• 2009-04-06

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى - [تەرمىلەر]


    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى


     
    ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004 - يىللىق ستاتىستىكىدا) 9 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى.
    ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.
    (1)
    1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.
    (2)
    1847-يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭىدىن كىيىن، (ھازىرقى ئۆزبېكىستان) قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن، ۋەلىخان تۆرەلەر باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن.
    (3)
    1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.
    (4)
    1881-يىلىدىن 1884-يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن.
    (5)
    1930 -يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل ئىسلام جومھۇرىيىتى» بۆلگۈنچى ھاكىمىيىتى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشىلەر  مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەھمۇد مۇھىتى قاتارلىق كىشىلەر باشچىلىقىدا كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

    (6)
    1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتىكىنلەر باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر، تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

    (7)
    1962-يىلى جۇڭگۇ-سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن.

    ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ؟ نوپۇسى قانچىلىك؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمەن.
       ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگودا بولغاندىن باشقا، ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزسىتان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە، ھىندىستان، پاكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، ئامېرىكا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىئوردانىيە، ياپۇنىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋۇستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار.
    تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
    (1)
    ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(680مىڭ)
    تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدا 6-7 مىليون ئۇيغۇر نەسىللىك خەلق ياشايدىكەن.
    1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.
    1930 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.
    1937-يىلى ستالىن قوزغىغان «ئەكسىلئىنقىلاپچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان. ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.
    1950يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن، قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچرىغان.
    1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭ دىگەن سان 29مىڭ 104كە، 1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان.
    ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.
      ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليون 500مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىرپروفېسسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.
    تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان.(بۇ توربەت ئادرىسى ئەسلى مەنبەدە چۈشۈرۈپ قويۇلغان)
    (2)
       سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار.

    (3)
    قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ)
    قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پرۇگراممىسىدا «قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى»نى تونۇشتۇرغان بىر پروگراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان.

    (4)
    تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) .
    تۈركىيەدە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق.

    (5)
    قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار. بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق.

    (6)
    پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگو مۇھاجىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر.

    (7)
    ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ.

    (8)
    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار يەتتە مىڭدىن ئارتۇق، خەنزۇلار مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، قالغان ئالتە مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر.

    (9)
    ئىئوردانىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم، جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم،(بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار) 85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى.(بۇ توربەت ئادرىسى ئەسلى مەنبەدە چۈشۈرۈپ قويۇلغان)

    (10)
    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن ئون مىڭدىن ئارتۇق.

    (11)
    كانادادىكى ئۇيغۇرلار.
    نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.

    (12)
    ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا.

    (13)
    ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار.
    ياۋروپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.

    (14)
    مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دېگەن جايىدا ئولتۇراقلاشقان مىڭدىن ئاشىدۇ.

    (15)
    ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق.

    (16)
    تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ ئىككى مىڭدىن ئاشىدۇ.

    (17)
    ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ، مىڭدىن ئاشىدۇ.

    مەنبە: ئۇيغۇر تور قامۇسى