chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 08:06:02

38- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قىرغىزلار ھوجۇم قىلىشقىلا كۈچىمەي پۈتۈن يايلاق خەلىقنى يىغىپ ئارامچىلىق بىرىپ سىياسى ھاكىميەت تەشكىللەپ 100 يىل ھوقۇق سۈرەلگەن بولسا بۈگۈن بەلكىم ئۆزىمىزنى قىرغىز دەپ ئاتاپ يۈرگەن بولىشىمىز مومكىنتى.




‏بۇ ئىنكاسىڭىزنى بەلكىم قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ يوللاپ قويدىڭىز؟سىزمۇ شە كۆگەن ئادەم،ئۇ بۇندا،ما ئاندا دەپ داۋلىلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،مىنىڭ بۇ ئىنكاسلىرىم بىر دوستانە رەۋىشتىكى ئىنكاسلار،خەنسۇچە بىكەتلەرگە يېگانە كىرىپ قالغان ئۆزىڭىزنى تەسسەۋۇر قىلىڭ.
بۇ يەردە،تۈنۈگۈن ‏مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ مويىسپىتىدىن بىر ئېغىز گېپىم ئۈچۈن مەن كەچۈرۈم سورۇدۇم،ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنامدۇ؟ئىچكىردىكى مىللەتچى بىكەتلەردە،خەقلەر ئۆزىنى بىلمەي چوڭ چاغلايدۇ،كەچۈرۈم سورىمايدۇ،رەخمەت دېمەيدۇ،تېخى سىنى كۆزگە ئىلمايدۇ،بۇنى بۇ يەردىكى ھەممە ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭلىقلار بىلىدۇ، ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قالماڭلار.بۇ قىيغىيز ھەجەپ سۆزلەپ قاپتۇغۇ دەپ قالدىڭلار بەلكىم،گىپىمنىڭ ۋەزنى يارىمىسا،سۆزىڭلارنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ئېغىر ئالمىغايسىلەر،ئۆزىرەھ.


Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 16:28:16

40- قەۋەتتىكى chonggheywetchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

38- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قىرغىزلار ھوجۇم قىلىشقىلا كۈچىمەي پۈتۈن يايلاق خەلىقنى يىغىپ ئارامچىلىق بىرىپ سىياسى ھاكىميەت تەشكىللەپ 100 يىل ھوقۇق سۈرەلگەن بولسا بۈگۈن بەلكىم ئۆزىمىزنى قىرغىز دەپ ئاتاپ يۈرگەن بولىشىمىز مومكىنتى.




‏بۇ ئىنكاسىڭىزنى بەلكىم قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ يوللاپ قويدىڭىز؟سىزمۇ شە كۆگەن ئادەم،ئۇ بۇندا،ما ئاندا دەپ داۋلىلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،مىنىڭ بۇ ئىنكاسلىرىم بىر دوستانە رەۋىشتىكى ئىنكاسلار،خەنسۇچە بىكەتلەرگە يېگانە كىرىپ قالغان ئۆزىڭىزنى تەسسەۋۇر قىلىڭ.
بۇ يەردە،تۈنۈگۈن ‏مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ مويىسپىتىدىن بىر ئېغىز گېپىم ئۈچۈن مەن كەچۈرۈم سورۇدۇم،ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنامدۇ؟ئىچكىردىكى مىللەتچى بىكەتلەردە،خەقلەر ئۆزىنى بىلمەي چوڭ چاغلايدۇ،كەچۈرۈم سورىمايدۇ،رەخمەت دېمەيدۇ،تېخى سىنى كۆزگە ئىلمايدۇ،بۇنى بۇ يەردىكى ھەممە ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭلىقلار بىلىدۇ، ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قالماڭلار.بۇ قىيغىيز ھەجەپ سۆزلەپ قاپتۇغۇ دەپ قالدىڭلار بەلكىم،گىپىمنىڭ ۋەزنى يارىمىسا،سۆزىڭلارنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ئېغىر ئالمىغايسىلەر،ئۆزىرەھ.





بۇرادەر، بۇنى چاخچاق قىلىپ دىمىدىم. گىپىڭىزدىن قارىسام دىمەكچى بولغىنىمنى خاتا چۈشنىۋالغاندەك قىلىسىز. مەن دىمەكچى تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا كۆپ ۋاقىتلاردا ھاكىميەت ئورنىدا تۇرغان قەبىلە يادرولوق رول ئويناپ باشقا قەبىلىلەرنى ئىتپاق شەكىلدە ئۆزىگە قىتىۋالغان ھەم زورىيىپ ماڭغان. مەسلەن ھونلار ئەسلىدە بىر قەبىلە بولىشى مومكىن، بىراق كىيىن قەبىلىلەر ئىتپاقى ھالىتدە پۈتۈن يايلاقتىكى قەۋىملەرنى ئويۇشتۇرغان ھەم ھەممىسى قىتىلىپ ھون دەپ ئاتالغان. كىيىن تۈركلەرمۇ شۇنداق، ئۇيغۇرلارمۇ ھەم. يىقىنغا قارىساقمۇ موڭغۇللار چىڭگىزخان قەبىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچەيگەندە پۈتۈن يايلاقتىكى موڭغۇل ياكى تۈركى قەۋىملەر ئويۇشۇپ ھەممىسى موڭغۇل ئاتىلىپ كەتكەن.شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر قىرغىزلار يايلاقتا كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇپ كۆكتۈرۈك، ياكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدەك ھەممەتۈركى خەلىقنى ئويۇشتۇرالىغان بولسا بەلكىم بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىمىزنى قىرغىز دەپ ئاتاۋاتقان بولىشىمىز مومكىن ئىدى. قىرغىزلار نەچچە دۆلەت قۇرغان، ھەم ئۇيغۇر خانلىقىيىقىلغاندىن كىيىن قىرغىز دۆلىتى كۈچلەنگەن ۋە يايلاقنى كونتىرول قىلغان، بىراق ئەپسۇسلىنارلىق يىرى بۇ ھۆكۈمرانلىق ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان ھەم باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدەك ئۈنۈملۈك بولمىغان. ئورخۇن ۋادىسى ئادەمسىز تاشلىنىپ قىلىش دەرجىسىگە بارغان، ھەم كىيىن كىڭەيگەن توڭغۇس موڭغۇل خەلىقلىرى تەرىپىدىن بارا بارا ئىگەللەنگەن.


مىنىڭ سىزگە ياكى قىرغىز قىرىنداشلارغا نىسبەتەن باشقىچە قارىشىم يوق، ئەمىليەتتە بۇ گەپلەرنى سەمىميلىك بىلەن قىرغىزلارنى بىر تۇققان قىرىنداش دەپ قارىغاچقا، سىنىڭ مىنىڭ دەپ ئايرىپ كەتكۈدەك ئىشلار ئەمەس دەپ ئويلىغاچ دىگەن گەپلەر ئىدى. سىزنىڭ غورۇرىڭىزغا تەككۈدەك گەپمۇ قىلمىدىم. ئەگەر قىرغىز خانلىقى توغۇرسىدىكى گەپلەرنى قوبۇل قىلمىسڭىز ياكى رەنجىگەن بولسىڭىز بۇنىڭغا مىنىڭ ئامالىم يوق، تارىخنى بىرەرسىنى خوش قىلىمەن دەپ ئۆزگەرتىپ يازغىنى بولمايدۇ، بىراق سىزمۇئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرىنى، قىرغىز زىيالىلىرى قانداق ئويلايدۇبۇنى يازسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ھەممىمىز خوش بولىمىز.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 00:24:16

ئورخون شەجەرىسىدىمۇ قىرغىزلار ئاغدۇرغان دېگەن ئۇقۇمغا كۈچەيدۇ.يۈز مىڭ كىشىلىك قىرغىز قوشۇنى ھۇجۇم قىلمىغىنىدىمۇ ۋەيران بولىشى ئېنىقتى دېگەندەك.

Chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 07:02:06

‏قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن،چۈشىنىشلىك بولدى،توردا دايىم مۇشۇنداق چۈشەندۈرشۈپ كىتىدىغان ئىشلار جىق،ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى،بۇ ھازىرچە مۇشۇنداق بولىدىغان ئىش ئوخشايدۇ.نەچچە يىلدىن بىرى قىرغىزلار دېسە نامۇۋاپىق ئۇقۇملار پەيدا بولىۋاتقاچقا،مەنمۇ بۇ يەردە سورۇن تېپىۋالغاندەك سۆزلەپلا كىتىپتىمەن،ئۆزەممۇ ئاشۇرۋەتكەندەك ھېس قىلغان ئىدىم،كىچىك بالىدەك بۇنچىۋالا بىرنەسىلەنى بىرىلىپ يېزىشىم 8،10يللارنىڭ ئالدىدىكى ئىشلارمىكىن،ئۆزەمنىڭ بىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا قاراپ قىرغىز مۇنداقتى دەپ چۈشەندۈرۈپ كىتىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن،ئەينى يىللىرى قىزىرىپ-تاتىرىپ تۇرۇپ خەنسۇلارغا زەردە بىلەن سەن ئۇيغۇرنى خاتا ئەيىپلىمە دەپ تالىشىپ كىتەتتىم،ئىچكىردىكى بىر قازاق ئىستۇدىنتلارنىڭ بىكىتى بولىدىغان،تەسىرى خىلى بار ئىدى،بىرى دەل مۇشۇ 840-يىلىدىكى قىرغىز«ھۇجۇمىنى»تىما قىلىپ يازغاندا،ئۇيغۇرلار تىرىپىرەن بۇلۇپ،بەدەر قاچتى،دىگەن ئىبارىنى قوللاندى،(كۈيجۈن بەيتاۋ)دىگەن خەنسۇچە غۇ دەيمەن،شۇ چاغدا مەن سەن نىمىشقا ئىبارىنى سىلىق،توغرا ئىپادىلىمەيسەن ،دەپ ئۇ تېما ئېگىسى بىلەن جىدەللەشكىنىممۇ ئېنىق ئېسىمدە،ئۇ بىكەتكە بېيجىڭدىكى ئېلھام ئەپەندىمۇ كىرىپ قوياتتى،ھازىر ئەمدى ئوخشاش مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە،بۇ مەن ئۈچۈن بەكلا كۈلكۈلۈك ئىش،قارا كۈلكە.

‏ئشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 10:12:23

ئۆردەك بوۋاينىڭ چۈشەندۈرىشى جايىدا بولدى دەپ ئويلايمەن. شەخسەن مەندىمۇ ئاشۇ تارىخ ۋە سوۋىت يېڭى پارچىلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتە يۈز بەرگەن پاجىئەلەر سەۋەبىدىن بىر تەرەپلىمە قاراشلار مەۋجۈت ئىدى. خىيالىمدا ئۇلار ئۆز ئەركىدە بولغان ئىكەن ئايرىم كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسى ئاشۇ مىللەت ۋە دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلايدىغان. ئەمەلىيەتتە ئىشلار ئۇنچە ئاددىمۇ ئەمەسكەن... يەنىلا ئالدىمىزغا قارايلى، تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تېخى \"شاخمات تاختىسىدىكى پىچكىلار\" بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلغىنى يوق. ئۆزئارا پۇت تېپىشىشكە تېخى بالدۇر، پۇقرالار بولساقمۇ سىياسىدىن مۇستەسنا بولۇپ قېرىنداشلىقنى قەدىرلەيلى.



يەككە بىر پۇقرا بولۇش سالاھىتىدە ئەمەس، بىر مىللەت بىرلىك قىلىنىغان مۇئامىلىگە ئۇچراش ھەممەيلەننىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ سەزگۈر قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئەپسۇس... يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن.

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 11:00:02

3- قەۋەتتىكى kamal-turkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنى سوراپ باقسام؛ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ يىلتىزى بىرمۇ؟ ئەگەر بىر بولسا ئوخشاش بىر قەۋم قاچانلاردىن باشلاپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى؟ كىملەر تەرىپىدىن؟ نىمە ئۈچۈن؟



16-ئەسىردىن كېيىنكى يازمىلاردا ئۇيغۇر دىگەن نام ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتىغان ۋە باشقىلار مۇ شۇنداق ئاتاشقان .ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر پەقەت ئەنجانلىق ، قەشقەرلىك، تۇرپانلىق دىگەندەكلا ئايرىلغان .1921-يىلىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى پارچىلاشنى دەپ ئوتۇرمىساقمۇ بۇلار . بىزنىڭ يۇرتلاردا تاكى ھازىرغىچە ياشانغانلار ،ھېچقانداق سىياسى مەقسىتى يوق ،ھەتتا مەكتەپ يۈزى كۆرمىگنلەرمۇ بىز تۈرك خەق دەپ سۆزلەپ قۇيۇشلىرى بار .مەسچىتلەردە تەبلىغدىمۇ بۇنىڭ بىزچە تۈركچە مەنىسى مۇنداق دەپ سۆزلەپ قۇيىدۇ .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 13:47:25

بەزىدە گەپ قىلماي دىسىمۇ گەپ قىلغۇسى كىلىپ قالىدىكەن,توغرا!ئۆردەك بوۋاينىڭ مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك,ھەممىمىزمۇ شۇ....

بىراق \"\" \"\" ھىچ بىلمىدىم,مۇشۇ ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن دىگەن تارىىخنىڭ مەنبەسىنى ماڭا قەدىمقى زامان تارىخىدىن بىر تېپىپ بىرىڭلار,بىلىۋالاي,بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ دىگەن,ھېلھەممۇ كىچىكىپ بولسىمۇ ئۇقۇۋالاي,...ئۇيغۇرلار توغىرىسىدىكى بىر قەدەر تۇلۇق مەلۇمات جوڭگو سالنامىلىردە بۇلۇپمۇ:(يېڭى تاڭنامە)ۋە (كونا تاڭنامە)دىگەن كىتاپلاردا ئۇچرايدۇ,ئەجىبا تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخچىلىرى ئۆزىنىڭ بېقىندىكى خوشنىلىرنىڭ غەرىبكە كۆچكەنلىكىنى ئەجەپ خاتىرلىمەپتىكىنا??

يەنە كىلىپ شۇ كىتاپلاردا ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ تەڭىرى تېغىنىڭ جەنۇپ شىمالى,تالاس,ئىسسىق سۇ ۋادىسى ۋە چوغاي(ھازىرقى چىلىيەنشەن) تاغلىرنىڭ شىمالى(ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇنىڭ غەربى شىمالى) ئىكەنلىگى قەيىت قىلىنغان,غەربكە كۈچۈش توغرۇلۇق ھىچقانداق مەلۇمات يوق,ئەجىبا توپتوغرا 1000يىلدىن كىيىن رۇس تارىخچىلىرى بۇ سەپسەتىنى قايسى تارىخ,قايسى مەنبەگە ئاساسلىنىپ,نىمە مەقسەتتە ئوتتۇرغا چىقىردۇ?....

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 13:44:57

\"\" \"\" \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 15:01:35

غەرپكە كۆچكەن دىگەن قايسى چىچىپ قوڭىنى پىچاقتا سۈرتىدىغان نىڭ تەلىماتى ؟

Chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 05:36:49

Uchurildi,qaytilanghachqa

western يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 21:52:05

مۇشۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدى بىلەن تەبىئىي ئاپەتنى تىلغا ئالدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگەنەچچە يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان ئاپەت ئەھۋالى ناھايتى ئېغىر بولغان ،دۋاملاشقان ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولغان ،شۇ چاغدىكى كۆچمەن چارۋېچىلارنىڭ ئادىتى بويىچە باشقا يەرگە كۆچۈش زۆرۈر بولۇپ قالغان ، خانلقنىڭ بېسىپ كەلگەن يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قوشۇنى بىلەن كەڭ كۆلەمدە توقۇنۇشقانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىسپات يوق . تارىخ كىتاپلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ، داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش 840 - يىللىرى ئورخۇن ۋادىسىدا يۈز بەرمىگەن !

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 05:44:41

.

‏ئۆز ۋاقتىدا، تاڭ سۇلالىسى راست-يالغان مەلىكىسىنى بىرىش،راست-يالغان تاۋار-دۇدۇنلىرىنى بىرىش دىگەندەك ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن شۇ دەۋىردە شىمالدا چوڭ كۈچ ھىساپلانغان قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ تۇردى،718-يىلى،جەنۇبتا داھىم سۇلالىسىگە پاراكەندىچىلىك سىلىپ تۇرىۋاتقان تىبەتلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قىرغىز خانى قۇتلۇغ بىلگە خاندىن ياردەم سورىدى،ۋە بىرلىكتە تىبەتلەرگە زەربە بەردى.700-يىللىرى كۈچۈيىشكە باشلىغان ئۇيغۇر قەبىلىسى باشقا ئۆزىگە خوشنا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ 744-يىللىرى ئۇرخۇن خانلىغىنى قۇردى،خانلىق كۈچەيگەن ئىكەن باشقا خوشنا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىپ ھاكىمىيەتنى كېڭەيتىش كۆپ ساندىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ تاللىشى،ئۇرخۇن خانلىغى دەسلەپكى 20نەچچە يىللنى تىچ ئۆتكەزگەن بولسىمۇ،كىيىنكى يىللىرى ئاساسەن ئۇرۇش بىلەن قالدى،سىرتاردۇشلار شەرقىدىكى خوشنىسى،قىرغىزلار شىمالدىكى خوشنىسى،ئالدى بىلەن سىرتادۇشلاغا ھۇجۇم قىلدى،ئاندىن 700-يىللىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 800-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئونىنجى يىلىغىچە ئۇدا نەچچە قېتىم قىرغىز خانلىغىغا ھۇجۇم قىلىپ،تالان-تاراج قىلدى،ئاندىن غەرىبتىكى قارلۇق ۋە تۈركەشلەرگە ھۇجۇم قىلدى(قارلۇق ۋە تۈركەش ئۇلارمۇ مۇستەقىل قەبىلە ئىدى)،شۇنىڭ بىلەن بىللە،شىنجاڭ زېمىنىنى 100يىلغا يېقىن ئىدارە قىلىپ تۇرۋاتقان تىبەتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن تاكى 830- يىللىرىغىچە ئۇرۇش قىلدى،شىنجاڭ زىمىنىنى تىبەتلەرنىڭ ئىشخالىيىتىدىن قۇتقازدى،دىمەك يېرىم ئەسىردىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۇرۇش بىلەن ئۆتكەن ئۇرخۇن خانلىغىنىڭ خەلقى ۋە ئىقتىسادى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆپ بەدەل بەردى،.810-يىللىرىدىن كىيىن،قىرغىزلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى،ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى خانلىقتىكى ياغلاقار قەبىلىسى بىلەن ئەدىز قەبىلىسىدىن ئىبارەت يادىرو قەبىلە ئارىسىدا سىياسى توقۇنۇش تۈپەيلى،ئەدىز قەبىلىسى ھاكىمىيەتكە چىقىپ ياغلاقار قەبىلىسىنى چەتكە قاقتى،ياغلاقار قەبىلىسىدىن بولغان بۇرۇنقى ۋەزىر قىرغىزلارغا بىرىپ ئەھۋال ئېيتىدۇ،ۋەزىر نىمىشقا باشقا قەبىلىلەرگە بارمايدۇ؟ئەگەر راستىنلا ۋابا-ئاپەت بىسىپ كەتكەن بولسابۇ خانلىققا كۆز تىكىپ تۇرغان «دۈشمەن»لەر ھەر يەردە بار ئىدى، بۇ خانلىق، تاكى خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ئۇرۇش قىلىپ،جەڭدە غەلبە قىلىپ كىلىۋاتقان كۈچلۈك خانلىق،قىرغىزخانلىغى شۇ جۇغراپىيەدە ئۇرخۇن خانلىغىغا خىرىس قىلالايدىغان بىردىن-بىر چوڭ كۈچ بولغاچقا،ۋەزىر قىرغىزلارغا بارغان دەپ ئويلايمەن،ۋەزىرمۇ دۆت ئەمەس،ئۇ ئۇرخۇن خانلىغىغا ۋەزىر بولغان كىشى،ۋەزىيەتنىمۇ ئوبدان چۈشىنىشى ئېنىق. كىيىن 840-يىللىرى قىرغىزلار 100مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن خانلىققا تېگىش قىلالىدى،ئەتىراپتىكى باشقا قەبىلىلەرمۇ بۇ ئىشقا بىرنەسە دىيەلمىدى.

‏ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇندىن غەرىپتىكى تۈركى رايون بولغان شىنجاڭغا كۆچىشىگە مۇناسىبەتلىك تارىخى يازما بار

western يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 20:34:43

شەرقىي ئاسىيادىكى ئۈچ قۇدىرەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئاجىزلىشىشىقا باشلىدى .مىلادى 795-يىلى توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلانىڭ ئىچكى ئادىز قەبىلىسىنىڭ باشلىقى باشلقى قۇتلۇق تارخان سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ،ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا خاتىمە بەردى ، نەتىجىدە 627 - يىلى ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنى قۇرغاندىن تارتىپ تاكى 795- يىلغىدىكى قۇتلۇق تارخان دەۋرىگىچە داۋاملاشقان ھۆكۈمىرانلىقى ئاياقلاشتى . (ئارلىقتا 790-يىلى تۈبۇتلەر ھۇجۇم بىلەن بېشباللىقنى ،قارلۇقلار بۇغدا ئەتىراپىدىكى رايۇنلارنى بېسىۋالدى 792- يىلى ئېل ئىگىسى زور قوشۇن بىلەن يۇقارقى جايلارنى قايتۇرۋالدۇ) مىلادى 808-يىلدىن 821- يىللارغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان تەڭرى خاقان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى ،چولۇق قاخان ‹‹ ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگە ›› دىگەن نام بىلەن 825- يىلدىن 832- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇردى . 832 - يىلى چولۇق خاقان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن تەخىت خان جەمەتىدىن بولمىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى ، مىلادى 836 - يىلى يەنسەي دەرياسى بويىدىكى قىرغىزلار كۈچىيىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى . مىلادى 839 - يىلى قوزا تىكىن ئىسىيان كۆتۈرۈپ ئوردىنى ئىگەللىدى ، مىلادى 839 -يىلى يېزىلغان تارىخ ماتىرىياللىرىدا : ‹‹ بىر قانچە يىل ( ئىككى يىل ) داۋاملاشقان جۇتچىلىق ئاپىتىدە ئۆلگەن قويلار پۇتۇن يەرنى قاپلىدى ،ئىغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق يۈز بەردى ، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى ، توختىماي ياغقان قار ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى ›› دىيىلىدۇ . ‹‹ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومومىي ئۆرنەكلەر ›› دە : ‹‹ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەبئىي ئاپەت يىللىرىدا خەلق ئېغىر بەخىتسىلىككە ئۇچۇردى ، ئاپەت تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىگىدە ئۇدا بىر نەچچە يىل ھوسۇل ئالالمىدى ، ئاغىرىق - سىلاق كۆپىيىپ كەتتى ، قېلىن قاردا قويلارنىڭ كۆپ قىسىمى قىرىلىپ كەتتى ›› دەپ خاتىرلەنگەن ، 8 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تىبەپ ، قارلۇقلارنىڭ زەربىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ئۈزۈلۈپ قىلىپ ،ئىختىزاد زەربىگە ئۇچىرغان . مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر ۋەزىر (ياغلاقار ئۇرۇقىدىن ) كۆل بوغا قىرغىزلار بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ 100 مىڭ كىشلىك قىرغىز قوشۇنى بىلەن قىينالمايلا پايتەختكە بېسىپ كىرىپ ئوردا باللىقنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ .

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:48:46

‏‏نەچچە ۋاقتىن بىرى پەقەت كىرگىلى بولمىدى،كىرگەندە بىر نەسە يېزىپ بولغۇچە ئۆزلىگىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ،مەنمۇ بىلەلمىدىم.

‏1،ئۇ دەۋىردىكى قىرغىز خانلىغى بىلەن ئۇرخۇن خانلىغى ئوتتىرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش 20يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش، تۇيۇقسىز بولغان ئەمەس،تارىخى خاتىرىلەردە يېزىلغان،«ئۇيغۇرلار ۋەزىر سانغۇنلىرىنى ئەۋەتىپ قايتۇرمىغا ئۆتتى،20يىلغىچە ئۇرۇشتى»(回鹘既衰,阿热始自称可汗。回鹘遣相国将兵击之,连兵

‏二十馀年,数为黠戛斯所败).--《资治通鉴》

漠北回鹘汗国后期,无力继续讨伐已经对自己构成重大威胁的黠戛斯人。回鹘曾遣宰相帅军讨伐过黠戛斯,结果却被黠戛斯阿热可汗击溃。阿热甚至对回鹘可汗说:“尔运尽矣!我将收尔金帐,于尔帐前驰我马,植我旗,尔能抗,亟来,即不能,当疾去。” 黠戛斯在对回鹘的争斗中开始处于上风,开始了对漠北回鹘的反攻;而回鹘势力日衰,不仅屡遭败绩,甚至失去了组织反击的能力。开成五年(840年),黠戛斯与回鹘叛将句录莫贺合手以骑兵十万攻回鹘,杀其可汗,汗国灭亡。回鹘诸特勒也不敌黠戛斯的强大攻势,纷纷溃败。阿热命部下焚毁回鹘可汗常坐的牙帐,完成. 了对回鹘可汗的挑战。这一历史事件在黠戛斯勒立的《苏吉碑》中也有所反映。该碑内容保存完整,共有文字11

‏行,其中的1~2行记载说:uyγur yirintä yaγlaqar qan ata kältim. qïrqïz oγlï män. boula qutluγ yarγan

我从回鹘之地,为追逐药罗葛汗而来。我是黠戛斯之子,我是裴罗·骨咄禄·亚尔汗

‏تەرجىمىسى--مەن ئۇيغۇر زېمىنىدا،ياغلارقارخاننى قوغلاپ كەلدىم،قىرغىز ئوغلىمەن،مەن بولا قۇتلۇغ يارخان.

‏‏ئارىدىن تەرجىمە--«ئۇرخۇن خانى ۋەزىر ۋە سانغۇن لەشكەرلىرىنى قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ،‏نەتىجىدە قىرغىز خانى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ،قىرغىز خانى ئۇيغۇر خانىغا :«سېنىڭ تەلىيىڭ(ياكى تەغدىرىڭمۇ) ئاياقلاشتى!مەن سېنىڭ ئورداڭنى ئالىمەن،ئورداڭ ئالدىدا ئېتىمنى يورغىلىتىمەن،بايرىقىمنى قادايمەن،سەن قارشىلىق قىلالىساڭ،ئۇدۇل كىلە،قارشىلىق قىلالمىساڭ تېزدىن كەت.»



2،ئۇرخۇن يايلاقلىرىدىكى ئېغىر ئاپەتلەرنىڭ بولغانلىغىمۇ تارىخى خاتىرىگە يېزىلغان،بۇ ئاخىرقى نەچچە يىلنىڭ ئىشى،يايلاق-چارۋا رايونلىرىدا 5يىلدا بىركىچىك،10يىللاردا بىر قېتىم چوڭ ئاپەتلەرنىڭ يۈز بىرىشى نورمال ئەھۋال،ھاكىمىيەت ئىتىبار بىرەلىسىلا بۇ ھەل بولمايدى

‏غان مەسىلە ئەمەس،شۇنچىلىك چوڭ خانلىق ھەرقانداق ۋاستە بىلەن بۇنداق ئاپەتتىن قۇتۇلالايدۇ،بۇ يەردە ئاپەتنى سەۋەپ قاتاردا چوقۇم تىلغا ئىلىشىمىز كىرەككى،ئۇنىڭ رولىنى كۆپتۈرۋەتمەسلىك كىرەك،قىرغىزلار 100يىلدىن ئارتۇق كۆكتۈركلەر ۋە ئۇرخۇن خانلىغىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرىدى،توختىماي ئۇدا نەچچە قېتىم چوڭ تالان-تاراجغا ئۇچىراپ،ۋەيران بولدى،ئەمما قىرغىزلار بۇنى تاغنىڭ يېمىرىلىپ چۈشىشىگە،

‏قارنىڭ كۆچىشىگە ئارتىپ قويمىدى.

‏3،ئۇرخۇن خانلىغى ھازىرقى شىنجاڭدىن تىبەتلەرنى قوغلاپ چېقىرىۋاتقان مەزگىللەردە،تىبەتلەر بىلەن قارلۇقلار ئىتتىپاقداش ئىدى،دەل بۇ مەزگىلدە قىرغىزلارمۇ ئالدىنقى قېتىملىق تاجاۋۇزدىن ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشاپ،خېلى كۈچلەنگەن ئىدى،تارىخنامىلەردە مۇنداق قەيىت قىلىنغان:ئابباسىلارغا ئوخشاش ،تىبەت بىلەن قارلۇقلار ھەمقان ئىدى،ئۆز-ئارا بىرىش-كىلىش يولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەست-بۇلاڭلىرىدىن قورقاتتى،لىكىن قارلۇق يولىدىن ئۆتمىسە بولمايىتتى،بۇ چاغدا يولدا قىرغىزلار قوغداپ ئۆتكۈزۈپ قوياتتى--تەرجىمىسى مەن.(在《新唐书》卷217《黠戛斯传》中有如下记载:然常与大食、吐蕃、葛禄相依仗,吐蕃之往来者畏回鹘剽钞,必往葛禄,以待黠戛斯护送。据此可知,至8世纪末,黠戛斯似乎又逐步恢复了与回鹘抗衡的能力。然而,作为漠北回鹘的北方劲敌,漠北回鹘是不敢轻视黠戛斯人的。)

‏4،مېنىڭچە خانلىقنىڭ يېمىرىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىرى،ئەتىراپتا ئۆزىگە كۆپ دۈشمەن تىكلىۋالدى،دەسلاپتا باسمىل،قارلۇقلا بىلەن بىرلىشىپ تۈرك خانلىغىنى يوقاتقاندىن كىيىن،كىلىشىم بويىچە باسمىل ئىدىقۇتى ئىلتەرىش خان بولىشى كىرەك ئىدى،ئەمما ئۇيغۇر خانى باسمىل ئىلتەرىشىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۆزى خان بولدى،ئاندىن قىرغىزلارغا نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق ۋەيرانچىلىق قىلدى،ئاندىن قارلۇق-تۈركەشلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ساراسىمگە سالدى،تارىخى يازمىلاردا يېزىلىشچە،ئۇرخۇن خانلىغىنىڭ باشقا قەبىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ياخشى بولمىغان،باج-سېلىقى ئېغىر بولغان،قارلۇق -تۈركەشلەرمۇ نەچچە قېتىم «توپىلاڭ »كۆتەرگەن،يەنە،تاڭ بىلەن بىرلىشىپ،تىبەتلەرگە قارشى چىقىپ،تىبەتلەرنىمۇ شۇ چاغدا ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالدى،گەرچە تاڭ خانلىغى بىلەن مۇناسىبىتى ياخشىدەك كۈرۈنگىنى بىلەن،ئەمما تاڭ خانى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا غۇم يوق ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئۇيغۇرلار داھىم تاڭ شەھەرلىرىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،كۆيدۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى، تاڭ سۇلالىسى سانغۇنلىرىنىڭ ،قىرغىزلار ئۇرخۇن خانلىغىنى يېقىتىپ پانتىكىننى قوغلاپ ھازىرقى جېمسار،كۇچا ۋە ئونسۇغىچە كەلگەندە،زادى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرەيلىمۇ يوق دىگەن مۇنازىرىسىدە ئاخىرى ياردەم بەرمىگەنلىگى،جەنۇپقا قاچقان ئۇرخۇن خانى ئۈگە خاننى ئىلكىگە ئالماي شەرىقتىكى شىۋە-موڭغۇللىرىغا ھەيدىگەنلىگى(ئۈگە خاننى شىۋە-موڭغۇللىرى بوزەك قىلغاندا قىرغىزلار كىلىپ شىۋەلەرگە زەربە بىرىپ،ئۈگە خان ۋە ئۇنىڭ جامائىتىنى ئىلىپ كەتكەن ئىدى)،مىسال بۇلۇدۇ.شۇڭا،ئۇيغۇرلار ئۇرخۇن خانلغىنى قۇرغان بولسىمۇ،ئەمما ئالدىدىكى تۈرك خانلىغىغا ئوخشاشلا ،يادىرو بولمىغان باشقا قەبىلىلەرگە زالىم-قاتتىق سىياسەتلەردە بولۇپ كەلدى،ئەتىراپىدا ھەقىقى «دوستى»قالمىدى.خانلىق يېمىرىلىشىنىڭ يەنە بىر چوڭ سەۋەبى،ئىچكى ھاكىمىيەت ماجىرالىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى.مېنىڭچە بۇ چوڭ سەۋەبتۇر،ھاكىمىيەت نورمال ياخشى بولسا،بىر يەر ئاپەت بولسا يەنە بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان بولسا،چوڭ ئاپەتنى كىچىكلىتىشكە،كىچىك ئاپەتنى يوقايتىشقا ،بۇنداق بىر چوڭ ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىن كىلەتتى دەپ ئويلايمەن،چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئۇرخۇن خانلىغى زېمىنى غەرىپتە يەتتە سۇغىچە،جەنۇپتا گەنسۇغىچە بارغان بولۇپ،قىرغىزدىن باشقا،قارلۇق،تىبەت،باسمىل،تۈركەش قاتارلىق شۇچاغدىكى نىسپەتەن چوڭ كۈچلەر ئاجىزلىغان مەزگىل ئىدى،ئۇرخۇن خانلىغىنىڭ تاشقى مۇھىتى نىسپەتەن مۇقىم ھالەت ئىدى.回鹘的保义可汗(808~821年),在西面与吐蕃交战,北方又和黠戛斯为敌,通过武力从吐蕃手中夺回北庭(今新疆吉木萨尔县北),势力及于中亚地区。后来嗣位的回鹘崇德可汗(821~825年),继续向西用兵,以对付吐蕃和葛逻禄。此间,无暇顾及黠戛斯,黠戛斯得到喘息之机,国力很快恢复。

‏5،تېما ئېگىسىنىڭ لوپنۇر قىرغىزلىرى توغرۇلۇق قىلغان ئىنكاسى ھازىرغىچە ئېسىمدە. مېنىڭچە،بىرىنجىدىن،لوپنۇردىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا قىرغىزلارنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا سىزدە ئىلمى پاكىت يوق،ئىككىنجىدىن،تاكى مۇ شۇ يېقىنقى يىللارغىچە لوپنۇرلۇقلارنىڭ بىر قېسمىنىڭ ئۆزىنى قىرغىز دەپ ئاتايدىغانلىغىنى بىلىمىز،مىنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقىغان بىر تەزكىرە خاراكتىردىكى ماقالىدىمۇ ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ قىرغىز مەنبەلىك ئىكەنلىگى تىلغا ئېلىنغان.ئۈچۈنجىدىن،ئۇرخۇن خانلىغى يېمىرىلغاندىن كىيىن،پانتېكىن باشچىلىغىدا غەرىپكە قاراپ كۆچىدۇ،ئەمما قىرغىز قوشۇنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭىدۇ،قىرغىزلار پانتېكىننى جېمساردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ،ئاندىن ھازىرقى كۇچاغا بارىدۇ،ئاندىن ئونسۇلارغىچە بىرىپ ئۇ يەرنى تارىخى يازمىدا 866-يىللىرىغىچە باشقۇرۇدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى تارىخلارغا ماتىريال كام،بۇلاردىن بىز قىرغىزلارنىڭ ئۇ مەزگىللەردە شىمالى شىنجاڭ ۋە تارىمنىڭ شىمالى،پامىر رايونلىرىغىچە بارغانلىغىنى بىلەلەيمىز،ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ قىرغىزلارنىڭ ئانا ساي رايونلىرىدىن تەڭىرتېغى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتىراولىغا كەلگەنلىگى ئىلمى ئىسپاتقا ئىگە.مانا بۇنداق ئەھۋاللاردا،بىر قىسىم قىرغىزلارنىڭ لوپنۇر رايونىدا ياشاپ قېلىشى تەبى ئەھۋال دەپ قارايمەن.ماناس ئېپوسىغا كەلسەكمۇ،ئېپوس ماناس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ 8ئەۋلات كىشىلەرنىڭ قېتانلار ۋە كىيىنكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قىلغان قەھىرمانلىق ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلىنىدىغان ئەسەر،ئېپوستىكى مەزمۇنلارنىڭ يىلى بىلەن قىرغىزلارنىڭ تەڭىرى تېغى ۋە تارىمنىڭ شىمالىدا پەيدا بولىشى بىردەكلىككە ئىگە.

会昌二年(842)十月,在击破回鹘汗国之后第一次被遣入唐的黠戛斯使者踏布合祖曾说到:“纥扢斯即移就合罗川,居回鹘旧国,兼以得安西、北庭、达怛等五部落”;

⑨司马光在考证诸文献(《实录》、《献替记》、《旧唐书》)之后肯定黠戛斯使者的许。⑩近来的研究亦倾向于肯定黠斯使者所说的事实,认为黠戛斯使者的报告“让我们了解到黠戛斯人在击破漠北回鹘汗国之后,即挥师西去,并最终控制了北庭和安西地区”。(11)بىرقىسىم تەرجىمە--842-يىلى،قىرغىزلار تاڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ:«قىرغىزلار خوراسانغا كەلدى،ئەسلى ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىدى،يەنە كۈسەن،جىمسار،داخېڭ(؟)دىگەندەك بەش قەبىلىنى ئالدى.»

شۇ دەۋىرلەردىكى ‏قىرغىزلانىڭ ئالتاي تاغلىرى،غەربى تەڭىرى تېغى رايونلىرىدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان تارىخى يازمىلارنى كىيىن يەنە چاپلاپ قويارمەن.

‏6.بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىم پەقەت قىرغىزلارنىڭ بەزىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئەرزىمەس كۈچ ئەمەسلىگىنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن،ئۇرخۇن خانلىغىدىكى ئاپەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ،ئۇرخۇن خانلىغى ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتەن گۈللەنگەن بىر خانلىق،تاڭ،تىبەت،ۋە غەرىب تەرەپتىكى ئەللەرگە خوشنا،تارىخ بەتلىرىدىمۇ كۆپ ئىزلىرى قالغان،ئەمما قىرغىزلارنىڭ تارىخى تېخى ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك بۇنداقمول تەتقىقات باسقۇچىغا كىرمىدى،ئۆز ۋاقتىدىمۇ باشقا ئەللەردىن بىرقەدەر يىراق يۇرتلاردا بولغاچقا،تارىخ يۈزىگىمۇ كۆپ ئىلىنماي قالدى،تېخى كۆپ سىرلار ئالدىمىزدا.











chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 04:05:19

ئۆزگەرتىش---合罗川نى خوراسان دەپ خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن،ئەسلى ئىچكى موڭغۇلدىكى گەنسۇ،شەنشى بىلەن چىگىرىلىنىدىغان ئالاشەن،ئېجىنا رايونىنى كۆرسىتىدۇ

western يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 20:15:27

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ قىزغىزلار بىلەن بولغان توقۇنىشى مۇشۇ خانلىق قۇرۇلىشتىن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى ، خانلىق قۇرۇلۇپ تاكى يىمىرىگىچە بولغان ئارلىقتىمۇ قىزغىزلارنىڭ قارشلقى توختاپ قالغىنى يوق ،لىكىن بۇ مەزگىللەردىكى توقۇنۇشتا ئۇيغۇر خانلىقى ئىزچىل ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان ،840 -يىلىئوردا ئىچىدىكى تۈگمەس ئىچىكى نىزا ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە يىل داۋاملاشقان دەششەتلىك تەبىئي ئاپەت قىرغىزلارغا پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن ، بۇ بۇ مۇشۇ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان غەرپ تارىخچىللىرىنىڭمۇ ئورتاق كۆز قارىشى ، ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن مۇشىنڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ ماتىرياللىرىدىمۇ ئاساسەن تۈگمەس ئىچىكى نىزا ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدىغان تەبىئىي ئاپەت ئۈچۈن خېلى كۆپ ئورۇن بېرىلگەن ، قىرغىز قۇشۇنىنىڭ زەربىسىسىنى قەستەن سۇسلاشتۇرۇش دىگەن مەسلە بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسلە ئەمەس ، ئاپەت تۈپەيلىدىن باشقا رايۇنلارغا يۆتكىلىش كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ئۈچۈن دائىمىلىق ئىش ، 840 -يىلدىكى ( بىر قانچە يىل بۇرۇن باشلانغان ) ئەپەتتە كىشىلەرگە قورالدىنمۇ بەكىرەك مۇھىم بولغان قوي دىگەندەك چارۋىلار ئاپەت تۈپەيلىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ قىرىلىپ كەتكەن (مۇقىم ئولتۈراقلاشقان خانلىقلاردا قورشاۋدا قالغان قەلئەدىكى خەلق ، قوشۇنلارنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋەبلىك تەسلىم بولغان ياكى يىمىرىلگەنلىك تارىخىي يازمىلار كۆپقۇ ) ، ئارقىدىنلا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ، ئۈستۈنكى ئىنكاستىكى قىزغىزلارنىڭ‹‹ نەچچە ئون يىل قوغلاپ زەربە بەرگەن ›› ۋاقتى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى ئوتتۇرسىدا زىددىيەت بار، ھەم ‹‹ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ 20 يىل تىنىچ ئۆتكەن ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇرۇش قۇرمىغان ›› دىگەن بايانلار بىلەن ، ‹‹ بۇ مەزگىلدە ئۇرخۇن خانلىغى زېمىنى غەرىپتە يەتتە سۇغىچە،جەنۇپتا گەنسۇغىچە بارغان بولۇپ،قىرغىزدىن باشقا،قارلۇق،تىبەت،باسمىل،تۈركەش قاتارلىق شۇچاغدىكى نىسپەتەن چوڭ كۈچلەر ئاجىزلىغان مەزگىل ئىدى،ئۇرخۇن خانلىغىنىڭ تاشقى مۇھىتى نىسپەتەن مۇقىم ھالەت ئىدى›› دىگەن كۆز قاراش بىر - بىرىگە زىت ، 9- ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ تىبەت ، قارلۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرى توختاپ قالغىنى يوق ، خانلىققا بېسىپ كىرگەن تىبەت ، قارلۇقلار تەكرار بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر خانلىقنىڭ زەربىسىدە ئىشغال قىلىنغان زىمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان .

‹‹ قىرغىزلارنىڭ تارىخى تېخى ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك بۇنداق مول تەتقىقات باسقۇچىغا كىرمىدى،ئۆز ۋاقتىدىمۇ باشقا ئەللەردىن بىرقەدەر يىراق يۇرتلاردا بولغاچقا،تارىخ يۈزىگىمۇ كۆپ ئىلىنماي قالدى،تېخى كۆپ سىرلار ئالدىمىزدا.›› بۇ گەپمۇ بىر زىددىيەتلىك گەپ ، مەيلى شارائىت ، ئىختىزاد جەھتتىن بولسۇن قىرغىز تارىخنى تەتقىق قىلىش كۆپ ئەۋزەلىككە، ئىگە قىرغىزىستاندا تەتقىقات دىگەنگە دۆلەت مەسئۇل بولىدۇ !دۇنيادا ئاشۇ دەۋىرگە دائىر ، خېلى مۇكەممەل تەتقىقات نەتىجىللىرى بار تۇرسا ، ئېچىلمىغان نىمە سىر بار ئىكەن ؟ ‹‹ باشقا ئەللەردىن يىراق يەردە بولغاچقا تارىخ يۈزىگە كۆپ ئېلىنماي قالدى ›› قىرغىزغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ بىرى 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا يەنە بېرى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلنىپ قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندا تىلغا ئېلىندۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا چوڭىراق بىرەر ئىش ياكى ئۇزاق داۋملاشقان مۇستەقىل ھاكمىيەت چىقمىسىمۇ تارىخقا يېزىلىۋېردىغان گەپما ، يۇقارقىدەك زىدىىيەتلىك تەرجىمە ئارقىلىق بۇرمىلانغان تارىخ چىقسا چىقىدىكى بىرەر سىر ئېچىلمايدۇ !

Chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-22 19:55:13

‏‏ئۈستىدىكى تورداشنىڭ يوقىرىدا يازغان ئىنكاسى،مۇكەممەل ئەمەس، ئېسىگە كەلگەن مەزمۇنلارنى يېزىپتۇ دەپ ئويلايمەن،نەچچە يەردىكى «زىددىيەتلىك»دىگەن جۈملىلەرنى ئوقۇپ،نېرىنىڭ زىددىيەتلىك ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم،ئەگەر مەنمۇ ئۇ تورداشقا ئوخشاش ئۆزەمچە گەپ قىلسام جىق گەپلەر بولىدۇ.،بۇ تورداشنىڭ تارىخنى تېخىمۇ تەكشۈرۈپ باقمىغانلىغى،ئۇيغۇرچە تارىخى ئۇقۇملارغىلا بىرىلىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم،ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ئۆز ھېس قىلغىنىمنى دېدىم.ئۇيغۇرلاردىمۇ خەنسۇلارغا ئوخشاش ئۆزىدىن باشقىنى كۆرمەيدىغان ،ئۆزىنى مەركەز چاغلايدىغان كىشىلەر ئاۋۇپ قالدى،بۇ ئەمىلىيەتتە بەلكىم جۇڭگودىكى تاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ يامىرىشى سەۋەپ بولىشى مۈمكىن،بۇ ئەلبەتتە قىرغىز قاتارلىق باشقا مىللەتلەردىمۇ مەۋجۈت مەسىلە.
‏قىرغىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتى بار،شۇڭا تارىخ تەتقىقات راۋاجى چوقۇم ياخشى بولىشى كىرەك،دىگەن گەپ چەك باسمايدىغان گەپ،گەرچە قىرغىزىستاندا ھەقىقەتەن ئۆزى توغرۇلۇق تەتقىقات سالمىقى بۇرۇنقىدىن ئاشقان بولسىمۇ،ئەمما قىرغىز تارىخى ئۇيغۇر تارىخىغا ئوخشاش ئۇنداق مەلۇم ساھەدە خەلىقئارالىق تارىخ تېمىسى بولۇشقا تېخى ۋاقتى كەلمىدى ،دەيمەن.ئۆزۋاقتىدا قىرغىزلار نىسپەتەن يىراقتا بولغاچقا دىگىنىم،ئۆز ۋاقتىدا سېبىر ۋە ئاناساي رايونى نىسپەتەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە يېراق ئىدى دېگىنىم،ھازىرقى تارىخلارمۇ ئاساسەن شۇمىللەتلەرنىڭ قولىدىن چېقىۋاتىدۇ،ۋە ئەينى يىللىرى تارىخى يازمىلارغا پۈتۈلگەن،ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ،ناھايتى تېز شەھەر ۋە يېزىق مەدەنىيىتىگە ئۆتكەن،ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھازىرقىدەك كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا ئايلىنىشىدا،ۋە ناھايتى تېز «مەدەنىلىشىشى»دا ھەرخىل سەۋەپلەر بار،بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئولتامايلى.بۈگۈن ئوباما دىگەن گەپنى سىزگە باشقىلارغا دىگۈم بار،«دۇنيادا ھەرقانداق كىشى تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئوخشاش،باراۋەر...» تاغدا چوڭ بولساڭ مالچى بولىسەن،يېزىدا چوڭ بولساڭ دىھقان،شەھەردە چوڭ بولساڭ يەنە ھەرخىل دىگەندەك،ئادەم دىگەن ياشاش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىدە ھەرخىل ئادەم بولىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ھەرخىل ئىجابى شەرت-شارائىتلىرى ئۇلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسا،ھازىرقى بىتەلەي شەرت-شارائىتلىرى بولسا ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ھالەتتە. قىرغىزلار بولسا ئىزچىل تاغ-يايلاق خەلقى،ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە نىسپەتەن يات مەدەنىيەت بولغاچقا،ئەلبەتتە ھەرقايسىمىزغا يوچۇن تەسسەۋۇرلام بىرىدۇ،ئەمما ئەمدىلەتىن باش كۆتۈرۈشكە تەمشىلىۋاتىدۇ،كۆپلىگەن مەسەلىلەر ۋە نۇرغۇن ۋاقىت كىرەك بولسىمۇ،ئەكسىنچە دۆلەتتىن تەلىيى كەلدى،سىز كۆرمىگەن ئاڭلىمىغان بىلەن،نۇرغۇن ئىمكانىيەت ۋە ئىلگىرلەشلەر بولىۋاتىدۇ.

‏بىكەتكە كىرمەك بەسى مۈشكۈل بولاپ كەتتى،ئاچالماي شۇندامۇ بىئارام قىلدى،بۈگۈن ئېچىلىپ قالدى ،ئارتۇق گەپلەرنىمۇ دەۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن،كەچۈرگەيسىلەر.

ھەرقايسى تورداشلار ‏ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان بىر گەپ،ئۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلارنى ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر ۋە قىرغىزغا تەڭ ئۇقۇم قىلماسلىق كىرەك،ئۇ زاماندىكى كۆپلىگەن ئۆز-ئارا ئۇرۇش-جىدەل قىلغان قەبىلىلەر ھازىر بىرلىشىپ بىر مىللەت بولىشىپ كەتتى،ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قارلۇقلار بار،قىرغىزدىمۇ بار،قازاقتىمۇ بار،قىرغىز ۋە قازاق ئۇرۇقلىرىدا ئۇيغۇر ياكى سارت دىگەن ئۇرۇق بار،ئۇيغۇرلارغا قىرغىز ۋە قازاق ئۇرۇقلىرى سېڭىپ كىرگەن دىگەندەك ئاددى مېساللار...ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى يازمىسىدا قىرغىز دىگەن« سېرىق چاچ،قىزىل يۈز،كۆك كۆز...»دېيىلىپتىكەن،ھازىر ئۇمۇمى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس،قىرغىزلار ئۇرخۇن خانلىغىدىن بۇرۇنلا رۇنىك ئېلىپپەسى ئاساسىدا قىرغىز يېزىقى ئىشلىتىپتىكەن،يەنە تاش ئويما خاتىرىلىرى تارىخ خاتىرلىگەن،،قىرغىز خانلىغى تۈمۈر ۋە باشقا مىتال ئەسۋاپلارنى ۋە قۇرال ياراق،ساۋۇت-دۇبۇلغا دىگەندەكلەرنى ناھايتى كۆپ ئىشلىتىپتىكەن،يېقىندا قىرغىزىستان ۋە روسىيە ئالىملىرى قىرغىز خانلىغىنىڭ ئىزنالىرىنى ۋە خانلىق شەھەرچىسىنى ئىزدەش پىلانىنى ئوتتىرىغا قويغان چېغىبار، ھازىر قىرغىزلار تەڭىرى تېغى ۋە قارا-قۇرۇمنى بويلاپ ھەممە ۋىلايەتلەردە بار،خوتەن،قەشقەر،ئاتۇش،ئاقسۇ،كورلا،غۇلجا قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، ئاز-ئازدىن ھەممە تاغ-يايلاقلاردا بار، مانا ناھىيەسى بىلەن قۇتبى ناھىيەسىنىڭ نامى قىرغىزلار بىلەن مۇناسىبەتلىك دىگەن ئۇچۇرنى قىرغىزچە بىكەتتە كۆرگەن ئىدىم، ئىلمى بۇلاقئورنىنى بىلەلمىدىم،ئشقىلىپ.....قالايمىقان بولاپ كەتتى، چۇۋالچاق نەرسىلەر بولسىمۇ مۇشۇ ئىنكاستا ئۇچۇر بۇلاپ قالغاي،بىكەتكە كىرىشنىڭ مۈشكۈللىكىدە.....


86 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 11:05:29

زالىملار ۋە ئۇلارنىڭ يانتاياقچىلىرى مىللەتچىلىك قىلىدۇ. مىللەتلەر ئارىسىغا سوغاقچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى شەخىسنىڭ جەدەللىشىپ قېلىشىنىمۇ ئىككى مىللەت زىددىيىتىگە كۆتۈرىدۇ. تارىختا مىللەتلەر مىللەتچىلىك قىلىپ، بىر-بىرلىرىگە زۇلۇم قىلغان. توقۇنۇشقان، بىر-بىرىگە زىيان كەلتۈرگەن. ھازىرمۇ يەنە مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن مىللەتلەر ئارا زىدديەت پەيدا قىلىپ ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتىۋالغانلىرىمۇ مىللەتچىلىك قىلىپ باشقا مىللەتكە تەڭسىزلىك كەلتۈرىدۇ، زۇلۇم قىلىدۇ. مىللەتچى ئېڭىدىكىلەرمۇ زالىمدۇر. چۈنكى مىلەتچىلىك ئېڭى بىلەن ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن مىللەت چوقۇم باشقا مىللەتكە زۇلۇم قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىشىنى چەكلەيدىغان بىردىن- بىر تۇغرىسى ئىسلام يولىدۇر. ئىسلام ھەر مىللەت خەلقىگە زۇلۇم قىلمايدىغان يول. مەيلى ئۇ بۇرۇن قايسى مىللەتتىن بولسۇن ، قانداق رەڭدىكى كىشى بولسۇن، ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بىر-بىرىگە قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارغىمۇ زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەيدۇ. ھازىرقى مىللەت كىشىلىرىدىن ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ يەنە دىنىي قېرىنداشلىقتىنمۇ مىللىي قېرىنداشلىقنى ئۈستۈن بىلىشى، ئۇنىڭ تېخى ئاللاھ قۇبۇل قىلىدىغان ئىماننىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر. مىللەتلەر جاھىيلىيەت يولىنى تۇتۇپ، بۇرۇن قانداق توقۇنۇشۇپ، قانداق ئىشلار ۋە قانداق ھالەتكە كېلىپ قالغان بولسا، نىمە بوپتۇ؟باشقىلار كىملەرگە، نىمىلەرنى دەپ يازغان بولسا ، نىمە بوپتۇ؟ پەقەت جاھلىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغانغۇ؟

شەرىئەت بىزگە، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، يەر يۈزىدە ئادەلەتنى تۇرغۇزۇش يولىنىلا تۇتىشىمىزنى كۆرسەتمىدىمۇ؟ (يەنە پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ، ئۇ ئارقىلىق ئەمەلىي تەدبىقلاپ ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرمىدىمۇ؟ )مىڭ يىل بۇرۇن مەيلى قىرغىزلار بىرلىشىپ ئۇيغۇرنى ياكى قازاقنى نىمە قىلغان بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرلار قىرغىزلارنى نىمەقىلغان بولسۇن، جاھالىيەت يولىنى تۇتقان شۇ چاغدىكى كىشىلەر ئەلۋەتتە بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقىغۇ شۇ؟.   ئەمدى يەنە شۇنداق زالىم يولنى تۇتۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاللاھ كۆرسەتكەن ئادالەت يولىغا كەلسەڭلەر بولمامدۇ؟

خەنسۇ ياكى ئورۇسلار مىللەتچىلىك، زالىم يولنى تۇتۇپ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا، باشقىلارمۇ يەنە مىللەتچىلىك يولى بىلەن زالىم يولىنى ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەكمۇ؟

ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلار، بىز ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلايلى. شۇنداق قىلساق، تەبىي ھالدا قېرىنداشقا ئايلىنىمىز. ھەقىقى قېرىنداشقا ئايلغان كىشىلەر بىر پۈتۈن گەۋىدىگە ئالغانغان چاغدا، زالىملارنىڭ بىزلەرگە زۇلۇم قىلىش كۈچى ئاجىزلاپ، ئادالەتنى كۆتۈرىدىغان بولىمىز. مىللىتچىلىك ئېڭى بىلەن ھاكىمىيەتنى مىللەت ئاساسىغا قۇرغان مىللەت ئەزالىرى جەزمەن زالىم يولنى تۇتىدۇ. ئاجىزلارمۇ مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن زالىم يولىدا ماڭىدۇ.

ئۇيغۇر بولساڭ نىمە بوپتۇ؟ قىرغىز بولساڭ نىمە بوپتۇ؟ سانىڭ قانچە بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىنسانلىقىڭ بىلەن باراۋەرسەن. پەقەت ئىمان ئېيتىپ ھەق يولدا ماڭغانلىقىڭ ياكى ئىنكار قىلغۇچى بولۇپ زالىم يولىدا ماڭغانلىقىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتتە باراۋەر ئەمەسسەن. سەن ئەسلى ھەممىڭ بىر ئاتا- بىر ئانىنىڭ بالىلىرىسەن. ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاىدا ئاڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنسەن. مەيلى قىرغىز بول، مەيلى ئۇيغۇر بول، ئاللاھ كۆرسەتكەن ئادالەت يولىدا ئەڭ مەھكەم ماڭغانلىرىڭنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋەڭ ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا، بىرىڭ قىرغىزلىقىڭ بىلەن، بىرىڭ ئۇيغۇرلىقىڭ بىلەن پەخىرلەنگەن بولساڭ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئازغۇنلارنىڭ قاتارىدا سانىلىپ ، جەھەننمەم يولنى تاللىغان بولىسەن. ئاللاھ ىسلەرگە تارىخ ئۆگىنىشتىنمۇ بەكرەك ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە زېھىننىڭنى سەرىپ قىلىپ، ئۇنى ئوبدان چۈشىنىپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشىڭنى ياخشى ياخشى كۆرىدۇ. (قۇرئان كەرىمنى ئوبدان ئوقۇساڭلار شۇنداق ئىكەنلكىنى بىلىسىلەر).

western يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 19:27:22

قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرسىغا زىددىيەت سېلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ ، 9 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بولۇپ ئوتكەن بەزى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس، ھەم تارىخى رىئاللىقمىۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . قەبىلە ،ئۇرۇق ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بىلەن ھازىرىقى مىللەت ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۋېتىشمۇ شۇنداق . قىزغىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئومومىي تارىخنى يېزىش بىلەن 840 - يىلدىكى توقۇنىشنى زىيادە بىرلەشتۈرۋېلىش ئىشنى بەك چولتا ئويلىغانلىق (ئەخماقلىق ) ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ 840 - يىلى يىمىرلىشى بۇ تارىخنى بايان قىلىشتىكى بىر سەۋنلىك دەپ قارىساق بولىدۇ ، خانلىقنىڭ بىر قىسىمى قولدىن كەتكەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ خانلىقنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا يۆتكىلىپ خانلىق تەۋەسىدىكى باشقا بىر شەھەرنى پايتەخىت قىلىپ تىكلەپ ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش يىمىرلىش بولمايدۇ ، كىيىن قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئەملىيەتتە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئۆزى ( ياكى داۋامى ) شۇ ، شۇ مەزگىلدىكى تارىخقا ئانچە قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، 10 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ناھايتى تىزلا قىتانلار تەرىپىدىن موڭغۇلىيە ئىگىزلىكدىن سىقىپ چىقىرىلغان قىرغىزلار كىيىن ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر قەبىللىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىقلاردا(ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، قاراخانلار سۇلالىسى ، كۆسەن ئۇيغۇر خانلىقى‹ئورنى ھازرقى قارا شەھەرنىڭ شەرىقىدىن ، چىڭخەينىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىغىچە› ،گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى )پەيدا بولىدۇ ، لىكىن كىيىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا چوڭ كۆلەملىك توقۇنىشقا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىشەنچىلىك ماتىريال تېپىلمىدى ، ئۇيغۇر قەبىللىرىمۇ كىيىنكى ئۆزنى ئوڭشاپ كۈچىيىشتىن كىيىن قۇرغان خانلىقلاردا (مەسلەن : قاراخانلار خانلىقىدا)قىرغىزلاردىن قىساس ئالغانلىق ھەققىدىكى ماتىرياللارمۇ تېپىلمىدى ، ئەمىليەتتە تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇردەك كەڭ قورساق يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ ، مەيلى تىمىدا بولسۇن ياكى كىيىنكى ئىنكاسلاردا بولسۇن قىرغىز مىللىتىنى كەمسىتىش دىگەن نەرسە يوق ، ئۇيغۇر تارىخنى تەتقىق قىلىش يەنىلا ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتقان تۇرسا ‹،‹ئۇيغۇرنى مەرگەز قىلىپ گەپ قىلدى ›› دەپ ئۇششۇقلۇق قىلمىساق بوپتىكەن !

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 21:49:22

86 ،ھەممە تىمىغا ئارلىشىۋىلىپ كىسىم چىقىرىپ يۈرشىڭىزدىن زىرىكتىم. قارىسام كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇقۇملارنى ئارلاشتۇرۇپ قىسمەنلىككە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىپ توغرا بىلەن خاتانى ئارلاشتۇرۇپ ئاخىردا ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ ئىىغر توقۇمدىن بىرنى پىچىپ قويىدىكەنسىز.

تارىخ ئۈگەنگەنلىك، ئۇيغۇر قىرغىز دەپ تىلغا ئالغانلىق بىلەن مىللەتچىلىك ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم. تارىخمۇ بىر ئىلىم، ماتىماتىكا، فىزىكا دىگەندەك، ئۈگەنگەن تارىخىڭىزنى مىللەتچىلىككە ئىشلىتەمسىز ياكى ئىلمى يوسۇندا مۇئامىلە قىلامسىز بۇ ئادەمگە قاراپ ئوخىشىمايدۇ. ئىلمى تارىخچىلارمۇ مىللەتچىلىك قىلىشنى ياكى تارىخنى سىياسى باشقا مەقسەتلەردە ئىشلىتىشنى ياقتۇرمايدۇ.

تارىخ ئۈگۈنۈش ئىسلامغا خىلاپ ئىش ئەمەس، شۇنداق بولدىغان بولسا سىز بىز ماختىندىغان ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە بىر قاتار تارىخچىلار بارلىققا كەلمىگەن بولغىيتى. موللا مۇسا سايرامى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن زىكىر قىلىپ تۇرۇپ تارىخ خاتىرلىمەس بولغىيتى. ھىلىمۇ شۇلار تارىخ قالدۇرۇپ مىڭىپتىكەن، بولمىسا سىز بىزلەر ما زىمىندا دەسسەپ ماڭالمىغان بولغىيتۇق.

سىزنىڭ مىللەتچىلىكنى ئەيىپلەپ كىلىپ ئاخىرىدا ھىچنىمدىن ھىچنىمەيوق تارىخ ئۈگۈنۈشنى يوققا چىقىرىپ مىللەتنى ئىنكار قىلىغىنىڭىزگە قاراپ ئەپسۇسلاندىم. مىللەتچىلىك ھەققىدىكى گەپلىرىڭىزگە قىتىلساممۇ ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق تارىخ، ياكى مىللى كىملىك مەسىللىردە تون پىچىشىڭىز ئارتۇقچە. بىرسى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قويغانغا مىللەتچى بولۇپ كىتىدىغان ئىش يوق، ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر ئەمەس مۇسۇلمان دەپ ئاتىغانغا كامىل مۇسۇلمان بولۇپ كەتمىگەندەك. تەپەككۇرىڭىز تىخىچە مىسرانمدىكى ئۇششاق بالىلارنىڭ سەن ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ دەيدىغان ئىككى مۇناسىۋەتسىز ئۇقۇمنى زورلاپ مۇسابىقىغا سالىدىغان سەۋىيدە توختاپ قاپتۇ.

مىللىتىدىن پەخىرلەنگەنلىكنىڭ جەھەننەمگە كىرىدىغان چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى تۇنجى قىتىم سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. مىللەتتىن پەخىرلىنىش چوقۇم باشقىلارنى كەمسىتىشتىن دىرەك بىرىدۇ دەپ كاللىڭىزدا يەنە مۇجىمەللىك بار ئوخشايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مانداق ياخشى خەلىق ، مانداق ئىسىل ئەنئەنىمىز بار، ئۇزۇن تارىخمىز بار، مانداق ئالىملىرىمىز چىققان دەپ ئۆزىگە روھى مەدەت بىرىپ قويغانغا جەھەننەمگە يوللىۋەتكەن بولسىڭىز ھەققىەتەن ئۇستا يىتىشىپ چىقىپسىز.
بەت: 1 2 [3] 4
: قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە