imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 21:29:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imirghazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 21:48

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 20:21 static/image/common/back.gif
سالام ئېنىم، مەن بەرگەن جاۋابتىن قانائەت تاپقان بولس ...

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ
(سۈرە ئەنكە بۇت 43-ئايەت)
شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (سۈرە فاتىر 28-ئايەت)

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ماڭا سىزدەك بىر ئاكىنى بەرگىنىگە مىڭ شۈكرىلەر بولسۇن !
ئاندىن سىزگە كۆپ رەھمەت ، ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىۋاتىمەن ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن . ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسا كىم بىلەن دوست بولغىنىغا قارىسۇن دەپتىكەن ، سىز بىلەن ئىككى ئېغىز پىكىرلىشىپ دوست ، ئاكا -ئىنى بوپ قالغىنىمدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىۋاتىمەن . ئاللاھ قېرىنداشلىقىمىزنى قىيامەتلىك بولغىلى نېسىپ قىلسۇن ئامىين!
سىزنى ئاۋارە قىپ قويغىنىمدىن خىجىللىقھېس قىلساممۇلېكىن يەنىلا خوش بولىۋاتىمەن ، ئەلۋەتتە مېنىڭ كەسپىم بىئوگىيە بولمىغاندىكىنھەم مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان بۇكەسىپ ھەققىدە شۇ سىز تېما يازسىڭىز خەۋەردار بولىمەن بولمىسا جىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىم . مەن ھەم سىزدەك كەسپىي تەتقىقاتچى بولمىغاندىكىن سىزدىن تولا قاملاشمىغان سوئال سوراپ ئاۋارە قىپمۇ كەتمەيمەن ئاللاھ خالىسا .
توغرا ، ئالغا ئىلگىرلەش روھى ، ئىزدىنىش روھى سوغۇق سۇلار بىلەن ئۆچۈپ قالماي بەلكى تېخىمۇ يالقۇنجىسۇن
ھاك تېشىنىڭ سىرتى خۈنۈك ئىچى ئاق ،
بولسىمۇ گەرچە ئۇنىڭ تەرى سوغاق .
قانچە كۆپ سەپسەڭ سوغۇق سۇ ئاڭا سەن ،
قاينايدۇ ئوت ئىچىدىن شۇنچە ئۇزاق .
-ئابدۇكېرىم خوجا
سىزنىڭ بەرگەن ئىلھاملىرىڭىزنىڭ مەندە كۈچىنى نامايەن قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن ئامىين!
شۇ تاپتا راستتىنلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ......

بىزدە بولىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبە – سىرلار تەجرىبىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ھەققىي سەنئەت ۋە ھەققىي ئىلىم – پەننىڭ مەنبەسى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان ئاساسىي ھېسىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭ تېگى- تەكتىگە يەتمىسە،ئۇنىڭدا قايتا قىزىقىش بولمىسا،شۇنداقلا قايتا ھەيرانلىق ھېسىيات بولمىسا،ئۇ ھارام تاماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزى ئىنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. بايقاپ كېتەلمەيدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە،قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرىغا ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىل بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئىداركىي ۋە ئەڭ يارقىن گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز –دەل مۇشۇنداق تونۇش ۋە مۇشۇنداق ھېسىياتتىن ھەقىقىي دىننىي ھېسىيات ھاسىل بولغان. مۇشۇ مەنىدىن،بەلكى پەقەت مۇشۇ مەنىدىنلا، چوڭقۇر دىننىي ھېسىياتقا ئىگە ئادەممەن. ئۆزۈم ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىردىن قانائەتلىنىشنى ئىستەيمەن. مەۋجۇت دۇنيانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلمىسىنى كۆزىتىشتىن قانائەتلىنىمەن. ئۇنىڭدىن يېرىم – ياتىنى بولسىمۇ بايقۋالالىسام ھەمدە سەممىي تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈنگەن ئاشۇ ئىدراكنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەم،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسام،ئۇنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەممۇ تولۇق رازى بولغان بولاتتىم.   -- ئالبېرت ئېينىشتېيىن .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 21:53:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 21:57

   ئىبولا ۋېروسىنى نىمىشقا خەتەرلىك دەيمىز؟بۇ ۋېروس ئىلگىرىمۇ باركەنتۇققۇ؟ ئەجەبا بۈگۈنكى كۈندە چىقىپ قالدىغۇ...(بەلكى چىقىرىلىپ قالدى!)
    ئەسلى ماھىيەتتە ئەڭ خەتەرلىكى بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا مىقياسى بويچە ئۆز ياراتقۇچىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ،ئۇ چەكلىگەن توساقلاردىن ئوموميۈزلۈك بۆسۈپ ئۆتۈشىدۇر!!!ئالدىنقى ئەسىرلەردە ياۋروپا دىنىي جەمىيەتلىرىگە قارشى ئىنقىلاپلار تازا ئەۋجىگە چىققان بىر چاغلاردا بىر مۇتەپەككۇر «پاندورانىڭ سىرلىق قۇتىسى ئېچىلدى!» دەپ قايغۇلۇق نىدا قىلغان ئىكەن. بۇ دىگىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بارچە رەزىللىك،كېسەللىك،بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى! دىگىنى بولۇپ ، مانا بۈگۈنكى «يەر شارىلىشىش» نامى ئاستىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىندىن يىراقلىشىش-يىراقلاشتۇرۇش ھەركىتى جەريانىدا «پاندورا قۇتىسى»نىڭ ئېغىزى تېخىمۇ چوڭ ئېچىلماقتا. ئەمدى ئىنسانىيەت بۇ خىلدىكى كېسەللىك تەھدىتى، يادرو تەھدىتى، كىلىمات ئۆزگىرىش تەھدىتى...ۋە ئاللىقانداق تەھدىتلەر ئاستىدا تولغانماقتا ، بىلىشسە بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن ھەددىدىن ئاشقانلىق جازاسى!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 21:56:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 21:59

sahabe يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 21:53 static/image/common/back.gif
ئىبولا ۋېروسىنى نىمىشقا خەتەرلىك دەيمىز؟بۇ ۋېروس ئ ...

ئىشىنىڭكى، ئىبولا ۋىرۇسى بۇرۇنمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدى پەقەت ئىنسانلار ئۇنى بىلەلمەي قالغان يېرىلا بار. ئىبولانىڭ يۇقۇشى يۇقۇملانغان ھايۋانات گۆشلىرىنى يېيىشتىن بولغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ، بۇزۇقچىلىق ياكى دىننىي چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈش بىلەن مۇناسىۋىتى ئاساسەن يوق. يۇقىرىدىكى سۆزىڭىزنى مۇنازىرە قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكىم دېگىنىڭىز توغرىدۇ... ئەمما ئىبولا ۋىرۇسى توغرىسىدا بولۇۋاتقان مۇنازىرىگە تازا ماس كەلمەي قاپتۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:15:20

   ياۋايى گۆشخور ھايۋانلار ئەسلى چوڭ جەھەتتىن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيتى، بىراق ئىنسانلارنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ،چەكتىن ئېشىپ،ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ «ھوزۇرلانغۇسى» كەلگەن چاغدا، بۇ ۋە بۇ خىلدىكى ۋېروسلار پۇرسەتتە ئىنسان تېنىگە يۆتكەلگەنلىك ئېھتىمالى يوقمىدۇ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:20:30

   ئىلگىرى سارس تارقىلىپ تىزگىنلەنگەندىن كىيىن، ماتىرياللاردىن سارس ۋېروسىنىڭ پىرماتلار ئەترىتىدىكى ھايۋانلار تېنىدە ئەسلىدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكى، بەزى ئىنسانلارنىڭ «تىرىك مايمۇن مىڭىسى»نى يىيىشتەك «غەلىتە خۇمارىدىن » بۇ ۋېروس ئادەم تېنىگە يۆتكەلگەنلىك ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇغانتىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:24:18

ئافىرىقىدا ھەر ۋاقىت ئاچارچىلىق بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئامالسىز ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز كېرەك. بۇ خىل كېسەللەر تەرەققىياتى بىر قەدەر يۇقىرى دۆلەتلەردە دەسلەپ يامراش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن چۈنكى مەيلى ئەيدىز بولسۇن ۋە مەيلى ئىبولا بولسۇن، نۇرغۇن ۋىرۇسلار ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدۇ. ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش ئاز كۆرۈلىدىغان رايونلاردا بۇ خىل كېسەللەرمۇ نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئافىرىقىدىكى كىشىلەر «ھوزۇرلىنىش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «جان ساقلاش» ئۈچۈن ئوۋچىلىق قىلىشى مۇمكىن، بۇنى تىگىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ خاتالىقى دېگىلى بولمايدۇ... پەقەت تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئىلمىيلىققا يۈزلىنىشى بۇ خىل كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، كىشىلەر «ھەۋەسخورلۇق» قىلىپ قىلمايدىغان ئىشلارنى سىناپ بېقىپ كېسەل يۇقتۇرۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇنى ئافرىقىدىكىلەرگە دېسەك تازا ماس كەلمەيدۇ، لىكىن. كونگو، نىگىرىيە، لىبىرىيە دېگەندەك دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ چىقساقلا نۇرغۇن ئىشلار ئايدىڭ بولۇشى مۇمكىن.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 05:01:01

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 20:46 static/image/common/back.gif
بۇ سوئالغا @uqkun1 جاۋاب بېرىپ باقسىمۇ مەيلى. سوئالغا جاۋ ...

بۇ بىر ۋىروسقا دائىر تېما بولغاندىكىن ، تولا سۇئال سورايدىغان نېمەكەن دىسىڭىزمۇ سورىۋالاي
DNA ۋە RNA ۋىروسىنىڭ ئۆزىنى نۇسخىلاپ كۆپەيتىش جەريانىنى ھەممىمىزگە خېلى تۇنۇشلۇق بوپ كەتتى . قايسى كۈنى نەدىن ئاڭلىدىم خۇدايىم ئېسىمدە يوق ئاقسىل ۋىروسى دەپ بىرگەپنى ئاڭلاپ قالدىم ، سىزنىڭ يازمىڭىزدا ئۇقۇدۇممىكىن دەپ يازمىڭىزنى قايتا ئۇقۇسام ، ئۇيەردىمۇ يوق ،ىشقىلىپ پەقەتتاپالمىدىم ، ئەگەر مۇشۇنداق ۋىروس بوپ قالسا ئۇنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۆزنى نۇسخىلىنى جەريانىنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەگەر ئاڭلىغانلىرىڭىز بولسا مۇشۇ ھېبىبۇللانىڭ تۈزىلىشى ھەققىدىمۇ ئازراق ئۇچۇر تەمىنلىسىڭىز، مەسىلەن ئۇنىڭ يادرو كىسلاتاسى RNA مۇ ياكى DNA , يا ئاقسىل ۋىروسىمۇ ، بۇۋىروسنىڭ بۇنچىلا يامانلىقىغا قارىغاندا ئاقسىل ۋىروسى ئەمەستۇ بەلكىم .
    يەنە ئېسىڭىزدە يوق بۇنىڭ سۇئالى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى دەپ قالماڭ{:92:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 09:15:17

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 11:38 static/image/common/back.gif
توۋا ، مۇشۇ ماسون ھەققىدىكى ئۇچۇرنى قاچان كۆردۈم ، ش ...

مەسۇم دىگەن كىم ئەمدى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:04:22

@adl228، ئالدىنقى تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم توغرىسىدىكى سۇئالىڭىزغابىلگەجان چوڭقۇرلاپ جاۋاب بېرىپتۇ ، بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بىئولوگىيە زۆرۈر دەرسلىكلىرىمىزدە گېننىڭ بەلگىلەرنى كونتىرول قىلىشى ۋە ئاقىسىللارنىڭ سېنتىزلىنىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى دىگەن مەزمۇنلىرىدە بىر قىسىم ئاساسى بىلىملەر سۆزلىنىدۇ . سىزنىڭ بىئولوگىيە ئاساسى ساۋاتىڭىز قايسى دەرىجىدە بىلمەيمەن ، شۇنداق بولسىمۇ شۇ ئاساسى بىلىملەردىن بىلگەجان جاۋاب بەرگەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئاممىباپراق چۈشەنگىلى بولىدۇ .
بىئولوگىيەدە مەركەز قانۇنىيىتى دەيدىغان قانۇنىيەت بار ، دەسلەپتە بۇ قانۇنىيەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى : ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرى DNA دىن كۆچۈرۈلۈش ئارقىلىقm RNA غا ئۆتىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئاقسىلغا ئۆتىدۇ ، يەنە شۇ DNA دىن نۇسخىلىنىش ئارقىلىق DNA غا ئۆتىدۇ ؛ RNA دىن نۇسخىلىنىش ئارقىلىق RNA غا ، ئاغدۇرۇلۇش ئارقىلىق ئاقسىلغا ئۆتىدۇ ؛ ئەمما ئاقسىلدىن DNAۋە   RNA غا ئۆتمەيدۇ . ئەمما كېيىنۋىروسلاردىكى تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ئېنزىمنىڭ بايقىلىشى بىلەن RNA دىكى ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرى يەنە DNA غىمۇ ئۆتىدىغانلىقى بايقالدى . شۇنىڭ بىلەن مەركەز قانۇنىيىتى يەنە بىر قەدەم مۇكەممەللەشتى .(يۇقىرىدا دىيىلىۋاتقان ‹‹ئۆتۈش›› سېنتىزلاشقا يىتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ)

ئەمدى سىز سورىغان ssRNAۋە dsRNA غا كەلسەك
ssRNA : مەن بۇ توغرىسىدا پەقەت بۇ خىل ئاتاشنىڭ تىنىدىكى تاق زەنجىرلىكRNA نىڭ m RNA رولىنى ئويناش ئوينىيالماسلىقىغا ئاساسەن   ۋىروسلارغا قارىتىپ ئېيتىلغان ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنىبىلىمەن . ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغۇ دەيمەن .
مەتىرىيال كۆرۈپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ .

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:52:26

ئەگەر ھاۋادىن تارقىلىدىغان   بولۇپ قالسا نىمە كۈنلەر بولاپ كىتەر ئەمدى ؟ ئاغزىمنى ئۈشتمەي بولدى ...خۇدايىم ساقلا!:lol:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 13:51:50

wuyyu يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 13:37 static/image/common/back.gif
خۇدايىم ساقلىسۇن، بىراق مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئادەم ...

تۈز كۆڭۈللىكىڭىز ۋە سەمىمىيىتىڭىزدىن قايىل بولدۇم:)

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:06:24

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 22:24 static/image/common/back.gif
ئافىرىقىدا ھەر ۋاقىت ئاچارچىلىق بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ۋ ...

   ماقالىڭىزنى سەل ئالدىراپ ئۇقۇپ ساپتىمەن ، دەرۋەقە RNA ۋىروسى دەپ سىز ،ئەمدى بۇمۇ ئايدىڭ بۇلۇپ كەتتى .
    ئەمدى ئاقسىل ۋىروسىغا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ، بۇخىىل ۋىروسنىڭ يادرو كىسلاتاسى بولمايمىش ، پەقەتلا ئاقسىل بۇلۇمىش ،بۇ ۋىروس قانداق كۆپىيىدۇ ، يە بۇلمىسا بۇگۈنكى زاماننىڭ ئاقسىىلىرىمۇ ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغان بۇلۇپ كەتتىمۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:03:40

adl228 يوللىغان ۋاقتى2014-10-24 14:06 static/image/common/back.gif
ماقالىڭىزنى سەل ئالدىراپ ئۇقۇپ ساپتىمەن ، دەرۋەقە...

بۇخىىل ۋىروسنىڭ يادرو كىسلاتاسى بولمايمىش ، پەقەتلا ئاقسىل بۇلۇمىش ،بۇ ۋىروس قانداق كۆپىيىدۇ ، يە بۇلمىسا بۇگۈنكى زاماننىڭ ئاقسىىلىرىمۇ ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغان بۇلۇپ كەتتىمۇ؟
===================
ئاقسىل ۋىرۇسى ھازىر پىرىئون دېگەن نام بىلەن ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر مەۋجۇداد سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق، پىرىئونلارنىڭ يادرو كىسلاتاسى بولمايدۇ. پىرىئونلار خاتا-قاتلانغان ئاقسىللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش مىخانىزىمى ئۈستىدە بىر قانچە قاراشلار مەۋجۇت، ئەمما تېخى ئېنىق ئىسپاتلانغان، دەلىلەنگەن مىخانىزىمى بارلىققا كەلمىدى. سىزنىڭ سوئالىڭىزغا ھازىرچە بىرلىككە كەلگەن جاۋاب بولمىغاچقا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزمەن.
بىلىنگەن پاكىتلار: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھايۋانلار ياكى ئىنسانلارنىڭ نىرۋا سىستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق داۋالاش ئۇسۇلى يوق ۋە پىرىئوننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كىتىدۇ. ئەنگىلىيەدە ھەر 2000 ئادەمنىڭ بىرىدە پىرىئون ئاقسىللىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا ئائىلىسىدىكى ھايۋانلاردا پىرىئونلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ بۇغا، كالا قاتارلىقلاردا ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل ئېغىر كېسەللەر پىرىئوندىن كىلىپ چىققان. مەسىلەن: ساراڭ كالا كېسىلى قاتارلىقلار.

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 07:27:16

بىلگەجانغا كۆپ رەھمەت، ئىبولا ھەققىدە دەسلەپكى بىلىمگە ئىگە بولدۇق. بىلگەجاننىڭ بارچە ئىشلىرىگە ئوڭۇشلۇق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:40:09

ئوباما ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان سېسترانى چىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-25 12:20

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 00:06 static/image/common/back.gif
ئىنتايىن ياخشى بىر نۇقتا! شۇنداق، يېڭىدىن كېسەل يۇقتۇ ...

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى-ئوباما ئاق سارايدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان سېستىرا-فەن نىنانى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلاپ كۆرۈشتى شۇنداقلا فەن نىنانىڭ كۆرسەتكەن بارلىق تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ 23-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئاكادىمىيىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى تۇنجى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى-چىش كېسەللىكلىرى سېستىراسى-فەن نىنانىڭ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىنى، شۇنداقلا 24-چېسلا كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فەن نىنا ئىسىملىك بۇ ئايال سېستىرا ئامېرىكىدا تۇنجى بايقالغان ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىمار-دېنكېننى داۋالاش جەريانىدا بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 24-چېسلا كۈنى، سېستىرا فەن نىنا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ھەم يىغىندا ئۆزىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قان سۇيۇقلۇقىنى تەقدىم قىلغان ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن ساقايغۇچى- بىرانتلىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا،ئوباما ئاق سارايدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان سېستىرا-فەن نىنانى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلاپ كۆرۈشتى شۇنداقلا فەن نىنانىڭ كۆرسەتكەن بارلىق تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتقان.
ئامېرىكا ئاتلانتا ئېمورىي ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى 2-ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار- ئەنبۇر.ۋېنسېننىڭمۇ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋېنسېنمۇ دەل ئامېرىكىدا تۇنجى بايقالغان ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىمار-دېنكېننى داۋالاش جەريانىدا بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئىدى.



http://www.nur.cn/news/2014/10/190654.shtml


udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 12:52:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-25 14:53

ئىبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان بىمارلار توغرىسىدا بۇنىڭدىنمۇ ئىنىقراق، ئىلمىيرەكبولغانئۇچۇرلار بارمۇ؟

ئامرىكا زۇڭتۇڭلىرى قالتىس گۇيلاركەن.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 00:50:45

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-24 16:03 static/image/common/back.gif
بۇخىىل ۋىروسنىڭ يادرو كىسلاتاسى بولمايمىش ، پەقەتلا...

پرىيون بولسا پارازىت ئىگىسى تېنىدىكى PRNPگېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن كەلگەن نورمال پرىيون ئاقسىلى PrPc نىڭ تۈزۈلۈش ئۆزگەرگەن ئىزومىرى PrPsc نىڭ ئاتىلىشى بولۇپ يەنە ئاقسىل ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىدىكى داۋاسىز نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ بىرى بولغان پرىيون كېسىلى دەل مۇشۇ ئاقسىل ۋىرۇسى PrP^sc نىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن بولىدۇ. PrPsc يەنە توختىماستىن نورمال پرىيون ئاقسىلى PrPcغا تېگىشىش ئارقىلىق ئۇنىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ يۇقۇملۇق پرىيون PrPsc غا ئايلاندۇرىدۇ، نەتىجىدە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆلتۈرۈپ ئاخىرىدا جانغا زامىن بولىدۇ.
مولېكۇلا دېئاگنوزى دەرسىمدە نېرۋا چېكىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە يېزىپ باقتىم، توغرا بولدىمۇ يا بىلگەجان ئاكا؟ توغرا بولمىغان جايلىرى بولسا خاپا بولماي تۈزىتىپ بېرەرسىز دەيمەنغۇ بىلگەجان ئاكا؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 00:52:33

ماۋۇ تېمىدىن بەك جىق بىلىملەرنى پىششىقلىۋالدىم جۇما ئىشقىلىپ....مۇشۇندا ماقالىلەرنى كۆپلەپ يېزىڭە بىلگەجان ئاكا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش باشقىچە ھوزۇرلۇق ھەم چۈشىنىشلىك بولىدىكەن.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 06:58:21

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مۇمكىن بولسا مۇشۇ ۋىروسنىڭ ئادەم تېنىگە كىرپ ئادەمنى مەلۇم خىل كىسەلگە گىرىپتار قىلىش جەريانىنى بىر تەپسىلى بايان قىلىپ باققان بولساڭلار

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:11:03

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 22:06 static/image/common/back.gif
ئىنتايىن ياخشى بىر نۇقتا! شۇنداق، يېڭىدىن كېسەل يۇقتۇ ...

http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5473&extra=&page=3ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭە! 25- قەۋەتتىكى ئابلىمىتنىڭ ئىنكاسىغا قىستۇرۇلغان سۈرەتنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. سىزنىڭچە ئۇ ياسالغان سۈرەتمىدۇ ياكى راستىنلا ئاشۇنداق ئىشلار مەۋجۇتمۇ؟
بەت: 1 2 3 [4] 5
: (bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟