37- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گىرىم بويۇملىرى نوچىلىغانسىرى خېمىيىلىك تەركىۋى يۇقۇرلاپ باشتا تېرىنى ئېسىل قىلىۋەتكەندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن زىيىنى چىقسا يىغۇشتۇرغىلى بولماي قالامىكىن دەيمەن.
ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس، يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېرىمىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلىرى ئۆزگىرىپ بارىدۇ، بەزىلەر بالىلار مېيى سۈركەيدىكەن تەبىئى دەپ، بۇنىڭ بارغانسېرى قېرىۋاتقان تېرىغا قىلچىلىك پايدىسى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە قېرىشنى توختاتقىلى بولمايدۇ لېكىن تېرىنىڭ سۈزۈكلىكى، پاقىراقلىقى ۋە قورۇقلارنىڭ ئازراق چۈشۈشىنى مۇشۇنداق قىممەت مايلار بىلەن ساقلاپ قالماي ئامال يوق دىمەكچى قېرىشنى كېچىكتۈرۈش. مەنمۇ قىممەت نەرسە ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن لېكىن قىممەت نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ئەزان نەرسىلەرگە قارىغاندا سەل ياخشىراق بولغاچقا بىزگە باشقا تاللاشمۇ ئانچە جىق ئەمەس.
@ espresso
ھيې ھەدە، ئىزدىنىشتا يوقمىكىن دەپتىمەن سىزنى.
ھەممىڭلا نىماندا ئەرلەر ئەتىرىگە ئامراق دەيمەن، ئاكامغا دەپ ئالايىتەن ديور سوپرتس ھوممې دېگەننى ئەكەلدۈرسەم ئۆيدىكىلەر تارتىۋالدى «پۇرىقى ياخشىكەن» دەپ.
شۇنىڭ بىلەن ئەر ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ۋىرساچى ئىشلىتىۋاتىمەن
40- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېسپىرەسسو ئايلام باركەنغۇ ئىزدىنىشتە
بۇندىن كىيىن ئارىلاپ@نى بېسىپ ئىنكاس يېزىپ قويۇشنى ئۇنتىمىسام بولغىدەك
مەن باغۇ، سىز گۈللۈگكە كىرمىگىلى ئۇزۇن بولدى لېكىن.
45- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
37- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گىرىم بويۇملىرى نوچىلىغانسىرى خېمىيىلىك تەركىۋى يۇقۇرلاپ باشتا تېرىنى ئېسىل قىلىۋەتكەندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن زىيىنى چىقسا يىغۇشتۇرغىلى بولماي قالامىكىن دەيمەن.
ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس، يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېرىمىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلىرى ئۆزگىرىپ بارىدۇ، بەزىلەر بالىلار مېيى سۈركەيدىكەن تەبىئى دەپ، بۇنىڭ بارغانسېرى قېرىۋاتقان تېرىغا قىلچىلىك پايدىسى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە قېرىشنى توختاتقىلى بولمايدۇ لېكىن تېرىنىڭ سۈزۈكلىكى، پاقىراقلىقى ۋە قورۇقلارنىڭ ئازراق چۈشۈشىنى مۇشۇنداق قىممەت مايلار بىلەن ساقلاپ قالماي ئامال يوق دىمەكچى قېرىشنى كېچىكتۈرۈش. مەنمۇ قىممەت نەرسە ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن لېكىن قىممەت نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ئەزان نەرسىلەرگە قارىغاندا سەل ياخشىراق بولغاچقا بىزگە باشقا تاللاشمۇ ئانچە جىق ئەمەس.
ئەسلى بۇ جىق گەپتى دىلرۇبا يىغىشتۇرۋىتىپتۇ،كۆز قاراشلار ئاساسەن ئوخشاش. ماۋۇ كىمدۇ ئەمدى؟مەنمۇ ئەتە خۇتۇن ئالاي دەيمەن،ماڭا مەسلھەت بىرىڭ دەپ چاقىرىپ كەلسەم بولامدۇ نىمە قەھۋە قىزنى.. مەن تۇرمۇش دوكتۇرى بولمىغاچقا تەبىئى نەرسىلەر توغرىلىق نەزىريەۋى بىلىملىرىم تازا يوق دىيەرلىك لېكىن تەبىئىللىككە يېتىدىغان نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىرقى مەسىلە شۇ قىممەت نەرسىنى سېتىۋېلىش تەبىئىلىككە بىزە يېقىنلىقمىكىن دىگەن كۆڭۈل خوشىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، كۈندىلىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش دىگەنلەر دەپ ئولتۇرمىسىمۇ خانىم قىزلار چوقۇم ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتىلار، لېكىن تېرىگە مەبلەغ سالماي پەقەت ئۇنىڭدىن جىق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىش--ئەھمىيەتسىز. داڭلىقلىرىمىزمۇ دەپتىكەن«گىرىمنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى گىرىم قىلمىغاندەك كۆرۈنۈش»دەپ. ئىشقىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ تاللاش يولى بار، ئەمىليەتتە قول بارماق، پۇت بەدەنلەرنى ئاسراشنىڭ يوللىرى ئەزەن ئۇسۇللار بىلەن ھەل بولىدۇ، مەن گۈللۈگ تورىدا ھەسەل زەيتۇن مېيى بىلەن مېيجىياجىڭنى ئارلاشتۇرۇپ بىر نەرسە ياساپ ھەپتىدە بىر قېتىم قولىمىزغا چاپلاپ،ئاندىن پەلەي كىيىپ بىر كېچە تۇرغۇزۇش توغررىلىق بىر نەرسە يازغان، بۇنداق قىلغاندا قول كىچىك بوۋاقلارنىڭكىدەك بوپ كېتىدۇ، فائىزە بىر يەردە قول ئاسراش توغرىلىق توختىلىپتىكەن، شۇڭا بۇ گەپلەر قوشۇمچە قىلىندى. قىزىقساڭلار گۈللۈگ تورىغا كىرىپ ئازراق ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى چۇقچىلاپ بېقىڭلار،نۇرغۇن نەرسىلەر بار مۇناسىۋەتلىك.
p.s. شەھلانىڭ «ئايشەمگۈل»دىگەن ئەسىرىنى گۈللۈگكە كۆچۈرۈپ قويدۇم. يازدا دۆڭكۆرۈكتىكى يەر ئاستى سودا يولىدىن ئۆتۈشكە شۇنداق ئېرىنىمەندە، شۇنچە ماشىنىلارنىڭ ئۆتۈپ بولىشىنى ساقلاپ، رىشاتكىلاردىن ئاتلاپ يۈرۈپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىمەن. ئاستىغا كىرىپ قالىدىغان بولسا، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ھەر خىل پۇراقلار بىرلىشىپ ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىر پۇراق ھاسىل بولىدىكىن ئۇ يەردە، تاس تاماس قالىمەن ئۆتۈپ بولغىچە بىر تەرەپ بولۇپ كەتكىلى {:136:}
يازدا سىڭلىمنىڭ تويى بولغاندا، چىنە تەخسىلەرنى يىغاي دەپ، ساپلا ئاياللار ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ قاپتىمەن، دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەندە، ما ئاياللار دەردىنى ئۆزى بىلىپ چاندۇرماي ئولتۇرۇپتىدە دەپ قايتىپ چىقتىم.
مەن قەھۋە قىزنى كۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئالامەت قول قۇيىمەن ، غېرىپ سەنەم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك خېنىملىرىنىڭ پۇرىقى بار . مەتۇنىڭ بىر گىپى بۇلىدىغان ئۇيغۇرلار قۇناقلىقتا بېسىۋېلىپ كەلمىگەن دەيدىغان . ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭلار يار بەرسە ئېسىل ئەتىر ، ياخشى يۈز ماي ئىشلىتىڭلار . ئالما تېلفۇن ، چەتئەلنىڭ ماشىنىسى ھەيدەڭلار ، ئىقتىساد ئۇنىڭغا يەتمىسە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇڭلار . بەزى ئادەملەر بار يانچۇقىدا 500 كوي پۇلىسى بولسىمۇ 500 مىڭ پۇلى باردەك ئاقسۆڭەكلەردەك تەسىر بىرىدىغان ، بەزى ئادەملەر بار يانچۇقىدا بىر مىليۇن پۇلىسى بولسىمۇ قەلەندەردەك ياشايدىغان ، بۇ دىگەن ئۈنۋېرسال ساپاغا مۇناسىۋەتلىك نەرسە. بولمىسىغۇ ئەسلىدىلا بەگ ئاقسۆڭەك ئادەملەرنىڭ ئەۋلادى ئىدۇق . ماۋۇ قەھۋەخان ئەسلى ماڭا تەگسە بوپتىكەن ، ھارام كىتىپتۇ {:92:}
46- قەۋەتتىكى puresherrifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنىڭ بىلەن ئەر ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ۋىرساچى ئىشلىتىۋاتىمەن
ھاھاھا، سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاياللىق ھورمۇنى قالايماقانلىشىپ كەتسە كۆرۈڭ ئەمدى .
لېكىن مۇبارەك بولسۇن ئۇكام، جىم جىتلا توي قىلىۋاپسىز بىزنىمۇ ئاۋارە قىلمايلا
بۇ ئاچىمىزنىڭ گەپ-سۆزلىرى بەك راھەت ھە. ھارام كېتىپتۇ دېمەي بەختىگە كۆز قىزارتىۋاتىمەن دەڭە=======================
ماڭا تىگىمەن دەيدىغان قىزلار خەلق مەيدانىدا يىغلاپ پىۋا ئىچىپ يۈرەرمىش ، شۇڭا قىز بالىغا كۆز قىزارتىپ باقمىدىم ، قىزلار كۆزىنى ماڭا قىزارتىپ ھازىر .... {:92:} مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپلا مېنى تىل تاياققا قويىسىز دەيمەن
------------
ئىزدىنىشنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، بۇرۇنلاردا خېلى ئەركىن پىكىر قىلىشىشقا پۇرسەت كەڭ چىقاتتى، يېقىنچىدىن ھەرە ئۇۋىسىغا تېگىپ قويدۇممۇ ئۇقمايمەن،ھەر بىر گېپىمدىن بىر قۇسۇر تېپىلىدۇ. زادى مەن مارىستىن كەلگەندەك پىكىر قىلىۋاتامدىم دەپ ھەرقېتىم سەۋەنلىكنى ئۆزەمدىن ئىزدەپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ سەۋرى تاقەتلىك بولۇشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن ...قالغان 500 سۆز قىسقارتىلدى.
لېكىن سىزگە كۆپ رەخمەت خالوكا، شۇنداق چاخچاق گەپلەر بىلەن مېنى كۈلدۈرىۋېتىسىز...
52- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن قەھۋە قىزنى كۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئالامەت قول قۇيىمەن ، غېرىپ سەنەم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك خېنىملىرىنىڭ پۇرىقى بار . مەتۇنىڭ بىر گىپى بۇلىدىغان ئۇيغۇرلار قۇناقلىقتا بېسىۋېلىپ كەلمىگەن دەيدىغان . ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭلار يار بەرسە ئېسىل ئەتىر ، ياخشى يۈز ماي ئىشلىتىڭلار . ئالما تېلفۇن ، چەتئەلنىڭ ماشىنىسى ھەيدەڭلار ، ئىقتىساد ئۇنىڭغا يەتمىسە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇڭلار . بەزى ئادەملەر بار يانچۇقىدا 500 كوي پۇلىسى بولسىمۇ 500 مىڭ پۇلى باردەك ئاقسۆڭەكلەردەك تەسىر بىرىدىغان ، بەزى ئادەملەر بار يانچۇقىدا بىر مىليۇن پۇلىسى بولسىمۇ قەلەندەردەك ياشايدىغان ، بۇ دىگەن ئۈنۋېرسال ساپاغا مۇناسىۋەتلىك نەرسە. بولمىسىغۇ ئەسلىدىلا بەگ ئاقسۆڭەك ئادەملەرنىڭ ئەۋلادى ئىدۇق .
-
خو گەپ قىلدىڭ ... قان ، ساپا مۇھىم نەرسە .
ھەرە ئۇۋىسىدىن ھەسەل چىقىدۇ يا مەن يۈگرەپ چىقىمەن . دۇرا سېغىنىپ قالغان گۇيلار ھەممە يەردە بار ، ھە دەپ بەرسە گىلەمگە ئىشەك ھارۋىسى ھەيدەپ چىققۇسى كىلىدۇ . مۇنبەر دىگەن يېڭىلىقتىن خەۋەردار بوپ پىكىر ئالماشتۇردىغان يەر ، كاللىسىنى ئىشلەتسە ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈردىغان يەر . ئاقسۆڭەكچە پىكىر قىلىۋېرىڭ سىز جەميەتشۇناس بولمىغانكىن ، ھېچكىم قوللىمىسا مەن قوللايمەن ،.