ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

كىرئالغۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟(كارۋان بىز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9196 سەر
تۆھپە
2740 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
كىرئالغۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟

, B2 a' Q9 X. G; P4 T3 U6 ]! u
; @- A. H" G# b. K0 @) dلەغمەن يەۋاتقاندا تۆكۈلۈپ كەتكەن ماي داغلىرى، ياكى توپ تەپكەندىكى چاڭ-توزان لاي دېگەندەكلەرنى، تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ ئېيتقاندا، كىيىم-كېچەكلەرگە كىرىۋالغان ھەرخىل ئىلىمىنتلاردىن تەركىب تاپقان خىمىيەۋىلىك بىرىكمە ياكى ماددىلار كىر ھېسابلىنىدۇ. كىرئالغۇنىڭ مەقسىتى، كىيىم-كېچەكلەرنى بۇزۇۋەتمىگەن شەرت ئاستىدا، مۇشۇ كىر زەررىچىلىرىنى كىيىمدىن ھەيدەپ چىقىرىش.. p, }' O  o, J) W3 E# W
/ Z& q. a1 ^% i4 W1 x
سۇ ۋە پاراشوك كىيىمگە چاپلىشىۋالغان كىر زەررىچىلىرىنى ھەرخىل فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ۋە خىمىيەۋىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق كىيىمدىن ئاجرىتالايدۇ. كىر پاراشوكىنىڭ قانداق قىلىپ كىيىمدىن كىرنى ئاجرىتىپ چىقىش جەريانىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ باسقۇچلارنى ۋە چوڭقۇر خىمىيەۋىلىك بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدىغان ھالقا.
0 j" r) `! k! f* d* R! _7 G3 T1 {* B
سۇ ۋە پاراشوك ئارقىلىق كىيىم تالالىرىدىن ئاجراپ بولغان، لېكىن كىيىمنىڭ رەخت قاتلاملىرىدىن تېخى چىقىپ كەتمىگەن كىر زەررىچىلىرىنى قانداق قىلىپ كىيىمدىن ھەيدەپ چىقارغىلى بولىدۇ؟
/ l! G5 ^& ?+ b1 x$ P* s9 |- lنىيۇتوننىڭ بىرىنچى قانۇنىدا، تاشقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان جىسىم ئەسلىدىكى تۈز-سىزىقلىق (بىر نۇقتىمۇ تۈز سىزىق ھېسابلىنىدۇ) ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ دېگەننى نەچچە يىللار بۇرۇن ئۆگەنگەنلىكىڭىز بەلكىم يادىڭىزدا باردۇر. كىچىكىڭىزدە (ۋە بەلكىم ھازىرمۇ) ئاچقۇچنىڭ يىپىنى بارمىقىڭىزغا سېلىپ پىرقىرىتىپ ئوينىغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا بارمىقىڭىزدىن چىقىپ كېتىپ نە-نەلەردىن ئىزدەپ يۈرگەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئاشۇ ئاچقۇچ چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلدۇرىۋاتقان بارماقنىڭ كۈچى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن كىيىن، تۈز سىزىقلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇڭا چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلغان نەرسە ئاشۇ چەمبەرنىڭ سىرتىغا قاراپ قېچىشقا ئىنتىلىدۇ.
* e# A. j& Q* f& k, {2 E% {  V8 u
) z, P1 [, g( ]( ~6 Oكىرئالغۇنىڭ بىر چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىدىغان قىسمى بولۇشى كېرەك. بۇ چەمبەرسىمان سىلىندىرنىڭ تېمى كىيىمنى ئىچىگە ئىتتىرىش كۈچى ئارقىلىق كىيىملەرنىڭ چەمبەرسىمان ھەرىكىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە كىيىملەرنىڭ مىجىلىش ۋە سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. سىلىندىرنىڭ يۈزىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈشۈكلەرنى ئېچىپ قويساق، تۆشۈك بار يەرلەردە ئىچىگە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان كۈچ بولمىغانلىقتىن، ھېلىقى چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىشنى خالىماي، چەمبەر سىرتىغا چىقىپ كېتىمەن دەيدىغان كىر زەررىچىلىرى سۇ بىلەن ئاشۇ كىچىك تۆشۈكلەردىن چىقىپ كېتىدۇ. چەمبەرسىمان ھەرىكەتنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەتسەك، كىرئالغۇنىڭ كىر چىقىرىش كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ (نېمە ئۈچۈن؟). لېكىن، پىرقىراش سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋالدا سىلىندىر تېمىنىڭ كىيىمنى مىجىش كۈچىمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ، كىيىمنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن., k2 I: Z# p# S2 }

) X" G+ ], [/ Eبۇخىل كىر يۇيۇش ئۇسۇلىدىن باشقا كىر يۇيۇش ئۇسۇللىرى يوقمۇ؟ بار. بۇ خىل ئىشلەش مېخانىزمى بىلەن، كىرئالغۇ پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى قولدا ياكى تاختايدا كىر يۇيۇشنىڭ ئوخشاش ۋە پەرقلىق تەرەپلىرىنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. پەرقى، ئىشلەش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا بولۇپلا قالماي، ئىشلەش مېخانىزمىدىمۇ ئازراق ئوخشىماسلىقلار بار: بۇرۇن ئاساسلىقى مىجىش ۋە سىقىش ئارقىلىق يۇيۇلسا، ھازىرقى كىرئالغۇلار فىزىكىنىڭ ئەڭ ئاددىي قانۇنىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈپەت، سۈرئەت، ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرالايدۇ.
3 C! C  g7 o; z! \2 M0 i* c0 G
( p! M3 b: f9 v+ V8 vكېلەچەكتە بۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك ماشىنىلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، ئوخشىمىغان مېخانىزملار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، كىيىدىغان كىيىملەرمۇ ئوخشىمايدىغان ماتېرىياللاردا ياسىلىشى مۇمكىن.3 z+ I9 G3 }5 T. r4 S  g

2 Y( c0 e+ X, s5 c$ o. j1 sئېلېكتىر تېخنىكىسى، ماتورنىڭ ئىشلەش مېخانىكىسى، ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارغا قىزىقسىڭىز، مېنىڭ كەلگۈسىدىكى يازمىلىرىمغا دىققەت قىلىڭ.
) x5 h/ c7 A! h4 }! z" p* b$ s9 {' v' K* `/ l9 q
كارۋان بىز يازمىسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗