kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 14:02:28

تۇركلەر رۇسلارنىڭ تارىخى دۇشمىنى بولغاچ، رۇسلار تەبىئىتۈركي خەلىقلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشى ،بۇ ئۇلاريازغان ئەسەرلىرىگە تەسىرقىلىشى ئېنېق، بۇلۇپمۇ نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردا

dilkex يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 14:12:51

18- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكىن روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى،

dilkex ئەپەندىم،ئەۋۇ ئۇستىدىكى قۇرلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇڭ.



、ئۈستىدىكى قۇرلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇغان.


سىز ھېچ بولمىغاندا ،19- ئەسىرلەردە رۇس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى......دەپ ئالغان بولسىڭىز چۈشىنىشلىك بولاتتى. مېنىڭ قارىشىمچە مەلۇم ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ياكى ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگەن بولسا، بۇنى \"دەپتەرلىرىگە پۈتۈشكە ئالدىراپ \"دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ، ئارىدىن 1000يىل ئۆتكەن ئىشنى \"دەپتەرگە پۈتكەن\" دەپ ئالساق ئۇقۇم توغرا ئىپادىلەنمەيدۇ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 17:40:18

21- قەۋەتتىكى dilkexنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكىن روس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر خانلىغى گۇمران بولدى دەپ دەپتەرلىرىگە پۇتۇشكە ئالدىراپ كىتىشتى،

dilkex ئەپەندىم،ئەۋۇ ئۇستىدىكى قۇرلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇڭ.



、ئۈستىدىكى قۇرلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇغان.


سىز ھېچ بولمىغاندا ،19- ئەسىرلەردە رۇس تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەنى......دەپ ئالغان بولسىڭىز چۈشىنىشلىك بولاتتى. مېنىڭ قارىشىمچە مەلۇم ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ياكى ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگەن بولسا، بۇنى \"دەپتەرلىرىگە پۈتۈشكە ئالدىراپ \"دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ، ئارىدىن 1000يىل ئۆتكەن ئىشنى \"دەپتەرگە پۈتكەن\" دەپ ئالساق ئۇقۇم توغرا ئىپادىلەنمەيدۇ.



مۇشۇ گەپ توغرا بوپتۇ، بولمىسا ئۇقۇم خاتا بولۇپ قالىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپنى بىرىنچى بولۇپ روسلار يېزىپتىكەنمۇ؟ ئۇنىڭسىزمۇ يولداشلارنىڭ تارىخچىلىرى قەلەملىرىنى ئۇچلاپ تەييار تۇرغان بولغىيدى؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 18:41:51

يېقىندا رۇسلار بايقىدىمۇ ئامىركىلقلار بايقىدىمۇ مۇڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان شەھەر خارابىلىرى بايقالدىغۇ دەيمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكىلەر قىرغىز ۋە مۇڭغۇللارغا ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچى ئەمەس، نىسبەتەن مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر.

بۇ زىمىنغا كىيىن كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلار مال باقىمىز دەپ تاغقا چىقىۋالدى، ۋولگا دەريا بۇيدىن كۆچۈپ كەلگەن قالماقلارمۇ تاغقا چىقىۋالدى. پەقەت 840-يىللىرى مۇڭغۇل ئىگىزلىكىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارلا دىھقانچىلىق رايۇنلىرىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشتى.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 19:02:51

ھون دىگەننىڭ مەنىسى قىر ئۇيغۇرلىرى دىمەكتۇر، شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى(ئۇيغۇر) دەپلا ئاتىغان ياكى ئوغۇز دىگەن،9- ئەسىردىكى مۇتەپەككۇر شائىر سىڭقۇسەلى تۇتۇڭنىڭ قەلىمىدە ھون ئاتالمىسى(يوچۇل بۇدۇن) تېرىقىسىدە كەلگەن. Bayawan يولداشنىڭ دىمەكچى بولغىنىمۇ ئۇيغۇر ياكى ئوغۇز لارنىڭ مەدەنىيەتلىك شەھەر خەلقى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇئامىرىكا ئالىملىرىنىڭ ئۇ تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى مەنمۇ كۇرگەن،تاپ-تاقىر دالىلاردا قەدىم شەھەرلەرنىڭ چىڭدالغان ئۆللىرى مانا مەن دەپلا چىققان.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 08:14:36

‏‏ئۆردەك بوۋاي،سىز يەنە بىلجىرلىغىلى تۇردىڭىز،سىزنىڭ ناھايتى چوڭقۇر تارىخ قىزغىنلىغىڭىزبار،ئۇنى بىلىمەن،ئەمما سىزدە يەنە تاشقۇن بىر ھاكاۋۇرلۇق باركەن،مەيلى سىز شۇ نەرسىگە شۇ قارىشىڭىزنى ئەركىن ئوتتىرىغا قويۇڭ،لىكىن ھەرگىز يەنە بىر باشقا مىللەتنى تۈۋەن كۆرۈپ،چۈشۈرۈپ ئاندىن ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىماڭ.

‏ھازىرقى دۇنيا ،ھازىرقى ئىلم ئەھلى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك نانقىپى ئەمەس،نۇرغۇن ماستىر،دوكتۇر ئاسپىرانتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۋاتىدۇ،نۇرغۇن پىراپپىسورلار تەتقىقات بىلەن مەشغۇل،نۇرغۇن يىللنىڭياغىزى شۇلارنىڭ قولىدىن ئىز بىسىپ ھەرخىل تارىخى ئىلمى ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى،بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئىلمى قىممىتى يوقىرى ئەمگەكلەردۇر،چەتئەلنىڭ ئىلمى تەتقىقات مىخانىزىمىنى،تۈزۈمىنى مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇر چەتئەل كۆرگەن باللادىن سوراپ باقسىڭىز بىلىسىز،قىممىتى يوق ئەسەر بىلەن دوكتۇر،پىراپپىسور بولالمايدۇ.مىسالغا ھون-تۈركلەر تارىخىدا گەرچە ئۇ-بۇ يەردە تالاش تارتىش بولسىمۇ،ئەمما بۇ تارىخنىڭ چوڭ مۇھىتىدا،پۈتۈنلۈك قارىشىدا تالاش-تارتىش يوق.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 08:55:30

يەنە بىرسى،سىز قىرغىزلادىن باشقا مىللەتنى بوزەك قىلالامسىز؟ئالدىنقى نۆۋەت قىرغىزلار بۇلاڭچى قاراقچى دىگەنتىڭىز،قىرغىزلامۇ سىزگە ئوخشاش ياۋاشلا ياشاۋاتمامدۇ؟بۇ گەپنى باشقا ئۇيغۇر يولداشلاغىمۇ دىگۈم بار،سىلەر بارغانسىرى خ مىللىتىگە ئوخشاپ قىلىۋاتامسىلەر قانداق،ئەمدى ياماندىن قورقۇپ ياۋاشنى بوزەك قىلغىلى تۇردۇڭلار،ئۆزبەك يولداشلار ياتلاشقانسىرى ئارقىسىدىن قوغلىدىڭلار،ئەلبەتتە ئۇيغۇر-ئۆزبەك بىر ئۇدۇندۇر،قازاقلارنى چۈشۈرگەنتىڭلار،قازاق يولداشلار قازاق مەمىلىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن غورورلىنىپ قاتتىق بولدى،قازاقنى بولىدىكەن،ئەسلى چىرايلىقكەن،يامانكەن دىيىشكە باشلىدىڭلار،تاجىكلار مەيلى قانچە نامىرات بولسۇن يانا ئوخشاشلا قىرىنداش قاتارىدا كۆرىسىلەر،قۇربان ھېيت دەگەندەك بايراملاردا تاجىكچە نومۇر بارلىكى بار،ھەتتا 2012-يىللىق قۇربان ھېيت كىچىلىگىدە شىنجاڭدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نۇمۇرى كۆرسىتىلدى،ئەمما قىرغىزچە يوق،دىكتورلار ھەتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزدىغانلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزلارنى ئاتىماي ئۆتەپ كەتتى،بۇنداق ئىشلارنى خ لارمۇ بەك جىق قىلاتتى.

‏مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم،قىرغىزلارمۇ سىلەرگە،باشقا تۈركى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئاددى-ساددا مىللەت،ھەتتا مىنىڭ تارىخى قارىشىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ يېقىن خوشنا ئۆتكەن مىللەتتۇر،تىلىمۇ ئەمەلىيەتتە ناھايتى يېقىن،شىۋەنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۆزبەكچىدىن يېقىن دەپ ئويلايمەن،بۇ شەخسى قاراش.‏

تارىخ دىگەندە مەڭگۇ ياخشى ئۆتتى دىگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ،بىر ئائىلىدىمۇ،ھەتتا مىللەت ئىچىدىمۇ جەڭگە -جىدەل ئۈزۈلمەيدۇغۇ،ئەينى يىللىرى قىرغىزلار ئاناساي بويلىرىدا ئۇرخۇن خانلىغىدىن بۇرۇنلا خانلىق بۇلاپ ياشىغان ئىدى،ھەم بىز ئېيتىۋاتقان ھونلارنىڭ يەنە بىر تەركىبى قىسىمى ئىدى،بىلىشىمچە قىرغىز خانلىغىدىمۇ ياغلاقارخان دىگەن خان بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن،بەزى قىرغىز تەھلىلچىلىرى ماناس ئىپوسى بىلەن ياغلاقارخان تارىخلىرىنى سىلىشتۇرۇپ،ماناس بىلەن شۇ ياغلاقارخاننى بىر كىشى دىگەنلەرمۇ بولدى،سەل تىمىدىن چەتنەپ كىتىپتىمەن،دىمەك،شۇيىللىرى ئۇيغۇرلار كۈچىيىپ قىرغىزلارغا باستۇرۇپ كەلگەن،بۇنى قىرغىزلارمۇ بىلىدۇ،ئەمما نىمىشقا بۇ يەردە قىرغىزلار كۈچەيسە بولمايدۇ؟قىرغىزلار ئۇيغۇرلارغا(ئۇرخۇندىكى) ئىگە بولسا بولمايدۇ؟بۇ خ لارنىڭ ئىدىئولوگىيەسىمۇ قانداق؟ئۇنداقتا شۇ ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىگە چوڭ ياردەمدە بولاپ كۆك تۇرك سۇلالىسىنى يېقىتتى،بۇنىڭغا باشقا تۈركى خەلىقلەرھازىرقى ئۇيغۇرلارغا گۇناھ قويسا مۇۋاپىقمۇ قانداق؟ئەينى يىللىرى ئۇرخۇن خانلىغى يەنە باشقا قەۋىملەرگە ھۇجۇم قىلدى،باشقىلاردىن مۇداپىيە كۆردى،بۇنىڭدا قىرغىز قوشۇنلىرىمۇ ھەمىرا بولىدۇ(مۇستەملىكە بولغاندىنكىيىن)،ئۇنداقتا بۇ ھەمقانلىقمۇ ئەمەسمۇ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 09:08:49

ئورخۇن خانلىقىنى قىرغىزلار يىقىتىۋەتكەن بولسا، قىرغىزلار ئورخۇن يايلىقىدا يەنە بىر دۆلەت بەرپا قىلالماقتا يوق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ماڭغان يۆنلىش بويىچە غەربكە كۆچىدۇ؟ ئۇ زېمىندا ئەسلى قىرغىزلار قېلىشى كېرەك ئىدىغۇ!

سەۋەب شۇكى، ئورخۇن دۆلىتىنىڭ خاراپلىشىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەبئىي ئاپەت!

قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى بولسا تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق ۋەقە. لېكىن بۇ ئەرزىمەس ۋەقەتنى ئورۇسلار ئاساسلىق سەۋەبلەر قاتارىغا تىزىپ، ئۇيغۇر بىلەن قىرغىزلاردىن ئىبارەت ئىككى قېرىنداشنى بىر-بىرىگە دۈشمەن كۆرسەتمەكچى بولدى. بۇ دەل ئەينى ۋاقتىدىكى ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرنى ئىچىكى زىدىيەتكە سېلىپ، ئاجىزلاشتۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى تۈركىي قەۋىملەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش مەقسەتلىرىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

مەن ئۇردەك ۋە دۇراكلار ئېيتقان مەزمۇننى شۇنداق دەپ چۈشەندىمغۇ!

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 09:38:51

‏قىرغىزلارنى كۆپ ئۇيغۇرلار چۈشەنمەيدۇ،قىرغىزلار گەرچە قىر مەدىنىيىتىگە تەۋە بولسىمۇ،ئەمما ئۆزىگە تۇشلۇق ئۆتمىشى بولغان،ھازىرى بولسا بىر كەمبەغەل مەمىلىكەت،كەمبەغەلچىلىكتە ھەر سەتچىلىك بولىدۇ،شەخسەن مەن ئۇيغۇرلارغا چەكسىز مىھىر -مۇھەببىتىم بىلەن قارايدىغان ئادەمگە ئۇيغۇرلاردىن قىرغىزلارنىڭ يامان سۈپىتىنى ئاڭلاش ناھايتى بىئارام قىلىدۇ،ئەلبەتتە،قىرغىزلاردىن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاڭلىغىم يوق،ئەمما نىمىشقىكىن،ئەتىراپىمدىكى قىرغىزلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

‏قىرغىزلار تارىخدا كۆپ قىرىلغان،كىيىن كۈچەيگەن ياخشى مەدىنىيەتكە ئىگە بولغان تۈركى قەۋىملەرگە ئىسىتخېيلىك ھالدا قوشۇلۇپ كەتكەن،شۇڭا ھازىر نوپۇسى يا ئاز ئەمەس،يا كۆپ ئەمەس ھالەتتە،بۇنداق نوپۇس كۆپلىگەن ئىستىراتىگىيە نوقتىسىدىن ئالغاندا بەك پاسسىپ بىر ھالەتتۇر،مەسىلەن مىللەت تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى،مىللەتنىڭ ئۆنىۋېرسال كۈچىنىڭ تېزدىن ئۆسىشى قاتارلىق،ئەلبەتتە،قىرغىز قىر مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان شەھەر مەدەنىيىتىدىن يىراق بولغان رىياللىقمۇ باردۇر،ھەممە،ئۆزگۈرۋاتىدۇ،قىرغىزلارنىڭمۇ تېزدىن كۆتۈرۈلشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرسەك دەپ ئۈمۈد قىلىمەن.

‏ھە راست،ئۆتكەنكى قىرغىز-ئۆزبەك توقۇنىشى توغرىسىدا،مىنىڭچە مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇر يولداشلارمۇ يېرىم-ياتا،ياكى بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلار بىلەن لىق تولدى دەپ ئويلايمەن،مۇشۇ توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بىرىپ،قىرغىزلارنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاتقۇم بەك بار ئىدى،بۇنى باشقا خەنسۇچە ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدى كۆپ ئۇچۇر قىلغان ئىدىم،چۈنكى مىنىڭ مەيلى قىرغىز-ئۆزبەك بولسۇن ياكى قىرغىزلار بىلەن باشقا تۈركى مىللەتلەر ئارىسىدا بۇنداق ئۇقۇشماسلىقنىڭ قەتئى بولماسلىغىنى،ھەم تۈركىلەرنىڭ خەلقئارا چوڭ سىياسەتنىڭ قۇربانى بولمسلىغىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم، بۇنى بەلكىم بىر يازارمەن، ۋاقىت سەۋەبى ھازىر يازالمايدىغان بولدۇم،ئىمما خۇلاسەمنى ھەرقايسى قىرىنداشلارغا دەپ قويغۇم بار: قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇشتا،480كىشى ناھەق قازا بولدى،3/2سى ئۆزبەك قىرىنداشلار،3/1قىرغىزلار قىرىنداشلار،مىللەت ئارىماي ھەممىسى قەبئى ئۆلتۈرۈلدى،ئۆزبەكمۇ شۇ،قىرغىزمۇ شۇ،باشقاجىنايەتلەر ئۆزبەككىمۇ كەلدى،قىرغىزنىڭ بىشىغىمۇ خىلى كەلدى،ھەممىسىنىڭ ۋىدىوسى ۋە رەسىملىرى بار.توقۇنۇشنىڭ كىلىپ چىقىشى،1-رايوندىكى ئۈچ چوڭ سىياسەتنىڭ مەنپەئەت توقۇنىشى،2-قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئۆزبەك قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ توقۇنۇشنى كۈچەيتىشى،3-چەتئەل باندىت كۈچلىرىنىڭ ئارىغا كىرىپ ،قىرغىز ۋە ئۆزبەك كىشىلىرىنى رەھىمسىز ئۆلتۈرۈپ،بۇ خەۋەرنى قىرغىزلارغا ئۆزبەك ئۆلتەردى،ئۆزبەكلەرگە قىرغىز ئۆلتەردى دىگەندەك قەستەن ئۇقۇشماسلاقنى تېرىدى.

‏تەپسىلاتىنى يېزىپ بولغىلى بولمىدى،ئۆزۈرۇھ سورايمەن،ھەممىڭلارغا سالامەتچىلىك بولسۇن!

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 09:47:07

تېما يازغاندا كەمتەر بولۇپ دىمەكچى بولغانلىرىمىزنى دوستانەيوسۇندا توغرا ئىبارە بىلەن ئىپادىلىسەكمۇ تورداشلارغا يەتمەكچى بولغان بىلىم يېتىدۇ ، ئىبارىدىكى قالايمىقانچىلىق ئۆزارا خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا بۇ تېما ئەھمىيىتىگە قارىغاندا زىيىنى چوڭ بولۇپ قالىدۇ ، دىمەك تېما ئالدىن پەرەز قىلىنغاندەك ئەپسۇسلىنارلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەپتۇ ، بۇ ئەلبەتتە ئىككى خان جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش ئىختىلابى تېمىدا مىللەتپەرۋەرلىك جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇلغاچقا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى تەبىى ، ئەلبەتتە مىللەتچىلىك بىر زەھەرلىك ئوت ، قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى كۆيدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ كىشى ئالدىدىكى ئوبرازىمۇ كۆيۈپ كۈل بولىدۇ ، ...



دەرھەقىقەت ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار قەلبىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىئامال شەكىللەنگەن مىللەتپەرۋەرلىك ، يۇرتۋازلىق ، مەھەللىۋازلىقتەك خاتا خاھىشلار ئىللەت قاتارىدا ئىبرەت ئېلىنغۇسى ، ئىنشا ئاللاھ .

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 09:55:50

ئالدىنقى كۈنلىرى كىتاپخانىدىن چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ بىر يۈرۈش كىتاپلىرىنى سېتىۋالدۇق ، مەن قىرغىز قېرىنداشلارنى ساۋاقداشلىق مەزگىلىمىزدە ، كېيىن سابىق سوۋېتتا ئىشلەنگەن « جەمىلە » ناملىق ئايتماتوفنىڭ پوۋېستدىن ئىشلەنگەن كىنولىرى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن ، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا بېيجىڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىدا ئوقۇيدىغان بىر قىرغىز دوستىمىز بولىدىغان ، قويۇق ئالاقىلىشىدىغان ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلدى ، بەلكىم ئۇ ھازىرغىچە چوڭ ئۆلىما بولۇپ كەتكەندۇ ... بىز ئاۋام خەلق ، چۈشىنىشسەك مىجەز خۇلق ۋە قىممەت قاراش جەھەتتە ھىچقانداق پەرق يوقلىغىنى ھىس قىلىمىز ،

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 10:11:58

‏‏ئۆردەك بوۋاي،سىز يەنە بىلجىرلىغىلى تۇردىڭىز،سىزنىڭ ناھايتى چوڭقۇر تارىخ قىزغىنلىغىڭىزبار،ئۇنى بىلىمەن،ئەمما سىزدە يەنە تاشقۇن بىر ھاكاۋۇرلۇق باركەن،

راس مەن بەك ھاكاۋۇر، شۇنچىلىك ھاكاۋۇرمەنكى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىم مىنىڭ ئەڭ چوڭ ھاكاۋۇرلۇقىمنىڭ سەۋەپچىسى،سەۋەپ شۇكى بۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى ئورنى، شانۇ - شۇۋكىتى ھەممە مىللەتنى بىئىختىيار ھەسەتكە سالىدۇ، شۇنۇڭ ئۇچۇن پۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرنى چۇكۇرۇشكە، كۇرمەسكە سېلىشقا،يوقۇتۇشقا كۇچەيدۇ،مۇشۇنداق شارائىتتا ھېلىقى ھاكاۋۇرلۇغۇم، ئىپتىخارانە مەپتۇنكارلىغىم ماڭا ھەم ئوزۇق ھەم مەدەت بولىدۇ، مەم ماناسنى تەتقىق قىلغان،ئۇنىڭدا مۇنداق بىر گەپ بار(لوپنۇرداقى قىرغىزلار كەلدى) ، بۇ مەزمۇنلارنى كۇرۇپ ئۇز ۋاختىدا كۇلگۇم كەلگەنتى، ئەندى كۇلمەيمەن، چۇنكى غورۇرىمىز نى،ئېسىل قەۋىملىقىمىزنى جىمى تارىخچىلار بىلىپ بولدى،روسمۇ ،خەنمۇ،ئېنگىلىزمۇ ھۇللاس ھەممىسى تارىخنى ئۇزگەرتىپ يېزىپ بىقىشتى،بەرىبىر ئۇ تارىخ ئۇزلىرىگە يېقىشمىدى، گۇماندا ھەسەتتە پوچولۇنىشتى،قانداق قىلىشسۇن بىچارىلەر.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 10:21:00


25- قەۋەتتىكى chonggheywetchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏ئۆردەك بوۋاي،سىز يەنە بىلجىرلىغىلى تۇردىڭىز،سىزنىڭ ناھايتى چوڭقۇر تارىخ قىزغىنلىغىڭىزبار،ئۇنى بىلىمەن،ئەمما سىزدە يەنە تاشقۇن بىر ھاكاۋۇرلۇق باركەن،مەيلى سىز شۇ نەرسىگە شۇ قارىشىڭىزنى ئەركىن ئوتتىرىغا قويۇڭ،لىكىن ھەرگىز يەنە بىر باشقا مىللەتنى تۈۋەن كۆرۈپ،چۈشۈرۈپ ئاندىن ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىماڭ.

‏ھازىرقى دۇنيا ،ھازىرقى ئىلم ئەھلى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك نانقىپى ئەمەس،نۇرغۇن ماستىر،دوكتۇر ئاسپىرانتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۋاتىدۇ،نۇرغۇن پىراپپىسورلار تەتقىقات بىلەن مەشغۇل،نۇرغۇن يىللنىڭياغىزى شۇلارنىڭ قولىدىن ئىز بىسىپ ھەرخىل تارىخى ئىلمى ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى،بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئىلمى قىممىتى يوقىرى ئەمگەكلەردۇر،چەتئەلنىڭ ئىلمى تەتقىقات مىخانىزىمىنى،تۈزۈمىنى مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇر چەتئەل كۆرگەن باللادىن سوراپ باقسىڭىز بىلىسىز،قىممىتى يوق ئەسەر بىلەن دوكتۇر،پىراپپىسور بولالمايدۇ.مىسالغا ھون-تۈركلەر تارىخىدا گەرچە ئۇ-بۇ يەردە تالاش تارتىش بولسىمۇ،ئەمما بۇ تارىخنىڭ چوڭ مۇھىتىدا،پۈتۈنلۈك قارىشىدا تالاش-تارتىش يوق.




مۇنازىرىدە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقوقى بار ،ياكى سىزنىڭ دوكتور-پراففىسورلىرىڭىز شۇزاماندا ياشاپتىكەنمۇ؟ پەقەت قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدا خانلىق ئاغدۇرۇلمىدى دىگەن گەپ قىرغىزلارنى كەمسىتكەنلىك ھېساپلىنامدىكەن،سېزىمىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟


helloworld يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 10:56:00

قۇساق تۇيۇپ ئاشقازان كۈپۈپتۇ ھە باللا .

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 15:50:36

ئىنكاسلار بارغانسېرى ئەرزىمەسقۇتۇپقاقاراپئۇزاپتۇ ....   \"\"

Chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 16:38:17

31- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏راس مەن بەك ھاكاۋۇر، شۇنچىلىك ھاكاۋۇرمەنكى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىم




‏‏سىزنى باشقىلار بوۋاي دىگەن ئىدى،يېشىڭىزنى بىلمىسەممۇ بەلكىم مويېسپىت كىشى بولىشىڭىز مۈمكىن،شۇڭا،بىرىنجى ئىنكاسىمدىكى بىرىنجى جۈملە سۆزۈمنى سىزگە مۇۋاپىق كۆرمىدىم،شۇ جۈملە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.
‏سىزنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىڭىزدىكى ھېسىياتىڭىزنى ھۆرمەت قىلىمەن،مىنىڭچىمۇ ئۇيغۇرلار مەدىنىيەتلىك،ئېسىل مىللەتتۇر،شۇنداقلا ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان تەرەپلىرى بار،ئۆزىنى ياخشى چاغلايدۇ.ئەمما بۇنى تەكىتلەشكە ،تەشۋىق قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇلنى تاللاش كىرەك دەپ ئويلايمەن،مەن خەقتىن يامان،خەق مەندىن پەس ،دەيدىغان شوۋۇنىزىمچە قاراشنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىمۇ كۆپ،تارىخ بۇنىڭ گۇۋاسى.مىنىڭ قارىشىم بويىچە،دۇنيادا قەستەن بىرپىلاننىڭ دەسمىيسىگە چۈپ كەتكەن خەلىق بىر ئۇيغۇرلارلا بولمىسا كىرەك،دۇنيا يۈزىدىن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ بىگۇنا دۇنيا جامائىتىنىڭپەقەت بىرسى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز.

مىنىڭچە،‏ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق تۈركى مىللەتيېقىنتۇغقان كۆرىدۇ،ئوخشاشلا،ھەرقانداق بىر تۈركى مىللەت باشقا بىر تۈركىلەرنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىنى ئىستەيدۇ،ھازىر ئۇيغۇرلارلا ئەمەس كۆپساندىكى تۈركىلەر ئۆزىنى ئوڭشالمايۋاتىدۇ،ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۈركى مىللەتلەردە يەنە كۆپلىگەن ئۇقۇشماسلىقلار مەۋجۈت،كىيىن قانداق بولىدۇ بۇ مەن سىز ھەممەيلەننىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق.‏‏












shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 20:09:39

ھېسسىياتغا تايىنىپ كۆپۈپ سۆزلەيدىغانلار ئاز ئەمەسكەنمىز، ئىشقىلىپ!

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 22:01:59

چوڭ غەيۋەتچى، گىپىڭىز ئورۇنلۇق، بىراق تىمىغا سەل سەزگۈر بولۇپ كەتكەندەك قىلىسىز. ئۆردەك بوۋاينىڭ تەكىتلەۋاتقىنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆز مەنپەتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ يىزىلىشىغا بولغان نارازلىق. ھەرگىزمۇ تارىختىكى ياكى ھازىرقى دەۋىردىكى قىرغىز ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى مەسلىسى ئەمەس.

تارىختا ھەممە مىللەت خەقلەرنى بويسۇندۇرۇپ باققان، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.تارىختا ئۇيغۇرلار قىرغىزلارغا جەڭدە يىڭىلگەن بولسا ئۇ غەزەپلىنىپ ياكى نومۇسلىنىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. يايلاقتا كۈچ ئالمىىشىشى خۇددى تاغنىڭ ھاۋاسى كۈندە نەچچە ئۆزگەرگەندەك نورمال ئىشلار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىكى ئۇيغۇر، قىرغىزلار بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىزلار تەڭداش دەپ قاراش، شۇ ۋاقىتتىكى زىددىيەتلەرنى ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە زورلاپ قىستۇرۋىلىشلارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق. بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر قەبىلە بويىچە ئايرىلدىغان دەۋىرلەرگە قارىغاندا كۆپ قويۇق، ھەم ئۇنىڭدىن كىيىنكى مىڭ يىللىق تارىختا ئۇيغۇر قىرغىزلار ئەتراپتىكى خەلىقلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ ھەتتا بىۋاستە ئارلىشىپ كەتكەن. شۇڭا تارىختىكى ئىشلارنى بۈگۈنگە سۆرەپ كىلىش پەقەت مىللەتلەرنى بۆلۈپ پارچىلاپ باشقۇرۇش تاكتىكىسى بويىچە ئىش قىلۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ نەزىريەلرىنى بىلىپ بىلمەي قوبۇل قىلۋالغان ئىلىم ئەھللىرى ياكى نادان تار مىللەتچىلەر دىسەك ئارتۇق كەتمەس.

بىزنىڭ يۇرتىمىزنى مىسالغا ئالسام قەشقەر كوناشەھەر بۇلاقسۇدا قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان كەنىتلەر بار، مۇش يىزىسىدىمۇ قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان جايلار بار. ئۇيغۇرلار بىلەن ئارلاش ياشايدۇ، تىل مەدىنيەت جەھەتتىن بىر بىرگە سىڭىشىپ كەتكەنكى سورىمىسڭىز قىرغىز دەپ ئويلىمايسىز، سىز كۆرگەن ئۇيغۇر دىھقانلىرىدىن قىلچە پەرىق قىلماس بولۇپ كەتكەن. مۇشۇ قىرغىزلاردىن چىققان بىر ئوقۇتقۇچى مىنىڭ تولۇق ئوتۇردىكى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئوقۇتقۇچۇم ئىدى. بەلكىم كىم ئۇقىدۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىزلار ئارىسىدا ياشاپ قىرغىز قىرىنداشلارغا مەدىنيەتتىن سىڭىپ كەتكەن قانچە ئۇيغۇر بار. شۇڭا ھىسياتقا تايانغان ھۆكۈملەر، تارىخى جەڭگى جىدەللەر دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن بۈگۈن قان قىرىنداش بولۇپ ئۆتىۋاتقانلارنىڭ ھىسياتىغا ئازار بىرىشنىڭ ھىچ يىرى توغرا ئەمەس.



ئۆردەك بوۋا، تارىخقا بولغان ھەۋىسىڭىز ھەممىنى قايىل قىلىدۇ، بىراق بەزىدە ھىسسى ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ قالىسىز. ھەر قانداق دۆلەت، ئىمپىريىنىڭ گۈللىدىغان يەنە يىقىلدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇيغۇر دۆلىتى ھاكىميەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر، تەبىي ئاپەت قاتارلىقلار سەۋەپلەر بىلەن ئاجىزلاشقان ۋە ئاخرى توختىماي ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغان قىرغىزلارنىڭ زەربىسى بىلەن ئۈزۈل كىسىل يىقىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى قىرغىزلارنىڭ ھوجۇمىدىن كىيىن بولغان ئىشلار، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆچۈش پىلانلانغانلىقىغا ئائىت ھىچقانداق خاتىرە يوق. ئۇيغۇرلار(تۈركلەر) ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ بىلدىغان ئۇرخۇن دەرياسى ، ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن كۆچۈپ كىتىشىگە ھەرگىز بىر تەبىي ئاپەت سەۋەپ بولالمايدۇ. ئىنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزلار ئۈستىگە قىلغان نەچچە ھەربى يۈرۈشلىرى ۋە باستۇرۇشلىرى قىرغىزلاردا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغان. كىيىن پۇرسەت تاپقان قىرغىزلار ئۇيغۇرلارغا قىساس خاراكتىرلىق ھوجۇم قىلپ ئۆچىنى ئالغان، شەھەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تولۇق ۋەيران قىلغان، مۇشۇنداق بىىر قىيىن شارائىت ئاستىدا ئاندىن ئۇيغۇرلار كۆچۈشنى تاللىغان دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتىىكى قىرغىزلار باشقا تۈرۈك ھاكىميەتلىرىگە ئوخشاش توزۇپ كەتكەن خەلىقلەرنى يىغىپ ئۇيۇشتۇرۇپ قايتىدىن دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا ئىنتىلمىگەن. بۇنىڭ سەۋەپلىرى بەلكىم قىرغىزلاردا كۈچلۈك ھاكىميەت ئەنئەنىسى بولمىغانلىقى ياكى قىرغىزلارنىڭ ئون ئوغۇز، توققۇز ئۇيغۇر دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان تۈركى خەلىقلەر بىلەن تۈپتىن پەرىقلىندىغان باشقا بىر خەلىق بولىشى مومكىن دىگەندەك قاراشلار بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھونلارنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ زەربىسى بىلەن يىنشەن تاغلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلەن سىلىشتۇرۇش مومكىن.


Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 22:14:26

ئەگەر قىرغىزلار ھوجۇم قىلىشقىلا كۈچىمەي پۈتۈن يايلاق خەلىقنى يىغىپ ئارامچىلىق بىرىپ سىياسى ھاكىميەت تەشكىللەپ 100 يىل ھوقۇق سۈرەلگەن بولسا بۈگۈن بەلكىم ئۆزىمىزنى قىرغىز دەپ ئاتاپ يۈرگەن بولىشىمىز مومكىنتى. يايلاقتا كىم ھوقۇق تۇتسا خەلىقمۇ ئەگىشىپ شۇ نام بىلەن ئاتىلدىغان ئەنئەنە مەۋجۇت. ھونلار، تۈركلەر دىگەن نام قەبىلە نامىدىن دۆلەت قۇرغانلىق سەۋەبىدىن پۈتۈن يايلاق خەلىقنىڭ ئورتاق نامىغا ئۆزگەرگەن.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 07:27:05

‏تەپەككۈرچى،گىپىڭىزنىڭ ئورامىنى چۈشەندىم.ئالدىنقى بىر قېتىممۇ ئۆردەك بوۋاي قىرغىزلارنى مەسخىرە قىلغاندەك ئىنكاسلاردا بولغان ئىدى،شۇڭا بۇ ئىنكاسلارنى يېزىپ باققان ئىدىم،ئۆردەك ئەپەندىم بىر ئىلىمخۇمار ئادەم بولسا كىرەك،تور يۈزىدە ئۇ كىشىگە ئەگىشىدىغان،ياكى ئۇ كىشىنىڭ يازمىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ بولىدۇ دەپ قارايمەن،قىرغىزلار توغرىسىدا بولغاچ مەن شەخسەن قىرغىزلارتوغرىسىدا ئۇچۇرقوشۇپ قوياي دىدىم،دۇراك ئەپەندىم ئېيتقاندك،گەپلەر تەڭپۇڭ دېيىلگەن بولسا(ئەگەر بوۋاينىڭ ۋە بەزى تورداشلارنىڭ بۇرۇنقى ۋە بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلىرى نورمال دەپ قارىسىڭىز،مىنىڭ ئارتۇق گىپىممۇ قالمايدۇ،لىكىن يەنە كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتچان تورداشلارنىمۇ كۆردۈم،ئۇلارغا رەخمەت) مىنىڭمۇ بۇنچىلىك ئىنكاسلاردا بولىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.يەنە بىرى،يازغاندىن كىيىن قىرغىزنى ۋە بەزى ئويلىغانلىرىمنى كۆپىرەك يېزىپ قوياي دەپ ئويلاپتىمەن،بىلىپ قويغانغا زىيىنى يوق،باشقا تېمىلارغا چات كىرىۋېىلپ قىرغىز مانداقتى دەپ يۈرگىلى بولمايدۇ،شۇڭا بەلكىم ئاشۇرۋەتكەندەك تەسىر بىرىپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن،ھەممىڭلاردىن ئۆزىرە سورايمەن.

‏يەنە بىرسى تەپەككۈرچى،مەن بۇ تېمىدا تارىخ توغرىسىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىپادە بىلدۈرمۈدىم،ماڭا قارىتىپ يازغان ،تارىختىكى ئۇقۇم بىلەن ھازىرقى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۋەتمەيلى، دىگەن گېپىڭىزنى بەلكىم ئۆردەك بوۋايغا، پۈتۈن تورداشلارغا دىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن،ماڭا دىدى دەپ ئويلىمايمەن،مەن سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش قاراشتا.
بەت: 1 [2] 3 4
: قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە