12- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىلبۇدۇشقاق ماركىلىق مەلھىمى سىزگە ئەڭ پايدىلىق. چاپلىشىپ ئۆلتۈرىدۇ ھەممىنى.
9- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېزراق ئەرگە تىگىۋېلىڭ![]()
ياش ئېشىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان نەرسىلەر بۇ![]()
ھازىر بىرەرسىنى ئالدىۋالمىسىڭىز كىيىن ئالدىماق تەسكە چۈشىدۇ![]()
![]()
![]()
مېنى ئالداڭ دېمەكچىما؟؟؟ {:181:}
ھاي ھاي
سىز بۇنداق دەپ قويۇپ،پېيىمنى كىسىۋېتىدىغانلار چىقىپ قالسا،قايتىپ قالغىنىمدا ئۈرۈمچىگە چۈشەلمەي ئۇتتۇر تۇرپانغا كىتىدىغان بولۇپ قالماي جۇما
مەنمۇ بىرەرسىنى ئالداپ توي قىلۋالغىچە پەي لازىم ماڭا
ئۈرۈمچىگە چۈشسەڭلار مەن بار جۇما!!!!!! ھا ھا ھا، پەي ساق قالىدۇ دەيمەن. خاتىرجەم بولۇڭلار!!!!!
20- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن دەپ بېرەي بوپتۇ ، تەڭرىتاغ ماركىلىق ئۇندىن بىر خالتا ئېلىپ كۈندە ئۈچ ۋاق بېشىڭىزنى خالىتىغا تىقىپ بېرىڭ
پۈتۈن يالغان گەپ ماۋۇ. 1000000% {:181:} شۇنداق قىلىپ تۇمارىسنىمۇ قاچۇرۋەتتۇقما؟


لىكىن سىزنىڭ روھىڭىزنىڭ سۈزۈك ئىكەنلىكىگە ئىشنىمەن،
قىزلار قۇتۇلدىرۋىلىڭلار دەپ تولىسا ئوغۇللار يۈگۈرەپ كىرگىنمىز قىززىق ھە...
25- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ تۇمارىسنىمۇ قاچۇرۋەتتۇقما؟![]()
قاچۇرىۋەتتىمما دېمچەكچىمۇ ياكى؟؟؟؟ {:181:} سىز قاراۋاتقان ئەينەكتە چوڭ مەسىلە بولۇشى ئېنىق، سىزدەك گۈزەلنى شۇنداق كۆرسىتىپ قويغان ئەينەكنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئېگىز بېنانىڭ چوقىسىغا ئاچىقىپ، يەرنىڭ ئەق قاتتىق تەرىپىگە قەھىر بىلەن تاشلىۋەتمەك زۆرۆر

1. كۈندە ئەتىگەندە يۈزىگە يېڭى سۈت سۈرۈپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىدۇ
2. كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە، لىموننىڭ تەبىئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا تېرىنى ئاقارتىپ، يۈزدىكى داغ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ، لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
3. مەرۋايىت تالقىنىدىن ھەر كۈنى 2–3 گرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت تالقىنىنى گلتسېرىن بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى سىلىق، ئاق، سۈزۈك بولىدۇ . چۈنكى مەرۋايتتا ئاقسىلغا تەۋە كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىۋرو ئېلېمىنتلار بولۇپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ياخشىلاپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4......................
...... ۋاي يامان جىقكەن،ھازىرچە مۇشۇلارنى ھەزىم قىپ تۇرۇڭ !

مۇھىم گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تارىمى بىلەن گۈل ھەكىم دەپ بوپتۇغۇ ؟





مەنمۇ خاتا كىرىپ قاپتىمەن.

كۈندە ئەتتىگىنى ئىشەنچلىك ساپ ھەسەلدىن بىر-ئىككى قوشۇقنى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا سىلىپ ناشتىدىن بۇرۇن ئىچىپ بىرىشنى ئادەت قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا ئۈچەي، جىگەرنىڭ خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ. زەھەرلەر تازلىنىدۇ. تېرە سۈزىلىدۇ. تېز قېرىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. كەچتە تايىنى يوچ قىممەت مايلارنى ئىشلەتكەننىڭ ئورنىغا يۈزىڭىزگە ھەسەل سۈرۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەسەل ياكى سۈت ئىچىپ ئۇخلاڭ! ھەسەلنىڭ نوچىسى‹‹بىرزات ھەسىلى›› دۇر.

ھەي بۇدۇشقاق بۈگۈن يەنە ....... دە؟ {:92:}
سەمىمىي مەسلىھەت بەرگەن ئەزىزلەرگە رەھمەت! مىنىڭ قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلۇم مۇنداق: كۈندە بەش قېتىم يۈزۈمنى يۇيىمەن دېسەم يالغان گەپ بولۇپ قالىدۇ ئۈچ، تۆت قېتىم يۇيىمەن. كەچتە يۈزۈمگە سۇ تۇلۇقلاش مەلھىمى ئىشلىتىمەن. بۇ ئادەتلەر ئىزچىل... لېكىن شۇ ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىدىم، قارىغاندا ناشتا قىلماسلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن. ئەمما يەنىلا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشى..
گۈلھەكىم مەسىلھەتىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ئادەم دېگەن قانائەتسىز بولىدىكەن مۈكەممەللىككە ئىنتىلىدىكەن. ھەممە جەھەتتىن ئىمكان بار ياخشى بولسامكەن دەپ تىرىشىپ باقىدىكەنمىز. ئىنشائاللاھ ئەجىرگە چۇشلۇق مېھنەتلەر تاپقۇسى.
ئەسما مەندە قەۋزىيەت يوق بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم. ناشتىلىققا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ دېققەت قىلسام بولغۇدەك.
زىيالى مەن قېچىپ نەگىمۇ باراتتىم دەيسىز؟
جۇلالىق جانىم مېنى ئاسارە ئەتىقە قىلىپ قانداق قىلاي دېگەنيا؟
گۇدلاك ئاندا يالغان گەپ قىلماڭا ئەينەكتە مەسىلە يوق...

ۋايەي، ھەممەڭلارغا بىردىن ئىنكاس يازسام چوڭ ھەجىملىك بىر تېما بولغۇدەك... ئەتە قايتا كۆرۈپ ئۇيقۇم ئېچىلغاندا ئىنكاس يازاي. ھازىر ماۋۇ خەتلەر جايىدا جىم تۇرمايۋاتىدۇ. ئەمدى رەسمى قاچتىم....
