ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1969|ئىنكاس: 2

سېرىق يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىكتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9194 سەر
تۆھپە
2738 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-10-30 23:00:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر مارت يامغۇرى شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، پىيادىلەر يولىدىكى ئاشىق مەشۇقلار كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋېلىپ پىچىرلىشىپ ماڭاتتى. كەڭ يوپۇرماقلار باش ئەتىيازنىڭ يامغۇرىدىن مەس بولغاندەك لەرزان ئىرغاڭلىشاتتى.
) [% g" k4 E" S- dكەچ سائەت ئالتە. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت. گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كوچا چىراغلىرى يېنىشقا باشلىدى. خىزمەت بىناسىدىن چىقىپ كەلگەن چېڭ چېڭ ھارغىنلىق بىلەن بىرنى ئەسنىۋېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قارىدى. سىم-سىم يامغۇر چاچلىرىغا، يۈزلىرىگە چۈشتى. ئۇ چاچلىرىنى قولى بىلەن قايرىدى، پاكىز ئاپپاق يۈزى ئاجايىپ نازاكەتلىك، ئوماق بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. , j3 V; L) I6 \. ^9 Z5 i) h
چېڭ چېڭ بىر گۈزەل قىز، ئالىي مەكتەپ چېغىدىلا ھەممە ئېتىراپ قىلدىغان مەكتەپ گۈزىلى بولۇپ، قوغلىشىدىغانلار ساناقسىز ئىدى. بۇ ساددا گۈزەل قىز ئاخىرى ئاجېيى ئىسىملىك كېلىشكەن يىگىتكە تەسلىم بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەرئىككىسى خىزمەت تېپىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەرلەر ئۆزگىرىشچان شۇنداقلا ئۈژمە كۆڭۈل كېلىدۇ. خىزمەتكەن چۈشكەن ئاجىيې رەڭگارەڭ دۇنيانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزغا بارغانسېرى ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ھەتتا مۇشت پەشۋامۇ تەككۈزۈپ قوياتتى. يۇۋاش قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىمجىت سۈكۈت قىلدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ھاياتىدىكى تۇنجى ئەر ئەمەسمۇ….   o: v; Z- V4 H& R0 r! ?, G% s) k8 P
قىز ئەتراپىدىكى بىر كۈنلۈك ئاستىدا كېتىۋاتقان جۈپلەرگە ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى دە، يۈگۈرگىنىچە چوڭ يول بويىغا بېرىپ قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسىدى. / k3 L6 J! ^6 b3 w/ l+ M
- خانقىز، نەگە بارىسىز؟- ياش شوپۇر بېشىنى سىڭايان قىلىپ سورىدى. ! h' E# {, }- }
- *** مەھەللىسىگە- دېدى قىز ھارغىنلىق بىلەن يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىنى رەتلىگەچ. ) Z5 `# D. r  l1 i
يامغۇر چوتكىسى توختىماي ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتۈپ تۇراتتى، كوچا چىراغلىرى ۋالىلدايتى. قىز بېشى قايغاندەك بولۇپ ئاستا كۆزىنى يۇمىۋالدى.
) U8 ~* T. s3 p. o" u( e: F& m& ~- سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟- دەپ سورىدى شوپۇر كۆزىنى ئالدىدىكى يولدىن ئۈزمەي تۇرۇپ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئازراق بوغۇق، ئادەمنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلاتتى.
3 H* T2 p5 H: y; a. xقىز شۇ چاغدىلا شوپۇرغا دىققەت قىلدى. شوپۇرنىڭ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، كۆپ بولغاندا يىگىرمە يەتتە سەككىزلەردە باردەك قىلاتتى. ئىنچىكە ئۇزۇن بارماقلىرى رولنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتاتتى. بەك كېلىشكەن دېگىلى بولمىسىمۇ، قاش كۆزى جايىدا، قاڭشارلىق ئىدى. قىز بىراۋغا بۇنداق تىكىلىپ تۇرۇشنىڭ ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ ۋىللىدە قىزارغانچە بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى. + T- ~% F/ L5 k$ ]$ [
- ياق، مەن *** شەھىرىدىن. 5 Q; W+ y8 m# e4 U; i
- شۇنداقمۇ؟ شىمالدىن كەپسىزدە، بوي تۇرقىڭىز، چىرايىڭىز، نازاكىتىڭىزغا قاراپ جەنۇبتىنمىكىن دەپتىكەنمەن- دېدى شوپۇر يىگىت ھەيرانلىق بىلەن.
  y. l9 y3 s" Uقىز سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: & ~8 l! Z" i% M' [8 ~) a4 X/ k0 j
- كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ، – دېدى. / j# c9 y0 S/ ]+ s, k
- مەيلى چىراي تۇرقىڭىز، سالاپىتىڭىز بولسۇن جەنۇپنىڭ قىزلىرىدەك بىر خىل نازۇك ئىكەن. سىزدەك چىرايلىق قىزغا ئېرىشكەنلەر چوقۇم ئالقىنىدىكى گۆھەردەك ئەرتىۋالايدۇ سىزنى- دېدى شوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ. - n! [9 Y3 B7 \) R+ ~/ R4 d
قىزنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولدى- راست شۇنداقمۇ؟- دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى قىز. # t; V  Y- u9 y4 _- r" c  B
شوپۇر قىزنىڭ جىمىپ قالغىنىغا دىققەت قىلىپ ئارتۇق سۆزلىمەي مۇڭلۇق ناخشىنى قويۇپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدىدى.
5 M8 G0 q7 _8 Q$ t9 o' o8 iقىز بېشىنى ئاستا بۇراپ دېرىزە تەرەپكە قارىۋالدى، قاچانلاردىدۇر ئاققان ياشلار قىزنىڭ يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. " t* \3 m0 i/ z4 [7 A( y
قىز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ شوپۇرغا قارىدى. شوپۇرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلماي پۈتۈن زېھنى بىلەن ماشىنا ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تىك ئولتۇردى. ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنى خېلى ساپ دېيىشكە بولاتتى. ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق كۈي قىزنىڭ ھارغىن نېرۋىلىرىنى تېخىمۇ بوشاشتۇردى. قىز ئەسنىگەچ يانفونىنى چىقىرىپ سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئارقىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغا قالمايلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى $ B( O5 I4 Q5 G- b- F' x
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، قىز قۇلاق تۈۋىدە بىرىنىڭ- خانقىز يېتىپ كەلدۇق- دېگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغاندى. كۆزىنى ئېچىپ شوپۇرنىڭ ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ،قىزارغىنىچە- سەت بولدى، ئۇخلاپ قاپتىمەن- دېدى. ' E. r; b6 u& {* o, Z. Y( N
-ھا ھا ھا، ھېچقىسى يوق، شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئويغىتىشقا پەقەتلا قىيمىغانتىم- دېدى شوپۇر يىگىت چاخچاق ئارىلاشتۇرۇپ. قىز تېخىمۇ قىزىرىپ:-سودىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ، قانچە پۇل بولدى؟- دەپ سورىدى. * l, A5 R- j: }% G0 b
شوپۇر تاكسى سائىتىگە قاراپ- يىگىرمە بەش يۈەن بوپتۇ- دېدى. ( B" d; i* m5 Y0 R- K
قىز پورتمالىنى ئالغىلى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ چۆچۈپ كەتتى، يانچۇق قۇپقۇرۇق تۇراتتى. پورتمالىم، پورتمالىم قېنى؟ قىز ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپنى ئىزدىدى. – سەل ساقلاڭ، مەن يىگىتىمگە تېل قىلاي- دېدى پورتمالىنى تاپالماي.
% J6 y/ q/ `# G* @( M, k, zشوپۇر كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.
# v2 S/ x0 D1 Tچېڭچېڭ ئاجېيىنىڭ يانفونى ئۇلاندى، ئەمما خېلى سايرىسىمۇ ئالمىدى. قىز نومۇرنى ئۈچ قېتىم باستى. ئاجىي يەنىلا تېلىفوننى ئالمىدى
5 q% |' U" Z% F- كەچۈرۈڭ، سىزنى كۆپ ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم- قىز توختىماستىن شوپۇردىن كەچۈرۈم سورىغاچ يىگىتىنى تىللىدى.
, y) v7 a( c- M5 i! u  A: B- يېقىننىڭياغى ئانچە ئالدىراش ئەمەسمەن، ئىسىم كارتوچكامنى سىزگە بىرەي، ئەتە ئىشتىن چۈشكەندە ماڭا تېل قىلسىڭىز سىزنى ئالغىلى باراي، پۇلىنى شۇ چاغدا بىراقلا بېرەرسىز- دېدى قىزنىڭ خىجىللىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتقان شوپۇر بىر كارتوچكىنى سۇنغاچ.
. e# `% p  |9 p5 c% }3 S# j# Sقىز كارتوچكىنى ئېلىپ، مىننەتدارلىق بىلەن – سىزگە كۆپ رەخمەت، ئەتە چوقۇم سىزگە تېل قىلىپ ماشىنىڭىزدا ئولتۇرىمەن-دېدى. # z. m  o/ W! B9 D; q
- تۈزۈت قىلماڭ، سىزگە ئىشىنىمەن- دېدى شوپۇر ئاپپاق، رەتلىك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرەپ، قىز يۈزلىرى قىززىغاندەك بولۇپ دەرھال كۆزىنى باشقا تەرەپكە يۆتكىدى. 4 ^8 ]- j- ~' R; E+ o
قىز ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئىسىم كارتوچكىسىنى ئېلىپ كۆردى : *** تىرانسپورت شىركىتى، جاڭ نىڭ
5 K  z5 G: L; x0 [# P1 ^…..
) r6 O# o( C2 |4 b3 L% ^9 _قىز ھارغىن ھالدا ئۆيىگە كىردى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئاجىيې ئۆيدە يوق ئىدى. قىز لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، يۇيۇنغىلى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. ئىسسىق سۇدا ھارغىنلىقلىرىنى يۇيۇپ چىققان قىز بىر قاچا تەييار چۆپ چىلاپ، بىر ئىستاكان سۈت چاي دەملەپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدى. تامدىكى سائەت «تىك تاك، تىك تاك» قىلىپ چىكىلدايتى. چېڭ چېڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر مەخسۇس قورقۇنچلىك ھېكايىلەر يوللىنىدىغان مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئىدى. ئۇ كۆپلىگەن قىزلارغا ئوخشاش سىرلىق ھادىسىلەر ۋە ئالۋاستى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرگە قىززىقاتتى، گەرچە كېچىلىرى قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىمۇ يەنىلا قىززىقىشىنى باسالماي قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئوقۇيتى.
2 s/ x1 R. i3 \$ Sچېڭ چېڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش مۇنبەرنى ئېچىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. بىر قېتىم بەت ئۆرۈگەندىن كېيىن «يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك» دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدى. قىز مائۇسنى چېكىپ تېمىنى ئاچتى.
% R' N' o  K. M" X% B& r% Vبەت ئېچىلىپ ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىققىنى بىر پارچە ئانچە مۇنچە تۈزەشتۈرۈلگەن بىراق كىرىشتۈرۈلمىگىنى ئېنىق بولغان رەسىم بولدى. رەسىمدە بىر ئەسكى تامغا مىخلانغان غەلىتە شەكىللىك ئىشىكتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. رەسىمنىڭ پۈتۈن رەڭلىرى ناھايىتى چۈشكۈن، زەئىپ بولۇپ، قانداق ئاپپاراتتا، قايسى چاغدا، قەيەردە، كۈندۈز ياكى كەچتە تارتىلغىنىنى بىلگىلى بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ رەسىم ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى. ' |* f* u2 D/ [
چېڭ چېڭ قاپىقىنى تۈرۈپ، ئوتلىغان چېيىنى ناھايىتى تەسلىكتە يۇتتى. قورقۇنچلۇق ھېكايە يازىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەستەنگە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. چېڭ چېڭ كۈلۈپ چېيىنى بىر يانغا سۈرۈپ قويۇپ. تېمىنى داۋاملىق ئاستىغا سۈرۈپ كۆردى. خېلى تۆۋەنگە سۈرسىمۇ ھېچنىمە چېلىقمىدى. پۈتۈن بەت قۇپقۇرۇقتەك قىلاتتى. چېڭ چېڭ ئالدانغاندەك بولدى، قانداق تېما بۇ، ئىسىمنىڭ چوڭىنى قويۇۋېلىپ، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق! ئادەمنى ئەخمەق قىلغانلىق ئەمەسمۇ بۇ!
3 m1 r5 j/ i( G* K! Eكەچ سائەت توققۇز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاجېيې تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇ يېقىندىن بېرى پات-پات كېچىچە ئوينايدىغان، ئۆيگە قايتمايدىغان بولۇۋالدى. ئىككىيلەن ئارىسىدىكى مۇھەببەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى بولمىغان بولسىدى، ئۇلار بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا ئايرىلىشقان بولاتتى. بىراق چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى خۇددى كۆرۈنمەس زەنجىرنىڭ ئۇنى بۇ ئەرگە چەمبەرچەس باغلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئاجېيى ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ئايرىلايلى دېمىسە قىز ھەرگىزمۇ ئېغىز ئاچمايتى.3 V7 z' L3 n! p  q$ {: B
مەنبە:ئەلكۇيى تورىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

6

يازما

138

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
5 سەر
تۆھپە
3 سەر
تىللا
120 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-17 02:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  

0

تېما

1

يازما

26

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
20 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-2-1 11:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗