bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:44:35

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 17:11 static/image/common/back.gif
http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5473&extra=&page=3ئەسسالامۇ ئەلەي ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇ سۈرەتنى كۆرۈپ باقتىم. ئۇ چوشقىسىمان ئادەم دەيدىغان مەخلۇق پەقەت بىر فانتازىيەدىن ئىبارەت. ئابلىمىت خېلى ئىلمىي ئادەمتى، بۇ نۆۋەت تېخنىكىغا بەكرەك ئىشىنىپ كېتىپتۇ. بۇ خىلدىكى ھايۋان بىلەن چاڭلاشقان ئادەملەر ياكى ئىككى جانلىقنىڭ ھۈجەيرىلىرى ۋە ياكى بىر تۈردىكى ئىككى ئىندىۋىدۇئالنىڭ ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلۇشتىن ھاسىل بولغان جانلىقلارنى كايمىرا دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەن بۇرۇن شۆھرەتكام ھاسىل قىلغان كايمىرا (ئىككى مايمۇندىن ھۈجەيرىلىرىدىن تەرەققىي قىلغان يىڭى مايمۇن) توغرۇلۇق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلغىنىمدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن، شۇ ماقالىنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئۆچكە بىلەن قوينىڭ كايمىراسىدىن باشقا ئىككى تۈرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان كايمىرالار ئەمەلىيەتتە يوق، مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ياسالما سۈرەتلەردۇر.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:31:21

ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سوئالىمغا جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! گەرچە گېنتىكا ئىلمىغا ئائىت بىلىدىغانلىرىم يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ مەنمۇ يېقىن كەلمەيدىغان ئىككى خىل جانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە(مەيلى تەبئىي مەيلى سۈنئىي )ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن يېقىندا ئۈندىداردىن «يولۋاس بىلەن شىرنىڭ جۈپلىشىشىدىن تۇغۇلغان مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ئەڭ چوڭ گۆشخور ھايۋان» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن بىر سۈرەتنى كۆرۈپ قالدىم.(ئەپسۇس، ئۇ سۈرەتنى ساقلىۋالماپتىمەن)قارىسام بەكلا يوغان بىر ھايۋان،(437 كىلوگىرام دېگەن ئىزاھاتىمۇ بارغۇ دەيمەن)بىر يەرلىرى يولۋاسقا ئوخشىسا بىر يەرلىرى شىرغا ئوخشايدۇ. شىر بىلەن يولۋاسنىڭ بەزى ئوخشاپ قالىدىغان تەرەپلىرى بولغاچقا مەن ئۇ چاغدا ئۇ سۈرەتكە ئىشىنىپ قاپتىكەنمەن. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى چۈشەنچىگە قارىغاندا دېمەك،ئۇ سۈرەتمۇ يالغانكەندە؟!

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:00:36

بۇ كىسەلنى دالۋالىغىلى بولمايلا قالماي يامان يىرى ئالدىنى ئېلىشمۇ بەك تەسكەن
بەت: 1 2 3 4 [5]
: (bilgejan) ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟