bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 21:11:01

نىمىلا دىگەن بىلەن باشقىلار يازغان شېئرنى ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بەرىبىر تىما ئىگىسى بۇنىڭدىنمۇ پاساھەتلىك تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ تورداشلار يەنىلا ئەسلى ئۇيغۇرچىسىنى بەكرەك ياقتۇرغان بولاتتۇق. ئاپتۇرنىڭ تالانتىدا گەپ يوق، لىكىن تەرجىمانمۇ بوش ئەمەسكەن. ئۇ دەپتىغۇ، ئېنگىلىزچەمنى مەشىقلەندۈرۈش مەقسىتىدە قىلدىم، دەپ. ئۇمۇ مەقسىتىگە يىتىپتۇ ھەم يەنىلا ماختاشقا ئەرزىگۈدەك تەرجىمە قىپتۇ.

بىر ئىشنى سىناپ باققانلارنى چۆكۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى ياخشى بولسۇن-بولمىسۇن ئانچە-مۇنچە ئېلھاملارندۇرۈش ئۈچۈن بىزدىن جان كەتمەيدۇ، شۇنداق قىلسا كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى قىلالايدۇ، ئەكسىچە قىزغنىلىقىغا سوغۇق سۇ سەپسەك مەڭگۈ ھازىرقىدىن ئىلگىرلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. ئارىمىزدا قانچىڭلار بىر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېنگىلىزچە شېئرنى بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ تەرجىمە قىلالايسىلەر، بەلكىم ساناقلا كىشىلەر شۇنداق قىلالايدۇ.

Erturk قېرىندىشىم، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى شېئرلار ۋە باشقا تۈردىكى ئەدەبىي، ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، ئەمگىكىڭىزگە ۋە بىزنى يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 21:11:24

دېگىنىڭىز توغرىكەن شەھلا، ‏ئەسلىدىكى شېئىر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز  پۇرىقى، ئۆز تەمىنى ساقلاپ تۇرىۋېرىدىكەن.    مەن ئۆزلۈك مەستانىلىقىغا چۆكۈپ كەتكەندەك قىلىمەن.  ھېچقانداق قەلەمكەش مەندەك غاپىل بولمىغاي.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 22:43:26

مەنمۇ شائىرنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى ›› ، ‹‹ روھ پەسلى ›› دىگەن شېئىرلار توپلاملىرىدىكى شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن . ھەم ھەرھالدا شۇ توپلارلاردىكى شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ، شائىرنىڭ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلالايمەن . ئەمما يېقىنقى يىللاردا يازغان شېئىرلىرىدىكى تۇيغۇلىرىنى ھىس قىلالمايمەن .

يۇقارقى شېئىردىكى شائىرنىڭ ھىس _ تۇيغۇلىرىنىمۇ ھىس قىلالمىدىم .

bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 23:33:01

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە ئەخمەتجان ئوسمان چەتئەللەردىكى سۈكۈناتىنى چەتئەللىكلەرگە قانداق ئىزاھلىمىسۇن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ .ئۇنىڭ سۈكۈناتلىرىنى قۇم بارخانلىرىدىن ، لاي سۇ ئاققان كېچىكلەردىن ، تاقىر تاغلاردىن ، غېرىپ ئۇيغۇرنىڭ سىماسىدىن

ھىس قىلغىلى بولىدۇ . لېكىن ئۇ كۆز قاراشلىرىنى ئىزچىل گۇڭگا ئىپادىلەپ كەلگەن شائىر ، شائىرنىڭ تېنى سالامەت بولغاي .

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 08:20:18

مېنىڭچە بۇ شىئېر بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا ئەدىبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇغان گوركىينىڭ «بورانقۇش قوشىقى» ناملىق شىئېرىدىن قېلىشمىغىدەك ياخشى شىئېر بولۇپتۇ.تىلىمۇ شۇنداق پاساھەتلىك.بولۇپمۇ 3-ۋە 6-كۇپلىتتا ئاپتۇرنىڭ جەڭگىۋار روھىنى رۆشەن ھىس قىلدىم. ئاپتۇرغا ۋە تەرجىمە قىلغۇچىغا تەشەككۈر!

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 08:50:06

مۇساپىرلىق نېمانچە يامان!

ھەممە يەر غېرىبلىق پۇراپ كەتتى ما شېئىرنى ئوقۇپ. \"\"

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 11:23:01

ئە ئوسماننىڭ شېئىرىنى مەشىق قىلىپ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس ،شېئىر تەرجىمە قىلىشتا ئالدى بىلەن شائىرىنىڭ ئىدىيسنى تونۇش كېرەك، يەنى ئۇ تەرجىماندىن تىلغا بولغان ئىدىيۋى ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئە.ئوسمان.پ.تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرى ئا.تۇنياز،ئا.جالالىدىنلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشمايدۇ.ئەگەر بەك مەشىق قىلغۇڭىز كېلىپ كەتسە، مەشىق قىلىدىغان نەرسىلەرنى مەن سىزگە تېپىپ بېرەي .ئە.ئوسمان سىز چاقچاق قىلىدىغان شائىر ئەمەس .ئۇ ئاللا بۇرۇن ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىن ھالىقىپ، دۇنيا شېئرىيتىگە قەدەم باسقان شائىر.شۇڭا بەزى ئىشلارنى ئويلىنىپ قىلغىنمىز تۈزۈك.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 11:27:48

47- قەۋەتتىكى nirvanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئە ئوسماننىڭ شېئىرىنى مەشىق قىلىپ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس ،شېئىر تەرجىمە قىلىشتا ئالدى بىلەن شائىرىنىڭ ئىدىيسنى تونۇش كېرەك. ئە.ئوسمان.پ.تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرى ئا.تۇنياز،ئا.جالالىدىنلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشمايدۇ.ئەگەر بەك مەشىق قىلغۇڭىز كېلىپ كەتسە، مەشىق قىلىدىغان نەرسىلەرنى مەن سىزگە تېپىپ بېرەي .ئە.ئوسمان سىز چاقچاق قىلىدىغان شائىر ئەمەس .ئۇ ئاللا بۇرۇن ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىن ھالىقىپ، دۇنيا شېئرىيتىگە قەدەم باسقان شائىر.شۇڭا بەزى ئىشلارنى ئويلىنىپ قىلغىنمىز تۈزۈك.

ئۇيغۇر شىئىرىغا چاقچاق قىلىپ دۇنيا شائىرىغا ھورمەت قىلىمىزما؟ خاتا تەرجىمە بۇلۇپ قالسا گۇناھكار بۇلىدىغان قۇرئاننىڭ ئايىتى ئەمەستۇ ؟

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 11:41:54

48- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداق دىگىنىم ئەمەس. ئە.ئوسمانمۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شائىرى، تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن شائىرنىڭ تىلغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تونۇشىمىز كېرەك، يەنى ئە.ئوسمان تىلغا ئالاھىدە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرسى، شېئىردىكى ھەربىر سۆز، ھەربىر تاۋۇشمۇ ئىدىيۋى ئىنچكىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بولمىسا شېئىردىكى ئېنتوناتسىيە ۋە رېتىم(ئىچكى رېتىم)، ئەڭ مۇھىمى شېئىردىكى ئىدىيۋى خاھىش ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭغا چوقۇم ئىلمىي، ئىنچىكە پوزىتسىيدە بولۇش كېرەك.

سىزمۇ كۆتباشتەك \"قۇرئان\"نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق كاپىرىغا چىقىرىش ئويۇنى ئوينىماقچىمۇ؟ مەن \"قۇرئان\"توغرلۇق سۆزلىمىدىمغۇ .

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 13:42:42

49- قەۋەتتىكى nirvanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەپەندىم سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا ئادىل تۇنىياز ئابدۇقادىر جالالىدىن نىڭ شىئىرىنى تەرجىمە قىلىڭ، ئەخمەتجان ئوسمان ئۇينىشىدىغان شائىر ئەمەس دەپسىز مەن دىمەكچى شۇنداق يۈكسەك پاساھەتكە ئىگە شىئىرنى تەرجىمە قىلسا يامان بولماس دىمەكچى ئىدىم ، مىنىڭ نەزىرىمدە قۇرئانلا خاتا تەرجىمە قىلسا بولمايدىغان مۇقەددەس نەرسە بولغاچ كاللامغا كەلگىنىمۇ قۇرئان بۇپتۇ شۇڭا قۇرئان دەپ يازغان خاتا كەتكەن بولسا كەچۇرگەيسىز ،ئاندىن سىزدىن سوراپ باقاي كۆتباش دىگەن كىم ؟ئاتايىن باشقىلارنى قىستۇرۋالمىساقمۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئەخمەتجان ئوسمان ئابدۇقادىر جالالىدىن ئادىل تۇنىياز ۋە سىز ئاتايىن تىلغا ئالغان كۆتباشمۇ دۆوتباشمۇ ۋە سىزمۇ ئوخشاشلا ئادەم ،مەن تۇنىمايدىغان يامان ياخشى تەرىپىنى بىلمەيدىغان ئادەم ،بەزىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپتىكەنمەن شەخسەن ئەخمەتجان ئوسماننىڭمۇ شىئىرىنى ئۇقۇپتىكەنمەن بىرسىنىڭ ئىمانىغا ۋە كاپىرلىقىغا تون پىچىدىغان ھۇقۇقنى ماڭا بەرمەپتىكەن شۇڭا ھۇقۇقۇم يەتمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن بىلىدىغىنىم باشقىلاردا يوق ئەيىپنى ئارقىسىدىن دىيىش تۆھمەت بارىنى دىيىش غەيۋەتلىكىنى ۋە اللاھنىڭ بۇ خىل ناچار ئىللەتنى ناھايتىمۇ يامان كۈرىدىغانلىقىنىكەن بببىلىمەن، شۇڭا خاتا كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ ئامما مەن تۇنۇمايدىغان بىرىنى ئاتايىن ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ بەرمەڭ اللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بۇلۇپ قالمايلى

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 18:06:52

50- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەپەندىم، مەن ئا.جالالىدىن،ئا.تۇنيازىنىڭكىگە ئوخشمايدۇ، دېدىم. ئۇلارنىڭكىنى تەرجىمە قىلىڭ دەپ يوليورۇق بەرمىدىم.

تۈز كۆڭۈللۈكىڭىزنى چۈشەندىم، بۇ  يەردە بىز ئۆتۈشەلمەي قالغۇدەك ئىشلار يوق. ئامان بولۇڭ

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 18:51:57

‏مەن دېدىمغۇ نېرۋانا ئەپەندى، بۇ شېئىرنى ئەخمەتجان ئوسمان ئېنگىلىزچە يازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغان بولسام ھەرگىز تەرجىمە قىلمايتتىم. بەزى يەرلىرىنى ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم. ئۇنىڭ پىكىر ۋە ھېسسىيات بالاغىتىنى تەرجىمە ئارقىلىق پراكتىكا قىلىپ بېقىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم. ئۇنى ھېچنېمىزمچىنىڭ پىرى، شېئىرىيەت ئەۋلىياسى دەپ سىرلىقلاشتۇرمىغانلىقىم، قىسقىسى ئۇنىڭغا بەزىلەردەك چوقۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم.  مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاددىي ئىنسان ۋە ئەدىبلىك مەقامىدا پىكىرلىشىشنى خالايمەنكى، ئۇنى تېگىپ كەتسە بولمايدىغان بۇت قىلىۋالمايمەن. ئەدەبىياتتا ئۇنداق ئىش يوق.

oyster يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 20:35:50

بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ چىقتىم . ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز .

گەرچە ئۇيغۇرچىسى بويىچە نەق قاپىيە تۈزۈلۈپ ‹داڭ،داڭ،داڭ پارتىيەم ياشاڭ› دەك قاپىيەلەر بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرچىسىدا ئەسلى شېئىر ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپ يەتكۈزۈپسىز .

ئەمدى كىچىككىنە پىكرىم 2 -بۆلەك 7- مىسرادا the grasshopper clatter spreads through me 2/7 چېكەتكىلەرنىڭ كىسىلداشلىرى ماڭا يوپۇرۇلۇپ كەلدى . دەپ ئالسىڭىز قانداق بولار ؟ چۈنكى ئادەتتە چېكەتكە ئۇچمايدۇ بەلكى سەكرەيدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن بۇ مىسرادا كلەتتېر clatterدىگەن سۆز شاراق-شۇرۇق ، كىسىر - كىسىر قىلغاندەك ئاۋازلارنى كۆرسىتىدۇ . سپرەد spreads بولسا تارقىلىش، تارىلىش دەپ شەرھىيلەنسىمۇ ئەمما جانلىق تىلدا يوپورۇلۇپ كەلدى دەپ ئالساق بەك جانلىق چىقىدۇ. (بۇ مىسرالار ئالدى كەينىدىمۇ ئۇچۇش دىگەن بىر سۆز يوق . شۇڭا چېكەتكىلەر ئۈستۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى دەپ تەرجىمە قىلىسڭىز بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن)

11- بۆلەك 4- 5- مىسرالارغا قاراڭ :

The mirror\"s silence

in the abyss

where the spider still stares at us

from its phosphorous web that illuminates

the featureless faces of the poets

suffering in indifference

  فوسفۇردەك چاقناۋاتقان تورلىرىدىن

چەكچىيىپ قارىماقتا ئۆمۈچۈك where the spider still stares at us (لۇك ئەت دىگەن ئادەتتىكى نورمال قاراشنى بىلدۈرىدۇ . سېتېيرىز ئەت بولسا تولاراق بىرىگە مىختەك تىكىلىپ قاراش ياكى چەكچىيپ قاراشنى كۆزدە تۇتىدۇ.)

   شائىرنىڭ رەڭسىز يۈزلىرى (شېئىرنىڭ ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ پوئىت شائىر دىمەكچى . (پوئېم شېئىر ئەمەس)

ئەڭ ئاخىرقى 12-كۇبلىتقا قاراڭ نەبيۇلا نىڭ شەرھىيسى يۇلتۇز ئەمەس بەلكى « A nebula is a cloud of dust and gas in space. New stars are produced from nebulae › نەبيۇلا بولسا چاڭ -توزان ۋە گازدىن تەركىپ تاپقان بوشلۇقتىكى بۇلۇت . بۇ سۆزنىڭ ئېنگىلىزچە شەرھىيسىدە مۇشۇنداق ئېلىنغان.

ئەڭ ئاخىرى 12- بۆلەك شېئىرنىڭ خاتىمىسىنىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز . پۈتۈن شېئىردىكى يەككە ھالەتتىكى ئوي - پىكىرلەر ئەڭ ئاخىرقى 12- بۆلەكتە خۇلاسە قىلىنغان.

مەزكۇر شېئىردىكى ماڭا ئەڭ يارىغان بۆلەكلەر : 7-8-11-12 پىكىر بەك تېرەن ئىكەن .

مەزكۇر شېئىر چەكلىمىسىز يېزىلغان، ماڭا خۇددى كەڭرى بىر بوشلۇقتىن يەر شارىغا سەپ سالغاندەك تۇيۇلدى. پىكىرلەر ئۇچىۋاتقاندەك . ،

ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 21:31:25

ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ئىماگ ، ۋە زورلانغان سىمۋول چېكىدىن ئاشقاندا ،شېئىر پەقەت بەلكىم يازغان كىشنىڭ ئۆزى ھۇزۇرلىنىشى ۋە قانائەت تېپىش تۇيغۇسى ئۈچۈن يېزىلغان دادائىزىمغا ئايلىنىپ كېتىدۇ . ئۆزىنى بۈيۈكلۈكتە ھېس قىلىدىغان ئادەم شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى بىر ئاچقۇچ بىلەن بارچە قۇلۇپنى ئېچىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك .

شېئىر مەيلى پەلسەپىۋىلىك بولسۇن ،ۋە ياكى لېرىكىلىق بولسۇن ئەڭ ئاۋال يۈرەكىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشى كېرەك ،ئەكسىچە بېرىپ ماتېماتىكا ياكى لوگىكا مەسىللىرىگە ئوخشاش كاللىنى قاتۇرغاندا ئۆز ماھىيتىدىن ئايرىلىپ ھېچنىمىگە ئوخشىماي قالىدۇ .

ھېچكىم چۈشەنمەس ئىماگ ،

زورلانغان سىمۋول ،

ئېشىپ كەتتى بەكلا چېكىدىن .

ئەمما مۇشۇنداق يازدى بىر شائىر ،

بەلىكم ئۆزىلا ئالغاندۇ ھوزۇر ،

ھەم تاپقاندۇ قانائەت بۇندىن .

دادائىزىم دادلايدۇ ،

بۇنىڭ ھەربىر پەش -چېكىتىدىن .

يەتكەن بولسمۇ مەلۇم مەنزىلگە ،

يەنە نۇر چىقسىكەن دەيدۇ

توزىغان كۈلدىن .

ئاچسام دەيدۇ ھەممە قۇلۇپنى ،

دەستى ھەرخىل ،چىشى بىر خىل

ئۇپرىغان ئاچقۇچتىن .

پەلسەپىگە قانات بەرمەك بوپ ،

ئەكسىچە سالدى ئۇنى تۇراق-قېلىپقا .

بۇلۇت ۋە تۇماندا چېھرىنى ئوراپ ،

نۇر چاچسام دەيدۇ ،

كېچىدىكى تۈتەكلىك باغقا .

چېكىلمىگەن يۈرەكلەر ،

ئۆز يولىغا بولىدۇ راۋان .

قاتقان باشلار نە ئۈچۈن قاتتى ؟

نېىشقا شۇنچە ئەھميەت بەردى ؟

چۈنكى ئۇ ئېگىزدىن چۈشتى ،

مېڭە ئويلدى مەنسىنى ،

سەزگۈسى ھېس قلمىدى تەسىرىنى .

بۇ بەلكىم ماتېماتىكا ياكى لوگىكا .

تىرىشڭلار بۇ مەسلىنى يېشىشكە ،

ئەمما جاۋاب ئايان ئەمەس ھېچكىمگە .

چۈنكى ئەسلى بۇ ئەمەس ھېچىنىمە .

قويۇپ بېرىڭلار ئۆز ئەركىگە ،

چۈشەنگەنلەر چۈشەنسۇن ،

چۈشەنمىگەن ماڭسۇن يولىغا .

قويۇپ بېرىڭلار ئۇنىڭ ئۆزىگە .

ئاستىدىكى زورلانغان قاپىيلىرىم ئۈستىدىكى بايانىمنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشى . بۇلارنى ھەرگىزمۇ شائىرنى ئىنكار قىلغانلىقىم ۋە ياكى كۆتۈرگەنلىكىم قارىمايمەن .ئەمما سىلەرنىڭ قانداق چۈشىنىش ئەركىنلىكىڭلەرگە چاڭ سالغۇم يوق. بۇلارنى يېزىشتكى مەقسەت ئۈستىدىكىگە ئوخشاش نەرسىنىڭ ،ئاستىدىكى شەكىلىدە ئىپادىلىنىپ قېلىشى شېئىرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ دېمەكچى . لېكىن بىر يەرنى ئەسەبىي قازغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى .

نېمىلەرنى قېزىپ چىقىشى ئۇنىڭ تەقدىرى .

بۇلارنى دەپ بولۇپ ئۆزۈممۇ سەل گۇڭگا گەپ قلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن .‹چۈشەنمىگەن ماڭسۇن يولىغا .قويۇپ بېرىڭلار ئۇنىڭ ئۆزىگە › ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 12:14:48

نىمە قىلساڭ قىل شائىر، سېنىڭ ياشار زامانىڭدۇر.

ئەمما بۇ شېئىر يارىمىدى، مەيلى ئۇيغۇرچىسى ياكى ئېنگىلىزچىسى. \"\"

hvsniya يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 16:36:47

مەن ئەخمەتجان ئوسمان دىگەن كىشىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئىنگىلىسچە سەۋىيىسىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن. ئەمما تۈۋەندىكى مىسرالار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. چۈنكى دىنىمىزدا ئەڭ ئېغىر بولغان گۇناھ شېرىك كەلتۈرۈش بولغاچ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويماي تۇرالمىدىم. ئەگەر بونىڭغا قوشۇلمايدىغانلار بولسا، ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرى، ئەمما توردا دىن توغرىلىق دە تالاش قىلىشمىساق دىمەكچى.

The gods gaze at me with cold stares

Water, source, wind, road, gods…

of silence

بۇ مىسرالاردا ئېلىنغان gods سۆزى «خۇدالار» دىگەن مەنىدە. بۇ كۆپلۇك مەنىدىكى سۆز. ئىككى يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئەخمەتجان ئوسماننى تونىمايمەن ھەم بۇ ئادەمنىڭ دىنى كۆز قارىشىنى تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما بۇ شئرنى ئوقىغان ئىكەنمىز، ئۇنى ھەزىم قىلىشىمىز، تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك بولغاچ، بۇنداق ئۆزىنى مۇسۇلمان دىگۈچى ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن بۇبنداق مىسرالارنى ئوقىماق تولىمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىش دىمەكچى.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 23:56:50

55- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمە قىلساڭ قىل شائىر، سېنىڭ ياشار زامانىڭدۇر.

ئەمما بۇ شېئىر يارىمىدى، مەيلى ئۇيغۇرچىسى ياكى ئېنگىلىزچىسى. \"\"

ئاداش ساڭا ئالدىرماي ئوقۇيدىغانغا شېئىر ئەۋەتەي...  راستىمنى ئىيتسام زىيادە ئابىستىراكىت، سىرلىق ئىماگلار بىلەن تولغان نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىدىغان ۋاقتىم ئۆتۈپ كىتىپتۇ... بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىچىدە ۋە شۇنداقلا خەنزۇلارنىڭ ئىچىدە سۈرىيەلىك ئەدىنوس ئىسىملىك بىر شائىر ناھايتى ئالقىشلاندى، خەنزۇچە توپلىمىدىن پەقەت ھوزۇر ئالالمىدىم، ئېنگىلىزچىسىنى ئەكەلدۈردۈم يەنىلا ئوخشاش... يىقىندا  ئامېرىكىلىق شائىر ھېنىك لەيزىرگە يازغان بىر پارچە خىتىمدە شۇ توغۇرلۇق ئاز تولا سورىدىم ئۇمۇ پەقەت ھوزۇرلىنالمىغانلىقىنى، ئىيتتى. بۇرۇن بەك قىينىلىپتىكەنمەن، ھازىر ھوزۇر ئالالمىسام بولدى قىلىدىغان بولدۇم، مەن يەنىلا لاتىن ئامرىكا شائىرلىرى بىلەن ئەنگىلىيە ئامىېرىكا شائىرلىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇزۈمنىڭ تۇيغۇسىنى تاپالايدىكەنمەن...ئە ئوسماننى ھۆرمەتلەيمەن ئەمما يازغان شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. بۇ شېئىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:08:50

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار

ئە. ئوسماننىڭ بۇ شىئېرى www.qutad.biz دە بار. بەلكىم ئۆزى ئۇيغۇرچە يازغىنى بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئۇيغۇرچە ئېنگىلىزچىنىسىنى تەڭ يازغانمۇ بىلمەيمەن. ئۆزى يوللاۋاتىدۇ. ھىچنىمىچىل شىئېر يازىدىغان بالىلار سۆھبەت دېگەننى قىزىتىۋەتتى، مۇشۇ مۇنبەردىكى بىلىك بىلەن، ئويناپ كېتىڭلار

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 18:42:45

گۈلەن ئەپەندىمنىڭ تەكلىۋى بويۇنچە ئۇ تورغا كىردىم.

ماۋۇ مۇنازىرە دەھشەت ئىكەن. ئىزدىنىشتىمۇ بۇنداق مۇنازىرە بولمىغان بولىشى مۈمكىن،

بىراق بەك ئەپسۇسلاندىم ھېچنىمىچى تەرەپدارلىرىنىڭ مۇنازىرەسىدىن

http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4629&extra=&page=1

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:05:52

ھېچنىمىچىلارنىڭ ئىشىنىمۇ كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا قالدۇرايلى بولدى،

دۆلەتنىڭ چوڭ چوڭ ئىشلىرىمۇ كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا قالدۇرۇلۇۋاتسا بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى.
بەت: 1 2 [3] 4
: ئەخمەتجان ئوسمان ئىنگلىزچە شېئىر يېزىپتۇ