. x" B1 ^+ C. ]. U& \/ Q
k( N9 e! _! Z2 K2 U/ _
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
3 N/ }9 f2 G3 ?* V: z" ? j/ ?/ P- M8 I0 Z& }' |) j
بۈگۈن نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن يۈرەكلىرى سۇ بولغان ھالدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللىرىنى ئىشلىتىپ، بالىلىرىنى ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. سودا قىلىشنى يوشۇرۇن مەقسەت قىلغان ئېزىقتۇرغۇچى ئېلانلار بىلەن ئۆگىنىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقى قايتا–قايتا تەكىتلىنىۋاتقان نۇرغۇن بىلىملەر (تىلدىن تارتىپ مەلۇم سازنى ئۆگىنىشكىچە، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن تارتىپ ھەرخىل پەنلەرنىڭ كۈچەيتىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن شەرت ھازىرلاشقىچە) بالىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپلا قالماي، ئاتا–ئانىلارنىڭ كاللىسىدا ئېغىر دەرىجىدە گاڭگىراش پەيدا قىلىپ قويدى. بەزى پىكىر قىلىشقا ئامراق ئاتا–ئانىلار بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ باققان بولسا، ئېقىمغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان نۇرغۇن ئادەم مانا مۇشۇنداق قاينام–تاشقىنلىق مائارىپ دولقۇنىغا غەرق بولدى. ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن نۇرغۇن بالا تۈگىمەس تاپشۇرۇق، دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىدىكى قوشۇمچە بىلىم تولۇقلاش دەستىدىن ۋىجىك بوۋايلارغا ئوخشاپ قالدى. ئۇلارنىڭ قاينام–تاشقىنلىققا تولغان ساددا بالىلىقى نەلەرگىدۇر يوقالدى. بەلكىم بۇ خىل ساددا ۋە چۈچۈك ھالەت يىراق سەھرالاردا تېپىلىشى مۇمكىن. لېكىن شەھەرلىك بالىلار ئېغىر تەربىيىلىنىش يۈكى ئاستىدا دۈمچىيىپلا قالدى. شەھەرلىك ئاتا–ئانىلار شەھەردىكى تېز تۇرمۇش سۈرئىتى ۋە ئىجتىمائىي بېسىم تۈپەيلىدىن بالىلارغا ئىمكان بار كۆپ نەرسە ئۆگىتىش زۆرۈركەن، دېگەن يەكۈننىڭ تۈرتكىسىدە، بالىلىرىنى بىر تاغار ھېسابلاپ، بۇ تاغارغا توختىماي بىر نەرسە قاچىلاشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدى. تىقىلغان بۇ نەرسىلەر كەلگۈسىدىكى ھاياتلىق سەپىرىدە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەن ئوي ئۇلارنى تېخىمۇ تەلۋىلەشتۈردى. بۇ بىچارە، سىغىمى چەكلىك تاغارغا تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى تىقماق بولۇش مائارىپنىڭ نورمال ھالىتى بولۇپ قالدى.
% E7 F$ ]2 x& A1 T8 M3 N" ?. Y. J+ j0 ]
ھەممىگە مەلۇم، سەپەردە ئەسقېتىپ قالار، دەپ قاراپ قارىغۇلارچە ھالدا ئىمكان قەدەر كۆپ نەرسە ئېلىۋېلىشقا تىرىشىش دائىم سەپەرگە چىقىپ تۇرىدىغان ياكى سەپەر تەجرىبىسى بار يولۇچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. سەپەر تەجرىبىسى بارلار ھەرقانداق سەپەر تەييارلىقىنى ئىلمىي ۋە پىلانلىق تەييارلايدۇ. ئالىدىغان نەرسە بىلەن ئۆزىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىنى مۇۋاپىق ھېسابلاپ چىقالايدۇ.
) x$ Q1 U# ], b
! I9 R9 _5 \5 A) Rئەلۋەتتە، بالىلىرىغا بەك كۆپ بىر نەرسە ئۆگەتمەك بولۇش يامان ئىش ئەمەس. لېكىن بالىلارغا كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىتىش قارىغۇلارچە، پىلانسىز ئېلىپ بارىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلىشقا پىلان ۋە ئىلمىيلىك كېرەك. ئەكسىچە سىز پىلانسىز ۋە ئىلمىي بولمىغانلىقىڭىز تۈپەيلىدىن بالىڭىزغا كۆپ بىر نەرسە ئۆگىتىش ئورنىغا بالىڭىزنى ئۆگىنىشتىن بىزار قىلىپ قويۇشىڭىز، ھەتتا بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆمۈرلۈك مېيىپ قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
/ K: V) f; W7 s c1 E
3 m# }. z8 s' F& \يېقىندا بىر ئائىلە باشلىقى ماڭا: ‹‹بالام ئۆگىنىشكە ئامراق ئەمەس، قانداق قىلسام بولار. بالامنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارمۇ–قانداق›› دەپ دەرد تۆكۈپ قالدى.
" H8 I& F: P/ B, G
% h/ A/ M, |3 nبالىڭىز ئويۇنغا ئامراقمۇ؟دەپ سورىدىم مەن.
3 K4 Z; ^0 }+ l
& ]& n/ ~* ]6 M" f; | a$ P, A- ?/ c
شۇنداق، ئويۇن دېسە جېنىنى بېرىدۇ،دەپ جاۋاب بەردى ئائىلە باشلىقى.
# q0 s% d5 x k
1 U# [; i1 B' w% J7 wبالىڭىز بەكمۇ ساغلامكەن، لېكىن سىزدە مەسىلە باركەن،دەپ جاۋاب بەردىم مەن، ئۆگىنىش قىلماق تەس ۋە مۇشەققەتلىك ئىش تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا ئامراق بولالىسۇن؟! ئەمدىلا ئاق–قارىنى پەرق ئېتىشكە باشلىغان بالىڭىزدا ئۆگىنىشكە مۇھەببەت يوق، دەپ قاقشىشىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق. ئىنسان تەبىئىتى ئەزەلدىن ئوڭاي ۋە كۆڭۈللۈك، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مايىل. ھازىر سىز بالىڭىزغا كۆپ نەرسە ئۆگىتىمەن، دەپ يۈرگىچە ئەڭ ئاۋال بالىڭىزنىڭ زېھنى كۈچىنى ئېچىڭ، ئۇرغۇتۇڭ، بالىڭىزدا ئۆگىنىش قىلىش ئاكتىپلىقى پەيدا قىلىڭ. يەر تېرىماق بولغان دېھقانمۇ ئۇرۇق سېلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ ئاندىن ئۇرۇق چاچىدۇ. ھەرگىز قارىسىغىلا ئۇرۇق چېچىپ قويۇپ، ئۇرۇقنىڭ ئۈنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ.
3 u' |* I# X9 J2 P' H
& N: T9 w! O$ |ئائىلە باشلىقى گېپىمگە بەكمۇ قايىل بولمىغاندەك كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ قايىل بولماسلىقىنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى بۈگۈنكى بالىغا جىق نەرسە ئۆگىتىشنى ئارزۇ قىلىش دولقۇنىدا بۇنداق گەپلەر نۇرغۇن ئادەمگە خۇشياقمايتتى.
) D5 d/ G% A# Y$ \3 E
% k/ p( H( U# G% Mبۇ ھەقتە مائارىپچى ۋە شائىر تەلئەت قادىرنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى شەخسىي مۇھاكىمە سورۇنىدا سۆزلىگەن ناھايىتى ھېكمەتلىك بىر گېپى بار: يەتتە ياشلىق بالا يەتتە ياشلىق بالىغا تۇشلۇق بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەكچى بولۇش بىھۇدە ئەمگەكتۇر.
4 l$ Y [9 ^8 M- Y: s6 R) w3 e5 |; h
. x3 o4 Z1 b% U. ?
ئاتا–ئانىلار ۋە مائارىپ تارماقلىرى بالىنى تەربىيىلىنىشكە ھازىرلاش بىلەن بىرگە ئىلمىي ھالدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك. بولمىسا كۈتكىنىمىزدىن ئەكسىچە نەتىجە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
0 x# l) \" z$ r# l8 H4 k7 Z6 {& p" |+ n4 [* U9 P
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاتا–ئانىلار ۋە مائارىپ تارماقلىرىنى توغرا تەپەككۇر يۆنىلىشى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بەزى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىمنىڭ ھاسىلاتىنى كۆپچىلىككە سۇندۇم. بۇ ھاسىلاتلىرىمنىڭ تۇنجىسى يادلاش ئارقىلىق يېڭى مائارىپ كۆزنىكى ئېچىش تەكلىپىدۇر.
2 o% Y; J8 _2 p
! a* `, Y; G; h- K/ H3 o( N
يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلاش قابىلىيىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلۇپ يادلاشنىڭ دەرس ھالقىسىدىكى ئورنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىملىقى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىبارغا ئىگە بولدى. لېكىن قويۇلغان يادلاش تەلىپى بەك يۇقىرى ئەمەس بولۇپلا قالماي، يادلاش تەلىپىنىڭ ئىزچىل ئەمەسلىكى يەنىلا ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
2 [5 w+ z9 _+ K8 A/ X0 h
4 j1 r. v' |% o" F8 R8 h0 y" X7 ]
ئېھتىمال ئۇزۇندىن بۇيان شوئارغا ئايلانغان قارىغۇلارچە يادلاشقا قارشى تۇرۇش چاقىرىقى، شۇنداقلا يادلاش جەريانىنىڭ ناھايىتى زېرىكىشلىك ۋە جاپالىق بولۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يادلاشقا قارشى ئىممۇنىتېت پەيدا قىلىپ قويغانلىقتىن بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. قارىغۇلارچە يادلاش يادلاۋاتقان ئوبيېكتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز ھالدا يادلاشقا قارىتىلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كونا مائارىپنىڭ قالاق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ھەقىقەتەن ئۆتمۈشتە دىنىي ئاساس قىلغان مائارىپىمىزدا دىنىي كىتابلارنىڭ مەنىسىنى ئۇقماي تۇرۇپ يادلىتىش ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ چىققانلار قارىي ئاتىقىنى ئالغان. ئۇلارنىڭ دىنىي ئورنى قۇرئاننى يادلىغان، شۇنداقلا قۇرئانغا مەنە ئېيتالايدىغانلاردىن سەل تۆۋەن تۇرغان.
% ^/ p( k( _ N- c4 Q
- g3 m! K7 v [ ~9 }خەنزۇ مائارىپىدىمۇ تۆت كىتابنى يادلىتىش مائارىپتىكى مۇھىم بىر ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىدى. ئۇندىن باشقا ئەرەب مائارىپى، ھىندى مائارىپى قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىدىمۇ يادلاش مائارىپنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولغان.
8 `- z3 B+ Q# Z, C
) J5 M# F* H, G, q8 T
ئۇنداقتا دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمكى دۆلەتنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو مائارىپى بىلەن دۇنيادىكى تەسىرى بار مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان تارىم مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىدا نېمە ئۈچۈن يادلاشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى بەكمۇ مۇھىم بىلىدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىنىڭ ئۆلۈك يادلاش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ بۇنىڭ ئۆلۈك يادلاش ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لېكىن جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر نەچچە مىڭ يىللىق مائارىپ تارىخىدا ئىزچىل بۇ ئۇسۇلدىن ۋاز كەچمىگەن. پەقەت جۇڭگودا سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن كېيىن قارىغۇلارچە يادلاشقا قارشى تۇرۇش خاھىشى پەيدا بولغان. لېكىن ھازىرمۇ خەنزۇ مەكتەپلىرى بىز ئۆلۈك يادلاش دەپ قاراۋاتقان بۇ مائارىپ ئۇسۇلىدىن ناھايىتى جانلىق پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا يادلاش ھېلىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۈستۈن. ئۇلار يادلاشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ.
- c3 `5 k% u# n1 d$ V4 d3 F& F
9 T) T" }8 y( Xھەقىقەتەن بۇ سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بار. ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى(شاڭخەي چەت ئەل تىل مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان) كىتابىنىڭ بەشىنچى قىسمىدا ‹‹تۇنجى كۈن: بىر كۈن ئىچىدىن ماڭا 15مىنۇت ۋاقىت بېرىپ تۇر ››ناملىق ۋىلفېرد پۇنك ۋە نورمان لېۋىس ئىمزاسىدىكى ماقالىنىڭ بېشىدا ئاپتورلار مۇنداق يازىدۇ:
# t) A& C Y8 G: G( N
2 j `3 \- G# ^4 j
‹‹خوجايىنىڭىزنىڭ بىلىدىغان سۆزىنىڭ مىقدارى سىزنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ نېمىشقا سىزنىڭ خوجايىنىڭىز بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى.››
* ]0 D4 k3 q* F; H% {0 O/ g
* U2 X, [( F: F8 a6 [2 L; G. D
ئىككى ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ بايقاش تىل پروفېسسورلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى پاكىتنى چوڭ بىلىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن كەلگەن.
6 c$ J8 A7 ]" ~, n6 S( B. X) u$ ^4 S! Z
ناۋادا بىلىدىغان سۆزىڭىزنىڭ مىقدارى ئاز بولسا قازىنىدىغان مۇۋەپپپەقىيىتىڭىزمۇ چەكلىك بولىدۇ.
6 K$ X* i5 {7 x
7 h/ Q }; j3 {8 `2 Eئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر يېشى ۋە مۇھىتى ئوخشاش ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىنى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ تاللاپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بىر سىنىپنىڭ بالىلىرىغا نورمال دەرس ئۆتكەن. يەنە بىر سىنىپنىڭ بالىلىرىنىڭ تىل ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ھالدا مەشىقلەندۈرگەن ياكى ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان. نەتىجىدە تىل ئىقتىدارى نۇقتىلىق چېنىقتۇرۇلغان سىنىپنىڭ بالىلىرىنىڭ تىل–ئەدەبىيات نەتىجىسى يەنە بىر سىنىپقا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپلا قالماي، ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغان. ئىككى سىنىپ ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق پەيدا بولغان.
( a0 j" {9 k8 V$ U7 [+ I
8 {! n" d$ V; `. h: v
يادلاش بىر بالىنىڭ سۆز ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئەمەلىيەتتە بىز نۇرغۇن سۆزلەرنى بىلگەندەك تۇرىمىز ياكى ئالدىمىزغا ئۇچرىسا مەنىسىنى بىلىمىز. لېكىن بەزى چاغدا شۇ سۆزنى دېيىش توغرا كەلسە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالىمىز ياكى راۋان دېيەلمەيمىز. يادلىۋالساقچۇ؟ بىز سۆزلەي دەپ مېڭىگە بۇيرۇق بەرگەن ھامان شۇ سۆز تىلىمىزنىڭ ئۇچىدا پەيدا بولىدۇ.
2 Y6 W1 [4 j) g3 Y
4 [( e; c8 \& oبالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى كېڭەيتىش ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى بىلىمنىڭ كېڭىيىشىدۇر. ھەربىر سۆز مەلۇم مەنا ۋە ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز يادلىۋالغاندىن كېيىن ئۇ كاللىمىزغا مەنا ۋە ئوبرازى بىلەن كىرىپ ئورۇن ئالىدۇ ۋە كاللىمىزنىڭ سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كاللىدىكى مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشى مېڭىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدۇر.
" Z. N8 Y9 A+ Q" E* H3 R
7 U2 ^! U- S3 F+ A- B$ f
مائارىپ تارىخىمىزغا قاراپ باقساق، مانا مۇشۇنداق يادلاشقا ئەھمىيەت بېرىش تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدىغان ئۆزگىچە مىساللار پەيدا بولغان. مەسىلەن، دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئۇستازى دەپ قارالغان فارابى تۈرك مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، تۈرك تىلىدا تەربىيىلەنگەن ئادەم بولسىمۇ، قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ بولۇپمۇ ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى گىرىك تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئەرەب تىلىدا ئىزاھ يازغان.
# {4 y+ |3 W4 C5 L3 D6 j$ z) L. X2 p, P
مەھمۇت قەشقەرىي تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەرەب تىلىدا ئەرەبلەرنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن يازغان.
Q$ ~/ m! ?3 @! |+ v1 ?) O# Q- }/ {: n% \1 _$ L2 K; Y: ^/ n
ناۋايى ئاۋال پانى دېگەن تەخەللۇس بىلەن پارسچە شېئىر يېزىپ داڭ قازىنىپ ئاندىن تۈركىي تىلىدا يېزىشقا كىرىشكەن. تەجەللى ئەرەبچە، پارسچە شېئىر يېزىپ قالماي ھىندى تىلىدىمۇ شېئىر يازغان ۋە ئەينى زامان كىشىلىرىنى ھاڭ–تاڭ قالدۇرغان.
8 J! V- b1 F* w4 u( @3 ^$ r; W7 f% |% F1 X' [6 F. y
ئەھمەت زىيائىي ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزى كاشغەرىنىڭ ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئەرەبچە، پارسچە سەۋىيىسى نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان. زىيائىي 13يېشىدا پارس تىلىدا داستان يېزىپ شۇ تىلغا پىششىقلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
' ^" y H# c O3 Z4 B- G5 n5 B% E
- i7 s* I4 h; O' T, Gيۇقىرىقى ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى يادلاشنى مۇھىم ھالقا قىلغان مائارىپنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىدى.
& U0 a; q5 ^! x3 e9 k, z, G- B! d2 I# F7 A4 l9 g7 P5 }
كومراجىۋانىڭ كۇچاردىن چاڭئەنگە بېرىپ بۇددا نوملىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىغان ئىش. كومراجىۋا مېنىڭچە چاڭئەنگە بېرىشتىن ئىلگىرى خەنزۇچە بىلگەن بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭ يېشى خېلى بىر يەرگە بارغاندا خەنزۇچە ئۆگىنىپ، بۇددا نوملىرىنى ئەتىنەك تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ شەرھىيلىگەنلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىغان ئەمگەك. دېمەك، بۇ نۇقتا ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەجرىبە ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان، سۆز بايلىقى قانچە كۆپ ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانمىقى شۇنچە ئوڭاي، دېگەن يەكۈنى بىلەن بىردەك.
1 y0 e9 W. ]- K+ K- `. g+ Z, \# v7 w9 W) o% M# w. c
بىزدە ‹‹تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئېمەر›› دېگەن گەپتىن باشقا تىل بىلىش ۋە ئانا تىلىغا پىششىق بولۇش، نۇتقى گۈزەل بولۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر مەۋجۇت. مائارىپىمىز ئەزەلدىن ئادەمنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشنى بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم يول، دەپ قاراپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن. يادلاشنى سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، دەپ بىلگەن.
3 L1 C9 R1 E/ z) Y, s! G9 T7 o- e) Z, W; `- j
ئالىملارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 20–ئەسىردە ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۈچ نەرسە ئاتوم بومبىسى، ئېلېكتر ۋە نۇتۇق دەپ قارالغان. 21–ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ نەرسە نۇتۇق، گېن، ئۇچۇر تېخنىكىسى دەپ قارالغان ۋە نۇتۇق ھەر ئىككى ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم قورال دەپ قارالغان.
# d4 p* j9 ~5 B. D: }
7 F+ p* W/ K, D7 S
دېمەك، نۇتۇق ياكى ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارى ئادەمنىڭ نۇرغۇن قوراللىرى ئىچىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم قوراللارنىڭ بىرىدۇر.
( C) B7 r) I& A3 @
0 s6 G5 V$ |% L: e: u3 y. dشۇڭا پەرزەنتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەربىر ئاتا–ئانىدىن تارتىپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مائارىپ ئورگانلىرىغىچە يادلاش ئارقىلىق مېڭىنىڭ سىغىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەستە تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پىلانلىق ھالدا يادلاش مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.
" \- ?# y. ~& N/ K( ?
, Z8 u6 b) n) T0 V# v# ?يادلاش مەشىقى كىچىكلەر ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالماي، چوڭلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. نۇرغۇن ئادەم 30نەچچە ياشتىن ئاشقاندا ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىم تۆۋەنلەپ كەتتى دەيدۇ–يۇ، لېكىن ئەستە تۇتۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىشقا سەل قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەستە تۇتۇشقا مەسئۇل ھۈجەيرىلەر ئىگىسىنىڭ ئەستە تۇتالماس بولۇپ قالدىم دېگەن ئۇچۇرىنى بۇيرۇق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋېلىپ ئەستە تۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماس بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ھالەت ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مېڭىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ساقلاش ۋە يادلاش مەشىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك. چوڭ مېڭە ئىزچىل ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرسا مەن قېرىپ كەتتىم، يارىماس بولۇپ قالدىم، دېگەن مەنىدىكى پاسسىپ ئۇچۇرلارغا قارىغاندا مەن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمەن، دېگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۆزىنى قوزغاتسا، ئۈنۈم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4 \) o" E! b8 ~1 x" N: s! C6 q* [
& L2 }: x3 @& m$ uئالىملارنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يادلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىققا ئىگە بۇيۇملاردۇر. بۇنداق بۇيۇملارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى شېئىر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ۋەزىنلىك شېئىرلاردۇر. يادلاش ئارقىلىق شېئىردىكى ۋەزىن ۋە تۇراق، قاپىيە، ئاھاڭدارلىق مېڭىمىزگە كۆچىدۇ. بىز شەكىل نۇقتىسىدىن ئەۋزەللىككە ئېرىشىپ قالماي، مەزمۇن نۇقتىسىدىنمۇ ئەۋزەللىككە ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى ئىنتايىن ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر خىل بەدىئىي سەنئەتتۇر.
6 I' H& E: ^0 ]8 L
: }, k k( ]- H1 Kمەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ باققان، ھەتتا مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى بولغاچقا، مەن ئۇلارنىڭ نۇتقىدا تېز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلق ماقال–تەمسىللىرىنى يادلاتقان. ئەلۋەتتە ماقال–تەمسىللەر كەينىدە مەلۇم ھېكايە ۋە ئىبرەتنى يوشۇرغان قىسقا ۋە ئوبرازلىق، تۇرمۇشقا ئىنتايىن يېقىن تۇراقلىق سۆز–ئىبارىلەر تۈركۈمى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى يادلىمىقى ئۇنچە تەسكە چۈشمىدى. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تېزلىكتە بىرەر مىڭ پارچە ماقال–تەمسىلنى يادقا بىلىۋېلىپ سۆزلىگەندە ماقال–تەمسىللەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە نۇتۇق ئۈنۈمى ياراتتى.
2 A% h# f2 u5 g+ O8 ^# {/ I- @& {9 q; d. o! U
مەن بۇ يەردە ئاتا–ئانىلارغا قوللىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ مۇنداق بىر لايىھەنى تەۋسىيە قىلىمەن.
, \! M5 i8 g _ R
3 m8 P2 H" c1 y2 Nبىرىنچى قەدەمدە ماقال–تەمسىل يادلىتىش. قانچىلىك ماقال–تەمسىل يادلىتىشنى ھەر ئادەم ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىسە بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تەخمىنەن بىرەر مىڭ پارچە ماقال–تەمسىل يادلىتىشتۇر. ئەلۋەتتە مۇمكىن بولسا قانچە كۆپ يادلىتالىسىڭىز شۇنچە ياخشى. ماقال–تەمسىللەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم قوللىنىپ تۇرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى يادلىماق ئىنتايىن ئوڭاي. ھەتتا قوشاق ۋە شېئىر يادلاشتىنمۇ ئوڭاي، ئۈنۈمى تېز. ماقال–تەمسىل يادلاش كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىپلا قالماي ھەرقانداق ياشتىكى ئادەملەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھەتتا كۆپ ماقال–تەمسىل بىلىش ۋە بۇ ماقال–تەمسىللەرنى ئورۇنلۇق ھالدا ئۆز نۇتقىدا ئىشلىتىش ئادەمگە بۇ كىشى سالاپەتلىك ۋە بىلىملىككەن دېگەن تەسىرنى بېرىدۇ.
3 u( Q( @% s. k& x! z
4 }+ ]5 \* F) ^3 {ئىككىنچى قەدەم شېئىر يادلىتىش. كىچىك بالىلارغا شېئىر يادلىتىشنى قوشاق يادلىتىشتىن باشلاش كېرەك. قوشاقلارنىڭ تىلى يېنىك ۋە راۋان بولىدۇ. ھېكايىچانلىقى، ئوبرازلىقلىقى كۈچلۈك بولغاچقا بالىلار ئاسان يادلىۋالىدۇ. ئاندىن ئاستا–ئاستا مۇنەۋۋەر شېئىرلارنى يادلىتىش كېرەك. مۇمكىن بولسا يادلانغان شېئىرنىڭ سانى بىر–ئىككى مىڭدىن ئاشۇرۋېتىلسە ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بالىلار ئاۋۋال بىرەر–ئىككى يۈز شېئىرنى يادلاپ بولغۇچە قىينىلىدۇ. لېكىن بۇ ساندىن ئاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يادلاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئېشىپ ناھايىتى ئوڭايلا بىرەر پارچە شېئىرنى يادلىۋالىدىغان ھالغا كېلىدۇ. يادلاش خىزمىتى بارغانسېرى ئاسانلىشىدۇ. باشقا نەرسىلەرنى يادلىمىقىمۇ ماس قەدەمدە تېزلىشىدۇ.
3 \6 [8 E5 B( t) M7 b
* G. o; K% q/ w+ {% k/ mتېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ ھازىر جاۋاب ۋە يۇمۇرستىك تۇيغۇغا ئىگە شائىر بىرەر–ئىككى مىڭ پارچە خەلق قوشىقىنى يادقا بىلەتتىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قانچە پارچە شېئىرنى يادقا بىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەدىبلىرىمىز ۋە داڭلىق كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ناۋايىنىڭ ‹‹چاھار دىۋان›› دېگەن توپلىمى بىلەن ‹‹سوپى ئاللايار›› ناملىق ئىشقىي غەزەللەر توپلىمىنى تولۇق يادلىۋالغانلار ئاز ئەمەس.
- _: t% Q2 N% o- A0 f3 z6 b/ H! S$ H3 y4 c. k& T" x$ D$ g8 B
ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا
1 A/ t9 Q! h' ~# ]1 i
s; t5 y) d) Y' `% Z8 lمەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق