• 2009-01-03

    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ...... - [تەرمىلەر]

    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ...... . دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كىنو: < تىتانىك ناملىق پاراخوت > فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشىگە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان. 2. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئېلان: 2002 _ يىلى پېپسى شىركىتى ناخشا چولپىنى جىران سېپىرسنى مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ئېلانىغا تەكلىپ قىلغاندا، قىسقىغىنا 90 سېكۇنتلۇق ئېلان ئۈچۈن 7 مىليون 530 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەق بەرگەن. 3. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ساياھەت: ئامېرىكىلىق سودىگەر دېننېت تىتو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىللىونېر ماك شوتلېۋۇت ھەر قايسىسى ئايرىم _ ئايرىم ھالدا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىپ ئالەم پونكىتىنى ساياھەت قىلغان. 4. دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئىستېماللىق شەھەر: ھەرقانداق بىر جاينىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى توكيونىڭكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 5. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاياغ: داڭلىق ئۈنچە _ مەرۋايىت سودىگىرى ستوئۇت ۋىرمان 642 دانە ياقۇت ئورنىتىپ ياسىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ باھاسى 1 مىليون 600 مىڭ ياۋرۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئىسمى _ جىسمىغا لايىق ئەڭ قىممەت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ھېسابلىنىدۇ. 6. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت رەسىم: رېۋبېنىسنىڭ ماي بوياق رەسىمى < بوۋاقنى خورلاش> 2002 _ يىلى 73 مىليون 500 مىڭ ياۋرۇغا سېتىۋېلىنغان. 7. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كىيىم: ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىللىرىنىڭ كىيىمىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ باھاسى 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. 8. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مېھمانخانا: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي شەھىرىنىڭ < بوريا ئەل ئەرەب> مېھمانخانىسىنىڭ بىر يۈرۈش ياتىقى 770 ياۋرۇ. پادىشاھ يۈرۈشلۈك ياتىقىنىڭ باھاسى 7700 ياۋرۇ. 9. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاۋار ماركىسى: < كوكا كولا > نىڭ قىممىتى 68 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈن شىركەت باھاسىنىڭ %60 تىگە باراۋەر كېلىدۇ. 10. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كىتاب: < لېستېر قانۇنلار توپلىمى: سۇ، يەر شارى ۋە ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە> ناملىق كىتاب بىر خىل ئالاھىدە قىممەتلىك زىننەت قەغىزىگە ئالاھىدە قوغۇشۇن ھەرىپى ئارقىلىق بېسىلغان. بىل گايتىس بۇ كىتابنى 24 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان.



    评论

  • دۇنيادىكى ئەڭ


    ئەڭ چوڭ دۆلەت روسىيە
    نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت جۇڭگو
    ئەڭ باي دۆلەت لېسىبىن
    ئەڭ تاتلىق دۆلەت كۇبا
    ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى قازاقىستان
    ئەڭ ياش دۆلەت شەرقى تىمور
    ئەڭ بەخىتلىك دۆلەت ئىئوردانىيە
    ئەڭ كىچىك ،نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت ۋاتىكان
    قۇرۇقلۇق مەيدانى ئەڭ چوڭ قتىتە ئاسىيا قىتەسى
    دىڭىز قىرغىقى ئەڭ ئۇزۇن قىتتە ئاسىيا قىتەسى
    نوپۇسى ئەڭ كۆپ قىتتە ئاسىيا قىتەسى
    ئەڭ ئىگىز چوققا چومۇلاڭما چوقۇسى
    ئەڭ ئىگىز ئىگىزلىك چېڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكى
    ئەڭ چوڭ يىرىم ئارال ئەرەب يىرىم ئارىلى
    ئەڭ چوڭ كۆل ئىچكى دىڭېز
    ئىقتىسادى ئەڭ بىخەتەر دۆلەت شېۋىتسارىيە
    ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇغلۇق ئويمانلىقى تارىم ئويمانلىقى
    ئەڭ چوڭ خەلىق مەيدانى تېيەنئەنمىن مەيدانى
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسى ئورگان بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكىدا)
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پويىز ئىستانىسى نىيويورىكتا
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماتىرىك ياۋرۇ -ئاسىيا ماتىرىكى
    يانار تاغ ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېندىنوزىيە
    ئەڭ چوڭ قۇملۇق سەھرايى كەبىر قۇملۇقى
    ئالتۇن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان قىتتە ئافرىقا قىتەسى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا نىل دەرياسى (6600كىلومېتىر)
    ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋىكتورېيە كۆلى
    ياۋرۇپادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەت گېرمانىيە
    كالا گۆشىنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ئارگىنتىنا
    سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا ئامازون دەرياسى
  • دۇنيادىكى نوپوسى ئەڭ ئاز مىللەت-بۇداۋ مىللىتى. بۇ مىللەت 缅甸(مىيەن دەن)دە ياشاپ كەلمەكتە. شۇ يەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دىيىشچە، پۇتۈن دۇنيا بويىچە نوپوس سانى 200 ئادەمگىمۇ يەتمەيدىكەن.缅甸دە ياشاۋاتقانلارمۇ 50كە بارمايدىكەن.

    بۇداۋ مىللىتىنىڭ بولۇپمۇ ئايالىرىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ئاجايىپ غەلىتە بولۇپ، بوينىغا ئادەتتە ئون نەچچە مىس مارجان تاقايدىكەن، كۆپ تاقايدىغانلىرىنىڭمۇ 20نەچچىگە بارىدىكەن. ئومومى ئېغىرلىقى 20كىلگىرامغا بارىدىكەن. جەمىيەتتنىڭ تەرەقى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇداۋ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى.
  • ياسىلىش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى تەنتەربىيە مەيدانى

    پارىژ شەھىرى ئەتراپىدىكى Stede deFrance تەنتەربىيە مەيدانىنى ياساش ئۈچۈن 460 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىنغان بولۇپ،1998-يىلى فرانسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مۇشۇ مەيداندا دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان .

    ئەڭ قىممەت ئۇيۇنچۇق

    ماتتېر ئويۇنچۇق شىركىتى << بابى بالا >> ناملىق ئويۇقچۇق قورچاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن زاكاز قىلىنغان بىر << بابى بالا >> ناملىق قورچاقنى ياساپ چىققان.بۇ قورچاقنىڭ سېتېلىش باھاسى 50 مىڭ فوندستېرلىڭ ئىكەن .بۇ قورچاققا 20 كاراتقا يېقىن برىليانت ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈستىگە 18k لىق ئاق ئالتۇن نەقىشلەنگەنىكەن .

    ئەڭ پۇلغا يارايدىغان سودا كارتىسى

    مۆلچەرلىنىشىچە ، <<كوكاكولا>> ماركىسىنىڭ قىممىتى 68 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، پۇتۈن كوكاكولا شىركىتى قىممىتىنىڭ %60 ىنى ئىگەللەيدىكەن .

    ئەڭ قىممەت كىتاب

    داۋىنچنىڭ << لېستېر قانۇنى___ سۇ،يەر شارى ۋە ئاسمان جىسىملىرى سىستىمىسى توغرىسىدا >> دىگەن كىتابنى ئالاھىدە قوغۇشۇن ھەرپنى بىر خىل قىممەتلىك قەغەزگە بېسىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلەنگەن بولۇپ ،بىل گايتىس بۇ كىتابنى 24 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان .

    ئەڭ قىممەت توي كىيىمى

    دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت توي كىيىمىنى ئېللاينا گانۋىل لايىھىلىگەن بولۇپ،برىليانت بىلەن زىننەتلەنگەن .بۇ كىيىمنىڭ باھاسى 7 مىليون 300 مىڭ دولللار بولۇپ، 1989-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇنچى قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان .