ئىللىق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تۇلۇقسىزئوتتۇرامەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى دەرى

ئاز بولسىمۇ پايدىلانغايسىلەر

ئەي ئەرەپلەر، ئەردۇغاندىن ئۈگۈنىڭلار مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى سۈرىيەلىك

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-نويابر خەۋىرى: جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئاخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ ئاراھىنگاي

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەق

كەڭ خەلقىمىز ئېتىراپ قىلغاندەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز تالانتى تولۇپ-تاشقان داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى، تونۇلغان سەنئەتكاردۇر. ئۇنىڭ

ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ با

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارۋان

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە

خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى 4386 خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كې

1. يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئەمەس. سىز مەلۇم بىر يېڭىلى

مەشھۇر شەخسلەر مەھمۇدقەشقەر

ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بەش كىشلىك ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋېيتنامنىڭ خۇجىمىڭ شەھرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.

4977 ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئ

چىڭگىزخان كۆپ قېتىم بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، غەربتە قارا دېڭىز ساھىلى، شەرقتە پۈتكۈل شەرقىي ئاس

دۇنيادىكى ئون چوڭ قەبرىنىڭ سىرى 1. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن

ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى ( مەركىزىي مى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات تارىخت

كۆز يېشى دېگەن كەيپىياتنىڭ ئىزھارى.يىغلاشنى كىم

4976 ئامېرىكىلىق پىسخولوگ دېيۋىد لىبومېننىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر چوڭ مېڭىسىدىكى ھەقىقى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەندە، كۆز قارچۇقى ئالدى

1.يۈزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى

1. كىنو ياكى تېلېۋىزيە تىياتىر كۆرگەندە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى-يامان ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 201

بەل ئاغرىش: بۇ دوۋساق ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇ

بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋ

مۇھاببەت2013/03/10مۇھ

بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى بىلىمخۇمار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەن

1. ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە

يېگىت قولداشنىڭ ئەخمىقانە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن توي كېچىسىدە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بولۇپ قا

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان 4748 جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز

بەزى كىشىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىدا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرماستىن ۋە يېنىدىكى سائەت ، تېلفون قاتارلىقلار

كونىلاردا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياسالمىلىق، ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يۈز-ئابرۇيى

ئىشىت نىمىنى يىمەيــــــــــــــــــــــــــــــــــ

1.بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ بىر تامچە سىياھ سەۋەبلىك بۇلغىنىدۇ،ئە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل1 تەھرىرل

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

تور بانكىسى ۋە يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە

بۇندىن 6ئايلار ئىلگىرى مەن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە 2345 تورىنى تەشۋىق قىلى

http://leglek.com/imgrs.php?src=imgs/2014-08-11/228e5abeedb8878d8cb177ca15b70df4.jpg&w=675&zc=1&q=95 ئادەتتە كومپىيۇتېربىلەن ئانچە ھەپىلىشەلمە

ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىشلىتىدىغان دوستلار بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشى lead2exam م

ھازىر QQ ئوينىغانلار ھەممىسى توردا ئاندا-ساندا ناتۇنۇش ئادەمل

QQ2014 تىن پايدىلنىپ ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرۇش QQ2014 تە يانفۇن ئېقىم مىقدارىدىن پايدى

ئۇيغۇركومپىيۇتېر مەستانىلرى تور ژورنىلى kitap (8).PDF

WINRARئارقىلىق ئاپتۇماتتىك قوزغىلىدىغان ppt ھۆججىتى ياساش كۆپ قىسىم تورداشلارغا مەلۇملۇق WINRAR بولسا بىز ئەڭ كو

ئىكراندىن چاتاق چىقتىمۇ؟ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران تىتر

1. Word نى تېز قوزغىتىش كومپىيوتېرىڭىزدا Word بار بولۇپ تاپالى

​تور كېرەك قىلمايدىغان پاراڭلىشىش دېتالى FireChat نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ئەگەر بى

ئادەتتە مۇنبەرگە رەسىملىك تىما يوللىغاندا رەسىمنىڭ ئۈسىتىگە مائۇسىنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپلا قالساق «چۈشۈرۈش» دىگەن خەت

بەيدۇ كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان سىستېما قورالى بولۇپ، ئۇنىڭغا كومپ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈچ مىكروسوفىتنىڭ ئىنتېرنېت زىيارەتچىسى يادروسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، ئىچكى قىسمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلار ۋە بارلىق ئالىپداشل

يانفۇن كىتابى ئىشلەش جەريانى يېقىندا  nokia 3650 يانفۇندىن ب

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

ئاندىرويىد ئەلالاشتۇرۇش قورالى (ئۇستىسى) 100مىليوندىن ئارتۇ

ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 22:15 ئويلاشنىڭ

ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى تۇلۇق نۇسقىسى چۈشۈرۋېلىڭ

ماڭا بۇلۇپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۈۋەندىكى ئىككى خىل ئالبۇم ياساش دىتا

2013-يىللىق شوپۇرلۇق تەقلىدىي ئىمتاھان سىستېمىسى(ھەقسىزتۇلۇق نۇسقىسى ) 4674 پىراۋا ئېلىش ھەلەكچىلىكدە رىيازەت چى

ADSafe كومپىيۇتېر ئېلانلىرىنى توسۇش يۇمشاق دېتالى مەزكۇر دېتالنىڭ نامى: ADSafe نەشىر نۇسخىس

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2014/0701/20140701112932862.jpg يۇمشاق دېتال ئىسمى: بەيدۇ ۋېروسخورى دېتال چوڭلۇقى: 15.6M يېڭىلانغ

جەمئىي مىكروبلوگ 803 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دوختۇر 2014-7-26 19:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىسەل بولۇپ قالغانلار بار مۇ ؟؟؟

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېقىن بىلگەنلەر مېنى يېقىن بىلمەپتۇ، مېنى يېقىن بىلگەنلەرنى مېنىڭ دىلىم بىلمەپتۇ.

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارىـــلىق جانلــــىقلار ئىچـــــىدە پەقەت ئــىنسانلارلا ئۆزبالسىنى ئۆزگــىلەرنــــىڭ تەربىيلىـــشگە تاپ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدرىڭىزنى بىلمىگەن كىشىلەرگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنى زىرىكتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزگە ئازاپ ۋە ھارغى ...

  • سرداش 2014-6-8 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىز لىفىتتا ئاۋازسىز يەل تاپانچىدىن(يەل قويۇۋېتىش) بىرنى ق ...

  • illiq 2014-6-8 12:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ھايات بىر-بىرىدىن گۇمان قىلغۇدەك، خاپا بولۇپ ئاداۋەت تۇتقىدەك ، رەنجىپ تاشلىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئۇنچە ئ ...

  • illiq 2014-6-8 11:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاق كۆڭۇللەر ئالدىنىپ قالسا مەسخىرە قىلىپ كۇلگەن دۇنيا بۇ،مەن بەختىمنى تاپاي دىگەندە ئۇيقىغا كەتكەن دۇنيا ب ...

  • nur 2014-6-10 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر باي ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئۈزىدىنمۇ باي بىرەيلەننى يوقلاپ بېرىپتۇ.چوڭ باي خۇرسىنغان ھالدا: ‹‹ئ ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلللىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش تامامەن مۈمكىن باشتىن ئۆتكەن تارىخنى يۇرەكتىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇنداق ئا ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تامچە ياشقا سەل قارما، كۆزۈڭدىن ئاققان بىر تامچە ياش سىنىڭ بىر قەدىمىڭگە ئەڭ  ...

  • سرداش 2014-6-8 18:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھازىر يەسلى باللىرى جىندا بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلالايدىكەن دىسە.بۇنىڭغا نىمە سەۋەپ ئەمدى؟ئۇلار بىخىدا ...

  • سرداش 2014-6-8 17:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق ،يۈرىكىدە نەشتىرى بار.

  • illiq 2014-6-8 12:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆتۈۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس بەلكى ئۆمۈردۇر.

  • ۋولقانى 2014-6-6 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    رۇبائىلار بىراۋنى «تىكەنلەر چاچىدۇ» دېدىڭ، «ناھەقكە يوللارنى ئاچىدۇ» دېدىڭ. نەق گەپنى ئالدىدا دېيەلمەيسەن ي ...

  • نۇرلان 2014-6-9 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفون بېتى ياساش دەرسلىكى

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس،بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇغۇچى دەرىسكە كىچىكىپ قاپتۇ . ئوقۇتقۇچى - نىمە دەپ كىچىكىپ قالدىڭ ؟ دەپتۇ . مەكتەپكە يېقىن كەلسەم " ئالدىڭىز ...

  • سرداش 2014-6-8 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاشىق بولۇش ئېگىز بىناداىن سەكرىگەنگە ئوخشايدۇ ، مىڭىڭىز سىزگە بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس دىسە ،يۈركىڭىز سىزگە سە ...

  • illiq 2014-6-8 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‏سەۋىرچان بۇلاي دىسىڭىز بېلىق تۇتۇڭ ، يۇگۇرۇشچان بۇلاي دىسىڭىز توشقان تۇتۇڭ ، دۆت بۇلاي دىسىڭىز مابەت تۇتۇڭ  ...

  • illiq 2014-6-8 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنى پىيادە قويماي ،تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ،بولسا ئايرۇپىلانغا سەپ قويسىڭى ...

  • تور858251 2014-5-18 15:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    نەچچىنجى يىللىقنىڭ لازىم ؟؟1

ئىگىسى: muzat

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

593

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
139 سەر
تۆھپە
183 سەر
تىللا
88 دانە
جەۋھەر
0 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-10 08:48:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار
7 {) U  T, N6 Fچەتئەلدىكى ھىكايە
; M8 [8 Z$ L" g9 n; M$ ?غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكىلات قىلىپ؟“، ”مۇئاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“
$ z6 j* N; @) Dئىچكىرىدىكى ھىكايە
+ n! {* B3 m, T3 C& _بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن، بولغان بولسا ئىنگىلىزچىڭىزنىڭ يارىدىمى تېگەتتىكەن ھە،“ دېدى. كۈلۈپ قويدۇم. ئىمتىھان يېرىملاشقاندا ھېلىقى مۇئەللىم نوقۇپ قالدى، قارىسام بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىنى كۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى، ئوقتەك بېرىپ قەغىزىنى تارتىۋالدىم. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن سەبدىشىم مەندىن رەنجىدى ”سىزنى بەك ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنىدۇ دەپ بىلەتتىم، سىز پەقەت ئابستىراكىت ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەنسىز، كونكىرىت ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىكەنسىز!“7 |/ J' `6 a  o
ئۈرۈمچىدىكى ھىكايە
+ [3 Y3 T$ ^- B( c- Z) }6 F. Iئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز يېڭىشەھەر رايۇنىدا بىر ئوغرى تۇتۇلدى. تۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئوغرىمۇ ئۇيغۇر ئېدى. شۇ ئارىدا رايۇننىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان بىر توپ تازىلىقچى ئۇيغۇر ئاياللار بۇ ئىشقا ئارىلاشتى ”ئاكا قاراڭ، بۇ بالىمۇ ئۇيغۇركەن، سىزمۇ ئۇيغۇر بولغاندىن قويۇپ بېرىڭە، ساۋاپ بولا، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھەممىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، يامان بولىدۇ، ھېلىمۇ كۈن ئالمىقىمىز تەس بولۇپ كەتتى“، نەتىجىدە ھېلىقى زىيان تارتقۇچى ئۇيغۇر كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بەك ئوڭەيسىزلاندى ۋە ئوغرىنى قويۇۋەتتى.- G" A; ^" _$ X. y
بۇندىن باشقا ئىدارىدە، توردا ۋە گېزىت ژورناللاردا ئەگەر بىرسى ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىرەر كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى، يازغانلىرىدىكى خاتالىقلار ۋە بىنورمال قىلىقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا دەرھاللا ”ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىمى، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخىرى، سەن نېمە ئىش قىلغانغا ئۇنداق دەيسەن؟“ دېگەندەك گەپلەنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق سۆھبەتلەر تورلاردا ئايىقى بېسىقماس زىددىيەتلىشىش بىلەن، تۇرمۇشتا جىدەل بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلار ماڭا بىر قارىسام ئۇيغۇر سۆيگۈسىدەك، يەنە بىر قارىسام ئۇيغۇرلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىش ياكى دەسمايە قىلىپ پايدىلىنىشتەك تۇيۇلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەسمايە قىنىلىشى، نەپسى خاھشقا بوي سۇندۇرلىشى ئىكەن. ئۇيغۇرلۇقتىكى ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەقدىر، ئورتاق كىرزىس ۋە ئورتاق شەرەپ كىشىلىرىمىزدىكى مەنىۋىي بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغاندىن باشقا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەت، پەيدا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئىناۋەتلىرىدىكى دەسمايە ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۇنداق دەسمايىغا ئايلنىپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەر. مۇلاھىزەمگە كۆرە سەۋەپلەر ئىچىدە ھازىرچە مەن دېيەلەيدىغان سەۋەپ ئاشقۇنلۇق(رادىكال)تۇر. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق بىز ئادەتتە تېلۋىزور ۋە رادىيولاردا ئاڭلايدىغان سىياسىي ياكى خەلقئارا مەسىلىلىلەردىكى ئاشقۇنلۇق ئەمەس. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق كونكىرىت مەسىلىنىڭ، ھادىسنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، تۈزۈم-ئۆلچەملىرى، ئىلمىيلىك-مەنتىقىسىنى ئويلاشماي ھەمىشە مەلۇم خۇسۇسىي خاھىش، كۆنگەن تەپەككۇر، مىللىي ھىسسىيات ۋە مەلۇم ئىدولوگىيەنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلىش ھەم ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ ئاشقۇنلۇقنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىمەن.4 Y% x7 O1 D+ O6 `
1. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى.' s. c' Z. O9 t3 \! q4 P; G0 D
مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئى تۇيغۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي پىسخىك ئىھتىياجى بولغان تەۋەلىك ئىھتىياجىدىن كەلگەن. بۇ مەنىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ھەممىزدىكى ئورتاق تۇيغۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قانداق چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقنى ئۆلچەم قىلمىسا، بىر قىسىم تەييارتەپلارنىڭ ئارامگاھىغا، بىر قىسىم خاتا ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقارقى چەتئەل مىسالدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتتىكى ئۈنۈمنى قوغلاشماي يارىماس خىزمەتچىنى نەچچە يىل ئارىسىدا ئاسراپ قالغان ئۇيغۇر ئىشداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مىللەتنى سۆيۈش ئەمەس پىرىنسىپسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىش ئاقىللىق ئەمەس. ئەگەر شۇ بىرەيلەن سەۋەبلىك خىزمەتخانا تاقالسا بىز ئاياپ كەتكەن يۈز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلۇقىنىڭ زىيالىلاردىكى ئىپادىسى؛ ”قۇربانجان تۇرەك ئۇيغۇردىن چىققان رىياللىقتىكى ئەۋلىيا“ دېگەن ھۆكۈم، يالقۇن روزىنىڭ ”بېكخامدىن ئىشەك موھىم“ دېگەن ھۆكۈمى، قۇددۇس ھاپىزنىڭ ”ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولىدۇ،“ دېگەن ھۆكۈمى، ”قاسىم سىدىق ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن كېيىن نوبىلغا ئېرىشتۈرىدۇ“ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ھۆكۈملەرنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن ئامىل ئوخشاشلا ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقىدۇ. بۇ يەردە شەيئىي ۋە ھادسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەرىپى نوقتىسدىن باھالاش ھۆكۈم ئاساسى بولغان. ئەگەر بىز دۇنياغا مۇنداق ئۇيغۇرغا ياخشى بولسا ياخشى، مەنپەئەتىسز نەرسىنىڭ قىممىتى يوق، دېگەن نەزەردە باقساق، ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسىز بولغان نۇرغۇن نەرسىنى يوققا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پېتىلا ئويلىساق ئۇيغۇر ئەجداتلار خىزىرغا ئايلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئالىمى تەنقىدسىز بولىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىسز قالىدۇ، ئۇيغۇر ئوغرىلار جازاسىز قالىدۇ، ئۇيغۇر پاسىقلار نەپرەتسىز قالىدۇ، نەتىجىدە يۇقارقى ھىكايەتلەر ئىجابىي ھادىسىگە ئايلىنىدۇ.. u1 n  {) a3 l8 Q8 O2 B/ T+ H
2. ئىلمىيلىك ئاشقۇنلۇقى 1 g! Z) Y! [1 `" s
مەدەنىيەت (كۈلتۈر) ھادسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىمگە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئات بىلەن ئېشەكنى مىسالغا ئالايلى. ئات ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئىگىلىك شەكلىدە ئىزچىل موھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھايۋان. ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يېغىلىق دەۋرىدە جەڭدە، تنچ زاماندا بەيىگىدە، ئوغۇلاقتا ۋە ئاتتىكى جانبازلىق ماھارەتلىرىدە سىنغان بوۋىلىرىمىز ئاتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. گەرچە ھازىر ئات تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ ئورنىنى ئېشەك، موتۇ، تراكتۇر، ماشىنا ئېگەللىگەن بولسىمۇ ئاتنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئورنى يەنىلا ھەرقاندا مەخلۇققا سېلىشتۇرغۇسىزدۇر. ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ئات بىلەن ئىشەك ۋە باشقا ھايۋاننىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان ”ئۇلۇغ“لىقىغا ئائىت پاكىت يوق. مەسىلەن ھىندىستانلىقلار كالىنى، تېبەتلەر بېلىقنى، خەنزۇلار كالىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ھەتتا چوقۇنىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ھىچ قانداق پەننىي پاكىت يوق، پەقەت مەدەنىيەتتىكى پەرق مەسىلىسى. بۇ يەردىكى پەرق ئەقىل-پەنگە چۈشىدىغان پەرق ئەمەس، مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىگە ياتىدىغان تۇيغۇدىكى پەرق. بۇنى توغرا چۈشەنمەي، يالقۇن روزىنىڭ ”ئۇيغۇرنى ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت دېمەي، نېمىشقا ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەيمىز؟ ئېشەك بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟“ دېيىشى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام ”كرورەنلىك بالىلار“ دېگەن بالىلار رومانىدا قارغا ئىجابىي ئوبرازقىلىپ يېزىلىپتۇ. بۇ ھەقتە سورالغان سۇئالغا ئاپتۇر ”قارغا ھىچ بىر يامان مەخلۇق ئەمەس…“ دېگەن مەنىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ. توغرا، ئىلمىيلىك جەھەتتىن قارغا بىزگە ھىچ يامانلىق قىلغان يوق، ئېشەكمۇ شۇ، ئەمما بىر مىللەت يامان كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي سەۋەپ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، يىمەك ئىچمەكلىرى ۋە مۇراسىملىرىدىكى ئاتالمىش ”ئىلغار، زامانىۋىي“ مىللەتلەردە يوق تەركىپلەرنى ئىلمىي ئەمەس دەپ يامانلايدۇ. ھالبۇكى ھىچ كىم بىر مىللەت توغرا دەپ قارىغان نەرسىنى ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن ئىنكار قىلىپ غەلبە قىلالمايدۇ. چوڭ غەلىبە قىلسا غالىبىيەت روھىغا بىر چۈمۈۋالىدۇ خالاس. بىرقىسىملار قارغا بىلەن ئىشەكنى قانچە مەدھىيەلىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ”قارغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق“ ”قىلىقسىز ئېشەك“ دېگەن گەپلەر كەڭرى قوللۇنىلىۋېرىدۇ.) K) a" p. c& a2 O5 K
3. دىن ئاشقۇنلىقى5 `8 s5 `3 I* ^" {8 U5 z4 L
يېقىندا توردا مۇستاپا كامال ۋە سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزىقارلىق مۇنازىرە بولدى. مۇنازىدە داۋامىدا سادام ”مۇسۇلمان“ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاندى، مۇستاپا كامال بولسا ”دىنسىز“ غا چىقىرىلىپ قارىلاندى. ھەتتا سادامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپتارى بولمىغانلار كاپىر، سادامغا مايىللار ”مۇسۇلمان“ بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن تالاشقانلارنىڭ ئىچىدە سادامغا باھا بەرگۈدەك ئەرەبچە، مۇستاپا كامالنى قارىلىغۇدەك تۈركچە بىلىدىغان مۇنازىرىچىلەرنىڭ يوقلىقى مېنى ھەيران قىلدى. مۇنازىرىدە تالىشىۋاتقانلار مۇنازىرە ئوبىكتىنىڭ كىملىكى، ھايات تارىخى، ئۇتۇق-ئۇتتۇرۇقلىرى بىر يەدە قېلىپ ئۇلارنىڭ دىنى باشتىن ئاخىر تالاشلارغا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ ”ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز“ دېگەن خاتىرەمگە ئىنكاس يازغان بىر ئانا بالىسىدىكى ئىزچىلسىزلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە خۇمارلىق، تورخۇمارلىقى…قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەسلەھەت بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن قايسى كىتابنى ئوقۇپ، قايسى ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ بېرەرمەن دەپ ئويلاپ بولغىچە بىرەيلەن دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەسلەھەت سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دۇنيادا تەننىڭ كېسلىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ. بۇ پەنلەرنىڭ ئىنساندىكى تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى ساقسزىلىق ھەققىدە نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبدىن توپلانغان رىتسىپلىرى بار. بۇلارنى ھىچ قوبۇل قىلماستىن، ھىچ ئويلاشماستىن كاللىمىزغا كەلگەن، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان مەسىلىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ، مىڭىمىزنى ئىشلىتىپ ئىزدىنىپ ھەل قىلماي، ھەممىنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويساق بىزنىڭ ئىرادە ھۆرلىكىمىز نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر ھەممىنىڭ جاۋابى قۇرئاندا بولسا ئاللاھ نېمىشقا بىزنى تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟ بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل قېرىنداشلار كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت ئوي ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. چۈنكى تەييار ھۆكۈم ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ۋاھالەنكى رىياللىق دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ماھىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دائىم بىرخىل بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىشەنگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەسىلنىڭ تارىخى يۈزى، سېلىشتۇرما يۈزى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن-كۆرۈنمىگەن يۈزى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.8 r* [  R8 e* u" g3 N$ u. ?
ئاشقۇنلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر زىيانلىق ئۆسمە. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە قارىمۇ قارشى قۇتۇپ مەۋجۇد. مەسىلەن؛ مەسلەن بەزىلەر ھەممە مەسىلنىڭ داۋاسىنى دىندىن ئىزدىسە يەنە بەزىلەر ھەممە پىشكەللىكنىڭ سەۋەپكارنى دىن دەپ ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەممە ھادىسىگە پۈتۈنلەي ئىلىم كۆزى بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇيغۇر ئەجداتلارنىڭ ئۇدۇملىرىنى ھەممىگە ئەڭگۈشتەر بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇرغا خاس بولسىلا پەخىرلەنسە بەزىلەر ئۇيغۇرغا تەئەللۇق بولسىلا گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ”ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يىگەچكە قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالغان“ ، “ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان…“دېگەن سۆز ئىلىمگە زىت ئاشقۇنلۇق بولسا، ”ئۇيغۇر تائاملىرى سەۋەبلىك بىز قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە كۆپ گىرىپتار بولۇۋاتىمىز“ دېگەنلىك ئىلىم ئاشقۇنلىقى بولىدۇ. ئاخباراتتىكى تەرەپتارلىق، تەشۋىقاتتىكى يەككە مېلودىيە، ئىدولوگىيە تۇمانلىرىغا يەم بولغان رىياللىق بەلكىم بىر قىسىم ئەڭ غايىلىك، ھۇشيار ۋە ئويغاق قېرىنداشلىرىمزىنى ئاشقۇنلۇق مەپكۇرىلىرىغا مەھكۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى دۇنيايىمىز ئاشقۇنلۇققا ئۈندەيدىغان ئامىللارغا تولغان بولۇشىممۇ مۇمكىن. مەنچە شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ئاشقۇنلۇق بىزنى نورمال ئىنسانى تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا خاس تەپەككۇردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاشقۇنلۇق ئەۋج ئالسا كۆزلىرىمىزگە دۇنيا بىربولسا دۈشمەنلىك، قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يەنە بىر بولسا كۆز ئادىمىزدا ئالۋۇندەك بىر مەنزىل بىزنى چاقىرىۋاتقاندەك، شۇ يەردە ھەممە نەرسە گۈزەلدەك، ھاياتنىڭ مەنىسى خىيالى مۇقەددەسلىكتەك بىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مەنچە مەيلى دىنى ئاشقۇنلۇق بولسۇن ياكى ئۇيغۇرپەۋەرلىك ياكى لوگىكا ئاشقۇنلىقى بولسۇن ئەقىلدىن ۋە نورماللىقتىن ھالقىغان ھەرقانداق تۇيغۇ ۋە پىكىر ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە نۇر چاچالمايدۇ. مەنچە دۇنيانى ئاددىي بەندىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىش، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ھاياتىمىزنى ئاددىي ئىنسانلىق بەختىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.5 Y9 I9 r% L% j! O
32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە ئەرلەر" h: ?: C8 D8 W
1. ئايالىمنىڭ نەزىرىدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى6 @7 O8 d$ u- E& W  O
ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ياسىنىپ تارىنىشلىرىغا باھا بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەردە قىز چوكانلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈزىگە ئانچە قېنىق گىرىم قىلمايدىكەن. ئايالىم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىلىق خانىم قىزلارنىڭ يۈز گۈزەللىكىگە ئەمەس ئۇسقىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. ئادىتىم بويىچە ئايالىمغا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىگە كۆپرەك گىرىم قىلىشىدىكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟) _5 B  U; r: f0 S, T
بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن ”كىم ئايىپ ئىشتۇر قۇلاق، ئاي ئۆيى ئارتۇچ پۇتاق“ دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇر قوشىقىنى خاتىرىگە ئالغان. بۇ مىسرالاردا تۈپتۈز ئۆسكەن ئارتۇچ دەرىخى قىزلارنىڭ قەددىگە، ئارتۇچ پۇتاقلىرىدىن ماراپ تۇرغان ئاي قىزلارنىڭ يۈزىگە ئوخشىتىلغان. يۇقارقى قۇشاق قەدىمكى بوۋىلىرىمىزنىڭ يادنامىلىرى بولۇپ قىزلارنىڭ گۈزەللىكى تۈز قامەت ۋە جەلپكار يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ زامانلاردا ياشىغان يەنە بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ”ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز. كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز“ دەپ يېزىپ يۈز گۈزەللىكىنى ئىنسانىي گۈزەللىكنىڭ كۆركى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ”قىز بالىنىڭ قاش كۆزى جايىدا بولسا قالغىنى بازاردا بار“، ”مەككىگە بارماڭ يارىم بۇندامۇ بىر مەككە بار، ئاي يۈزۈڭنى كۈندە كۆرسەم مەككىگە بارغانچە بار“ دېگەندەك ماقال ۋە بېيىتلاردا قىزلارنىڭ گۈزەللىكى يۈزنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇيغۇر دىۋان ئەدەبىياتىدا شائىرلار قىزلارنىڭ قەددىنى تۈز ئۆسىدىغان سەرۋىگە ئوخشاتقان. ھەرپ ئارقىلىق ئوبراز يارتىش مودا بولغان نەۋايى دەۋرىدە قىزلارنىڭ قەددى بىرىنجى ھەرىپ ”ا“ كە ئوخشۇتۇلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قىزلارنىڭ يۈزىلا ئەمەس يۈزىدىكى بارلىق ئەزالار شۇنچە ئىشتىياق بىلەن سۈرەتلىنىدۇ، مىسالەن قىزلارنىڭ كۆزىنى بۇلاققا، قېشىنى قىياققا، ئاغزىنى غۇنچىغا، كالپۇكىنى گىلاسقا ئوخشاتقان قۇرلارنى شۇنچە كۆپ كۆرۈمىزۇ بەدەننى ۋە بەدەندىكى گۈزەللىكلەرنى تەسۋىرلىگەن قۇرلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىمىز. غەرپ ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق قىزلارنىڭ قەددىنى تۈپ تۈز ئارچىغا ياكى سەرۋىگە ئوخشاتقان قۇرلارنى ئۇچرىتالمايمىز. غەرپتە قىزلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى بىزدىكىدەك تۈز ”ا“ يەنى ئىلىپكە ئەمەس، بەدەندىكى ئەگرىلىكلەر تولۇق گەۋدىلەنگەن ئەس ھەرىپىگە ئوخشۇتىلىدۇ. غەرپتە ئەۋج ئالغان ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق قاتارلىق تەسۋىرى سەنئەتلەردە ئىنساننىڭ بەدەن گۈزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بۇنىڭ ئىسپاتى. دېمەك، ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك بەلۋاغلاردا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي گۈزەللىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇردا گۈزەللىك يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ سەۋەپتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى يۈز گىرىمىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنە“دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ تىن بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنى دىنىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بەدەننى ئىپادىلەيدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگىلا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
& t: E/ H5 I" ~ئايالىم دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئامېرىكىدا ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى كۆپ كىيمەسلىكى ۋە دورامچىلىق قىلىپ ئوخشاش كىيىنمەسلىكى بولۇپتۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كۆپ كەيمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۇ چېنىقىشقا ئەپسىز بولغاچقا دەپ چۈشەندۈردى. ئامېرىكىلىق ساۋاقداش قىزلاردىن سوراپ باقسام دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يۈرۈش ئەركىن ھەرىكەتكە قولايسىز، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغانلىقتىن دېيىشتى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قىز-ئاياللارنىڭ ئاياقلىرىغا قاراپ باقتىم. ئاياقلار ئارىسىدا پەس پاشنىلىق ئاياقتىن ئاساسەن يوقكەن. مەن بۇ پەرقلەرنى كىيىم كىيىشتىكى مەقسەدنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمىكىن دەيمەن. ئامېرىكىدا كىشىلەر كىيىمنى مودا بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار كەيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىگە ياراشقانلىقى، سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەيسە كېرەك. تەھقىقكى، بۇنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
6 r5 R8 u) G" k3 zئايالىمنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ قورقماسلىقى بولۇپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ئايالىم بىر دوستى بىلەن بازارغا چىقىپتۇ. ماشىنا توراق(ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى) تا ئوتتۇرا ياشلىق بىر تەمبەل ئەر ئۇلارغا سەل ئۇزاق قاراپ قالغان چېغى، ئايالىمنىڭ دوستى ئالدىغا دەۋەيلەپ بېرىپ قارىغانغا تويغۇزۇپ قويغانمىش. ئايالىم بۇ ۋەقەنى تېلىفوندا ۋەتەندىكى دوستلىرىغا بىرمۇ بىر يەتكۈزدى. قىزىق يېرى ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئامېرىكىلىق قىزنىڭ جۈرئىتىگە ئاجايىپ ھەيران قېلىشىتى. ئايالىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاپتۇبوستا قولىنى تۇتىۋالغان بىر ئېشەكتىن قۇتۇلالماي يىغلاپ كەتكەنىكەن. ۋەتەندىكى چېغىمدا ماڭىمۇ ئاپتۇبوستا بۇنداق ئەر-ئايال سۈپەتلىك مەرەزلەرنىڭ قىلمىشى ئۇچرىغان، لېكىن خەقنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي يىغلىتىۋەتكەن پەسەندىلەرنى كۆرمىگەنىكەنىمەن. ئايالىم يەنە ئامېرىكىدا قىزلارنىڭ قورۇقماي كېچىلەردە ياپيالغۇز يۈرۈشىدىن تاڭ قاپتۇ. مەنچە بۇ ئامېرىكىدىكى مۇكەممەل قوغۇداش سېستىمىسىنىڭ تۆھپىسى. ۋەتەندە قىز-ئاياللار قانۇننىڭ ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قوغۇدىشىغا ئېرىشەلمىگەچكە سىرىتلاردا يالغۇز يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ قوغۇداقسىز قېلىشى ۋە ئاجىز سانىلىپ قورقۇشقا كۆندۈرىلىشى ئۇزاق داۋاملاشسا قورقۇنچاقلىق ئومۇملىشىپ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنچە ئەڭ ئېچىنارلىقى قورقۇنچاقلىقنىڭ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىشى ۋە بىر قىسىم نومۇسسىزلارنىڭ بۇنى ئاجىزلىق ساناپ ھايۋانلارچە پايدىلىنىشى./ Q. S1 O3 W  R7 O, @. c) {5 J
ئايالىمنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ئەرلىرى تاماق ئېتىشكە ئاياللىرىدىن ئۇستا، ئاياللىرىغا تۆشۈكتە قابىل يارىدەمچى، ئاياللىرىغا مېھرىۋان. بۇ گەپ ماڭا خۇددى ”سەن تاماق ئېتىشنى بىلمەيسەن، يارىدەملەشمەيسەن “ دەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدىغان بولغاچ ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمەيمەن. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا يەمەكلەر ئاساسەن تەييار تاماقلارنى قىزىتىپ ياكى تەييار خۇرۇچلارنى ئۇيان بۇيان قىلىپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا تاماقنى كىمنىڭ ئېتىشى بەك ئىنچىكىلەيدىغان ئىش ئەمەس. قاچا-قومۇچلارنى يۇيىدىغان ماشىنا ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولغاچقا ئەرلەرنىڭ تۆشۈكتە يارىدەمچى بولۇش بولماسلىقىمۇ تالىشىدىغان ئىش ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغىنى ئامېرىكا ئەرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاياللىرىغا مېىرىۋانلىقى. مەنچە بۇ سۆيگۈنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكىدا ئائىلە بىزدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەرگە ئوخشاش پەرزەنتنى نىشان قىلغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسى ئەمەس. ئامېرىكىدا ئەر-خوتۇنلار ئارىدىكى سۆيگۈنىڭ يۇقالغانلىقىنى سەزگەن ھامان ياغسىراپ كەتكەن زەنجىردەك غىچىرلاشمايلا بىر تەرەپ بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن جامائەتچىلىكمۇ، پەرزەنتلەرمۇ قىلچىلىك غەلىتىلىك ھىس قىلمايدۇ. مەن تونۇيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ئالتە بالىسى بىلەن ئاجرىشىپ، بىر بالىسى بار بىر چوكان بىلەن توي قىلغان. تۇرمۇشىدىن ئالامەت رازى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆيۈپ تويلاشقان خوتۇنىغا مەنچە ئامېرىكىلىقلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىنسان مېرىۋان بولىدۇ.* p! f4 v& g, J& _* Q
2. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى، ئەرلىرى9 u8 W% c# [+ l/ p# X
كۆزىتىشىمچە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر تەرىپى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى. بىر پروفېسسور ئايال بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم. بۇ ئايال ئەللىكتىن ئاشقان بولۇپ ئىككى قەۋەتلىك داچىسىدا يالغۇز ياشايتتى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئىتى بولىدىغان، بۇ ئايالنىڭ بىر ئىتىمۇ يوق ئېدى. ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم باردىم. بىر پىيانىنۇ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆيلەرنىڭ ھەممە يېرىگە سەنئەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ كىچىك ئىشكاپلاردىكى ھەددى ھىساپسىز كىتاپتىن باشقا كۆڭۈلنى ئاۋات قىلىدىغان ھىچ بىر جانلىق يوق ئېدى. ھە راست، ئۆينىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى ھەممە دەرىزىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان گۈللەر، ئۆينىڭ ئىككىنجى قەۋىتىگە چىقىپ قارىسا كۆرۈنىدىغان چەكسىز ئورمان يېشىل دالا داچىدا بۇ خانىمنىڭ يىگانە جانلىق ئەمەسلىكىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. ئىككىنجى قەۋەتنىڭ ئۈستىدە كەپتەرخانىدەك بىر بالىخانا بولۇپ، خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تۇل كەپىسى دېيىلىدىكەن. بۇرۇنقى زامانلاردا شىمالى ياۋرۇپادا ئېرى دېڭىزغا كەتكەن ئاياللار ئاشۇ ”كەپتەرخانا“ دا قايتىپ كېلەلمەس ئەرلىرىنى كۈتۈپ تۇل قالاتتىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە سېلىغان ئۆيچەك ”تۇلخانا“ ئاتالغانىكەن. مەن ياقتۇرىدىغان بىر قانچە كىتاپنىڭ مۇئەللىپى بولغان بۇ ئايال توختىماي كىتاپلار، ئىنسانلار، ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئۆيىنىڭ تۇلخانىسى بولغان بىلەن ئۇ يەردە بىرسىنى كۈتىدىغاندەك قىلمايتتى.
2 [% a: h2 @9 F' K6 Qمېنى ئەجەپلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش يالغۇزئاتا- ئانىلار. بۇ ئايالى يوق بالىسى بار ئەر، ياكى ئېرى يوق بالىسى بار ئايال دېگەنلىك. باغچىلارغا قارىسىڭىز بىر بالىسىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى يۆتىلەپ ئايلىنىپ يۈرگەن يالغۇز ئەر ۋە يالغۇز ئايللارنى پات پات ئۇچرىتىسىز. مەھەللەمدە بالىسى بار ئائىلە ساناقلىق ئىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايالنىڭ بىردىن قىزى بولۇپ ئىككىلىسىنىڭ دادىسى يوق ئېدى. قىزىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار دادىسىنى بىلمەيدىكەن. ئايالى يېقىندا دوختۇرخانىدا بوشانغان بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە دوختۇرخانىدا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك گرافىكلارغا ئادەتتە بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنىلا تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. تۈرك دوستۇم بۇنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىققا سەۋەپ بولغۇچنىڭ ئىسىمىنى دېيىشنى خالىمىغانلىقتىن دەپ چۈشەندۈردى. مېنى مەمنۇن قىلغىنى يالغۇز ئانىسى بىلەن ياشايدىغان ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ ھىچ قانداق بىنورمال پىسخىكىدىن خالى چوڭ بولۇۋاتقىنى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەبىرلى ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك قىزچاق ماڭا تولىمۇ ئامراق ئېدى.
6 i+ R2 |/ t1 y$ Zمېنى ئەجەپلەندۈرگەن ئۈچىنچى بىر ئىش ئامېرىكىدا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەكنىڭ يوقلۇقى ۋە ئاياللاردا بۇ توغرىدىكى ”ھۇشيارلىق“نىڭ كەملىكى. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلار يارىدەمچىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايال خادىملار بىلەن تۈرلۈك رەسمىيەتلەر سەۋەبىدىن تاماقتا بىرگە بولدۇم، بازارلارغا بىللە باردىم، ھەتتا ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىندىم. ئامېرىكىدا ئايالنىڭ مېھمىنى ئايرىم، ئەرنىڭ مېھمىنى ئايرىم بولىدىكەن.ھىچ كىم بىر بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىكەن. بىر بىرىنىڭ مىھمانلىرى بىلەن پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن تونۇشۇپ ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ قويۇپلا باشقا ئۆيىدە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولىدىكەن. مەن تاماققا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ ”ئېرىم نېمە دەپ قالار“ دەپ دىلىغولدا بولغىنىنى كۆرمۈدۈم. مېنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئېرىگە تېلىفون قىلىپ ”كەچتە جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن بىر مېھمىنىمىز بارلىقىنى ئۇنۇتما“ دەپ قويۇشتى. تۈزۈلمە سەۋەبلىك جەمئىيەتتە ئىشەنچ، ئىناۋەت دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ بازىرى تولىمۇ كاسات بولغاچقىمىكىن، بىزدىكى بىر قىسىملاردا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەك ئاجايىپ بازارلىق پاراڭ تېمىسى.# [- f# [5 T8 o  t! I
ئامېرىكىدا ياش قىزلار دېگەندەك بەك گىرىم قىلىپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە ياشانغان ئاياللار قېرىغانچە بەك ياسىنىدىغان، گىرىم قىلىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ھەر يەكشەنبە كۈنى چىرايىنى جىگىدىنىڭ قوۋزىقىدەك قورۇق قاپلىغان ئاياللار ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىشىپ مۈكچەيگەن ئەرلىرى بىلەن چىركاۋغا كېلىشىدىكەن. چىركاۋدىن ياناشىدا ئۆزى ياقتۇرغان تاماقخانىلاردا غىزالىنىپ بازار ئارىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا يەتمىشتىن ئاشقانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى ياش سانايدىكەن. شۇڭا بۇ ياشتىكى ئامېرىكائەر ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ھاياتىنى قايتا باشلىشى كۆپ ئۇچرايدىكەن. شۇڭا يەتمىشتىن ئاشقانلارنىڭ پىرىزدېنت سايلىمىغا نامزات بولۇشى، قايىتىدىن كەسىپ ئېگىلەپ ئىش باشلىشى، ئۆگىنىش پىلانى تۈزىشى نورمال ئەھۋال ھېساپلىنىدىكەن. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن 20 يىللىق پىلانىم ھەققىدە ئاغىز ئاچسام بىر قانچەيلەن ”سەن پىنسىيەگە چىقمامسەن؟“ دەپ سوراپ قالدى. راست گەپنى قىلسام پىنسىيەگە چىقىش دېگەننى مۇشۇ كۈنگىچە خىيالىمغا كەلتۈرۈپ قويمۇدۇم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، مەمۇرلاردا خۇسۇسى پىلان، ھاياتتىكى قىزىقىش دېگەن گەپلەر پاراڭ تېمىسى ئەمەسكەن. ئۇلاردىكى ياشاش جەريانى ئۆسۈشنى ۋە پىنسىيەنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈش جەيانى ئىكەن. يېشى قىرىققا بارماي تۇرۇپ ئۆزىنى قېرىدۇق دېگۈچىلەر كۆپكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى مودا گەپ “ بىزنىڭ بولۇشىمىز مۇشۇ ئوخشايدۇ، ئەمدى بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلىسەك…“. مەنچە بۇنداق قېرىلىققا خۇشتار بىمارلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ بەك ياراملىق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى قورقۇنچاقلىق، تەۋەككۈلچىلىكنى خالىماسلىق، تىرىكلىك ئۈچۈنلا ياشاش. بۇنداق ئائىلىلەرنى سۈيى يېڭىلانماس كۆللەرگە ئوخشتۇشقا بولىدۇ. بۇنداق كۆل ئاسان سېسىيدۇ.
: z' t, G9 z2 ]' d1 |1 w. d+ Qقىستۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان ئاخىرقى بايان ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن خالىلىقى. ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرى دېگىنىم قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا، قېيىن سىڭىل قېيىن ئاكىلارنىڭ ھەتتا باشقا تۇغقانلارنىڭ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئارىلىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ۋەتەندە سەپەردە بولغانلىرىمدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىم ئاتا-ئانىنىڭ بالا دەردى. ئۇندىن قالسا ئەر-خوتۇنلارنىڭ قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانا ھەققىدىكى ئاغرىنىشلىرى ياكى قېيىن ئانا، قېيىن ئانىلارنىڭ كېلىن ۋە كۈيىلەر ھەققىدىكى نارازىلىقلىرى. ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا، چۈنكى ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت يالغۇز بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئىشى. بالىلار 18 ياشتىن كېيىن مۇستەقىل ياشايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ كىم بىلەن تويلۇشۇپ نەدە ياشىشى خۇسۇسى تاللاش مەسىلىسى. بۇنىڭغا ئاتا ئانىلار ۋە باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى قانۇنسىزلىق ۋە جەمئىيەتتە قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەھۋاللار جۈملىسىدىن. ئامېرىكىدا نىكاھ قىز يىگىتنى باغلىسا بىزدە ئىككى ئائىلىنى باغلايدۇ. باغ قانچە مۇرەككەپ بولسا توقۇناق شۇنچە كۆپىيىپ مۇناسىۋەتنىڭ راۋانلىقىغا دەز كېتىدىغان گەپ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇردىكى مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى يۈرۈشتۈرەلمەي ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئېرى شۇنچە زورلىسىمۇ ئامېرىكدىن كەتمەي تۇرۇۋاپتۇ

44

تېما

44

يازما

593

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
139 سەر
تۆھپە
183 سەر
تىللا
88 دانە
جەۋھەر
0 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-10 08:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى
+ D  {6 Y) n. kئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق ساياھېتىمدە بىر ئىرانلىق تۈرك (ئىرانغا مۇستەملىكە ئەزەربەيجانلىق) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. دەسلەپكى پاراڭلاردىن مېنى ئېچىندۇرغىنى، يېشى50 دىن ئاشقان بۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز ئىنگىلىزچە بىلمەي تۇرۇپ ۋەتىنىنى، ئائىلىسىنى تەرك ئېتىپ، يات ئەلدىن پاناھلىق تىلەپ بامباشقا بىر ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنى بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك بۇ كىشىمۇ مېنىمۇ ئامېرىكىغا پاناھلىق تىلەپ كەلدىمىكىن دەپ قاپتۇ. پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇ ئامېرىكىغا سىياسى پاناھلىق تىلەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پاناھلىق تىلەش دېگەنلىك ئۆز دۆلىتىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوغۇدىشىغا، ئىلتىپاتىغا سىغىنىش دېگەنلىك ئىكەن. پاناھلىق ئادەتتە ئىككى خىل تىلىنىدىكەن. بىرى پاناھلانغۇچى پاناھلىق بېرىدىغان دۆلەتكە قېچىپ بېرىپ شۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدىكەن. يەنە بىرى پاناھلانغۇچى ب د ت نىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلار بار دۆلەتكە بېرىپ پاناھلىق تىلەيدىكەن. ب د ت نىڭ ئورگانلىرى بۇنداق كىشىلەرنى ئۈچىنجى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئادەتتە پاناھلىقنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن غەرپ دۆلەتلىرى ئىكەن. ئىرانلىق پاناھلانغۇچىلار قازاقىستان، ھىندىستان، كامبودژا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىپ شۇ يەردىكى ب د ت ئورگانلىرى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەيدىكەن. شۇ ئان ئېسىمگە 2006- يىلى تۈركىيەدىكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ 2000 گە يەتكەنلىكىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى 1800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇغىنىم كەلدى. تۈركىيەدە ئىراندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئازەرى تۈركلىرىنى كۆپ كۆرگەنىدىم. تۈركىيەدە ماڭا پارىسچە ئۆگەتكەن ئازەرى ئوقۇتقۇچۇممۇ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئازەرى تۈركلىرى ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا پارىسلارنى مەقسىەدلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلىنى پارىسچىلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەھەر-بازار ۋە كوچا مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى پارىسىچغا ئۆزگەرتىپ ئازەرى تۈركلىرىنىڭ مىللي كىملىكىنى يوقۇتۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. كېيىن تۈركىيەدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىراندىن كەلگەن ئازەرى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرگە قىلىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد ۋە پاش قىلىشلىرىغا شاھىد بولدۇم. ئۇلارنىڭ مەردانىلىقى، قورقۇمسىزلىقىغا پەقەت ھەيرانلا قالالىغانىدىم. بۇ ئازەرى سەپەردېشىمنىڭ بايانلىرى مېنى تېخىمۇ سوغۇق تەر باستۇردى. ئۇ ئىراندا مۇستەقىل ئەزەربەيجان (توغرىسى ئازەربەيجان، چۈنكى ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيە تۈركلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئازەرى دېگەننى قوشىدۇ) قۇرۇشنى نىشان قىلغان تەشكىلاتقا قاتناشقانىكەن ۋە قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانىكەن. بۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناۋاتقان غەزەپ، تۆكۈلىۋاتقان ياش، چىرايىدىكى ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقلار ئەسلىدىنلا ساق يېرى قالمىغان يۈرۈگۈمنى ئازاپ تۈگمىنىگە ئۈگۈت قىلىۋەتتى. چىن سۆزۈمنى ئېيىتسام شۇ چاغدا كېلىۋاتقان دەھشەتلىك خەۋەرلەر، تېلۋىزورلاردىكى ماتەملىك كۆرۈنۈشلەردىن يۈرۈگۈم سىقىلىپ، تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇشتىن، توردىن پاجىيە ئىزدەشتىن تويۇپ ئامېرىكىنى غەرپتىن شەرققە، شەرقتىن جەنۇپقا ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققانىدىم. نېمىسىنى ئېيتاي، ساياھەتتىمۇ يەنە شۇ دەرتمەنلەرنى تېپىۋالسام بولىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئۆزىنى زىيالى سانايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن تەپسىلىرەك بىلىدىكەن. ئۇنىڭ چوقۇنىدىغىنى ئوسمان باتۇر ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراندا ياغلىق ئارتمىغان، ساقال قويمىغان ئاياللار ۋە ئەرلەر نازارەتكە، تەكشۈرۈشلەرگە مەھكۇمكەن. بىزدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنىڭ گەپ ئارىلىقىدا بىر نەرسە ھىسابلاشقا دۇچ كەلگەندە تۈركچە ئەمەس پارىسچە ئىشلىتىشى مېنى تەئەججۈپلەندۈردى. شۇئان مۇشۇنداق ھىسابقا دائىر ئىشلاردا خەنسۇچىنى قاتماي قويمايدىغان خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. تەپەككۇردىكى ئەڭ رۇشەنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشقا توغرا كەلگەندە ھەممە ئادەم ئۆزى ئەڭ پۇختا بىلىدىغان تىلنى قوللانسا كېرەك. گەرچە بۇ ئاكىمىز تۈركچىنىڭ پارىسچىدىن بايلىقىغا ۋە مۇكەممەللىكىگە شەكسىز ئىشەنسىمۇ، كىچىكىدىن پارىسچە ئوقۇغانلىق سەۋەبتىن تۈركچە ئانا تىلىدا ھېساپلىيالمىغانىدى.
6 `& j( g3 y0 o" @كانزاس ئۇنۋېرىستىتى جايلاشقان لاۋرېنس شەھرىدە بىر ئازەرى ئاچىمىز بىلەن يېقىندىن ئىزدىشىپ ئۆتتۇق. ئۇ بۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن يولدىشى بىلەن ئاۋۋال تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەپ بىر مەزگىل تۇرۇپ ئاندىن تۈركىيەدىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنىكەن. بۇ ئاچىمىز ئۆزىنىڭ شەخسى داچىسى، ماشىنىسى، تاپاۋىتى ئوبدان خىزمىتى تۇرۇپ ئامېرىكىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتى. تۈركىيەنى تېخى ياراتمايىتتى. دۇنيادىكى پۈتۈن يامان ئىشلارنى ئامېرىكا كاپىتالىستلىرىنىڭ قىلىدىغانلىقىغا، ئامېرىكىنىڭ رەزىللىكىگە يەھۇدىلارنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. بۇنداق چاغلاردا فاتىھ ئىسىملىك دوستۇم ”بىرگۈل ئابلا سېنىڭ ئۆزەڭ ئامېرىكىدا بولغان بىلەن كاللاڭ تېخىچە تۈركىيەدە ياكى ئىراندا قاپتۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئىراندىكى ۋە تۈركىيەدىكى كاپىتالىزىمغا قارشى كومۇنىستلار، غەرپكە قارشى ساختاكار دىنچىلار توقۇپ چىقىشقان“دەپ دائىم رەددىيە بېرىپ تۇراتتى. بىرگۈل ئابلانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى، ئەڭ مەدەنىيەتلىكى، باش بوغۇنى ئازەرى تۈركلىرى بولۇشى كېرەك ئېدى. بۇنداق گەپلەر بولۇنغاندا مېنىڭ بىر تۈرك دوستۇم ”شۇنداق بىرگۈل ئابلا (ئاچا) ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئازەرىيكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم“ دەپ تەنە قىلىپ قوياتتى. بىر كۈنى ئۇ پىتسا قاتلىمىسىنى بىز ئازەرىلەر ئىجاد قىلغان دېمەسمۇ تۇرۇپلا قالدىم. تېخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ”ئىراندا ھازىر مىللەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئەخمەدى نىجاد ھۆكۈمىتى ئىسلامنى يېپىنچا قىلىپ مىللەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىراندا ھۆكۈمەت تەرغىپ قىلىۋاتقان پارىس مىللەتچىلكىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەھدىتى، تۈركلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىكى دېگەن گەپلەرنى تولا ئەزۋەيلەپ ئۆزىدىكى چىرىكلكىنى، مۇستەبىتلىكىنى، ئاجىزلىقنى يوشۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقاتتا ئىسلامنى قۇرال قىلىۋاتىدۇ. ئىراندىكى تۈركلەرگە قارشى كەيپىياتنى قوزغاشتا پارىسلارنىڭ مىللەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكا قارشى ساداسىنى ئۇستۇلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى، ئامېرىكىغا قارشى ساداغا بۇراپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىراننى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قاراش ئادەتكە ئايلاندى. ھەتتا ئىتالىيەدىكى پىسا شەھرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان پىتسا قاتلىمىسىنىمۇ بىز پارىسلارنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارايدىغان پارىسلار كۆپ“ دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا جاراڭلىدى. بۇ يەردە بىرگۈل ئابلىمىز ئىراندىكى پارىس مىللەتچىلىكىگە تەڭكەش قىلىپ كۈچىيىۋاتقان ئازەرى مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىۋاتاتتى. ئابلىمىزنى غەزەپلەندۈرگىنى، پارىسلارنىڭ مىللەتچىلىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ تونۇلۇپ دۆلەتنىڭ تەشۋىقات ئوبىكتىغا ئايلانغان، ئازەرى تۈركلىرىنىڭ مىللەتچىلىكى بولسا بۆلگۈنچىلىككە چىقىرىلىپ تەقىپلەنگەنىدى.
$ {: `$ v/ O+ ]; E; H, I/ X+ h1 y. C' R9 gبىرگۈل ئابلامنىڭ بىر ھىكايىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ لوس ئانجىلىستا ئاھمەد ئىسىملىك دوستى بار ئىكەن. بۇ كىشىمۇ بىرگۈل ئابلىمىزدەك ئىراندىكى سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ئامېرىكىغا سىغىنغانىكەن. ئىراندىن يېڭى كېلىپ، خىزمەت، خالىس سىياسىي پائالىيەت، تەتقىقات قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەمىدىلا ئۇھ دېگەندە بىر تاللا قىزى شەرقى قىرغاقتىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا ئوقۇشقا كىرىپتۇ. تۈمەنلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش ئاھمەدنىڭ قىزى گۈلتەنمۇ ئانا تىلى تۈركچىنى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان لېكىن سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپتۇ. تۇنجى قېتىملىق يازلىق تەتىلدە قىزى ئۆيىگە بىر ئاق تەنلىك يىگىتنى باشلاپ كېلىپتۇ. قىز بۇ يىگىتنى ”مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم“ دەپ تونۇشتۇرۇپتۇ ۋە“ بىر دەمدىن كېيىن كۆرۈشەيلى“ دەپ قويۇپ ئوغۇل دوستىنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىگە چىقىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئاھمەدنىڭ كۆزىگە يىگىرمە نەچچە يىل تىرمىشىپ ئالغان داچا زىنداندەك تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. ۋەتنىنى شۇ قەدەر سېغىنىپتۇكى، قىزىنى ئېلىپ كېتەي دېسە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرى- ئىرانغا تەۋە ئەزەربەيجانغا كېتەلمەيدىكەن. قولىدىكى ئامېرىكا پاسپورتى بولغان بىلەن ئامېرىكىلىقتەك ئىرانغا ئەركىن كىرىپ چىقالمايدىكەن. سەۋەبى ئىران سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئىراننىڭ پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ چەتئەل پۇقراسى بولغانلارغا ئىرانغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەيدىكەن. ھىچ بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى يوق ئازەرىلەرگە ۋىزا بەرگەن تەقدىردىمۇ بىر قانچە ئاي ساقلىتىپ ئاران ئون بەش كۈنلۈك ۋىزا بېرىدىكەن. شۇندىن كېيىن ۋەتەننىڭ گېپى چىقسىلا يىغلايدىغان بولۇپ قاپتۇ./ G* N. C: C: I' W& z
بىرگۈل ئابلام بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزى، بۇ يىل ئالى مەكتەپكە چىققان بىر ئوغلى بار ئېدى. ئوغلىنى ھەر يىلى رامازاندا مەسجىدتە كۆرەتتىم. تۈركچىسى ئانچە راۋان بولمىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان بالىلار بىلەن بىزگە قارىغاندا بەكرەك ئارىلىشاتتى. بىزنىڭ ئالدىمىزدا تولىمۇ كەمسۆز ۋە ياۋاش كۆرۈنەتتى. ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇم تۈگەپ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا بىزنى ئۇزۇتۇپ چاي راسلىدى. “ بۇ ۋەتەنسىزلىكنى، سەرگەردانلىقنى نېمىگە تاللىدىم، بۇ داچىنى نېمىگە ئالدىم بىلمەيمەن. خىيالىمدا ئەتىلا ۋەتەن ئازاد بولىدىغاندەك ھەركۈنى خەۋەرلەرنى كۈتىمەن، ئائىلەمدىن بىرسى ئىشىكتىن كىرىپ كېلدىغاندەك ھەركۈنى ئىشىككە قارايمەن. يىگىرمە يەتتە يىل بولۇپتۇ. خۇددى ئەتىلا كېتىدىغاندەك ئۆيۈمگە ھىچ نەرسە ئالغۇم كەلمىدى. ئۆيۈمدىكى بىساتلارنى سىلەرگە ئوخشاش ئوقۇشقا كەلگەنلەر قايتارشىدا قالدۇرۇپ كېتىشتى. ھازىر بىردىنبىر ئويۇم ئىراندىكى مۇستەبىت قاتىللار ئاتسىمۇ، چاپسىمۇ، زىندانغا تاشلىسىمۇ ئىرانغا كەتسەم دەيمەن. بۇ يەردىكى ۋەتەنسىز راھەتتىن ۋەتەننىڭ تۇرمىسى ئەلاكەن ماڭا. مەن ئەسلى تۇرمىدىن قېچىپ بۇ يەرگە-ئەركىن دۇنياغا كەلدىم دەپتىكەنمەن. ئەركىنلىككە ئېرىشكىنى روھىم ئەمەس تېنىم ئىكەن. روھىم يەنىلا زالىم ئىراننىڭ تۇرمىسىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر قىينىلىۋېتىپتۇ. ئىراندىكى تۈركلەر بەكمۇ بەخىتلىك. ئۇلار خالىسا تۇرمىغا كىرەلەيدۇ. خالىسا زالىم ھۆكۈمەتكە ئوق ئاتالايدۇ. خالىسا پارتلاپ، پارتىلىتىپ ئۆلەلەيدۇ. ھىچ ئىش قىلالمىسا زالىملارغا ئالىيىپ قارىۋالالايدۇ. مەنچۇ! ياشىسام نېمە قىلىپ ياشايمەن، ئۆلسەم قايسى دۈشمەنگە قارشى ئۆلىمەن! ۋەتەن قۇرىمىز دەپ ۋەتەندىن ئايرىلىپتۇق. ۋەتەننى ئامېرىكىدا قۇراتتۇقمۇ؟ تۈركىيەدە قۇراتتۇقمۇ؟ مانا ئەمدى ۋەتەننى ئەمەس بالىلىرىمزنىڭ ئىمانىنى، تىلىنىمۇ ساقلاپ قالالماي تىرىك تۇرۇپ دوزاققا تۇترۇق بولۇۋاتىمىز، قىلدەك تولغۇنىۋاتىمىز“. بىرگۈل ئابلا مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئايالىمغا ئېسىلىپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك ياغلىقنى چىكىلەپ تاڭغان بۇ ئايالنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئەزدى. يىغىسى توختىغىچە ساقلاپ ئاندىن خوشلاشتۇق، تولا يىغلاپ بىچارە ئايالنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك مادارىمۇ قالمىغانىكەن. ئىشىك ئالدىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئاران ئولتۇرغانچە بىزنى ئۇزۇتۇپ قالدى.
7 W' L) k  L" Y- [& d  O7 f2 C4 z6 @
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗