biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 03:06:49

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 05:53:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 06:17  

ئەلى مۇئەللىم قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئانچە مۇنچە مىسال كەلتۇردى ، قارىغاندا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسىنى ئۆز مەقسىتى ئۇچۇن ئىشلىتىشنى  بۇياقمۇ بىلۋاپتۇ ،

بۇنداق ھۇنەرنى ئەلى مالىملام ئەمەس بەلىكى نى نى نى ئۇزىنى قالتىس چاغلايدىغان مەيلى دىندار بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئىش قىلىپ مۇشۇنداق ئىنساننىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئۆيناپ بۇنى تىرىكچىلىك يۇلى قىلىۋالغان ئىدىلوگىيە قويمىچىلىرىنىڭ ھەممىسى قىلىدۇ .  بۇنداق ئىشلارنى ئەلى مالىم قىلمىسىمۇ ئەتىراپىمىزدا  مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى چۇشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن ۋە دىننى ھسىياتىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئىدىلۆگىيە قويمىچىلىرى ياكى سىياسى  قويمىچىلار ساماندەك . ئەلى مالىمنىڭ باشقىلاردىن بىر پەرىقلىنىدىغان يىرى ئەلى مالىم تېخى باشقىلاردەك مۇغەمبەرلىك قىلىپ يۇرمەپتۇ . شۇڭا ئۇ ئاتايىتەن تەكىتلەپ ‹‹ قەلىب ›› دەپ ئاپتۇ  . مۇشنىمۇ چۇشەنمىگەن بولساڭلار  ئاۋۇ دىن تونىغا ئۆرىنىۋالغان سىياسى ئىدىلۆگىيە قويمىچىلىرىنىڭ ھىلە مىكىرلىرىنى قانداق چۇشىىنىپ يىتەلەيسىلەركىن  ..؟  قارايدىغان بولساق كۇنىمىزدە  ئەرەپلەر ئارىسىدا يۇز بېرىۋاتقان جىدەللەرمۇ سىياسى ئىدىلۆگىيە قۆيمىچىلىرىنىڭ مەنپەئەت كۆرىشىدىن ئىبارەت  ئۇلار يەنى  ھەر قايسى مەنپەئەتتار گۇرۇپپىلار قۇرئانىدىن ئۇزىگىلام پايدىلىق بولغان مەلۇم بىر نەچچە ئايەتلەرنى ئۇزۇندە ئېلىۋېلىپ ئۇزىنىڭ مەنپەتىگە پايدىسىز بولغان ئايەتلەرنى باسۇرۇپ قۇيۇپ تۇرۇپ  بۇنى باشقىلارغا  ھەقىقەت دەپ  ئۇزىنىڭ مەنپەئەت كاپالىتىنى باشقىلارغا زۆرلاپ تېڭىشىپ مۇسۇلمانلىق ۋە ھەققانىيەتچىلىك داۋاسى قىلىشىدۇ   شۇلارمۇ قىلچە نۇمۇس قىلماي تۇرۇپ ئۇزىنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن قۇرئاندىن ئۇزۇندىلەرنى كەلتۇرىدۇ .   بەزەنلىرى تېخى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇزىنىڭ مەنپەئەتىگە بۇرمىلاپ مەناسىنى ئۆزگەرتىپ پەتىۋا تۇقۇپ چىقىدۇ .  شۇ ئارقىلىق ئەتىراپىغا مۇرىت توپلاپ نادان خەلىقنى ئۇزىنىڭ سىياسى مەنپەئەتلىرىنىڭ قالقىنىغا ياكى قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرىۋىتىدۇ
ئىنساننى ھەقىقەتكە باشلايدىغان يولنىڭ بىرسى ياراتقۇچى بولسا ئىككىنجىسى شۇ ئىنساندىكى‹‹ قەلىب ›› تۇر  بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىساغا ئۇچۇنجى بىر ھەرقانداق نەرسە سىغالمايدۇ  . ئۇزىنى سۆيمەيدىغان ياكى سۆيسىمۇ قانداق سۇيۇشنى بىلمەيدىغان ئىنساننىڭ قەلبى ئۇلۇك قەلىبتۇر  ئۇلۇك قەلىب ئىنساننى ھەقىقەتكە ئەمەس بەلىكى دۆزاققا باشلايدۇ  .  
ئۇزىنى قانداق سۇيۇشنى ھەقىقى بىلگەن ۋە شۇ بۇيۇنچە ئۇزىنى سۇيەلىگەن شۇ ئارقىلىق ھەقىقى ھۆر قەلىبگە ئىگە بولغان ئىنسانلام ھەقىقەتكە ۋە ياراتقۇچىغا ئەڭ يىقىن ئىنساندۇر
ئەگەر چۇشەنسەڭلار ئەلى مالىمنىڭ ‹‹ ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك  ››  دىگەن سۆزى مانداقلام دىيىلىپ قالغان سۆز ئەمەس

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 06:38:39

مېنىڭچە ئەلى مۇئەللىم خەلقىمىز پىسخىكا ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ ، بىزدە پىسخولوگىيەدىكى بۇنداق كىشلەر بەك ئاز ،  شۇڭا مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزگىچەلىكسىيەلىرگە نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ھۆرمەتلەش پوزىتسىيسىدە بولىمەن ، گەرچە مەن ئۇنىڭ ئاز بىر قىسىم لىكسىيە ئۈزۈندىللىنىلا ئاڭلىغان بولساممۇ ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تەسىرچا قاراشلار ئېتراپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن …

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 07:24:43

توخوتۇرنىڭ بۇ تېمىسىدىن خېلىلا ئۈمىدسىزلەندىم. مەن ئۇنى يەنىلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەر، ھادىسىلەر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك نان تېگىدىغان يازمىلارنى يازسا بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەلىي قۇرباننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن كۆرۈپ يەتكەن ھاسىلاتلىرى ۋە مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلى مېنىڭچە، ئىلگىرىكى ھېچقايسى زىيالىيغا ئوخشىمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇ ئۈنۈملۈك بىر ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تاپالىدى دەپ قارايمەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 07:28:10

مەنمۇ ،ئەلى مالىمنىڭ سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن قايتا-قايتا قايتا-قايتا قايتا-قايتا قايتا-قايتا قايتا-قايتا  قايتا-قايتا قايتا-قايتا مەشىق قىلىدىغانلىقىنقىنى بولمىسا قاملاشتۇرۇپ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:50:52

ئەگەر چۇشەنسەڭلار ئەلى مالىمنىڭ ‹‹ ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك  ››  دىگەن سۆزى مانداقلام دىيىلىپ قالغان سۆز ئەمەس.
   بۇ ناھايتى توغرا دىيىلىپتۇ، ئىنساننىڭ يارتىلىشتىكى تۇغما تەبىئىتى(يەنى فىترىتى)نىڭ ماددىي تەرەپلىرى بەدەن ئەزالىرى ۋە ئۇلاردىكى ئېھتىياجلاردا نامايان بولسا، روھىي-مەنىۋىي تەرەپلىرى ئەشۇ قەلىب سادالىرىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلىپ سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ تۇرسا ئاسانلىقچە ئېزىپ كەتمەيدۇ. بۇھەقتە دانا پەيغامبىرىمىز شۇنداق دىگەن ئىكەن:  پەتىۋانى قەلبىڭدىن سورا، ياخشىلىق دىگەن قەلب خاتىرجەم بولىدىغان ۋە ئارام تاپىدىغان ئىشتۇر، يامانلىق دىگەن قەلىپ بىئارام بولىدىغان، كىشىلەر ئۇنىڭدىن سەسكىنىدىغان ئىشتۇر.(ماۋۇ ھەدىستىن ئېسىمدە قالغان قىسمى مۇشۇكەن، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار)

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:06:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 10:14  

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 07:24 static/image/common/back.gif
توخوتۇرنىڭ بۇ تېمىسىدىن خېلىلا ئۈمىدسىزلەندىم. مەن ئۇ ...

    گىلدىڭۋاش ئەپەندىم،  توخوتۇر ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسى سىزنى نىمىشقا ئۈمۈتسىزلەندۈرگىنى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمىدى، سىز دىگەندەك «نان» تېگىدىغان يازمىلارنى يېزىپ تۇرسىمىغۇ ياخشى بولاتتى، ئەمما  بۈگۈنكى بۇ «قوساق توق،بىلىم يوق» كۈنلەردە ماۋۇنىڭدەك «جان تېگىدىغان» يازمىلارنى يازسا سىزنى نىمىشقا ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويغاندۇ؟ يوقۇلۇش تەقدىرى ئالدىمىزدىكى يېقىنلا يەردە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇۋاتسا، «نان»نى دەپ «جان»دىن كېچەمدۇق؟؟؟

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:10:23

مەنمۇ ئىۋ كۈنى ئاتۇشتىكى بىر مەكتەپتە سۆزلىگەن لىكسىيەسىنى ئاڭلىغانىدنىم...خېلى ئوبدان سۆزلەپ قويۇپتۇ....
ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ھەم قانداق تىرىشچانلىقلىرىنى سۆزلەپ خېلى ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلىۋالدىم....
ماڭا ياقتى لىكسىيەلىرى
ئەمما نۇقسانسىز ئىنسان بولمايدىكەن....
نەقىل قىلماڭلار ئىنكاسىمنى

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 11:37:43

ئەلى مۇئەللىم ئالغان نەقىل :
سۈرە بەقەرنىڭ 14-ئايىتىدە " بىز ئۇلارنى سەمىمىي بولۇڭلا، ياخشى ئادەم بولۇڭلا دېدۇق ، بىراق ئۇلا بىز ئۇنداق قىلساق ئەخمەققە ئوخشاپ قاممامدۇق دېدى. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق ، بىراق ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ" دېدى
سۈرە بەقەرنىڭ 14-ئايىتى مانا مۇنداق :
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ (14)

لېكىن سۈرە بەقەرنىڭ 13-ئايىتىدە مۇنداق دەپ بار
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ (13)
مەن ئەلى مالىمنىڭ " مەن ئۆزۈم تاماكا چېكىمەن" دېگەن ۋاقىتتا مالىمنىڭ پىسخىكىسىدىن سەل گۇمانلانغان . ئادەتتە ھەدىسكە بىر ئېغىز گەپ ئارتۇق ياكى كام بوپ قالسا ئۇ ھەدىس سەھىھ يەنى توغرا بولماي قالىدۇ . قۇرئان كەرىمگە نىسبەتەن گەرچە مالىمنىڭ ئېيتقانلىرى يامان ئىش قىلىڭلار دېمەي سەمىمىي بولۇشقا ئۈندىسىمۇ لېكىن بۇ دېگەن قۇرئان كەرىم ، ئاللاھنىڭ سۆزى، ئىنسان ئۆزى توغرا دەپ قارىغان بىر ئېغىز سۆزى سەۋەبلىك قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بوپ كېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ .

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:38:48

گىلدىڭۋاش ئەپەندىم،  توخوتۇر ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسى سىزنى نىمىشقا ئۈمۈتسىزلەندۈرگىنى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمىدى، سىز دىگەندەك «نان» تېگىدىغان يازمىلارنى يېزىپ تۇرسىمىغۇ ياخشى بولاتتى، ئەمما  بۈگۈنكى بۇ «قوساق توق،بىلىم يوق» كۈنلەردە ماۋۇنىڭدەك «جان تېگىدىغان» يازمىلارنى يازسا سىزنى نىمىشقا ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويغاندۇ؟ يوقۇلۇش تەقدىرى ئالدىمىزدىكى يېقىنلا يەردە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇۋاتسا، «نان»نى دەپ «جان»دىن كېچەمدۇق؟؟؟
ئىلگىرى بىز ئىلى قۇربان دەپ ئاڭلىمايتتۇق. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىنى، پىلاستىنكىلىرىنى، نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدۇق. قارىساق، ئۇ كىچىك دائىرىدە بولسىمۇ بىزدىكى بەزى ئەنئەنىۋىي مائارىپ تونۇشىغا ۋە ئادەت شەكلىدىكى پىسخىك كەمچىلىكلەرگە توغرا دېئاگنۇز قويالايدىغان چىراي. بۇنچىلىك ئىزدەنگەن بىر ئادەم توخوتۇر بۇ تېمىدا تىلغا ئالغان مەيدان ۋە قاراش مەسىلىسىنى ئاللىقاچان ھەل قىلىپ بولغان بولىدۇ. ئەلىي قۇربان كۆز ھەققىدە ئىزدىنىۋاتسا، توخوتۇرنىڭ ئۇنىڭ كۆزىدىكى چاپاق ھەققىدە پىكىر قىلىشىنى توغرا تاپمىدىم. بۇنداق پىكىر بېرىش «كېسىلى» ناۋاغا، سۇ يىغىلىپ قالغان ئازگالغا، ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزمىگەن بانكىلارغا ماس كېلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم كۆرسەتسىمۇ، ئەلى قۇربانغا ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدۇ دېمەكچىمەن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:03:40

جەمئىيەتنى تۈزەيدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ بولغان ھەم تۈزىگۈسى بار بولسا لېكسىيەسىنى ھەقسىز بولمىسىمۇ ئەرزانراق قىلسۇن. دىققەت: ئەلى مۇئەللىمنى تونۇمايمەن، لېكسىيەسىنى ئاڭلىمىدىم، ھۆرمەتلەيمەن ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاۋۇ گەپنى لېكسىيەسىنىڭ بېلەت باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى بىۋاسىتە ھېسسىيات دەپ چۈشىنەرسىلەر.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:51:07

adl228 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 16:08 static/image/common/back.gif
يول  تېپىش ئۈچۇن ، ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغ ...

سىزنىڭ دىگىنىڭىز بىئولوگىيە  ، ئەلى مالىمنىڭ دىگنى پىسخىكا  ...


semerqent يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:33:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   semerqent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 16:35  

ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسى قېنى باللا ، ئۇ تېما  تاقىلىپ كەتمىگەندۇ ؟ تېخى ئاخشام ئاڭلىغانتىم بېشىنى ، بۈگۈن ئاخىرىنى ئاڭلىۋېتەي دەپ كىرسەم ھېچيەردە كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:45:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 16:50  

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 15:51 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ دىگىنىڭىز بىئولوگىيە  ، ئەلى مالىمنىڭ دىگنى پى ...

پىسخىكىدا ئادەم بەدەننىڭ پائالىيەت مەركىزىنى يۈرەك دەمدا ؟ بىزنىڭ مەكتەپتە پىسخولوگىيە ئۈگەنگەنلەرنىڭ ئازتولا ئادەم مىڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆزەتكىنىنى ۋە ئازتولا ئادەم مېڭىسى بىلەن ھەپىلەشكىنىنى كۆرىمەن ھەم ئازتولا مېڭىگە ئائىت كىتابلارنى ئۇقۇيدىغانلىقىنىمۇ كۆرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئازراقمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇقلاپ ،كۆزىتىپ  يۇرگىنىنى كۆرمەيمەن . سىزنىڭ گىپىڭىزچە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا مەسلە بارمۇ نېمە ؟ قارىغاندا ئۇلارمېڭە بىلەن ھەپىلىشىۋەرمەي كۆپرەك ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تەتقىق قىلسا بولغىدەك

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:02:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 17:04  

يۈرەك، قەلب دېگەنلەرنى مېتافورا دەپ چۈشىنىڭلار، شۇ چاغدا تالىشىدىغانغا ھېچنېمە قالمايدۇ. بىئولوگىيەدىن دەرس ئۆتۈشۈڭلارغىمۇ ھەم ھاجەت يوق. بىلىشىمچە ئىزدىنىشتا يۈرەك بىلەن مېڭىنىڭ پەرقى، فۇنكسىيىسىنى بىلمەيدىغانلار يوق. سىلەر دەرس ئۆتۈپ يۈرۈپ سەۋىيىمىز خېلى ئېشىپ قالدى. {:90:}

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:06:47

چاقچاق جۇمۇ، چىراي ئىپادىسىنى چىقىرالماي تىلغا قالماي يەنە.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:06:53

adl228 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 16:45 static/image/common/back.gif
پىسخىكىدا ئادەم بەدەننىڭ پائالىيەت مەركىزىنى يۈرەك د ...

ۋۇجۇۇۇۇۇۇن نىمدا  ئىجى مىجى ئۇششاق پاراڭ بۇ !!!
ئوينىغىنە ماڭە  

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:18:01

تەھرىرلەندى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:21:48

بۇ پىسخولوگ مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىدىكى بىر قىسىم  زىتلىق ئەھۋاللارنى تورداشلار دەپ ئۆتۈپتۇ قىسقىچە. مەنمۇ شۇنداق قاراشتا .

ئەمما مېنىڭ ئۈمىدىم، بولۇپمۇ مۇشۇ پىكرى پاراڭلار، پىسخىكا تېمىلىرىدا كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان ئۇسلۇپتا گەپ قىلىشنى بىلىم دەپ قارىۋالىدىغان ئىسانلار جۈملىسدىن نېرى بولغاي...  چۈنكى بۇ خىلدىكى سۆزلەر تەرەققىي قىلىپ بېرىپ ئاخىرىدا ئۆزىمۇ دائىرىسىنى بەلگىلەپ توغرا- خاتانىڭ چەك- چىگراسىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ قېلىشى مۇمكىن،

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:21:53

بۇ پىسخولوگ مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىدىكى بىر قىسىم  زىتلىق ئەھۋاللارنى تورداشلار دەپ ئۆتۈپتۇ قىسقىچە. مەنمۇ شۇنداق قاراشتا .

ئەمما مېنىڭ ئۈمىدىم، بولۇپمۇ مۇشۇ پىكرى پاراڭلار، پىسخىكا تېمىلىرىدا كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان ئۇسلۇپتا گەپ قىلىشنى بىلىم دەپ قارىۋالىدىغان ئىسانلار جۈملىسدىن نېرى بولغاي...  چۈنكى بۇ خىلدىكى سۆزلەر تەرەققىي قىلىپ بېرىپ ئاخىرىدا ئۆزىمۇ دائىرىسىنى بەلگىلەپ توغرا- خاتانىڭ چەك- چىگراسىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ قېلىشى مۇمكىن،
بەت: 1 [2] 3 4
: ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم