ئىللىق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تۇلۇقسىزئوتتۇرامەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى دەرى

ئاز بولسىمۇ پايدىلانغايسىلەر

ئەي ئەرەپلەر، ئەردۇغاندىن ئۈگۈنىڭلار مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى سۈرىيەلىك

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-نويابر خەۋىرى: جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئاخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ ئاراھىنگاي

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەق

كەڭ خەلقىمىز ئېتىراپ قىلغاندەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز تالانتى تولۇپ-تاشقان داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى، تونۇلغان سەنئەتكاردۇر. ئۇنىڭ

ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ با

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارۋان

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە

خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى 4386 خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كې

1. يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئەمەس. سىز مەلۇم بىر يېڭىلى

مەشھۇر شەخسلەر مەھمۇدقەشقەر

ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بەش كىشلىك ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋېيتنامنىڭ خۇجىمىڭ شەھرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.

4977 ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئ

چىڭگىزخان كۆپ قېتىم بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، غەربتە قارا دېڭىز ساھىلى، شەرقتە پۈتكۈل شەرقىي ئاس

دۇنيادىكى ئون چوڭ قەبرىنىڭ سىرى 1. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن

ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى ( مەركىزىي مى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات تارىخت

كۆز يېشى دېگەن كەيپىياتنىڭ ئىزھارى.يىغلاشنى كىم

4976 ئامېرىكىلىق پىسخولوگ دېيۋىد لىبومېننىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر چوڭ مېڭىسىدىكى ھەقىقى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەندە، كۆز قارچۇقى ئالدى

1.يۈزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى

1. كىنو ياكى تېلېۋىزيە تىياتىر كۆرگەندە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى-يامان ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 201

بەل ئاغرىش: بۇ دوۋساق ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇ

بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋ

مۇھاببەت2013/03/10مۇھ

بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى بىلىمخۇمار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەن

1. ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە

يېگىت قولداشنىڭ ئەخمىقانە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن توي كېچىسىدە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بولۇپ قا

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان 4748 جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز

بەزى كىشىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىدا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرماستىن ۋە يېنىدىكى سائەت ، تېلفون قاتارلىقلار

كونىلاردا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياسالمىلىق، ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يۈز-ئابرۇيى

ئىشىت نىمىنى يىمەيــــــــــــــــــــــــــــــــــ

1.بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ بىر تامچە سىياھ سەۋەبلىك بۇلغىنىدۇ،ئە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل1 تەھرىرل

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

تور بانكىسى ۋە يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە

بۇندىن 6ئايلار ئىلگىرى مەن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە 2345 تورىنى تەشۋىق قىلى

http://leglek.com/imgrs.php?src=imgs/2014-08-11/228e5abeedb8878d8cb177ca15b70df4.jpg&w=675&zc=1&q=95 ئادەتتە كومپىيۇتېربىلەن ئانچە ھەپىلىشەلمە

ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىشلىتىدىغان دوستلار بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشى lead2exam م

ھازىر QQ ئوينىغانلار ھەممىسى توردا ئاندا-ساندا ناتۇنۇش ئادەمل

QQ2014 تىن پايدىلنىپ ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرۇش QQ2014 تە يانفۇن ئېقىم مىقدارىدىن پايدى

ئۇيغۇركومپىيۇتېر مەستانىلرى تور ژورنىلى kitap (8).PDF

WINRARئارقىلىق ئاپتۇماتتىك قوزغىلىدىغان ppt ھۆججىتى ياساش كۆپ قىسىم تورداشلارغا مەلۇملۇق WINRAR بولسا بىز ئەڭ كو

ئىكراندىن چاتاق چىقتىمۇ؟ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران تىتر

1. Word نى تېز قوزغىتىش كومپىيوتېرىڭىزدا Word بار بولۇپ تاپالى

​تور كېرەك قىلمايدىغان پاراڭلىشىش دېتالى FireChat نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ئەگەر بى

ئادەتتە مۇنبەرگە رەسىملىك تىما يوللىغاندا رەسىمنىڭ ئۈسىتىگە مائۇسىنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپلا قالساق «چۈشۈرۈش» دىگەن خەت

بەيدۇ كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان سىستېما قورالى بولۇپ، ئۇنىڭغا كومپ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈچ مىكروسوفىتنىڭ ئىنتېرنېت زىيارەتچىسى يادروسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، ئىچكى قىسمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلار ۋە بارلىق ئالىپداشل

يانفۇن كىتابى ئىشلەش جەريانى يېقىندا  nokia 3650 يانفۇندىن ب

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

ئاندىرويىد ئەلالاشتۇرۇش قورالى (ئۇستىسى) 100مىليوندىن ئارتۇ

ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 22:15 ئويلاشنىڭ

ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى تۇلۇق نۇسقىسى چۈشۈرۋېلىڭ

ماڭا بۇلۇپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۈۋەندىكى ئىككى خىل ئالبۇم ياساش دىتا

2013-يىللىق شوپۇرلۇق تەقلىدىي ئىمتاھان سىستېمىسى(ھەقسىزتۇلۇق نۇسقىسى ) 4674 پىراۋا ئېلىش ھەلەكچىلىكدە رىيازەت چى

ADSafe كومپىيۇتېر ئېلانلىرىنى توسۇش يۇمشاق دېتالى مەزكۇر دېتالنىڭ نامى: ADSafe نەشىر نۇسخىس

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2014/0701/20140701112932862.jpg يۇمشاق دېتال ئىسمى: بەيدۇ ۋېروسخورى دېتال چوڭلۇقى: 15.6M يېڭىلانغ

جەمئىي مىكروبلوگ 803 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دوختۇر 2014-7-26 19:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىسەل بولۇپ قالغانلار بار مۇ ؟؟؟

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېقىن بىلگەنلەر مېنى يېقىن بىلمەپتۇ، مېنى يېقىن بىلگەنلەرنى مېنىڭ دىلىم بىلمەپتۇ.

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارىـــلىق جانلــــىقلار ئىچـــــىدە پەقەت ئــىنسانلارلا ئۆزبالسىنى ئۆزگــىلەرنــــىڭ تەربىيلىـــشگە تاپ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدرىڭىزنى بىلمىگەن كىشىلەرگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنى زىرىكتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزگە ئازاپ ۋە ھارغى ...

  • سرداش 2014-6-8 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىز لىفىتتا ئاۋازسىز يەل تاپانچىدىن(يەل قويۇۋېتىش) بىرنى ق ...

  • illiq 2014-6-8 12:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ھايات بىر-بىرىدىن گۇمان قىلغۇدەك، خاپا بولۇپ ئاداۋەت تۇتقىدەك ، رەنجىپ تاشلىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئۇنچە ئ ...

  • illiq 2014-6-8 11:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاق كۆڭۇللەر ئالدىنىپ قالسا مەسخىرە قىلىپ كۇلگەن دۇنيا بۇ،مەن بەختىمنى تاپاي دىگەندە ئۇيقىغا كەتكەن دۇنيا ب ...

  • nur 2014-6-10 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر باي ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئۈزىدىنمۇ باي بىرەيلەننى يوقلاپ بېرىپتۇ.چوڭ باي خۇرسىنغان ھالدا: ‹‹ئ ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلللىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش تامامەن مۈمكىن باشتىن ئۆتكەن تارىخنى يۇرەكتىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇنداق ئا ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تامچە ياشقا سەل قارما، كۆزۈڭدىن ئاققان بىر تامچە ياش سىنىڭ بىر قەدىمىڭگە ئەڭ  ...

  • سرداش 2014-6-8 18:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھازىر يەسلى باللىرى جىندا بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلالايدىكەن دىسە.بۇنىڭغا نىمە سەۋەپ ئەمدى؟ئۇلار بىخىدا ...

  • سرداش 2014-6-8 17:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق ،يۈرىكىدە نەشتىرى بار.

  • illiq 2014-6-8 12:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆتۈۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس بەلكى ئۆمۈردۇر.

  • ۋولقانى 2014-6-6 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    رۇبائىلار بىراۋنى «تىكەنلەر چاچىدۇ» دېدىڭ، «ناھەقكە يوللارنى ئاچىدۇ» دېدىڭ. نەق گەپنى ئالدىدا دېيەلمەيسەن ي ...

  • نۇرلان 2014-6-9 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفون بېتى ياساش دەرسلىكى

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس،بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇغۇچى دەرىسكە كىچىكىپ قاپتۇ . ئوقۇتقۇچى - نىمە دەپ كىچىكىپ قالدىڭ ؟ دەپتۇ . مەكتەپكە يېقىن كەلسەم " ئالدىڭىز ...

  • سرداش 2014-6-8 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاشىق بولۇش ئېگىز بىناداىن سەكرىگەنگە ئوخشايدۇ ، مىڭىڭىز سىزگە بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس دىسە ،يۈركىڭىز سىزگە سە ...

  • illiq 2014-6-8 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‏سەۋىرچان بۇلاي دىسىڭىز بېلىق تۇتۇڭ ، يۇگۇرۇشچان بۇلاي دىسىڭىز توشقان تۇتۇڭ ، دۆت بۇلاي دىسىڭىز مابەت تۇتۇڭ  ...

  • illiq 2014-6-8 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنى پىيادە قويماي ،تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ،بولسا ئايرۇپىلانغا سەپ قويسىڭى ...

  • تور858251 2014-5-18 15:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    نەچچىنجى يىللىقنىڭ لازىم ؟؟1

كۆرۈش: 1532|ئىنكاس: 1

ناخشا ھېكايىچىلىقنىڭ پىرى چېخوفئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8596

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2627 سەر
تۆھپە
1624 سەر
تىللا
1225 دانە
جەۋھەر
3 دانە
3d
) f6 _' k2 T, k7 ?* c: e! _ھېكايىچىلىقنىڭ پىرى چېخوف  h: K' ?% l( B" W3 [
0a85d0dc7654ea650afe5c1fbd695ea0.jpg , m; q* t7 f; u5 H$ ~

9 R' F$ U6 O" ~— ئۇلۇغ ئەدىب چېخوف ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلايمەن
$ i* S% x- I6 H" E' i + A% m1 J; p0 j) r- I, W8 _$ }
توختى مەھمۇت ئەلائى
  z3 ?/ ^+ p  i: x" |6 i' B : w# A, p4 b3 z! h! [/ d& c+ E

5 [3 X2 I9 _1 @1 L6 ?- l! Yئانتون پاۋلوۋىچ چېخوف 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن رۇسىيە تەنقىدىي رىئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستازى، دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا «ھېكايىچىلىقنىڭ پىرى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئۇلۇغ ئەدىبتۇر. ئۇ 1860- يىلى 29- يانۋار رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئازوۋ دېڭىزىغا يېقىن روستوف ئوبلاستىنىڭ مەركىزى تاگانروگ (Таганрог) شەھىرىدە سۇنغان ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. چېخوف ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختالغىنىدا، قىزىقارلىق قىلىپ: «مېنىڭ تومۇرلىرىمدا ئېقىۋاتقىنى دېھقاننىڭ قېنى» دېگەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى يانچىلاردىن ئىدى. 1841- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بوۋىسى 3500 رۇبلىغا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھۆرلۈك ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ يانچىلىقتىن ئاران دېگەندە قۇتۇلىدۇ. 1844- يىلى چېخوفنىڭ دادىسى تاگانروگ شەھىرىگە كېلىپ بىر دۇكاندا پرىكازچىك بولىدۇ. ئۇ بۇ يەردە ئون نەچچە يىل ئىشلەپ مىڭ تەسلىكتە بىر مىلىچمال دۇكىنى ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن تىجارىتى ئوبدان يۈرۈشمىگەنلىكتىن ئۇزاققا بارمايلا ۋەيران بولىدۇ. ئۈستى- ئۈستىگە بوغۇلغان قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، چېخوفنىڭ دادىسى خۇپىيانە ھالدا موسكۋاغا كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بىر- بىرلەپ موسكۋاغا كۆچۈپ چىقىپ، تېخى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېخوفلا ئۆزى يالغۇز تاگانروگدا قېلىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. 1879- يىلى چېخوف موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ دوختۇرلۇقتا ئوقۇيدۇ.3 J6 Y$ s% h" S$ l" x. J
1880- يىلى 9- مارت نەشىردىن چىققان «يىڭناغۇچ» ناملىق يۇمۇرلۇق ئەسەرلەر ژۇرنىلىنىڭ 10- سانىدا چېخوفنىڭ «ئوقۇمۇشلۇق قوشنامغا يېزىلغان خەت» دېگەن ھېكايىسى ۋە «رومان ۋە پوۋىستلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىدىغىنىمىز نېمە؟» دېگەن يۇمۇرلۇق ئېپىزوتى ئېلان قىلىنىدۇ. مانا بۇ چېخوفنىڭ ئەدەبىي ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 1883- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ «چېخونت» دېگەن تەخەللۇس بىلەن «مىختا»، «چىنوۋنىكنىڭ ئۆلۈمى» «سېمىز ۋە ئورۇق»، «خامېلېئون»، «سۇيىقەستچى»، «سېرژانت پرېشبىيېۋ» قاتارلىق نۇرغۇن يۇمۇرلۇق ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. چېخوفنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر يۇمۇرلۇق ھېكايىلىرى چوڭقۇر مەزمۇنغا ۋە مۇكەممەل سيۇژىتغا ئىگە ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇلاردا چار پادىشاھ رۇسىيىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل ئەپت بەشىرىسى ئېچىپ بېرىلىپ، ئىستىبدات يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ئۆتكۈر تىللار بىلەن قامچىلىنىدۇ. # `2 q' u3 l9 b+ T2 F# l2 B8 a1 _
1884- يىلى چېخوف ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋانىڭ شەھەر ئەتراپىدا دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۇرسەت تاپسىلا دېھقانلار، پومىشچىكلار، ئەمەلدارلار، ئوقۇتقۇچىلار دېگەندەك جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن قويۇق ئارلىشىدۇ.
0 v8 s# I6 f- o/ w6 x8 g1884- يىلىدىن 1886- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، چېخوف ئۆز نەزىرىنى ئاددىي ئەمگەكچىلەرگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئالىدۇ ۋە «ئوستېر قۇلۇلىسى»، «ھەسرەت»، «پەرىشانلىق»، «غەزەلچى قىز»، «ۋانكا» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ھېكايىلەرنى يازىدۇ. يازغۇچى بۇ ئەسەرلىرىدە ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سيۇژىت قىلىپ، ئوبيېكتىپ ۋە يوشۇرۇن مەنىلىك بايان قىلىش ئۇسلۇبى، ئەپچىل قۇرۇلمىغا ئىگە بەدىئىي تەپسىلاتلار ۋە كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق، پېرسوناژلارنىڭ پىسىخىك ھالىتىنى ئېچىپ بېرىش جەريانىدا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بىر مۇھىم تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھېسسىياتىنى ئاممىباپ تىللار ئارقىلىق ئەسەردىكى بىر پۈتۈن ئوبرازلار سىستېمىسى ئىچىگە سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. " L8 w+ Z& w5 D( S- X( R3 Q' ~. z7 i
19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، چېخوفنىڭ شۆھرىتى كۈندىن كۈنگە ئاشقانلىقتىن، 1888- يىلى ئۆكتەبىردە چار رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان «پۇشكىن مۇكاپاتى» نى بېرىدۇ. تۇنجى يازمىسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى «پۇشكىن مۇكاپاتى» غا ئېرىشكىنىگىچە ئارىدىن پەقەت سەككىز يېرىم يىللا ئۆتكەن، شۇ كەمگىچە رۇسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە تېخى ئانچە جىق كىشى بىلىپ كەتمەيدىغان بۇ ياش ئەدىب «چېخونت» بىردىنلا پېتربورگدىكى ھەممىلا كىشى ھەۋەس بىلەن تىلغا ئالىدىغان داڭدار شەخس— چېخوفقا ئايلىنىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، چېخوف يەنە سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ھارامزادە» («پلاتونوف» دەپمۇ ئاتالغان)، «ھاماقەت»، «تويلىشىش تەلىپى»، «تويلىشىش» ۋە «خاتىرە كۈنى» قاتارلىق كومېدىيىلىك درامىلارنى يازىدۇ. / m9 A) b* J" V1 y/ I- I3 e
1890- يىلى باھاردا، خېلىدىن بۇيان تەن سالامەتلىكى ياخشى بولماي كېلىۋاتقان چېخوف، يول ئازابىغا قارىماي، بىپايان سىبىرىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەينى زاماندا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان ساخالىن ئارىلىغا بارىدۇ. بۇ جاي پانىي دۇنيادىكى بىر «دوزاخ» ئىدى، بۇ يەردە تۈرلۈك ياۋايىلىق، جاندىن ئۆتىدىغان ئازاب ۋە بالايى ئاپەتلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چېخوفتا، ئالتە- يەتتە يىلدىن بۇيان چوڭقۇر ئىخلاس ۋە ئېتىقاد باغلاپ كەلگەن تولستوي پەلسەپىسىگە نىسبەتەن بارغانسېرى يىراقلىشىش، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىش ئىستىكى باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. & r" V. W4 p4 E7 I$ C) ~
بىزگە مەلۇمكى، چېخوف بىلەن تولستوينىڭ ئىدىيە جەھەتتە بىر قانچە ئورتاقلىقى بار. ئۇلار 19- ئەسىردىكى رۇسىيە جەمئىيىتىنى قاتتىق تەنقىدلىگۈچىلەر بولۇپ، بىرى جەمئىيەتنىڭ ئىللەتلىرىنى خۇددى دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە پىچىقىدەك كولاپ چىقىرىپ، كىتابخانلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويىدۇ؛ بىرى رىئاللىقتىكى چىرىكلىك ۋە ئىپلاسلىقلارنى خۇددى ئەينەكتەك ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار خەلققە قارىتا كەم ئۇچرايدىغان ھېسداشلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىمۇ ئوچۇق بىلدۈرىدۇ. لېكىن، چېخوف تولستوينىڭ ئىدىيىۋى خائىشلىرىغا پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ تولستويچىلىققا راسا شەيدا بولغان چاغلىرىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇنىڭ تولستوينىڭ قاباھەتكە زورلۇق كۈچى بىلەن قارشى چىقماسلىق نەزەرىيىسىگە تولۇق ئىشىنىپ كەتمىگەنلىكى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر. ئەنە شۇنداق توغرا تەنقىدىي پوزىتسىيە چېخوفقا ئىجادىيەتتە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشتا ھەيدەكچى بولىدۇ.
9 r$ ?% `2 a  ^! _3 R/ A1892- يىلى ئۇنىڭ ئەشۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ھاسىلاتى سۈپىتىدە «ئالتىنچى پالاتا» ۋە «سۈرگۈن ماكانىدا» دېگەن ئىككى پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنىدۇ. چېخوف بۇ ئەسىرىدە ھەم رەزىللىك بىلەن قارشىلاشماسلىقتەك قۇللارچە باش ئېگىش ئىدىيىسىنى تەنقىدلەيدۇ، ھەم زاھىدلارچە تەركىدۇنياچىلىق ۋە بۇ دۇنيادىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىشتەك ئۈمىدسىزلىك پوزىتسىيىسىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. «ئالتىنچى پالاتا» ناملىق پوۋېستنىڭ ئېلان قىلىنىشى چېخوف ئىجادىيەت تەرەققىياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە بۇ ئەسەر دۇنياغا كەلگەن 1892- يىلىدىن ئەدىبنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھېكايىسى «كېلىن» ئېلان قىلىنغان 1903- يىلىغىچە بولغان ئارىلىق چېخوف بەدىئىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللە مەزگىلىگە ئايلىنىدۇ.
% O4 z* I: [6 p5 A9 m+ l19- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، رۇسىيە جەمئىيىتىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زىددىيەتلەر كۈندىن- كۈنگە ئۆتكۈرلىشىشكە باشلايدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتقا دۇچ كەلگەن چېخوفمۇ دەۋر قەدىمىگە ماس ھالدا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە پائال ئىشتراك قىلىدۇ. 1892- يىلى ئۇ تۆۋەن نوۋىگورد ئوبلاستى ۋە ۋورونىژ ئوبلاستىغا بېرىپ، قەھەتچىلىككە ئۇچرىغان خەلققە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ياردەم قىلىدۇ؛ 1892- يىلىدىن 1893- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ شېرپىخوف ناھىيىسىدە تارقالغان خولېرا كېسەللىكىنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؛ 1897- يىلى ئۇ پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؛ 1898- يىلى ئۇ فرانسىيە يازغۇچىسى زولا بىگۇناھ يەھۇدى ئوفىتسېرى دېرىفوسنى ئاقلاش ئۈچۈن قوزغىغان ھەققانىيەت ھەرىكىتىنى قوللايدۇ؛ 1902- يىلى باھاردا ئۇ يازغۇچى كرولىنكو بىلەن بىرلىكتە چار رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چار پادىشاھ نىكولايⅡنىڭ قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى ئالدىدا باش ئېگىپ، ماكسىم گوركىينىڭ پەخرىي ئاكادېمىكلىق نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ؛ 1902- يىلىدىن 1904- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇرغۇن قېتىم ماددىي ياردەم بېرىدۇ... يۇقارقى بىر قاتار پاكىتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى: ئەينى دەۋردىكى روسىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چېخوفنىڭ دېموكراتىزملىق مەيدانى ۋە ئىدىيىسى بارغانسېرى قەتئىيلىشىدۇ، جۈملىدىن بۇلار ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ھېكايە ۋە دراما ئىجادىيىتى ئۈچۈنمۇ ئىدىيىۋىي ئاساس بولۇپ قالىدۇ. ' H8 b0 S5 @( W
چېخوفنىڭ بۇ مەزگىلدە يازغان پوۋېست، ھېكايىلىرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ- چوڭ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن، «دېھقان»، «يېڭى داچا»، «كاماندۇرۇپكىغا چىقىش»، «جىلغىدا» قاتارلىق ئەسەرلەردە ئەينى دەۋردىكى رۇسىيە يېزىلىرىنىڭ نامرات، قالاق ۋە نادانلىق ھالىتى، يېزىلاردىكى بايلار ۋە نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن پەرق ۋە زىددىيەتلەر تەسۋىرلىنىپ، نادان ۋە بېكىنمە ھالەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ستىخىيىلىك رەۋىشتە پەيدا بولغان نارازىلىق ۋە بىزارلىق كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ. 1 B2 K/ l% \9 F7 K9 l7 ^: n3 d
چېخوف يەنە داڭلىق دراماتورگ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە «ئىۋانوف»، «چايكا»، «ۋانىيە تاغا»، «ئۈچ ئاچا- سىڭىل»، «گىلاسلىق باغ» قاتارلىق كۆپ پەردىلىك درامىلارنى يازىدۇ. چېخوف بۇ ئەسەرلىرىدە 1905- يىلىدىكى رۇسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا بىر قىسىم ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىلىرىنىڭ بۇرۇختۇملۇق ئىچىدىكى ئىنتىلىشلىرىنى ئەگرى توقاي ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ دراما ئەسەرلىرىدە قويۇق لىرىكىلىق پۇراق ۋە يوشۇرۇن مەنىلەرگە باي دىئالوگلار بولۇپ، دراما ۋەقەلىكلىرى گەرچە كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ئادەتتىكى ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار چوڭقۇر سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە قىلىنغان.  . Z. p6 {% z/ X& i7 E( L& [
19- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل- مېلىغا تايىنىپ خەلقنىڭ قېنىنى شورايدىغان رەزىل كۈچلەر بارغانسېرى زورىيىدۇ ۋە ئۇلار رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، مىشچانلىق ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تەدرىجىي چىرىتىشكە باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا، چېخوف باشتىن- ئاخىر دەۋر ئاۋانگارتىغا خاس خىسلەت بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئىجتىمائىي ھاياتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان چاكىنا كىشىلەرنىڭ مىشچانلىق ئىدىيىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «يوۋنىچ»، «قارىقات» ۋە «بويۇندىكى ئاننا» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق، مىشچانلىق ئىدىيىسىنىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن زىيالىلارنى قاتتىق قامچىلايدۇ.
4 }7 U* }8 m  ^8 Cتارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيىدە 1905- يىلىدىكى بۈيۈك ئىنقىلابقا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە جەمئىيىىتىدە «ئەمدى بۇنداق ياشاۋەرمەيلى» دەيدىغان كەيپىيات ئىنتايىن كۈچىيىدۇ. چېخوف مۇشۇ دەۋردە يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە بۇ خىل ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «غىلاب بەندىسى»، «قارىقات»، «ئىت يېتىلىۋالغان ئايال»، «ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى»، «كېسەل كۆرۈش»، «كاماندۇرۇپكىغا چىقىش»، «يېڭى داچا»، «دېھقان»، «كېلىن» قاتارلىق ئەسەرلەردە گەرچە بىر- بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «ئەمدى بۇنداق ياشاۋەرمەيلى» دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىيات چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. 9 y7 b, B  h5 ?: S+ F
كىتابخانلارغا ئايانكى، چېخوف ئۇلۇغ ئەدىب بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزۇشقا بېغىشلىغان داڭلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، دائىم مېلىخوف ۋە يالتا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نامرات دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويىدۇ. 1892- يىلى روسىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خولېرا كېسىلى تارقالغاندا، ئۇ مېلىخوف ناھىيىسىدىكى داۋالاش پونكىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، 25 كەنت، تۆت زاۋۇت ۋە بىر موناستىردىكى كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەپ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالايدۇ. جامائەت ئىشلىرىغا قىزغىن ئىشتراك قىلىش چېخوفنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى بىر خىل يۈكسەك ئېتىقادى ۋە غايىسى ئىدى. & C! {# W/ ^0 f+ a' l* D
تىنىمسىز ئىجادىي ئەمگەك ۋە ئۈزۈلمەس جامائەت ئىشلىرى ئاخىر بۇ زەبەردەست تالانت ئىگىسىنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ. 1903- يىلى 11- ئايدا سالامەتلىكى ناچارلاشقان چېخوف دەم ئېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن يالتاغا بارىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئەينى دەۋردىكى داڭلىق ئەدەبىي تەنقىدچى كىگن دېدلوف( 1856~1908) قا يازغان خېتىدە، ئۆزىنىڭ بۇرۇختۇملۇق ۋە زېرىكىشلىك تۇرمۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر ماڭا تۇرمۇش يېنىمدىلا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر ئەدىب كۆرۈپ زوق ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر قالمىغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ» دەيدۇ. 1904- يىلى 6- ئايدا چېخوفنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ۋە ئۇ موسكۋا بەدىئىي تىياتىرخانىسىنىڭ تالانتلىق ئارتىسى، سۆيۈملۈك ئايالى ئولگا كنىپپېر (О́льга Леона́рдовна Кни́ппер 1868~1959) نىڭ ھەمراھلىقىدا گېرمانىيىدىكى بادېنۋېيلېر (Баденвейлер) غا بېرىپ داۋالىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا چاپلاشقان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقتىن، تېخى ئەمدىلا 44 ياشقا كىرگەن بۇ ئۇلۇغ ئەدىب شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى گېرمانىيىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
0 {4 u  x# I) n9 |( t8 Rچېخوفنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى ئۆزگىچە بىر سەنئەتكار. گەرچە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا توپتوغرا 100 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ  قالدۇرۇپ كەتكەن 470 نەچچە پارچە ھېكايە ۋە پوۋېست، 10 پارچىدىن ئارتۇق دراما قاتارلىق ئەسەرلەر تارىخنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، دۇنيا ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراسقا ئايلاندى. 7 q0 ?8 K* r# F7 |! f  [5 U; t+ h: @
رۇس ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ھېكايىچىلىق جەھەتتە، چېخوفدىن كېيىن چوڭقۇر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى. شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، چېخوف رۇسىيە ھېكايىچىلىقىدا يېڭى دەۋر ياراتتى. چېخوفنىڭ ئۆزىمۇ رۇس ئەدەبىياتى، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە ھېكايىچىلىقنىڭ پىرى بولۇپ قالدى. ئۇ ۋەقەلىك، كومپوزىتسىيە، پېرسوناژ، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈردى.
8 H% y- p; c# |1 z" ~: Dچېخوف خەلقپەرۋەر يازغۇچى، چۈنكى ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەرلىرى خەلقنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئۇ ياراتقان رىئال خائىشچانلىققا ئىگە جانلىق ئوبرازلار، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بەدىئىي رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىنى يوقاتمىغان بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ چاكىنا كىشىلەرنىڭ مىشچانلارچە ھايات قارىشى، شۇنداقلا بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇلپەرەسلىك خائىشى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزدىكى ئۆتكۈر ئىدىيىۋىي قورال بولالايدۇ. چېخوفنىڭ مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرىگە مۇجەسسەملەنگىنى مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە بەدىئىي قىممەت بولۇپ، ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ دېموكراتىزملىق روھى ئەۋلادلار قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆچمەس ماياكتۇر. / }$ D/ o9 n) @2 }$ Z- X
چېخوف ئۇلۇغ ئۇستاز لېنىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. لېنىن چېخوفنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئۇلۇغ يازغۇچى ياراتقان ئوبرازلاردىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرەتتى.9 D* P0 `4 {: N9 x2 D
لېنىن ھەمىشە بىلىكوفتىن ئىبارەت بۇ ئوبرازنى نەقىل ئالاتتى. چېخوف ھايات ۋاقتىدىلا لېنىن «غىلاپ بەندىسى»نى ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى رەقىبى دەپ قارىغان. لېنىن نۇرغۇن قېتىم بۇ كۈلكىلىك ۋە قورقۇنچاق شەخسنى مەلۇم ئاساسلارغا ئىگە ھالدا ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى.% q& e1 w# C5 r; ~
لېنىن «غىلاپ بەندىسى» نى ئىستىبدات ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايتتى. چۈنكى، بۇ خىل تۈزۈم دەل ھۆكۈمران سىنىپقا قۇللارچە باش ئېگىپ، چېقىمچىلىق قىلىدىغان ۋە رىئاللىققا شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان بىلىكوفچە پوزىتسىيىدىكى كىشىلەرگە زىمىن ھازىرلىغان ئىدى. ھالبۇكى بۇ خىل بىلىكوفچە پوزىتسىيە ئۇنىڭ: «ھەرگىز بۇنداق قالايمىقان ئىش قىلماڭلار.» دېگەن تىپىك سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
7 \% z. X6 A/ {لېنىن ئەينى دەۋردە ھەرقايسى ساھەلەردە بىلىكوفچە ھۆكۈمرانلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بايقىغان. شۇڭا، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، بىلىكوف دەل ئەشۇ قوغدىغۇچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى. ئەگەر مۇشۇ ساھەدە كىمكى «غىلاپ بەندىسى» گە ئوخشىماي قالغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەشۇ بىلىكوفچە شەخىسلەر گۇمانلىق ۋە ئىشەنچىسىز بولۇپ قالاتتى.- T9 r4 G  a/ K0 T' p  T- a+ \1 {5 N
لېنىن ئىنقىلابقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان لېبرالىزمچىلارغا قارشى تۇرغان ۋاقتىدا، بىلىكوفنى يادىغا ئالغان. ئۇ قورقۇنچاقلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىدىغان دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش پارتىيىسىدىكىلەر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئەپسۇسلانغان ھالدا:«ھەي، مانا بۇلار سىياسىي ساھەدىكى ‹غىلاپ بەندىلىرى› ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى.
% v3 _9 A0 f3 {6 e) l8 i& Yمۇنداق بىر ئىش بىزگە لېنىننىڭ چېخوفنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىر قىسىم پېرسوناژلار ئوبرازىنى شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتۇۋالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چېخوفنىڭ «ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى» ناملىق ھېكايىسىدە ئىۋورىت ئىۋورىۋىچ ئىسىملىك بىر جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ تولىمۇ ئاددىي، نەزەر دائىرىسى تار ئادەم ئىدى. ئۇ ياكى جىمغور بولۇۋالاتتى، ياكى كىشىلەر ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ كېتەتتى. مەسىلەن: «ياز كۈنى قىش كۈنىگە ئوخشىمايدۇ، قىش كۈنى مەشكە ئوت قالايسەن، بىراق ياز كۈنى ئوت قالىمىساڭمۇ ئىسسىق تۇرىسەن.»، «ۋولگا دەرياسىنىڭ سۈيى دېڭىزغا قۇيىلىدۇ... ئات سۇلۇ ۋە ئوت- چۆپ يەيدۇ...» دېگەندەك، ۋاھاكازا. ئەكسىيەتچى سىنىپلار ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا، لېنىن ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ ئاتالمىش ئاقىلانە ۋەز- نەسىھەتلىرىگە (ئۇلار ئىنقىلاب تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماي، بەلكى كىشىلەر ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەن ھەقىقەتلەرنى تەرغىپ قىلىشقان ئىدى.) رەددىيە بەرگەن چېغىدا، مۇشۇ رەقىبلىرىنى ھېلىقى ئىۋورىت ئىۋورىۋىچقا ئوخشاتقان.% x% `: G% t: f8 E; `+ d
لېنىن چېخوف ياراتقان شەخىسلەرنى (بەزىدە ئۇلار ئادەتتىكى، تولىمۇ ئاددىي كىشىلەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى) ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلانغان، دەپ قارىغان. چېخوف تەسۋىرلەپ بەرگەن نېرۋىسى كاردىن چىققان كېسەللەر تۇرىدىغان «ئالتىنچى نومۇرلۇق پالاتا» لېنىنغا تولىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان.* x5 n/ s) g9 ]$ M4 ?3 g
لېنىن ھەقىقىي سەنئەتكار، يوشۇرۇن ھېسسىياتقا باي لىرىك شائىر، رىئالىزمچى ئەدىب چېخوفنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، لېنىن موسكۋا بولشوي تىياتىرخانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسى كاچالوفقا: «يېڭى تىپتىكى پرولېتارىيات تاماشىبىنلىرى لىرىك شائىرلارغا، چېخوفغا، تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىگە مۇھتاج» دېگەن ئىدى.
: V* A# Q; `3 s  T4 a
2 V; d) C' G8 p  ^, n) Tپايدىلانغان ماتېرىياللار:
* {1 q" c* v- F# ]' ]) s‹1› مۇھەممەت ئىمىن. «چەت ئەل ئەدەبىياتى»، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1990- يىل 1- نەشرى 1- بېسىلىشى،ئىككى توم.
7 y# i* N4 m0 J2 j4 s" b‹2› خې نيەن (贺年) تۈزگەن. «دۇنياغا مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن تېز ئوقۇشلۇق» («世界著名文学家作品速读集»)، خەنزۇچە. كۆكخوت، ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى،2001- يىل 9- ئاي 1- نەشرى، 1- بېسىلىشى.% m2 i; y" k+ \: @* p( W( m
‹3› جۇ يېكۇاڭ (朱也旷). «چېخوفقا ئېھتىرام»، خەنزۇچە. «ئوقۇرمەنلەر مەجمۇئەسى ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ 2004- يىل 15- ئاپرېل سانىنىڭ 3- بېتى. 3 s" ?  z2 V6 `0 j# X: v
‹4› «چېخوف ئەسەرلىرىدىن تاللانما». شاڭخەي، تەرجىمە نەشرىياتى، 1999- يىل 6- ئاي 2- نەشرى 2- بېسىلىشى.
; ~5 z& u/ d7 Z, q+ \) S‹5› «لېنىننىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە دائىر ئەسەرلىرى» . بېيجىڭ، خەلق ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى، 2000- يىل 10- ئاي 2- نەشرى 1- بېسىلىشى.
" [) A- P: Q0 G5 e, f$ @0 s8 k; i) l( S5 a! p$ _9 q1 x
& X/ D# M8 j4 w  a5 p1 p
2004- يىل 28- ماي كورلا
/ Z  H$ y4 F- f& j% R: X8 W1 J2 u! D4 K

% ~/ j, N% i* U) A6 M3 p7 b6 ~چېخوفنىڭ ھاياتىدىن كۆرۈنۈشلەر:8 }# B. _; F5 U3 ~* m
  چېخوف ۋە ئايالى ئولگا كنىپپېر (1868~1959)+ K* E$ o; I6 w
  R& o! T+ T' g- z. v
/ p+ J3 T0 L# s/ {1 M: L

& B7 N3 J* o1 M9 g5 N(3) چېخوف ۋە تولستوي
( A8 |* K( {1 z" v& A* |+ y& F 5 T, g& K7 ~; \7 t2 H

) i* q+ M  O8 W* A1 N
5 e; d2 G: J- X, L+ Z0 g' G
% c- M, ?! n# o(5) ئاخىرقى ئۆمرىدە$ b- v; N" d; ?# m
" V( ]1 R0 n' U, y# g7 s. _0 Q, s
سۈرەتلەر ئىزدەش تورىدىن ئېلىندى. $ ]! B8 e# A! ?5 n9 F/ N9 L# S0 x
+ d, o3 b; M1 i6 L: z
# ^4 g' a" Y% A# H4 E$ z) C( \
ابدۇللا توقايغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۈرەتلەر4 X6 j/ J1 W+ H
: k1 y$ q. ]8 r8 X& L, }$ F
مەنبە:تور$ z0 j! a. i( e. m/ e/ i0 }
: i" o# I; [4 r  u6 u1 h

& W9 `* N! V2 T# _* [ 6 d8 ~  A8 i& l# G' N

% j; l& n4 m* v; O7 Q) y 3 n& S' z0 _- i. Z/ d7 x

7 G% Q3 C9 n* d% ^
' F3 b: K9 O' @0 H3 m' I# aدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق




ئالدىنقىسى:يۇمۇرلار
كىيىنكىسى:دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

0

تېما

5

يازما

65

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
43 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-8 22:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗