adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:25:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 17:26  

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 17:06 static/image/common/back.gif
ۋۇجۇۇۇۇۇۇن نىمدا  ئىجى مىجى ئۇششاق پاراڭ بۇ !!!
ئوينىغ ...

            ماقۇل بۇلىدۇ لاۋدا ئاكا ،بىز بېرىپ ئوينايلى ،سىلە مۇشۇيەردە قالايمىقا سۆزلەۋىرىڭلا ،ئادەم بەدىنىنىڭ پائالىيەت مەركىزى يۈرەك دېگەندەك

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:50:11

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 17:54 static/image/common/back.gif
ماۋۇ جۈملىنى بىرەرسىڭلار تۈزۈتۈپ بېقىڭلار.

مەنمۇ سەل بىنورمال ھېس قىلغان، قالغىنى توخۇتۇر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بىرىشتە. خار دىسىمۇ مۇقەددەس دىسىمۇ ئۆزىنى دەپتۇ بىزنىڭ ئارلشىش ياكى باھا بىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەيمەن:D

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:51:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 18:08  

ھېي دەرىس  سۆزلىمىسەڭمۇ ھەممە ئادەم بىلدۇ  . تۇللۇقسىزنىڭ ئاددى  بىلىملىرنى سۆزلەپ ئادەمنىڭ ئىچنى پۇشۇرمىساڭمۇ ...

ھەرقانداق پەننىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىكتى ، يۆلنىشى ، تۇتقان يۇلى ئوخشۇمايدۇ ...


ئەمدى بۇ ئىككى پەندن بىرى كونكىرىت بولغان ئادەم تىنى ۋە  ئەزالىرنى تەتقىق قىلدۇ ، بىرى بولسا دەل شۇنىڭدىكى روھى ھالەتنى تەتقىق قىلدۇ ...

پىسخكىسدىن مەسلە  كۈرۈلگەن ئادەمگە چوڭ مىڭە تۈزلىشى بۇيچە دەرس  ئۈتۈپ كەتسەڭ خەقنى تېخمۇ ساراڭ قىۋىتسەن ...


بىئولوگىيەدىن چۈشەنمىگەن يېرىڭ بولسا سورساڭ بۇلدۇ مەندىن ....


سەن يۈرەك دىگەن گەپ بىلەنلا قاپسەن قارسام ...

ماقۇل دەپ يۇقارقى يۈرەك دىگەن گەپنى ‹‹قەلىب ›› دەپ ئۆزگەرتىپ  ئۇقۇپ ، ئاندىن  يەنە چۈشەنمىسەڭ كىلىپ ماڭا پىسپاس  پاراڭ قىل ئۇكە

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:06:02

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 13:03 static/image/common/back.gif
جەمئىيەتنى تۈزەيدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ بولغان ھەم تۈزىگۈ ...

لىكسىيەدە ئېنىق دەپتۇغۇ ‹پۇل تېپىش ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن› دەپ. مەنمۇ قارىشىڭىزنى قوللايمەن. ئەرزانراق بولسا ئالىدىغانلار كۆپرەك بولاتتى مەنىۋى نەپ ئالىدىغانلارمۇ ھەم.

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:10:05

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 17:51 static/image/common/back.gif
ھېي دەرىس  سۆزلىمىسەڭمۇ ھەممە ئادەم بىلدۇ  . تۇللۇقسىزن ...

ۋاي-ۋۇي باللا قەلب دىگەن يۈرەكتىمۇ ياكى مىڭىدىمۇ تالاشماڭلا ئىشقىلىپ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىدە. راسلا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىزئۇششاق پاراڭ:o

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:16:20

qongmiga يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 17:50 static/image/common/back.gif
مەنمۇ سەل بىنورمال ھېس قىلغان، قالغىنى توخۇتۇر ئاغىن ...

ئا جۈملىنى شۇنداق چۈشەنگەن بولسىڭىز باشقا گەپ يوق.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:53:33

adl228 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 16:08 static/image/common/back.gif
يول  تېپىش ئۈچۇن ، ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغ ...

بۇنى مۇنداق چۈشىنىڭ. كىشىلىرىمىز گەرچە ئادەم تېنىنى چۈشىنىمىز، بىلىمىز دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ئەڭ ئاددىي بولغان ئۆز بەدىنىدىكى ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشلەر ھەققىدىمۇ تېخى ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. بىلىمسىز كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بىرەر ئاددىي ئەمما توغرا پىكىر مەيدانغا كەلگەندە دەرھال بىلەرمەن قىياپىتىگە كىرىۋىلىشقا ئامراق كىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ مېڭىدىكى پائالىيەتلەرنى يۈرەككە باغلاپ چۈشىنىشى كىتابخانىلاردىكى كىتابلار ئىچىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نېسبىتىنىڭ ناھايىتى زور سان ئىكەنلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. يەنى كىشىلەر بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن يۈرەكتىن سېغىنىش، ياكى يۈرىكى قارا .... دېگەندەك گەپلەرنى شۇ سۆز مەنىسى بويىچە چۈشىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يۈرەككە باغلاپ چۈشىنىۋالغان. بۇ ئەدەبىي ئەسەر يازغۇچىلىرىنىڭ خاتالىقى ئەمەس چۈنكى بارلىق مەدەنىيەتلەردە ئوخشاشلا نۇرغۇن قىلمىشلار يۈرەككە باغلاپ چۈشىنىلگەن. ئەلۋەتتە «مەن سىزنى مېڭەمدە سېغىندىم» دېيىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر ئەدەبىي بايانلاردىنمۇ پاكىتلىق توغرىلىقنى تەلەپ قىلساق، ئۇ ھالدا دۇنيا ھازىرقىدەك گۈزەل كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.

ئەمما بىر ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ سۆزلىگۈچىكە نېسبەتەن توغرىلىقنى تەلەپ قىلىش ئەڭ ئەقەللىي بىر ئىشتۇر. شۇڭا سىز كۆرسىتىپ بەرگەن خاتالىق ئۈچۈن سىزنى تەنقىدلەش كېرەك ئەمەس، بەلكى تەبرىكلەش كېرەك. ئىلمىي مەسىلىلەردە ھېسسىياتقا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەقىلي تەپەككۈرگە تايىنىپ پىكىر قىلىشقا كۆنۈش كىشىلىرىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلار قاتارىدىن بولسا كېرەك.

burqibak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:57:01

ۋاي-ۋاي ۋاي بېشىم

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 22:41:12

بىلگەجان ئاخىرى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپسىزدە تورداشلار بىلەن مۇلاقەت بولۇشقا.
مەرھابا

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 10:49:50

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 19:53 static/image/common/back.gif
بۇنى مۇنداق چۈشىنىڭ. كىشىلىرىمىز گەرچە ئادەم تېنىنى چ ...

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
       ھەرھالدا سىزمۇ بۇلسىڭىز مېنىڭ گېپىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپسىز

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 12:48:34

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 21:53 static/image/common/back.gif
بۇنى مۇنداق چۈشىنىڭ. كىشىلىرىمىز گەرچە ئادەم تېنىنى چ ...

دىيارىمىزدىكى قاسساپلارنى ئاناتومىينى بىلمەيدۇ دەپ قارىمايدىغانسىز؟:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 12:53:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 14:56  

بىلگىجاننىڭ ئىنكاسىدا تىببىي جەھەتتىن ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل سىرتقى ۋە ئىچكى سىىزىملارغا نىسبەتەن، مىڭە  سىزىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىساقمۇ، ئاڭ بىلەن تەپەككۇرنى مىڭە كونتىرول قىلىشى مۇمكىنمۇ؟

ئادەمدە روھ مەۋجۇت، ئۇنداقتا تەپەككۇر بىلەن ئاڭنى چوقوم روھ كونتىرول قىلىدۇ. مىڭە بولسا ئىككىلەمچى ئىجرا قىلدۇرغۇچى ئامىل بولىشى ئىنىق.
........................................................................................................................

ئەگەر ئۇلۇغ ئاللا ئىنسانلارغا  روھنى كۆرەلەيدىغان كۆز بەرگەن بولسا، چوقومكى ھازىرقىدەك پەن-تىخنىكىدا بىر تەرەپلىمە قاراش ئوتتورىغا قويۇلمايىتتى.  (شەخسىي قاراش )

فىزىكا ئالىملىرى قەبرە ئىچىگە كامىرا ئورنىتىش ئارقىلىقمۇ، ئىنسان روھىنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 13:31:19

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 19:53 static/image/common/back.gif
بۇنى مۇنداق چۈشىنىڭ. كىشىلىرىمىز گەرچە ئادەم تېنىنى چ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەمرىكىغا:lol  ساق - سالامەت بېرىۋالدۇقما؟:)
يۇرت تەسىراتلىرىنى ساقلاپ ئولتادۇق جىما{:92:}

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:05:20

ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ) ھەج

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:09:29

ئەمدى دەپ باقساق، يۈرەك كور بولامدىكەن ياكى مېڭىمىزنىڭ قېتىقىمۇ؟ مانا بۇ نېمىشقا قەلىب (يۈرەك) نى مەيلى ئېغىزدا ياكى كىتابلاردا كۆپ تىلغا ئالىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ھەممىنى پەن بىلەن ئىسپاتلاپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىلىم-پەن دەپ ئىشلىتىمىز، ئىلىمنى پەننىڭ ئالدىغا تىزىشتا بىرەر ھېكمەتنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر تۇنجى بولۇپ غەيىپكە ئىمان كەلتۈرىدۇ، ھەرگىز كۆرگىنىمگە ئىمان كەلتۈرىمە، كۆرمىگەنگە كەلتۈرمەيمەن دېمەيدۇ. ھەممىنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئېزىپ كەتمەيلى. پەن ھەممىگە قادىر ئەمەس.

xaxx1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 15:24:00

مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيىسىنى بىرەر قىتىممۇ ئاڭلاپ باقماپتىمەن، شۇڭا پىكىر قىلىش ھۇقۇقۇم يۇق، جىم تۇراي

xaxx1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 15:34:27

يۇرەك ھەم مىڭە بىز ئىنسانلاردا ھەممىمىزدە بار نەرسە، ئۇزىمىزنى بىر كۇزتۇپ باقايلى، ئىنكاس مىڭىدە بۇلامدۇ، يۇرەكتىمۇ،
مەن بۇلسام ئىنساننىڭ تۇنجى ئىنكاس قايتۇردىغان ئەزاسى يۇرەك دەپ قارايمەن، بىز تىخى ئۇيلاپ بۇلالمىغان، ئۇقۇپ بۇلالمىغان بەزى ئىشلارغا يۇرەك ئاۋال ئىنكاس قايتۇردىكەن.
بەزى ئەھۋاللار يۇز بەرگەندە يۇرەك قاتتىق ئىغىپ نەچچە سىكۇنىت ئۇتكەندە ئاندىن بىزلەردە شۇ ئىشقا قارتا ئىنكاس پەيدا بۇلىدىكەن،

self يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 16:36:24

مەن بىر نەچچە ئېغىز بىرنىمە دىگۇم باتتى ، لىكىن قورقۇپ قالدىم ، ئەلى قۇربان سۇففففف دەپ قويسا بىخۇش بوپ قالامەنمىكىن دەيمە،  ئەلىي قۇربان مۇشۇ شۇرئەتتە ماڭسا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن نىم بوپ كىتەر:shutup:

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 19:46:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 19:49  

                                                          ئادەم پىسخىكىسىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئورنى — مېڭە

               ھايات بىرخىل جانلىق ئىجىتمائىي پائالىيەت . كىشىلەر ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك  ئىجىتمائىي پائالىيەتلەردە بۇلىدۇ .تەبىئەت ۋە جەمىئىيەت بىلەن ئوخشاشمىغان  ئىجىتمائىي مۇناسىۋەتلەردە بۇلىدۇ .بۇ جەريان ناھايتى مۇرەككەپ ھەم سىرلىق تۈس ئالغان .چۈنكى ، كىشىلەر ھايات پائالىيىتى جەريانىدا ھەرخىل ھايات ھادىسلىرىنى كۆزى بىلەن كۆرىدۇ . ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ ، بۇرۇن ئارقىلىق پۇراقلىق نەرسىلەرنى پۇراپ سېزىدۇ ، تىلدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىنكاس ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ . بۇ تەرەپلەر تېخى ئادەم پىسخىكىسىدىكى يۈزەكى ھادىسلەر . بۇنىڭدىن باشقا ،  كىشىلەر ھەرخىل ھېسياتلاردا بۇلىدۇ ، خىيال قۇشلىرى تەن مۈلىكىدىن ئايرىلىپ ، ئاجايىپ -غارايىپ جايلاردا پەرۋاز قىلىدۇ ؛ تەسەۋۋۇر ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەيدۇ ۋە نەچچە ئەسىرلەر كېيىنكى ئىشلارنى پەرەز قىلىدۇ ، تەپەككۇر ئارقىلىق ھەرخىل پىكىرلەردە بۇلىدۇ ؛ يەنە كىشىلەر ئىرادە ، ھېسيات ، قىزىقىش ، قاتارلىق ھەرخىل پىكىرلەردە ھەرخىل پىسخىك پائالىيەتلەردە بۇلىدۇ .بۇلار زادى قانداق ھادىسە ، كىشىلەردىكى بىلىش قانداق ئىش ، مۇنداق مۇرەككەپ پىسخىك ھەرىكەت ئادەمنىڭ قايسى فىزىئولوگىيەلىك ئورنى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ ، مېڭە بىلەن پىسخىكىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ؟
         بۇ مۇرەككەپ سۇئاللار ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپە تارىخىدا ، پەلسەپەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ، پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا ئۇزاققىچە توختىماي تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن مۇھىم مەسىللەر . چۈنكى ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ ھادىسلەرنىڭ بىرى ، بۇ خىل ھادىسنى قول بىلەن تۇتقىلى ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ . شۇڭا كىشىلەر بۇمۇرەككەپ ھادىسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ساددا سۇبيېكىتىپ تۇنۇشىغا تايىنىپلا سىرلىق تۈس بېرىپ چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كېلىشتى . پەلسەپە تارىخىدا كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيەت مەركىزى يۈرەك دەپ تۇنۇشتى . جۇڭگۇنىڭ جەدىمكى دەۋردىكى پەيلاسوپلىرىدىن مېڭزى تەپەككۇر قىلىدىغان ئورگان ‹‹ يۈرەك›› دەپ قارىغان ، ئۇ ‹‹ يۈرەكتىن ئىبارەت بۇ ئورگان پىكىر قىلىدۇ ، پىكىر قىلغاندىلا بىلىشكە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ ، پىكىر قىلمىغاندا ۋېچنىمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ ››① دېگەن . قەدىمكى گرېتسىيە پەيلاسوپى ئارسىتوتىلمۇ پىكىر قىلىش ۋە سېزىس ئورگىنى يۈرەك ، مېڭىنىڭ خىزمىتى بولسا يۈرەكتىن چىققان قان ھەرىكىتىنى ئازراق سوۋۇتۇشتىنلا ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان . چۈنكى ئۇ كىشىلەر جاننى ئايلىنىپ مېڭىپ يۈرىدۇ ، ئىسسىق قاننىڭ راۋان ئېقىپ پۈتۈن بەدەنگە تارىلىپ تۇرۇشى ھەرىكەتنى تەمىن ئېتىشتە ئەڭ ئېھتىياجلىق ، بىرەر ئەدەمنىڭ قېنى قالمىسا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ تامانلىنىدۇ ، دەپ چۈشىنەتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، مېڭىنىڭ ئەمەلىي رولى توغرىسىدا ئېدېئالىزمچىلار بىلەن ماتېرىيالىزمچىلار ئوتتۇرسىدىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تالاش تارتىش يۈز بېرىپ تۇردى . دۇنيا پەلسەپە تارىخىنىڭ لېنىن دەۋردىمۇ بۇجەھەتتە ماخىزمچىلار بىلەن ماركىسىزمچىلار ئوتتۇرسىدا ئادەمنىڭ تەپەككۇرى روھنىڭ مەھسۇلى دېگەن ئىدېئالىستىك دۇنيا قاراش بىلەن ‹‹ تەپەككۇر ۋە ئاڭ ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى››② دېگەن ماتېريالىستىك دۇنيا قاراش ئوتتۇرسىدا كەسكىنكۈرەش بۇلۇپ ئۆتتى . ئاۋېنارىئۇس③ باشچىلىقىدىكى ئىدېئالىستلار ‹‹ بىزنىڭ مېڭىمىز تەپەككۇرنىڭ ماكانى ، ئورنى ، ياراتقۇچىسى ئەمەس ، تەپەككۇرنىڭ قورالى ياكى ئەزاسى ، ھۆددىگە ئالغۇچىسى ياكى ئۇلى ۋەھاكازالارمۇ ئەمەس ››④ دەپ قارىشىدۇ . لېنىن ‹‹ ماتېريالىزم  ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى ›› دېگەن كىتابىدا ئاۋېنارىئۇسنىڭ پەلسەپىسىنى ئەجەللىك يېرىگە تەككۈرۈپ تەنقىد قىلىپ ، ئۇمى جاھانگىرلىك دەۋردىكى ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنىڭ  بىرخىل ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى .  ئېنىقكى  مېڭە  — تەپەككۇر ئورنىمۇ ،ئەمەسمۇ  دېگەن  مۇھىم پەلسەپىۋىي مەسلە تارىختىن بۇيان نوقتقلىق مەسلە بۇلۇپ قالغان .
       بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››  ئەسىرىنى .ئۇقۇغۇنىمىزدا  ،  پىسخىكىسىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئورنى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋىي مەسلە ئالىمىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىمۇ خېلى ئىزدىنىشلەرنى قوزغاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىمىز .
        11- ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىدە ئادەمدىكى پىسخىك  پائالىيەت مەركىزىنىڭ
‹‹ مېڭە ››  ئىكەنلىكىنى خېلى ئىلىمىي ئاساستا ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، 1000 يىللار بۇرۇنقى ئىدىۋىي ئېقىملار ئىچىدە خېلى ئۇزاقتىن بېرى يېشىلمەي كەلگەن بۇ مۇرەككەپ تۈگۈننى يەشتى .
       ئالىمىنىڭ ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيەت مەركىزى  — مېڭە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى تاسسادىپىي قۇيۇلۇپ قالغان ياكى شۇنداق توغرا كىلىپ قالغانلىقتىن ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ قالغان پىكىر  بولماستىن  ، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش جە ريانىدا  يەكۈنلىگەن خۇلاسىسى بۇلۇپ ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ جەمىيەتتكى قالاق ئىدىۋىي ئېقىملارغا ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا بەرگەن ئىلىمىي جاۋابى ھېسابلىنىدۇ .
        ئاپتۇر بۇمەسىلىگە قارىتى ئالاھىدە سەھىپە ئاجراتقان بۇلۇپ ، بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى ئېلىگ بىلەن ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرسىدا بولغان تالاش-تارتىش ۋە سۇئال -جاۋاب ئۈستىگە يۈكلەيدۇ ، ئەقىل-پاراسەت سىموۋولى بولغان ئۆگدۈلمىش ئادالەت سىموۋولى كۈنتوغدى ئېلىگنىڭ مۇنداق سۇئالىغا دڭچ كېلىدۇ :
                    1883      ئەقىلدىن بىلىمنى بۆلەك ئايرىدىڭ ،
                                 دۇرۇس ئېيىت ، نېمەدۇر بۇندىن مەقسىتىڭ ؟
                 
                   1884     نېچۈكتۇر ئەقىل ئۇ ، ئورنى قايدادۇر ؟
                                قەيەردىن چىقار ئۇ ، قەيەرگە بارۇر ؟
                  
         ئېلىگنىڭ بۇ ئېغىر سۇئالى شائىرنىڭ  پىسخىك پائالىيەتنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھادىسىنىڭ كىشىنىڭ قايسى ئورگىنى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىشلەردە بولغانلىقىنى ، شۇنداقلە ئۆز ئالدىغا ‹‹ نرمە ئۈچۈن ؟ ››  دېگەن سۇئالنى  قۇيۇپ تۇرۇپ ، كىشىلەردىكى پىسخىك ھادىسىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن خېلى كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بار غانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .  ئالىمنىڭ پىسخىك پائالىيەت مەركىرى  توغرىسىدىكى بۇ سۇئالغا بەرگەن جاۋابى  ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقاتىنىڭ ئىلىمىي يەكۈنى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك يوق .
  
                    1835    جاۋاب بەردى ئۆگدۈلمىش ، دېدى : ئەقىل  —
                                كىشىگە ئەزىز ھەم قەدىرلىكتۇر ، بىل ⑤ .
                    1836     ئەقىل ئورنى ئۈستۈن مېڭىدە تۇرۇر ،
                                 قىممەتلىكىدىن ئورنى باشتا بۇلۇر .
        (  بۇيەردە شۇنە ئەسكەرتىپ قۇيۇش زۆرۆركى ، شائىرنىڭ ‹‹ ئەقىل › › سۆزى دەل پىسخىكىنى كۆرسىتىدۇ )
            يۇقىرىقى بېيىتلاردىن روشەن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئالىم مېڭىنى ئالاھىدە قىزىقىش ۋە سۆيۈنۈش بىكەن مەدھىيىلەيدۇ ، مېڭىنى يۇقىرى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ . چۈنكى ، ئالىم بارلىق پىسخىك پائالىيەتلەرنىڭ مېڭىدىن ئىبارەت ئالاھىدە پىسخىك ئورگان ئارقىلى ئېلىپ بېرىلدىغانلىقىنى ، شۇقا مېڭە دۇنيادىكى بارلىق مۆجىزاتلارنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بۇلۇپ قالدىغانلىقىنىي يېتەرلىك چۈشىنىپ يەتكەن ، ئېنگىلىسمۇ مېڭىنى ‹‹ يەر شارىدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل ›› دەپ مەدھىيىلىگەن ئىدى .ۋاقىت ئېتبارىدىن قارىغاندا ، ئارىلىقتا توققۇز ئەسىرلىك  ئۇزاق مۇساپە بولغان بۇ ئىككى ئىلىمىي سۈپەتلەشلەرنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس ، ئەلۋەتتە .
        پەيلاسوپ يۇسۇپ خاس ھاجىپ مېڭىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ :
     
              1840        كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر ،
                              ئەقىل بىر چىراغدەك ئۇنى يۇرۇتۇر .
              1841        ئەقىلدىن كېلۇر ، كۆر ، پۈتۈن ئەزگۈلۈك ،
                             بىلىمدىن چوڭلار ئەر ، بۇلۇر بەلگۈلۈك .
         
          ئۇيغۇر خەلقىدە :‹‹ ئەقىل كۆرمىسە ، كۆز دېگەن تام تۈشۈكى ›› دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز بار . دېگەندەك ، ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئىجىتمائىي پائالىيەتلىرى مېڭىنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلىدۇ . ئالىمىمىز ئېيىتقاندەك ، دۇنيادىكى بارلىق ياخشىلىق ياكى يامانلىق ، جاھالەت ياكى ئادالەت ، قاباھەت ياكى پاساھەت ، سائادەت ياكى زالالەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېڭە پائالىيىتى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ ، شۇقا يۈسۈ خاس ھاجىپ ئەقىلنىڭ :
            
            1861       ئەقىل بىر چىراغدۇر ، كۆزى يوققا كۆز ،
                          ئۆلۈك تەنگە جان ئول ، گاچا تىلغا سۆز.
بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى بىلىم ئارقىلىقلا نۇرلاندۇرغىلى ۋە كامالەت چۇققىسىغا ئېلىپ چىققىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئۇنى تۇرلۇك ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن .
        شائىر مېڭىنى ئۆلۈك ، قېتىپ قالغان نەرسە دەپ قارىمايدۇ ، ئەكىسىچە ئۇنى پائالىيەتچان ، ئاكتىپ قورال سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ.
     

        مەنبە :
                     11-ئەسىر ئۇيغۇر  ئىدېئولوگىيەسى  ‹‹ قۇتاد غۇبىلىك ›› تەتقىقاتى I
                                          شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرياتى
      ئاپتۇرى:
                   يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق                                               
   
        ①    ‹‹ پىسخولوگىيە ئاساسلىرى ›› ناملىق دېگەن كىتابتىن
        ②     لېنىن : ‹‹ماتېريالىزم  ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى››  دە  ئېنگىلىسنىڭ ‹‹ ديۇرىڭغا قارىشى ›› دېگەن كىتابتىن ئېلىنغان ستاتا.
        ③     ئاۋېنارىئۇس  —( 1843-1896 ) نېمىس پەيلاسوپى ، سۇبيېكىتىپ ئىدېئالىسىت ،  تەجرىبە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى
       ④     لېنىن   ئاۋېنارىئۇسنىڭ ‹‹ ئادەمنىڭ دۇنيا ئۇقۇمى ›› دېگەن ئەسىرىدىن ئالغان ستاتا. لېنىن  ‹‹ماتېريالىزم  ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى›› ئۇيغۇرچە نەشىرى ، 136-بەت
     ⑤     بۇيەردە شۇنە ئەسكەرتىپ قۇيۇش زۆرۆركى ، شائىرنىڭ ‹‹ ئەقىل › › سۆزى دەل پىسخىكىنى كۆرسىتىدۇ .      

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:00:10

گەپ چۈشەنمەيدىغان بالىكەن ماۋۇ
بەت: 1 2 [3] 4
: ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم