gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 23:12:04

مېنىڭكىدىلا شۇنداقمۇ ياكى ھەممىڭلىنىڭكىدە شۇنداقمۇ، ما تېما كومپىيوتىرىمنىڭ ئېكرانىغا پاتماي قالدىيا؟

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 23:14:35

مەن ئىككىنچى بەتتىكى ئىنكاسلارنى كۆرەلمەيۋاتىمەن. پەقەت بىر بۇدۇشقاقنىڭ ئىنكاسىنىلا ئوقۇيالىدىم. بىر خىل بىنورماليا   \"\"

destiny يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 23:35:18

بۇدۇشقاقنىڭ 35- قۇردىكى ئۇندە بەلگىسى پۇتۇن تېمىنى سوزىۋېتىپتۇ . \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-6-1 23:42:25

خوتۇن خەققە ئەقىل كۆرسەتسە خوتۇن خەقلەر ئاڭلامدۇ؟

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 00:00:44

ئەسسالامۇئەلەيكۇم tumaris@   گۈزەللىككە ئىنتىلىش بارلىق ئىنساننىڭ تەبىئىتى، !مەن بىر ئاز بىلىدىغىنىمنى مۇشۇ يەگە تۆكەي ھەممە قىزلار پايدىلانسا بولىدۇ.

                    ئاق ئۈجمە.قۇرۇق كۆك ئۈزۈم نى ئىزىپ   1 ھەپتىدە 2 ياكى 3 قېتىم يۈزىڭىزگە ۋە بوينىڭىزغا سۈركەپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىڭ

      2 تامچە زەيتۇن مېيىغا يېرىم قوشۇق لىمون سۈيى تېمىتىپ يۈز گە سۈركەپ بېرىڭ. يېڭى قېتىققا  ئازراق يالپۇزنى ئېزىپ ئارلاشتۇرۇپ  سۈركەڭ.  ساپ يېڭى سۈت تىن كىچىك بىر قوشۇق ئېلىپ 2 تېمىم ھەسەل بىر تامچە زەيتۇن مېيى تېمىتىپ ئرلاشتۇرۇپ سۈركەپ بېرىڭ. ئىشقىلىپ مۇشۇلارنىڭ قايسىنى تاپالىسىڭىز شۇنى ھەپتىدە بىر ئىككى قىتىم سۈركەپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ   ئىلمان سۇدا يۇيۇڭ قانداق ۋاقىتتا ۋاختىڭىز بولسا شۇ چاغدا سۈركىسىڭىز بولاۋېرىدۇ.ئەتىياز ياز پەسىللىرىدە سىرتلارغا چىققاندا كۈنلۈك ئىشلىتىڭ . بولسا ئامال بار 11دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ.يۈزىڭىزنى سوپۇنداپ يۇماڭ. بىرە ئايدا بىرە قېتىم يەرلىك زەيتۇن سوپۇندا يۈز يۇيسىڭىز بولىدۇ ،قالايمىقان ماي ۋە سوپۇن ئىشلەتمەڭ. ئامال بار تەبىئى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ گۈزەل ھۆسنى جامالىمىزنى قوغدايلى!

              دوپپا دەپ يىغلىغان گۈزەل ساچلىرىمىزغىمۇ  بىر ھەپتىدە بىرە قېتىم بىر قوشۇق زەيتۇن مېيى ياكى ۇنۇڭغا 2 قوشۇق ساپ سۈت قوشۇپ سۈركەپ 1ساەت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسەك ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ. ھەراس كۈندە ئەتتىگەندە بىر قوشۇق راس ھەسەل يەپ بېرىڭ،  ساپ سۈت تاپالىسىڭىز بىر ئىستاكان ئەتتىگەن يا كەچتە ئىچىپ بېرىڭ. ئۆزەڭلارمۇ بەك ئەقىللىق قىزلار  ھەر خىل تەبىئى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ يېڭى يېڭى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تاپالىشىڭلاردا گەپ يوق!



   \"\"  \"\"

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 07:10:34

؟؟؟؟؟

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 07:41:15

يا  ئاللاھ .....بىرىنجى بۇلۇپ  مەسلىھەتنى  ئۈزەم بىرىۋالاي  دەپ   كىرسەم  ، قىزلار  تۈگۈل  ما  قېرى  بۇۋايلارمۇ  مىنىڭ  ئالدىمغا  كىرىپ   ما  ئىشنى  بۇزۇپتۇ  ئەمەسما   {:90:}    {:90:}   \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 08:50:02

باياتىن بېرى ئولتۇرۇپ تەرتىپ بويىچە تىزىملىۋالدىم، ئەمدى قالدىسىنى ئۈنۈمىدىن كۆرەي... رەھمەت سىلەرگە.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 08:57:53

@Aqilghin ۋەلەيكۇم ئەسسالام! 3- بەتتىكى ئىنكاسلارغا قارىمايلا ئۈستىدە سۆز قالدۇرۇپ كېتىپتىمەن. تەپسىلىي كۆرسەتمىلەردىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، رەھمەت سىزگە!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 09:32:21

19- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ سادىر پالىۋاننېڭ تەلپىكىنى كىيىۋالغان تورداش بىلەن ئاۋۇ 60ياشتىمۇ لايىق چىقىدۇ دىگەن تورداشنېڭ ئىسمىنى تولا ئالماشتۇرۇپ قويىمەن دىسە. \"\"  


مەنغۇ سادىر پالۋاننىڭ رەسىمى بار تورداشنى گۈلخەمەك دەپ ئوقۇپ كەلگىلى خېلى بولۇپتىكەن. يېقىندا ئولتۇرۇپ بىر ئوقىسام ئىش باشقىچە\"\"

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 10:53:32

ماۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ ئىنىقلىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىغانچىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىشقۇ ؟!! نەچچە ۋاقنىڭ ياقى توي قىلماي نەدە قالدىڭىز ھوي------------- خان !!!!!!



gulhekim: چىراي تۈپەيلى ئايپاتەم بوپقالىدۇ، دېسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، ساغلام، تىرىشچان،ئىشچان،مېھرىبان، ھاياتنى سۆيىدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك قىز بولسىڭىزلا 60 ياشتىمۇ لايىق چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ!



ئەمدى ماۋۇ گەپ ئاي پاتەملەرگە بولۇپ بېرىدىغان بوپتۇدە !!!! 60 ياشتا ئەرگە تېگىپ نىمە كەپتۇ ئەمدى ؟ قېرىندىشىم ؟!!!! ھاياتنىڭ مەنىسى زادى نىمە ؟!!! قېرىندىشىم ؟ بىلىڭكى ، ھاياتنىڭ مەنىسى تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىدۇر ... تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالمىغان ئىنسان ئەڭ بەخىتسىزدۇر ...........

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 11:47:49

ئىزدىنىشتا قىزلارنىڭ سەتى بار دىسە قىپقىزىل يالغان گەپتەك تەسىز قىلىدىكەن ئادەمگە .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 14:44:54

ئەگەر توي قىلغان بولسىڭىز يەنىلا بۇ نەرسىلەر چىققان بولسا ئادەت قالايمىقانلىشىش ،ئاشقازان ئاجىزلىق ياكى ئاشقازان مەسىلىسى ، ۋە ياكى قەۋزىيەت دىگەندەكلەر سەۋەبىدىن بۇخىل ئەھۋال كىلىپ چىقتى دىسەك بولاتتى ،لىكىن سىز توي قىلماپسىز ، ئەگەر مەن دىگەن يۇقارقى ئەھۋللار بولسا شۇنىڭغا قارتا چارە قىلىڭ ، ئەگەر بولمىسا دەرھال توي قىلىڭ ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، بۇ چاخ-چاخ ئەمەس . قالغىنىنى ئۆزىڭىز چۇشىنىۋېلىڭ،.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 16:31:44

ئاجراشقان ئاياللاردا ئاجراشقاندىن كىيىن مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، توي قىلسا تېزلا ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ دىيىش بىر قەدەر ئەمىليەتكە يېقىن. لىكىن بۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ.ئەگەر قىزلاردا كۆرۈلگەن بولسا بۇنىڭ سەۋەبى بىر قانچە تۈرلۈك:

       سىرىتقى ئامىل-1. كۈن نۇرىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەستىنلا سىرىتقى مۇھىتتا كۆپ تۇرۇش.

                           2.تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ماس كەلمىگەن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش.

                           3. كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى.

      ئىچكى ئامىل:يۈرەك، بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، شۇنداقلا بالىياتقۇدىكى بىر قىسىم نورمالسىزلىقلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھېيىز قالايمىقانلىغى( ھېيىزنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىگى، مىقدارىنىڭ نورمال بولماسلىغى.....)قاتارلىق سەۋەبلەر

  تۇمارىس سىزگە تەكلىۋىم: ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتۈرش ئېلىپ بېرىڭ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشى چىققان  بولسا يۈزىڭىزدىكى داغلار سىرىتقى ئامىل سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ.  كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىڭىز نورمال خىزمەت ۋاقتىدىنمۇ كۆپقۇ دەيمەن بىلىشىمچە.ئۇنداقتا ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قۇيۇلغان ئورنىنى تەڭشەڭ، كومپىيۇتېرنى چۇقۇم دەرىزە تۈۋىگە قويۇڭ، كۈنى نۇرىنىڭ چۈشۈشى مۇۋاپىق بولسۇن،  شامال ئۆتۈشۈش ياخشى بولسۇن. يۈزىڭىزگە رادىئاتسىيە قايتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ماينى سۈرتۈڭ.  سىرىتقا چىققاندا كۈن نۇرىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان ماي ئىشلىتىڭ. ئىشخانىدىكى ۋاقتىڭىزدا ھەر سائەتتە مۇمكىن بولسا ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم سىرىتقا چىقىپ بىر نەچچە مىنۇت تۇرۇپ كىرىڭ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ سەۋزە، تەرخەمەك.. قاتارلىقلارنىڭ سۈيىنى سۈرتۈڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، ناشتىغا دىققەت قىلىڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى قارىغۇلارچە  داغ يوقۇتۇش مېيى ئىشلىتىپ سالماڭ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 16:40:07

ئەڭ ياخشى رىتسىپ توي قىلىش بولغان چىراي ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردىن كۆرە .

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 16:47:14

@ziyali نىغۇ ئۆيلەپ بولالماي قېرى بويتاق ئاتىلىپ كەتتى ئۇ بىچەرەم \"\"  تۇمارىسنى بولسىمۇ ئەرگە بىرىۋىتەمدۇق يە ئولاش-چولاش....... نوچاڭلار چىقمامسىلەر قېنى گۈل تۇتۇپ يا \"\"  تۇتۇپ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 17:06:37

ھەممىڭلار جىم تۇرۋالساڭلار ئۈزەملا ئەپ قۇتلىشىمەن جۇمۇ  {:92:}

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 17:35:13

57- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@ziyali نىغۇ ئۆيلەپ بولالماي قېرى بويتاق ئاتىلىپ كەتتى ئۇ بىچەرەم \"\" تۇمارىسنى بولسىمۇ ئەرگە بىرىۋىتەمدۇق يە ئولاش-چولاش....... نوچاڭلار چىقمامسىلەر قېنى گۈل تۇتۇپ يا \"\" تۇتۇپ



نوچاڭلار چىقمامسىلەر دەيسىزغۇ ،نوچى تېخى يوقمىتى ؟

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-2 17:44:05

59- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

57- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@ziyali نىغۇ ئۆيلەپ بولالماي قېرى بويتاق ئاتىلىپ كەتتى ئۇ بىچەرەم \"\" تۇمارىسنى بولسىمۇ ئەرگە بىرىۋىتەمدۇق يە ئولاش-چولاش....... نوچاڭلار چىقمامسىلەر قېنى گۈل تۇتۇپ يا \"\" تۇتۇپ



نوچاڭلار چىقمامسىلەر دەيسىزغۇ ،نوچى تېخى يوقمىتى ؟

نوچىسى كۆپ بولۇپ كىتىپ تاللاپ بولالماي ياردەمگە چاقىرىپ ئاۋارە قىلىۋاتمامدۇ بۇ
قىز ئادەمنى...بىللە ياردەم قىلىپ بېشىنى ئوڭشىۋەتمەمدۇق \"\"


بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: قىزلار مېنى تېزراق قۇتقۇزىۋېلىڭلار