tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 08:50:57

ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم

1.گەرچە خوشاللىق فورمىلاسى دىگەن بۇ سۆزنى بۇ ئۇقۇمنى  ئانچە بەك  ياقتۇرمىساممۇ ئەمما داڭلىق ئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئىستىكى يەنىلا غالىپ كىلىپ يەنىلا ئىقبالغا قاراپ يول ئالدىم . مەن ھەققى خوشال بولدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا باشقىلارنىڭ ئازابىنى كۆرسە باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتقانلىقنى كۆرسە خۇددى يېڭى ئاخباراتقا ئېرىشكەندەك گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىدىغان ئادەملەرنى كۆپ كۆرگەچكە ھەممە ئادەمگە ماس كىلدىغان بىر خوشاللىق فورمىلاسىنىڭ بارلىقىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم .

2.ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكىسيەسىدە ئەكىس ئەتكەن ئۆزىنى تونۇش ئۆزىنىڭ يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىش ھەر بىر ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىق تەكىتلەشكە تىگىشلىق نۇقتا بولسىمۇ ،ئەمما بۇ يەنىلا دەۋىرنىڭ چەكلىمىسىگە ،تۇزۇمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايدۇ . ئادەم ئۆزىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەندە خوشاللىقمۇ چوڭقۇر بولىدۇ بۇ شەكىسز ئەمما شۇنىڭغا قارىتا ئازاپمۇ چوڭقۇر بولىدۇ . بۇ يەردە قانداقتۇر ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن ھامان ئازاپ غايىپ بولىدىغاندەك بىر كۆرۇنۇش يوق . ئەلۋەتتە بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەندە ئارتۇق يولنى ئازراق بېسىپ ئەڭ قىسقا يول بىلەن نىشانغا يىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن . بۇ يەردە ئەلى مۇئەللىم يول تۇغۇرسىدا توختۇلۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە ماس كەلگەن ئۆزىگە ئەڭ لايىق بىر قىسقا يولنى تاللاشنى ئۇمۇت قىلدۇ ، ئەمما نۇرغۇن ئادەم تاللىۋالغان يول پەقەت ئۆزىگىلا توغرا ، لېكىن قۇرئان كەرىم سۇرە فاتىھەدىكى رەببىمىز بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن . دىگەن ئايەتتىن كۆرە بىز توغرا يولنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا تاپالايمىز ، شۇنداق قۇرئان كەرىم  ۋە ھەدىس بىزگە يەنى ئىنسانلارغا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت سائەدەتكە ئېرىشىشنىڭ پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىرىنى بەلگىلەپ بەردى . بۇنىڭدا شەك شۇبھە يوق ، ئەمدىكى گەپ مىنۇت سىكۇنىتلاپ ئۆزگىرىۋاتقان زامان ھاسىلاتلىرىغا قارىتا سەزگۇر بولۇپ تەدبىقلاشتا قالدى .

3.كەمىنە قومۇلنىڭ توپسىدەك خار ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى توخوتۇر شۇنداق تەخمىن قىلدىمكى توغرا يول  تېپىش ئۈچۇن ، ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىكەن . چۇنكى يۇرەك ئەڭ سەزگۇر ئەزا شۇڭا ئۇ قەلىپ دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىنساندا قەلىپتىنمۇ سەزگۇر بىر ئەزانىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئادەملەر نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ قەلبىنى كۆمىدىكەن ، ياكى قەلبى توغرا دەپ قارىغاننى قىلماي ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەننى قىلدىكەن . ياكى بولمايدۇ ، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قىلىۋىرىدىكەن . دىمەك ئۆزىنى تونۇش ،ئۆز قەلبىدىن چىققان ساداغا قۇلاق سېلىش دەل ئەلى مۇئەللىم تەكىتلەۋاتقان بىر يول ، ئەمما ئەل جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە رازىلىقى  ھەم ئىنتايىن مۇھىم ھازىر ھۆكۆمىتىمىز توختىماي تەكىتلەۋاتقان ھەم ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتقان بىر نۇقتا ، بۇلار بىلەنمۇ توغرا يول ھەقىقى قولغا كەلمەيدۇيا تېخى ، بۇ يەردە يەنە بىرمۇھىم نۇقتا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ، بىز بەخىتنى ئاللاھنىڭ رىزالىقدىن تاپىمىز ، توغرا يولنىمۇ ھەم ئاللاھنىڭ رىزالىقىدىن تاپىمىز .بۇ ئۇچ يولنىڭ كىسىشكەن نۇقتىسىدا ئاللاھ خالىسا بىر توغرا يول بىزگە قۇچاق ئاچقۇسى .
گۇلدۇر گۇپپاڭ يولدىن نىشان مۇھىم جەرياندىن نەتىجە مۇھىم دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۇرگەن ئەلى مۇئەللىم مەن سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزغا قوشۇلالمايمەن ،ئۇ نىشانغا تۆت پۇتلاپ ئۆمىلەپ بارساممۇ ھىساپ ، يەر تىگىدىكى سازاڭدەك يەر بېغىرلاپ بارساممۇ ھىساپ ، دەپ تۇرىۋالساق بولمايدۇ ، بىز نىشانغا ئىنساندەك بېرىشىنى لايىق كۆرىمىز ، بىز نىشانغا ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن بېرىشنى لايىق كۆرىمىز ، بىز نىشانغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن بېرىشنى لايىق كۆرىمىز .
سەمىڭىزلەرگە جەننەتكە تۇتاشقان يول تىكەن ۋە باشقا ئاۋارچىلىقلار بىلەن تولغان ، دوزاخقا تۇتاشقان يول بەك كەڭرى ھەم ئازادە دىگەن ھىكمەتنى سۇنىمەن  .

4.دىققتىمنى تارتقىنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىز نومۇس قىلدىغان ئىشلاردىن نومۇس قىلماسلىقى ، ئۆزىنى تىللىسا بولدىغانلىقى  ماختىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئەمما سۆزلىرىنى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ئىېيتقان چاغدىكى جۇرئىتى بولدى .ئۆزىنى مازاق قىلىش ئۆزىنىڭ ئاددى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش ،باشقىلارنىڭ باھاسىغا پەرۋا قىلماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ باھاسىدىن زىيادە ئۇركۇپ كەتمەسلىك ،  ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ تۇرۇپ قىلغان  بىر خىل ئۆگۇتۇش ئۇسۇلى دەپ قارىدىم .ھەقىقەتەن ئەلى مۇئەللىم ئاتتىنمۇ ئۈزەڭگىدىنمۇ چۇشۇپ باشقىلارغا جۇملىدىن قومۇللۇقلارغا ئاتتىن چۇشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۇشمەيۋاتقان ھالەتلىرىگە سەمىمى بىر دەرىس بەردى. گەپ ئارلىقىدا  تۇكۇرۇش ، ئورۇق ۋىجىك بولۇش ،  قولتۇقتىكى تەر پۇرىقى ،كىچىك تەرەت چوڭ تەرەت قىلىش . ۋە تەرەتخانىدا ئاڭلىغان ئۆزىنىڭ غەيۋىتى  ، بۇرۇننىڭ تۇكى دىگەندەك مىساللىرى بىزنى تەجرىبىلەر قويىنىدىكى كبىرى ھالەتلىرىمىزدىن چىن ئىنسانلىق ھالەتلىرىمىزگە قايتۇرۇپ ئويلاتقۇزىدۇ . بۇ نۇقتىدا ئەلى مۇئەللىم ھەقىقەتەن كەڭتاشا ھالەتتە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئاڭلىغۇچىلارغا تەبئى ئىنسانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسىمىزگە سالدى .
ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدىكى ئۆزىنى چوڭ بىلگەنگە چوڭ كۆرسۇتۇش دىگەن پىرىنسىپكە قارىغاندا ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنى چوڭ بىلگەنلەرگە ئەكىسچە ئۆزىنىڭمۇ پۇتۇنلەي ئادەتتكى نورمالنى ئىنسانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ نەق مەيداندا ئۈلگە ئالغىلى بولدىغان شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلىدى .
ئۆزىنى مازاق قىلىشتىن ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشىدىن قورقۇپ بۇرۇنقى تىكلىۋالغان رامكا سۆلەت جاھازىلىرىدىن ۋاز كىچەلمەي تور دۇنياسىغا كىرىشكە پېتىنالمايۋاتقان  ئۇيغۇرنىڭ چوڭلىرىغا روشەن سېلىشتۇرما ھالەتتە ، ئۆزىنى ئاشكارا سورۇنلاردا قويۇق سۇيۇق مازاق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ھەممە كەچۇرمىشلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن يۇزلىنىپ  بىزگە قەتئى ئىككىلەنمەي دادىسنىڭ ھاراقكەشلىكى ..................قاتارلىق رەڭسىز كەچۇرمىشلىرىنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ بىزنى ئەڭ تەبئى ئىنسانى تۇيغۇلارغا چاقىرىپ ئاڭلىغۇچى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى روھى ئارلىقنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە قىسقارتتى .خۇددى بۇ گۇي بىزنىڭ ئويلىرىمىزنى بىلىۋالغاندەكلا ، بىزنىڭ قىسىنچىلىقلىرىمىزنى ،بىزنىڭ باشقىلارغا دەپ بىرەلمەيدىغان لېكىن  بىزنى توختاۋسىز ئازاپلايدىغان ئاشۇ كەچۇرمىشلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ يوغان كۆزلىرى بىلەن كۆرۇپ تۇرغاندەكلا ...موشۇ پىسخىلۇگ دىگەندىن ھېزى بولمسىاق بولمايدۇ جۇما ..........................................................

5. ئەلى مۇئەللىم دەيدۇ ئۆتمۇشتىكى رەڭسىز كەچۇرمىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ .ئەمدى ئۇنتۇپ كىتىڭ دىگەنگە ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ، ئادەم دىگەن ھامان گۆشتىن پۇتكەن نەرسىدە ، لېكىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشىساق ياشىيالىساق ھوزۇر لەززەت ئالالىساق ئۇ ھالدا ئۆتمۇشنى ئەسلەشكە چولا تەگمەيدۇ ، ياكى ئىنتايىن ئاز تىگىدىغان  بولىدۇ . كەلگۇسىدىن خەۋىپىسرەش نىم بولا دەپ غەم يىيىشىنى چىرايلىرىنى ھەر قىسما قىلىپ تۇرۇپ چۇشەندۇرۇدى ،قەيسەر ھەبىبۇللا ياكى رەھىم قاننى ئەسلەپمۇ قالىدۇ كىشى .
مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ قاراشلىرىغا بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم .چۇنكى مەندە تەغدىر گە ئىمان ئېيتىش دىگەن ئاجايىپ بىر ھوزۇر بار ،ئەلۋەتتە مېنىڭ تەغدىرگە ئىمان ئىيتىشىم ھېلقى سوكەل يازغۇچىلارنىڭ  تەغدىرگە يۆلىنىۋېلىش دەيدىغان ئويدۇرمىسغا پۇتۇنلەي ئوخشىمايدىغان بىر گەپ ، مېنىڭ تەغدىر قاراشلىرىمدا ئارقامغا قارىسام تەغدىر دەيمەن ، ئالدىمغا قارىسام تەۋەككۇل دەيمەن .يۇز بىرىش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھقا يۇزلىنىمەن ھەم تەۋەككۇل قىلىمەن . بۇنىڭدىن پەيدا بولغان خاتىرجەملىكنى سىلەر ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۇزمىگۇچە ھىس قىلالمايسىلەر ،  دىمەك مېنىڭ تەغدىرگە ئىمان ئېيتىشىم مېنىڭ ھوزۇر بەخىتلىرىم قاتارىدا سانايمەن . بۇرۇنمۇ ئەلھەمدۇلىللا تەغدىرگە ئىشىنىمەن دەيتتىم  .ئەمما ھازىر تەغدىر توغۇرسىدىكى چۇشەنچىلىرىمنى ئۆز تۇرمىشىمغا سىڭدۇرۋەتىپ بارىمەن . ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۇكرى .

6.ئەلى مۇئەللىم يەنە دۇئا توغۇرسىدا توختالدى ، مەن ئىسلام توغۇرسىدىكى بىلىملىرىم بىلەن بۇ گۇينىڭ دۇئا توغۇرسىدىكى قاراشلىرىنى خاتاغا چىقىرالمىدىم .ئۇ بىر قىسىم ئىسلامى قېرىنداشلىرىمىزدىكى شەكىلۋاز قىلمىشلارنى ھارغىچە مازاق قىلۋالدى . شۇنداق دۇئا قەلىپتىن چىقىشى كېرەك ، دۇئا كىچە كۇندۇز بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەقىقەتەن خاتا ئەمەس . ئەلۋەتتە ھېلقى ئەكسى بويىچە تىلەش دىگەن سۆزى ماڭا بەك يېقىپ كەتمىدى .
(سۇلايمان بولدى دىدى ، ئەمما بايلىقى ئېشىۋەردى دىگەندەك ) ئەمىليەتتە سۇلايمان پەيغەمبىرىمىز بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە بەرمىگەن پادىشاھلىقنى سورىغان )

7.ئەلى مۇئەللىم قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئانچە مۇنچە مىسال كەلتۇردى ، قارىغاندا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسىنى ئۆز مەقسىتى ئۇچۇن ئىشلىتىشنى  بۇياقمۇ بىلۋاپتۇ ، ئىلگىرى كەلگەن ئابدۇراخمان ئەۋىف ئەپەندىمۇ ئاشۇنداق مىسال كەلتۇرگەن . ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئۈزۇندە ئېلىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئاقتۇرۇشى ماڭا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزىم ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇش دىگەن شۇئارنى ئەسلىتىپ قويدى .


xjabraham يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:28:36

{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}سۈكۈت

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:40:50

موشۇ پىسخىلۇگ دىگەندىن ھېزى بولمسىاق بولمايدۇ جۇما ..........................................................

:lol

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:47:03

مۇشۇ نان يىسەڭ قورسىقىڭ تۇيىدۇ  دىگەندەك نەرسىلەرنى سۆزلەيسىغان ئاداشنىڭ لىكسىيەلىرىنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىمەن ،بولمىسىغۇ ئۈندىدار سالونلىرىدا بەك جىق ئۇچۇرتىمەن  ئىككى تاللا قالدى پۇرسەت غەنىمەت تېزدىن سىتىۋىلىڭ  دىگەندەك ئېلانلىرىنى. ھېلىقى  ئاياق مايلاپ يۈرگەن ئىشلىرىچۇ ھازىرمۇ مايلاۋاتامدۇ يە؟

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:56:10

ئاڭلىسام ئۇتۇق قازانغانلار توغرىسىدا بىرنەسە يازسا ئاسان تۇنىلامىش

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:57:46

  ئەلى  مۇئەللىمنىڭ لىكسىيىسى بىر ئەمەلىيەتنى ئۆتمۈشنى ،ھازىرنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى ، ئەمما كەلگۈسىدە نىمە قىلىش كېرەك دىگەنگە بەكمۇ كۆپ جاۋاپ بۇلالمايدۇ ، پەقەت بىر ئۇسۇل خالاس ....
   مەن شۇنداق باھا بەرگىنىمگە قارىماي ، بۇ نۇتۇق ماڭا شۇنچىلىك ياقتى ،بېرىلىپ ئاڭلاپ ، تۈگەپ كەتمىسىكە دىگەن ئۈمىدتە بولدۇم ، ئاۋۇ خۇشچاقچاقلىقى ئۇنىڭ كەمتىرانە تۇرقى ماڭا شۇنچىلىك ياخشى تەسىر بەردى ...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:02:22

ئەلى مالىم ماڭا بەك قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنىدۇ، ئورا كۆز،

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:08:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 16:21  

يول  تېپىش ئۈچۇن ، ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىكەن . چۇنكى يۇرەك ئەڭ سەزگۇر ئەزا شۇڭا ئۇ قەلىپ دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىنساندا قەلىپتىنمۇ سەزگۇر بىر ئەزانىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .


بۇ گەپلەردە ئازراق مەسلە بارمۇ قانداق؟  مەن ئنساندىكى ئەڭ سەزگۈر ئەزا مىڭە دەپ ئاڭلىغاندەك قىلۋاتاتتىم……
يۈرەك ئۇ دېگەن بىر پارچە گۆش خالاس ، يۈرەك ئۇ بىرنەرسىنى سىزىش ، خوشال بۇلۇش ۋە ئازابلىنىش دېگەننى ئەسلا بىلمەيدۇ ،بۇلارنى ھېس قىلىش مېڭىنىڭ ئىشى،مېڭە پۈتۈن بەدەننىڭ پائالىيەت مەركىزى،يەنى خوشال بۇلۇش ،ئازابلىنىشنى ئادەم مېڭىسى ئارقىلىق سېزىدۇ، يۈرەك پەقەت بەدەندىكى قاننى بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشلا رولى بار دەپمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان
     قالغىنىغا ئىزدىنىش ئەھلى بىر نېمە دېسۇن..................

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:28:58

جەمئىيەتتە ھەر خىل ئوبرازلارنىڭ بولۇپ، رەڭدار ھالەتتە تۇرغىنىنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئەھۋال، بىر تەرىپىنى ياقتۇرمىساق يەنە بىر ئىجابىي تەرىپىدىن ھوزۇرلانساق بولىدۇ، ھەر ھالدا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ھېلىقىلاردەك خەلقنى يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئاسماندىن سۆزلىمەي، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ بىر نەرسە بىلدۈرەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 17:54:24

3.كەمىنە قومۇلنىڭ توپسىدەك خار ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى توخوتۇر

ماۋۇ جۈملىنى بىرەرسىڭلار تۈزۈتۈپ بېقىڭلار.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 18:04:43

توخوتۇر يازغىنى: كەمىنە قومۇلنىڭ توپسىدەك خار ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى توخوتۇر
مەن تۈزەتكىنى: كەمىنە قومۇلنىڭ توپىسىدەك خار، ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى توخوتۇر


mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:26:46

   قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر بالىلار ، ئەلى مۇئەللىم كەلگۈسىنى قانداقمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلىسۇن ! ئۇ بىر پىسخولوگ ھەرگىزمۇ ئەۋلىيا ئەمەس . ئۇنىڭ لېكسىيەلىرى بىزنىڭ كۆنۈككەن ئاجىز تەپەككۈرىمىزغا يېڭى قان بېرىش ، پىسخىكىمىزدىكى ئۆزىمىزگە بىلىنمەيدىغان كېسەللىكلەر ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ . ھەربىر شەخسنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمىغاندەك كەلگۈسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ . بۇنى بىر پىسخولوگ كۆرسىتىپ قويالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىشقۇ .

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:34:35

ئەلى قۇربان دەيدۇ: ياخشى بالا ئەمەس، قالتىس بالا تەربىيلەش بىزنىڭ ئاساسىي فۇكۇس نۇقتىمىز.
مەن دەيمەن: قالتىس بۇلۇش مىنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىمغا توسالغۇ بولدىغان بولسا قالتىس بولۇشنى خالىمايمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:48:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 20:55  

   پىكىرلىرىڭىزگە ئاپىرىن! توخوتۇر ئەپەندى ، مەنمۇ سىزگە ئوپئوخشاش پىكىردىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھېكمەت دىگەن مۇئمىننىڭ يوقاتقان نەرسىسىدۇر،قەيەردە تاپسا ئۇنى ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر» دىگەن، شۇڭلاشقا ئۇ(ئەلى مۇئەللىم) ياكى باشقا ھەر قانداق بىرەر ئىلىم ساھىبىدا پايدىلىق بىر ھېكمەتنى كۆرسەك ئىككىلەنمەي ئالىمىز، ئۇنىڭ باشقا پىكىرلىرىدىكى خاتالىقلار بىز ئالغان ھېكمەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.(شاكىلىنى تاشلاپ،مېغىزىنى قوبۇل قىلىش دىگەندەك)

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:01:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 21:03  

بەلكىم تېمىڭىزنى ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزىنىڭ  كۆرىشىنى ۋە قانداق ئىنكاستا بولىدىغىنىنى بىلگۈڭىز بار، بۇ تېمىنى يەتكۈزۈپ قوياي قېنى نىمە دەيدىكىن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:02:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 21:07  

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 20:34 static/image/common/back.gif
ئەلى قۇربان دەيدۇ: ياخشى بالا ئەمەس، قالتىس بالا تەربى ...

   مەن دەيمەن: قالتىس بۇلۇش مىنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىمغا توسالغۇ بولدىغان بولسا قالتىس بولۇشنى خالىمايمەن
   بىزمۇ بىر نورمال ئەقىل ئىگىسى ۋە يارقىن تەپەككۇرئىگىسى بولغاندىكىن، بىرلا ۋاقىتتا ياخشى ئادەم، ھەم قالتىس ئادەم بولساق نىمىشقا بولمىغىدەك؟!:) اللەنىڭ بىزدىن كۈتكىنىمۇ دەل شۇنداق مۇكەممەللىككە قاراپ قەدەم ئېلىش ئەمەسمىدى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:11:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 21:23  

   ئىبلىسمۇ «قالتىس»كەندۇق، بىراق «ياخشى» بولالمىغاچ، مەڭگۈلۈك لەنەتگەردى بولۇپ كېتىپتىكەن، ئۇنىڭ «قالتىس تالانتى» ئۇنى بۇ قىسمەتتىن ساقلاپ قالالمىدى. تارىختىكى مىلىيونلىغان ئىنسانلارنى زار قاخشاتقان ناپالىئون، ئادولىف.گېتلىر،سىتالىن دىگەندەك «قان ئىچەر» قوماندانلارمۇ «قالتىس» ئىدىغۇ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-20 01:32):
ئەگەر قالتىس بولۇشقا ياخشى بولۇش يېتەكچى بولماي قالسا، ماۋۇلاردەك رەزىللىك ئۈلگىلىرىمۇ يېتىشىپ چىقىدۇ!

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:29:44

سىزمۇ نىمە قىلىسىز ؟ئۇلاردەك قالتىس بۇلۇپ؟؟!!!،ئېينىشتىنىدەك، ئاكا-ئۇكا رايىتلاردەك،بىتخوۋىندەك،داۋىنچىدەك،،،،.
يەنە مەن ئىسمىنى بىلدىغان ،بىلمەيدىغان  ئىنسانىيەتكە ھەر جەھەتتىن تۈھپە قۇشۇۋاتقان ئالىملاردەك، ھازىرققى ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىسپەتەن ماۋۇ بىزنىڭ بېلگەجان،ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ،پەخىردىن قارلۇق ھەممىسى قالتىس.يەنە پۇلى بار،خەلىققە ،مىللەتكە ئاز تۇلا پايدا بىرۋاتقان سودىگەرلەرمۇ قالتىس.مانا شۇلاردەك قالتىس بۇلۇڭ! :lol

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:30:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imirghazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 00:34  

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ﷲ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر (4-سۈرە: نىسا 135-ئايەت)

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) (69-سۈرە ھاققە ، 39، ئايەت )

4) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش. مۇسۇلمان كىشى پەقەت ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
-----ھەدسىلەر جۇڭگو ئىسلام جەمىيىتى تور بېتىدىن كۆچۈرۈلدى

كۆڭۈل بۆلۈشمۇ مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، بۇ مۇھەببەتنىڭ ساختا مۇھەببەت، قۇرۇق داۋادىن پەرقى بولمايدۇ. -----مەزمۇن كۆكلەم تورىدىن كۆچۈرۈلدى

دىننى كۆز قارىشىمىز بىلەن ئەمەس قۇرئان ھەدىس بىلەن ، قۇرئان ھەدىسنى ئوقۇپ يادىلاپ ئەمەس چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىشنى ئىستەيمەن .  « خۇداسى بار ئىشەنمەيدۇ » بوپ قالسا ياخشى بولمىغىنى .

مەن بۇرۇن ھاياتلىق ئىلمى بىئولوگىيەنى بەك ئوقۇغان شۇڭا ئەلى مالىمنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى باردەپ قارايمەن . كۆز-قاراشنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى مېڭە ھەرخىل ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلەن « سەن قىلالايمەن دېسەڭمۇ قىلالمايمەن دېسەڭمۇ ھەر ئىككىلىسى توغرا you say you can, you say you can't both are rigth » دېگەندەك ، قىلىمەن دېسە چوڭ مېڭە كونتىروللىقىدا پۈتۈن ئەزالار پۇت قول يۈرەك ئۆپكە ئېغىز بۇرۇن كۆز قۇلاق دېگەنلەر تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتۈپ قىلالىش ،  قىلالمايمەن دېسە ئۇ ئەزالار ئارام ئېلىش ھالىتىگە ئۆتۈپ قىلالماسلىق قاتارلىقلار

ئەمما لېكىن بىراق پىسخىكا بېرىپ روھ بىلەن چېتىلىدىغان مەسىلە  

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن (17-سۈرە ئىسرا 85-ئايەت )

ئىشقىلىپ شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ . پايدىلىق ئىلىم بولسا زايە كەتمەيدۇ

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 01:52:35

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 00:29 static/image/common/back.gif
سىزمۇ نىمە قىلىسىز ؟ئۇلاردەك قالتىس بۇلۇپ؟؟!!!،ئېينىشت ...

   دىگەنلىرىڭىز ناھايىتى توغرا، سىز كۆرسەتكەندەك ئەشۇنداق يۇقىرى ساپالىق ھەم بۈيۈك ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن «قالتىس» ئادەملەردىن بولۇشقا تىرىشايلى.شەيئىلەرگە «بىر كۆز» بىلەنلا قاراپ،مەلۇم بىر جەھەتكىلا كۈچەپ يەنە بىر تەرەپكە كۆڭۈل بۆلمىگەندە، ئاسانلا «ئوڭچىل» ياكى «سولچىل» خاتالىققا پېتىپ قېلىپ زىيان تارتىدىغان گەپ. مۇشۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇرىھال بولغىنىدۇر.
بەت: [1] 2 3 4
: ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم