• 2009-04-06

    سادىر پالىۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى كىم سىزىغان ؟ - [تەرمىلەر]

    مەن 2007 - يىلى 3 - مايدا قازاقىستان دۆلەتلىك مىللى كۈتۈپخانە بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تارىخى، ئەدەبىي ئارخىپلارنى ئاختۇرۋىتىپ كۆزۈم بىردىنلا < سادىر پالىۋاننىڭ رەسىمى ھەققىدە > دىگەن ماۋزۇغا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ. ۋە دەرھال ئوقۇشقا كىرىشتىم.
    بۇ ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتىكى قازاقىستاندا قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەپ يىزىقى بىلەن چىقىدىغان، مۇقاۋىسى نەقىشلەنگەن < قازاق ئېلى >ژورنىلىنىڭ 1945 - يىلىدىكى 8 ~ 9 - بىرلەشمە سانىنىڭ 21 - بىتىدىن باشلىنىپتۇ. ئەسلىمە خىلىلا ئۇزۇن كۆلەمدە يىزىلىپتۇ. ئەسلىمىنىڭ ئاپتۇرى سابىرجان شاكىرجان دېگەن كىشى شۇ دەۋىرنىڭ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلىرىدەك تۇرىدۇ. ( شۇنداق قىلىپ ئەتىسى مەن بۇ كىشىنى ئىزدەشتۈرگىلى تۇردۇم، تېلېفۇن ئارقىلىق قازاقىستان ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇتەخەسىس ساۋۇت موللايۇپتىن ئۇقۇشۇمچە، سابىرجان شاكىرجان ئۆز ۋاقتىدا يەتتە سۇ دىيارىدا ئوقۇتقۇچى، كىيىنچە ئالمۇتۇدا چىقىدىغان قازاق ،ئۇيغۇر تىللىرىدىكى بىر قاتار گېزىت - ژورناللاردا موخبىر، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن. 1970 - يىللاردا ۋاپات بلۇپ كىتىپتۇ.)  سابىرجاننىڭ سادىر پالىۋان ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئەينى ۋاقىتتىكى قازاق ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى مەزگىللەرگە توغرا كىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئاپتۇر 1924 - يىلى << 1- چامدام >> ناملىق ژورنالدا < سادىر پالىۋان > نى تونۇشتۇرۇپتۇ. 1931 - يىلى تاشكەنىت شەھرىدىكى نەشىرياتلاردا < سادىر قاڭرۇق  > ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپتۇ. شۇندىن كىيىن ئۇ، بىر قانچە يىللار جەريانىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، سادىر پالىۋاننىڭ تەرقى - تۇرقى، شەكلى-چىرايى بىلەن سۆز - ھەرىكىتىنى خەلق ئىچىدىكى كۆپنى كۆرگەن ياشانغان مۇيسىپىتلاردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ يىغىپتۇ.مەقسىدى - سادىر پالىۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى سىزدۇرۇپ خەلق قەھرىمانىنىڭ ئوبرازىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
    شۇنداق قىلىپ رەسىم 1940 - يىللىرى قازاقىستان خەلق رەسسامى،ئاتاقلىق گۈزەل - سەنئەت ماھىرى ئەبىلقان قاستەيۇپنىڭ ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارى، چىۋەر قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كىلىپ سېزىلىپ پۈتۈپتۇ. شۇندىن كىيىن بۇ رەسىم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تارىخى موزىيلاردا ساقلانغاننىڭ سىرتىدا ھەر خىل ئەسەرلەر ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، سۆيۈملۈك قەھرىمانىمىزنىڭ گىگانت ئوبرازى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىنغان. سادىر پالىۋاننىڭ يۇرتىدا سادىر پالىۋاننىڭ مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇشتا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ قولىدىكى رەسىم ئەنە شۇ رەسىمنىڭ نوسخىسىدىندۇر .
    سابىرجان ئۇزاق ۋاقىت ئىزدىنىش جەريانىدا سادىر پالىۋاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. كىيىن ئۇ شۇ ئادەملەرنىڭ ئالدىغا رەسسام ئەبىلقان قاستەيۇپنىمۇ بىللە ئاپىرىپ سادىر پالۋان ھەققىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەرنى تۈزۈپتۇ. مانا شۇنداق ئەستايىدىل ئىزدىنىش، ئۈگۈنۈشلەردىن كىيىن رەسسام سادىر پالىۋان تۇغۇرلۇق بىر قەدەر تولۇق بولغان چۈشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۆز ئەسىرىنى تاماملايدۇ. ھەم پىكىر ئىلىش يۈزىسىدىن ھىلىقى مويسىپىتلارنىڭ ئالدىغا سادىر پالىۋاننىڭ قەغەز يۈزىدىكى رەسىمىنى ئېلىپ بىرىپ كۆرسەتكەندە، ئۇلار پالىۋاننىڭ ئوبرازىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ : " نەق ئۆزىگە ئوخشاپتۇ، رەھمەت ساڭا، ھەقىقى ھۆنەر - سەنئەت ئىگىسىكەنسەن، قولۇڭغا دەرت بەرمىسۇن ! " دەپ رازىمەنچىلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. ھەم تىخىمۇ ئىچكىرلەپ : " ھەتتا بۇ رەسىم سادىر پالىۋاننىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغان ھەم دادىسى بىلەن چىلىشىش، جەڭلەرگە بىللە قاتناشقان چوڭ ئوغلى ئاللاقۇلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىگەمقۇلغىمۇ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ ... " دېيىشىپ رەسسامغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ. ( پالىۋاننىڭ 3 - ئوغلى دەۋرانقۇلى بولسا باشقىلاردىن ئۆزگىچەرەك ئىكەن )
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سادىر پالىۋاننى ئەڭ ئىنىق، ئەڭ تولۇق بىلىدىغىنى 1939 - يىللىرى 120 ياشقا كىرگەن ئايشەم ئانا جىلىل قىزى بولۇپ، بۇ كىشى سادىر پالىۋان قۇرامىغا يىتىپ، دەۋىر سۈرۈپ تۇرغان مەزگىللەردە 2 ~ 3 باللىق بولغان چوكان ئىكەن. ئۇ سادىر پالىۋاننى تونۇشتۇرۇپ كىلىپ: " سادىر پالىۋان ئىنقىلاپ سەردارى بولۇپ تۇرغاندا قالپىقىنى قىرلاپ، چىرايلىق كىيىنىپ، يۈگرۈك ئات مىنىپ يۈرەتتى. بىراق ئۇ سۆزلىگەندە ئاۋازى غاراڭ - غۇرۇڭ چىققاچقا خەقلەر ئۇنى < سادىر قاڭرۇق > دەپ ئاتىشىپ كەلگەن " دېگەن .
    سادىر پالىۋاننى كۆرگەن ئىككىنچى ئاقساقال مەسۈم ئاكا ھەمرا ئوغلى ئىكەن. بۇ كىشى سادىر پالىۋانغا نەۋرە ھەم كۈيئوغۇل كىلىدىكەن. ئۇ 1939 - يىلى ياركەنىتتە 84 يىشىدا ۋاپات بوپتۇ. يەنە بىر ياشانغان كىشى گۈلجەمىلە ئانا  چورۇق قىزى بولۇپ، ئۇ 1940 - يىلى 100 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىمۇ سەگەك، چىچەن يۈرۈپ ئۆتكەن ئىكەن . بۇندىن باشقا سادىق ئاكا ھاسان ئوغلى، ئىسلام ئاكا ئۆمەر ئوغلى خۇدابەردى نىياز ئوغلى، ھىدايەت روزى باقى ئوغلى قاتارلىق ياركەنت ۋە ئالمۇتۇدا ياشاپ ئۆتكەن مويسىپىتلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەزگىلدە 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئىكەن.
    بۇلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، سادىر پالىۋان ئېگىز بوي، قامەتلىك، كەڭ يەلكىلىك، بۇغداي ئۆڭ، پىشانىسى كەڭ ئۆتكۈر كۆزلۈك، قاڭشارلىق، قىرقىما ساقال، سالماق، تەمكىن ئادەم ئىكەن.
    تارىخ  _  ئۇلۇغلارغىمۇ ، ئەۋلادلارغىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ، تىرىكلەرگىمۇ، چوڭلارغىمۇ، كىچىكلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقتىن بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇناسىپ كۆردۈم ۋە بۇ ھەقتىكى پىكىر - خاتىرەمنى مۇشۇنچىلىك ئوتتۇرغا قويۇپ ئاياقلاشتۇردۇم.

    مەنبە : ئىلى دەرياسى ژورنىلى   ئەسلى ئاپتۇرى : جۈمەدىل مامان.