ۋاي ۋۇي
بەك قىستاپ كەتسە ئاقاچىمىز ئاغىنىلەر
توردىمۇ نىكاھ ئوقۇيدىغان بوپ كىتىپتۇ ھازىر
ئېپ قاچالىسسا ئېپ قاچسا بولىدۇئەر بامۇ دىگەن ناخشىنى يوللاپ قويايما؟
ئەرزان تىگىدىغان قىز بارمۇنى يوللاپ قوياسىز ھى ھى ھى ھى
قىزىنى بېقىپ شۇنچە چوڭ قىلىپ قويغان ئاتا ئانىسىغا رەھمەتمۇ يوق ئەپ قاچىدىغانغا مەن ئۇنچىۋالا تۇزكورمۇ ئەمەس بولمىسا
چاقچاق قىلىپ دەپ قويدۇم.
ھەممىنى يولى بىلەن قىلىمىز.
ئەمما يامان يېرىدىن قىستىسا، مەن قىلمىسام قىلىدىغانلار چىقىدۇ.
چەكتىن ئاشۇرۋىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس راس
ئۇنچە ھەشەم قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى شۇنچە پۇلغا توي قىلىپ ئەر خوتۇن نەچچە يىلغىچە قەرىز تۆلەپ ئۇرۇش تالاشتا ئۆتكەندىن توينى نورمال قىلىپ ئۆي بولمىسا ئىجارە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ كىيىنچە ئىقتىساد يىغىپ ئېلىۋالساڭلىمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ .
مەن توي قىلغىلىمۇ خېلى بولدى ئۆي ئالمىدۇق چوڭلار بىلەن بىر قورادا تۇرىمىز ئايالىم غۇلجىدىن مەن بولسام كۇچاردىن توي يۆتكەش ئىككى يەردىكى توي توي چىقىملىرىنى قوشقاندىمۇ 40 مىڭ يۈئەندىن ئازراق چىقىم بوپتۇ . ھازىر 2 بالام بار سەينادا ئويناپ تاقلاپ يۈرۈيدۇ ئايالىم توي قىلغاندىن باشلاپ قازان بېشىغا دىرىكتور بولۇپ ئاپامنى ئارامغا چىقاردى ئاپام ھازىر نەۋرىلىرىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈڭ ئارتۇق جېدەل يوق ئۆي ئېلىشقا قىزىقمىدىم 5 پۇڭ كىلىدىغان بېغىم بار ئەتىگەندە نامازدىن يېنىپ بېغىمدا بىردەم ئايلىنىمەن . بىنا ئۆي دىگەنگە شۇنداق ئۆچ ئىكەنمەنكىن ئىچىگە كىرسەم تىنالمايۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن . ھازىر شۇنداق ياخشى قورو جايى بارلارنىڭمۇ ھەدەپ بىنادىن ئۆي ئېلىپ كۈچۈپ چىقىپ كىتىشلىرىگە قاراپ ئۇلارنىڭ ئەخمەقمىكىن دەپ قالىمەن .
ئەڭ ياخشىسى توي قىلماقچى بولغانلار ئۆي مەسلىسىنى كىيىن ئويلىشىپ ئەخلاقلىق قىزدىن بىرنى كۆزنى يۇمۇپلا ئېلۋېلىڭلار بولمىسا كىيىنچە سىلەر بىلەن تەڭ ياشتىكىلەر توي قىلىپ تۈگەپ كىچىك قىزلارنى ئالغىڭلار كەلمەي قېرى يىگىت بۇلۇپ قالىسىلەر مىنىڭ بىر دوستۇممۇ دەل شۇنداق بۇلۇپ ھازىرغىچە بويتاق يۈرۈيدۇ
بەزى قىزلار تويلۇقنى كۆپ سېلىشنى نىكاھىنىڭ مۇستەھكەم بولىشىنىڭ ئۇلى دەپ قارايدىكەن،بىر دوستۇمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى تويغا تۇتۇش قىپتىكەن، دوستۇمدىن ئۇنىڭ تويلۇقنى بەك ئېغىر سالغانلىغىنى ئاڭلاپ پاراڭ ئارىلىغىدا شۇنچىكى قىستۇرۇپ بۇنچىۋالا بېسىم قىلىپ ئوغۇل تەرەپنى قىينىغىچە لايىقىدىراق قىلساڭلار بولمىدىمۇ؟ تويدىن كىيىن قەرىز تۆلەيمىز دىسەڭلار قىينىلىپلا قالماي بەزىبىر ئاۋارىچىقلارغا ئۇچرىشىڭلار، تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم ئۆتمەسلىگى مۇمكىن....دىسەم...ۋاي تويلۇقنى ئاز سالسام ئەرزان تەگدى دەپ ھەددىن ئېشىپ، ئازراقلا گەپ تالاشساق ئاجرىشىمىز دەپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق ئېغىر سالسام ئۇنداق قىلالمايدۇ....تويدىن كىيىن ئۇ قەرز تۆلىسە مەن مودا كىىيىملەرنى كۆپرەك كىيەلەيمەن، قاتار چايلىرىمغا قىينالماي بارالايمەن.قەرىز تۈگىگەندە ئاندىن ئىككىلىمىز ئىقتىساتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆي ئېلىشقا تۇتۇش قىلساق بولىدۇ......دىدى. ئۇنىڭ بۇ گىپىگە يەنە بىر ئاز بىر نىمە دەي دىۋىدىم دوستۇم چىمدىپ گەپ قىلغۇزمىدى، قۇلىغىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ:گەپ قىلما، پايدىسى يوق دەپ.ۋاي تاتلىق خانئاچا سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن بەزى ئوغۇللار پۇلغىلا تۇرىدۇ، قىزلار مۇشۇنداق يىرىنى تۇتىۋالىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: تويلۇقى ئېغىر سېلىنغان قىز، توي كۈنى يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكىدەك چىقماي قالسا ئۇ يىگىت قىزنى ئاستا يولىغا سېلىپ قويالامدۇ؟ مۇشۇنداق قىلالايدىغاندىن قانچىلىكى بادۇ ھازىر؟ ئەگەر ئەرزان تەگسە تاتىنمايلا يولىغا سېلىپ قويىشى مۇمكىن،كۆڭلى چۈشۈپ قالسىغۇ ئۇنداق قىلىپمۇ ئولتامايدۇ بۇ ھازىر قانچىلىك ئىشتى دەپ.جەمىيەت تەرەققى قىلسا ئىنساپ دىيەنەتمۇ، ئەخلاق-پەزىلەتمۇ ئوخشاشلا تەرەققى قىلىپ ماڭىدىكەن.قىزلارنى شۇنداق يولغا سېلىپ قويالايدىغان يىگىتلەر كۆپەيسۇنچۇ قېنى جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار خاھىش يەنە شۇنداق ئەۋج ئالالامدىكەن ؟
مىنىڭ ئاغىنىلىرىم ئارىسىدا توي كۈنىنىڭ ئەتسى ئايالىنى يىتىلەپ قېينى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بىر قانچىسى بارشۇنچىلىك ئەركەكلىكى بار يىگىتكە تويلۇقنى ئېغىر سېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ ياخشى قىزلارنىڭ، ئاللاھ بەختىنى بەسۇن شۇنداقلارنىڭ
ناچار ئاياللارنىڭ ئەركىشىنى \"گۆرۈگە ئېلىۋالىدىغان\" ئىككى دەستىكى بار: تويلۇق ۋە بالا.
خىيالىدا ئەركىشى چىدىمايدىغان مۇشۇ ئىككى نەرسە ئارقىلىق ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ خالىغىنىمنى قىلىمەن -دەپ قارايدۇ.ئەركىشىگە يۈك ئارتىپ كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتسە، ئەر كىشى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرەلمەي تىنىم تاپماي ئىشلىسە،رىقابەت جەريانىدا ئۆز ئىشەنچىنى يوقاتسا تېخىمۇ گېپى ئۆتمەس بولۇپ قالىدۇ،ئاقىۋەت ئۇ ئايال ئەر كىشىگە تېخىمۇ ئوخشايدىغان پۇلى بار،ئورنى بار بىرسىگە بۇزۇلىدۇ.ياكى ئەر كىشى قانۇنسىز ،ۋىجدانغا خىلاپ كىرىم يولىغا كىرىپ قالىدۇ. كونىلار \"ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن\" دەيدۇ -شۇڭا.
جىئاڭخۇ ئوينايدىغانلارنىڭ (جاھان كەزدىلەرنىڭ) بىر گېپى بار: خوتۇن كىشى كىيىمگە ئوخشايدۇ-دەپ.
ئەركەكلىك كەملەپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتتە ئاياللار ئەسەبىيلىشىدۇ. ھازىر ئەر-ئاياللار باراۋەر جەمئىيەت، ئىشىنىڭ ئايالىڭىز تويدىن كىيىن چوقۇم بۇ كۆز قاراشتا بەك چىڭ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ مۇئاشلىقلىرى. شۇنداق بولغان ئىكەن،تويلۇق كۆپ بولۇپ كەتكىنىنىڭ چوقۇم ياخشى غەرىزى يوق.
چىدىماي ئەمەس،كاللامدىن ئۆتمەيدۇ
بۇرۇن بولغاندا قىز تەرەپ ئەر تەرەپكە كىلىپ ئەرنىڭ ۋە ئەر ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.شۇڭا تويلۇقنى قىز تەرەپكە سالاتتى.
ئەمدى بولسا توي قىلىپ ئايرىم ئۆيگە كىرىدۇ.ئەرنىڭ ئۈيىدىكىلەرنى يىلدا بىر يوقلىسا يوقلىدى،بولمىسا يوق.شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىگە تويلۇق؟
تويلۇقنى ئالدى دەيلى،ئەرنىڭ گىپى ھىساپ بولىشى كېرەكقۇ؟ يەنە شۇنداق تۇرۇپ ئەر ئايال بارەۋەر دەپ گىپى بوڭ بوڭ
نىمىگە شۇنداق بولىدۇ؟
كاللامدىن ئۆتمىدى.
چۈشەندۈرۈپ قويىدىغانلار ئەستايىدىل بولارسىلەر
قېنى ما خەق
زىيالى سۆزلەپ قاپتۇيا
ئۆزۇمىنىڭ بولمىغاندىن كىين ئاكامنىڭكىنى دەپ بىرەي ھە.
بولغۇسى كىلىن مىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇردىدا ئىككىسىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇپ كەتكەن،ئىنشائاللاھ 9-ئاينىڭ 2-كۇنى توي قىلىمىز.
قىز تەرەپمۇ ياخشى بولغاچ تويلۇق ئانچە ئىغىر چۇشمىدى.قىزغا 25000 تويلۇق بەرگەن،يەنە بىرىدىغان بىرتال بىلەيزۇك بار.ئۆي ئالمىدۇق ،مۇئاشلىق بولغاندىن كىنيىن كىينچە ئۆزلىرى ئالار دەپ.
رىستۇرانغا قانچە خەجلەيمىز ئۇ ھازىرچە ئىنىق ئەمەس.باشقا چىقىملار بىلەن قوشۇلۇپ 15000دەك كىتەر بەلكىم،
مىنىڭچە قانچلىك تويلۇق مۇھىم ئەمەس مۇھىمى ياخشى دىيانەتلىك يەرنى تىپىپ لايىقىدا توي قىلىش،تويدىن كىيىن ئەر-ئايال ئۆز مەجبۇريەتلىرىنى كۇچى يەتكەنچە ئادا قىلىش
ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىدىماي ئەمەس،كاللامدىن ئۆتمەيدۇ
بۇرۇن بولغاندا قىز تەرەپ ئەر تەرەپكە كىلىپ ئەرنىڭ ۋە ئەر ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.شۇڭا تويلۇقنى قىز تەرەپكە سالاتتى.
ئەمدى بولسا توي قىلىپ ئايرىم ئۆيگە كىرىدۇ.ئەرنىڭ ئۈيىدىكىلەرنى يىلدا بىر يوقلىسا يوقلىدى،بولمىسا يوق.شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىگە تويلۇق؟
تويلۇقنى ئالدى دەيلى،ئەرنىڭ گىپى ھىساپ بولىشى كېرەكقۇ؟ يەنە شۇنداق تۇرۇپ ئەر ئايال بارەۋەر دەپ گىپى بوڭ بوڭ
نىمىگە شۇنداق بولىدۇ؟
كاللامدىن ئۆتمىدى.
چۈشەندۈرۈپ قويىدىغانلار ئەستايىدىل بولارسىلەر
نىمشقا كاللىڭىزدىن ئۆتمەپتۇ؟ بۇرۇن بولغاندا بولسۇن ھازىر بولغاندا بولسۇن سېلىنغان تويلۇق ھەممىسى مەھىر،قىزغا قىلىنغان ھەدىيە ،بۇرۇن قىز ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۈتەتتى شۇڭا تويلۇق سالغان ئەمدى كۈتمەيدۇ تويلۇق كاللامدىن ئۆتمەيدۇ دىسىڭىز ئەمىسە ئالىدىغان قىزغا \"بەرىبىر تويدىن كىيىن سەن ئاتا-ئانامنى باقمايسەن شۇڭا ساڭا تويلۇق سالماي ئالاي \"دەپ بېقىڭ كاللىسىدىن ئۆتۈپ قالسا شۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ بىراق ئۇنداق قىز چىقماسمىكىن
يەنە شۇ توينىڭ گېپىمۇ؟؟[چېكىدىن تەر ئېقىش]