ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆز تەقدىرى (ئۆلۈمى)نى ئۆزى بەلگىلىگەن 5 ياشلىق قىز

ئۆز تەقدىرى (ئۆلۈمى)نى ئۆزى بەلگىلىگەن 5 ياشلىق قىز

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 3400 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

تەرجىماندىن ئىلاۋە:

ھاياتنىڭ سۈپەتلىرى ھەر خىل، ھەر خىل ئادەم ھەر خىل سۈپەتلەيدى، بەزىلەر ھاياتنى تولىمۇ قىسقا دەيدۇ، بەزىلەر ھاياتنى تولىمۇ ئۇزۇن دەيدۇ، بەزىلەر تولىمۇ ئەھمىيەتلىك دېسە، يەنە بەزىلەر تولىمۇ ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز دەيدۇ... قىسقىسى ھاياتنى قانداق سۈپەتلەش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق، ئادەمدە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش، ئۆز ھاياتىنى مەناغا ئىگە قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولىدۇ، قىسقىسى شۇ ئادەم زادى قايسى خىل ئۇسۇلنى تاللايدۇ؟ مانا بۇ ھەممىمىزگە قويۇلىدىغان سوئال، خوش، ئۇنداق بولسا سىز قايسى خىل ئۇسۇلنى تاللاپ، ھاياتىڭىزغا قانداق سۈپەت بەرمەكچى؟

دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى تەرجىمىدە بولسۇن!


ئۇنىڭ ئىسمى جۇلىئاننا سنوۋ، ئۇ بۇ يىل 5 ياش. تۈنۈگۈن (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئۇ ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا جەننەتكە سەپەر قىلدى، بىراق بۇ قارارنى چىقارغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى.

ھېكايىنى بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. جۇلىئاننانىڭ دادىسى بىر ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى، ئاپىسى بىر نېرۋا ئىلىمىشۇناس. 5 يىل ئىلگىرى جۇلىئاننا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئىدى.
بىراق، جۇلىئاننا 9 ئايلىق بولغاندىمۇ ئولتۇرالمايدىغان، 1 ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئۆرە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇ نېرۋا ئىلىمىشۇناس بولغان ئاپىسىغا مەسىلىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەر خىل تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، بىر شۇم خەۋەر ئۇلارغا زەربە بېرىدۇ: جۇلىئاننا يان پاچاق سۆڭەڭ-مۇسكۇللىرى يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ كېسەلنى داۋالىغىلى بولمايتتى. (ھازىرغا قەدەر بۇ كېسەلنى داۋالاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق。)
جۇلىئاننانىڭ پۇت-قولى تەدرىجى ھالدا ھەرىكەتتىن قالىدۇ... ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ نەپەس مۇسكۇللىرى، يۇتۇش مۇسكۇللىرى ئاستا-ئاستا فونكىسىيەسىنى يوقىتىپ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن نەپەس ئالالمايدىغان، يۆتىلەلمەيدىغان، تاماق يېيەلمەيدىغان، باشقا بالىلار بىلەن ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، پۈتۈن بەدىنى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئۇ ھەر ۋاقىت سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ تاقىشى زۆرۈر ئىدى.
نەگە بېرىشتىن قەتئىينەزەر چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
يۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولغاچقا، تاماق يېيىشتە پەقەت بىر تال شىلىنكىنى بىۋاسىتە ئاشقازانغا كىرگۈزۈپ تاماق يېيىشكە توغرا كېلەتتى.
ئۇ كارىۋېتىدا ئەركىن ئۆرۈلەلمەيتتى، چىش چوتكىلاش، يۈز يۇيۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش، پۇت يۇيۇش... قاتارلىق بارلىق ئىشلىرىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى كېرەك بولاتتى.
ئەڭ قورقۇنچلۇقى، نەپەس مۇسكۇللىرىنىڭ زەئىپلىشىشى سەۋەبلىك، ئۇ يۆتىلەلمەيتتى، كىچىككىنە زۇكام بولۇپ قالسىمۇ، بەلغىمى ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە كېتەتتى-دە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.
جۇلىئاننانىڭ دوختۇرخانىغا بېرىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى كۆپىيىشكە باشلايدۇ، دوختۇرلار شىلىنكىنى ئۇنىڭ بۇرنىدىن كىرگۈزۈپ، گالدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرىدا كانايچىغا كىرگۈزۈپ كانايچىدىكى بەلغەمنى پاكىزە چىقىرىۋېتەتتى.
بۇ جەريان تولىمۇ ئازابلىق ئىدى. ھەر قېتىم يېنىدا قاراپ تۇرغان ئاتا-ئانىسى بالىنىڭ ئازابلىنىۋاتقىنىغا قاراپ چىدىماي كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقاتتى.
دەسلىپىدە كېسەل بولسىلا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئازابلىق ئوپېراتسىيەلەرنى قوبۇل قىلاتتى. ئەمما ئاستا-ئاستا، جۇلىئاننانىڭ نەپەس مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، دوختۇر ئۇلارغا: «كېلەر قېتىم جۇلىئاننا يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانسا، قۇتقۇزۇش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن، قۇتقۇزىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت بىر ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» دەيدۇ.
بۇ جۇلىئاننانىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ قىيىن تاللاشقا دۇچار قىلىدۇ. ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتى كېسەل بولۇپ قالسا ئۇنى داۋالاتماسلىققا چىداپ تۇرالمايدۇ، ئەگەر مۆجىزە يۈز بېرىپ قالسىچۇ؟ ئەمما ھەر قېتىملىق داۋالاش شۇنداق ئازابلىق ئىدى، يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايتتى.
زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ داۋاملىق قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بۇ قارار ھوقۇقىنى ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن جۇلىئانناغا بېرىدۇ. بىراق 4 ياشلىق جۇلىئاننانىڭ ئۆلۈم چۈشەنچىسىمۇ ئۆزگىچە ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئويناش، تاماق يېيىش، يۈگىرەش، سەكرەش قاتارلىق بۇ ئۆمرىدە قىلالمىغان بارلىق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە يەنە تەڭرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئورنىدىن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۇ يەنە ئۇنىڭغا چەكسىز كۆيۈنىدىغان بوۋا-مومىلىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
جۇلىئاننا 4 ياشقا كىرگەن بىر كۈنى، ئاپىسى بىلەن مۇنداق بىر دىئالۇگ بولغان.
ئاپىسى: جۇلىئاننا، ئەگەر سىز يەنە كېسەل بولۇپ قالسىڭىز، دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالامسىز ياكى ئۆيدە يېتىشنىمۇ؟
جۇلىئاننا: دوختۇرخانىغا بارمايمەن.
ئاپىسى: ئۆيدە تۇرسىڭىز سىز بەلكىم تېزلا جەننەتكە كېتىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ ئۆيدە تۇرۇشنى خالامسىز؟
جۇلىئاننا: شۇنداق.
ئاپىسى: بىلىشىڭىز كېرەككى، دادىڭىز بىلەن مەن سىزگە ھەمراھ بولالمايمىز، سىز يالغۇز كېتىپ قالىسىز.
جۇلىئاننا: ھېچقىسى يوق، تەڭرى مەندىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ.
ئاپىسى: ئەگەر سىز دوختۇرخانىغا بارسىڭىز، بەلكىم ئازراق ياخشىلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى دادىڭىز ۋە ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن. سىز بۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. دوختۇرخانا سىزنى دادىڭىز ۋە مەن بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇن بىرگە تۇرغۇزالايدۇ.
جۇلىئاننا: بىلىمەن.
ئاپىسى (يىغلامسىراپ): كەچۈرۈڭ، جۇلىئاننا، سىز مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئەمما سىز كەتكەندىن كېيىن، مەن سىزنى ئەسلەيمەن.
جۇلىئاننا: ئەنسىرىمەڭ ئاپا، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇ ئىزچىل مېنىڭ قەلبىمدە.
بۇ قېتىملىق دىئالۇگدىن كېيىن، جۇلىئاننانىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، داۋالىتىشتىن ۋاز كېچىدۇ.
ئۇلار قىزىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، جۇلىئانناغا ئۇلار قىلىپ بېرەلەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى تەقلەپ بېرىدۇ. ھۇجرىسىنى مەلىكىلەرچە ياساپ بېرىدۇ.
ھەر خىل ھەر ياڭزا مەلىكە كۆينەكلىرى
ئۇنىڭ چىرايلىق بۇياپ قويغان تىرناقلىرى
ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تۇغۇلغان كۈن
ھەمراھلىقتا ئۆتكەن كۈنلەر
شادلىق ئىچىدە، جۇلىئاننا ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىنى كۈتىۋالدى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇ ۋاشىنگىتوندىكى ئۆيىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا خاتىرجەم كېتىپ قالدى.
جەننەتكە مېڭىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئاپىسىغا: «ۋاقتى كەلگەندە بىز جەننەتتە كۆرۈشەيلى، سىز مېنىڭ ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرۇشۇمنى ئارزۇ قىلامسىز ياكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى قاتاردا تۇرۇشۇمنىمۇ؟ بۇنداق بولغاندا سىز مېنى ئاسانلا تاپالايسىز.» دېگەن.
ئاپىسى: ئۇ ۋاقىتتا مەن چوقۇم بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن.

جۇلىئاننا: سىز يۈگۈرەپ كېلىپ مېنى قۇچاقلامسىز؟


ئاپىسى: ئەلۋەتتە، سىز يۈگۈرەپ كېلىپ مېنى قۇچاقلايدىغانسىز؟
جۇلىئاننا: شۇنداق، مەن ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن بېرىپ سىزنى قۇچاقلايمەن. (بېشىنى ئوڭ-سولغا بۇراپ، يۈگۈرگەن ھالەت)
ئاپىسى: بىلىمەن سىز چوقۇم بەك تېز يۈگىرەيسىز.
مانا بۇ ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى پارىڭى ئىدى...

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى