• 2009-01-03

    دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر - [ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن]

     

    دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر1. ئەڭ قىسقا مۇھەببەت پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە

    :
    ـــ سىز ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدىڭىزمۇ؟
    ـــ ياق.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يەنە داۋاملىق بەختلىك ياشاشقا باشلىدى.
    2. ئەڭ قىسقا تۇرمۇش پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە:
    تېمىسى: « تۇرمۇش ». تېكىستى: تور.
    3. ئەنگىلىيىنىڭ « كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى » بىر قېتىم « ئۈچ خەتلىك ھېكايە » يېزىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېكىستى:
    ئىلاھ سەكراتقا چۈشتى.
    4. ئەڭ قىسقا بىمەنە ھېكايە:
    بىر بولكا كوچىدا كېتىۋېتىپ، قورسىقى ئاچقانلىغىنى ھېس قىلدى-دە ئۆزىنى يەۋەتتى.
    5. بىر قېتىملىق ھېكايە مۇسابىقىسىدا، ئەسەرلەر چوقۇم سىياسىي، دىن، جىنسىيەت ھەم كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەر مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
    ـــ پەرۋەردىگارىم، ئايال پادىشا ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، بۇنى كىم قىلغاندۇ؟
    6. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھېكايىسى:
    ـــ ياق!
    7. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا فانتازىيىلىك ھېكايە:
    ئەڭ ئاخىرقى بىر يەرشارى ئادىمى ئۆيىدە ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.
    8. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا شۇبھىلىك ھېكايە:
    ھايات، مامات، ھايات.
    9. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا خۇلاسە خاراكتېرلىق ھېكايە:
    ئۇ ئۆلدى، ئۇ ئىلگىرى چوقۇم ھايات ياشىغان.
    10. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا روھلاندۇرىدىغان ھېكايە:
    ھېلىقى ئاقساق ئىت ئاخىرى ئامېرىكا پرىزدېنتلىقىغا سايلاندى!
    11. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا قورقۇنۇشلۇق ھېكايە:
    ھۇشيار بولۇڭ، يېنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ جەسىدى ياتىدۇ.
    12. دۇنيادىكى ئەڭ كىنايىلىك ھېكايە:
    چۈمۈلە زىيادە چارچاشتىن ئۆلدى، چۈمۈلە خانىش بولسا يەنىلا شۇنداق سېمىز.
    13. مۇھەببەت زوراۋانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە:
    تېمىسى: « كۈندە بالىنى تۇغۇشقا مەسئۇل بولىسەن دەپ ماڭا چاپلىشىۋالما، ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن توي قىلغۇزۇپ، ئاپاڭغا ئوخشاش ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويما »
    تېكىستى: « قاراس-قۇرۇس »
    بۇ يازما چىمبۇلاق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى !ئەسلى مەنبەسى :http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=412





    评论

  • تەرجىمە قىلغۇچى ۋە رەتلىگۈچى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ئۇيغۇرتىل-ئەدەبىيات2004-يىللىق2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىم .كىملىك نۇمۇرى653224198503261133
  • راستىنلا مەن ئۇقۇپ باقمىغان ھىكايىلەركەن . رومان ئۇقۇغاندىن ئۆزگىچە بولىدىكەن.