kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 18:08:40

‏‏

‏مەن تەبىئي نەرسىلەرنىمۇ جىق ئىشلىتىمەن .مەسلەن:مەرۋايىت ئۇنىنى ھەسەلگە مىلەپ 3كۈندە بىر يۈۈمگە سۈرىمەن، لىمۇننى ياكى تەرخەمەكنىسۈرىمەن شۇڭا تىرەم بەك ياخشى .ئەمدى شۇ ئەنىڭ ئالدىغا تەرخەمەك سۈرۈپ چىققىلى بولمايدىكەن، ھەم ياخشى مەھسولاتلارنىمۇ ئىشلەتسەك ئۈنىمى بىلەن بىرگە روھى ئوزوقىمۇ بولارمىكىن دەيمەن شۇ،،،توي قىلىش ئالدىدا يۈز تىرىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەپتىكەنمەن قايسى بىرسىغا يىتىشەرمىز.يەنىلاespressoنىڭ دىگىنىنى.ئالاي رەھمەت ، بىلگىنىنىڭىزنى ئايىمىغىنىڭىزغا

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 19:31:03

خاتۇنلار، گۈزەللىك تەبىئەتتىن كېلىدۇ دەيدۇلەر، شاپاق، تەرخەمەك، قوي مېيى دېگەندەك تەبى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭىزلەر   {:90:}

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:05:13

21- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خاتۇنلار، گۈزەللىك تەبىئەتتىن كېلىدۇ دەيدۇلەر، شاپاق، تەرخەمەك، قوي مېيى دېگەندەك تەبى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭىزلەر \"\"



جايىدا گەپكەن ماۋۇ ، ئويلىشىپ كۈرىڭىزلەر ، قالايمىقان ئەجنەبىلەرنىڭ نەرسىسىنى ئىشىلىتىپ سىلىپ گۈزەل يۈزۈڭلارگە قوتۇچۇشۇپ كەتمىسۇن ،



ۋاي توۋا ما قىزلار بىژ قۇتا ئەترىنى پالان پۇلغا ئالسا موشۇنداق  خوتۇنلاردىن ئەپ قالسام خوتۇنۇمنى قانداق باقارمەن ، تەن ساق، روھى كۆتۈرەڭگە بولسا گۈزەللىك دىگەن شۇمىكىن دەيمەن ،

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:24:26

تاماقلىنىش ھەممىدىن مۇھىم.سەي كۆكتات بىلەن مىۋە-چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەن تۈزۈك.ھەرىكەت ،ئوزقلۇنۇش،كەيپىيات تېرىگە بەك تەسىر قىلىدۇ،ئۇيقۇ تېرىنى ياخىشلايدۇ ئەمما جىق ئۇخلاش زىيانلىق ،مۇۋاپىق ئۇخلاش لازىم.

ۋىتامىن س ۋە ۋىتامىن ئې  نى تولۇقلاپ تۇرغاندا ،ھەم يۈزگىمۇ تەڭ سۈركەپ بەرگەندە

ئاندىن يۈزىڭىز تېگىدىن پارقىراپ تۇرىدۇ ،جىق نەرسىلەرنى سىرتىدىن سۈركەۋەرگەن بىلەن كۆنۈپ قالسا بولمايدۇ تېرىمۇ.



ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم،ئاياللار كېسەللىكلىرى كۆپ ئايالنىڭ چىرايىدىن ئىپادىلىنىدۇ،شۇڭا ۋىتامىن س بىلەن ۋىتامىن ئې نى كۆپ يەپ تۇرۇش كىرەك.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:28:36



ۋاي توۋا ما قىزلار بىژ قۇتا ئەترىنى پالان پۇلغا ئالسا موشۇنداق  خوتۇنلاردىن ئەپ قالسام خوتۇنۇمنى قانداق باقارمەن ، تەن ساق، روھى كۆتۈرەڭگە بولسا گۈزەللىك دىگەن شۇمىكىن دەيمەن ،





توۋا،تىرىشىپ پۇل تاپاي دىمەي قانداق باقارمەن دەيدىغۇ.


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:59:08

تاۋۇز شاپىقى كىيىپ يېتىشنى ئادەت قىلىڭلار دەپ يازاي دەپ، خاپا بولاپ كەتمىسۇن دېسەم، يۇقاردا تورداشلار كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋاپتۇ.  {:92:}  

ئويلايمەنكى، بەك قىممەت نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالماڭلار، ھەددىدىن زىيادە تاشقى گۈزەللىك قوغلىشىۋالماڭلار. ئىقتىساد يىتىشمىگەندە ياكى ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ تېرە تەبىئى قېرىغاندا بەك ئېغىر ماددى ۋە روھى بېسىمنىڭ ئىچىدە قالىسىلەر.

ئاڭلىشىمچە، تېرىنى گىرىمگە بەك كۆندۈرىۋالسا، كېيىن گىرىم قىلمىسا جىنغا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ قالىمىش  {:92:}  

لېكىن شۇنى قوللايمەنكى قىممەت بۇيۇملار شۇ پۇلى بارلارنىڭ خەجلىشى ئۈچۈن ياسىلىدۇ، پۇلۇڭلار جىق بولسا، ھوزۇرلانساڭلار بولىدۇ، شۇ پۇلنىمۇ خەجلەش ئۈچۈن،شۇنداق چوڭ سورۇن كېرەك ئەلۋەتتە. نۇرغۇن نەرسىلەر جاپا تارتىپ پۇل يېغىپ سېتىۋېلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى كىچىكلا تۇرۇپ ھېس قىلىۋالدىم \"\"

kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 21:51:29

\"\"‏‏يىگىتلەر كۆرمەسمىكىن دىسەم كۆرىۋاپتۇ يەنە. بىزنىڭ ئادەم كۆرۇپ قالسا قانداق قىلارمەن ئەمدى؟ئاغچا بەرمەيدىغان بولدى.


ئۇ بۇ دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ قارايدىغىنى گۈزەللەر\"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 22:06:27

ئەتتىرگە سەل خەجلەپ سالدىكەنمەن،بىراق يۈزماي ئۇچى -بۇچىلارغا نەچچە ئايدا بىر 100 سوم كەتمەيدۇ،زاماننىڭ ئارقىدا يامان قالدىممۇيا تەبىئىي گۈزەلمۇ مەن بىلمىدىم \"\"

kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 22:06:54

‏‏‏يىگىتلەر  ئسىل ماشىنا ھەيدىگىڭلار ،ئىسىل يانفون تۇتقۇڭلا ئىسىل كومپىيوتىر ئىشلەتكىڭلار يوقمۇ؟بۇمۇ شۇنداقلا ئىش. تىخى ئۇنىڭدىن تەننەرخى ئەرزان .ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىڭلار ،يۈز بۇلغاندىن كىيىن ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلەتكۈلۈك، پۇلنىمۇ بۇزۇپ چاچمايمىز ،نەدە بۇزۇپ چاچقىدەك پۇل بار دەيسىلەر. ئانچە مۇنچە يىغىپ قويغاننى ئازىراق خوشاللىقىمىزغا دەسمى قىلساق نىمە بوپتۇ.ئەلۋەتتە2 يىلدا بىرەر قىتىم ئالىدىغان گەپ،





‏‏

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 22:36:22

28- قەۋەتتىكى kukasmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏‏يىگىتلەر  ئسىل ماشىنا ھەيدىگىڭلار ،ئىسىل يانفون تۇتقۇڭلا ئىسىل كومپىيوتىر ئىشلەتكىڭلار يوقمۇ؟بۇمۇ شۇنداقلا ئىش. تىخى ئۇنىڭدىن تەننەرخى ئەرزان .ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىڭلار ،يۈز بۇلغاندىن كىيىن ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلەتكۈلۈك، پۇلنىمۇ بۇزۇپ چاچمايمىز ،نەدە بۇزۇپ چاچقىدەك پۇل بار دەيسىلەر. ئانچە مۇنچە يىغىپ قويغاننى ئازىراق خوشاللىقىمىزغا دەسمى قىلساق نىمە بوپتۇ.ئەلۋەتتە2 يىلدا بىرەر قىتىم ئالىدىغان گەپ،




مىنىڭ ماشىنا ھەيدىگۈم يوق، قىممەت باھالىق يانفۇن ئىشلەتكۈممۇ يوق، بىراق كومپىيۇتېرغا بەك ئامراق بولغاچقا ... يىلدا بىر ئالماشتۇرۇپ زېرىكمەيۋاتىمەن ... خانىم ـ قىزلار گۈزەللىك قوغلىشىپ ھېرىپ قالمىغاندەك مەنمۇ كومپىيۇتېر قوغلىشىپ ھېرىپ قالمىدىم  ، يەنە مۇشۇ كومپىيۇتېر سەۋەبىدىنمىكىن، ئەزەلدىن ئەتىر ئىشلىتىپ باقماپتىمەن...\"\"

ئەرلەر ئەتىر ئىشلەتمىسىمۇ بۇلار ھە ؟  تەر بەزلىرىم خىزمەت قىلغان بىلەن پۇتۇممۇ پۇرىمايدۇ ... \"\"،  

‏‏



GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 22:41:20

28- قەۋەتتىكى kukasmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏‏يىگىتلەر  ئسىل ماشىنا ھەيدىگىڭلار ،ئىسىل يانفون تۇتقۇڭلا ئىسىل كومپىيوتىر ئىشلەتكىڭلار يوقمۇ؟بۇمۇ شۇنداقلا ئىش. تىخى ئۇنىڭدىن تەننەرخى ئەرزان .ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىڭلار ،يۈز بۇلغاندىن كىيىن ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلەتكۈلۈك، پۇلنىمۇ بۇزۇپ چاچمايمىز ،نەدە بۇزۇپ چاچقىدەك پۇل بار دەيسىلەر. ئانچە مۇنچە يىغىپ قويغاننى ئازىراق خوشاللىقىمىزغا دەسمى قىلساق نىمە بوپتۇ.ئەلۋەتتە2 يىلدا بىرەر قىتىم ئالىدىغان گەپ،





‏‏


بىر ئالساڭلار 2 يىل يەتكۈدەك ئالامسىلەر؟\"\"


Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 22:43:57

مېيلىنكەينىڭ نەرسىلىرىدە ھورمۇن جىق ،ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدىن باشلاپ مەن پەقەت雅姿،贝曼姿، 欧莱雅 ،同仁堂،理肤泉،薇姿 ،TFSدېگەن ماركىلارنىلا ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن ، ئاخىرى ھېچقايسىسىنى ياخشى ھېس قىلمىدىم ،3-4 يىل بولۇپ قالدى ،ئاساسەن ئانچە-مۇنچە تەبىئىي ئۇسۇللاردا تېرە ئاسراپ قويغاندىن باشقا ھېچنەرسە ئىشلەتمىدىم .ھازىر تەبىئىي ئۇسۇللاردا ئاسراشتىن باشقا خىمىيىلىك نەرسە قوشۇلغان«ئاسراش» لارنىڭ ھەممىسى زىيانلىق دەپلا قارايمەن .(ھېچقانداق خىمىيىلىك تەركىب قوشۇلمىغان ،پۈتۈنلەي تەبىئىي نەرسىلەردىن ياسالغان ،ھايۋانات تېنىدىن ئېلىنغان ماددىلار قوشۇلمىغان بىرەر مەھسۇلات بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ،ئىشلىتىشىم مۇمكىن ).ئەگەر ھەقىقىي مەرۋايىت ئۇنى تاپالىساڭلار ،ئۇنىڭغا پەقەت ئازراق زەيتۇن مېيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساڭلارلا ،بەك ئېسىل ئۇپا تەگلىكىگە ئېرىشەلەيسىلەر(سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ) ،ئەپسۇس ھازىر مەرۋايىت ئۇنىنىڭ ھەقىقىيسىنى تاپالمايۋاتىمەن .سۈرمىدىن باشقا ھېچقانداق گىرىم بويۇمى ئىشلەتمەيمەن ئەمۋاي بىلەن ئادىداسنىڭ قولتۇق ئەتتىرىنى ئىزچىل ئىشلەتكەندىن باشقا ،باشقا تازىلىق بويۇملىرىنى ئاساسەن ئىشلىتىپ باقمىغىلىمۇ 3-4 يىل بولۇپتۇ .چاچ سوپۇنى ،بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى دېگەندەكلەرنىڭ راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلگەندىن بېرى ،تۈركىيەنىڭ ئەتتىر سوپۇنىدىن باشقا نەرسىنى ئاساسەن ئىشلەتمەيمەن .(چەتئەلدىن تونۇشلار بەك ئېسىل سوۋغات ئەكىلىپ قالسا ئارىدا قائىدەمنى ئانچە-مۇنچە بۇزۇپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا)





        مەن بەك تاتلىق پۇرايدىغان ئەتتىرلەرگە ئامراق ،ھازىر جىق ئىشلىتىدىغىنىم:

迪奥甜心小姐 EDP,

迪奥快乐之源 EDT ,

迪奥金色女郎真我 EDP ,

迪奥红毒 EDT ,

迪奥粉红魅惑 EDT

Ferragamo菲拉格慕寻梦海洋女士淡香水

博柏利周末女士香水 burberry  



ئ

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 23:10:40

بىر يىلدەك بولدى ئۆزەمنى بەكلا تاشلىۋېتىپ قالدىم... \"\"  قىزلار ئاشۇنداق كېلىدىكەنمىز، قانچە چىرايلىق بولغانسېرى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن، شەخسەن مەن ئاشۇنداق، سەت ھالىتىم بىلەن سىرتقا چىققۇم كەلمەيدۇ، ھەم بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيدۇ...

kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 23:29:48

Goodluckگەپ يورغىلاتمايي ياخشى تلەكلەرنى تىلەڭ جۇمۇ  ئىسمىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەنgoodluck




‏قىرىندىشىم زىغىرلىساق ئىش جىق يىگەن ئىچكەن  تەبىئىي دەپ ئىشلىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ قايسىسىدا خىمىيىلىك تەركىپ يوق دىيەلەيسىز ھەرھالدا دىققەت قىلىش كىرەك ئەلۋەتتە ئۆسۈملۇك تىن ئىلىنغانلىرى بىر ئاز ئىشەنچىلىك



















kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 23:42:46

33- قەۋەتتىكى kukasmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Goodluckگەپ يورغىلاتمايي ياخشى تلەكلەرنى تىلەڭ جۇمۇ  ئىسمىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەنgoodluck




‏قىرىندىشىم زىغىرلىساق ئىش جىق يىگەن ئىچكەن  تەبىئىي دەپ ئىشلىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ قايسىسىدا خىمىيىلىك تەركىپ يوق دىيەلەيسىز ھەرھالدا دىققەت قىلىش كىرەك ئەلۋەتتە ئۆسۈملۇك تىن ئىلىنغانلىرى بىر ئاز ئىشەنچىلىك





‏‏ئارقىسىدىكى  قىرىندىشىم دىگەن يەردىنباشلاپ

hormaغا تەۋەگەپ goodluck ئۆزىڭىزگە ئىلىپ خوش بولۇپ كەتمەڭ يەنە











kukasman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 23:49:02

91Xahlaسىزنىڭمۇ ئويلىشىدىغان ۋاقلىرىڭىز كىلىپ قالىدۇ مەنمۇ بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان\"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 03:01:54

تورداشلار ئېيتقاندەك، تېرە ئاسراش دېگەنمۇ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى ئۇقۇم، ئۇيقۇدىن تارتىپ كەيپىياتقىچە، يېمەكلىكتىن تارتىپ ئاپتاپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىشقىچە...

تېرە ئاسراش بىلەن گىرىم قىلىش بىر ئۇقۇم ئەمەس، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ياخشى ئاسرالغان تېرە بولسا گىرىمگە بەك كۈچەپ كەتمىسىمۇ ھەتتا قىلمىسىمۇ يەنىلا شۇنداق ساغلام، پارقىراق، چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. يەنى تېرە ئاسراش تەبئىي گۈزەللىك ئۈچۈندۇر. مەيلى قىممىتىنى ئېلىپ ئىشلىتەيلى، مەيلى ئۆيدە تەبئىي نەرسىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ئۆزىمىز ياسىغاننى ئىشلىتەيلى، ئىشقىلىپ پەرۋىش قىلىش كېرەك. ئاياللار ئۈچۈن بۇمۇ بەدەن ساغلاملىقىغا ئوخشاشلا مۇھىم. چۈنكى تۇغۇلىشىدىنلا يۈز تېرىسى ئىنتايىن سۈپەتلىك، مۆتىدىل، سۇدىن باشقىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان قىز- ئاياللار ئىنتايىن ئاز ساندا، كۆپچىلىكىمىز يەنىلا ئۇنى- بۇنى سىناپ بېقىشقا، سۈركەپ بېقىشقا مۇھتاج.

يىگىرمە نەچچە ياشلىق قىزلار يىغىلسا بىر- بىرىنىڭ كىيىم- كېچىكىگە دىققەت قىلىدۇ، ياش ئوتتۇزدىن ئاشقاندا بىر- بىرىنىڭ چاچ ۋە يۈز تېرىسىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىدۇ.  \"\"

خورما، سىز ئېيتقاندەك تەبئىي مەھسۇلاتنى مەن سىزگە تەۋسىيە قىلاي.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 07:21:03

بولغانسىرى بولغۇسى كەپتۇ دەپ مۇشۇ تېرە دىگەنمۇ ئەركە نىمە،قانچە ياخشى داڭلىقىنى ئىشلەتكەنسىرى شۇنىڭغا كۈنۈپ ،ئۇنىڭدىنمۇ نوچىسىنى تاپقىلى سالىدۇ،


گىرىم بويۇملىرى نوچىلىغانسىرى خېمىيىلىك تەركىۋى يۇقۇرلاپ باشتا تېرىنى ئېسىل قىلىۋەتكەندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن زىيىنى چىقسا يىغۇشتۇرغىلى بولماي قالامىكىن دەيمەن.







sarwi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 08:07:27

some..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 09:05:51

ئېسپىرەسسو ئايلام باركەنغۇ ئىزدىنىشتە \"\"

بۇندىن كىيىن ئارىلاپ@نى بېسىپ ئىنكاس يېزىپ قويۇشنى ئۇنتىمىسام بولغىدەك
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7
: espresso خانقىزدىن ياردەم سورايمەن