-
2009-04-09
رەڭنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى - [تەرمىلەر]
رەڭنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى
قىزىل رەڭ : قىزىل رەڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، نەپەس ئېلىشنى تېزلىتىش ھەم مەيۈسلۈكنى يوقىتىش رولىغا ئىگەل؛
يېشىل رەڭ : يېشىل رەڭنىڭ كۆزگە چۈشىدىغان بېسىمىنى ئازايتىش ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ، كەيپىياتنى تىنىچلاندۇرۇش ،يۈرەككە چۈشىدىغان بېسىمنى يېنىكلىتىش ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار؛
سۆسۈن رەڭ:سۆسۈن رەڭنىڭ چوڭ مېڭە كېسەللىكى ۋە كەيپىيات قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى دۋالاش رولى بار؛
سېرىق رەڭ: سېرىق رەڭ ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، تەپەككۇرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ؛
ئاپلېسىن رەڭ :بۇ خىل رەڭ ئادەمنى جۇشقۇن ، قىزغىن كۆرسىتىدۇ ھەم ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاپ، كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ شۇنداقلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ؛
كۆك رەڭ : كۆك رەڭ مۇسكۇللارنى بوشىتىش، نېرۋىلارنى تىنىچلاندۇرۇش ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە؛