tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 17:49:47

توغراق:ئۇنداقتا«ئەر خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلاشمىساق»بولغۇدەك،ئۆزى بىر قارارغا كەلگەندە بىر گەپ بولا.



ھە راست تۇمارىس،سىزدىكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتىر رادىئاتسىيەسى تۈپەيلىدىن بولغان،بۇ ئىچكى ئاجراتمىلار بىلەن ئۇنچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق .بۇرۇن بىر خەنزۇ قىز بالىمۇ ياپونلۇقنىڭ شىركىتىدە پىرگۇرامما يازىتتى،شۇمۇ شۇنداق بولۇپ قېلىپ ،ئاخىرى ئۇ كەسپىنى قىلماي تاشلىۋەتكەن .سىزمۇ رادىئاتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىشكە بەك دېققەت قىلسىڭىز بولىدۇ .ئېكراننىڭ يۈزىگە ئىشلىتىدىغان نەرىسىلەر بارغۇ دەيمەن .

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 17:57:12

شۇنداق قىلىپ مۇنۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقىنى@ tarimi  مۇ ياكى@ tumaq

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 18:00:45

62- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قىلىپ مۇنۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقىنى@ tarimi مۇ ياكى@ tumaq



مېنىڭ پۇرىقىمنى پۇرىيالمىىڭىزما ؟

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 18:20:35

ئەمدى كىچىككىنە تېرىنىڭ ئىشى ، تۇرمۇشقا بېرىپ تاقاشقان گەپ  ... تېرەمنى ئوڭشايمەن دەپ چىقىپ، ئەرگە تېگىپ قايتىپ كىرىدىغان بولدىڭىز ، تۇمارىس   !!! \"\"

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 18:32:17

مەن تېخى بىرەر ماجرا بولغان ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن دىسە......   {:92:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 21:41:21

ماڭا تېگەمسىز يا؟ قۇتقۇزۇپ قوياي. \"\"

ئەسكەرتىش: مەن دوختۇر،بۇنداق دېيىشىمنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 22:05:38

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 22:28:22

تەرخەمەكنى ياپىلاقلاپ يۈزىڭىزگە قويۇپ بېرىڭ ،بولسا ئۆزىڭىز تېرىغان تەرخەمەك بولسا تېخى ياخشى ،خىمىيۋى ئوغۇت يوق ،سىناقتىن ئۆتكەن ،ئۈنۈمى بولغان رېتسىپ بۇ  \"\"

رەنا يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 07:47:26

بۇنى قىلىدىغانغا ئىش يوق دەيمىز.....  \"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 08:43:41

توغراقنىڭ 55- قەۋەتتىكى ئىنكاسىنى قۇۋۋەتلەيمەن.

ئادەمنىڭ يۈزىدە داغ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان پىگمېنتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ھامىنى يۈز بېرىدىغان ئىش، بالدۇر بولمىسا كېيىن بولىدۇ، پەقەت گېن- ئىرسىيەت، مىجەز- كەيپىيات، تۇرمۇش ئادىتى (ئاسراش ياكى سەل قاراش) قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان ئادەمدە ئوخشىمىغان مەزگىللەردە بايقىلىدۇ. چۈنكى يۈزىمىز يىل بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، قەھرىتان سوغۇق، كۈچلۈك كۈن نۇرى قاتارلىقلارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھېلىمۇ يۈزىمىزنى كۆپ يۇيۇپ، ئۇۋۇلاپ، ھەر خىل مايلار بىلەن ئاسراپ تۇرغاچقا مۇشۇنچىلىك تۇرىدۇ. بىر ياز پەسلىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن يۈز تېرىمىز بىلەن بىلىكىمىزنىڭ تېرىسىنى سېلىشتۇرساقلا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىۋالالايمىز.

خەنزۇلارنىڭ كومپيۇتېر رادىئاتىسىيەسىنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس، ۋاقتىدا ئشتىن چۈشۈپ، ۋاقتىدا ئۇخلاۋاتقان بولسىڭىزلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرىمەڭ تۇمارىس، ئۆز ئىلكىڭىز- ئىختىيارىڭىزدا بولغان بەزى نۇقتىلارغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، قالغىنىنى  مۇقەررەر جەريان دەپ چۈشىنىپ، كەيپىياتىڭىزنى يېنىك تۇتۇڭ.

توغرا، ئىلمىي بولغان ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا، تېرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن يەنە تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:

1. توغراق ئېيتقاندەك، كۈن نۇرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىۋاستە قىزدۇرۇشىدىن ساقلىنىڭ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى ئىشلىتىشىنى ئادەت قىلىپ، ئىشلەتكەندىمۇ ماي قۇتىسىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە توغرا ئىشلىتىڭ. يۈز تېرىسىگە زىيىنى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ بىۋاستە بولىدىغىنى كۈچلۈك ئاپتاپ.

2. يۈز تېرىڭىزنى پاكىز تۇتۇڭ. كىشى بۇلغىنىشتىن ساقلىنىمەن دەپ تالا- تۈزگە پەقەتلا چىقماي يۈزىنى بەش قېتىم يۇيغان تەقدىردىمۇ، بەدىنىمىزدىن ھەر تۈرلۈك ئىچكى ئاجراتمىلار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، («ئۆيدىكى چاڭ- توزاننىڭ 70 پىرسەنتى ئادەم بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىققان» دېگەننى مۇشۇ ئىزدىنىشتا ئوقۇغانمەن.) ھەممىمىز بىلىمىز، ئاددى سۇ ماي، تەرۋە باشقا ئارىلاشمىلارنى تەلتۆلۈس تازىلاپ بولالمايدۇ. كۈندە پەقەت بىر قېتىم - ئۇخلاش ئالدىدا بولسىمۇ يۈز تېرىڭىزگە ماس كېلىدىغان سوپۇن بىلەن پاكىز تازىلىشىڭىز كېرەك. خىمىيىلىك تەركىبلەردىن ئەنسىرىسىڭىز ھازىر تەبئىي بويۇملاردىن ياسىلىۋاتقان ئورگانىك سوپۇنلارنى ئشلىتىڭ. ئۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالمىسىڭىز ئۆزىڭىز سوپۇن ياساشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، توردا تاپقىلى بولمايدىغان نەرسە يوق بولۇپ كەتتى، قانداق ياساشنى توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ تېرىنى تازىلاڭ، بولمىسا تېرىدىكى تۈشۈكچىلەر ئېتىلىپ قېلىپ، داغ ۋە ھەر خىل قاپارتمىلار بوزەك قىلىدۇ.

3. ئاندىن قالسا نەملىك ساقلاش. قۇرغاق تېرىلا ئەمەس ھەتتا مايلىق تېرىمۇ نەملىك ساقلاشقا مۇھتاج. ئۆزىڭىزگە ماس كەلگۈدەك بويۇملارنى تېپىپ سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئۆز قىزىقىشىڭىز بويىچە ئائىلىدە ياساپ، ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەيلى نېمىلا قىلماڭ، چوقۇم ئىزچىل بولۇشىڭىز كېرەك. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك رېتسىپلىرىنى ئاڭلاپ قىزىپ كېتىپ 2- 3 كۈن سىناپ بېقىپ، كېيىن تاشلاپ قويسىڭىز ئۈنۈمى بولمايدۇ. ھەتتا ئاچا- سىڭىل بولغان تەقدىردىمۇ بىر ئادەمگە ياققىنىنىڭ  يەنە بىرەيلەنگىمۇ يېقىشى ناتايىن، شۇڭا چوقۇم نېمىنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ لازىملىق ۋە خىل كېىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.



ناشتا ھەققىدە يەنە بىرەر ھەپتىگىچە قولۇم بوشىغاندا ئايرىم تېما يوللاپ پاراڭلاشساق بولغۇدەك،  ناشتىلىق ھەققىدە پاراڭلىشىشقا ئېھتىياجلىق تورداشلار خېلى كۆپكەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 08:50:23

مۇشۇ باھانىدە بىر زات قاتارلىق تورداشلاردىن بىر سورىۋالسام، گۈلقەنتنىڭ قانچە ئۈلۈشى گۈل، قانچە ئۈلۈشى شېكەر؟ بولۇپمۇ شېكەر مىقدارىنى بىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 08:53:44

50- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر قىزنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ قىزنىڭ ئاپىسى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ سۈت بىلەن يۇيۇپ چوڭ قىپتىكەن، ھازىر قارىسىڭىز يۈر تېرىسى بەئەينى سۈتتەكلا، شۇنداق سۈزۈك ھەم ئاپئاق، يۈزىدە ھېچنەرسە يوق يا، ئاندىن كەچلىكىمۇ يۈزىگە قېتىق سۈرۈپ بېرىدىكەن، ئىشقىلىپ بۇنىڭ پايدىسى بولىشى مومكىن، خۇدايىم بويرۇسا كېيىن قىزىم بوپ قالسا شۇنداق قىلىپ سىناپ باقايمىكىن .

بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا قانچە لىتىر سۈت كېتەر؟\"\"

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 11:28:55

توي قىلمىغان بولسام مەنلا قۇتۇلدۇرۇۋالاتتىم.ئەڭ ياخشىسى ۋاپادار يىگىتتىن بىرنى تىپىپ كوپلا تىگىۋىلىڭ.تەرتىپلىك تۇرمۇش ئەرگىمۇ ،ئايالغىمۇ پايدىلىق.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 12:26:13

71- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ باھانىدە بىر زات قاتارلىق تورداشلاردىن بىر سورىۋالسام، گۈلقەنتنىڭ قانچە ئۈلۈشى گۈل، قانچە ئۈلۈشى شېكەر؟ بولۇپمۇ شېكەر مىقدارىنى بىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.




بىر كىلوگىرام گۈلگە ئۈچ كىلوگىرام شىكەر قاتسىڭىز مۇۋاپىق.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 13:23:42

قالايمىقان بىلجىرلاپ ئېغىز غېرىچلىغانلارنى گالاچچىدە بىرنى قويۇپ ئاغزىنى مەلۇم قۇتۇپقا قارىتىپ قويسا دەيمەن...  \"\"  ئاسماندا گەپ قىلسا قاسقاندا مەسلىھەت كۆرسەتكەنلەرگە ھەشقاللا.  چاقچاق قىلدىم دەپ بەزىلىرىڭىلار بەك ئېشىپ كەتتىڭلار ھە؟ مەن ماۋۇ تېمىدا ئەرگە تىگەلمىدىم قۇتقۇزۇۋېلىڭلار دېمىدىم، ئۆزۈمنىڭ قارىشىچە ھازىرقى خىزمەت مۇھىتىنىڭ جىددىي، ئالدىراش، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى كۈندىلىك ئۇيقۇمنىڭ ئىككى سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە بولىۋاتقانلىق ۋەجى يۈزلىرىمدە مەسىلە كۆرىلىۋاتقان چېغى دەپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ ھەمشىرىلەردىن مەسلىھەت سوراۋاتىمەن. بۇنداق ئەھۋاللارغا دۈچ كېلىۋاتقان قىز- ئاياللىرىمىز كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ، تۈپ يىلتىزىدىن چارە كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمىغاندا ئالدىنى ئېلىشقا بولسىمۇ قەدەمنى بالدۇر ئالغان ياخشى. @Dilruba تولىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپسىز، رەھمەت سىزگە! يەنىلا ئەمەلىي تەجىربىدىن ئۆتكۈزگەنلەر كۆپنى بىلىدىكەن. يۈزۈمدە مۇدۇر نەرسىلەر قەتئىيلا يوق، لېكىن شۇ ئىككى مەڭزىمدە يېقىن كېلىپ قارىسا ئاندىن بىلگىلى بولغۇدەك سارغۇچ سۇس داغلار. كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىم بەكلا ئۇزۇن، تامىقىم ئىنتايىن ئاز. لېكىن قايناقسۇنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ بىرىمەن... يەنە بىرگە كومپىيوتىرنىڭ يېنىغا كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسام بىر ئاي ئىچىدە كومپىيوتىر تەرەپكە قارىتىپ قويۇلغان تەرىپى ئۆزىچىلا سېسىپ كەتتى... رادىئاكسىيەنىڭ تەسىرىدىن دەپلا ئويلىدىم.

@toghrak بىلەن @tarimi ئەدەم بوزەك قىلماڭلىرا... ھەراست توغراق ماڭا مەسلىھەت بەرگىنىڭىز بويىچە سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كۈتۈشكە بەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز بولاتتى. كۆزىڭىزدىن بەكرەك ئەنسىرەيمەن...

@رەنا دېگەن تورداش يۇمۇركەن ھە؟ نىمە ئۇ ئىش دېگەن؟ يەيدىغان نەرسىما؟  \"\"  \"\"

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 14:34:08

ئۇنداق قايناپ كەتمەڭ،تېگەمسىز دېگەن يامان گەپمۇ؟ \"\"

ئەستايىدىل مەسلىھەت:

ئۇيقۇڭىز سۈپەتلىك ھەم يېتەرلىك بولسۇن،يۈزىڭىزدىكى مەسىلىنىڭ مەنبەسى شۇ. ئاندىن قالسا تاماقنى قۇۋەتلىك،كۆپرەك،ۋاقتىدا يەڭ؛كۆكتات،مېۋە-چېۋىلەرنىمۇ كۆپرەك يەڭ؛كەيپىيات ئامىلىمۇ تېرىنى ناچارلاشتۇرىدۇ؛تورھەم ئۇيقۇدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دېمەكچى:تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى چوڭراق بىر ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمىغۇدەك،ئۇيقۇ،يېمەكلىك،كەيپىيات،توردىكى ۋاقىت دېگەنلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ،رەتلىك،قانۇنىيەتلىك ياشىسىڭىز ھۆددە قىلىمەنكى: ئۇزۇن بولسا بىر ئاي يېتەرلىك. يەنە بىرگەپ،ھەر قانداق ئىچىدىغان،سۈرتىدىغان دورا ئىشلەتمەڭ، بۇنچىلىك نورمالسىزلىقنى ئادەم بەدىنى تەڭشەپ كېتەلەيدۇ ھەم شۇ ياخشى.

ناشتىغا كەلسەك مەن چورتلا ناشتا قىلمايدىغاندىن،شۇڭا ناشتا بەك مۇھىممىش دەپ ئاڭلىۋىدىم دېگەندىن باشقا گەپ قىلالمايمەن.

«بىلجىرلاش» دېگەن سۆزىڭىز بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى،خالىسخانلارغا ئەمدى ئۇنداق قالايمىقان گەپ قىلمايمەن. \"\"

sherife يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 17:31:13

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئىزدىنىش ئەھلى! مەنمۇ بۇ يەردە ئۆز تەجىربەمدىن ئۆتكەن بىر ئۇسۇلنى سۆزلەپ باقاي، تۇمارىس ۋە باشقا ھەمشىرىلەر پايدىسىنى كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


ئۈرۈك مېغىزىنى ئىزىپ تالقان قىلىپ، بۇنىڭغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە سۈرتۈپ 15-20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيىۋەتسە، تېرىنى ئاقارتىپ، داغ چۈشۈرىدۇ . بىرىنچى قېتىمدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. ھەپتىسىگە 2-3  قېتىم ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز قۇرغاق بولسا، ئىشلىتىش جەريانىدا نەملىك تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. باناننى ئىزىپ، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ سۈرۈپ بەرسىڭىز ھەم نەملىك تۇلۇقلايدۇ ھەم تېرىنى ئاقارتىدۇ. داغ چۈشۈرىدىغان مايلارنى ئالدىراپ ئىشلىتىپ سالماڭ.  

aytura يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 18:31:52

گەپكە كەلسەك: قىز- ئاياللىرىمىز ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر ناشتىلىقتا نېمىلەرنى ئىستىمال قىلىۋاتىسىلەر؟ ئەڭ مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك بولغان ناشتىلىق قانداق بولىشى كېرەك؟ شەخسىيەتچىلىك بىلەن جىنىس ئايرىۋالماي، مەسىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەندە ئەر- ئايال، ئاتا- ئانا، بالىلىرىمىز بار ئائىلىدە قانداق ناشتىلىقلارنى تەييارلاش ئەڭ مۇۋاپىق؟

***********************************************************************

مۇنداق مۇھىم سۇئالغا جاۋاپ يوقما؟ \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 22:32:29

ئاقسا!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-3 23:04:17

ئېكراننى ئۈچۈرۋېتىپ تورغا چىقسىڭىز  يۈزگە تەسىرى بولمايدۇ!
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: قىزلار مېنى تېزراق قۇتقۇزىۋېلىڭلار