paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 21:24:49

3- بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىشىڭىز ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ.

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 21:25:25

بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى لوس ئەنجىلىستىكى ئامېرىكا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق Phoneme Books نەشرياتى يېقىندا ئە. ئوسماننىڭ تاللانما شېئىرلىرىنى «Uyghurland, the Farthest Exile» (ئۇيغۇر دىيارى، ئەڭ يىراق سۈرگۈنگاھ) دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلىدىكەن. بۇ شېئىرلارنى ئامېرىكىلىق شائىر جېفرىي ياڭ ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن.

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 21:26:47

• Phoneme Media: Current & Future Projects



Phoneme\"s projects are meant to appeal to as wide an audience as possible and to represent the excitement, importance, and vitality of reading more widely. This explains Phoneme\"s emphasis on film, from documentary portraits of our writers to inter-media film-based performances. This year Phoneme will release Uyghur poet Ahmatjan Osman\"s selected works, translated by Jeffrey Yang, as well as an anthology of poetry from five indigenous Mexican languages. Each will feature complimentary film components. Projects from Burundi and Equatorial Guinea are also in development.







\"فونېم بۇ يىل ئۇيغۇر شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ جېفرىي ياڭ تەرجىمە قىلغان تاللانما ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىدۇ\".



مەنبە: http://s1.penusa.org/introducing-phoneme-media

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 21:44:08

چۈشىنىمەن چۈشەنمىسەممۇ،

سۆيگۈسىزمەن سۆيۈپ تۇرساممۇ،

سىڭىپ كېتەر ‹يوق›سىزلىق ئارا،

مەنمۇ كۆرمىگەن مەۋجۇد تېنىممۇ!



جىسمىم ئارا ئۈزەر يەرشارى،

سىڭىپ بارار بىردانچە قۇمغا.

مۆكۈپ يۈرەر ھىچنىمە يوقلۇققا،

قۇياش ئاشىق بىر تامچە سۇغا!



-----------------------------بۇ شېئىرنى ئوقۇپ ئىنكاس يازاي دېسەم مۇشۇنداق چىقىپ قالدى بەلكىم مەن تېخىمۇ چۈشەنمىگەندەك قىلىمەن.  {:92:}

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 22:19:43

بۇنىڭچىلىك ئەمەسكەنغۇ؟



           ئىسسىق سۇدا باش يۇيۇپ،

            سوغۇق سۇدا چايقايمەن.

            يارىم ئەگەر كەلممىسەڭ،

            كۆرمەي قانداق چىدايمەن

asabi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 22:32:37

بىر ئويلانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈكۈناتتىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بوپتۇ

بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى سۆزلەپتۇ.

بەزى يەرلەردە بەك زورۇقۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.

مەسلەن. يىلان ،پاقا چىملىق ، چېكەتكە دىگەندەك سۆزلەرنى دەيمەن.

ئىشقىلىپ ئوينىڭ يۇقىرى چەكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ دەپ ئويلىدىم.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 22:42:52

\"\" \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 00:28:51

بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچىسىدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم، ئۇيغۇرچىغا ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغاچقىمۇ، ئۇيغۇرچىسى ئۇنچىۋالا پاساھەتلىك بىلىنمىدى. ئەگەر ئاپتۇر بۇ شېئرنى ئۆزى ئېنگىلىزچە مۇشۇ سەۋىيەدە يازالىغان بولسا ھەقىقەتەن قول قويسا بولغۇدەك، بەك ئېسىل!



مەن ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەم باشقا شېئرلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغان. بۇ شېئىرىنى بەك ياقتۇردىم ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.



قانداقسىگە بىنگالنىڭ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىغىنى ئويلاپمۇ بىرەر نەرسىگە باغلاشتۇرالمىدىم. نىمىشقا بۇنداق پاساھەتلىك، گۈزەل، بەدىئي ۋە ئۇستىلىق بىلەن يىزىلغان ئېسىل شېئرنى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلمىغاندۇ، دەپ ھەيران قالدىم. ئامرىكىدىغۇ شېئىرىيەت پەقەت راۋاجلانمىغان ھەم ئوقۇيدىغانلارمۇ بەك ئازكەن. بولسا بىلىدىغانلار مۇشۇ ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بىرىڭلار.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 07:47:37

نۇرغۇن ئادەم چۈشەنمەيدىغان شىر

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 16:46:19

شېئىر تەرجىمە قىلىش ئۆستەڭدىن بېلىق تۇتقاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەستى، ئەسەرنىڭ ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان بولسا ئوبدان بولاركەن.

تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلىدىغان چۈشىنىدىغان، مول تىل بايلىقى بولغان، شائىرانە ھېس- تۇيغۇلارغا لىق تويۇنغان ساھىبلارلا شېئىر تەرجىمە قىلالامدىكىن دەيمەن...  {:136:}

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 17:04:37

26- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى paradocsنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يارايدىكەن.



بۇ شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغانلىقىنى، ئىنگىلىزچىگە تەرجخمە قىلىنغانلىقىنى بىلگەن بولسام تەرجىمە قىلماس ئىكەنمەن. تەرجىمەم شورپىنىڭ شورپىسى بولۇپ قالغاچقا ئەسلى تەمى چىقماي قاپتۇ. تىل دېگەن ئاشۇنداق نەرسە، مولغۇيدەك ئارىلىشىدۇ، ھاۋادەك ئۆزگىرىدۇ، سۇدەك ئاقىدۇ. شۇڭا تەرجىمە بەزىدە كەم قالىدۇ، بەزىدە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەل ئىپادىلەپ بېرەلىگىنىدە ئەسلىسىگە يېقىنلىشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى بولالمايدۇ. قاراپ باقسام، ئەخمەتجاننىڭ بەزى مىسرالىرى مېنىڭ تەرجىمەمدىكىسىگە يەتمەيدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چالا تۇڭچى ھازىر ئادەم ئۆلتۈرمەيدۇ، ئۆز تىلىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئەمما مەن ئۆز تىلىمنى جان دىلىم بىلەن قوغدايدىغانلاردىن.



مەن ئىنگىلىزچە  ئۇقمايمەن،  لېكىن  ئىككى  خىل  تەرجىمىنى  ئوقۇپ  بېقىپ  ئەرتۈركنىڭ تەرجىمىسىنى    ئومۇمى  جەھەتتىن  تىلىمىزغا  تېخىمۇ  يىقىنراق    كەلگەندەك  ھېس قىلدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 19:13:34


ئەخمەتجاننىڭ بەزى مىسرالىرى مېنىڭ تەرجىمەمدىكىسىگە يەتمەيدىكەن،



بۇ گېپىڭىز قىزىق تۇيۇلدى، مەسىلەن قايسى مىسىرالىرى؟


erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 19:21:12

29- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نېمە مەقسەتتە ماۋزۇغا « ئەخمەتجان ئوسمان ئىنگلىزچە شېئىر يېزىپتۇ» يازغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ئايان.


بۇ ماۋزۇ « ئېشەك دەرەخكە چىقىپتۇ»، « پاقا جىرىم غاجاپتۇ» دېگەندەكلا گەپ بولۇپ ئاشۇ ماۋزۇلا بۇ شېئىرنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ.



ئەخمەتجان ئوسمان كانادادا تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن بولغاچقا ئېنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىپ ‏بۇ شېئىرنى يازغان ئوخشايدۇ  دەپ ئويلاپتىمەن.  تورداشلارنى جەلپ قىلىش  ئويۇممۇ   يوق ئەمەس، بۇ تور دۇنياسىدىكى نورمال پىسخىكا...

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 19:36:50

30- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شېئىر تەرجىمە قىلىش ئۆستەڭدىن بېلىق تۇتقاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەستى، ئەسەرنىڭ ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان بولسا ئوبدان بولاركەن.

تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلىدىغان چۈشىنىدىغان، مول تىل بايلىقى بولغان، شائىرانە ھېس- تۇيغۇلارغا لىق تويۇنغان ساھىبلارلا شېئىر تەرجىمە قىلالامدىكىن دەيمەن... \"\"

‏توغرا دەيسىز، شېئىر تەرجىمىسى  ئاسان ئەمەس، ئەمما شېئىرنى چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن تەس نەرسىمۇ ئەمەس. مەن شېئىرنى سىرلىق كۆرسىتىشكە قارشى.  ئۇ ئۆزىمىزدەكلا تەبىئىي نەرسە.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 19:45:12

دوستۇم ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 20:11:09

32- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئەخمەتجاننىڭ بەزى مىسرالىرى مېنىڭ تەرجىمەمدىكىسىگە يەتمەيدىكەن،



بۇ گېپىڭىز قىزىق تۇيۇلدى، مەسىلەن قايسى مىسىرالىرى؟




مەسىلەن ئىشىك چېكىش ۋە ئۈچ تۈپ ئەتىرگۈل  ھەققىدىكى بۆلەك. بۇ تەرجىمەمدىكى بەزى مىسرالار ھەقىقەتەن ياخشى   چىققاندەك تۇيۇلدى. ئەسلىدىكىنى ئوقۇغاندىمۇ ئۇنىڭدەك يېقىملىق تۇيۇلمىدى.  ‏باشقا بەزى مىسرالاردا شائىر پېئىلنىڭ مەجھۇل  دەرىجىسىنى كۆپ ئىشلەتكەن، ئىنگىلىزچىدە بولسا توغرىدىن توغرا تەرجىمە قىلىنىۋەرگەن،  ئەمەلىيەتتە ئاددىيلىقمۇ بىر خىل گۈزەللىك. بەزىدە زورلاپ پاساھەتلىك قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. مەجھۇللۇق، مەۋھۇملۇققا زورۇقۇشنىڭ كېرىكى يوق، مەنە  ئوخشاش كېلىۋېرىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 20:26:32

بۇ سىزنىڭ



پەلەمپەيدىن چىقىپ ئىشىككە كەلدىم



قوڭغۇراقنى باستىم



قوڭغۇراق جىرىڭلىدى



ئايالىم كۈلۈمسىرىدى



بالىلىرىم قىيا-چىيا قىلىشتى



قولۇمدىكى توخۇ كاۋىپى قەقەسلىدى



يۈرىكىم شادلىققا تولدى



مەن ئۇنى ئاڭلىيالىدىم



جىمجىتلىق جىرىڭلاپ ئايرىلىپ



ئۆرلەپ، ئاستىلاپ ئىچىمگە چۆكتى.





سۈكۈت لوڭقىسىدا



قۇرۇپ قالغان ئۈچ تال ئەتىرگۈل



بىرى ئۆزىنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىگە يىغلايدۇ



بىرى قىممەتلىك نەرسىگە ئايلىنىشنى ئويلايدۇ.



بىرى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس رەڭگىگە قارشى تۇرىدۇ







بۇ ئەسلىسى:



ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ-ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ...



ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯘﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ،

ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﻳﺪﯗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﻰ

ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺷﺎﺗﻠﯩﻘﻰ

ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺸﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ

ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﯞﻩﺱ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ...



ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ

ﺋﺎﯕﻼﻳﻤﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﻨﻰ

ﺋﯩﭻ-ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ.





ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﻨﯩﯔ،

ﺳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻝ ﮔﯜﻝ.



ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯚﮔﯩﻤﻪﺱ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ

ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ.

ﭼﯜﺷﯜﻣﻪﻛﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ

ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭ

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ.










xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 20:33:50

بۇ شېئىرنى باشتا بىر تەستىقلىدىمۇ ياكى مەن تېخى تەستىقلانماي كىرىۋالدىممۇ بىلمىدىم، قارىسام ئەخلەتخانىدا ئىكەنتۇق، يەنە بىر كىرىشىمدە تېما ئېچىلدى، شۇ چاغدا ئۆزەم ئېنگىلىسچە بىلمىگەچكە، سىزنىڭ تەرجىمىڭىزنى كۆرۈپ مۇشۇمۇ شېئىرمىدۇ ياكى چەتئەللەردە مۇشۇنداق يېزىلسا شېئىر بولامدىغاندۇ دەپ چىقىپ كەتكەن ئىدىم.

چۈنكى سىزنىڭ تەرجىمىڭىزنى پەقەت شېئىر دەپ ھوزۇرلىنالمىدىم، شۇنداق بىر يەرلىرى قۇرغاق، قۇرغا توشقۇزۇپ يازسا بولىۋىرىدىغاندەك بىلىندى.



كەينىدىن بېرىلگەن ئەسلىسى ئاندىن كۆڭلۈمگە ياقتى، بەلكىم مەندە بۇ شېئىرنى ئىزاھلاپ يېشىپ ئوينىغىدەك سەۋىيە يوق بولىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ بىر قاراشتىلا قايسىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 20:37:40

ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﻰ ﺯﯗﯞﺍﻧﯩﻤﻐﺎ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺕ،

ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩﻙ..



ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ،





ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﺘﻪﻙ





ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺪﻩ!

...

شېئىرلاشۇرۇش بەدىلىگە ‏مۈجمەللەشكەن، ئىگە بىلەن خەۋىرى ئالماشتۇرۇلغان يۇقىرىقىدەك جۈملە ياكى تاۋلانمىغان سۆزلەردە چالغىنىپ كەتكەن مەنىلەر ئىنگىلىزچە تەرجىمىدە سىلىقلانغان، ئاددىيلاشقان .
بەت: 1 [2] 3 4
: ئەخمەتجان ئوسمان ئىنگلىزچە شېئىر يېزىپتۇ