ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ؟ (ئەمەلىيەتتە قەلبىم يىغلىدى)

يىغلايمۇ يا كۈلەيمۇ؟ (ئەمەلىيەتتە قەلبىم يىغلىدى)

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 6272 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«يالاڭتۆش» سۆزى ۋە ئەدەبىي ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش

«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن بىر كۈنى ئۆلمىگىنىڭ.» ئاجايىپ ئادەملىرىمىز باردە بىزنىڭ، بەزى ئىشلارغا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى زادى بىلەلمەيسىز.
مۇشۇ ئازتولا تاقۇ-تۇقۇ پاراڭ قىلمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كېتىپتىكەن. بۇلتۇر بىر ۋاقىتتا مۇشۇ بلوگدا «ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت» ناملىق بىر تاقا-تۇقا يازمامنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاساسەن قولۇمغا قايتا قەلەم ئېلىپ باقماپتىكەنمەن. تۈنۈگۈن نېرۋام ئازراق جىددىيچىلىككە چۈشۈپ، بىر تونۇشۇمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئالى تۈپەيلى قىزىپ قالغان نېرۋامنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇش مەقسىتىدە مۇشۇ بلوگدا «قىزلار نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئازراق تاقا-تۇقۇ سۆزلەپ قويغانتىم.

2013-12-24_114820
ئۇ يازمامدا «يالاڭتۆش» دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئىشلەتكەن ئىدىم. ئويلىماپتىمەن بۇ سۆز بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ نېرۋىسىنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆرلىتىپ قويغان چېغى.
ئاخشام ئىشتىن چۈشۈپ تۇرسام قەشقەردىن تېلېفون كەپتۇ، نېمە ئىشتۇ دېسەم بىسىمىللاسىدىلا بىر خىل قوپال تېگىۋاتىدۇ، نېمە بولغاندۇ دەپ قېيىپ كېتىپتىمەن. نېمە بولدى دەپ سورىسام، سەن نېمە دەپ ئىلمىي سۆزلىمەي، ئادەم تىللايسەن دەيدۇ. ۋاي نېمە بولدى، قەيەردە ئادەم تىللاپتىمەن دېسەم ھېلىقى «قىزلار نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» دېگەن يازمىنى كىم يازغان دەيدۇ، مەن يازغان دېسەم، ھە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى، نېمىشقا ئادەم تىللايسەن، نېمە دەپ ئىلمىي سۆز قىلمايسەن دەپ قاقشاپلا كەتتى. نېمە دەپ تىللاپتىمەن دېسەم يالاڭتۆش دەپ تىللاپسەنغۇ، بىلەمسەن بۇ نېمە دېگەن گەپ دەيدۇ. دەماللىققا كۈلكە بېسىۋالدى، ئەمما ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، ئەدەبىيات ئوقۇغانمۇ دېسەم ھە ئوقۇغان، شۇ ئەدەبىياتنى ئوقۇغان بولغاچقا تېلېفون قىلدىم دەيدۇ. ھە ئۇنداق بولسا قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ ئاشۇ سۆزنىڭ دېسەم، ھە نېمە بوپتۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئالساڭ، ئىش قىلىپ سېنىڭ ئادەم تىللىغىنىڭ ئېنىق دەيدۇ. بوپتۇلا بۇ بالىغا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمىغۇدەك دەپ مەن ئالدىراش ئىدىم دەپ تېلېفوننى بېسىۋەتسەم، يەنە قايتا تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى قايتا ئالسام ھە ئۆچۈڭ بارمىدى ئادەم تىللايدىغانغا، ئىلمىي گەپ قىل جۇمۇ بولمىسا ئەرز قىلىمەن دەيدۇ. ماۋۇ ئىچىمگە كىرىۋالغان كۈلكەمنى باسالماي تاس قالدىم قار ئۈستىدە يېتىۋالغىلى.
شۇنىڭ بىلەن يەنە سورايدۇ، ھە ئۆزۈڭ شەھەرلىك ئوخشىمامسەن دەيدۇ، مەن مەن سەھرالىق دېسەم، ھە نېمە دەپ سەھرالىق بولساڭ يەنە سەھرالىق دەپ تىللايسەن، سەھرالىق، يالاڭتۆش دەپ تىللايدىغانغا قانداق ئۆچۈڭ بار ئىدى دەپ يەنە چالۋاقاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بولدى بۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماي دەپ بولىدۇ مەن بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي دېسەم، ھە دىققەت قىل، بولمىسا ئەرز قىلىمەن دەيدۇ، ھە بولىدۇ ئەمىسە مەن ھازىر ئالدىراش ئىدىم، خوش دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتىم.
……..
كېچىچە خىيالىم مۇشۇ دىيالۇگلاردا بوپتۇ، نېرۋامنىڭ قىزىتمىسى يەنە بىر ھەسسە ئۆرلىگەندەك قىلىدۇ. ئويلاپ قالدىم، ئاجايىپ كىشىلىرىمىز باردە بىزنىڭ، ئۆزىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن ھېسابلاشماي يەنە «ئەرز قىلىش»نىڭ سۆزىنى ئېچىپتۇ، كىمگە ئەرز قىلماقچى؟ بىزنىڭ ئەرز قىلىدىغان ئىشلىرىمىز يوق، مۇشۇ ئىشلار قالدىغۇ شۇ ئەرز قىلىدىغانغا، يەنە بىزنىڭ ئەرزىمىزنى سوراپ بېرىدىغانلارمۇ ناھايىتى خوشاللىق بىلەن سوراپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ بىزنىڭ ئەرزىمىزنى.
مېنىڭ «قىزلار نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» ناملىق ماقالەمدە يالاڭتۆش سۆزىنى ئىشلەتكىنىم راست، ئەمما مېنىڭ بۇ سۆزنى ئالاھىدە قوش تىرناق ئىچىگە ئالغىنىممۇ ھەم ھەقىقەت.
ئېسىمدە قىلىشىچە (مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەگەر ئېسىمدە خاتا تۇتىۋالغان بولسام، تورداشلارنىڭ تۈزىتىش پىكىرى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.) بىزنىڭ ئەدەبىياتتا شۇنداق بىر ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولىدىغان، يەنى ئەگەر مەلۇم سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا ئۇ ھالدا بۇ سۆز كىنايە، ئەكىس مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. كىنايە ۋە ئەكىس مەنە ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي-پىكىرنى تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
«يالاڭتۆش» سۆزىنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى: ھېچ نەرسىسى يوق، گاداي دېگەندەك مەنىلەردە قوللىنىدۇ، بۇ خەنزۇچىدىكى 穷光蛋 دېگەن سۆزگە باراۋەر سۆز.
ئەگەر ئەدەبىياتتىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بار بىرى مېنىڭ ئاشۇ «ئادەم تىللىغان» ماقالەمنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي دېمەكچى بولغان سۆزنى تەبئىيلا چۈشىنىۋالالايدۇ دەپ قارايمەن.
مېنىڭ ماقالەمدە يالاڭتۆش سۆزىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ بىلىم ئالغان، يۇقىرى بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە، نەزەر دائىرىسى كەڭ بىلىم ئىگىلىرىگە ئىشلەتتىم. ھەم ئۇ سۆزنى مەن ئالاھىدە قوش تىرناققا ئېلىپ ئىشلەتتىم. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلىتىسەن دېيىلسە، چۈنكى ھازىر خەلقىمىز بىلىمنى قەدىرلىمەيدۇ، ئەكسىچە يانچوقتا ئىككى توك-توك پۇلى بارنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ماددىيلىق ياراتقۇچى بەندىسىگە بەرگەن ۋاقىتلىق نىئمەت خالاس، ئۇنى ياراتقۇچى بەردى، يەنە ئېلىۋالالايدۇ، يەنە كېلىپ بۈگۈن ماڭا بەرسە ئەتە سىزگە بېرىشى مۇمكىن. ماددىيلىق ئادەمنى ئاسانلا غەپلەتكە قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ كۆزى ئازراقلا ماددىيلىقنى كۆرسە، ئاسانلا مەغرۇرلۇق باسىدۇ-دە، ئۆزىچە يەر شارىنى يالغۇز ئايلاندۇرىۋاتقاندەكلا ھېسسىياتتا بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنى يوقىتىپ، ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قۇرۇق پالازغا چىقىپ قالغانلىقىنى تۇيغىنىدا بولسا قاتتىق پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈشتە قالىدۇ. يەنە بىرى ماددىيلىقنى زىيادە مەركەز قىلىۋالغاندا ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى ۋە ئىمان-ئېتىقادى پۈتۈنلەي شۇ ماددىيلىق بىلەن بۇلغىنىپ، ماددىيلىق ئۈچۈن بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ھەر قانداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىلىم ماددىيلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەنىۋىيلىققا تەۋە ئۇقۇم. ئەگەر سىز تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزىڭىزنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرغاندا بولسا، بىلىم ھامان قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، ھەم ئۇنى ئوغرىمۇ ئالالمايدۇ، ھەم بىلىم مەڭگۈلۈك سىزگە تەۋە بولىدۇ. بىلىملىكلا بولىدىكەنسىز ۋاقىتسىز گادايلىق ھامان بىر كۈنى سىزدىن ئامالسىز خوشلىشىدۇ. بىلىملىك كىشى (ئىرادىسىمۇ يېتەرلىك بولغان) ھامان بىر كۈنى ئەقلىڭىزنى لال قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللەتكە، ۋەتەنگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرىدۇ.
مېنىڭ ئالدىنقى «قىزلار نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» ناملىق ماقالەمدە بىلىملىكلەرنى «يالاڭتۆش» دەپ ئېلىشىم، گەرچە ئۇلار ئالىي ئوقۇللىرىنى پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا جەمئىيەتتە چىققاندا، قورسىقىدىكى بىلىمىدىن باشقا باشقىلار كۆرەلەيدىغان نەرسىسى بولمىغاچقا، يانچۇقىدا ۋاقتىنچە ئاقچا كەم بولغاچقا ھەم خەلقىمىز ئەزەلدىن بىلىملىكلەرگە سەل قاراپ كەلگەن بولغاچقا كىنايە، ئەكىس مەنىدە «يالاڭتۆش» دەپ ئىشلەتتىم. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يالاڭتۆش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ئەكسىچە ئۇلار ھەقىقىي پۇلدار كىشىلەردىن بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە يانچۇقىدا ئاقچىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ گادايلىق ھالىتىدە ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

كىچىككىنە چۈشەنچە:
ئاخىرىدا ئالدىنقى قېتىملىق «قىزلار نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» ناملىق يازمامدا بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەي قاپتىمەن، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم: ياشلار نىكاھلىق بولۇشتا ۋاقتىنچە ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاۋۋال نىكاھ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋېلىپ، ئاندىن بىرلىكتە تىرىشىپ (قىزلارنىڭ ئۆز ھەمراھىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ، چۈشىنىپ، ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىپ دېگەندەك) ئۆي سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلسا بولىدۇ دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئىدىم. شۇڭا بۇ جەھەتتە تورداشلارغا چۈشەنچە بېرىۋېتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى