تۇمارىس، سىزچە قىزلارنىڭ مەسىلىسىنى قىزلاردىن باشقىلار ھەل قىلالمامدا؟!
ئەگەر، ئېكرانىڭىز ئېلېكتىرون ئېقىملىق ئېكران بولسا، مۇمكىنقەدەر تېزدىن كىرىستال ئېكرانغا ئالماشتۇرۇڭ.
ئەگەر، ماشىنا ساندۇقىدىن ئۆرلىگەن ئىسسىق ھاۋا ئۈستەل ئاستىدىن سىز تەرەپ ئارقىلىق ئۆرلەۋاتقان بولسا، بۇ يالغۇز ئېكراننىڭلا گۇناھى ئەمەس، زەرەتلەنگەن ئىسسىق ھاۋادىكى دانچىلار كىيمىڭىزگە ۋە يۈزىڭىزگە سۈركىلىپ قونۇپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە كىيىمەە دانخورەكتەك نەرسىلەرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەم بەدىنىمۇ ئىسسىقلىق مەنبەسى بولغاچ، ساندۇق ۋە بەدەندىن ئۆرلىگەن ھاۋا يۈزىڭىزنى سىپاپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن: ماشىنا ساندۇقىنى چەتلىتىڭ؛ ماسكا تاقاپ ئولتۇرۇپ ئون كۈن چىداپ سىناپ بېقىڭ.
ئۆي ئىچىدە نەملىك تۈۋەن بولسا، مۇۋاپىق ئورۇنغا گۈل قويۇڭ، يۇپۇرماقلاردىن تارقالغان سۇ پارى، ھاۋادىكى زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ زەرەتسىزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، زەررىچە- مىكروپلارنىڭ تېرە ۋە كىيىمگە قاراپ ماڭىدىغان ھەركەتلەندۈرۈش كۈچىنى يوقىتىدۇ.
پولغا سۈنئىي تالا، سۇلياۋ، تىۋىتلىق نەرسىلەر ياتقۇزۇلغان بولسا سۈرتۈش،سۈمۈرتۈش، ياكى يوقىتىش ئېلىپ بېرىڭ.
دەرىزىسى دەرەخلەرگە قارايدىغان يەردىن ئىشخانا تۇتۇڭ.
مۇۋاپىق بىلىنسە، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، سۈرتكۈچ بىلەن يۈزنى سۈرتۈشنى بىرەر ھەپتە سىناپ كۆرۈڭ.
@baqka سىزگە ئوخشاش سەمىمىيلىك بىلەن مەسلىھەت بېرىدىغانلار كاللامغا كەلگەن بولسا ئىدى، چوقۇم قىزلار تەرەپدارى بولۇپ يۇرمەس ئىدىم. رەھمەت سىزگە، تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.. سىز دېگەندەك ئەھۋاللاردىن راستىنلا مۇستەسنا ئەمەسمەن، كومپىيوتىر كىرىستال ئېكرانلىق. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئايرىم بىر ئېغىزلىق ئىشخانىغا يالغۇزلا چىقىۋالغىلى بىرەر ئايلارچە بولدى، كومپىيوتىردىن بىرنىلا قويدۇم. دەرىزىنىڭ تۈۋىدىلا چىملىق، دەل- دەرەخلەر ھەر كۈنى ئۇلارغا سۇ سىپىلىپ تۇرىدۇ شۇنداق ھاۋالىق. ئۇنىڭدىن باشقا دەرىزە تەكچىسىگە تۆت تەشتەك گۈل قويىۋالدىم، دەرىزىنىڭ ئىككى قانىتى ئىشقا كەلگەندىن تارتىپ ئىشتىن چۈشكىچە قەدەر ئېچىۋىتىمەن. پولغا سۈنئىي گېلەم سېلىغلىق ئىدى، سۈرتكۈچنى ھۆلدەپ سۈرتىۋاتقان ئىدىم قانداق بولار؟ @tumaris : قارىغاندا ناشتا قىلماسلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.----
سىزگە ئۆت لازىم ئەمەسكەن، ناشتىسىز ئادىتىڭىزنى نەچچە يىللا داۋاملاشتۇرسىڭىز، كېسىلىپ تاشلىۋېتىلىشى بەرھەق!.. قىلچە گۇمان قىلماڭ..

84- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@tumaris : قارىغاندا ناشتا قىلماسلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
----
سىزگە ئۆت لازىم ئەمەسكەن، ناشتىسىز ئادىتىڭىزنى نەچچە يىللا داۋاملاشتۇرسىڭىز، كېسىلىپ تاشلىۋېتىلىشى بەرھەق!.. قىلچە گۇمان قىلماڭ..![]()
ما ئىنكاسنى.
.دېمىسىمۇ قەتئىي توغرا گەپ.ناشتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ.ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ناشتا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ!
@baqka راستىمنى دېسەم 2007- يىلى 7- ئايلاردىن تارتىپ يېقىنغىچە تۈزۈكرەك ناشتا قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرتۈشتە ئۆت ئازراق ياللۇغلىنىشقا باشلاپتۇ، لېكىن دورا يىمە. ئوزۇقلىنىشقا دېققەت قىلىپ پەرھىز تۇتساڭ بولىدۇ دەيدۇ.


ئوپراتسىيىدە قۇرساقنى تەشكۈزۈش، مەس قىلىش ئۇكۇلىنىڭ بىزگە ئۆمۈرۋايەت قالىدىغان ئۇنتۇغاق قىلىۋېتىش تەسىرى دىگەنلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېتەرلىك مىقداردا ناشتىلىق يىيىش لازىم. چوقۇم ناشتىلىق قىلىۋىلىش توغرىسىدا مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ كۆرسەتمىسى بار. يۈزىڭىزدىكى داغقا پەمىدۇر سۈركەپ بېقىڭ .ئەگەر رادىئاتسىيەدىن بولغان داغ بولسا ،كومپىيوتېر ئالدىدىن بىرەر ئاي ئايرىلغۇدەك شارائىت بولسا ،ھېچنەرسە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ تەبىئىيلا خېلى يوقايتى .
بىزنىڭ ئۆيدە ناشتىدا بەزى كۈنلىرى سۈت (سۈتنى 17 تۈتۈندىكى تۇڭگانلاردىن ئەكىلىمىز ،پەقەت بولمىغاندا تاللا بازىرىدىكى 鲜奶 ئىچىمىز ،باشقا سۈتلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ ) بىلەن ئۆي خېمىر تۇرۇچى سېلىنىپ ئۆيدە يېقىلغان نان ،ياڭاق مېغىزى ،بادام مېغىزى ،ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم يېيىلىدۇ . بەزىدە ئۆيدە پۇشۇرغان بېچىنە-پىرەنىك بىلەن ناشتا قىلىمىز .بەزىدە ئۆيدە قايناتقان مۇراببا ،نان ،ياڭاق مېغىزى ،بادام مېغىزى بىلەن ناشتا قىلىمىز .چاينى يالپۇز بىلەن دەملەپ ئىچىمىز ،ئۇنتۇلۇپ قالمىساقلا ناشتىدا كىچىك بىر چىمدىمدىن سىيادان يەيمىز .

سىز دېگەن ئەتتىرگۈل مېيىنى توردىن زاكاس قىلىش ئىمكانىيتى بارمىدۇ؟ بۇ تەرەپتە بازاردىن تېپىش مېنىڭچە مۈمكىن بولماسمىكىن دەيمەن. توردىنغۇ زاكاس قىلغىلى بولىدىكەن ئەمما ئۆزىڭىز قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ پۇراپ ئالمىسىڭىز قانداق بولار

92- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توردىنغۇ زاكاس قىلغىلى بولىدىكەن ئەمما ئۆزىڭىز قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ پۇراپ ئالمىسىڭىز قانداق بولارپايدا قىلغان بولسا ئەمىسە باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ تۇرۇڭ ،يەنە كىملەرگە لازىمكىن تىزىملىۋېلىپ قىشلىق تەتىلدە قايتقاندا ئالغاچ باراي يا بولمىسا پوچتىدىن سېلىۋەتسەممۇ بولىدۇ.
ماڭا لازىم ..رەھمەت . شۇ ، ئەگە تەگسىلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ ؟..... ئىككىلەنمەي ئەگە تىگىڭ ، توي قىپ بىر ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز ، بۇ بەدەندىكى نورمالسىز خىلىتلارنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكى ، ھەرقايسى نىرىپلارنىڭ بىرخىل تەلىپى ... {:92:} nusrat يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 20:03 static/image/common/back.gif
توردىنغۇ زاكاس قىلغىلى بولىدىكەن ئەمما ئۆزىڭىز قولىڭى ...
مەنمۇ مۇشۇ سۇس داغنىڭ ئىشغا بېشىم قېتىپ يۈرگەن ئىدىم ، يۈزۈمنىڭ قۇلاققا يېقىن ئىككى تەرەپتە داغ پەيدا بولىۋالغىلى خېلى بولدى ، شۇنىڭغا ئۈنۈمى بولارمۇ ؟ قارىسام ئۈچ تۆت ئەر يولداشلارمۇ باركەن ، بۇ تىمىدا بىزگە ئىش يوق مىڭىڭلا باشقا تىمىغا كىرەيلى . ھىلىمۇ 2 يىل بولۇپ قاپتۇ سىلەر تۇرغىلى . dilnazuk يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 13:21 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ سۇس داغنىڭ ئىشغا بېشىم قېتىپ يۈرگەن ئىدىم ...
ئەتىرگۈل مېيى ، ياۋا ئەتىرگۈل مىۋىسى مېيى، لابوراتورىيەلەردە ئىشلەنگەن داغ يوقىتىش مايلىرى باركەن. ياۋا ئەتىرگۈل مېيىنىمۇ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دەپ ساپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن ياكى لابوراتورىيەلەردە ئىشلەنگەن خېلى كۆپ داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىغا قاتىدىكەن...سىزگە تەپسىلى ئۇچۇرىنى بىرەي. يۈزىڭىزنى بۈگۈندىن باشلاپ قەتتى يۇماڭ نەق كىلەر يىل مۇشۇ كۈندە بىر يۇيۇپ بېقىڭە ئالامەت ئۇنىمىنى كۆرىسىز
سۇغاق سۇدىمۇ بولاۋىرىدۇ جۇما نۇسرەت ،ماڭىمۇ لازىم ئىدى ساپ ئەتتىرگۈل مېيى،سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن. ئاتىياننىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ يېتىۋالدىم كۈلۈپ