ayshah يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 00:07:21

20- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن 10-ئايدا توي قىلدىغان  چىقىمنى ھېسابلىسام 50000 ئەتراپىدا بولغۇدەك، شۇنچە كەڭ تاشا ھېساپلىدىم تېخى

ئوھۇي....  تۈمەننىڭ تويىنى 10.ئايدا ئوينايدىكەنمىز-دە؟


ھازىر خېلى كەڭ_كۇشادە ھېسابلىدىم دىگىنىڭىز بىلەن، \"ئۆيدىكى ھىساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ\" دېگەن گەپ بار،ئويلىغىنىڭىزدىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن.         


ۋاقتى كەلگەندە مۇنبەردىكىلەرگە ھايت دەۋىتىڭ،قىزلار بارالمىساقمۇ ئوغۇللار دەم ئېلىشىنى قەشقەردە توي بەزمىسى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلەر.....



Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 17:06:37

ئۇھ، ئاخىرى توي قىلىۋالدىم
توي قىلىشنى خالىمىغان گۇيلارنى سولىۋېتىش كېرەك

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 19:34:52

مەن 2010 -يىلى 10،000 كوي چىقىم بىلەنلا  توي قىلىۋالغانتىم، ھازىر بىر ئاغىنەمنى ئۆيلەيمىز دەپ ئاز چىقىم بىلەنمۇ 50،000گە تاقاۋاتىدۇ:funk:

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 19:38:29

ئىشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتتى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 20:22:49

ئىنشائاللاھ ، نىكاھ غايىب دەپ يۈرىۋاتىمىز{:92:}

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 20:24:03

ئۈچ يىل مۇقەددەم يوللانغان مۇنۇ تېما قايتىدىن قىزىيدىغان ئوخشايدۇ، قېنى باشقىلارمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نېمە دەپ باقمامسىلە.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 22:07:49

:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 22:28:41

كىلەر يىلى قىلىمە دەۋاتىمەن.  ھىساپلاپ باقسام 50 مىڭ كىتىدىكەن ئاددىراق قىلسام.  

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 08:55:36

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 22:28 static/image/common/back.gif
كىلەر يىلى قىلىمە دەۋاتىمەن.  ھىساپلاپ باقسام 50 مىڭ كىت ...

مەن بىكاغىلا تېگىپتىمەن قارىغاندا........:L

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 09:03:31

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 08:55 static/image/common/back.gif
مەن بىكاغىلا تېگىپتىمەن قارىغاندا........

بىزلەر شۇ باكاغا كەتكەن قىزلاتۇق...:lol

ھازىر ئوخشىمايدىكەن، زامان باشقا ئادەملەر بىر بولسىمۇ قىزلارنىڭ باھاسى ئۆسكەن چېغى، يېقىندا جىيەنىمنىڭ تويى ئۈچۈن قىز تەرەپ 45 مىڭنى ئالدى، ئۆي، زىننەتلەش، يەنە قىزغا ئالتۇن جابدۇقلار بولۇپ،400 مىڭغا تاقىدى، ئەگەر ئۆينى تىگىدىن سېتىۋالغان بولسا، بۇ سان دالدا بولماسلىقى ئېنىق، ئالدىن 200 مىڭنى تولەپ بېرىپ قالغىنىنى ئىككىلىرى ئالدىرىماي تۆلىشەلا دىيىشتۇق.
جىيەنىم خىزمەتكە چىققىلى 4 يىل بولمىدى، ئۆزىغۇ يامان تىجەشلىك بالا بولدى، شۇنداقتىمۇ 20 مىڭدەك پۇل قىپتۇ. قالغىنىنى ئاتا-ئانىسى بىر ئىشلار قىلدى.ئاڭلىساق تويدىن كېيىن چۈشكەن پۇللارغا ماشىنا ئالمىسا بولمىغۇدەك. ھە بوپتۇ بېشىڭلار باش. ئايىقىڭلار تاش بولسىلا مەيلىغۇ دىيىشىپ ئولتارماي ئامال يوق ئوخشايدۇ.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 10:30:17

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 09:03 static/image/common/back.gif
بىزلەر شۇ باكاغا كەتكەن قىزلاتۇق...

ھازىر ئوخشىماي ...

:Q ...ئۆزۈمنىلا بىكاغا كەتكەنمىكىن دېسەم،ئۆزلەمۇ باما؟...يولدىشىمغا ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ تېخى،جىق چىقىمدار بولدى دەپ،ئەمما ئەتراپىمدىكى توي بولىۋاتقان قىزلارغا قارىسام يېزىدىكى قىزلارمۇ 40000 ئەتراپىدا تويلۇق ئالغىلى تۇرۇپتىكەن...ئىچىم سەل ئېچىشىپ خەپ دەپ...ئەمما يەنىلا شۇ رەسۇلىللاھنىڭ بەرىكەتلىك توي مەھرى ئاز بولغان توي...دېگەن سۆزى بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپىمەن.بىز خەق ئاشۇنداق شۈكۈرلۈك،قانائەتچانكەنمىز،تۇرمۇشىمىز بەخىتلىك بولسىلا بولدى دەپ دېگەندەك.كۆپ شۈكرى ئىشقىپ،مۇھەببەتلىك ئۆتسىلا پۇل ئاز بولسا نېمە،كۆپ بولسا نېمە...ئۆزۈمنى بەزلەي يەنىلا:P

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 10:38:03

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 10:30 static/image/common/back.gif
...ئۆزۈمنىلا بىكاغا كەتكەنمىكىن دېسەم،ئۆزلەمۇ باما؟ ...

ۋاھ 40 مىڭ دەيلى، ماڭا 2.5 مىڭنى بەرگەن، يۈز ئاچقاندا قىزىل ياقۇت كۆزلۈك زالتاي ھالىقىدىن بىرنى سالغان، تويدىن كىيىن چوڭلار بىلەن بىر ھويلىدا بىر ئىغىز ئوينى ئۆيۈمكەن دەپ تۇتۇپ ھاياتىمىزنى باشلىۋەتكەن ئىدۇق.
مانا ھازىر ئاز كام 20 يىل بوپتۇ، نۇرغۇنلاردىن ئايرىلدۇق، يەنە نۇرغۇنلارغا ئېرىشتۇق، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم، شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ. ئۆزىمىز قول سېلىپ، ئەجىر قېلىپ ئەتكەن تاماق تاتلىق بولىدۇ. يېڭى ھاياتىمىزنى يارىتىش يولىدا قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز، تارتقان جاپالىرىمىز بىلەن قوشۇلۇپ يېقىملىق بىر مىلودىيەگە ئايلىنىدۇ. بەزى بىسىملارنى ئۆزىمىز مەجبۇرى پەيدا قىلىۋالمىساقمۇ تاشقى بېسىملار يېتىپ ئاشىدۇ.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 11:46:12

خوتۇن ئۈستىدىكى ئايىملاردەك نان تاشلىسا قىممەت ئالغانغا قۇرساق ئاغرىمايتتى...

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 13:36:23

مەن 2013-يىلى توي قىلدىم ،قىزغا 40000كەتتى ،توي تەييارلىقى رېستۇران ئۇ بۇ چىقىمنى كۆتۈرۋەتسەك28000كېتىپتۇ ، تويدا ماڭا 20000ۈشكەن قىز تەرەپكە 15000چۈشۈپتۇ ،چوڭلارغىمۇ 90000چۈشكەن گەپنى قىلدى ، ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ بانكىدىن 280000قەرىز ئالدۇق،ھازىرمۇ قايتۇرۋاتىمىز،ئىشقىلىپ كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ھازىرچە...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 13:50:46

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 08:55 static/image/common/back.gif
مەن بىكاغىلا تېگىپتىمەن قارىغاندا........

باكاغا تەگمىگەنلا. :o .   بەلكىم ئاكاشنڭ ئىقتىسادى شارائىتى شۇنىڭغا لايىقتۇ.  ياكى بەكرەك سۈننەتچى بولسا ئاز بەرگەندۇ.  
  بىزنىڭ يۇرتلاردا 25مىڭدىن 40 مىڭغىچە بولىۋىتىپتۇ تويلۇق.   ھەر ئادەم ئۆز شارائىتىغا يارىشا قىلسا بولىدۇ.  ئىقتىسادى يار بەرسە ئەتراپىدا قانچىلىك بولىۋاتقان بولسا شۇنچىلىك بەرسە بولىدۇ. يار بەرمىسە ئامال يوق.  كۈچى يەتكىنىنى بىرىدۇ شۇ. تويدا بۇ مۇھىم ئەمەسقۇ. مۇھىمى كۆڭلى بىر يەرگە كىلىپ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش.  
  ئەل قاتارى 25 مىڭنى بەردىم دەي. قاسساپ بولغاندىكىن گۆشنى جىق جىق قىلمىسام بولمايدۇ جامائەتنىڭ ئالدىدا.   قوتازنىڭ سىمىز تورپىقىدىن ئىككىنى سويسام 10 مىڭ كەتتى دىگەن گەپ. :L    قالدى قاتتىغا 15 مىڭ كىتىدۇ زادى ئەڭ ئاددى ھىساپلىغاندا.   50 مىڭ يوق دىگەن گەپ. :lol      
  دادامغۇ ھەممە چىقىملىرى 300 كوي بىلەن توي قىپتىكەن ئاپام بىلەن.  ;P      

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 13:51:50

يالغۇز ئوغۇلغا ياخشىكەن زادى.  ئۆي ئالىمەن يوق.  {:87:}

amin01 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 14:16:30

قىمەتلىشىپ كەتتى دەپ قاخشاشمىسلا ھەزەتلىرىم  بۇ يىل ئۆتسە ئاللا خالىسا كېلەر يىلى بىكاغا قالدى دېگەن گەپ،:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 17:35:49

ئۇغۇ شۇ;P

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 09:27:32

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 10:38 static/image/common/back.gif
ۋاھ 40 مىڭ دەيلى، ماڭا 2.5 مىڭنى بەرگەن، يۈز ئاچقاندا قى ...

ھەي شەھلا ئاچا يىگىرمە يىل ئاۋال شۇنچە ئالغان بولسىڭىزشۇ دەۋرگە نىسپەتەن جىق پۇل ئۇ،يەنە باكاغا كەتكەن دەيدا...

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 09:31:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Control تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 09:52  

بىزنىڭ بۇ تەرەپتە ئاددىي - ساددا پاكىز توي قىلسا قىز ئەكىرىش (خىزمەتچى بولمىسا) ئۈچۈن 20 مىڭ سوم بولسا يېتىپ ئاشىدۇ (بۇ پەقەت قىزنىڭ تويلۇق چىقىمى بىلەن توينىڭ گۆش ياغ، توي يۆتكەيدىغان ھارۋا ئەلەي بەلەيلىرىنىڭ چىقىمى). لېكىن ھازىر قارىسام جەمئىيەت تەتۈرسىگە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، قىز ۋاقتىدا 5 مىڭ سومغا تەگكەنلەر بارغانسىرى ئۆرلەپ تۆتىنجى ئېرىگە 10 - 15 مىڭغا تېگىدىغان بولۇۋاپتۇ{:92:}
بەت: 1 2 3 [4] 5
: توي قېلىشقا قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟