• 2009-01-03

    ئاياللارنصڭ تۇرقصدصن مةيلصنص بېلصش

    ئاياللارنصڭ تۇرقصدصن مةيلصنص بېلصش
    ئەرلەرنىڭ ئالدىدا كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسى ئېچىلىپ قالغانلىقىنى سەزمىگەن ئاياللار بىر بولسا ھېچكىمدىن ھېيىقمايدىغان شاللاقلار ياكى بولمىسا ئالدىدا تۇرغان ئەرنى خىزىر چاغلاپ ئەنسىرىمەيدىغانلار ھېسابلىنىدۇ. 
    كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسى ئېچىلىپ قالىدىغان ئەھۋال ئاشىق ـ مەشۇقلار ئوتتورىسىدا كۆرۈلسە، ئايال تەرەپ ئاشىقىغا ئۆز مەيلىنى تامامەن بېرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.   
    كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى گېلىگە تاقاپ ئېتىۋالىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىي جەھەتتە ئېھتىياتچان كېلىدۇ.
    قىز - چوكانلار ئەرلەرنى ئۈندىمەكچى بولغاندا، كۆپىنچە رەت قىلىش ۋە ئارىلاشما پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. گالۋاڭ ئەرلەر قىز - چوكانلارنىڭ بۇنداق ئىشارىتىنى چۈشەنمەيدۇ. 
    ئاشىق - مەشۇقلار قېيدىشىپ قالغاندا، قىز تەرەپنىڭ ئارقىسىنى قىلىۋېلىشى ياكى سىلىقراق قىلىقلار بىلەن رەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىشى، ئەر تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى

    ھەۋىسى قوزغىلىپ قالغان قىز ـ چوكانلار كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى تارتىپ تىنمايدۇ.  ,~ 
    تاپىنىنى كۆتۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى ۋە چىن يۈرەكتىن ئەر سېغىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
    بىلىكىنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇۋېلىشى قىز - چوكانلارنىڭ رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
    ماڭلىيىنى ماڭلىيىغا تىرەپ تۇرۇپ پىچىرلىشۋاتقان قىز - يىگىتنىڭ لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئاشىق - مەشۇق ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 
    قاڭتىيىۋىلىپ بولۇشىغا سۆزلەۋاتقان ئەرنىڭ ئالدىدىكى ئايال ئالدىغا ئېڭىشىۋەرسە، بۇ قىلىق ئەرنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆزىڭىز سورىمىسىڭىز ئوسال بولۇپ قالىسىز. 
    سۆزلىشۋاتقاندا قىز - چوكانلار تاپانلاپ تۇرۇپ پۇتىنىڭ ئۇچىنى تولغىسا بۇ ئۇلارنىڭ كۈچەپ نازلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. )ياۋرۇپالىقلار بۇ قىلىقنى شاللاق ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئۈنداۋاتقانلىقى دەپ چۈشىنىدىكەن
    ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆكسىنى سىيلاپ قويۇشى قىز - چوكانلارنىڭ ئەرلەرگە ناز كەرەشمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئەرلەرنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇشى قىز - چوكانلارنىڭ چېچىنى چۇۋۇشى ئۆزىنى تەقدىم ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  Q
    ئادەملەر ئۇدۇل تۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقاندا نەزىرىنى قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە قاراتقان ۋاقتى سۆزلەشكەن ۋاقىتنىڭ 30%~60% نى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر بۇ ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئېشىپ كېتىپ، پۈتۈن سۆھبەت جەريانىدا باشتىن - ئاخىر قارشى تەرەپكە قاراپ تۇرغان بولسا، ئۇ سۆھبەتنىڭ مەزمونىغا قىزىقماي سۆزلىگۈچىگە ھەۋەس قىلغان بولىدۇ. ئەر كىشىگە زوقى بارلار ھەمىشە يەر تېگىدىن قارىۋالىدۇ.  
    ئۇدۇل تىكىلىپ قاراش تۆۋەندىكى نەپىس تارتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.
    ئاياللار ئۆز كۆڭلىدىكى ئەر كىشىنى كۆرگەندە كۆزىنىڭ قارىچۇقى چوڭىيىپ كېتىدۇ. | 
    بەزى قىزلار ياخشى كۆرگەن يىگىتكە يولۇققاندا، قەستەن پەرۋا قىلماي تۇرىۋالىدۇ. ياكى ئۇنىڭغا بىر ئاز ئارىلىق تاشلاپ ماڭىدۇ. ياكى ئەتەي باشقا ئەرلەرگە يېقىنلىشىپ، ئۆز كۆڭلىدىكىنىڭ ئەكسىچە پوزىتسىيىدە بولىدۇ.  قىزنىڭ تېلېفونى يىگىتكە قەستەن ئۇلىنىپ قالسا، قىزنىڭ يىگىتكە مەيلى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  5L 
    قىز يىگىت بىلەن كۆرۈشكەندە قەھۋەنى تۆكۈرۋەتسە، مەن سىزگە تەگمەيمەن دىگەنلىك بولىدۇ. 

    قىز ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالسا، كۆرۈشۈشنى خالىمىغانلىق بولىدۇ.
    يىگىتنىڭ پورتىمالىنى ئالغاچ كەتسە، يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلانغانلىق بولىدۇ.  
    كۈنلۈك قاتارلىق بىرەر نەرسىسىنى يىگىتنىڭ يېنىدا ئۇنتۇپ قېلىپ ئېلىپ كەتمىسە، يەنە كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
    قىز يىگىتنىڭ مۈرىسىنى سىيلاپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ يىگىتتىن خاتىرجەملىكىنى ياكى ئۇنىڭ دوست بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    يىگىتنىڭ سۆزى قىزنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمىغان بولسا، قىزنىڭ چىرايىدا ئىزچىللىق بولمايدۇ. بۇنداق ئىزچىلسىزلىق ئۇنىڭدىكى رېرىكىشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. مەسلەن، يۈرەكتىن چىققان ھەقىقىي كۈلكە چىرايىدىن ئاسانلا كەتمەيدۇ. ھەتتا كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدۇ. لېكىن پىسىڭڭىدە كۈلۈپلا چىرايىنى ئوڭشىۋالسا، بۇ كۈلكە يۈرەكتىن چىققان بولمايدۇ.
    زورمۇ - زو ھۇدەپ قويۇش، قارشى تەرەپكە سىڭايان قاراش، كۆزىنى ئۇيان ـ بۇيانغا ئەپچىقىش قاتارلىقلار زېرىكىشلىكنىڭ ئىپادىسى.
    ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ يۈزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي مىختەك قادىلىپ، بىر نىمىنى

    ئويلاۋاتقاندەك كۆرۈنسە، ئۇ مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولۇپ ئۇزۈپ چىقالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  
    ئەر كىشىگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىسا ياكى تۆت كۆز ئۇچراشقاندا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويسا، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتاشقان بولىدۇ.
    ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا نازلىنىپ تۇرۇپ پۇتىنى ئىختىيارسىز ھالدا لىڭشىتىۋەرسە ياكى پۇتى بىلەن يەرنى سىجاۋەرسە ياكى چەمبەر سىزسا، بۇمۇ ئاشىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قەيەرگە دېسىڭىز ئارقىڭىزدىن مېڭىۋەرسە، ئۇ سىزگە تەئەللۇق بولغان بولىدۇ.
    بىر نېمىلەرنى باھانە قىلىپ ئەر كىشىنىڭ چىرايى ياكى قەددى قامىتىگە سەپسالسا، ئايال كىشىنىڭ شەيدالىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئەر كىشىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن ئايال كىشىلەرمۇ ئىشىق - مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى تەسەددۇق قىلغۇچىلاردۇر.
    ئائىلە ئەھۋالىڭىز توغرىلىق دوستلىرىڭىزدىن زېرىكمەي سۇئال سورىۋەرگەن ئايال كىشىنىڭ سىزگە نىسبەتەن كەم دىگەندە 70% مەيلى بارلىقى ئېنىق. 
    ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يېقىملىق ناخىشىلارنى دىمىغىدا خىڭىلداپ ئېيتىپ بەرسە، ئۇ سىزگە ئاشىق بىقارار بولغان بولىدۇ.

    ئەگەر ئايال كىشى يوتىسى ۋە كۆكرىكىنى ئەر كىشىگە كۆرسەتسە ياكى ماختىسا ياكى ئۇ يەرلىرىنى سىلاپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ ئەر كىشىگە ئەركىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
    پۇزۇر كىيىنىپ، چىرايلىق بولۇپ، ئاندىن سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان ئايال كىشى كوچىدا ئۇشتۇمتۇت سىزگە يولۇقۇپ قالغاندا، ھاياجان ئىچىدە قوللىرىنى سۈرتۈپ كەتسە، ئۇ سىزگە ئاستىرىتتىن كۆيۈپ يۈرگەن بولىدۇ.  
    ئەرلەرنى تۈرلۈك باھانە - سەۋەپلەر بىلەن ئىزدەپ تىنمايدىغان ئايال كىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزىنى تۇتالمايدىغان بەڭۋاش كېلىدۇ.  
    ئايال كىشى ئەگەر سىزگە تىكىلىپ قارىغىلى ئۇنىمىسا ياكى سىز بىلەن سۆزلەشكەندە غىدىق - پىدىق قىلىپ تۇرىۋالسا، ئۇ سىزدىن بىزار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    سىز ھەر قېتىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئەگەر ئۇ تەرىنى تۇرۋېلىپ، سىزنى بالدۇراق كەتسىكەن دىگەندەك قىلسا، ئۇ سىزدىن ناھايىتى زېرىكىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    سۆيۈش تۇرماق، يۈزىنى سىزدىن ئىختىيارسىز ئەپقاچسا ياكى ئارقىسىنى قىلۋالسا، ھېلىقى بىر چاغلاردىكى ئىشىق - مۇھەببىتىڭلارنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ قالغانلىقىدىن دېرەك

    بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن بالدۇراق ئۆزىڭىزنى تارقىنىڭىز ياخشى





    评论

  • ئەسسالا مۇئەلەيكۇم.....ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى....ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى سەرخىل بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !!بىلوگىڭز نى تولىمۇ چىرايلىق بىزىۋاپسىز..مەزمۇنلىرىمىۇ بەك سەرخىل ئىكەن...بۇندىن كېيىنمۇ ئەشۇنداق سەرخىل تىمىلارنى يېزىپ بىزنى مول بىلىم بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز .....مەن پەقەت بىر بلوگ ھەۋەسكارى ....ئېغىر كۆرمەي مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز...مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تورىمنى سىز نىڭ تورىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكىدە كۆرەلىسەم سىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.....رەھمەت مالال قىلىدىغان بولدۇم .....قول قولىنى يۇيسا قول يۈزنى يۇيار دەپتىكەن ...ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئالغا.........
  • بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى نورمال كۆرۈنمىدى.