ئەخمەتجان ئوسمان ئىنگلىزچە شېئىر يېزىپتۇ
Where Ceiling and Time Form 1 Like a bird at dawn"s threshold silence approaches my tongue a flutter of wings Like spilled moonlight on a lake shimmers in the darkness the hiss of a snake I remember twilight in the clouds the flame of the soul on the peaks while here, a body glows 2 Good evening grasshoppers! Good evening meadow! The bright moon shines for us shines into my closed palms Lying on the meadow under the shadows of trees the grasshopper clatter spreads through me This moonlit night I am a stranger to myself and to other voices My thoughts wander along the sightline glittering silver in my eyes into the caverns of silence 3 I live as I"ve lived wherever I live I like bread I like wine I like exhaustion I like comfort I like the poor I like the rich I like good I like evil… But I await the slash of silence from moment to moment place to place, like the wind circling the peaks of the Himalayas set to blow down the mountainslopes 4 Stair by stair I climb up to the door I press the doorbell it rings my wife smiles my children laugh the grilled chicken in my hands cries out the happiness in my heart feels heavy I can hear the silence ringing away ascending, slowly, within me 5 I feel silence and think of myself How difficult it is to say “human being” and so easy to say “we are born … we live … we will die” for a purpose or no purpose for a truth or no truth How difficult it is to say “silence” and so easy to say “silence is … silence” 6 If plants said and animals replied I, too, would want to speak The wounding stream with its silent stones visible through the water depths 7 Three withered roses in a vase of silence A rose that weeps for its infinite beauty A rose that dreams its essence of being A rose that rebels against its useless colors 8 Who was I? Water draws me toward the source Who am I? Wind reveals the open road to me Who will I be? The gods gaze at me with cold stares Water, source, wind, road, gods… of silence 9 If the threshold isn"t mute then why the silence of unused windows? Our home isn"t built with columns its pillar is the threshold a hidden root where ceiling and time form 10 Yes the relentless silence confuses me an anchor forgotten at the bottom of the sea a blind sage Bird wings interrupt the scene irises like pools in the desert An ancient ship captain washed ashore a seed sheltered between rocks in the bitter cold covered with bird feathers 11 The mirror"s silence in the abyss where the spider still stares at us from its phosphorous web that illuminates the featureless faces of the poets suffering in indifference spiders covered with the moss of time At midnight ghosts sneak out of the mirror dream after dream 12 Shortly thereafter after the moon, after the sun, after the nebula earth will rise from its sleep lit by the moon in our dreams a vast silence will open out giving the sky its name: Human Hurricane! Our earth… our earth so dear to our pain
ئۇ يەردە ئايۋان ۋە ۋاقىت شەكىللىنىدۇ
1 تىلسىزلىق يېقىنلاشتى تىلىمغا گويا بىر قۇش بوسۇغىغا قونغاندەك قاناتلىرىنى قاققاندەك ئاي نۇرى كۆلدە لىغىرلاۋاتقاندەك قاراڭغۇلۇقتا جىمىرلاۋاتقاندەك يىلاننىڭ شىلدىرلىشى ئېسىمدە بۇلۇتلار ئارىسىدىكى تاڭ نۇرى چوققىلاردا روھ يالقۇنى بۇ يەردە، يورۇماقتا بىر بەدەن.
2 خەيرلىك كەچ چېكەتكىلەر! خەيرلىك كەچ گۈزەل يايلاق! پارلاق ئاي نۇرىغا چۆمۈلدۇق چۆمۈلدى ھەم يېنىمدىكى پالما دەرىخى ئوتلاقتا دەرەخ سايىسىدا ياتقىنىمدا چېكەتكىلەر ئۈستۈمدىن ۋىڭىلداپ ئۇچتى بۇ ئايدىڭ كېچىدە مەن ئۆزەمگە ھەم باشقا ئاۋازلارغا ناتونۇش ئىدىيەم كۆرۈش دائىرەمدە تېڭىرقاپ كۆزۈمدە كۆمۈشتەك پارقىراپ جىمجىتلىق ئۆڭكۈرىگە كىرمەكتە
3 نەدە ياشىسام ئوخشاش ياخشى كۆرىمەن بولكىنى ھەم ھاراقنى راھەتنى ھەم جاپانى بايلارنى ھەم گاداينى ياخشىنى ھەم ياماننى ئەمما جىمجىتلىقنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۈتىمەن دەقىقىدىن دەقىقىگە ماكاندىن ماكانغا، گويا شامالدەك ھىمالايا چوققىسىنى چۆرگىلەپ تاغلارنى تۈپتۈز قىلىۋەتسەم دەيمەن.
4 پەلەمپەيدىن چىقىپ ئىشىككە كەلدىم قوڭغۇراقنى باستىم قوڭغۇراق جىرىڭلىدى ئايالىم كۈلۈمسىرىدى بالىلىرىم قىيا-چىيا قىلىشتى قولۇمدىكى توخۇ كاۋىپى قەقەسلىدى يۈرىكىم شادلىققا تولدى مەن ئۇنى ئاڭلىيالىدىم جىمجىتلىق جىرىڭلاپ ئايرىلىپ ئۆرلەپ، ئاستىلاپ ئىچىمگە چۆكتى
5 سۈكۈناتنى سەزگەچ ئۆزەمنى دائىم ئويلايمەن ”ئىنسان“ دېمەك نېمانچە تەس ”تۇغۇلىمىز، ياشايمىز، ئۆلىمىز“ دېمەك نېمانچە ئاسان نىشان ياكى نىشانسىزلىق ھەقىقەت ياكى سەپسەتە ئۈچۈن ”سۈكۈت“ دەپ جىم تۇرۇش نېمانچە تەس ”سۈكۈت سۈكۈت دېمەكتۇر“ دېيىش نېمانچە ئاسان.
6 ئۆسۈملۈكلەر سۆزلەيدۇ ھايۋانلار جاۋاب بېرىدۇ مەنمۇ ھەم سۆزلەيمەن، سۆزلىشىم كېرەك ئازابلار جىمجىت تاشلارنى بويلاپ ئاقىدۇ ئۇنى سۇنىڭ تەكتىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ
7 سۈكۈت لوڭقىسىدا قۇرۇپ قالغان ئۈچ تال ئەتىرگۈل بىرى ئۆزىنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىگە يىغلايدۇ بىرى قىممەتلىك نەرسىگە ئايلىنىشنى ئويلايدۇ بىرى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس رەڭگىگە قارشى تۇرىدۇ
8 مەن كىم ئىدىم؟ سۇلار مېنى مەنبەسىگە ئېقىتىپ ماڭدى مەن كىم؟ شاماللار يولۇمنى ئېچىپ كۆرسەتتى مەن كىم بولماقچى؟ تەڭرى ماڭا سالماق نەزەردە تىكىلدى سۇ، مەنبە، شامال، يول، تەڭرى... ھەممىسى جىمجىت
9 ئەگەر بوسۇغا گاچا بولمىسا نىچۈن بۇ كۆزنەكلەر داۋاملىق تاقاق؟ ئۆيىمىز تۈۋرۈكسىز تىكلەنمىگەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكى بوسۇغا كۆرۈنمەس يىلتىز ئۇ يەردە ئايۋان ۋە ۋاقىت شەكىللىنىدۇ.
10 شۇنداق بۇ رەھىمسىز سۈكۈت مېنى قايمۇقتۇرىدۇ دېڭىز ئاستىدا ئۇنتۇلغان لەڭگەر قارىغۇ دانىشمەن قۇش قاناتلىرى بۇ كۆرۈنۈشنى ئۈزۈپ قويىدۇ رەڭدار قاناتلىرى چۆلدىكى كۆلچەكلەرگە ئوخشايدۇ كونا كېمە كاپتانى قىرغاقلارنى چايقاپ ئۆتىدۇ قاتتىق سوغۇقتا قىيا تاش ئارىسىدا ساقلانغان ئۇرۇق قۇش پەيلىرىنى يېپىنچا قىلىدۇ
11 ئەينەك جىمجىت جەھەننەمدە ئۆمۈچۈكلەر بىزگە قاراپ تۇرماقتا ئۇنىڭ پارقىراق تورى شېئىرنىڭ مەنىسىز يۈزىنى چۈشەندۈرىدۇ ئۆمۈچۈك بۇ مەنىسىزلىككە چىداپ ۋاقىت مۇخلىرى بىلەن تور توقۇماقتا يېرىم كېچىدە ئەرۋاھلار ئەينەكتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ چۈشلەردىن چۈشلەرگە ئۆتىدۇ.
12 بىر دەمدىن كېيىن ئاي، قۇياش، يۇلتۇزلارنىڭ كەينىدىن يەر شارى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ چۈشىمىزدىكى ئايدىن يورۇغاندا غايەت زور جىمجىتلىق قانات يايىدۇ بۇ ھاۋاغا ”ئىنسانلار بورىنى“دەپ نام بەرسەك بولىدۇ! يەر شارىمىز... يەر شارىمىز ئازابىمىز ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك (ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇ شېئىرى بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا ئىنگلىزچە چىقىدىغان"بېنگال نۇرى" ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرچە يېزىلغانمۇ ياكى ئىنگىلىزچە بىۋاسىتە يېزىلغانمۇ بىلگىلى بولمىدى، ئىنگلىزچەمنى مەشق قىلىش يۈزىسىدىن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، خاتا كەتكەن، مۇۋاپىق بولمىغان جايلار بولۇشى مۇمكىن، ئەخمەتجان ئوسمان كۆرۈپ قالسا كۈلۈپ ياكى تېرىكىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. نېمىلا بولسا ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلىدىم دەپ ئويلايمەن، مەن ئۇنىڭ ئىخلاسمەنى ئەمەس، ھېچنېمىزمچى تېخىمۇ ئەمەس، بۇ پەقەت ئاددىي تەرجىمە مەشىقى) |

بۇشېئېرنى قاندامۇ يازغاندۇ يازغاندۇ دەيمە!؟دەھشەت پاساھەتلىك چىقىپتۇ .
3- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنداق شېئىرلارنى چۈشۈنەلەيدىغان ئادەملەرگە قايىلمەن.
شېئىرىنى چۈشەنمەيمىز، ھېس قىلىمىز




8- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىرى مۇشۇنداق شېئىرنى، يەنە بىرى كىيىم لايىھەلەشتىكى كەلگەن ئىلھامنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيدىكەنمەن.
![]()
oxshash kenmiz
گالۋاڭلىق ئۇچچىغا چىققان جەمىيەتتە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىگىنى بەس-بەستە يوشىرىدۇ.بۇنۇڭ ئىپادىسىدىن بىرى چۈشەنمىگەن نەرسىنى چۈشەندىم دەۋىلىش بولسا يەنە بىرى مەنىسىز نەرسىگە مەنا چىقىرىش. مەندە ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لېركىسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.دائىم ئۇقۇيمەن.خېلى چۈشىنىمەن.
ھازىر قېرىپ قالدىممىكىن بۇ شېئىرنى ئانچە ئاڭقىرالمىدىم. بىلمى يۇقىرى كىشلەرنىڭ گېپنىڭ مەزمۇننى بىلەلمەيدىكەنمىز {:107:} مۇشۇ شىئردىن يەنە نىمە مەنە ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى چۈشەنمىدىم . بەلكىم سىلەر بۇ شىئردىن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنانى كۈتىۋاتقان ئوخشايسىلەر . ماۋۇ تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يارايدىكەن. ئەسلىسى مۇنداق:
بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا ئېنگلىزچە چىقىدىغان «Bengal Lights» (بېنگال نۇرلىرى) ئەدەبىي ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق باھار سانىدا (ھەر يىلى باھار ۋە كۈزدە ئىككى سان چىقىدۇ) ئە. ئوسماننىڭ «Where Ceiling and Time Form» (ئۇندا تورۇس ۋە زامان شەكىللەنمەكتە) ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىندى.
ئۇندا تورۇس ۋە زامان شەكىللەنمەكتە
ئەخمەتجان ئوسمان
1
ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﺳﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﺘﻪﻙ
ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﻰ ﺯﯗﯞﺍﻧﯩﻤﻐﺎ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ،
ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩﻙ...
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯩﻼﻥ ﺋﯜﻧﯩﺪﻩ
ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯚﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﯨﺪﻩﻙ.
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
ﺑﻮﻟﯘﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﺷﻪﭘﻪﻕ ﻳﺎﻟﺪﺍﻣﯩﺴﯩﺪﻩﻙ،
ﭼﯘﻗﻘﯩﻼﺭﺩﺍ ﺭﻭﮬ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﯩﺪﻩﻙ...
ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﻪﻥ ﻳﻮﺭﯗﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ.
2
ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ، ﺋﻪﻱ ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﯩﻠﻪﺭ!
ﺋﻪﻱ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ!
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﯘ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻱ
ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﻳﯘﻣﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ.
ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ،
ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ،
ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺷﯘﺩﻩﻡ
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﺍ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ،
ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻳﺎﺕ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ.
ﮬﻪﻡ ﺋﻮﻱ-ﭘﯩﻜﺮﯨﻢ ﻛﯧﺰﻩﺭ ﻧﯩﮕﺎﮬ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ،
ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻣﯜﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﺸﯩﺪﻩﻙ
ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ.
3
ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ...
ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺷﺎﺭﺍﭖ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪﻩﻙ،
ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﮬﺎﺭﺩﯗﻕ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪﻩﻙ،
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻨﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﺑﺎﻳﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪﻩﻙ،
ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪﻩﻙ...
ﺑﯩﺮﺍﻕ.
ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﯨﻠﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺗﻪﻗﯩﺐ،
ﮬﻪﺭ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ، ﮬﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ،
ﮔﯘﻳﺎ ﺑﯘﻏﺪﺍ ﭼﯘﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ
ﮔﯚﻛﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﻩﻙ.
4
ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ-ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ...
ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯘﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ،
ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﻳﺪﯗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﻰ
ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺷﺎﺗﻠﯩﻘﻰ
ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺸﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﯞﻩﺱ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ...
ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ
ﺋﺎﯕﻼﻳﻤﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺋﯩﭻ-ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ.
5
ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻳﯩﻤﻪﻥ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
ﮬﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻙ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ!
\"ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﻟﯩﻤﯩﺰ،
ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰ،
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺩﻩﭖ...\"
ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮬﻪ، ﺑﯘ ﺳﯚﺯ!
ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻙ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ!
\"ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ ﺩﯦﻤﻪﻙ....\" ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﺭﻏﯘﻻﺗﻤﺎﻕ
ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ!
6
ﺯﯗﯞﺍﻥ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﻳﺴﯩﻼﺭ!
ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ!
ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺪﻩ!
ﺑﯘﻻﻕ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﻼﺭ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺳﯜﭘﺴﯜﺯﯛﻙ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ
ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
7
ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ،
ﺳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻝ ﮔﯜﻝ.
ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯚﮔﯩﻤﻪﺱ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ
ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ.
ﭼﯜﺷﯜﻣﻪﻛﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
8
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺪﯨﻢ؟
ﺳﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ
ﺑﯘﻻﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ.
ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭ
ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ.
ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺑﺎﻗﺎﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ
ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ.
ﺳﯘﻻﺭ،
ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ،
ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭ،
ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ....
ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ.
9
ﮔﺎﭼﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﺳﯘﻕ ﺯﺍﺩﯨﻼ!
ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﭽﺎﻥ ﺭﯗﺟﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻛﯜﺗﻰ؟
ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺪﻯ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰ
ﺑﻮﺳﯘﻗﺘﯘﺭ ﮬﯘﻟﻰ،
ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﻭﺭ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ.
ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺗﻮﺭﯗﺱ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ...
10
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ!
ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺷﯘ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯗﺭ،
ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﺎﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻥ
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﺘﻪﻙ
ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﻟﻪﯕﮕﻪﺭﻣﯩﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﺎ
ﻗﯘﺷﻤﯩﺪﯗ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ،
ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯜﭖ ﺑﯘﻻﻕ؟
ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻛﯧﻤﻪ،
ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ.
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﺎ
ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﭘﺎﻧﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ،
ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺵ ﭘﯧﻴﻰ.
11
ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻰ...
ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ
ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﯜﭼﯩﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ،
ﭘﻮﺳﻔﯘﺭﻟﯘﻕ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ.
ﺋﯘ ﻳﻮﺭﯗﺗﺎﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ
ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ
ﭘﻮﺳﻔﯘﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﭖ
ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﻮﺭﻯ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺰ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ.
ﺗﯜﻥ ﻧﯩﺴﭙﯩﺪﻩ،
ﺗﯩﻤﺴﯩﻘﻼﭖ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯗ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻦ،
ﭼﯜﺵ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ.
12
ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،
ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻣﺎ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ...
ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ
ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﺎﭼﺎﺭ، ﺩﺍﻏﺪﺍﻡ، ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﻰ.
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺴﯩﻢ:
ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﺭﯨﻨﻰ!
ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ
ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.
3- بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىشىڭىز ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى لوس ئەنجىلىستىكى ئامېرىكا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق Phoneme Books نەشرياتى يېقىندا ئە. ئوسماننىڭ تاللانما شېئىرلىرىنى «Uyghurland, the Farthest Exile» (ئۇيغۇر دىيارى، ئەڭ يىراق سۈرگۈنگاھ) دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلىدىكەن. بۇ شېئىرلارنى ئامېرىكىلىق شائىر جېفرىي ياڭ ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. • Phoneme Media: Current & Future Projects
Phoneme\"s projects are meant to appeal to as wide an audience as possible and to represent the excitement, importance, and vitality of reading more widely. This explains Phoneme\"s emphasis on film, from documentary portraits of our writers to inter-media film-based performances. This year Phoneme will release Uyghur poet Ahmatjan Osman\"s selected works, translated by Jeffrey Yang, as well as an anthology of poetry from five indigenous Mexican languages. Each will feature complimentary film components. Projects from Burundi and Equatorial Guinea are also in development.
\"فونېم بۇ يىل ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ جېفرىي ياڭ تەرجىمە قىلغان تاللانما ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىدۇ\".
مەنبە: http://s1.penusa.org/introducing-phoneme-media چۈشىنىمەن چۈشەنمىسەممۇ،
سۆيگۈسىزمەن سۆيۈپ تۇرساممۇ،
سىڭىپ كېتەر ‹يوق›سىزلىق ئارا،
مەنمۇ كۆرمىگەن مەۋجۇد تېنىممۇ!
جىسمىم ئارا ئۈزەر يەرشارى،
سىڭىپ بارار بىردانچە قۇمغا.
مۆكۈپ يۈرەر ھىچنىمە يوقلۇققا،
قۇياش ئاشىق بىر تامچە سۇغا!
-----------------------------بۇ شېئىرنى ئوقۇپ ئىنكاس يازاي دېسەم مۇشۇنداق چىقىپ قالدى بەلكىم مەن تېخىمۇ چۈشەنمىگەندەك قىلىمەن. {:92:}