مائارىپ
قانداق قىلغاندا ھاياتىي كۈچكە تولغان تىل-ئەدىبىيات دەرسخانا مۇھىتى ; P# a' d, q# Y4 {2 X$ A
بەرپا قىلىغىلى بولىدۇ؟ * p- N4 D4 S) a6 X2 b, e
9 v/ P, K4 ]6 C# Z7 N7 d& [8 Y! B" c0 a
" Q/ G# Z3 ^& b5 i+ `$ P. |/ B
تىل-ئەدبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى زادى نېمىدە ؟ نېمىشقا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسى شۇنچە جەلىپكار ؟ يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسى بولسا شۇنچە زېرىكىشلىك ؟ نېمىشقا بەزى ئوقۇتۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئوقۇغۇچىلار شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ-يۇ ، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى مەجبۇرى ھالدىكى ئالۋاڭ ھېسابلايدۇ؟
7 ^- X# o- u& I, }8 v" X. I6 M/ W' k6 T" M! l+ V! [
مېنىڭچە ، مەسىلە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا . ئويلىنىپ كۆرەيلى ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا قۇرغاقلىشىشتىن ، ئەمەلىيەتكە باغلانماسلىقتىن ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ، ساپا يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراشتىن ساقلىنالىدۇقمۇ-يوق ؟... ئوقۇتۇتۇش ئۇسۇلىدا ئەنئەنىۋىي رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭڭىسىنى ئاچىدىغان خىلمۇخىل ، يېڭىچە ، ئىجادىي ئۇسۇللاردىن پايدىلنىپ دەرسخانىدا قىزغىن ، جەلىپكار ، ئوقۇغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا چىگىش خىياللاردىن ، باشقا ھەرقانداق ئىشتىن قول ئۈزۈپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېتىدىغان مۇھىت ، كەيپىيات بەرپا قىلالىدۇقمۇ-يوق ؟
- N {3 x( m' b. [; w2 z C, Q( k6 Y7 Z# q- S
تۆۋەندە مەن ھاياتىي كۈچكە تولغان تىل-ئەدبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن :
. y" B: M8 o/ |# g1 d) ?4 \8 j3 F0 o( r
1. قىزغىن ، كۆڭۈللۈك بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى ھازىرلاش :
. x8 @9 L# F1 k1 H+ O( R/ F% w1 M! w& E: W3 W9 z: t/ k
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئۆز پىسخىكىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ دەرسخانا سىرتىدىكى ھەرقانداق ناچار كەيپىياتنى شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ سىنىپقا تەبەسسۇم بىلەن كىرىشى ، ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتى . چۈشكۈن ، جانسىز ھالىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى <يۇقۇملاندۇرۇپ > قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك ، ئىللىق قۇياشتەك ، يېقىملىق باھار شامىلىدەك چېھىر ۋە مۇھەببەتلىك ھېسيات ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىغا ۋە دەرسكە بولغان زوقلىنىش ، قىزىقىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ . كۆڭۈللۈك بولغان دەرسخانا مۇھىتى ئوقۇغۇچىلاردىكى <دەرسخانىدىن قېچىش كېسىلى> نى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورا . تەنقىد، قاخشاش ، ۋايساي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپلا قويماي دەرسىخانىدىكى كەيپىياتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ ، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك . ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى ، مەسىلەرنى ئىجادىي ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارى ، قىزغىن ، جۇشقۇن كەيپىيات پەيدا قىلالايدىغان ماھارىتى ، ئۆلۈك ھالدا بىلىم قاچىلاپ قويماي ، ئۇستىلىق بىلەن يېتەكلەپ ئاكىتىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان مۇھىت ھازىرلىيالايدىغان ئوقۇتقۇچىنى ھەقىقەتىنمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئەدىبىيات ئوقۇتۇشىدىكى شاد-خورام ، قىزغىن جانلىق ، كۆڭۈللۈك بولغان «تىپىك مۇھىت » تەشەببۇسكار ، ئاڭلىق ، ئىزدىنىشچان ، ئىجاتچان بولغان «تىپىك پېرسوناژ» لارنى يارىتىدۇ. خۇددى مائارىپشۇناس سىنىس ئېيتقاندەك: « ئوقۇتۇش ئەگەر ئوقۇغۇچىلارغا روھى جەھەتتىن خوشاللىق ۋە قانائەت بېغىشلىيالىسا ، ھېچكىم ھەيدەكچىلىك قىلمىسىمۇ ، ئۇلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدىغان بولىدۇ . » 2 u+ q) Q5 [1 ~6 Q3 z6 q6 L% @
+ v$ _: D3 H& K. m3 B
2. دەرسخانىدا سەرخىللاشقان ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش
, L; X4 }/ m$ v3 z
% _0 Z7 `7 ]5 o- c- n) I بىزنىڭ تەربىيەلەش ئوبىكتىمىز جانلىق . ئۆزگۈرۈشچان ئادەملەر بولغاچقا ، ئوقۇتۇشتا قوللانغان ئۇسۇللىرىمىزمۇ جانلىق ، ئۆزگۈرۈشچان ئۇسۇللار بولۇشى كېرەك ، ئوخشىمىغان يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمىغان ژانىردىكى دەرسلەرنى ، ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئۆتۈش ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى ئوخشاش بىر تاماقنى يەۋاتقاندەك مەززىسىز ، تېتىمىغان ، قىلىپلاشقان ئۇسۇلاردا « قىينىماي » ، تۈرنى ، تەمنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . V% |1 o. I; z, p( ]
: K. r) T: N! N. j دەرسخانىدا دەرس خاراكتىرىنىڭ ، نىشانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، لىكسىيە ئۇسۇلى ، سۆھبەت ئۇسۇلى ، سوئال قويۇش ئۇسۇلى ، كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئۇسۇلى ، گۇمانىي سوئاللارنى ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئۇسۇلى ، مۇھىم جۈملە تەھلىلى ، يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلارنى بىرەر قېتىمدىن «ئوقۇتقۇچى» قىلىپ بېقىش ، تېكىستتىكى ئوبرازلارنىڭ رولىنى ئالدۇرۇپ « ئارتىس » قىلىپ بېقىش ...قاتارلىق ئۇسۇللارنى دەرس ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولىدۇ.
+ w i# {. z8 D0 ?2 g4 _' t( H. r( G# T. \, p7 W
3. سوئالنى ياخشى لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش % E% Q1 H; J. V: ^7 t2 x. q0 t: d
) g, i' J! I8 w( p دەرسخانىدا سورالغان سوئال بەك ئاددىي بولسىمۇ ، بەك قىيىن بولسىمۇ بولمايدۇ . سوئال چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى غىدىقلىيالايدىغان ، تەسەۋۇرىنى قوزغىيالايدىغان ، بەلگىلىك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان بولۇشى بولۇشى ، دەرس نىشانىنى ئورۇنداشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدىغان بولۇشى لازىم . سوئالنى بەك كۆپ ۋە ئارقىمۇ ئارقا سوراپ ئوقۇغۇچىلارغا « ھۇجۇم » قىلماسلىق كېرەك ، ئوقۇغۇچىلار سوئال دېڭىزىغا چۆكۈپ باش كۆرۈرەلمەيدى، نەپەس ئېلىۋېلىشكىمۇ پۇرسەت تاپالماي ، جىددىيلىشىپ ، « ھالسىراپ » قالسا سوئالنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ . سوئال سورالغان ئىكەن مۇۋاپىق ھالدىكى ئويلىنىش ۋاقتى ، تەپەككۈر پۇرسىتى بېرىلىشى تولىمۇ زۆرۈر. _3 l/ t$ d7 b/ b( i$ `. x
8 z. x/ C. P h3 w* G 4 . ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا دەرس بايلىقلىرىنى قېزىش بەك مۇھىم
) d! L& ?' @3 ~1 \) ~
7 _+ Z& y+ X* `! f$ x3 G ھەر بىر دەرسكە نىسبەتەن دەرس بايلىقى بولالايدىغان نەرسىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىدا تولۇپ يېتىپتۇ، بۇلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاپالايدىغان بولۇشتا دەسلەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى مۇھىم بولسا ، ئاستا-ئاستا ھالدا بۇ خىل ئىزدىنىش ئوقۇغۇچىنىڭ نورمال ئىزدىنىشىگە ئايلىنىدۇ ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنى ئاڭلىق ھالدا ماتىريال ئىزدەشكە جەلىپ قىلىدۇ ، بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بەكلا مۇھىم ، ئوقۇغۇچىلار دەرسكە مۇناسۋەتلىك بىرەر كىتاب تېپىپ كەلسىمۇ ، بىرەر پارچە ماقالە تېپىپ كەلسىمۇ ، بىر پارچە نۇتۇق تەييارلاپ كەلسىمۇ ، بىرەر ناخشا ئېيتىپ بەرمەكچى بولسىمۇ ، بىرەر پارچە شىېر يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىرەر پارچە رەسىم تېپىپ كەلگەن بولسىمۇ ، توردىن ماتىريال ئىزدەپ كەلگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا چوقۇم دەرسخانىدا شارائىت چىقىرىپ ، ئۇنى قوللاپ ، ماختاپ ، ساۋاقداشلىرىغا چاۋاك چالدۇرۇپ ، ئاتا-ئانىلىرىغا تېلفون قىلىپ رازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ئوقۇغۇچىنى داۋاملىق ئىزدىنىش قىزغىنىلىقىغا ئىگە قىلىش ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىنىمۇ بۇ خىل روھتىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك . + m$ H" ]9 Z. k/ _3 Q. g. G
9 X- F! ?8 p, g0 p! t6 g6 P5. دەرسكە ياخشى باشلاپ كىرىش ۋە ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش ، دوسكىنى سەرخىل لايىھەلەش ، ئىقتىدار ، ساپا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش .
+ s- {( w. t W3 O. c) u, V
# C2 t, Y/ M, \2 N/ D0 Q, O3 a8 ~, | ياخشى باشلىنىش ياخشى ئاخىرلىشىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ، ھەر بىر دەرسكە ماس ھالدا قوللىنىلغان باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىدا شۇ دەرسكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق قوزغايدۇ .يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتە دەرسكە ماس ھالدىكى ھېكايە ، تېپىشماق ، ناخشا ، شىئېر ، يۇمۇر ، چۆچەك ، رەسىم ، ماقال-تەمسىل ،ئىپىزوتلاردىن پايدىلنىشقا بولىدۇ . - }6 A; Q5 c& k. p8 Q" r3 y
دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇش باشلاشقا ئوخشاشلا مۇھىم ،ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش يەنە بىر قېتىملىق دەرسنىڭ ياخشى باشلىنىشىنىڭ شۇنداقلا ، دەرس مەزمۇنىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە تاشقا مۆھۈر ئويغاندەك مۇستەھكەم ساقلىنىشىنىڭ كاپالىتى . دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا دەرس مەزمۇنىدىن ، پېرسوناژلار خاراكتىرىدىن ، ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىدىن شېئىرىي شەكىلدە خۇلاسە چىقىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش ، دەرسكە ئالاقىدار ھېكايەت ياكى ئوقۇغۇچىلار يېزىپ كەلگەن ماقالىلەر ئارقىلىق ، ماقال-تەمسىل ، ھېكمەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق ياكى ئويلىنىش قىممىتى بولغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى ئىزدىنىشى ئۈچۈن يول ئاچىدىغان سوئاللار ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردۇر . 0 ]- P6 w @0 n# ]; ]8 A+ o7 O8 M$ e4 e
# x! ?- U" z, s دوسكىنى دەرستىكى مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ مۇناسۋىتىگە ئاساسەن ئىسخىما ، جەدۋدەل ، ھەر خىل شەكىل ، رەسىم ، ياكى مۇھىم نۇقتىلارنى تەرتىپ بويىچە يېزىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ لايىھەلىسە ، ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ھۆسنىخەت يازدۇرۇپ لاھىيلىسىمۇ بولىدۇ.
! J( z( ~& \6 Y/ N
( Y G( u# }- _6 h. Z+ } ھەر بىر سائەتتىكى ئىقتىدار ، ساپا مەشىقلىرى يەنى كىتاب ئوقۇش ساپاسى ، نۇتۇق سۆزلەش ساپاسى ، يېزىق ساپاسى ، تەسەۋۇر – تەپەككۈر ساپاسى قاتارلىق ساپا - ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈش تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ، بۇلار يەنە كېلىپ تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە نۇقتىلىق كۆرسىتىلگەن مۇھىم نۇقتىلار. , p. i% X# V9 K( p7 q( N0 q( f
9 t8 I1 \2 ]8 s& m ئىشىنىمەنكى، يۇقۇردا تەكىتلەنگەن نۇقتىلارغا سەل قارالمىغان دەرسخانا چوقۇم كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە تولغان دەرسخانا بولالايدۇ.
& o1 {* F9 A- X+ d- h8 S8 A
# }2 N/ g5 F! F& _, F# lمەنبەسى:تەۋپىق مائارىپ تورىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |