننىڭ ماشىنسىدا سائەت 8 دىن ئاشقاندا قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. قالغان 4 سەپەرداش قاغىلىقنى يېرىم كۈن كۆرۈپ چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىدىغان بولدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭدۇق. يولدا پاراڭلىشىپھەش پەش دېگۈچە سائەت 11:30 لاردە قەشقەرگە قايتىپ كەلدۇق.

    شۇنداق قىلىپ 19 كۈن پىلانلىغان سەپەرنى 17 كۈندە تاماملاپ، خوشال ھالدا قايتىپ كەلدىم.بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولدۇق، ئۆيگە كىرىشمىگە خوتۇن باللىرىم بەك خوش بوپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدىم.ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قۇربان ھېيتلىق قويۇممۇ ۋاقتىدا سويۇلۇپتۇ.ئۆيدە بىر ئاز دەم ئالغاندىن كېيىن دوست بۇرادەرلەرگە تېلېفون قىپ ھېيىتلىق سالام يوللىدىم، ئۇلارمۇ قايتىپ كەلگىنىمى بىلىپ بەك خوش بولدى، ھەمدە ھازىر ئاغىنە بۇرادەرلەر "بىلگەجان" بىلەن چەۋەندازدا تاماق يېگەچ ھەمسۆھبەت بولىۋاتقانلىقىنى ئەگەر ئەپلىك بولسا مېنىڭمۇ كېلىشمنى ئېيتتى،سائەت 4 لەردىن ئاشقاندا چەۋەندازغا يېتىپ باردىم. ئاغىنە بۇرادەرلەر بىلەن قىزغىن يۈز كۆرۈشتۇم، ئەپسۇس ۋاقىتقىستاپ "بىلگەجان" ئايرودرۇمغا كېتىپ قاپتۇ، يۈز كۆرۈشەلمىدۇق.
بۈگۈن ھېيتنىڭ 4-كۈنى ئىدى ، ئاغىنە بۇرادەرلەر بىلەن بىللە بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ،بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بېرىشنى دېيشتۇق،پەتىدىن يېنىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تارتقان سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا كۆرسەتكەچ سەپەردىكى ئىشلارنى خوتۇن باللىرىمغا سۆزلەپ بەردىم.

-قاراڭلار باللىرىم ماۋۇ قار مەنزىرىسگە، چىرايلىقمىكەن؟
-دادا، سەن نىمىشقا مېنى بىللە ئاپارمىدىڭ؟مەن قارغا ئامراق تۇرسام.(كىچىك ئوغلۇم)
-ئوغلۇم سەن ھازىر كىچىك ،سېىنى بىللە ئاپارسام سەن مېڭىپ بولالمايتتىڭ.
-ئۇنداق بولسا مەن چوڭ بولغاندا ساڭا ئوخشاش تاغقا چىقىپ ، قار ئوينايمەن.
-خۇدايىم ئۆمرۈڭنى بەرسۇن ،دېگىنىڭنى بەرسۇن ئوغلۇم.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر   

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 11:27:54

ۋاھ!... ئاجايىب پەيزى ساياھەت بوپتۇ جۇما ماۋۇ ئىكىپىدىتسىيە، مېنىڭمۇ بارغۇم كىلىۋاتىدۇ

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:19:13

ئۆزەم چىقىپ كىرگەندەك بولدۇم...ئىچىم قايناپ كەتتى بەك..خىزمەت دەستىدىن ئۆيگىمۇ قايتالمايمەن. ساياھەتكە نەدە ۋاقىت.:'(:'(

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 19:50:09

مېنىڭمۇ بارغۇم كەپ كەتتا...

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 20:07:40

«ئوتنى ياقلا يۈرەكككككككە!»

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:12:35

نىمە دىگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىشلەر بۇ ،كۆپ ئەجىر قىلىپسىز .بەزى جايلىرى بىزنىڭ تاغلارغا ئوخشايدىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 20:31:13

خۇدايىم بۇيرىسا ، ئەتىيازنى كەتكۈزىۋېتىپ ناھىيە ئاتلاپ بېقىش ئويۇم بار

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:28:42

kakkur يوللىغان ۋاقتى2014-11-14 20:31 static/image/common/back.gif
خۇدايىم بۇيرىسا ، ئەتىيازنى كەتكۈزىۋېتىپ ناھىيە ئاتلا ...

مەنمۇ قوشنا مەھەللىگە بېرىپ كەلسەم قانداق بولار دەپ بەك ئىزتىراپتا قالدىم:lol

umidhalid يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:36:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىجات ئەپەندىم چوگۇر چوقىسىغا قىلدىغان بۇ ساياھەتكە بىرە ساياھەت شىركىتى تەشكىللەپ ئاپىرامۇ؟ ساياھەت ھەققى قانچە پۇل ؟ مالال كۆرمەي دەپ بەرگەن بولسىڭىز !

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 13:53:30

ئىتالىيە قارارگاھى ، پاكىستان قارارگاھى ……بۇلار نىمىشا بۇنداق ئاتىلىدۇ؟ قاچان قۇرۇلغان ؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز

ھىندىستان جۇڭگۇ چىگرا تالاش تارتىشى ئاقسايچىنغۇ دەيمەن ، قىرسايچىن دەپ يەرمۇ باركەندە ،

پاكىستان تەرەپتىنمۇ چىققىلى بولامدىكەن

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:10:49

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 13:53 static/image/common/back.gif
ئىتالىيە قارارگاھى ، پاكىستان قارارگاھى ……بۇلار نىمى ...

چوگىرغا پاكىستان تەرەپتىنى بارسا ۋاقىت جەھەتتىن قىسقا.
رەسمىيەتلەر بىرقەدەر ئاز ھەم ئاددى. شۇڭا ئەرزان.
بۇتەرەپتىن چىقىشقا چىقىم كۆپ كېتىدۇ.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:22:52

umidhalid يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 11:36 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىجات ئەپەندىم چوگۇر چوقىسىغا قىلد ...

ئەگەر قەشقەرنى باشلىنىش نوقتىسى ھېسابلىساق، رەسمىيەت بىجىرىش ھەققى، ماشىنا كىراسى ، تۆگە ئىجارىسى ، چىدىر ئىجارىسى ساياھەت يېتەكچىسى ھەققى ، ئاشپەز مۇلازىمەت ھەققى ۋە باشقا ھەقلەر بولۇپ ،بىر ئادەم ئاز دېگەندىمۇ 20000~25000 سوم ئەتراپىدا
كېتىپ قىلىشى مۈمكىن،

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:36:49

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 13:53 static/image/common/back.gif
ئىتالىيە قارارگاھى ، پاكىستان قارارگاھى ……بۇلار نىمى ...

قايسى دۆلەتنىڭ تاغقا چىقىش ئەترەتلىرى بالدۇر بېرىپ قارارگاھ قۇرغان بولسا شۇ دۆلەتنىڭ نامىدا ئاتىلىپتىكەن. ئېغىل داۋان بويلاپچۈشۈپ ،چوگىرغىچە بولغان زىمىننى 1965-يىلى جۇڭگو ۋە پاكىستان ئىككى تەرەپ چىگرا كېلىشىمى تۈزۈپ جۇڭگو تەرەپ ئىگىدارچىلىقىدادەپ بەلگۈلەپتىكەن،شۇڭابۇ رايۇنلار دۆلىتىمىز كونتروللىقىدا، لېكىنھىندىستان ھازىرغىچە پاكىستاننى ۋەتەن ساتقۇچلار دەپ ئەيىبلەپ ،بۇ كېلىشىمنامىنى ئىتىراپ قىلمايدىكەن،گۇگىل خەرىتىسىگە قارىساق بۇ زىمىنمۇ ئاقسايچىنغا ئوخشاش قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بۆلۈكلۈك ئىكەن.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6
: Nijat:چوگىر چوققىسغا ئېكىسپىدىتسىيە (سۈرەتلىك)