• سىياسى ئوبزور ،ئېقىم مەسىلىرى فىليوتونلار توپلاملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇدۇللۇق ئېلىپ سېتىلىدىغان، بولۇپ بەزمىخانىدىكى قىزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇنى بۇگۇن ئوقۇغاندا قىزىقارلىق تۇيۇلغان بىلە ئەتىسى ئوقۇسىڭىز ،ھىچقانچە يېڭىلىق بىلىنمەيدۇ، كورۇشكە توغرا كەلسە ئادەتتىكى بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ

  • ئاتاقلىق ئىتوت چولپىنى ئادىل مىجىت ۋە تونۇلغان ياش ئارتىس گۈلبەھرەم قادىر



    گۈلبەھرەم قادىر1980-يىلى قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا ئادىل مىجىت تېخى مايتاغ-1ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى.تەبئىي سەنئەت تالانتىغا ئىگە ئادىل مىجىت ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ئىمتىھان بېرىدۇ.كۈلكىلىك يېرى،ئۇنىڭ ھازىرقى خانىمى گۈلبەھرەم ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالىدۇ.ئادىل مىجىت ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆمەككە قوبۇل قىلىنىدۇ. 1981-يىلى گۈلبەھرەم قادىر «غېرىپ-سەنەم» ناملىق فىلىمدە تاغ مەلىكىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا تەسىر قوزغىدى.ئادىل مىجىت گۈلبەھرەمگە بولغان ئىنتىزارلىق ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بۇ فىلىمنى 17قېتىم كۆردى.فىلىمنى كۆرگەنسېرى ئۇ گۈلبەھرەمنى چىن قەلبىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. 1982-يىلى 9-ئايدا ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى،ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقىسى بارغانسېرى كۈچەيدى، 1982-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى گۈلبەھرەم ئادىل مىجىتنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ خەت ئەۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ ئاتاقلىق ئىككى سەنئەتكار پاك مۇھەببەتنىڭ ئالتۇن ساھىلىغا قەدەم قويدى. 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇلار قاراماي شەھىرىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىز،بىر ئوغلى بار،قىزى ئادىلە ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،ئوغلى ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

    تېخىمۇ كۆپ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرنى بۇيەردىن قانغۇچە كۆرۈڭ

  •  ھايات ھەققىدە 25خىل تەكلىپ .. 0

                                     &n...
  • رەڭنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى               قىزىل  رەڭ  :  قىزىل  رەڭ    قان  ئايلىنىشىنى  راۋانلاشتۇرۇش،  نەپەس  ئېلىشنى  تېزلىتىش  ھەم  مەيۈسلۈك...
  • ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004 - يىللىق ستاتىستىكىدا) 9 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى.
    ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.
    (1)
    1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.
    (2)
    1847-يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭىدىن كىيىن، (ھازىرقى ئۆزبېكىستان) قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن، ۋەلىخان تۆرەلەر باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن.
    (3)
    1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس

  • مەن 2007 - يىلى 3 - مايدا قازاقىستان دۆلەتلىك مىللى كۈتۈپخانە بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تارىخى، ئەدەبىي ئارخىپلارنى ئاختۇرۋىتىپ كۆزۈم بىردىنلا < سادىر پالىۋاننىڭ رەسىمى ھەققىدە > دىگەن ماۋزۇغا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ. ۋە دەرھال ئوقۇشقا كىرىشتىم....
  • ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 101 رومان

    باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : بۇ يازما admin تەرپىدىن نادىرلاندى(2009-03-26) بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن 101پارچە رومان

    ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر

    1  . ئىز
    ...
  • ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق ، سۇيۇق ، گۆشلۈك ، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، گاھىدا ئۇن ، مېۋە ، گۆش ، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان . ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان .
    ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرۈنۈشىگە قاراپ سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر ، سوغۇق سەيلەر ، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر ) ، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش ، چۆچۈرە ، شويلا) ، قويۇق تائاملار(لەڭمەن ، پولۇ ، مانتا، سامسا ) ، نانلار ، كاۋاپلار ، تاتلىق - تۇرۇملار ، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار ، ھۈممەللەر ، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
    ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بولىنىدۇ ، پولۇلار قاسقان تائاملىرى(مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار) ، تونۇر تائاملىرى(نان ، گۆش نان ، سامسا) ، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا ، پوشكال ، قۇيماق ، سامبۇسا) ، سۇيۇقئاشلار ، چۆچۈرىلەر ، لەڭمەنلەر ، ھورنانلار ، دۈملىمىلەر ، ئۆپكە-ھېسىپلار ، شورپىلار ، كاۋاپلار ، ھالۋىلار ، قورمىلار ، سوغۇق يېمەكلىكلەر ، تاتلىق-تۈرۈملەر ، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
    ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن ، ئۇششاق بۆلۈنگەندە 1000خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ بۇ تائاملارنى تۈجۈپىلەپ ئۆ خۇرۇچلىرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايدىغان بولساق ئېغىزغا تېتىغۇدەك تائاملارنى ئېتەلەيمىز.