86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 12:21:34

tepekkurchi ئەپەندى، كىشىنىڭ قايسى تىمىغا نىمە دىيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. تۇغرىسى(ئاۋالئۆلچەمنى تۇغرا تۇتۇپ) ئىدىيىڭىزدىن ئۆتسە قۇبۇل قىلىپ، بىر تەرەپلىمە بولسا، قارشى پكىرنى بەرسىڭىز ئەتراپلىق ئۆگەنسەكلا بولىدىغان ئىش. سىزگە دىسەم، ھەر قانداق ئىجتىماي ساھەگە نىسبەنتەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئالىم چاغلاپ كىشىگە سېسىق گەپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىسلام ھېچقاچان تارىخ ئۆگىنىشنى رەت قىلمىدى. ئەمما تارىخ ئۆگنىشنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تاللاپ بەرگەن دىنىنى يەر يۈزىدە ئۈستۈن قىلىشقا ، ئىلگىركى خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا، ئىسلامدىن قېيىپ كەتمەسلىككە دىگەندەك يۆنۈلۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ تارىختا ئۆتكەن قەۋىملەر تۇغرىلۇق رىۋايەتلەرنى سۆزلىگەن، بىزنىڭ ھەقنى ئوبدان بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئىبرەت قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ تارىخلىرىنى ئۆگنىشىمىزىدىكى مەقسەتمۇ ، ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگنىشىمىزىدىكى مەقسەتمۇ مۇشۇ ئىسلامنىڭ غەيرىسىگە قېيىپ ، تۇغرا يولدىن قېيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولىدۇ. نۇسرەت قازىنىشنىڭ تۇغرا يوللىرىنى ئوبدان بىلىشىمىز ئۈچۈن بولىدۇ.

بىر مىللەت شۇ مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا مىللەتتىن ئۈستۈن ئەمەس، ئادەمنىڭ بالىلىرىنى باراۋەر بولىدۇ. ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ شۇ مەللەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىش، باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش چەكلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: « ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)» دىگەن. دىمەكچى بولغۇنۇم، سىزنىڭ قايسى مىللەتتىن بولشىڭىزنىڭ قىيامەتتىكى ئورنىڭىز بىلەن ھېچ ئالىقىسى يوق. پەقەت ئىسلام يولىدا قانداق ماڭغانلىقىڭىز بىلەن ئالاقىسى بار. مۇسۇلمان نىمىدىن پەخىرلىنىدۇ، كاپىر نىمەلەدىن پەىرلىنىدۇ، بۇنى بىلىش مۇھىم.

يەنى، مىللەتلەر مىللىتىنىڭ نىمە قايسى بولىشىدىن پەخىرلىنىشتىن كۆرە ، ئاللاھ كۆرسەتكەن يولىدا قانچىلىك ماڭغانلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل   بۆلسە بولىدۇ.

ئەينى چاغدا ئەرەبلەر ئەرەپ مىللىتى بولۇپ قالغانلىقىدىن(قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىپنىپ، پەيغەمبەرمۇ ئەرەپلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ ) پەخىرلەنگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى چەكلىگەن. ھەدىستە: ئەرەپ مىللىتى باشقا مەىللەتلەردىن ئارتۇق ئەمەس، باشقا مىللەتلەرمۇ ئەرەبلەردىن ئارتۇق ئەمەس، قارا تەنلىك ئاق تەنلىكتىنن ئارتۇق ئەمەس، ئاق تەنلىكمۇ قارا تەنلىكتىن ئارتۇق ئەمەس دىگەن مەزمۇندا كەلگەن. ناۋادا پەيغەمبەر ئۇيغۇر بولۇپ قالغان بولسا، مىللىتىدىن پەخىرلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار، ئۆزلىرىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنەكەندە. سىزنىڭ دىمەكچى بولغۇنىڭىزغا قارىغاندا.

قىرغىز بىلەن ئۇيغۇرنىڭ شۇ چاغدىكى ماجراسىنى ئاۋۇ يۆلۈنۈشتە تەتقىق قىلغاننىڭ ، بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى، قىيامەتتىكى ئورنىمىزنىڭ قانداق بولىشى، ھەق يولدا بولىشىمىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟دىگەننى كۆڭۈلدىن ساقىت قىلماسلىقنى ئويلاش ئۈچۈن شۇنداق يېزىپ قويدۇم.

نىمىدىن پەخىرلىنىش يۈنۈلىشىى خاتا كەتسە، ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ، ئاندىن ئازغۇنلۇق نەگە باشلايدۇ؟

مۇشۇنداق چۈشەنچەمنى مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ قويسام(خاتا چۈشەنچىلەردىن خالىيمەن دەپ ئېيتالمايمەن ئەۋلەتتە   ، تۇغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ)، تېرىككىدەك نەرى بار؟ھەممىنى تارىخىي ماترىيالىزىم بويىچە پىكىر قىلسا ئاندىنبۇلامدۇ؟ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلامنىڭمۇ تارىخقا قارىتا چۈشەنچىسى باردۇ؟چۈشەنچەم يۈزەكى بولسا، چۈشەنچىسى چوڭقۇرلار تۈزىتىش بەرسەئۆگنىمىز.


جاھىلىيەت ۋاقتىدىدا قالغان دەۋىردىكى ئۇيغۇر بىلەن قىزغىزنىڭ جىدىلىنى تالىشىپ ھازىرقى ئىككى مىللەت ئىناقلىقىغا دەز كەتكۈزۈش رولىنى ئوينىسا ئوينايدىۇكىن، ئىككى مىللەتنىڭ بالىلىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىقى ئۈچۈن ھېچ پايدىسى بولمىسا كېرەك.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 01:43:57

86، تارىخ دىگەن تارىخ، بىر كىمنىڭ، بىر خەلىقنىڭ ئىتقادى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىلىم. تارىخ ئىسلامنىڭ تارىخىلا بولمايدۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام تارىخنىلا ئۈگۈنۈش كىرەك دەيدىغان چەكلىمىمۇ يوق. ئۇ كاپىرنىڭمۇ، ئەھلى كىتابلارنىڭمۇ، يەنە بىر نىمىنىڭمۇ ھەممىنىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نەرسە. تارىخ بىر دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. تارىخنى ئۈگۈنۈش كىشىلەرگە بۇ دۇنيادا نىمە ئىشلار بولغان شۇنى قىيىپ كەتمەي ئۆز ئەينى بويىچە بىلدۈرۈش. ئۇنىڭدىن سىز ئىسلام ئۈچۈن پايدىلنامسىز ياكى باشقا نىشانلار ئۈچۈنمۇ بۇ شەخىسنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. لىكىن ھەممە تارىخنى ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دىسىڭىز بۇ كومپارتىينىڭ تارىخنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرۈش كىرەك دىگەن شۇئارىغا ئوخشاشلا ئاڭلىندىكەن.

تارىخقا نىسبەتەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بارلىقدىن خەۋىرىم يوقكەن. لىكىن تارخ يىزىش، مەيلى مۇسۇلمان ياكى مۇشرىكلارنىڭ تارىخى بولسۇن، ھىچقاچان چەكلەنمىگەنلىكىنى بىلىمەن. بولمىسا مۇسۇلمانلاردىن مەن ئىسمىنى ساناپ بولالمىغۇدەك بىر تالاي تارىخچى چىقماس بولغىيتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن يات ئەللەرنىڭ، مۇشرىكلارنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ تارىخىنى يازغانلارمۇ ئاز ئەمەس.



ئۈستىدىىمۇ دەپ ئۆتكەندەك مىللەتچىلىك، ئىرىقچىلىق دىگەندەك ئىدىيەلەر بىلەن تارىخ يىزىش ياكى تارىختىكى زىددىيەتلەرنى بۈگۈنگە سۆرەپ كىلىش ئىنىق خاتا. سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىزمۇ مۇشۇ نۇقتا خاتالاشمىسام. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تارىختا تارىخ تەتقىقات مىتودى دەيدىغان نەرسە بار. ئۇنىڭغا چۈشمىگەن تارىخ ئىشەنچلىك تارىخ ھىساپلانمايدۇ. شۇڭا شۇ مىتودقا ئاساسلىنىپ تارىخى مەسىللەرنى تالاش تارتىش قىلىش نورمال ئەھۋال. سىزنىڭ نەزىريىڭىز بويىچە ھەممە تارىخچى ئىسلامى نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ تارىخ يازغان تەقدىردىمۇ ھامان ئوخشىماسلىقلار، تالاش تارتىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا بىر خەلىقنىڭ ئىچىدىكى تارىخنىمۇ تالىشىمىزغۇ؟ قىرغىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىدىكى زىددىيىتى توغۇرسىدا ئالدىنقى بەتتىكى ئىنكاسىمدىمۇ دىگەن. ئىلمىيلىكتىن يىراقلاپ كەتكەن تارىخ ئاخىردا بىر مۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى، دۈشمەنلىك چىقىرىدۇ دەپ. ھەممە ئىشتا ئادىل بولۇش كىرەك، تارىختىن يەكۈن چىقارغاندا بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇش كىرەك.



سىزنىڭ مىللەتنى ئىنكار قىلدىغان گەپ سۆزلىرىڭىزنى زادى پەقەتلا قوبۇل قىلمايمەن. تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇش، ئادىل بولۇش، ئىنسانغا قىرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىش دىگەندەك ياخشى ئەمەللەرنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز ھەم ئەمەل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىراق بۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق بىلەن تاقىشىپ قالىدىغان نەرى بار؟ ئۇيغۇر بولغانغا مۇسۇلمان بولماي قالامدۇق؟ ئۇيغۇر بولغانغا مىللەتچىلىك قىلىپ گۇناھ قىلغان بولامدۇق؟ سىز مىسال كەلتۈرگەن ئايەتتە ئاللا ئىنسانلارنى تەقۋالىقى بىلەن ئۈستۈن قىلدىغانلىقىنى دىيىلگەن، بىراق شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مىللەت، قەۋىمگە ئايرىلىشىنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقى دىيىلگەن. ئەمدى سىز قوپۇپ ئۇيغۇر بولساڭمۇ مەيلى، قىرغىز بولساڭمۇ مەيلى نىمە بولاپتۇ مۇسۇلمان بولساڭ بولدى دىسىڭىز، نۇر بەكرى قوپاپ ئۇيغۇر تىلىڭ بولمىسا نىمە بولاپتۇ، تۇڭگانلارمۇ ياشاۋاتىدىغۇ دىسە بۇ مىللەت سىلەرگە نىمە زىيان قىلغان بولغىيتى دەپ ئاچچىقىم كەپ قالىدىكەن. مەيلى تەقۋا مۇسۇلمان بولايلى مەيلى سادىق كومۇنىست بولايلى مۇشۇ مىللەتنىڭ يىلتىزىنى كەسمەيمۇ بىر ئىش قىلغىنى بولاتتى ئەسلى. بۇ مىللەتنىڭ ئىتقادىغىلا ئەمەس، يەنە بۇ زىمىن، بۇ مەدىنيەت، تىل، ھەق ھوقۇقلارغا كۆڭۈل بولىدىغان كىشىگە ئۇيغۇر دىگەن بىر توپ ھازىر ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئىھتىياجىلىق. ئەمدى سىزمۇ نۇر بەكرىدەك تۇڭگان بولسام نىمە بولاپتۇ، مۇسۇلمان بولاپ تەقۋا ياشىسام شۇ ھىساپ دىسىڭىز سىزگە ئارتۇق گەپ يوق.



غۇرۇر، پەخىرلىنىش مەسلىسىگە كەلسەم بۇ ئىنساننىڭ بىر تۇغما خاراكتىرى بولسا كىرەك. ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزىنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خوش بولۇش، ئۆزىدىن چىققان ئۇلۇغلىرىدىن پەخىرلىنىش دىگەندەك. ئەگەر بۇ باشقىلارنى كەمسىتىش، چۆكۈرۈشكە ئايلىنىپ كەتمىسە بۇنى چوڭ گۇناھ بولىدۇ دەپ قارىمىدىم. ئەرەپلەرمۇھەممەت ئەلەيھىسالامدىن پەخىرلەنسە شەخسەن مەن باشقىچە ئويلاپ كەتمەيمەن، ئەگەر مۇھەممەت ئەلەھيسىالامنىڭ ئەرەپلەردىن چىققىنى ئەرەپلەرگە ئىشەنىچ، خۇشاللىق بەرسە بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ روھى سۇندۇرۇلۇپ ياۋايى، قالاق مەدىنيەتسىز كۆرسىتىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز دىگەن مانداق مەدىنيەتلىك مىللەت دەپ روھىمىزنى كۆتۈرۈپ ياشىغانلىق، تارىختىكى بۈيۈك شەخىسلەردىن پەخىرلىنىپ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرگەنلىكنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھىچ يرىنى بايقىمىدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش، ياش ئۆسمۈرلەرنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئىلىپ بىرىلۋاتقان مۇسۇلمانلىقتىن، ئىسلام دىنىدىن پەخىرلىنىش توغۇرسىدىكى تەشۋىقاتلار كۆپىيۋاتىدۇ(ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭدىن خۇشال)، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاسمىلاتسىيەگە دۇچ كىلۋاتقان مىللەتكە روھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىللى پەخىرلىنىش ھىسياتىنى تارقىتىىشمۇ يامان ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر ئاسمىلاتسىيە بولسا باشقا مۇسۇلمان مىللەتكە ئەمەس ***غا بولىدۇ. دىن، مەدىنيەت، تىل ھەممىدىن تەڭ قۇرۇق قالدىغان گەپ، بۇنى ئەمىليەتتە كۆرۋاتىمىز.



ئالدىنقى ئىنكاسى قوپال چىقىپ قاپتۇ، ئەپۇ قىلىڭ. نىمىشقىكىن مۇشۇ مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك گەپ سۆزلەرگە ئالاھىدە سەزگۈز بولۇپ كىتىۋاتىمەن. مەن مىللەتچى ئەمەس، ئاساسىز، لوگىكىسىز ھاياجانلىق تەشۋىقاتلارغا قىزىقمايمەن، ھەر خىل ئىرىق، مەدىنيەتتىكى كىشىلەر بىلەن كۈندە ئۇچرىىشىپ تۇردىغان بولغاچ ماڭا مىللەتچىلىك، ئىرىقچىلىق دىگەندەك ئۇقۇملار ئەخمىقانە بلىنىدۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ ئاكا ئۇكىدەك يىقىن ئۆتىمەن، بىللە ناماز ئۆتىگەندە يۈرەك ئىللىق بىلىنىدۇ. بىراق ئاشۇ ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان يۇرىت، خەلىق، ئورۇق تۇققان دوست بۇرادەرلەرگە، ئىزدىنىشلىقلارغا بولغان يىقىنلىق، مىھىر باشقىچە ئالاھىدە بولىدىكەن.

ياخشى كۆرگەندىكىن قوغدىغۇسى كىلىدىكەن.



سىزگە بۇ ئۇزۇن ئىنكاسنى يازىمەن دەپ بىر مۇنچە ۋاقىت يوق بولدى مانا. خاتۇن كۆرسە ماقالىڭىزنى يازماي ئىزدىنىش ئويناپسىز دەپ بىر ئىش بار تىخى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 09:58:21

«تارىخ سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ» دىگەن گېپىڭىزنى قايتا بىر ئويلاپ بېقىشىڭىزنى تەكلىپ بېرىمەن . ئەسلى تارىخ دىگەن ئەسلى ۋەقە نىمە سەپەۋەتىن يۈز بەردى قانداق يۈز بەر، جەريانى قانداق، ئاخىر قانداق بولدى؟ دىگەن مەسىلىدە ئەينەن يېزىلىشى كېرەك. بۇ غايە. ئەمما ، يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئىشنى بىلىشى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشىدىكى مەيدانى، شۇ ۋەقەنى يېزىشتىكى مۇدداسى... بىرمۇنچە جەھەتلەردە يازغۇچىنىڭ مەيدانى ئۇنىڭغا سىڭىشتىن خالىي بۇلالامدۇ؟ تارىخ يازىدىغانلار ئۆزى تۇرغان سىنىپقا قارشى مەيداندا تۇرىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا، تارىخ ئەينەن بايان قىلىنىشى تەس. بولۇپمۇ، ئۆز سىنىپى ئۈچۈن تارىخنى بۇرمىلاپ بايان قىلىشتىن يانمايدىغان سەمىمىيەتسىز، رەزىل كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق. تەقۋا مۇسۇلمان كىشىلەر تارىخنى بۇرمىلاشتىن ساقلىنىدۇ(ئۇ راست تەقۋا بولسا). ئەمما شۇ ئىشنىڭ كېلىپ چىشىش سەۋەپلىرىنى ئەينەن چۈشىنىشى ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلەي خالىي بۇلالشى قېيىن. مەيلى سىز كىملەرنىڭ يازغان تارىخىنى ئوقۇڭ ، يازغۇچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يازغان نەرسىسىنى ئوقۇيسىز. ئادەمنىڭ زېھنى چەكلىك، بىلىم چەكسىز، شۇڭا، ئەڭ پايدىلىق بىلىملەرگە ئەڭ كۆپ ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ ، زېھىن سەرىپ قىلىش مۇھىم.



مېنىڭ مىللەت ئۇقۇمىدىنمۇ بەكرەك، ئېتىقاد توپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بولۈشنى تەشەببۇس قىلىشىمنى، مىللەتنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارسىڭىز تۇغرا بولماس. مىللەتلەر ھەممىسى باراۋەر. قايسى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە زۇلۇم قىلسا، يەنە شۇ جەرياندا تەڭسىزلىك كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا رازى بولۇشقا بولمايدۇ. مىللەت بىلەن مىللەتنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى كەلتۈرگەنلىك ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بىزگە باشقىلار ئادالەتسىزلىك قىلىشىغىمۇ، بىز باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئوخشاشلا قارشى تۇرىمىز. شۇڭا، ئادالەتنى ياقىلاش يۈزىسىدىن ، ناۋادا ئۇيغۇر يەنە بىر مىللەتكە زۇلۇم كەلتۈرىدىغان بولسىمۇ ،بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان شۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش لازىم. مىللەتلەر مىللەتلىكتە باراۋەر بولىشى كېرەك. شۇڭا، روس بولسىمۇ، ئۇيغۇر بولسىمۇ باراۋەر. مەن مىللەتلەر باراۋەرسىزلىكىگىمۇ مىللەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، دىنىم نۇقتىسىدىن شۇ باراۋەرسىلىككە قارشى تۇرىمەن.

مېنىڭ گېپىممۇ ئۇزىراپ كەتكىلى تۇرىدۇ. بولدى قىلاي.


ھە راست، ماقالىڭىزنى يازىدىغان ۋاقتىڭىزدىن ۋاقىتئالغانلىقىم، ھەم ئايالىڭىزنىڭ كايىشىغا قويغانلىقىمدىن، سىزنىڭ ھەم ئايالىڭىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:40:08

مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئۆزى نۇرغۇن زىددىيەتلەرگە توشقان ئۇقۇم ، ئۇ 19- ئەسىردە غەرپنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنى پارچىلاشتىكى نەيرىڭى ، بۇنى نۇرغۇن دوستلار چۈشەنمەيدۇ ، مەسىلەن مىللەتچىلىك چەمبىرىگىگە كىرىپ قالغان دوستلار تۇرانىزىم دىگەندەك ئۇقۇملارغا ناھايىتى قىزىقىدۇ ، لېكىن مۆرىتى كەلسە ئەرزىمەس بىر ناخشا ئۈچۈن ئۇيغۇر- قازاق دەپ ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا قان يامغۇر تىللىشىدۇ ...



مىللەتچىلىك ھەقىقەتەن بىر زەھەرلىك ئوت ، ئوينىغانلارنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆيدىرىدۇ ئۆزگىنىمۇ كۆيدۈرىدۇ ، دوستلارغا دوكتۇر يۈسۈپ قەراداۋىينىڭ « ئىمان ۋە ھايات » دىگەن ئەسىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 20:56:55

800-يىللاردا ئوسمان ئىمپىريىسى نىمە قىلسۇن ،تىمىڭىزداخاتالىق بارمۇ قانداق ؟
بەت: 1 2 3 [4]
: قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە