abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 08:34:47

توي قېلىشقا قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟

مەن ئۆزەم توي قېلىپ بولغان بولساممۇ بۇ تېمىنى ئاچتىم،چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇن بويتاقلار بار.توي قېلىپ بولغانلارمۇ كۆپ،مەقسەت ھەرقايسى يورتلاردا تويدا بۇلدىغان چېقىم قانچىلىك قانداق قىلغاندا ئاز پۇل بىلەن توينى ياخشى كۆڭۈللۈك ئەھمىيەتلىك  ئۈتكۈزگىلى بۇلدۇ؟ تۈۋەندىكىسى مېنىڭ تۇيۇمدا بولغان چىقىملار:


1.ئۆي سېتۋىلىشقا كەتكەن پۇل 138000يۈەن(2005-يىلى)58كۇادىرات مېتىر.بېزەشكە 30000،ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلېرىنى خۇتۇنۇم ئالغان بۇنىڭغا تەخمىنەن 15000 يۈەن.


2.تويلۇققا كەتكەن سوۋغا سالاملار تەخمىنەن 20000يۈەن.


3.رېستۇرانغا كەتكەن پۇل تويغا چۈشكەن پۇل بىلەن ئۇخشاش(چىقىم بولمىدى).


4.ئىككىمىز ساۋاقداش بولغاچقا تويدىن بۇرۇن باشقىلاردەك بەك ئۇزۇن  مۇھەببەتلەشمىدۇق چۈنكى بىر بېرىمىزنى ياخشى چۈشىنەتتۇق،شۇڭا بۇ جەرياندىكى چىقىملار بىرقەدەر ئاز شۇنداق بولسىمۇ ئازدىگەندە 5000 يۈەندەك چېقىم بولغاندۇ.


5.ھەر ئىككىمىزنىڭ خىزمېتى ئالدىراش بولغاچقا تويدىن كىيىن شېرىن ئاينى(ئەمىليەتتە بىر ھەپتە دەم ئېلىش بەرگەن ھەر ئىككمىزگە)ئۈتكۈزۈشكە باشقا يەرگە بارمىدۇق، شۇڭا بۇ چىقىممۇ بولمىدى.


جەمئى 208000يۈەن بىلەن تۇيۇمنى قىلىۋاپتىكەنمەن.


قېىنى سىزمۇ ئۆزىڭىزنىكىنى سۆزلەپ باقمامسىز...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 10:33:46

يىگىتنىڭ بىڭسى بىلەن قىزنىڭ ئىنسابىغا قارايدىغان گەپ .

Tvirus يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 10:52:01

بىز بۇتەرەپلەردە ئادەتتە توينى  ئۆيدە قىلىمىز،


بىزئىككىمىز بىربىرىمىز نى ياخشى چۈشىنىشەتتۇق،قىز تەرەپ تويلۇققا 7500يۇئەن (قىزتەرەپكە كىتىدىغان قازان چىقىمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بىزنىڭ قازان چىقىمى ، ئەتىسىدىكى باردى-كەلدى  دىگەندەك ئىشلارغا 3500يۇئەن ، مىنىڭغۇ  ئۈزۈمنىڭ ئۇيى بار ئىدى، بۇئىشلارغۇ 2009يىلدىكى ئىشلار ، ھازىر ھەممىنىڭ باھاسى ئۆستى .


شۇنىڭغا قارىغاندا شىمالدا شۇڭا  قېچىپ توي قىلىش مودا بولغىنى بىكا گەپ ئەمەسكەندە.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:24:08

ھازىر ئۆي باھاسى بەك ئۈسۈپ كېتۋاتىدۇ،مەن ئولتۇرۋاتقان قورودا نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى كۇۋادىرات مېتىرى 5500دىن تۈۋەن ئەمەس.


ئۆي ئېلىپ بۇلۇپ خۇتۇن ئالىمەن دىسە چاچمۇ ئاقىرىپ بەلمۇ مۆكچەيگۈدەك.

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:45:25

مەن ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلغان. ئۆينى ئىدارە ئورۇنلاشتۇردى  ،  ھازىرچە پۇل كەتمىدى، كېيىنچە ئۆزىمىز پۇل يىغىپ ئالماقچى.


تويۇمغا كەتكەن چىقىملارنى ئاساسەن ئاتا-ئانام چىقاردى، قىز تەرەپكە 25000يۈەن بەردۇق، باشقا توي چىقىملىرى ئۈچۈن 15000يۈەندەك پۇل كەتتى، توي ئوبدان قىززىپ قويدى، كەچتە ئۆيگە قايتىپ پۇلنى سانىساق ماڭا 8000، ئايالىمغا 7000 جەمئىي 15000يۈەن پۇل چۈشۈپتۇ، ئەتىسى ئاپامدىن سورىسام چوڭلارغا 70000يۈەن پۇل چۈشۈپتۇ، دېمەك بىز جەمئىي 40000يۈەن چقىم قىلىپ 85000 يۈەن كىرىم قىپتۇق، توينى قىلىپ 45000يۈەن پايدا چىقتى دېگەن گەپ. كىيىنچە ئايالىمدىن سورىسام ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ 25000يۈەن چىقىم قىلغان ئىكەن تويغا 55000يۈن پۇل چۈشۈپتۇ، دېمەك ئايالىمنىڭ ئۆزىگە چۈشكەن 7000يۈەننى قوشمىغاندا ئۆيىدىكىلەرمۇ ساق 30000يۈەن كىرىم قىپتۇ.


قايسى كۈنى ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇشۇ توغرىلۇق پاراڭلىشىپ دادام تەخمىنەن ھىساپلاپ مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان باشقىلارنىڭ توي چايلىرىغا ئاپارغان پۇلنىڭ يىلىغا تەخمىنەن 10000يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىگىنى چىقاردى. مەنمۇ مۆلچەرلەپ كۆرسەم ئوقۇش پۇتتۈرگەن ئۈچ يىلدىن بېرى باشقىلارنىڭ تويىغا ئاپارغان پۇللىرىم 10000يۈەنگە بېرىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

turbo يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:46:42

ئاڭلىسام يېقىندا بېكەتكە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغۇدەك شۇنداقمۇ ؟

Horma يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:55:00

يولدىشىم ئىككىمىز 2006-يىلى توي قىلدۇق . 3 قېتىم يۈز كۆرۈشۈپلا تويىمىزنى قىلىۋەتتۇق ،تويلۇققا مېنىڭ ھېچنەرسە ئالغۇم يوق ئىدى ،ئەمما چوڭلارنى كۆندۈرەلمەي 15000 سوم مەھىر ھەققى ئالدۇق .بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىگە ماڭا ئالتۇن ئېلىپ بەردى ،ئۇندىن باشقا  چىقىملارغا يولدىشىم 15000 سومدەك پۇل خەجلەپتۇ ،توي قىلغاندا ئۆي ئالمىدۇق ،ئۆي بېزىمىدۇق .ئىككىلىمىز (ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ،شۇنداقلا تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىش پۇرسىتىمىز بار تۇرۇپ ،)خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچتۇق ،مەن ئائىلە ئايالى بولدۇم ،يولدۇشۇم ھەرخىل ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ باقتى ،ئارىلىقتا قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتۇق .


4 يىلدىن كېيىن ئۆزىمىزگە تەۋە ئورنى ياخشى جايدىن ئۆيىمىز بولدى ،ھازىر يولدۇشۇم ئۆز زاۋۇتىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولدى ،ئىنشائاللاھ يىل ئاخىرىغىچە مەھسۇلاتى بازارغا كىرىدۇ .


شۇڭا بويتاقلار ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلىپ ياخشى قىز بالا بىلەن توي قىلىڭلار ،ئاللاھ ئائىلىگە بەرىكەت بېرىدۇ .توي قىلغاندىن كېيىن ئىشى يۈرۈشۈپ كەتكەنلەرنى ،بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇرمۇشى باياشات بولۇپ كەتكەنلەرنى جىق كۆردۇق .


function يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 11:58:22

مەن بۇلتۇر توي قىلغان، چايدىن تارتىپ توي تۈگىگىچە 30000 كويدەك پۇل كەتكەن (ئۆينىڭ ھېچنىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). مەن ئالى مەكتپنى 2009 پۈتتۈرگەن، ئايالىم تويىمىز بولغاندىن كىيىنلا مەكتەپ پۈتكۈزگەن.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 12:06:55

قىز دا ئىنساپ ئەخلاق ھايا دىگەنلەر تۇللۇپ تاشقان بولسىغۇ ، شارائىت يار بەرسە 2 مىليۇن خەجلىسىمۇ ئەرزىيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدىن كاڭ ئۇستام ئىچىملىكىدەك( يەنە بىرقانچىسى كەلتۈرۈلسۈن ) چىقىدۇ ئەمەسمۇ ......

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 12:12:32

توي قىلىش ئالدىدا،ئۆي يوق،ئىجارە ئالىمىز.بولغۇسى ئىرىمنىڭ تېخى خىزمىتى يوق،ئىشقىلىپ توي قىلغاندىن كىيىن ھالال بىرەر ئىش قىلىپ جان بېقىپ كېتەمىز.تويلۇققا 30000كېتەمىكىن.بۈگۈن ئالتۇننىڭ باھاسى 408كويكەنكەن،مۇشۇ بويىچە ئۆسسە تويلۇققا ئازراق ئالامىز.ئۆي ئېلىپ توي قىلىمەن دېسەم قېرىپ كىتىشىم مۇمكىن،شۇڭا توي قىلىشنى تاللىدىم،خۇدايىم ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلا.مۇھەببەتلەشكەندە جىق پۇلمۇ كەتمىگەن،قىممەت نەرسىلەرنى سوۋغىمۇ قىلمىغانتى.بەلكىم 2000كوي ئەتراپىدا چىقىم بولغاندۇ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 14:12:02

بىزدەك دەقيانۇسنىڭ ۋاقتىدا توي قىلغانلارغا ھىچ بىر چىقىممۇ كەتمەپتىكە .............

muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 14:40:38

بۇرۇن كېيىنرەك توي قىلسام دەپ ئويلايتتىم، ھازىرغا كەگەندە تىزراق توي قىلغۇم كىلىدىغان بولۇپ قالدى.\"\"

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 15:02:05

توينى  ئۆينى ئويلاپ ياشمۇ باردى 30 قا .ھەي ئۇرۇمچى  .............


alip يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 15:09:39

baharxamiliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزدەك دەقيانۇسنىڭ ۋاقتىدا توي قىلغانلارغا ھىچ بىر چىقىممۇ كەتمەپتىكە .............



ئىككىنجى تويىڭىزدا تازا جېق ئالدۇرۇڭ ئەمدى.



باشقا نەرسىلەرنى كۆپ ئېلىۋەتمەي، شارائىتى بولسا ئالتۇننى كۆپرەك ئېلىپ قويغانغا يەتمەيدىكەن.


مەن ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ گىرىمىنى 100 يۈەندىن ئالغان. ھازىر تۆت ھەسسە ئۆستى دىگەپ گەپ. شۇ ۋاقىتتا قەرز ئېلىپ بولسىمۇ بىرەر ئىككى كىلو ئېلىپ بەرسەم بوپتىكەن دەپ قالىمەن بەزىدە.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 16:09:15

qaynamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىز دا ئىنساپ ئەخلاق ھايا دىگەنلەر تۇللۇپ تاشقان بولسىغۇ ، شارائىت يار بەرسە 2 مىليۇن خەجلىسىمۇ ئەرزىيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدىن كاڭ ئۇستام ئىچىملىكىدەك( يەنە بىرقانچىسى كەلتۈرۈلسۈن ) چىقىدۇ ئەمەسمۇ ......





خوتۇن ئالسىمۇ ( يەنە بىر قانچىسى كەلتۈرۈلسۈن ) چىقىپتىمۇ ئەمدى \"\"  (يەنە بىر دەرت قوشۇلسۇن) بولۇپ قالمىسىلا بولىدىغان ئىشتى \"\"


دېمىسىمۇ ھازىر ئائىلە قۇرماق تەس بىر ئىش بولۇپ قالدى ... بويتاقلار ھەركەتكە ئۆتتۈڭلارمۇ يا ؟

rufine يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 16:17:42

بويتاقلار تېمىسىغا ئۈسسۈپلا يۈرىمەنا؟!

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 17:32:33

داداملار توي قىلغان چاغدا 300كويدەك پۇل بىلەن قىپتىكەن،ئاپامنى ئىشەك ھارۋىسدا نەچچە سائەتتە كۈچۈرۈپ ئاپىرىپتىكەن،ھازىر ئۈرۈمچىدە بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تويى 10 مېتىرلىق كادىلاكتا كۈچۈرۈش مودا، بۇ ماشىنىغا بەلكىم 1000كوي پۇل كېتەر.

aral2008 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 21:13:43

مەن 2007ئالي مەكتەپنى پۇتتۇردۈم،ئۆيدىكىلەنىڭ شاپائىتىدە 85كۋادراتلىق بىر ئۆيگە ئېرىشتىم.


2010يىلى توي قىلدىم،


ئۆي سېتىۋېلىشقا 245000يۈەن، قىزچاققا تويلۇققا 25000يۈەن ، ئۆي بېزەشكە 55000يۈەن،ئەر-ئايال ئىككىمىز بىللە ئالغان ئائىلە-ئېلىكتىر سايمانلىرى،ئائىلە سەرەمجانلىرى، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلە قوشۇلۇپ 45000يۈەن ئەتراپىدا، 4يىلنىڭ ياقى ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىم توي قىلىمەن دەپ تۈگىدى مانا!


370000بىلەن بىر خوتۇن ئاپتىمەن!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 22:56:48

aral2008نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن 2007ئالي مەكتەپنى پۇتتۇردۈم،ئۆيدىكىلەنىڭ شاپائىتىدە 85كۋادراتلىق بىر ئۆيگە ئېرىشتىم.


2010يىلى توي قىلدىم،


ئۆي سېتىۋېلىشقا 245000يۈەن، قىزچاققا تويلۇققا 25000يۈەن ، ئۆي بېزەشكە 55000يۈەن،ئەر-ئايال ئىككىمىز بىللە ئالغان ئائىلە-ئېلىكتىر سايمانلىرى،ئائىلە سەرەمجانلىرى، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلە قوشۇلۇپ 45000يۈەن ئەتراپىدا، 4يىلنىڭ ياقى ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىم توي قىلىمەن دەپ تۈگىدى مانا!


370000بىلەن بىر خوتۇن ئاپتىمەن!


سىزنىڭ خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىڭىز دادامنىڭ 15يىللىق مائاشىكەن...دادام ئاپامنى ئەينى زاماندا 47.5يۈەن بىلەن ئاپتىكەن ..ھەممە نىمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كىتىۋاتقاندا تويغا كىتىدىغان چىقىممۇ بۇرۇنقىدىن ھەسسە ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ




tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-19 23:00:22

بويتاقلارنى ئۇنداق قورقۇتماڭلار ؟ ئۇنچىۋالا جىق چىقىم كەتمەيدۇ!
بەت: [1] 2 3 4 5
: توي قېلىشقا قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟