chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:19:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 20:21  

adl228 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 19:46 static/image/common/back.gif
ئادەم پىسخىكىسىنىڭ فىز ...

بۇمۇ دەل كۆرگىنىمگە ئىشىنىمەن، كۆرمىگەنگە ئىشەنمەيمەن، كۆرمىگىنىمدىن باشقا ھەممىسى خىيال ياكى پەرەز دېگەندەك گەپ ئىكەن. مۇشۇ ماقالىدا دەپ ئۆتۈلگەن دەتالاشمۇ دەل ماتىرىيالىزىمچىلار بىلەن ئىدىيالىزىمچىلارنىڭ توقۇنۇشى ئىكەن. سىز سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ سابىق ئەزاسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ماتىرىيالىزىمىڭىزدا تۇرسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز.

يەنە بىر گەپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزىدىن ھەرگىز بۇنداق مەنا چىقمايدۇ، ئاپتور ئۆز خاھىشىغا زورلاپ يېشىپتۇ. ئەگەر سىز ئايەتتىن گۇمانلانماقچى بولسىڭىز يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىپ ئويلۇنۇڭ. چۈنكى يۈرىكىڭىزنى تۇتسىڭىز گۈپ-گۈپ سوقۇدۇ ئەمەسمۇ...

خەلقىمىزدىكى يۈرۈكۈڭنى تۇتۇپ گەپ قىل دەيدىغان نەقىل ناھايىتىمۇ دانا ئېيتىلغان.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:34:36

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 20:19 static/image/common/back.gif
بۇمۇ دەل كۆرگىنىمگە ئىشىنىمەن، كۆرمىگەنگە ئىشەنمەيم ...

سىز مېنى ئايەت ھەدىستىن گۇمانلاندى دېگەن بولسىڭىز ، گۇمانلىنىۋىرىڭ  . مېڭەمدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىر اللە ۋە ئۆزۈم بىلىمەن

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 21:11:39

adl228 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 20:34 static/image/common/back.gif
سىز مېنى ئايەت ھەدىستىن گۇمانلاندى دېگەن بولسىڭىز ، گ ...

يۈرىكى ئاق ئادەمنىڭ كاللىسى ئاق بويىچە ئىشلىتىدۇ، يۈرىكى قارا ئادەم كاللىسىنى قارا بويىچە ئىشلىتىدۇ. ئەقىل ئۇ بىر خىل ئەمەس، ئەگەر ئەقىلگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر يوشۇرۇن ئاڭ بولمىسا ئەقىل ياخشى يولغا ياكى يامان يولغا ماڭمايدۇ. مېڭىنىڭ ياخشى تەپەككۇر ۋە يامان تەپەككۇر قىلىدىغان رايونلىرى بارمۇ؟ بار بولسا ئۇنى قەيەر كونتىرول قىلىدۇ؟ كۆرگەنگىلا تەستىق سېلىپ كۆرمىگەننى ئىنكار قىلىش ھەقىقەتەن كورلىقتۇر.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:32:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 23:44  

تەپەككۇرنى ئەلۋەتتە مېڭە كونتىرول قىلىدۇ. بۇنچىلىك ئاددىي ساۋاتلارنى مەن بىلەن تالاشماي قامۇسلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈڭ. مەن تەتقىق قىلىۋاتقان ئالدى مېڭە دەل تەپەككۇرنى شەكىللەندۈرىدىغان مېڭە رايونىدۇر.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:53:23

شۇنداقمۇ، ئۇنداق بولسا ‹‹بىلىملىك›› ئىنسانلار غەيىپنىڭ مەنىسىنى چۆرىۋېتىپ ‹‹پەن›› دە كامالەتكە يېتىپ ھەممىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشقا تەرەددۇت قىلىۋەرگەي. مەن دېگەنگە ‹‹پەن›› لىرىڭىز جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزغۇ دەيمەن؟ نىمىشقا ئەڭ ئاددى ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدىغان، نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تەكرارلىنىپ كەلگەن ھەقىقەتنى قارشىسىدىن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىسىلەر؟ بەزىللىرىنى مەڭگۈ ئىسپاتلاپ بولالماسلىقىڭلار مۇمكىن. خۇددى جىننى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگىنىڭلاردەك، خۇددى 1 سىكونىتتىن كېيىن ماۋۇ ئىش بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمىغىنىڭلاردەك، خۇددى تەقدىرنى پەن بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەندەك. پەن ئۇ يەنىلا پەن، ئىلىم ئۇ پەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۇقىرى سەۋىيە. پەن ئىلىمنىڭ بىر تال شېخى خالاس. خالىغىنىنى پەندە كۆرسىتىدۇ، خالىغىنىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خۇراپىلىق مەسىلىسىمۇ ئەمەس. ئەقىدە مەسىلىسى!

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 07:29:36

يوووووو،،قۇم قۇم بالىكەن ماۋۇ دەۋاتاتتى ئىلتەرنى بىرەيلەن،، گەپنىڭ مېغىزى مايەدە قاسا،شۈپەكنى تالىشىپ ئولتۇرۇپتۇ،،،،قارىغاندا نۇرغۇن ئەسەرلەردىكى قەلىب ئۇقۇمىنى چوڭ مىڭە گە ئالماشتۇرمىساق بولماپتۇ، مەسلەن ئەسلىسى :مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن.ئۆزگەرتىلگىنى:  مەن سىزنى چوڭ مىڭەمدىن سۆيىمەن;  قارىغاندا بولىدىغان چىراي
چاقچاق جۇما ماۋۇ

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 09:18:49

قەلىب بىلەن يۈرەك ئىككىسى ئوخشىمىغان ئىككى ئۇقۇمدۇ ؟ بۇ بەزى ئىنكاسلاردا ئارلىشىپ كىتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:19:02

1.تور ھەممە ئادەمنىڭ سۆز قىلىشغا پۇرسەت بىرىدۇ . پەقەت ئوچۇق ئاشكارا شەخسىيىتىمىزگە تەگمىسىلا سەن ھېچنەرسە بىلمەيسەن ، سەن مەندىن ئۇچيۇز ياش كىچىك ، دىگەندەك سۆزلەرنى تىللاشنىڭ دائىرىسىدىكى سۆزلەر دىگىلى بولمايدۇ ، بۇ نۇقتىدىن ھە بۇ ئەلى مۇئەللىم دىگەن بىر گەپلەر بۇ ، بەلكىم ئۆزى بەك چۇشۇنەر بۇگەپلەرنى ....
تور يول قويغان ئىكەن ئىزدىنىشنىڭ ئەزاسى بولغان توخۇتۇرنىڭ سەن نىمىشقا بۇنداق دەيسەن ، بۇنداق دىسەڭ قانداق بولىدۇ دەپ تىركىشىپ يۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . دەۋەرسۇن ، ھېچقىسى يوق ، كىيىنچە ھەممىمىز تورنىڭ بۇنداق چاقچاقلىرىغا كۆنۇپ كىتىمىز ، مېنىڭ بىلىشىمچە تور دىگەن دەل شۇنداق نەرسە

چاتاق يېرى بۇنچىلىك دەبدەبە ئەسئەسە قوزغاپ كىتەر دەپ ئويلىماپتىم ، ئەسلىدە مەن نام چىقىرىشقا قىزىقمايتتىم پەقەت ئاللانىڭ رىزالىقى ئۇچۇن ئەل يۇرتنىڭ مەنپەتى ھەمدە ئۆز يۇرگۇم ھىس قىلغان تۇيغۇلارنى يېزىپ قوياتتىم بىراق  .سۇنئى ھالدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ سايىسىدە نامىم چىقىپ كەتتى . بۇنىڭ بىلەن  مەن بىر خىل قومۇلچە خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدىم .

2.ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئاخىرىقى ئابزاسلاردىكى دۇگا سىدىن  تەسىرلەندىم ، مېنى بىر ئادەم ئىزدىنىشىكە ئۆگۇنۇشكە بىلىمىگەننى بىلۋېلىشقا ، كىتاپ كۆرۇشكە دەۋەت قىلسام ھەمدە دۇگا قىلسا بۇنى يامان ئىش دىگىلى  بولمايدۇ .

3. ئەلۋەتتە مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىلىملىكىنى ئىنكار قىلمايمەن ، مەن بولسام ئاللا ماڭا بىلدۇرگەندىن باشقىنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن ، ھېچ نەرسە بىلمەيمەن دىسەم ئازراق يالغانچىلىق بوپ قالار ، ئەمما بەك كۆپ بىلمەيمەن ، لېكىن ئاللا بىلدۇرگەن بىلىدىغانلىرىم بىلەن تۇرمۇشۇمنى داۋام قىلىۋىرىمەن . ئەلۋەتتە بىلىش ئۇچۇن داۋاملىق تىرشىمەن ، ئەلى مۇئەللىمنىڭ مېنى تىرىشىشقا دەۋەت قىلغىنىغا يەنە بىر قېتىم رەخمەت .

4. ئەمدى ئىلاھى قانۇنىيەت دىگەننى مەن بىلمەيدىكەنمەن ، مەن پەقەت ئاللانىڭ نەزىرىدە مەقبۇل بولغان دىن ئىسلام دىنىدۇر ، دىگەننى بىلىمەن ، ئىسلام دىنىدىنمۇ چوڭ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىزلەپ ئاۋارە بولمايمەن . ھەم ئىشەنمەيمەن ، بۇ دىندىنمۇ چوڭ تۇرىدىغان نەرسە ئىلاھى قانۇنىيەت دىگەن ئۇقۇم بەلكىم غەرىپ بىلىمدارلىرىنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا چىدىرغان سېلىپ توقۇپ چىققان ئەقلى بىر نىمىلىرى بولسا كېرەك ،

5. مەن بىلىمنىڭ چىكىگە يەتكەن ، ئاتالمىش ئىلاھى قانۇنىيەتنى تونىغان ئادەم ئاندىن قەلبى ھوزۇربولىدۇ دىگەننىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا خوشال قىلغان ئادەم خوشال بولىدۇ ، رەببىم ئاللاھ بەخىتلىك قىلغان ئادەم بەخىتلىك بولىدۇ دىگەن قاراشتا ،

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:22:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adiyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 11:24  

ماھىيىتى مەخپى بولغان روھنىڭ ئىنسانغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرى -قەلىبتە ئەينەككە چۈشكەن شولىدەك ئەكىس ئىتىدۇ.
شۇڭا قەلىبكە مۇناسىۋەتلىك ياكى روھقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم-ئۇ دىن دائىرىسىدە بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ماددىيەتتىن قوبول قىلغان ئۇچۇرلىرىنىڭ ئابىستىراكىتنى قىسمى پىسخولوگىيە پىنىنى شەكىللەندۈرگەن. ماددىيەتتىن قوبوللاش مىڭىدە بولىدۇ.
بۇ مەنىدىن ئىيقاندا سۆزلەۋاتقۇچى موللىمۇ ياكى پىسخولوگمۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:42:55

يۈرەك مىڭە ئۇقۇمى كۆپىنچە بىر كىلىدۇ ....

ئەڭ ئاددىسى مەن كۆڭلۈمدە مۇنداق ئويلىدىم دىسەك ھەرگىزمۇ ، ئۇ يۈرەكنىڭ ئويلىغىنىنى كۆرسەتمەيدۇ ، ئەمما ئۇنى مىڭەمدە ئويلىسام دىسەك ھەرگىز بۇ گەپ گەپ بولمايدۇ ...

خەنزۇ تىبابىتىدە ئادەم تىنىدىكى رەئىس ئەزالارنى مۇنداق بەشكە ئايرىيدۇ : بىرىنچىسى ، يۈرەك -مىڭە ، ئىككىنچىسى ئۆپكە ، ئۈچىنچىسى جىگەر ، تۆتىنچىسى تال ، بەشىنچىسى بۆرەك ....
ئاندىن ئوت يۈرەككە ، مىتال ئۆپكىگە ، ياغاچ جىگەرگە ، تۇپراق تالغا ، سۇ بۆرەككە سىمۋول قىلىنىدۇ .

2108965551 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 14:42:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 16:02:07

2108965551 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 14:42:13 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:handshake
بەت: 1 2 3 [4]
: ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم