espresso خانقىزدىن ياردەم سورايمەن
BVLGARI宝格丽紫晶纯香香水
Dior 迪奥粉红魅惑女士香水
ئەتتىرنىڭ پەيزىلىرى بەك جىق، لېكىن ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، دۇكانغا كىرىپ ماۋۇلارنى پۇراپ بېقىڭ، چوقۇم ياقتۇرىسىز، دۇكانغا كىرىپ ھەممە ئەتتىرنى پۇرىسىڭىز پۇراق سەزمەس بولۇپ قالىسىز. بولمىسا ئىككىلەنمەيلا سېتىۋېلىڭ. رەسىمىنى توردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. شەنىلمۇ چەنىلمۇ ؟ ما مەتولىقىمنى نىم دەي شۇ ئەتىر ھەر بىرىمىزدە بۇلۇشقا تىگىشلىك دىگەنتى ئەسپىرەسسۇ بىر چاغدا .خاتا ئېسىمدە تۇتۇۋالمىغانلا بولسام .
يادنامە قىلىۋالدىم ئەڭ ياخشىسى ئەتىر ئىشلىتىش نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ !
بولىمىسا يات جىنىسلىقلارنىڭ بىنورمال ھەۋسىنى قوزغاپ قۇيۇش ئېھتىمالى بەك يۇقىرى .
iped تە تورغا چىقىمەن،ئۇيغۇرچە خەت باسماقمۇ تس ئىكەن تازا چۈشىنەلمىدىم بۇ نەرسىنى،بولسا قەدىريە ھاشىمنى قانداق كۆرىدۇ بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار قىزىقىپ قالدىم.talking tom catدىسەم بولمىدىغۇ

ئەتىر توغرىسىدا بىلىدىغىنىممۇ چەكلىك، لېكىن ئۇزۇن يىللىق قىزىقىشىم جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم شۇ بولدىكى قىممەت ئەتىرلەرنىڭ قىممەت بولىشىدىكىسەۋەپ ئۇنىڭ داڭلىق ماركا ئىكەنلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ پۇرىقىدا ئئۈزلۈكسىزچانلىق بىردەكلىك بار، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەبىئى ئەتىرگۈل، جەزمىنگۈل قاتارلىقلار خام ئەشيا قىلىنغاچقا بىر چېچىۋالسا خېلى ۋاقىتقىچە پۇرىقى ساقلىنىدۇ، ئەزان ماركىلىق بەزى پۇرىقى ياخشى ئەتىرلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ لېكىن ساقلىنىش مۇددىتى سەل قىسقا.
ئەتىرنى ئادەتتە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاللىا بولامدىكىن دەيمەن. مەن ئەزەلدىن بەك تاتلىق ياكى كۈچلۈك پۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىشنى خالىمايمەن، شۇڭا كۆپ ھاللاردا مېنىڭ ئىشلىتىدىغىنىم ئەرلەرنىڭ ئەتىرلىرىدۇر، مەسىلەن بۇ نەچچە يىلدىن ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىم ئەنگىلىيەنىڭ بېربىرىي Burberry ماركىسى. بۇ ماركا ئۆزىنىڭ سوغۇقلىقى بىلەن بەك پەخىرلىنىدۇ شۇڭا ئىسسىق يازغا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىۋاتقان يەنە بىر ئەرلەر ئەتىرى شەنېلنىڭ ئالۇردۇر. بۇ ئەتىرمۇ ناھايىتى راھەت، ئادەمگە ئىللىق ۋە سالقىنلىقنى تەڭلا ھىس قىلدۇرىدۇ.
يەنە بىر ئادەتتىكى باھالىق ياخشى ئەتىردىيورنىڭ ئەتىرى، يەنى شارلى زېرون ئېلانىدا چىقىدىغان ،شۇمۇ بەك ياخشىكەن.
ئىشقىلىپ شارائىتىڭىز ناۋادا يار بېرىپ قالسا ھچەر ئىككى ئايدا بىرەرنى سېتىۋېلىپ ئالدىرىماي ئىشلەتسىڭىز بەك ئوبدان بولىدىكەن، يوقۇردا تىلغا ئالغان ئەتىرلەرنىڭ باھاسى 500-1000غىچە قۇتىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ، سىز گۇۋاڭجوۋدا تۇرسىڭىز پۇرسەت بولسا شىياڭگاڭغا بېرىپ سېتىۋېلىڭ، ئىستىمال بېجى ئالمىغاچقا ئەتىر ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى جوڭگودىن كۆرۈنەرلىك قىممەت، مەنمۇ ھەر قېتىم بېرىپ قالسام ئانچە مۇنچە تېرىپ يۈرۈپ ھازىر خېلى ئەتىرلىك بوپ قالدىم..
ئاندىن رالىف لورىننىڭ نوتورىيۇس دەپ ماركىسى بار، بەك بەك ئىسىلكەن، ئارتۇق توختالماي بۇ توغرىسىدا، باھاسى بەكلا قىممەت.
PS: يېقىنچىدا مەن بەك ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن تېرە ئاسراش مەلھىمى ئېستى لودىرنىڭ Estée Lauder Idealist Pore Minimizing Skin Refinisher دىگەن مەھسۇلاتى بولۇپ، بەكلا ياخشىكەن، ئەگەر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز چوڭ سودا سارايلاردىن ئالماي ئەمىزوندىن سېتىۋېلىڭ 200 يۈئەندەك پەرقى باكەن قاراپ باقسام.
---------------
@tuman1 : شەنول دەپ ئوقۇلىدۇ ، بۇ ماركىنى بارلىققا كەلتۈرگىچىنىڭ ئىسمى كوكو شەنول، فرانسىيەلىك.
لاكومنىڭ كىرپىك لاكى ياخشى @espresso مەنمۇ سىزنى ئەتتىر ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تونۇشقا باشلىغان، ھەم ئالاھىدە قىزىقىپمۇ قالغانتىم سىزگە، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ھەم ئىنكاسلىرىڭىز مېنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان، بىر خىل راھەت...

رەھمەت سىزگە . رەھمەت ھەممىڭلارغا. شاڭگاڭدىن ئەكەلدۈرسەم بولغۇدەل،خانىم قىزلار ئۈچۈن ياخشى تىمىلارنى ئايىمىغايسىز،،espresso .سەت بولسىۇ سوراي ئەمزون دىگەن نىمە ئۇ ؟ئۇىڭدىن قانداق سىتىۋالىمەن؟ رەھمەت سىلەرگە.
ئامىزون دىگىنىمىز www.amazon.com نى كۆرسىتىدۇ، سىز جوڭگودا بولغاندىكىن www.amazon.cn غا كىرىپ ئالماقچى بولغان خالىغان نەرسىنىڭ نامىنى كىرگۈزسىڭىز باھاسى بىلەن شۇ مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك باشقا نەرسىلەرمۇ چىقىپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئابايا مەن ئالاھىدە نامىنى تىلغا ئالغان Estée Lauder Idealist Pore Minimizing Skin Refinisher نى كىرگۈزسىڭىز سېفورا ياكى باشقا چوڭ سارايلاردىكى باھاسىدىن جىق كۆرۈنەرلىك ئەزان چىقىدۇ. سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ھىچبولمىسا www.sephora.comغا كىرىپ ئالدى بىلەن بازاردىكى باھاسىنى بىر كۆرۈۋېتىڭ ئاندىن ئەمىزوندىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، بەلكى ئەمىزوندىنمۇ تۆۋەن باھالىق تور بەتلەر بولىشى مۈمىن لېكىن بۇ بەت ئىشەنچلىك.
سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى باھاسىنى قالدۇرۇپ قوياي:62 دوللار
يەنە لاك توغرىسىدا ئابايا دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مەن ئۈزلۈكسىز مۇشۇ Estée Lauderنىڭ لاكىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، يەنى Double Wear
Zero-Smudge Lengthening Mascara دەيدىغان بىرسى بار، ياسىلىنىشىمۇ ئاددىلا، باھاسىمۇ 300 يۈۋەندىن تۆۋەنغۇ دەيمەن، بەك ئۇزاق يېتىدۇ، بەك ئەرزىيدۇ بۇ باھاغا. شەنەل دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى نىمدەپ شەنول دەپ يېزىپ قويدۇمكىن.


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
9- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سالام ھەممىڭلارغا.
PS: يېقىنچىدا مەن بەك ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن تېرە ئاسراش مەلھىمى ئېستى لودىرنىڭ Estée Lauder Idealist Pore Minimizing Skin Refinisher دىگەن مەھسۇلاتى بولۇپ، بەكلا ياخشىكەن، ئەگەر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز چوڭ سودا سارايلاردىن ئالماي ئەمىزوندىن سېتىۋېلىڭ 200 يۈئەندەك پەرقى باكەن قاراپ باقسام.
---------------
سالام espresso خانقىز، بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارمۇق سۇ ئىچىپتۇ دېگەەندەك ، مەنمۇ سورىۋالاي. مېنڭ تېرەم قۇرغاق، سەپكۇن بار...
ھەم سەزگۈر تېرىگە كىرىدۇ. نەچچە يىلنىڭياقى كورىيەنىڭ مايلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، ئەممە ئۆتكەن يىلى قاراپ باقسام يا زىيان قىلمىدى ، يا پايدا قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن 欧莱雅نى بىر يۈرۈش ئېلىپ ئىشلەتكەنتىم ، باشتا خىل كەلگەندەك قىلغان ، بىر ئايدىن كېيىنلا تېرەمنى بۇزۇپ ، مۇدۇر چۇقۇر چىقىرۋەتتى. پەقەت سۇ تولۇقلايدىغان مايلارنى سۈرۈپ سەل ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم . بايا سىز دېگەننى ئىزدىسەم 雅诗兰黛نىڭ ئىكەن، ئانامغا بىر قىتىم ئەپ بەرگىنىم ېسىمدە . سىزدىن سورىسام ، سىز ئادەتتە ئاشۇ بىر خىلنىلا ئىشلىتەمسىز؟ بۇنىڭدىن بىر يۈرۈش ئالماقچى بولسا 2000 يۈەن ئەتىراپىدا كېتىدىكەن. قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز...
ساقلىۋالاي ماۋۇ تىمىنى.ئەتىرىمنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى. «ئاياللارنىڭ ئەرەنچە ئەتىر ئىشلىتىشى ئاياللىق ھورمۇنلارغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەيدىكەن.
تېما ئىگىسى: ئەگەر بۇرۇن نۇقتىلىق بىر ماركىنى تۇتۇپ ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز ۋە ياكى يېڭىدىن بىر خىل ماركىنى سىناپ ئىشلىتىپ باقماقچى بولسىڭىز، دەسلەپتە چوقۇم مۇقىم مال سېتىش ئورنىغا بېرىپ، تېرىڭىزنى تەكشۈرتكۈزۈپ، مەسلىھەت سوراڭ، بۇنىڭدا گەرچە بىرەر- يېرىم سائەت ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولسىمۇ، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز، ئۇلار ئادەتتە تېرىڭىزنى تەپسىلى سىناپ، ئاندىن قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ ماس كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە پىكىر بېرىدۇ. ھەر قانداق ماركىنىڭ قۇرغاق، مايلىق، زىيادە سېزىمچان.... دېگەندەك ھەر خىل تېرە تىپلىرىغا ماس كېلىدىغان خىلمۇ- خىل مەھۇلاتلىرى بار، مال ساتقۇچى سېخىراق بولسا كىچىك قۇتىلىق سىناق بويۇملارنىمۇ بېرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ چوڭ سودا سارايلاردىكى فىرانسىيەنىڭ داڭلىق بويۇملىرىنىڭ ھېچقايسىسى يامان ئەمەس، لېكىن قىممەت، دەسلەپتە باھاسى سەل تۆۋەنرەك تىزىلىدىغاندىن Avene، shiseido قاتارلىقلارنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرمىسىڭىز قىممىتىنى سىناپ بېقىڭ.
لاكلار ئادەتتە سۇدىن ساقلىنىدىغان ۋە ساقلانمايدىغان دەپ ئايرىلىدۇ، يۈزنى يۇيغاندا بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغان لاكتىن 欧莱雅 نىڭ لاكىمۇ ياخشى، باھاسىمۇ مۇۋاپىق.
تېرە ئاسراشتا قايسى ماركىنى ئىشلىتىشتىنمۇ كۆرە ئىزچىللىق بەك مۇھىم، بەزى قىز- ئاياللار بىرلا قىزغىنلىق بىلەن جىقلا نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئېسىگە كەلسە ئىشلىتىپ، بولمىسا قويۇپ قويىدۇ ياكى تېرە ئاسراشتىكى بەزى باسقۇچلارغا ھورۇنلۇق قىلىدۇ. دېمەكچى، ئىزچىل بولمىسىڭىز ھەر قانداق قىممەت بويۇم ئىشلىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. گىرىم بۇيۇملىرىغىلا تايىنىۋالماي، تەبىئىي ئۇسۇلدا ئۆزىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگىنىمىز تۈزۈك. روھىي ھالەت، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىملىرى چىراي گۈزەللىكىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، سىرتىمىزدىنلا كۈتۈنۈپ ئىچىمىزدىن كۆڭۈل بۆلمىسەك يەنىلا ئوخشاش... مەن ئاساسەن ئۆزۈمنى ئەركىن، خوشال تۇتۇش بىلەن بىرگە تەبىئىي تەركىبلىك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمەن. {:92:}