bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:22:08

(bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 23:31  

ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟
بىلگەجان


ئىبولا دېگەن سۆز بەلكىم يېقىنىقى نەچچە ئايدىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىبولا ۋىرۇسى ئىنسانلارغا ئىلىپ كىلىۋاتقان تەھدىتنى ئەينى يىللىرى جۇڭگودا مەركەزلىك تارقالغان SARS ۋىرۇسى پەيدا قىلغان ئەندىشە ۋە خەۋىپكە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىم غەربىي ئافىرىقىدا تارقالغان ئىبولا ۋىرۇسى ئافىرىقىدىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ كېسەلنىڭ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ياكى ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرگە تېخىمۇ ئېغىر قورقۇنچ ئىلىپ كەلمەكتە. ئىبولا ۋىرۇسى ئىلىپ كەلگەن تەھدىت ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىدا زور داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلماقتا. ئىككى خىل نەرسە بەكلا قورقۇنچلۇق بىلىنىشى مۇمكىن: بىرى، كىشىلەر چۈشەنمىگەن نەرسە؛ يەنە بىرى، كىشىلەر ھەقىقەتەن ئېغىر تەھدىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ئامالسىز قالغان نەرسە. ئىبولا ۋىرۇسى ئىلىپ كەلگەن قورقۇنچتا ھەر ئىككىلى ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا ئىبولا ۋىرۇسى راستىنلا شۇنچلىك قورقۇنچلۇقمۇ؟ ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى زادى نەدىن نەگىچە؟

بۇ كېسەل يېقىندا ئامېرىكىدا تارقالغاندىن بۇيان، ئىبولا پۈتكۈل ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكىدا تەتقىقاتقا ئاجرىتىدىغان مەبلەغنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغان نۇرغۇن ئالىملار ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىلىم-پەنگە باشقىچە قارىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق كەسكىن مۇنازىرە قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا سەرپ قىلىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئېغىر تەھدىت ئالدىدا ھۆكۈمەت سەرپىياتىنى ئازلىتىشنى ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيىسىنى قاتتىق ئەيىپلەپ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرىلەر ئىلىپ بارماقتا. كىشىلەر بۇ قېتىملىقى ئىبولاكەن، ئۇنداق بولسا باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرچۇ؟ دەپ سوئال قويۇشماقتا. قارىماققا، ئىلىم-پەن كۈچ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر قېتىملىق جەڭ باشلانغاندەك قىلىدۇ. مەن جاننى ئالىدىغان ئىبولا ۋىرۇسى ۋە باشقا بىئولوگىيىلىك قوراللارغا قارشى ۋاكسىنىلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان تەجىرىبىخانىلارنىڭ بىرىدىن 100 قەدەم يىراقلىقتىكى بىر ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان بولغاچقا تەبئىي رەۋىشتە بۇ كېسەل ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار ۋە مۇنازىرىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىمەن.

ھازىرقىدەك دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئۇلىنىپ كەتكەن ئالاقە دەۋرىدە كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغىچە دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشىنى پەرەز قىلىش بەكمۇ قېيىن. مەن ئىشلەۋاتقان تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتە تارقالغان تۈرى تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ماڭا بىر قەدەر تونۇشلۇق تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تىلىدا ئازراق مەلۇمات بېرىشنى مۇھىم دەپ بىلدىم. تۆۋەندە مەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ۋە ئامېرىكا كېسەللەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى (CDC) دىن ئىبارەت ئىككى نوپۇزلۇق ئورگان ئىبولا ۋىرۇسى ھەققىدە تارقاتقان ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ كېسەلگە چۈشەنچە بېرىمەن.

1. ئىبولا ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟
ئىبولا (دەسلەپ ئىبولا قانلىق قىزىتمىسى دەپ ئاتالغان) بولسا بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋە جانغا زامىن بولغۇچى كېسەل بولۇپ ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئىبولا ئىنسانلار ۋە ئىنساندىن باشقا پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار، گورىللا، شىمپانزا ۋە باشقا مايمۇنلار) دا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئىبولا دېگىنىمىز ئىبولا ۋىرۇسى پىرىماتلاردا پەيدا قىلىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل.

2. ئىبولا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىبولا ۋىرۇسى تۈرلىرى قايسىلار؟
ئىبولا تاكسونومىيىلىك ئاتالغۇ بويىچە فىلوۋىرۇس ئائىلىسى، ئىبولاۋىرۇس جەمەئەتىدىكى ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، جەمئىي 5 خىلى بار. بۇ 5 ۋىرۇس تۈرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىبولا ۋىرۇسى (Zaire ebolavirus)، سۇدان ۋىرۇسى (Sudan ebolavirus)، تاي ئورمانلىقى ۋىرۇسى (Tai Forest ebolavirus)، ۋە  باندىباگيو ۋىرۇسى (Bundibugyo ebolavirus). بەشىنچىسى، رېستون ۋىرۇسى (Reston ebolavirus) بولۇپ، بۇ تۈر ئىنسانلارغا يۇقمايدۇ، بەلكى ئىنساندىن-باشقا پىرىماتلارغا يۇقىدۇ.

3. ئىبولا ۋىرۇسى قاچان، قەيەردە بايقالغان؟
ئىبولا ۋىرۇسى ئادەتتە بىر قانچە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، تۇنجى بولۇپ 1976-يىلى ئىبولا دەرياسى بويلىرىدىن بايقالغان، يەنى ھازىرقى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ كېسەل ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئافرىقىدا تارقىلىپ دۇنيا مىقياسىدا زور تەھدىت ئىلىپ كەلگەن.

4. ئىبولا ۋىرۇسى قايسى خىل جانلىق (تەبئىي ساھىبخان) تىن كىلىدۇ؟
ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تەبئىي ساقلىغۇچىسى تېخىچە ئېنىق ئەمەس. 1976-يىلى دەسلەپكى قېتىم ئىبولا ۋىرۇسى تارقىلىش سەۋەبى كونگودىكى كىشىلەر ئىبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان گورىللا گۆشىنى يىگەنلىكتىن كىلىپ چىققاچقا، دەسلەپ ئالىملار بۇ كېسەل گورىللادىن تارقىلىدۇ دەپ قارالغان. ھالبۇكى، گورىللا ۋە باشقا مايمۇنلارمۇ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانسا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ پىرىماتلارنىڭ بۇ ۋىرۇسنى تەبئىي ئىلىپ يۈرگۈچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. نۆۋەتتە ئالىملار بار بولغان پاكىتلاردىن بۇ ۋىرۇسنى ھايۋانلاردىن تارقالغان ۋە شەپەرەڭلەر بۇ ۋىرۇسلارنى تەبئىي ئىلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. بەش خىل ئىبولا ۋىرۇسى تۈرى ئىچىدە تۆتى ئافرىقىدىكى ھايۋانلاردا تېپىلىدۇ.

5. ئىبولانىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟
ئىبولا ۋىرۇسى ئېنسانغا يۇققاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ RNA سى ساھىبخان تەننىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا جايلىشىۋالىدۇ ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئۆز گېنلىرىنى كۆپەيتىش جەريانىدا ۋىرۇس گېنىنىمۇ تەڭ نۇسخىلاپ ماڭىدۇ، شۇنداق قىلىپ ۋىرۇس سانى ئاۋۇپ تەخمىنەن 2-21 كۈندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمما ئوتتۇرىچە 8-10 كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ 50%-90% كىچە كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىر قېتىم يۇقۇملىنىپ ساقايغان كىشىلەردە ئىبولاغا قارشى ئانتبودى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، 10 يىلغىچە قايسى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. كېسەل قىزىشتىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ۋىرۇس قان تومۇرلىرىنىڭ دىۋارىنى نىپىزلىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ئاخىرىدا قان تومۇرلار يېرىلىپ ئىچكى ئەزالار قاناپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ يۈرەك ۋە باشقا كۆپ خىل ئەزالار مەغلۇپ بولغانلىقتىن بىمار ئۆلۈپ كىتىدۇ.
ئىبولا بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
قىزىش
ئېغىر باش ئاغرىقى
مۇسكۇل ئاغرىقى
ئاجىزلىشىپ كېتىش
ئىچى سۈرۈش
قۇسۇش
قورساق تەرەپ ئاغرىقى
چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قاناش ۋە جاراھەتلىنىش

6. بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسى قانداق تارقالغان؟
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى سەھىيە مىنىستىرلىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كونگونىڭ ئىكوۋاتۇر ئۆلكىسىدە ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ تارقالغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇردى. ئەڭ دەسلەپ بايقالغان بىمار بولسا ئىكانامونگو يېزىسىدىكى بىر ھامىلدار ئايال بولۇپ، ئۇ بىر ئوۋلانغان ياۋايى ھايۋاننى ئۆلتۈرگەن ۋە ئارقىدىنلا ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىساكا يېزىسىدىكى شەخسىي ئامبولاتورىيىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ يەردىكى تاپ گۆشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئادەتلەر ۋە مۇراسىملار بىر نەچچە نەپەر ساغلاملىق خادىملىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداق قىلىپ بۇ كېسەل كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەن.

7. 2014-يىلىدىكى بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ئىلگىرىكى ئىبولا كېسەللىكى پارتلاشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا قانداق پەرقلىنىدۇ؟
بۇ قېتىملىق ئىبولا ۋىرۇسى كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ، كونگودىن باشقا بىر قانچە ئافىرىقا دۆلەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەن.
ئىبولا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان دۆلەتلەر: گېنىيە، لىبىرىيە، سىيىرا لىئون.
ئىبولا يەرلىكتە تارقالغان دۆلەتلەر: نىگىرىيە، ئىسپانىيە (مادىرىد شەھىرى)، ئامېرىكا (تېكساس شىتاتىنىڭ داللاس شەھىرى).
ئىبولا يولۇچىلاردا كۆرۈلگەن دۆلەتلەر: سېنگال (داكار شەھىرى)

8. نۆۋەتتىكى ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئىبولا بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
كەڭ تارقالغان دۆلەتلەردە جەمئىي ئىبولا بايقالغان بىمار سانى 9178 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 4546 نەپەر (ئەسكەرتىش: بۇ سانلار تۆۋەن مۆلچەر بولۇپ، لىبىرىيەدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىيەتتىن بەكلا تۆۋەن دەپ قارالماقتا).
يەرلىكتە تارقالغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكىدا 3 نەپەر، نىگىرىيەدە 20 نەپەر بىمار بايقالغان بولۇپ، بۇلاردىن ئامېرىكىدا 1 كىشى، نىگىرىيەدە 8 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن.

9. ئىبولا ۋىرۇسى قانداق يۇقىدۇ؟
ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ زادى قەيەردە ساقلىنىدىغانلىقى پۈتۈنلەي ئايدىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارغا زادى قانداق يۇقىدىغانلىقى ھازىرمۇ نامەلۇم. ئەمما، تەتقىقاتچىلار كىشىلەر ئىبولا بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبولانى يۇقتۇرغان دەپ قارىماقتا. ئىبولا ۋىرۇسى تەن سىرتىدا بىر قانچە سائەت ھايات قالالايدۇ، ھەتتا تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانغان بەدەن سۇيۇقلۇقىدا بىر نەچچە كۈن ھايات قىلىپ ئۇچراشقان كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرالايدۇ.
ئىبولا ۋىرۇسى كىشىلەردىن كىشىلەرگە بىر قانچە خىل يول بىلەن يۇقىدىغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېچىلىپ قالغان تىرىسى ياكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى، مەسىلەن كۆز، بۇرۇن ياكى ئېغىزدىكى سۇيۇقلار ئارقىلىق يۇققاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا يۇقىدۇ:
1) ئىبولا بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىش. (بەدەن سۇيۇقلۇقى سۈيدۈك، تۈكۈرۈك، تەر، پوق، قۇسۇق، ئانا سۈتى ۋە ئىسپىرما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ).
2) يۇقۇملانغان ھايۋانلار
3) ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان نەرسىلەر (مەسىلەن يىڭنە، شىپىرىس قاتارلىقلار)
4) ئىبولا ھاۋا ياكى سۇدىن، ۋە ياكى ئادەتتە يېمەكلىكتىن يۇقمايدۇ (يۇقۇملانغۇچىنىڭ چۈشكۈرۈكى بىلەن ئۇچرىشىش بۇنىڭ سىرتىدا)، ئەمما ئافرىقىدا بىۋاستە شەپەرەڭلەر بىلەن ئۇچرىشىش ياكى ئوۋلانغان گۆشلەرنى تۇتۇش، يېيىش قاتارلىقلاردىنمۇ يۇقىشى مۇمكىن.

10. ئىبولانىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
نۆۋەتتە ئىبولانىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ۋاكسىنا تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى ئىبولا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىبولا ۋىرۇسى بىلەن ئاللىقاچان يۇقۇملانغان كىشىلەرنى داۋالايدىغان دورىمۇ يوق بولۇپ، ئامېرىكىدا ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى تېخى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بىر  ZMapp دەپ ئاتالغان دورا بار بولۇپ، ئامېرىكىدا داۋالانغان ئىككى نەپەر بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان دەپ قارالماقتا، ئەمما بۇ دورا كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈپ FDA نىڭ تەستىقىغا ئېرىشمىگەن بولغاچقا تېخى بازارغا سېلىنمىغان ۋە كەڭ كۆلەمدە كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلمەيدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكىدا ئىبولا بىمارلىرىنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن ZMapp دېگەن دورا ۋە ياسىلىۋاتقان ۋاكسىنىلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمەن.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس)
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى

پايدىلىنغان مەنبەلەر ۋە قوشۇمچە سۈرەتلەر:

http://www.cdc.gov/vhf/ebola/index.html

http://www.who.int/csr/disease/ebola/en/



سۈرەتتىكىسى 1، 2، 3: ئىبولا ۋىرۇسى، ئافرىقىدا ئىبولانى داۋالاشقا خالىسانە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرىپ يۇقۇملانغان دوختۇر ۋە ئامېرىكىغا يۆتكەپ كىلىنىش جەريانى


ئىبولا ۋىرۇسى نۆۋەتتە كەڭ تارقالغان رايونلار خەرىتىسى ۋە ئالدىنقى تۆت قېتىملىق تارقىلىش بىلەن بۇ قېتىمقىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى.


afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:31:57

نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:37:34

مەنمۇ پەقەت :« نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق » دەپلا قالدىم.... بۇ ھەقتە ئەتىراپلىق خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندىم، ئاللاھ بۇ قورقۇنچلۇق  كېسەللىكنى  بارچە ئىنساندىن نىرى قىلغاي.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:40:01

راستىنلا بەك قورقۇنۇنچلۇق ۋېروسكەن بۇ. تېمىڭىزنى كۆرۈپ چۈشەنچەم ئايدىڭلاشتى. 

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:42:10

15 يىل بۇرۇن تارىخى  تەرجىمە خاراكتىلىق بىر كىتاپتا، ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ ئافرىقا شەپەرىڭىنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارنى چىشلەپ يارىلاندۇرىشىدىن يۇققان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوقوغان.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:46:55

ئىبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان ئاۋۇ ئىككى ئادەمنىڭ قېنىدىن ئانتېتېلا (antibody) ياسىغىلى بولمامدىكەن؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:01:24

بىز ئۇچۇن خەتەرلىك بولغان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلماي ،بىز ئۇچۇن ھىچ قانداق خەتىرى يوق نەرسىنى چۇشەندۇرۇپ بىلگىجاننىڭ كاللىسى ئېلىشىپ قاپتۇ دىسەم :lol:lol:lol:lol قانچىلىغان دوس دۇشمەنلە ئولتۇرغان ئورۇندىغىدىن ئورتۇرۇپ كېتە..........{:87:}{:87:}{:87:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:06:30

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 21:46 static/image/common/back.gif
ئىبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان ئاۋۇ ئىككى ئادەم ...

ئىنتايىن ياخشى بىر نۇقتا! شۇنداق، يېڭىدىن كېسەل يۇقتۇرۋالغانلارغا كېسەلدىن ئامان قالغانلارنىڭ قېنىنى سېلىپ داۋالاۋىتىپتۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامان قالغۇچىنىڭ قېنىدا ھاسىل بولىدىغان ئانتىبودى يۇقىرى مىقدارغا يېتىشى ئۈچۈن كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ بىر ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىغان بولغانلىقى ۋە ئامان قالغانلار ئاز بولغاچ ئۇلار بېرەلەيدىغان قاننىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى كەمچىل بولغاچقا بۇ ئۇسۇل ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بولۇشى ناتايىن. ئىبولاغا قارشى ئانتىبودىينى ئامان قالغۇچى قېنىدىن ئايرىپ ئىلىپ ئۇنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ دورا قىلىپ ئىشلىگۈچە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇ ھازىر سىناق قىلىنىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ بىرىكەن.

ghewwas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:06:46

سېررالىئوندا ئالماس سودىسى قىلىۋاتقان ھېلىقى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىر ئەھۋالى قانداقتۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:15:22

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 22:01 static/image/common/back.gif
بىز ئۇچۇن خەتەرلىك بولغان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلماي ،ب ...

سىلەردەك خورازغا يۇقمىغان بىلەن بىز ئادەملەرگە يۇقىدىكەن. :lol  ئەتراپىمىزدا ئىت، ئىشەك، مايمۇنلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلار بار.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:26:08

مەن ئامىرىكىلىق ھېلىقى كىشى كەلگەن ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارمۇ يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ ھاۋادىنمۇ يۇقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن .
جۇڭگۇدا  تۈكۈرۈشكە قارشى قانۇن تۈزۈلۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:28:36

نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق ………؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:42:17

كورىيەنىڭ « زۇكام » دېگەن كىنوسىنى ئەسلەتتى. شۇ كىنودىمۇ تېخى كىلىنكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن بىر دورىغا تايىناتتى.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 23:00:21

ئالدىنقى قېتىم قانداق قۇتلىشىپتىكەندۇق بۇ مەرەزدىن؟
ئورەك كولاپ كۈمۈپلا تۈگەشمىگەن بولغىيدى:funk:
قىش كىرسە يۇقۇملىنىش سۈرئىتى سەل ئاستىلامدۇ قانداق؟

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 23:08:17

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان ئەگەر ۋاقتىڭىز چىقىپ قالسا RNA توغرىسىد ا كىچىككىنە چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسىڭىز مەن بۇ نۇكلېئىن كىسلاتاسىنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .  ماتېرىيال كۆرسەم ئۇنى تاق زەنجىرلىك ئىرسىيەت ماددىسى ، A、T、C、G دىن ئىبارەت تۆت خىل ئىشقار رادىكالىدىن تۈزۈلگەن دەپتۇ ، مەن تولۇقتا ئوقۇغاندا پەقەت قوش زەنجىرلىك بۇرمىسىمان ئىرسىيەت ماددىسى DNA ھەققىدىلا ئۆگەنگەندەك ئېسىمدە ، ئاۋۇ تۆت خىل ئىشقار رادىكالىنىڭ قانداق جۈپ تۈزىدىغىنىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

مەن بۇرۇن چىۋىنغا قىزىقاتتىم ، ئۇنى خۇدايىم شۇنداق يارىتىپتىكەنكى چىۋىن شۇنداق مەينەت يەردە ياشىسىمۇ ئۇ پەقەت كېسەل بولمايدىكەن ، يازدا تازا ئىسسىقتا تۇرۇپ قالغان تاپىدا كۆك چىۋىن بوروڭشىپ يۈرىۋېرىدۇ . ئەگەر چىۋىننىڭ  DNA سىدىكى مۇشۇ خىل گېننى تېپىپ چىقىپ ئادەمگە كۆچۈرسە بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ۋىروسقا قارشى ئىممۇنتېت كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىشى مۇمكىن ( بۇ مېنىڭ تولۇقتا ئوقۇغاندىكى بىئولوگىيە ھەققىدىكى  قىزىقىشىم ھەم خىيالىم ئىدى )

مەن تولۇقتا زۇكام ۋىروسىنىڭ شەكىلسىز ۋىروس ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن زۇكامغا قارشى غەرىب تىبابەت دورىلىرىغا قارىتا گۇمانلىنىش پەيدا بولغان ، مانا ھازىر ئۈچ يىل بولاي دېدى ئۇنداق زۇكام دورىسىنى چورت تەرك ئەتتىم ، بۇ خىل دورىلارغا قارىتا زەھەر دەپلا تونۇيمەن ، دورا ئىچمىگەندىن بېرى بۇرۇنقىدەك كۆپ زۇكاممۇ بولمىدىم ، زۇكام بوپ قالغان ھامان  يوغان چىنىگە قايناقسۇنى قۇيۇپ شۇنى قىزىق ئىچىپ يوتقاندىن ئىككىنى يېپىنىپ ياتىمەن تەر دېگەن دەريا بولۇپ ئاقىدۇ ، ئىككى سائەت چىدايمەن، خۇدايىمنىڭ شىپاسى شۇنىڭ بىلەن ساقىيىپ كېتىمەن . بۇ مېنىڭ تەجىربىدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئۈنۈملۈك زۇكام ساقايتىش رېتسىپىم ،
يەنە بىرسى مەن بۇرۇن تىپىك كېسەل كۆرپىسى ئىدىم ، بىر نەچچە يىل بوپ قالدى مەن تاماقنىڭ مىقدارىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن ، ئالتە يىلدىن بېرى ئېغىرلىقىمدا 5 كىلو ئاستىن -ئۈستۈن بوپ باقمىدى ، قانچىلىك تاماق يېسەم شۇنچىلىك سۇ ياكى چاي ئىچىمەن ، تاماقنى قورسۇقۇم توياي دېگەندە چىپلا توختىتىمەن ، كاللامغا تاپانچىنى تەڭلىسە قانداقكى بولمىسا تاماق ئېشىپ قېلىپ بۇزۇلۇپ قالسا مەيلىكى ھەرگىز ئارتۇق تاماق يېمەيمەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تاماق يەڭلا ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچىڭلا ، ئۈچتىن بىرى بىكا قالسۇن دېگىنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بارلىقىنى ئەمدىلەتتىن چۈشىنىۋاتىمەن . ئىچكىردە بىرسى تاماققا كۆنەلمەي يەنە بىرسى كەسپىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىغاچقا ئاشقازىنىمنىڭ سەل دەردى با ، ئۇندىن باشقا تاماق مىقدارىمنى كونترول قىلغاندىن بۇيان خۇدايىم بۇيرىسا بۇرۇنقىدەك پارچە-پۇرات ئاغرىيدىغان ، زۇكام دەپ بولغىچە ئىككى ئېرىقتىن سۇ كەلدى بەش مەدىكا يۈگۈردى دەپ پوتلامنى ئېقىتىپ ئولتۇرىدىغان ئىشلاردىن خالاس بولدۇم

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 23:50:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 23:53  

imirghazi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 23:08 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان ئەگەر ۋاقتىڭىز چىقىپ قالس ...

RNA توغرىسىدا مەن ئىلگىرى مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. بۇ خىل ئاددىي ئۇقۇملارنى ئىزدىسىلا تاپقىلى بولىدىغان بىر قامۇسنىڭ يوقلۇقى (مەن بىلىدىغىنى يوق ھېچبولمىسا) كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن ئەلۋەتتە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن بېشىمنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ باققان ئەمەس، ئەمما ئاددىي ئۇقۇملارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغان ئىش بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ ئىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلار كۆپ بولسا بىرلىكتە بىر تۇتۇش قىلساق بەك ياخشى بولاتتى. ھازىر بار بولغان ئوكيان قامۇسىنى كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە بىر قەدەر تولۇق بولغان بىر ھەقىقىي قامۇسقا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن بولۇپ قالار.

نەق گەپكە كەلسەك، سىز دېگەن قوش بۇرمىلىق DNA دىكى ئۇچۇرلارنىڭ شىفىرى يېشىلىپ ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال تاق باغلىق RNA دېگەن يادرو كېسلاتاسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا قوش بۇرمىلىق DNA نىڭ ھەر بىر بېغى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يەككە باغلىق RNA گە كۆچۈرۈلىدۇ، ئەمما DNA دىكى ئاقسىل تەرجىمە قىلىشقا قاتناشمايدىغان ياكى گېنلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق قىسىملىرى شاللىنىپ كىرەكلىك ئۇچۇرلارلا RNA گە كۆچۈرىلىدۇ. دېمەك، بىز گېن دېگەندە RNAنى كۆزدە تۇتساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. سۆزىڭىزدىكى تۈزىتىشكە تىگىشلىك بىر يىرى RNA زەنجىرىدە A, C, G, U دىن ئىبارەت 4 ئىشقار رادىكالى بار بولۇپ DNA دىكى T ئۆزگىرىپ U غا كۆچۈرىلىدۇ.

ئەمدى بۇ يەردە ئىبولانىڭ RNA سىنى ساھىبخان تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر يادروسىغا كىرگۈزۈشى دېگەننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە ۋىرۇسشۇناسلىق پېنىدىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كىلىدۇ. يەنى ۋىرۇسلار ئادەتتە خېمىيىلىك تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ DNA ۋىرۇسى، RNA ۋىرۇسى ۋە ئاقسىل ۋىرۇسى (پىرىيون دپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە داۋالاش تەس بولغان ۋىرۇسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى RNA ۋىرۇسلىرى بولۇپ، مەسىلەن HIV ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئىبولا ۋىرۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى RNA ۋىرۇسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ۋىرۇسلار تەتۈر ۋىرۇسلار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە DNA دىن RNA نى ھاسىل قىلىش بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن DNA ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

زۇكام ئۈچۈن ئامېرىكىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ھەرگىز دورا ئىچمەيدۇ، ئوكۇل ئاسىدىغان ئىشنى ئەسلا ئاڭلاپمۇ باقمىدىم چۈنكى ئادەتتىكى زۇكامنىڭ بەرىبىر ھەپتە-ئون كۈن ئىچىدە ساقىيىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدىغان دورىلار ئارقىلىق نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكام بولسا ئۇ باشقا ئەھۋال، ئەلۋەتتە.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 01:34:39

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 23:50 static/image/common/back.gif
RNA توغرىسىدا مەن ئىلگىرى مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. بۇ خىل  ...

تەپسىلىي جاۋاب بەرگىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ،  دېمەك گېن ، ئىرسىيەت دېگەنلەردە ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى RNA  ئىكەندە . بىئولوگىيەنى شۇنداق ياخشى ئۆگەنگەنتىم نۇرغۇن مەزمۇنلار ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەن سىزنىڭ تەپسىلىي جاۋاب بەرگىنىڭىزدىن راستىنلا بەك خۇرسەن بولدۇم . مەن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمنى تۇرمۇشقا باغلاپ ، تۇرمۇشتىن مىسال ئېلىپ ئۆگىنىشكە بەك ئامراق ئىدىم ، چۈشەنمىسەم ھەرگىز بولدى قىلمايتتىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇقتىمۇ بەش يىل ئوقىغان (فىزىكا ، خېمىيە ، بىئولوگىيە ، ماتېماتىكا قاتالىق  ھەر قايسى پەنلەردىن خېلى ئوبدان ئاساسىم بار ، بۇرلانىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئامراق دەرىسلىرىم ) يەنە بىر يىل ئوقىۋەتكەن بولسام ئارمىنىم يوق ئىدى .  تولۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ھەر قايسى پەنلەردىن توختىماي سوئال سوراپ مالىملارنى بەك سەت زىرىكتۈرۋەتكەن ، بىئولوگىيە دەرىسىدە مالىم ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇچ قىسمىدا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرگۈچى ھورمۇن ئائوكسىن بولىدۇ، بىز ئۆسۈملۈكنى ئۆسۈشتىن توختاتماقچى بولساق ئۇنىڭ ئۇچىنى ئۈزىۋەتسەك ئۆسۈشتىن توختايدۇ مەسىلەن كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈشكە ئوخشاش دېگەندە مالىمدىن نىمىشقا كۈدە بىلەن بېدىنىڭ ئۇچىنى ئۈزىۋەتسىمۇ ئۆسىۋېرىدۇ ؟ دەپ سوئال سوراپ دەشنام يەۋالغان . ئالىي مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى سائەتتە ئالىي ماتېماتىكىدىن بىر مەزمۇننى چۈشەنمەي مالىمدىن قىزغىنلىق بىلەن سورىسام كىتابتىكى مىسالنى كۆر دەپ قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سىپىپ مېنىڭ تۇنجى سائەتتىلا پاسسىپ كەيپىيات ھاسىل قىلىشىمغا سەۋەبچى بولغانتى ئۇ خەنسۇ . باشقىلارمۇ ئوخشاش سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىش يوق ، يەنە كېلىپ خەنسۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت قىزغىنلىق بىلەن سوئال سوراش يوقكەن ، كالىدەك پۇشۇلداپ جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۆلۈك يادىلاپلا ئۆگەنگەن . شۇنداقتىمۇ نەتىجىسى ياخشى ، بۇرۇندىن باشلاپ توختىماي سوئال سورايدىغان ماڭا بۇ بەك ئېغىر كەلدى ،  
شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئالىي مەكتىپىم بەيدۇ بىلەن گوگېل بولدى . مەن باشقىلاردىن سوئال سوراشنى بىر خىل نومۇس دەپ بىلىدىغان بولدۇم . ھەر قانداق مەسلىگە يولۇقسام بەيدۇ بىلەن گوگېلدىن ئىزدەيدىغان بولدۇم .
بۈگۈن مۇنداقلا يېزىپ قويغان سوئالىمغا سىز تەپسىلىي جاۋاب بېرىپسىز شۇنچە يىللاردىن بېرى مەن  مۇشۇنداق سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم . بۈگۈن جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى . ئالتە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق سەمىمىي جاۋاب بېرىدىغانلارغا ئۇچرىغان بولسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشقىچە بولغان بولار ئىدى . ماڭا قايتۇرغان جاۋابىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ئامىين ! ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز مەن بۇندىن كېيىن كۆپرەك سوئال سوراپ قېلىشىم مۇمكىن .

قامۇس ھەققىدە ؛ مەندە بۇرۇن نەشىر قىلغان خېمىيە ، فىزىكا ، بىئولوگىيە ، ماتېماتىكا (  ماتېماتىكىسى ئىزدىنىشتىكى  matematika  ئەپەندىدە بار ، ماڭا ئۆتكەندە باھاسىنى 300 يۈئەن دېگەنتى ھازىر قىممەت بولسىمۇ سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدىم )  قاتارلىقلارنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى بار . بەك تەپسىلىي ھەم بەك ياخشى تۈزۈلگەن لۇغەت ( قامۇس ) . مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە قىممەت باھادا سېتىۋالغان ( ئاللاھ خالىسا كېيىن ھېچ بولمىغاندا قېرىغاندا ئوقۇپ چىقىمەن دەپ ) ، پۇل تاپقاندا مۇشۇ لۇغەتلەرنى  ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىغا ئايلاندۇرۇپ قامۇس قىلىپ چىقىش نىيىتىممۇ بار ، ئاللاھتىن نىيىتىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن  ئامىين !  
مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 06:41:29

يېقىندا جۇڭگودىمۇ بايقىلىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، راستمۇ بۇ خەۋەر؟

ibrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 07:08:42

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 06:41 static/image/common/back.gif
يېقىندا جۇڭگودىمۇ بايقىلىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، راستمۇ بۇ  ...

شۇنچە جىق ئىدەم با يەدە بايقالسىمۇ بايقىلا؟

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 07:36:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-23 08:00  

بىز تۇلۇق ئوتتۇردا ئۆگەنگەندەك ھايۋان ھۈجەيرىسىنى بېرىكتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ تېنىدىن ئىمونىتلىق Bلىمفا ھۈجەيرىلىرىنى (ئانتېتىلا ئىشلەپ چىقىرالايدۇ)ئايرىپ ئۇنى چاشقاننىڭ يىلىك ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى(ناھايتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيەلەيدۇ) بىرىكتۈرۈپ ، كۆپ مىقداردا ئېبولا ۋىروسىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ئانتىتىلا ئىشلەپ چىقارسا بولمامدۇ، ئاندىن ئممونوفلوئورسسنىيە (免疫荧光)دىن پايدىلىنىپ، ئاندىن بۇ ئانتېتىلالىغا نۇرچىقىرىدىغان ئېلىمىنت ئارقىلىق بەلگە سېلىپ، بۇئارقىلىق نۇرچىقىرىدىغان ئانتېتىلا ياساپ ئاندىن بۇئانتېتىلانى ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تېنىگە تەكشۈرۈش يىڭنىسى(探针)ئورنىدا كىرگۈزۈپ ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئانتىگىن _ئېبولا ۋىرسىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ ، بۇ ۋىروسنىڭ يۇقۇملانغۇچىنىڭ قايسى ئەزالىرىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقسا ، ھەمدە ھېلىقى بىز ئىشلاپچىقارغان ئانتېتىلانى يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىگە ئۇرسا ،ھەم بۇ ۋىروسنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرىنى ،يۇقۇملانغۇچىنى داۋالاش مەقسىتىگەبىراقلا يېتىپ ، بىر چاممىدا ئىككى پاختەك سوقمامدۇ دەيمە
سەل بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇممۇ نېمە،،،؟
بەت: [1] 2 3 4 5
: (bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟