ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلار
-
ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلار
ۋاقتى: 2016-10-09 ئاۋاتلىقى: 7778 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلار
ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇتبۈگۈن دۇنيا ئانا تىل كۈنىدۇر. ھازىرقىدەك ھەممە ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ئۇچۇرلىشىشنىڭ ھاسىلاتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تىل خىرىسلىرى بىر قىسىم يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان خەۋپلىك تىللارغا بولغان خىرىس كۈچىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىۋاتقان دەۋردە، 15-قېتىملىق ئانا تىل كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم.
بۈگۈن لىفىتتىن چۈشۈۋېتىپ بىر بىر ئاتا-بالىنىڭ دىئالوگىغا دىققەت قىلىپ قالدىم. لىفىتقا ئەمدى چىقىشىمغا بىر 5~6 ياشلار چامىسىدىكى ئىنىمىز دادىسىغا ھە دېگەندە «دادا، دادا ماڭا ئېرجى (تىڭشىغۇچ دېمەكچى) ئېلىپ بەرگىنە، دادا ماڭا ئېرجى ئېلىپ بەر بولامدۇ؟» دەپ دادىسىغا يالۋۇرىۋاتقاندا، ئۇ ئاكىمىزنىڭ سۆزى مېنى باشقىچە خۇش قىلىۋەتتى. ئۇ ئاكىمىز بالىسىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى:
-نېمە ئۇ ئېرجى دېگەن؟ يەيدىغان نەرسىمۇ؟ قانداق يەيدۇ ئۇنى؟ سەن يەپ باققانمۇ؟…
-دادا ئېرجى دېگەن يەيدىغان نەرسە ئەمەس، يانفونغا سېلىپ ناخشا ئاڭلايدىغانچۇ؟
-ھە مۇنداق دېگىنە، ئېرجى ئەمەس، تىڭشىغۇچ دېمەمسەن ئۇيغۇر بولغاندىكىن؟
…
يۇقىرىقى ئاددىيغىنا دىئالۇگدىن قەلبىم بىر خىل ئىللىق سىزىمغا تولدى. چۈنكى بۇنداق نازارەت دەرىجىلىك ئورۇندىكىلەردە ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيۈش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتكەن. دۇنيادىكى ھەر بىر مىللەت، قەۋمنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك ئىندىۋىدىئال بولغان ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش، ئانا تىلىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ھەر بىرىمىز ئۈچۈن چەكسىز بەخت ۋە شادلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلسا كېرەك. شەخسەن مەنمۇ بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە دۇنيا خەلقى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆز ئانا تىلىمنى سۆيۈش، ئانا تىلىمنى قوغداش، ئانا تىلىمنى قەدىرلەشتەك ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەردىن بەھرىمەن بولغانلىقىمدىن چەكسىز بەخت ۋە شادلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈم.
ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا ( Irina Bokova) ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» گە ئاتاپ ئېلان قىلغان تەبرىك خېتىدە مۇنداق يازغان: «تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دېگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دېمەكلىكتۇر.»
شۇنداق، بىز ئۆزىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز بۇ يەردىكى «قوغداش» چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى قوغداشتىن باشلىنىشى، ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىدە تولۇق ئىپادىلىنىشى كېرەك.يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەتكە تولغان ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيا بىلەن گارمونىيەلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، دۇنيا بىلەن دىئالوگلىشالايدىغان بولۇش ئۈچۈن چوقۇم دۇنيادىكى قوللىنىش نىسبىتى يۇقىرى تىللاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆز ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىمىزنىمۇ تولۇق يېتىلدۈرۈپ، دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭمۇ مۇستەقىل بىر ئانا تىلىمىز بارلىقىدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز كېرەك.
ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنى سۆيۈش ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، قىلىۋاتقان ئىشى، خىزمىتى، ئىش-ھەرىكىتى، سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ھەممىسىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك. گەرچە ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنى سۆيۈشتە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدار دائىرىسىدە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇچۇرلىشىۋاتقان، ئۇچۇرنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىق تەرەققىياتى نەتىجىسىدە كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئانا تىلىمىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم شىركەت ۋە شەخسلىرىمىزنىڭ ئۈن-تىنسىز تىرىشچانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
مۇشۇ دەقىقىلەردە ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆپ قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئۇلار ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خاسلىقىنى يارىتىش جەھەتلەردە تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئانا تىلىمىز دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، مىكروسوفتتەك خەلقئاراۋى شىركەتلەرنىڭ خەلقئارادا مۇقلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىغا قوشۇشى بىلەن ھەممىمىزنى ئەندىشىگە سالغان خىرىس ئىچىدە قالغان تىلىمىز مىكروسوفت شىركىتى ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى كۆپ سانلىق تىللار بىلەن بىر قاتاردا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلدى بۇ خىل ئەھۋال خىرىس ئىچىدە قالغان تىلىمىزدىن ئەنسىزلىككە چۈشكەن ھەر بىرىمىزنى چەكسىز شادلىققا تولدۇردى.
شۇڭا بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە بىز يۇقىرىقى شىركەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ تىل ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۈچ قوشقان ھەر بىر ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلارغا بولغان رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز.
خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئانا تىلغا بولغان ئارزۇسىنى ئانا تىل ئىشلىرى يولىدا ئىزدىنىۋاتقان شىركەتلەرگە باغلاپ، شۇ شىركەت ۋە شەخسلەردىن زور ئۈمىد كۈتىشى ۋە ئۇلارنى قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى ياخشى بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ھەر بىرىمىز خۇشال بولماي تۇرالمايمىز.
ھەممىمىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئىسمى ئاتالمىغان ئانا تىل ئىشلىرى يولىدا ئىزدىنىۋاتقان شىركەتلەردە ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۇلارنى قوللىشى نەتىجىسىدە، ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بۇ ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز ۋە شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىقتىساد چېكىنگەن مەزگىلدە قانداق قىلىشىمىز كېرە
2015-07-17 04:55:3518628باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور مەخپىي نومۇرى: 6142243
2016-10-11 12:16:42701ماركا ئېڭى ۋە ئۇيغۇرلار
2015-05-16 00:18:378947كىتاب−مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى
2015-05-19 00:56:027168بلوگ ھەققىدە تاقا-تۇقۇ پاراڭ
2015-06-07 15:02:146865[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى
2015-06-07 14:51:148469چوڭ مېڭىمىزنى قانداق چېنىقتۇرىمىز؟
2016-06-16 00:11:193060[كۆچۈرۈلمە] كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيى
2016-08-15 10:00:221111
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-