xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 09:35:53

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 09:27 static/image/common/back.gif
ھەي شەھلا ئاچا يىگىرمە يىل ئاۋال شۇنچە ئالغان بولسىڭى ...

نەدىكىنى شۇ چاغدىمۇ 10-15 مىڭ بولىۋاتقان ئوقىمىغان باكاچى قىزلارنىڭ. {:92:}

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 09:49:59

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 13:50 static/image/common/back.gif
باكاغا تەگمىگەنلا.  .   بەلكىم ئاكاشنڭ ئىقتىسادى شارا ...

ئۇكامەي قارىسام ئاسمان-پەلەك توي خىراجىتىنىڭ گېپى بولىۋېتىپتىكەن،سىزمۇ شۇنداق چوت سوققىلى تۇرۇپسىز شۇڭا دەپ قويغان گەپلەر ئۇ.مېنىڭ يولدىشىمدەك بىلىم-پەزىلەتتە يېتىشكەن،ئېسىل باللارغا بىكارغا تەگسىمۇ ئەرزىيدۇ:) ئەسلى مەھرى ئالماي دەپتىم،بەزى شەرتلەرنى قويۇپ،مەسىلەن:ساھابە ئاياللار توي تەكلىپى قويغانلارنىڭ بەزىلىرىنى ئىسلامغا كىرىش،بەزىلىرىنى قۇرئان ئۆگىتىپ قويۇش بەدىلىگە قوبۇل قىلغان ...دېگەندەك.يولدىشىم كۈلۈپ كېتىپ،ئاقىلنىڭ تاللىشىمۇ ئاقىلچە دەپ...لېكىن ئۇنىمىدى مەھىر دېگەن سىزنىڭ ھەققىڭىز دەپ تۇرۇپ بەردى  ۋە ھېچ قاچان مەن ۋە ئائىلىمىز بۇنىڭدىن ئارتۇق ئويلاپ باقمىدۇق.ئۆيىمىزدە تۆت قىزنىڭ تويى بولدى،ھېچبىرىنىڭ ئونمىڭدىن ئارتۇق بولمىدى،ئەلۋەتتە ئۇ بۇ تويلۇق،چاي مۇراسىملىرىدا كەتكەنلەر بىلەن بىريەرگە بېرىپمۇ قالىدۇ.ئەمما ھەممىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك،ئىناق ياشاۋاتىمىز،ئاللاھقا شۈكرى.مەھرنىڭ ئاز ياكى جىقىنىڭ چەكلىمىسى يوق،جىق ئېلىشقا قارشىمۇ ئەمەسمەن،خۇش بولىدۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ جىقراق بەرسە.شۇ بۇ يەردە ئايال بولساقمۇ يەنىلا ھەممە نەرسىنىڭ پۇل بىلەن ئۆلچىنىپ،بەك ئابرويپەرەسلىك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئاز-تولا نارازىلىقنى نازلىنىپ تۇرۇپ بىلدۈرۈپ قويغان بولدۇق. شەھلا ئاچاممۇ دەپتىغۇ ئەنە،ھازىر توي قىلغان قىز-يىگىتىلەرنىڭ ئۆيىنى ئىككى تەرەپ ھە ھۇ بىلەن ئوردىدەك ياسىۋەتكەن،ئۆي، ماشىنىدىن تارتىپ ئېلىۋاتقان،ئون-يىگىرمە،ھەتتا ئوتتۇز-قىرىق يىل ئۆي تۇتقانلارنىڭ ئۇلارنىڭكىدەك بىستاتى يوق دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.ئەمما ئۆيگە ھەممىنى تولدۇرۇپ،بېزىۋەتكەن بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆيگە ۋە كۆڭۈللەرگە تولدۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ.تېخى يېقىندىلا بىر تونۇشلارنىڭ ئاشۇنداق ھەممە تولۇقى بىلەن،ۋاي دېگۈدەك توي بولغان بالىسىنىڭ.ئۈرۈمچىدە ئۆي،ماشىنا،ھەممە تەل،ھەر ھەپتىدە ماشىنىدا ئىككى سائەتلىك يولنى بېسىپ چوڭلارنى كۆرگىلى كەلسە،ئاۋۇ كېلىنچەك قېينانىسىغا سوۋغاتلىق ئېرىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيغىلى ئالغاچ كېلىدىكەن...قېينائانا بولغۇچى بۇ توي ئۇزۇنغا بارمايدىغاندەك ئۈمۈتسىز.....
ئەمما يۇقىرىدا بىر توردىشىمىز دېگەندەك ياخشى قىزلارغا قانچە قىلسىمۇ ئەرزىيدۇ،مېنىڭ يولدىشىممىغۇ شۇنداق دەپ مېنى ئالدايدۇ كەچكىچە...:)

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 09:51:07

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 09:35 static/image/common/back.gif
نەدىكىنى شۇ چاغدىمۇ 10-15 مىڭ بولىۋاتقان ئوقىمىغان باكا ...

سىزمۇ تازا جېدەل قىلىپ جىق ئالسىڭىز بولمامدۇ ئەمىسە....:P

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 21:59:32

ئۇف....بىزلەر قاچان قىلامىز توينى، نىكاھ غايىب دەپ يۈرىۋاتىمىز چەتئەلدىكى مۇساپىرلىقتا

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 22:16:08

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 21:59 static/image/common/back.gif
ئۇف....بىزلەر قاچان قىلامىز توينى، نىكاھ غايىب دەپ يۈرى ...

ۋاقتىدا توي قىلىڭ ، سالامەتلىككە پايدىلىق !

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 02:55:07

kangasman يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 17:16 static/image/common/back.gif
ۋاقتىدا توي قىلىڭ ، سالامەتلىككە پايدىلىق !

مېنىڭمۇ ئەلۋەتتە ۋاقتىدا قىلغۇم بار دەڭە توينى، ئەمما شۇ توي قىلىدىغان قىزدىن بىرنى تاپاي ئاۋال ھە...

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 03:10:55

مەن ھەنىم بولسا 7000 كۆيچەنگە ئىېلىۋاپتىكەنمەن خاتۇننى. 2 يىل ئالدىدا

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 03:46:47

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 03:10 static/image/common/back.gif
مەن ھەنىم بولسا 7000 كۆيچەنگە ئىېلىۋاپتىكەنمەن خاتۇننى.  ...

مانداق ، ئېتىبار باھالىقتىن بولسا دەپ بەرمەمسىز {:228:}

NamsizNur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 08:28:59

ئۇقۇش پۈتتۈرۈپلا قىلايمىكى دەۋاتىمە ئاللاھ خالىسا،

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:20:57

kangasman يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 03:46 static/image/common/back.gif
مانداق ، ئېتىبار باھالىقتىن بولسا دەپ بەرمەمسىز

ئىتۋار باھالىقنى تەپ بەرمەيدۇ. سىز تۇرۇپ ئالىدىغان قىزنىڭ ئويدىكىلىرى ئوبدان دىيىشسىڭىز بۇلىدۇ.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 22:01:31

toghrak يوللىغان ۋاقتى  2011-8-20 21:52 static/image/common/back.gif
زىيالى سۆزلەپ قاپتۇيا

خوتۇن ئېلىشنىڭ گېپى بولاۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ .:lol
بەت: 1 2 3 4 [5]
: توي قېلىشقا قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟