koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:38:12

qarluqf34 يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 11:22 static/image/common/back.gif
بۇمۇبىرماسونلارنىڭ نوپۇسئازلىتىش مەقسىتىدىكىبېر ...

   توۋا ، مۇشۇ ماسون ھەققىدىكى ئۇچۇرنى قاچان كۆردۈم ، شۇنىڭدىن بۇيان يېڭى بىر ۋىروسنىڭ گېپى چىقسىلا مەنمۇ ئەڭ ئاۋال شۇنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم دىسە :lol

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:55:05

adl228 يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 09:21 static/image/common/back.gif
بۇ ھېبىبۇللا قارىم نەپەس ئارقىلىقمۇ يۇقىمىش شۇنىڭغا ق ...

سامساقتىن مارجان تەييارلاپ بوينىڭىزغا سېلىۋېلىڭ، ئۆيدەئاچچىقسۇ قاينىتىپ ئۆينى پۇرىتىڭ
بەك ئاچچىق، سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ،{:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 12:10:52

imirghazi يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 10:18 static/image/common/back.gif
ئىككى كۈندىلام زېرىكتۈرۋېتىشىم مۇمكىن ، مەن ئادەتتە...

سورىغانلىرىڭىزنى بىلمىسەم شۇ بانىدا ئىزدىنىمەن ، ياكى تەڭ ئىزدىنىمىز ، مەن ئۆزەمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە نىسبەتەن نەزەر دائىرىسىخېلى كەڭھىسابلايمەن ، تەبىئى پەنلەردىن ماتىماتىكىدا نىسبەتەن ئاجىزلىقىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا قىزىقمايدىغىنىم يوق دىسەممۇ بولىدۇ ، شۇڭا بالىلارغا بىئولوگىيە دەرسى سۆزلەۋېتىپ ھەممە ساھەدىن مىسال ئېلىپ باشقا دەرسلىرىنىمۇ پىششىقلاپ قويىدىكەنمەن . سىز بىلەن چىقىشىپ قالىدىغاندەكتۇرىمەن جۇمۇڭ...ئۇچۇر ئارقىلىق ياكى ئىنكاس ئارقىلىق سورىسىڭىز چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپئىزدىنىپ جاۋاب بېرىمەن. :handshake

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 12:14:06

تېلىفوندا بىر ئويۇن بار 瘟疫公司 ۋابا شىركىتى دەيدىغان، شۇنىڭدا ھەرخىل جانغا زامىن ۋىروسلارنىڭ رولىنى ئېلىپ ئىنسانىيەتنى تولۇق تۈگىتىش مەقسەت قىلىدىغان، ۋىروس چۈشەنچەڭلەر خېلى ئېشىپ قالىدۇ،
ئىبورا ۋىروسى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئىنسانىيەتنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋەتكىلى بولىدىكەن

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 12:19:15

بىلگىجان تەتۈر كۆچۈرگۈچى RNAنىڭ كۆچۈرۈلۈش جەريانى ھەقققدە ئازراق توختالغان بولسىڭىز .يەنى ئېبولا ۋىروسىنىڭ يادرو كىسلاتاسىssRNA مۇ ياكىdsRNAمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ RNAسىدىن تەتۈر كۆچۈرۈلۈپ DNAنى سىنتىزلايدىكەن بۇ كۆچۈرۈلۈپ چىققىنى ssDNAمۇ ياكى dsDNAمۇ ؟ ئەمدى بۇ تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى RNA ۋىروسىنىڭ ئاقسىللىق سىرىتقى قېپى تەتۈر كۆچۈرۈلۈپ چىققان DNAدىن بىۋاستە سىنتىزلىنامدۇ ياكى بۇ DNA يەنە بىر قېتىم mRNAغا كۆچۈرۈلۈپ ئاندىن ئۆزىنىڭ سىرىتقى قېپىنى سىنتىزلامدۇ ، يەنە بىرسى ۋىروسنىڭ نۇسخىلىنىش جەريانى ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ھۈجەيرىنىڭ زادى قايسى قىسىمىدا بۇلىدۇ، سىتوپلا ۋە ياكى ھۈجەيرە يادروسى دېگەندەك

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 13:37:52

خۇدايىم ساقلىسۇن، بىراق مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئادەملەر ئۆلۈپ ئازايمىسا يەر شارىغا ئادەم قانداق پاتىدۇ؟:(

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 13:41:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biotech0990 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 13:42

wuyyu يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 13:37 static/image/common/back.gif
خۇدايىم ساقلىسۇن، بىراق مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئادەم ...

بۇ گېپىڭىز سەل رەھىمسىز ئاڭلىنىدىكەن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 13:58:08

wuyyu يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 13:37 static/image/common/back.gif
خۇدايىم ساقلىسۇن، بىراق مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئادەم ...

ۋۇييۇ:lol

anar54 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 14:33:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلگىجان ،مەن ئۇزۇندىن بىرى سىزنىڭ توردىكى ئىلمىي ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۈپ كىلىۋاتمەن،مومكىن بولسا سىزدىن بىر ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم،قىممەتلىك ۋەقتىڭىزنى چىقىرىپ مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،سىزنىڭ ئېلىخەت ئادىرىسىڭىز ياكى چ چ نۇمۇرىڭىز بولسا يوللاپ قويسىڭىز سىز بىلەن ئورتاق بىر نىشاننى بېكىتسەمكەن دىگەن ئۈمىدتە مەن.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:40:31

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 12:10 static/image/common/back.gif
سورىغانلىرىڭىزنى بىلمىسەم شۇ بانىدا ئىزدىنىمەن ، ياك ...

ئىنشائاللاھ ، بىرلىكتە ئىزدىنەيلى
بىر ئىمام ۋەز قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىسىدىن 1+1 قانچىگە تەڭ دېسە 2 بولىدۇ دەيدۇ ، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 11=1+1بولىدۇ دەيدۇ ، بۇ دېگىنى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ،شىركەت يەنى شېرىك + ئەت دېگەنلىك ، بۇنىڭدائىككىسى قوشۇلغاندا يىغىندىسى ئەسلىدىكىن كۆپ چوڭ بولىدۇ ، شۇڭا پەيغەمبىرىمىزمۇ بىزنى ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇيدۇ دېگەنتى .
مانا قاراڭ فىزىكىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكىپارچىلىنىپ پارتلاپ زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ھاسىل قىلىدىغان ئاتوم بومبىسىدىن بىرىكىپ پارتلاپ زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ھاسىل قىلىدىغان ۋودرود بومبىسىنىڭ كۈچىئون نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ .
ئىنشائاللاھ بىرلىكتە ئىزدىنەيلى ، ئاللاھ بىزگە ياردەمدە بولغۇسى
------------------------------------------
ئۇ ئۆزىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۆزىنى تېپىش، ئۆزىنى بىلىش ئۈچۈن ئىچكى دۇنياسىدا ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقاتتى. ھەر يېڭى بايقاش ئۇنى باشقا ئىزدىنىشلەرگە يۈزلەندۈرەتتى. بۇ ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، ئۇ شۇنداق بىر نوقتىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ نوقتا ۋەھىينىڭ بوسوغۇسى ئىدى. سورىغان سۇئاللىرىغا پەقەت ۋەھىي جاۋاپ بېرەلەيتتى. ئىنساننىڭ كۈچى تۈگىگەن يەردە ئاللاھ نىڭ « بەندىسىگە » ياردىمى باشلانغانىدى:
ئوقۇ،
ياراتقان پەرۋەردىگارىڭ / رەببىڭنىڭ نامى بىلەن.
ئۇ ئىنساننى ئەلەق ( لەختە قان )تىن ياراتتى.
ئوقۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر.
ئۇ قەلەم بىلەن ( خەت يېزىشنى ) ئۆگەتتى.
ئۇ ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى ( ئەلەق سۈرىسى ئالدىنقى بەش ئايەت ).
شۇنداق، ئۇ ئىنسانغا بىلمىگەننى ئۆگەتكەنىدى.
ئىنسان « مەن كىم؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابىنى بىلمەيتتى. ئۆز كىملىكىنى، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلدى. ھەممىدىن بۇرۇن كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى ( ياراتقان رەببىنى ) بىلدى. سۇئاللىرىغا قانداق جاۋاپ تاپىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىش / بىلىشنىڭ يوللىرىنى ( ئىقرا بىل قەلەم ) بىلدى. ھەممىدىن مۇھىمى، ۋەھىينىڭ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇستازى ئىكەنلىكىنى بىلدى. خۇلاسىلىگەندە، ئىنسان بىلمىگەن، جاۋاپ تاپالمىغان نەرسىلەرنىڭ جاۋابىنىڭ ئاللاھ تا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەھىيسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. - مۇستافا ئىسلام ئوغلىىنىڭ يۈرەك دۆلىتى ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى ( كۆكلەم مۇنبىرىدىن ئەلنۇر24 تەرجىمىسى )

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 17:25:11

kinglion يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 09:13 static/image/common/back.gif
ئەسلىسەم 97-يىللىرى ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىل ...

‹ دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ›   دېگەن بۇ ياخشى سىياسەت چىققىلى ئۇزۇن بولسىمۇ، بۇ قېتىم 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تىمىسى بولۇپ ، ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمىۋاتىدۇ پۈتۈن جۇڭگۇ خەلقى!

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 17:51:19

بىر ھەدىستە «ئىنسانلار ئارىسىدا ئاشكارا زىنا ئەۋج ئالغاندىن كىيىن، ئۇلاردا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى كېسەللەر پەيدا بولىدۇ» دېگەندەك كۆرگىنىم ئېسىمدە. كېسەللەر ۋە بالا-قازالارنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ بارالىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز.:(

toghurchin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 19:07:18

ئافرىقىدىكى پۇقرالار بۇنى بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئافرىقىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئويىناۋاتقان ئويىنىدەپ قارىغان بولسا كېرەك،ئاۋۇ چاغدا ئايرىپ داۋالاش ئۆيىگە بېسىپ كېرىپ بىمارلارنى ئېلىپ چېقىپ كەتكەنلىك توغۇرلۇق بىر خەۋەر كۆرگەنىدىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 19:57:20

wuyyu يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 13:37 static/image/common/back.gif
خۇدايىم ساقلىسۇن، بىراق مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئادەم ...

::L :o :( شۇنداق خۇدايىم ساقلىسۇن... بۇ كېسەل تەساددىپىي سىزنىڭ مەھەللىڭىزگە كەپ قالسىمۇ شۇنداق دەمسىزكىن؟ بۇنداق ئىنسانىيەتكە قارشى گەپلەرنى كۆرۈشتىنمۇ ساقلىسۇن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 19:59:38

choice يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 09:19 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۈستى قەۋىتىدىكى بىلگىجاننىڭ ئىنكاسىن ...

رەھمەت سىزگە. دەل سىزدەك كىشىلەر پىكىر قاتناشتۇرسىكەن دېگەن مەقسەتتە شۇ ئىنكاسنى يېزىۋىدىم. گېپىڭىز راس بولسا، مەن سىزگە پات ئارىدا شۇنداقراق ۋەزىپە بېرىمەن، ئەمىسە. :)

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:05:09

خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ بالادىن .....بارلىققېرىنداشلارغا ئامانلىق تىلەيمەن.....:(

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:21:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 21:40

imirghazi يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 01:34 static/image/common/back.gif
تەپسىلىي جاۋاب بەرگىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ،د ...

سالام ئېنىم، مەن بەرگەن جاۋابتىن قانائەت تاپقان بولسىڭىز مەنمۇ شۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال. مەنمۇ سىزدەك ناھايىتى ئاكتىپ بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم، سوئال سوراشنى ياخشى كۆرەتتىم ھەم سىزدەك سوئاللىرىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىغان ۋاقىتلىرىم كۆپ بولۇپ كەتكەچكە ئۆزۈم قىزىققان بۇ پەننى ئۆزۈم بىر باشقا ئىلىپ چىقمىسام دېگەن غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشقان. ھازىرمۇ كاللامدا جاۋابسىز نۇرغۇن سوئاللار بار ھەم بىلمەيدىغان بىلىملەرنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بارغانچە چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا ئۆزۈمنىڭ كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى يامان ئەمەس ئىگىلىدىم دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشنى ۋاقتىم چىقسىلا خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. مۇشۇنداق سوئال سورايدىغان روھىڭىز سېپىلگەن سوغۇق سۇلار بىلەن ئۆچۈپ قالمىسۇن، بەلكى بارغانچە يالقۇنجاپ تۇرسۇن. بۇندىن كېيىن سوئاللىرىڭىز بولسا ماڭا ئېلخەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن سىزگە ئادېرىسىمنى ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋەتتىم. سىزدەك بىلىمگە ھېرىسمەن بىر ئېنىم بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن. بىلگەجان بۇندىن كېيىن سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:29:38

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 19:59 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە. دەل سىزدەك كىشىلەر پىكىر قاتناشتۇرسىكە ...

راسلا مەن تەييار. ئۇزۇن بولغان مەنمۇ بىزدە نىمىشقا شۇنداق ئىزدىسەك جاۋاپ چىقىدىغان نەرسىلەر يوقتۇر دەپ ئويلاۋاتقىلى، بىزدە ئۇيغۇرچە توربەتلىرى ناھايىتى كۆپ، ناخشا فىلىم ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ، ئەمما بىلىم ئىزدىسىڭىز چىقمايدۇ، ئەسلىدىلا كىتاپخانىدىمۇ ئادەم پايدىلىنىدىغان قورال كىتاپلار ئاز، مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كىچىكىننە بولسىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك بولماس.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:46:34

adl228 يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 12:19 static/image/common/back.gif
بىلگىجان تەتۈر كۆچۈرگۈچى RNAنىڭ كۆچۈرۈلۈش جەريانى ھەقق ...

بۇ سوئالغا @uqkun1 جاۋاب بېرىپ باقسىمۇ مەيلى. سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئىشتىھاسى بار مۇئەللىملەرنىڭ ياردىمىنى ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. :) مەن ھازىرچە قىسقا جاۋاب بېرەي، چۈشىنەلمىسىڭىز تەپسىلاتىنى uqkun1 سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ.

RNA نىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلىشىنىڭ بايقىلىشى بىئولوگىيە تارىخىدا يېڭى بىر دەۋىرنى ياراتقان بايقاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ چۈنكى بۇ بايقاشتىن ئىلگىرى ئالىملار پەقەت DNA لا RNA ھاسىل قىلالايدۇ، دېمەك ھاياتلىق پەيدا بولۇش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق DNA دىن پەيدا بولغان دەپ قاراپ كەلگەن. ھالبۇكى، RNA تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنىزىمىنىڭ بايقىلىشى بىلەن تەڭ RNA نىڭمۇ تەتۈر كۆچۈرلۈپ DNA ھاسىل قىلالايدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئېرسىي ئۇچۇر پەقەت DNA دىن RNA گە كۆچۈرۈلۈپ ئاخىرىدا ئاقسىلغا تەرجىمە قىلىنىدۇ دېگەن قاراش، يەنى«مولىكۇلا بىئولوگىيىسىدىكى مەركىزى دوگما»غا مەڭگۈلۈك خاتىمە بېرىلدى. RNA ۋىرۇسلىرى بۇ بايقاشلارنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئالىملار RNA ۋىرۇسلىرىدا بىر ئالاھىدە ئېنىزىم بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئېنىزىمنىڭ رولى RNA دىن تولۇقلىغۇچى DNA ياكى cDNA ھاسىل قىلىش ئىكەنلىنى بايقىغان، شۇڭا بۇ ئېنزىمغا RNA تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنىزىمى دەپ نام بەرگەن. بۇ بايقاش مولىكۇلا بىئولوگىيسىدە بىر ئىنقلابنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ۋە مۇشۇ بىلىم ئاساسىدا ھازىر كۆپ ئىشلىتىدىغان نەق ۋاقىتلىق-PCR ياكى Realtime-PCR قاتارلىق تېخنىكىلار ۋۇجۇدقا كەلگەن.

ۋىرۇس ساھىبخان ھۈجەيرىسى ئىچىگە كىرگەندە سىرتقى قېپىنى كىرگۈزمەيدۇ، بەلكى پەقەت نۇكىئوكاپسۇلىنلاا ھۈجەيرە سىتوپلازمىسىغا كىرگۈزىدۇ. ئاندىن RNA تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنىزىمىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋىرۇسى RNAسى ئوڭ يۆنىلىشلىك mRNA گە ئايلىنىدۇ ۋە شۇ پىتى كۆپىيىدۇ. بۇ mRNA لەر ئاندىن ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئوڭ يۆنىلىشلىك mRNA لەر ئاندىن DNAگە ئايلىنىدۇ ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك بولغان (ۋىرۇسىنىڭ گېنومى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش) mRNA لەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەريان ھۆجەيرە ھەر قېتىملىق گېن نۇسخىلىنىشىنى باشتىن كەچۈرگەندە تەكرارلىنىۋىرىدۇ شۇنداقلا ھاسىل بولغان ۋىرۇس ئاقسىللىرى بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ۋىرۇس كوپىيىسى مەيدانغا كىلىدۇ، دە يەنە باشقا ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋىرۇسلار تىز سۈرئەتتە ساھىبخان ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىش مىخانىزىمىدىن پايدىلىنىپ ئۆز سانىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.

قالغان چۈشىنەلمىگەن يەرلىرى بولسا ياكى تولۇقلاشقا تىگىشلىك بولسا باشقىلار قوشۇپ قويسا بولىدۇ.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 21:08:36

لىكىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان ئادەمنى بايقاپ قالسا تاماقنى يەۋالاي، بالام بىلەن خوشلىشىۋالاي دىگىنىگە قويماي ئېلىپ كېتىدىكەن. ئامرىكىنىڭ بىر كىنوسىدا بىر جوزىدا تاماق يەۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ئانىسىنى شەرەت قىلىپلا ئېلىپ ماڭىدۇ. بالىسى يۈگرەپ كىلىپمۇ خوشلىشالمايدۇ. كېيىن ھىلىقىدەك باش ئاخىرىنى چىڭ تاقايدىغان ئاق رەڭلىك جەسەت خالتىسى بىلەن كۆيدۈرۈش ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىدۇ. بەك ئىچىنىشلىق.
بەت: 1 2 [3] 4 5
: (bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟