ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 868 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 0

كومپيۇتىرنىڭ مائۇسى قانداق ئىشلەيدۇ؟(كارۋا ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9192 سەر
تۆھپە
2736 سەر
تىللا
6082 دانە
جەۋھەر
17 دانە
مائارىپ كومپيۇتىرنىڭ مائۇسى قانداق ئىشلەيدۇ؟
" Z$ E2 D* I7 m4 ~( M9 c( ~2 b/ K5 I1 D  i3 H8 s
كومپيۇتېر 0 ۋە 1 دىن تەركىب تاپقان رەقەملەرنى ھېسابلاش قورالىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇنىڭغا كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىسا ئادەملەر كومپيۇتېردىن پايدىلىنالمايدۇ. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، مىكروفون، كامېرا قاتارلىق ئىنسانلار بىۋاسىتە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا يەتكۈزەلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسەتسە، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ئېكران، ئاۋاز ساندۇقى قاتارلىق ھېسابلىنىپ بولغان ئۇچۇرلارنى ئىنسانلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىش ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.2 k2 M5 j" G% f: Q) x! l: \

  O  F" c! {4 f$ _# [مائۇس دەل كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھازىرقى مائۇسلارنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. لېكىن ئەڭ ئاددىي مائۇسنىڭ ئىشلەش مېخانىكىسىغا نەزەر سالساق، ئۇ بىزنىڭ قولىمىزنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپييوتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. مائۇس زادى قانداق قىلىپ قولنىڭ ئۈستەل ئۈستىدىكى يۆلىنىشى ۋە ھەرىكىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن خاتېرلىيەلەيدۇ؟' l, ?4 D2 I. }
% D3 M/ T: E! P) k
ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى مائۇسلارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز يۇمىلاق ئەۋرىشىم ۋە سۈركىلىش كۈچى چوڭ بولغان پىلاستىك شارچە بار. بۇنداق مائۇسنى ئۈستەل يۈزىدە مېدىرلاتساق، ئىچىدىكى شارچە تەڭ چۆرگۈلەيدۇ. ئەمدىكى مەسىلە پەقەت شارچىنىڭ چۆرگۈلەش ھالىتىنى قولىمىزنىڭ توغرا ھەرىكىتىگە تەرجىمە قىلىشتا. بۇنىڭ ئۈچۈن توپنىڭ ئەتراپىدا بىرنەچچە سىلىندىرسىمان چۆرگىلەيدىغان كىچىك سەزگۈچلەر ئورۇنلاشتۇرساق، سەزگۈچلەرنىڭ ئورنى ۋە نىسپىي ھەرىكىتى ئارقىلىق توپنىڭ چۆرگۈلىشى ۋە قولنىڭ ھەرىكىتىنى خاتېرلىگىلى ۋە كومپيۇتېرغا يوللىغىلى بولىدۇ. بەلەن.8 N& ?+ |% q+ U) i) }6 m2 \

1 B( u8 y. i6 V( Dئەگەر مائۇسنىڭ ئىچىدىكى بۇ توپ چۆرگۈلىمەي قالسا قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى بەك سىلىق شارائىتتا، توپ چۆرگلىمەسلىكى مۇمكىن. بەك ئاستا ھەرىكەتنى بۇ خىل مېخانىزم سەزمەسلىكىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، سېزىمچانلىقى كۈچلۈك، ھەرخىل يۈزدە ھەرىكەت خاتېرلىيەلەيدىغان مېخانىزم كېرەك.
1 P8 V, {# L- rئوپتىكىلىق مائۇس مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان. نۇر بىر ئېنېرگىيە دولقۇنى، ئوخشىمىغان ۋاسىتە ئىچىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ شۇنداقلا چاستوتىسى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن نۇر ھاۋانى ۋاسىتە قىلىپ تارقىلىۋاتقاندا ئەينەكتەك ئوخشىمىغان ماتېرىيال ياكى ۋاسىتىگە دۇچ كەلسە، نۇر ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئەينەككە سىڭىپ كېتىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئەينەك يۈزىدىن ئەكس ئېتىپ قايتىپ نۇر دولقۇنى ئارقىلىق ھاۋادا تارقىلىدۇ. نۇرنىڭ ئەكس نۇرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نۇر تارقاتقۇچى جىسىمنىڭ ياكى نۇرنى ئەكس ئېتىپ قايتۇرغۇچى جىسىمنىڭ رەسىمىنى ياكى كۆلەڭگىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇ دەل كامېرانىڭ پىرىنسىپى (كامېرا قانداق ئىشلەيدۇ؟).
9 r/ D! f+ `5 }: ^8 O( f+ D  p% w, ]3 u/ I
ئوپتىكىلىق مائۇس دەل مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىدۇ. مائۇسنىڭ ئىچىدە نۇر مەنبەسى بار، شۇنداقلا كىچىك كامېرامۇ بار. نۇر مەنبەسى نۇرنى ئۈستەل يۈزىگە چۈشۈرىدۇ، ئۈستەل يۈزىدىن قايتقان نۇر كامېرا ئارقىلىق ئۈستەل يۈزىنىڭ (ناھايىتى كىچىك بىر دائېرنىڭ) رەسىمىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۈستەل يۈزىنىڭ رەسىمى رەقەملەشكەن سان سىپىر بولۇپ، ئۈستەل يۈزىدىكى ئەڭ ئىنچىكە ئۆزگۈرۈشلەرنىمۇ خاتېرلىيەلەيدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن مائۇسىنى ئازراق مېدىراتساق، مائۇس مېدىراشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تارتىلغان رەسىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مائۇسنىڭ قايسى يۆلىنىشتە قانچىلىك مېدىرىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ. لېكىن، مۇھىم يېرى شۇكى، مائۇسنىڭ سۈرئەت تارتىش سۈرئىتى مائۇسنى مېدىرىتىش سۈرئىتىدىن تىز بولۇش كېرەك. شۇڭلاشقا، ئادەتتىكى ئوپتىكىلىق مائۇس كامېراسىنىڭ سۈرئەت تارتىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 1500 قېتىم بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىدىكى قول ھەرىكىتىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشىنى خاتېرلەشكە يېتەرلىك سۈرئەت. ئەگەر بۇ خىل ئوپتىكىلىق مائۇسىڭىزنى گاچىلاشتۇرۇپ باقاي دېسىڭىز، بىر سېكۇنت ئىچىدە 1500 قېتىم كىچىك بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشقا ئورۇنۇپ بېقىڭ.: {0 y4 X5 W6 v0 X$ K

, t8 w( J( P" w" W. Z; G7 N  T( wكومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى قانداق ئىشلەيدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز كىيىنكى يازمىلارغا دىققەت قىلىڭ.+ N% q4 W0 V- Y) [

2 R. D2 J2 \; m( Q  ^كارۋان بىز يازمىسى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗