urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 13:45:02

قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە

  ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى دەۋرىدە زامان چۇرگىلەپ 800- ژىللارغا تەئەللۇق بولغىلى تۇردى، مۇشۇ دەۋىرگە كەلگۇچە ئارىلىقتا بىر تەرەپتىن قورغاقچىلىق يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق يېغىنگەرچىلىك نۇۋەتلىشىپ تەبىئەتنى ھالسىراتتى، ھالبۇكى قۇرغاقچىلىق ھۇكۇم سۇرگەن چاغلاردا ھەممىنى غاجاپ يىگۇچى غاجىلىغۇچىلار پۇتۇن-پۇتۇن ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا باشلانغان قىشلىق يىغىنگەرچىلىك ھەممە يەرنى  قېلىن قارغا چۇمكىدى،بۇنداق ئاھۋال نەچچە ژىل داۋام قىلغاچ مال-ئۇلاقلارغا يەم-خەشەك بارغانسىرى يېتىشمىگىلى تۇردى،ئارقىدىن ئۇلۇشۇپلا ھەرخىل كىسەللەر ئەۋجى ئالغىلى قوپتى،ماللار قىرىلدى،كۆلۆك(مىنىلىدىغان،ژۇك ئارتىلىدىغان ئۇلاقلار) زور دەرىجىدە كامايدى،سويۇپ يىيىلىدىغان ماللارمۇ كۇپلەپ چىقىم بولغىلى تۇردى،مانا بۇ ئەھۋالدا ژۇت ئالماشتۇرۇش  زورۇرۇيىتى مەيدانغا چىقتى،كۇچۇپ بارىدىغان ئورۇن قىش ۋاقتى ئىللىق مەملىكەتنىڭ جەنۇپ تەرىپى يەنى تارىم ۋادىسى نەزەرگە ئىلىندى،بۇنداقتا يەرلىك ۋابادىنمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى شۇنداقلاقاتتىق سوغۇقتىنمۇ دالدىلانغىلى بولاتتى،لىكىن كۆلۆك مەسىلىسى زىل مەسىلە ئىدى،چۇنكى ھەر-بىر كۇچمەنگە بىر نەچچە ئات-كالا لازىمتى، لىكىن كىسەل ۋەماللاردىكى ۋابا سەۋەپلىك نۇرغۇن ئات-ئۇلاق قىرىلىپ كەتكەن ئىدى، مانا مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىغى ۋاختىدا ئوردىدىن چەتلەشتۇرۇلگەن ۋەزىر قۇۋلۇق باغا ،بۇ مەخپىيەتلىكنى خاقاناتلىق تەۋەسىدىكى قىرغىزلارغا دەپ قويىدۇ ،،قىرغىزلار بولسا قوزغىلاڭ قىلىش ئۇچۇن ئەپلىك پەيىتكەن دەپ خوشال بولۇشۇپ كىتشىدۇ،ئاقىۋەت تىچ-ئامان كۇچۇش ئىشى قىرغىز پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ جىدىلى بىلەن بىسەرەمجانلىققا ئايلىنىدۇ.


لىكىن روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ  دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى، ( نەق شۇ دەۋىرلەردە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن روسلار ئارىسىدا زىمىن تالىشىپ قانلىق جەڭلەر بولىۋاتقان چاغلار ئىدى،)نەتىجىدە نورمال كۇچۇش ئىشى قىرغىز مالىمانچىلىغى تۇپەيلى((ئورخۇن خانلىغى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى)  دەپ تارىخقا خاتا پۇتۇلۇپ كەتتى، كۇنىمىزدە بولسا بۇ ۋەقە كۇپتۇرۇلۇپ ھەرقايسى مەنپەئەتدارلارنىڭ كۇزىگە مىق بولۇپ كۇرۇنگەن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى نىڭ ئابرويى دەپسەندە  قىلىنىش ئىھتىياجىغا ماس كىلىپ بەردى.


ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ئەينى دەۋىردە تارىم،يارىش(ھازىرقى جۇڭغارىيە)بىز دەۋاتقان ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىقى تەۋەسىدىكى زىمىن ئىدى.


ھىچقاچان قىرغىزلار ئۇيغۇر خاقاناتلىقىنى ئۇزلىرىلا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئەمەس،ھەم كۇچىمۇ يەتمەيتى،بۇ پەقەت ھازىرقى سىياسى تارىخچىلارنىڭ قەغەز يۇزىدىكى سىياسى ئويۇنى خالاس.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 14:13:57

لىكىن كىسەل ۋەماللاردىكى ۋابا سەۋەپلىك نۇرغۇن ئات-ئۇلاق قىرىلىپ كەتكەن ئىدى، مانا مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىغى ۋاختىدا ئوردىدىن چەتلەشتۇرۇلگەن ۋەزىر قۇۋلۇق باغا ،بۇ مەخپىيەتلىكنى خاقاناتلىق تەۋەسىدىكى قىرغىزلارغا دەپ قويىدۇ ،،قىرغىزلار بولسا قوزغىلاڭ قىلىش ئۇچۇن ئەپلىك پەيىتكەن دەپ خوشال بولۇشۇپ كىتشىدۇ،ئاقىۋەت تىچ-ئامان كۇچۇش ئىشى قىرغىز پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ جىدىلى بىلەن بىسەرەمجانلىققا ئايلىنىدۇ....

-------------------------------------------------

ئوبدان بى ئۇچۇرنى بەردىلە بوۋا،بېراق قىرغىزلار نېمە ئۈچۈن قوزغلاڭ كۆتۈرمەكچى بولىدۇ، ئۇلار ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانىغا بايقۇت قىلنغانمۇ ؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 14:19:03

ئۇيغۇرلار غا مۇستەملىكە ئىدى

kamal-turk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 14:33:11

شۇنى سوراپ باقسام؛ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ يىلتىزى بىرمۇ؟ ئەگەر بىر بولسا ئوخشاش بىر قەۋم قاچانلاردىن باشلاپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى؟ كىملەر تەرىپىدىن؟ نىمە ئۈچۈن؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 14:38:01

تۇللۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدا سىز دىگەندەك بار ئىدىغۇ؟

ئاساسلىقى شۇ مەملىكەت ئىچىدىكى تەبىي ئاپەت ۋە ۋابا قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللەر سەۋەپ بولغان دەپ

sarsani يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 15:51:48

تېمىغا ‹‹ئەلا ›› كەتتى ئاكا،لېكىن مەنبەنى بىر ئەسكەرتكەن بولسىڭىز،ياكى بولمىسا بۇ سىز سېلىشتۇرمىشۇناسلىق بىلەن تەپەككۇر ئەلگىكىڭىزنى چەشكە سالغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بايانلارمۇ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 16:20:03

تارىخچىلار خاتا پۈتۈپ قويغان گەپ ئەمەستۇ؟!

ئۆز ئەجدادلىرىمىز بولمىش تۇنيۇقۇق ۋە كۆلتېكىن قاتارلىقلار پۈتكەن مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇچرايتتى. ئۇندىن باشقا قىرغىزلارنىڭ تۈرك ئېلىنى پارچىلاش مەقسىتىدە ئارىغا تەپرىقىچىلىك سالغانلىقى ھەققىدە قالدۇرۇلغان مەلۇماتلارمۇ بۇ مەڭگۈ تاشلارغا ئويۇلغان. قايسى مەڭگۈ تاش ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:10:02

گەپ شۇكى شۇ يېزىقلارنى كىم كىملەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ،بىز ئۇزىمىز ئوقۇپ كۇردۇقمۇ، ئىزدەندۇقمۇ؟

كۇنىمىزدە يەر شارىدىكى كۇپلىگەن قەۋىملەر ئەشۇ ئۇيغۇرلاردىن تاراپ چىققانلىغى ئېتىراپ قىلىنغۇسى كەلمىگەن پاكىت بولماقتا،ئۇزبېكلەر ئۇيغۇردىن، تۇڭگانلار چىڭغىز خاننىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئەمرىگە ھالاللاپ ئالغان خەن تەتەيلىرىدىن كىلىپ چىققان تۇرسا، ۋاھالەنكى ئۇلار ئۇزلىرىنى تېخىمۇ قەدىم قىلىپ كۇرسۇتۇش ئۇچۇن ئۇيغۇردىن تېخىمۇ چەتنەپ يالغان تارىخ قۇراشتۇرۇشماقتا.

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:47:22

قېرىنداش مىللەتلەر دىگەن گەپنىڭ مەنىسىگە ھەقىقىي يېتىشىمىز كېرەك ، ئۇ چاغدىكى قەبىلىلەر ئارا توقۇنۇشنى ھەرگىز ھازىرقى مىللى دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان توقۇنۇشلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ، شۇ چاغلاردا ھەتتا 10 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ياكى ئاكا- ئۇكا قاغانلار ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپلار بولىدۇ ، بۇنى قانداقسىگە ھازىرقى سىياسىي ئويۇنلارغا تەتبىقلاپ رۇسلار تۈزۈپ بەرگەن مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغىلى بولىدۇ ؟ ھەتتا ئۇلار مىللەتچىلىك قىلسىمۇ بىز قىلماسلىغىمىز كېرەك ، چۈنكى بىز مۇسۇلمان ، چۈنكى بىز چوڭقۇر مەدىنىيەت يىلتىزىمىز ئىسلام ئەنئەنىمىز  بار ئىنسانپەرۋەر قوۋم .



قىزغىزلار تارىختا ئۇيغۇرلار( 2000 نەچچى يۈز يىل ئىلگىرى تۈركلەر خەنزۇچە دىڭلىڭلار دەپ ئاتالغان )نىڭ تېخىمۇ شىمالىدىكى يېنىسەينىڭ ئۇ يېقىدىكى ئىگىزلىكلەردە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ مەھەللىۋى نامىدۇر خالاس ، چۈنكى ئۇلار قاغانلىق مەركىزىگە قارىغاندا ئىگىزلىكتە ياشايدىغان بولغاچقا قىرىقگەزلەر دەپ ئاتالغان ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھۇن ئۇيغۇرلىرىغا تەسلىم بولغان خەن سۇلالىسى سانغۇنى لىلىڭ ۋە ئۇنىڭ تۈمەنلىگەن ئەسكەرلىرى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، دىمەك قىرغىزلار دەپ ئاتالغان بۇ قەۋم ئۇيغۇرلار بىلەن تەركىۋىگە ئازراق خەنزۇ يولداشلار ئارىلاشقان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر ، بۇنى دەپ كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئاز بولمىغان خەنزۇ ، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەت تەركىپلىرى قوشۇلغان ...

840- يىلىدىكى كىرىزىسنى ھەرگىز ئىككى مىللەت مەنپەئەتىگە تاقاپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ چاغدا 2 مىللەت مەۋجۇت ئەمەس .



urdek ئەپەندىنىڭ تېمىسىغا  ئەلا دەپ باھا بەردىم .

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:49:25

مەڭگۈ تاشلار توغۇرلۇق گېڭشىمىڭ ئەپەندى يازغان قەدىمىي تۈرك ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش تەتقىقاتى دىگەن كىتاپنىڭ ئىلمىلىگى يۇقۇرى ، كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ ، قىزىقىدىغان تورداشلار توردىن سېتىۋېلىپ ئوقىسا بولىدۇ .

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 19:26:22

گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ كىتابىدىن باشقا يەنە تۈركىيىلىك تالات تەكىننىڭ كىتابىنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 19:51:15

ھىسسىيات ۋە ھاياجان ئارىلاشمىغان ھەرقانداق ئىلمىي ئەسەرنى ئوقۇپ بېقىشقا تەييارمىز ...

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 20:26:42

3- قەۋەتتىكى kamal-turkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنى سوراپ باقسام؛ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ يىلتىزى بىرمۇ؟ ئەگەر بىر بولسا ئوخشاش بىر قەۋم قاچانلاردىن باشلاپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى؟ كىملەر تەرىپىدىن؟ نىمە ئۈچۈن؟





     ئۇيغۇر بىلەن تۈركنىڭلار ئەمەس پۈتۈن تۈركى مىللەتلەرنىڭ يىلتىزى بىر .تۈركىيەدە قەدىمقى زامان تۈرك تارىخى مۇنداق بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ .


   1.ھونلار دەۋرى 2.كۆك تۈرك دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ پارچىلىنىشى 2.ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى 3.قاراخانىيلار دۆلىتى


  بۇلاردىن كېيىن تۈركلەر بارغانچە ئاناتولىيەگە كۆچۈپ بېرىپ شۇيەردە سەلجۇقىيلار دۆلىتىنى ئاندىن ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇ تارىخغا ئۆتۈپ كېتىدۇ .بۇنىڭدىن تۈركلەرنىڭ قاچان ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ چىققانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ .داۋۇت ئوغلى قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا تۈركىيەنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق بىر گەپنى قىلغان بۇ تۈركچە تىلىۋىزىيەدە كۆرسىتىلگەن ئىدى :


   -بىز ئۇيغۇرلار بىلەن 1000 يىلنىڭ ئالدىدا ئايرىلىپ كەتكەن جايدا قايتىدىن ئۇچراشتۇق ،بۇ بىر تارىخى ئۇچرىشىش .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 20:29:07

قىرغىزلاردىن يىڭىلگەن ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىلار ئۇيغۇر خانلىقىنى يارىتىپتۇ. يەنە بىر بۆلىكى شۇ كۆچكەنچە تېخىمۇ غەرپكە بېرىپ ئاناتولىيەگە ئورۇنلىشىپتۇ. لېكىن مۇشۇنچىۋالا خانلىقلارنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنى مەغلۇپ قىلغان قىرغىزلار يەنە شۇ پىتى يا بىرەر تۇتامغا چىققۇدەك خانلىق قۇرغىنى يوقكەن. يا بىر ئالاھىدە شانلىق نەتىجە ياراتقىنى يوق. ئۇيغۇردىن كېيىن مۇڭغۇلغا قاپتۇ بۇ يايلاق. شىنجاڭمۇ ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس كېيىن كۆچۈپ كەلگەن زىمىن دىگەن گەپلەرمۇ بولدى. ئىشقىلىپ قىرغىزدىن يىڭىلىپ غەرپكە قاچقان، كۆچكەن دىگەندەك گەپلەرگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن. ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈشتىن بۇرۇنمۇ تارىم ۋادىسىدا، تۇرپان ئويمانلىقىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىنىدا يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداش بولغان تۈركى قەۋملەر بار ئىدى. شۇڭا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بولسۇن، ئىدىقۇت ، قاراخانىلار خانلىقى بولسۇن مۇڭغۇل يايلاقلېرىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلارلا قۇرغان ئەمەس بەلكى شۇ كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەسلى يەرلىك قېرىنداش قەۋملەر بىرلىشىپ قۇرغان خانلىقلاردۇر.

ak5200 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 21:37:08

تارىم ۋاسىشى ئەزەلدىنلار ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىغا تەۋە زىمىنلار ئىدى. شەرىقتە شەندۇڭغىچە غەرىپتە تىبەت زىمىنىغىچە يېتىپ باردىم دەپ بۇتۈلگەن كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشىغا

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 22:05:58

ئاۋۋال ساقىلىۋالاي

dilkex يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 09:00:54

urdekنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

  ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى دەۋرىدە زامان چۇرگىلەپ 800- ژىللارغا تەئەللۇق بولغىلى تۇردى، مۇشۇ دەۋىرگە كەلگۇچە ئارىلىقتا بىر تەرەپتىن قورغاقچىلىق يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق يېغىنگەرچىلىك نۇۋەتلىشىپ تەبىئەتنى ھالسىراتتى، ھالبۇكى قۇرغاقچىلىق ھۇكۇم سۇرگەن چاغلاردا ھەممىنى غاجاپ يىگۇچى غاجىلىغۇچىلار پۇتۇن-پۇتۇن ئوتلاقلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا باشلانغان قىشلىق يىغىنگەرچىلىك ھەممە يەرنى  قېلىن قارغا چۇمكىدى،بۇنداق ئاھۋال نەچچە ژىل داۋام قىلغاچ مال-ئۇلاقلارغا يەم-خەشەك بارغانسىرى يېتىشمىگىلى تۇردى،ئارقىدىن ئۇلۇشۇپلا ھەرخىل كىسەللەر ئەۋجى ئالغىلى قوپتى،ماللار قىرىلدى،كۆلۆك(مىنىلىدىغان،ژۇك ئارتىلىدىغان ئۇلاقلار) زور دەرىجىدە كامايدى،سويۇپ يىيىلىدىغان ماللارمۇ كۇپلەپ چىقىم بولغىلى تۇردى،مانا بۇ ئەھۋالدا ژۇت ئالماشتۇرۇش  زورۇرۇيىتى مەيدانغا چىقتى،كۇچۇپ بارىدىغان ئورۇن قىش ۋاقتى ئىللىق مەملىكەتنىڭ جەنۇپ تەرىپى يەنى تارىم ۋادىسى نەزەرگە ئىلىندى،بۇنداقتا يەرلىك ۋابادىنمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى شۇنداقلاقاتتىق سوغۇقتىنمۇ دالدىلانغىلى بولاتتى،لىكىن كۆلۆك مەسىلىسى زىل مەسىلە ئىدى،چۇنكى ھەر-بىر كۇچمەنگە بىر نەچچە ئات-كالا لازىمتى، لىكىن كىسەل ۋەماللاردىكى ۋابا سەۋەپلىك نۇرغۇن ئات-ئۇلاق قىرىلىپ كەتكەن ئىدى، مانا مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىغى ۋاختىدا ئوردىدىن چەتلەشتۇرۇلگەن ۋەزىر قۇۋلۇق باغا ،بۇ مەخپىيەتلىكنى خاقاناتلىق تەۋەسىدىكى قىرغىزلارغا دەپ قويىدۇ ،،قىرغىزلار بولسا قوزغىلاڭ قىلىش ئۇچۇن ئەپلىك پەيىتكەن دەپ خوشال بولۇشۇپ كىتشىدۇ،ئاقىۋەت تىچ-ئامان كۇچۇش ئىشى قىرغىز پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ جىدىلى بىلەن بىسەرەمجانلىققا ئايلىنىدۇ.


لىكىن روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ  دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى، ( نەق شۇ دەۋىرلەردە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن روسلار ئارىسىدا زىمىن تالىشىپ قانلىق جەڭلەر بولىۋاتقان چاغلار ئىدى،)نەتىجىدە نورمال كۇچۇش ئىشى قىرغىز مالىمانچىلىغى تۇپەيلى((ئورخۇن خانلىغى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى)  دەپ تارىخقا خاتا پۇتۇلۇپ كەتتى، كۇنىمىزدە بولسا بۇ ۋەقە كۇپتۇرۇلۇپ ھەرقايسى مەنپەئەتدارلارنىڭ كۇزىگە مىق بولۇپ كۇرۇنگەن ئۇيغۇر خاقاناتلىغى نىڭ ئابرويى دەپسەندە  قىلىنىش ئىھتىياجىغا ماس كىلىپ بەردى.


ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ئەينى دەۋىردە تارىم،يارىش(ھازىرقى جۇڭغارىيە)بىز دەۋاتقان ئورخۇن ئۇيغۇر خاقاناتلىقى تەۋەسىدىكى زىمىن ئىدى.


ھىچقاچان قىرغىزلار ئۇيغۇر خاقاناتلىقىنى ئۇزلىرىلا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئەمەس،ھەم كۇچىمۇ يەتمەيتى،بۇ پەقەت ھازىرقى سىياسى تارىخچىلارنىڭ قەغەز يۇزىدىكى سىياسى ئويۇنى خالاس.





、ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى تالاپەتكە ئۇچرىغان 840- يىللاردا تۈركلەر تېخى ئاناتولىيەنى ئىگىلىمىگەن، ھەتتا ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئەمەس، سالجۇق ئىمپىرىيىسىنىمۇ قۇرمىغان ۋاقىت تۇرسا، \"نەق شۇ دەۋىرلەردە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن روسلار ئارىسىدا زىمىن تالىشىپ قانلىق جەڭلەر بولىۋاتقان چاغلار ئىدى\"، دېسەك گېپىمىز مۇقەددىمە ئاخىر بولۇپ قالدىغۇ؟

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 10:37:12

ئوسمان ئىمپىرىيىسى مىلادى 1400-يىلنىڭ ئاخرلىرى ئاندىن قۇرۇلغان تۇرسا!!!!!

800-يىللار ئوسمان ئىمپىرىيىسى نىمىش قىلسۇن؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 11:50:16

لىكىن روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى،

dilkex ئەپەندىم،ئەۋۇ ئۇستىدىكى قۇرلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇڭ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 12:03:19

دۇراكنىڭ دېمەكچى بولغىنى: رۇسلار بىلەن ئوسمانلىلار ئۇرىشىۋاتقان ۋاقىتتا تارىخ مۇشۇنداق پۈتۈلدى. يەنى 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇرۇش ۋاقتلىرىدا رۇس تارىخچىلىرى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق يازدى. ھازىرقى زاماندىكى تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغانلار ئاۋۋال رۇسىيە ئىمپىرەيىسىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن شۇلارنىڭ دەسلەپتە قىلغان تەتقىقاتلىرىنىڭ تەسىرى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ.
بەت: [1] 2 3 4
: قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە