ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۈندىداردىكى ئوماق بالىلارنى باھالاش ۋە باھالىتىش قىلمىشىغا تەنقىد

ئۈندىداردىكى ئوماق بالىلارنى باھالاش ۋە باھالىتىش قىلمىشىغا تەنقىد

ۋاقتى: 2016-10-23 ئاۋاتلىقى: 21430 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈندىداردا ئوماق بالىلارنى باھالاش ۋە باھالىتىش قىلمىشىغا تەنقىد

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

 

يېقىندىن بىرى ئۈندىداردا ئاجايىپ بىر ئىشلار ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرلىرى مەلۇم بىر ئۈندىدار سۇپىسىدا ئاتالمىش «ساھىپجاماللارنى باھالاش» قىلمىشلىرى جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېغىر تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر ئۇ ئۈندىدار سۇپىلىرىدا داۋاملىق بۇ خىل ئاتالمىش «باھالاش» ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ يوق بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق. ئەينى ۋاقىتتا مەن شۇ خىل ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىغا قارىتا قەلەم تەۋرىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇ ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى ئاساسەن قورامىغا يەتكەن «ساھىپجامال»لارنى باھالاش بولغاچقا، ھەمدە ئاشۇ «ساھىپجامال»لىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەسىمى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى ئۆزى خالاپ تەمىنلەپ بېرىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، بۇ قىلمىشقا ئارتۇق كايىشتىن ئۆزۈمنى تارتقان ئىدىم. 


ئەگەر ئاشۇ «ساھىپجامال»لىرىمىز ئۆزلىرى خالاپ رەسىم ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ھەقىقەت بولسا، بۇ «ساھىپجامال»لىرىمىزنىڭ ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالمىغان بولسىلا، ئۇلارنىڭ نورمال ئەقىل ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن تولۇق گۇمانلانماي تۇرالمايمىز. ھەر قانداق يۈزىدە تۈكى بار ئەركەك ئالدىراپ بۇنداق تور دۇنياسىدا ئۆزىنى بازارغا سېلىپ، «ساھىپجامال»لىقىنى نامايەن قىلىۋاتقانلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشتىن نومۇس قىلماي قالمايدۇ. 
شۇڭا، ئۆزىنى باھالاۋاتقان «ساھىپجامال»لار بەلكىم رەسىمىمنى ۋە تېلېفون نومۇرۇمنى چىقارسام ئۆزۈم چىقاردىم، سېنىڭ نېمە كارىڭ دېيىشى مۇمكىن، ئەمما تور دۇنياسىدا ھەر قانداق بىر شەخس يالغۇز ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى پۈتكۈل مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. گەرچە رەسىمىنى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئۆزى خالاپ ئاشۇ ئاتالمىش «باھالاش» پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغۇچى ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ خاتالىقىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بىلمەي، ۋاقتىنچە خۇدىنى يوقىتىپ ئېلىپ بارغان بۇ ئىشلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆز مىللىتىگە قانداق قالپاقلارنىڭ كەيدۈرۈلۈشىگە سەۋەبكار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نەرسە دەپ بولالمايدۇ. 
ھەقىقىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ھەر قانداق ئۇيغۇر قىزى ئۆزىنى «ساھىپجامال»لار باھالىشىغا سالمىسىمۇ، گۈزەللىكتە ئىقلىمدا تەڭداشسىز ئىكەنلىكى دۇنيا كىشىلىرىگە ئايان ھەقىقەت. ئەمما ئاشۇ ئۆزىنى باھالاشقا سېلىۋاتقان «ساھىپجامال»لىرىمىز ئۆزىنىڭ ئاشۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ساھىپجاماللىقىغا قانچىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىمامدىغاندۇ ياكى ئويلاشقا ئەقلى يەتمەمدىغاندۇ؟
ئۆزىنى باھالىتىۋاتقان «ساھىپجامال»لارغا دەيدىغىنىمىز: 
شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تور دۇنياسى قانداقتۇر قوغۇنلۇقنىڭ ئېرىقى ئەمەس. بۈگۈن تۆت ئادەم مېنىڭ قىلمىشىمنى كۆرگەن بولسا، ئەتە بەرىبىر ئۇنتۇپ كېتىدۇ (چۈنكى ئەتە مەن داۋاملىق بۇنداق قىلمايمەن) دەپ ئويلايدىغان. تور دۇنياسىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ  سۇلغۇن چىرايىڭىزنى ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى چىقارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئاشۇ ئاتالمىش باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈندىدار سۇپىلىرى ئۆچۈرىۋەتمىسە، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىزنىڭ بۇ كەم ئەقىللىك بىلەن قىلغان ئىشىڭىزنىڭ نەتىجىسى تور دۇنياسىدا ئودۇممۇ-ئۇدۇم داۋاملىشىپ كېيىنكى ھاياتىڭىزغا، تۇرمۇشىڭىزغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى تەبئىي. شۇڭا ئەقىللىك ئۇيغۇر قىزلىرى تور دۇنياسىدىكى قىلمىشىڭلارنىڭ ئۆز مىللىتىڭلارنىڭ كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، دۈمبەڭلارغا چىقىپ قالغان ئەقلىڭلارنى ۋاقتىدا تېپىۋېلىپ، بۇنداق كەم ئەقىللىكلىك قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانىسىغا ئايلانغان ۋاقتىڭلاردا، مۇشۇ قىلىۋاتقان قىلمىشىڭلارنىڭ قانچىلىك كۈلكىلىك ۋە ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىگە ھەيران قالماي تۇرالمايسىلەر. 
ئەگەر ئىللىق، بەختلىك بىر ئائىلىگە ئىگە بولۇپ، ھەقىقىي شەرمى-ھاياتلىق ۋە غۇرۇرلۇق ئەقىل ئىگىسى بولاي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كەم ئەقىللىكلىك قىلماڭ، ئۆزىڭىزنى ئاشۇنداق چاكىنىلىقتا ئۇچچىغا چىققان ئۈندىدار سۇپىلىرىدا باھالاتمىسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى بولغان ھەمراھىڭىزنىڭ باھالىشىدىن ئۆتسىڭىزلا كۇپايە. 
ئۆزىڭىزنى بازارغا سېلىپ، ئاشۇ سۇلغۇن چىرايىڭىزنى تېخىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغا، كىملىكىگە، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئوبرازىغا، كىملىكىگە، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ئوبرازىغا ۋە كىملىكىگە زور دەرىجىدە داغ چۈشۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئوبرازىغا، كىملىكىگە داغ چۈشۈرۈشكە سەۋەبكار بولۇپ قالىسىز. سىز مىللىتىڭىزگە كەيدۈرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل قالپاقلارنى كەيدۈرمىسىڭىزمۇ، مىللىتىڭىزگە باشقىلار كەيدۈرۈپ قويغان ھەر قالپاقلار ھېلىمۇ يېتەرلىك. مىللىتىڭىزنىڭ نامى نۇرغۇن جايلاردا قارا تىزىملىككە چۈشۈپ، ھەتتا ھەر خىل ئاتالمىلاردا قالپاق كەيدۈرۈلۈپ بولغانلىقىغا كۆز يۇمماسلىقىڭىز كېرەك. ئىشەنمىسىڭىز خالىغان بىر خەنزۇچە ئىزدەش ماتورىنىڭ رەسىم ئىزدەش رايونىغا uyghur، uighur ياكى 维吾尔 ۋە ياكى 维族 دەپ ئىزدەپ بېقىڭ، سىز ئالدىدىكى بىر نەچچە ھەرپنى بېسىپ بولغۇچە، بەزى ئىزدەش ماتورلىرىدا ئاشۇ ئىسىمنىڭ كەينىگە jalap دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئاپتوماتىك قوشۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ يەنە بەزى ئىزدەش ماتورلىرىدا يۇقىرىقى ئىسىملاردا ئۆز مىللىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئىزدىسىڭىز ئاشۇ بەت دەرھال ئېچىلماي، ئىزدەش ماتورى مۇلازىمىتى ئاپتوماتىك ھالدا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، مانا بۇ مىللىتىڭىزنىڭ نامىنىڭ بىر قىسىم جايلاردا قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
شۇڭا ئۆزىنى بازارغا سېلىپ باھالىتىۋاتقان «ساھىپجامال»لىرىمىزغا ئاخىرقى قېتىم ئەسكەرتىدىغىنىمىز ئۆزىڭىزنىڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، ئورۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ، مىللىتىڭىزنىڭ كىملىكىگە، غۇرۇرىغا داغ چۈشۈرىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىڭ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى بازارغا سېلىپ «ساھىپجامال»لىقىڭىزنى باھالىتىۋاتقاندا، سىزنى ھەقىقىي چىن دىلىدىن سۆيگەن، سۆيمەكچى بولغان يۈزىدە تۈكى بار ئەركەكنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىز-دە، ئاخىرى بىر قىسىم غىتمەك «ئەرلەر»نىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىڭىز، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھاياتىڭىزغا ئازاب، بەختسىزلىكنى ھامىلىدار قىلغان بولىسىز.
قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا زادى قېرىق ئادەممەن، چۈنكى قەلەم ئالدىممۇ قايناپ كېتىمەن. بۇ دەرتمەن قەلىمىم قان-يىرىڭغا تولغان ئەلەملىك ياشلىرىنى توختىماي تۆكىدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ نادانلىق، غەپلەت ئۇيقۇدىن، سۇخەنچىلىكتىن، شەرەپسىزلىكتىن، غۇرۇرسىزلىقتىن ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ دەپ ئۈمىد باغلايدۇ ھەم ئۆزىگە مەسئۇلىيەتنى باھانە قىلىپ ئۆز خەلقىنى بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق غەپلەتتىن ئويغانسىكەن دەپ تىپىرلايدۇ.
بۈگۈنمۇ بىر نەچچە ئۈندىدار سۇپىسىدا ئاتالمىش باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ سەبىي بالىلىرىمىزغا قول سوزغانلىقىنى كۆرۈپ، قولۇمغا قەلەم ئالماسلىققا زادى باھانە تاپالمىدىم. «ساھىپجامال»لىرىمىزنىڭ ئۆزىنى باھالىتىش قىلمىشى ئۆزىنىڭ خاھىشى، خالىشى بىلەن بولغان دەيلى، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولغۇدەك دەرىجىگە باردى. ئۇلار ئەگەر ئاشۇ قىلمىشىنى مىللىتىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرى ۋە كىملىكىگە چاخچاق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىغا ئۆزۈم مەسئۇل دەپ ئۆزىنى بازارغا سېلىپ باھالىتىۋاتقان بولسا ئۇنى توغرا چۈشەنگەنمۇ بولايلى، ئەمما ئاشۇ سەبىي، ساپ بالىلىرىمىزچۇ؟ بىزنىڭ ئاشۇ ئوماق قوزىلىرىمىز كەم ئەقىل ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلمىشى بىلەن تور دۇنياسىدا باھالىنىشقا سۇنۇلۇپ، ئۆزىگە باھا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلسە، ھېس قىلسا قانچىلىك ئازابلىنار؟ بۇ قىلمىشنىڭ كېيىن ئاشۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانچىلىك يامان تەسىرى بولار؟ 
ھەي، مېڭىسىنى قاغا چوقۇپ، ئەقلىنى مۈشۈك يەپ كەتكەن ئاتا-ئانىلار، سىلەر ئاشۇ سەبىي پەرزەنتىڭلارنىڭ رەسىمىنى ئۈندىدارلاردا ئاشكارا باھاغا قويغان ۋاقتىڭلاردا، ئاشۇ پاك قەلب ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەرزەنتىڭلار چوڭ بولۇپ سىلەرنىڭ مۇشۇ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەر تاپسا، قانچىلىك ئازابلىنار؟ سىلەرچە سىلەر تۇغۇپ تاپقان بۇ سەبىي بوۋاقلارنىڭ ئۆز مەخپىيىتىنى قوغداش ھوقۇقى يوقمىدۇ؟ سىلەرنىڭ مۇشۇ كەم ئەقىللىكلىكىڭلار ئاشۇ سەبى بوۋاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى خىيالىڭلارغا كەلتۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ سىلەر پەرزەنتىڭلارنى بازارغا سېلىپ، باشقىلارغا باھا قويدۇرۇپ نېمە قىلماقچى؟ نېمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟ 
ھەممىمىز بىلىمىز، زىيالىيلار بۇرۇنلا جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق ئەلەمگە پاتقان. ئۇلارنىڭ قايغۇرۇشى دەل جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا بولغان تەسىرىدىن ئېچىنغانلىقىدۇر. جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ بىرى دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۇتقا قىلىپ ئۇلارنى دەرىجىگە تىزىشتىن ئىبارەت. ھازىر قارايدىغان بولساق، ئاشۇ كەم ئەقىل ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئوماق پەرزەنتىنىڭ رەسىملىرىنى ئۈندىداردا بازارغا سېلىپ ئۇلارنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا قويۇپ، ئاخىرى نېمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدىم. 
مەسىلەن 10 بوۋاقنى باھالىدى دەيلى، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا بوۋاق 1-چىلىككە ئېرىشكەنمۇ بولسۇن، ئەمما بۇ يەردىكى دەرىجىنىڭ ئاساسى نېمە؟ نېمىگە ئاساسەن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولىدۇ؟ نېمىگە ئاساسەن 10-چىلىككە ئېرىشىدۇ؟ 10 بوۋاقنىڭ پەقەت بىرى بىرىنچى بولدى دەيلى، قالغان 9 بوۋاقچۇ؟ ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولالماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئاساس نېمە؟ ئەگەر سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بىرىنچى بولالماي قالسا سىز قانداق تۇيغۇدا بولىسىز؟ بىلىپ-بىلمەي ئاچچىق يۈتىۋېلىشتىن باشقا نېمە قىلالايسىز؟ ئەڭ يامىنى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاچچىق يۈتىۋېلىشىڭىز ئەمەس، بەلكى مۇشۇ قىلمىشىڭىزنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى.
ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز مۇشۇ ئاتالمىش باھالاش-باھالىتىشقا قاتناشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى باشقىلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئورۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ۋە جەمئىيە.»؛ «سەن كىچىك ۋاقتىڭدا باھالاشتا 10-بولغان ئىدىڭ.»؛ «سەن كىچىك ۋاقتىڭدا باھالاشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىڭ.»... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ سېلىش ئېھتىمالىنى يوق دېيەلەمسىز؟ سىزنىڭ شۇ بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە بازارغا سېلىنغان بالىلار مەكتەپ يېشىغا توشۇپ، مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدە تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن بىر مەكتەپ، بىر سىنىپ، بىر كەسىپتە ئوقۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى يوق دېيەلەمسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئاشۇ بازارغا سېلىنىپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن بالا مەغرۇرانە ھالدا بالىڭىزغا «كىچىك ۋاقتىڭدا سەن دېگەن ماڭا يەتمەيتتىڭ.»؛ «سېنىڭ باھالاش نەتىجەڭ ماڭا يەتمەيتتى.»؛ «سەن كىچىكىڭدە سەت ئىدىڭ.»؛ «سەن ماڭا يەتمەيتتىڭ.»... دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ دەپ ھۆددە قىلالامسىز؟ ئەگەر ھۆددە قىلالمىسىڭىز بالىڭىز مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىزنىڭ ئاشۇنداق سەلبى گەپلەرنى ئاڭلىسا ئۇنىڭ ئاشۇ بىغۇبار قەلبىنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟... ياراتقۇچى سىزگە ئاتا قىلغان ئاشۇ نىئمەتنى بازارغا سالمىسىڭىزمۇ، مەيلى ئۇ سەبىينىڭ پۇت-قولى توكۇر، كۆزى قارىغۇ، قولىقى گاس، تېنى مەجرۇھ بولسىمۇ ئۇ ئاللاھنىڭ سىزگە تاپشۇرغان ئامانىتى، ئۆزىڭىزنىڭ پۇشتى، بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلماي، ئۇنى ياخشى قوغداش، ئامانەتنى ساق-سالامەت ئىگىسىگە تاپشۇرۇش سىزنىڭ بۇرچىڭىز ھەم مەجبۇرىيىتىڭىزدۇر. شۇڭا ئۇنى ھەر خىل سەۋەب-باھانىلەر بىلەن بازارغا سالماڭ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەر قانداق دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىڭ. 
شۇڭا كىچىككىنە كەم ئەقىللىكلىكىمىز پەرزەنتىمىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا داغ چۈشۈرمىسۇن دېسىڭىز، ۋاقتىدا بۇنداق ناچار قىلمىشتىن قول ئۈزۈڭ. 
ئەمدى ئاشۇنداق ئاتالمىش باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈندىدارچىلار سەمىگە:
سىزنىڭ باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى باھالىتىشقا نېمە سالاھىيىتىڭىز بار؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ پەرزەنتى بولسا سىز پەرزەنتىڭىزنى، ئوماق قوزىڭىزنى، سەبىي بالىڭىزنى مۇشۇنداق بالىتىشقا قاتناشتۇرۇپ بازارغا سالامتىڭىز؟ سىز نېمىگە ئاساسەن خەقنىڭ بالىسىنى، سەبىي پەرزەنتىنى بازارغا سالماقچى؟ نېمىگە ئاساسەن ئۇلارنى رەتكە تىزماقچى؟ سىز ئۇلارنى باھالىتىپ نېمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟ يۈرىكىڭىزنى ئوبدان سىلاپ جاۋاب بېرىپ بېقىڭ. 

سىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىڭىز ئاشۇ چاكىنىلاشقان ئۈندىدار سۇپىڭىزغا ئادەم ئەگەشتۈرۈشقۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئاشۇ سەبى بالىلارغا قول ئۇزاتمىسىڭىزمۇ ئادەم ئەگەشتۈرۈشكە ئامال تېپىلار ئىدىغۇ، ئەجىبا سەبىيلەرگە قارا قول سۇنمىسىڭىز سىزنىڭ ئادەم ئەگەشتۈرۈش مەقسىتىڭىز ئەمەلگە ئاشماسمۇ؟ سىز ئاچ قالارسىزمۇ؟ سىزنىڭ مۇشۇ قارىماققا كىچىككىنە قىلمىشىڭىز كېيىنكى كۈنلەردە قانچىلىغان مىللەت ئەزىمەتلىرىنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ قىلغان مۇشۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ياراتقۇچىڭىزغا قانداق جاۋاب بېرىشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ 

شۇڭا باشقا قانداق ئىش قىلسىڭىز قىلىڭكى، ئەمما قارا قولىڭىزنى سەبىيلەرگە سوزماڭ!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى